- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 122
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4418
- تىزىملاتقان
- 2011-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-25
- UID
- 8598
- يازما
- 122
- تېما
- 11
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4418
- تىزىملاتقان
- 2011-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-8-25
- توردا
- 0 سائەت
|
دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئوسمانىيلار ئىمپىرىيىسى 18-19-ئەسىرلەرگە كەلگەندە زاۋاللىققا يۈز تۇتتى.ئىمپىريىنى گۈلەندۈرۈش مەقسىتىدە ئىلىپ بېرىلغان تۈرلۈك ئىسلاھاتلارمۇ بۇ دۆلەتنى گۇمراھ بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلدۇرالمىدى.بۇ مەزگىلدە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تىز سۈرەتتە كۈچىيىشى ئوسمانىيلار ئىمپىريىسى ئۈچۈن خەتەرلىك كۈچكە ئايلاندى.بولۇپمۇ فىرانسىيە ئىنقىلابى بىلەن ياۋروپادا تارقىلىشقا باشلىغان مىللەتچىلىك ئىقىمى ئوسمانىيلار ئىمپىريىسىنى پارچىلاپ يوقىتىشتىكى مۇھىم تاشقى سەۋەپكە ئايلىنىپ قالدى.تۈركلەرنى ياۋۇپادىن ۋە ئاناتولىيەدىن سۈرۈپ چىقارماقچى بولغان ئەنگىلىيە،فىرانسىيە،ئاۋىستىرىيە ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر مەللەتچىلىك پىكرىنى ئوسمانىيلار ئىمپىريىسىنى پارچىلاش ۋە يوقىتىش مەقسىتىدە قوللاندى.ئالدى بىلەن بالقاندا گىركلەر ۋە سىرىبلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ئوسمانىيلار ئىمپريىسىدىن ئايرىلىپ چىقتى.روسلارنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ئەرمەنلەرمۇ شەرقى ئاناتولىيەدە ئىسيان كۆتۈرۈشكە باشلىدى.يەنە بىر تەرەپتىن ئوتتۇرا دىڭىزنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىش ئۈچۈن ئەنگىلىيە 1882-يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلىۋالدى.بۇ ۋاقىتتا ئوسمانىيلار ئىمپىريىسىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىمۇ خاراپ ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
چەتئەل كاپتالىزىمىنىڭ ئىمتىيازىغا ئېرىشىش بىلەن تۈركىيە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئوچۇق بازىرىغا ئايلىنىپ قىلىپ يەرلىك سانائەت شەكىللەنمىگەنىدى.پات پات يۈز بېرىپ تۇرغان ھەم مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشلار ئىقسادنىڭ ۋەيران بولىشىدىكى يەنە بىر سەۋەپ ئىدى.قەرز قايتۇرغىدەك ئىمكانىيەت بولمىغاچقا قەرز بەرگۈچى دۆلەتلەر ئوسمانىيلار ئىمپىريىسىنىڭ مالىيىسىنى كونتىرول قىلۋالدى.
دۆلەتنىڭ پارچىلىنىۋاتقىنىنى كۆرگەن زىيالىلار بادىشاھنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەيدىغان بىر ئىدارە قىلىش شەكلى بولسا دۆلەتنى قۇتقۇزغىلى بولىدغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇشتى.لىكىن قۇرۇلغان پارلامىت رەھبەرلىكى ۋە ئاساسى قانۇنلار دۆلەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ خاراپلاشتۇرۋەتتى،ئوسمانىيلار،بىرىنچى دۇنيا ئۇرشى ۋە بالقان ئارلى ئۇرشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولدى.
مۇستاپا كامال (1881-1938)دەل مۇشۇ مەزگىللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن.دۇنيادا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەر ئۇنىڭغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.بولۇپمۇ ئوسمانىيلار ئىمپىريىسى دۇچ كىلىۋاتقان ئىقتىسادى،سىياسى،ئىجتىمائى،مەدەنىي ۋە ھەربى كىرزىسلەر جىددى تەتقىق قىلىدىغان ۋە ھەل قىلىدىغان مەسلىگە ئايلانغان.بۇ دەل تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتى يەنى ئۇنىڭ ھالاكىتى ياكى تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە ئىدى.بىرىنچە دۇنيا ئۇرشىدا ئوسمانيلار مەغلۇپ بولدى،ئەنگىليە،فىرانسىيە،گىرتسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تۈركىيە زىىمىنىنى بىسىۋالدى.بۇ ۋاقىتتا ياۋروپا سىياسى مۇنبىرى ۋە ئاخبارات ساھەسى بەس بەستە«تۈرك مىللىتى ھورۇن دۆت» «تۈركلەر ئۆلدى،«ئاناتولىيە ياۋروپانىڭ تەۋەسىگە ئۆتتى» دەپ جاكارلىدى.
پۈتۈن ياۋروپا تۈرك مىللىتىنى ئۆلدى دەپ قاراۋاتقان مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا ئىككى ئامىل بۇ مىللەتنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرش ياسىدى بۇ ئىككى ئامىلنىڭ بىرى ئۈستۈن ھەربى تالانىتقا،قەتئى ئىرادىگە ،مەسلۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك مىللىتىگە يىتەكچىلىك قىلىشى يەنە بىرى مۇستاپا كامالنىڭ نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان بېسىلىپ قالغان تۈرك روھىنى قېزىپ چىقىرىپ ئۇنى كۈچلۈك قۇرالغا ئايلاندۇرۇشى ئىدى.
مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك مىللىتى ۋە تۈركىيە تارىخىدا ياسىغان ئۆزگىرىشىنى مۇنداق ئىككى نۇختىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.بىرى 1918-يىلىسىكى موندروس ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمىدىن كىيىن تۈرك مۇستەقىللىق ئۇرشىنى باشلاپ،تۈرك مىللىتىنىڭ مىللى كۈرىشىگە يىتەكچىلىك قىلدى،1922-يىلى بۇ ئۇرۇشنى تولق غەلبىگە ئىرىشتۈرۈپ مىللى ۋە مۇستەقىل تۈرك دۆلىتىنىڭ تىكلىنىشىگە ئاساس ياراتتى.1923-يىلى 29-ئۆكتەبىرگۇمرا نبولغان بىر ئىمپىريىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە يىڭى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۇنياغا كەلدى.
يەنە بىرى :مۇستاپا كامالنىڭ تۈرك مىللىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىتىدىكى سىياسى،ئىقتىسادى،ئىجتىمائى ،مەدەنىي ئىنقىلابى ئىدى.دەرۋەقە ئۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە تۈركىيەنى دەس تۇرغۇزدى.شۇ سەۋەپ ھەممە كۆز تىككەن سىياسىيونغا تۈركلەرنىڭ ئاتىسىغا ئايلاندى.
ب د ت
مۇستاپا كامال پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن غورۇر ۋە شەرەپنىڭ سىموۋلى(ب د ت نىڭ ئاتا تۈركنى خاتىرلەش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقى)ى سۆزى
سابىق زۇڭتۇڭ) ) :ئەيۇپخان
بىزنىڭ ئەسلىمىز رەڭگى ئۆچكەن ئۇچقۇنكەن،مۇستاپا كامالنىڭ كۆز قارشى بىلەن دۇنيانى قاپلىغان ۋە يورۇتقان قۇياشقا ئايلاندۇق
--- تاگوررابىندىرانات
ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال مەن ياشلىق چاغلىرىمدىن باشلاپ چوقۇنىدىغان قەھرىمان ئىدى،كىتاپتىن ئۇنىڭ ئىنقىلاپلىرىنى ئوقىغىنىمدا بەكمۇ تەسىرلەنگەنىدىمتۈركىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشلىدىم،ئۇنىڭ ھەركەتچانلىقى،ھارماسلىقى ۋى ھېرىشنى بىلمەسلىكى ئىنساندا كۈچلۈك بىر تەسىر پەيدا قىلىدۇ.ئۇ شەرقتىكى زامانىۋى دەۋىرنىڭ قۇرغۇچىلىردىن بىېرى باشقىلارغا ئوخشاش مەنمۇ ئۇنىڭغا بەكمۇ ھەيران.
يۇقىرقى تەپسىلاتلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەقىقەتەن كۆپ.
ئەمما مەسىلىگە بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىش نۇختىنەى بويىچە مۇئامىلە قىلسام مۇستاپا كامال ئىلىپ بارغان ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن ئىسلام ئۆلىمالىرى تىرىك كۆمىۋىتىلدى،ئەزاننى مۇ ھەم تۈركچە توۋلاشقا بۇيرۇلدى....
بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ قۇرئان كەرىم ۋە ئىسلام ئەسەرلىرىنى كۆيدۈردى،مەكتەپلەردە ھىجاپنى چەكلىدى.
مانا بۇ قائدىنىڭ ئاسارىتىنى ئالى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچى قىزلىرىمىز ھېلىھەم تارتماقتا...
ئۇنىڭ ئىسلامنى چەتكە قاققان مۇشۇ ئېغىر گۇناھى ئۇنىڭ ئىجابى پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنىنى بسىپ كىتىدۇ دەپ قارايمەن، چۈنكى مۇستاپا كامال تۈركلەرنى ئازات قىلمىغان بولسىمۇ تارىخنىڭ ئېىقىشىغا ئەگىشىپ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئازات بولىۋاتقان دۆلەتلەردەك ئالدىرماي مۇستەقىل بولار بولغىيتى ھامىنى.
تۈركلەرنىڭ ھىچقانداق دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىسىگە،بېسىۋىلىشىغا،قۇل قىلىنىشقا ئۇچرىماسلىقى تۈركلەردىكى مەغرۇر روھنىڭ كىلىپ چىقىشىدىكى بىردىنبىر ئامىل،شۇڭا مەغرۇرلۇق ھاكاۋۇرلۇق كۆپ قېسىم تۈركلەرنىڭ قېنىغا سىڭىڭپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن.
يەنە بەزى بىر قىسىم ئىسلامنى ،ھەقنى چۈشەنگەن مۆئىمىن تۈركلەر مۇستاپا كامالنى ھاقارەتلەيدۇ،ئۇنى تىلايدۇ،ئۇنىڭ سەۋەبىدىن ھىجاپلىق قىزلىرىمىز مەكتەپ دەرۋازىسىدا تاياق يىمەكتە،ئۇرۇپ-سوقۇلماقتا دەپ.
تورلاردا ھەم ئاتا تۈركنىڭ ئەپتى بەشىرىسى دېگەن نامدا تارقالغان بىر يۈرۈش ھەجۋى رەسىملەرنى ئۇچرىتالايسىز،ئۇ رەسىملەرنىڭ بەزىلىردە مۇستاپا كامالنىڭ يۈزىنى ئىتقا،مايمۇنلارغا،ھەتتا ھاجەتخانىنىڭ ئوچىقىغا ئوخشىتىپ،كىرىشتۈرۈلگەن.
يېقىنقى بىر مەزگىلدە يەنە ئەردوغان ۋە ئابدۇللا گۈللەر بىلەن مۇستاپا كامالنى سىلىشتۇرغان سۈرەتلەر ۋە ماقالىلەر مەيدانغا كەلگەن.بىر سۈرەتتە،مۇستاپا كامالنىڭ ئالدىدا بىر پۇخرا ئىگىلىپ تۇرۇپ گە]پ قىلىۋاتقان،مۇستاپا كامال تاماكىسىنى چىشلەپ ،قولىنى يانچۇقىغا سېلىپ غادىيىپ تۇرغان،يېنىدا سىلىشتۇرما قىلىنغان سۈرەتتە ئەردوغاننىڭ بىر موماينىڭ قولىنى تۇتۇپ ،ئىڭىشىپ تۇرۇپ،قۇلىقىنى يېقىن ئەكىلىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ھالەتتە ئاڭلاۋاتقان كۆرىنىشى....
مۇشۇىر نەچچە يىلدىن بۇيان رايونىمىزدا تۈركىيە ۋە تۈرك قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى،توختماي تۈركيە ۋە تۈرك ئەرباپلار ناخشىچىلار،كىنو چولپانلىرى ھەققىدە مۇنازىرلىشىۋاتىمىز،ئارقىسىدىن مۇئەييەن بىر رازى بولغۇدەك جاۋاپقا ئىرىشەلمەي بىر بىرىمىزدىن رەنجىشىپ ئىختىلاپ قىلىۋاتىمىز،بۇ نەقەدەر ئازاپ ھە ؟
توغرا تارىخ ئۆگىنىشىمىز كىرەك،لىكىن مۇشۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىمىز ،تالاش-تارتىشلىرىمىز ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىنى گۈزەل
ئەخلاق ساھىپلىرىنى،ئىلىم مەرىپەت ئۆگىنىپ شان قۇچقانلارنى سۆزلەشسەك،شۇلاردىن سۆيۈنسەك،بىربىرىمىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىشساق بولماسمۇ ؟
نېمىشقا ھەدىسە ئۆز ئەتراپىمىز،ئۆز قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قالماي باشقىلار ھەققىدە باش قاتۇرۇپ تالاش تارتىش قىلىدىغاندىمىز؟ئۇلارچۇ؟ئۇلار بىز ئۈچۈن شۇنداق قىلارمۇ؟
بىزنىڭ مەسلىلەرگە،ئادەملەرگە باھا بېرىش ھوقۇقىمىز يوق،قانچە قىلساقمۇ قانچە كۈچەپ سۆزلىسەكمۇ،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ،ھۆكۈم چىقارغۇچى پەقەت ۋە پەقەت بىر ئاللاھۇ تەئالا...
بولدى بەس،قېرىنداشلىرىم تالاش-تارتىشنى توختىتايلىچۇ،ھازىرچە بىلىدىغان بىردىنبىر ۋە ئۈنۈملۈك ئايرىش ئۇسۇلىمىز: قىلغان ئەمەل قۇرئان ھۆكىمىگە چۈشتىمۇ يوق ؟؟؟
ئەسكەرتىش:يۈسۈپجان ياسىننىڭ شەرق ۋە غەرپتە مۇستاپا كامالغا باھا ناملىق ماقالىسىدىن پايدىلىنىلدى. |
|