- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 90
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2672
- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-15
- UID
- 4384
- يازما
- 90
- تېما
- 2
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2672
- تىزىملاتقان
- 2010-8-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-15
- توردا
- 6 سائەت
|
يۇقىرىدىكى تورداشhuman، مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ھۆرمەتلەيمەن. دېگەنلىرىڭىزنىڭ ئۇرۇنلۇق تەرەپلىرىمۇ بار.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، سىز تۈركىيەنىڭ ھازىر مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى بىر قەدەر كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ ھېساپلىنىشى ئاتاتۈركنىڭ تۆھپىسى دەپ قارايدىغاندەك قىلىسىز. (خاتا چۈشەنگەن بولسام، ئەپۇ قىلىڭ)
مەن بۇنىڭ ئەكسىچە قاراشتا. سەۋەبى:
1) ئۆچ تۆت ئەسىر ئىلگىرىكى ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى تۈركىيە ئىنتايىن ئاجىز ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئىككى يۈز يىل ئىلگىرىكى گېرمانىيە ئىقتىسادى جەھەتتە ھازىرقى تۈركىيەدىن نەچچە ھەسسە ئاجىز ئۇرۇندا تۇراتتى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس.
2) 1930-يىلى تۈركىيە ئايرۇپىلان ياساپ دانىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ساتاتتى. ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس.
3) 1928-يىلى مەجبۇرى يېزىق ئۆزگەرتىشكە 96% كىشى قەتئىي قارشى چىققان بولسىمۇ، ئاتاتۈرك ھۆكۈمىتى قاتتىق مەجبۇرى بېسىم بىلەن نۇرغۇن كىشىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە يېزىقنى لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇپ، يېڭى ئەۋلاتلارنى ئاتا بوۋىسىنىڭ مەدەنىيىتى، ئەسەرلىرىنى ئوقۇيالماس (ساۋاتسىز)، لاتىن يېزىقىنىلا تونۇيدىغان كىشىلەردىن قىلىپ چىقتى. (مەدەنىيەتكە مۆلچەرلىگۈسىز زىيان سالدى)
4) ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ يەر كۈلىمى 24 مىليون كوۋادىرات كىلومېتىر بولغان بولسا، ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئاران 782 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىر ئەتراپىدا. ھەتتا 1936-يىلدىكى بىر خەلقئارا يىغىندا ئىلگىرى ئوسمانلىغا تەۋە ئىستانبۇل بۇغۇزىنىمۇ ئاتاتۈرك ئىمزا قويۇپ خەلقئاراغا تەۋە قىلىپ يېزىپ قويۇپتىكەن. ئىستانبۇل بۇغۇزىدىن ئۆتىدىغان چەتئەل كېمىلىرى بۇ يەردە پۇل تۆلىمەي ئۆتىدۇ. ئەگەر تۈركىيەگە تەۋە دەپ يازغان بولسا، تۈركىيە مۇشۇ يەردىن ئۆتىدىغان چەتئەل كېمىلىرىدىن ئازىراق بولسىمۇ ھەق ئالالىغان بولسا، ئۆز خەلقىگە پايدا بولماسمىدى؟!
5) بېيجىڭدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇپ قايتقان گۆكخان ئىسىملىك بىر تۈرك يىگىتنىڭ ماگىستىرلىق ماقالىسىنى كۆرگەنتىم. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، 1905-يىلى جوڭگۇدا يېڭىلىققا كۆچۈش، زامانىۋىلىققا يۈزلىنىش ھەرىكىتى بولدى. ئوسمانلى دۆلىتىدىمۇ بۇ ھەرىكەت بولدى. ئىككى دۆلەتتىكى ھەرىكەتنىڭ باشلىنىش يىلى ئاساسەن ئوخشاش. ئوسمانلى دۆلىتىدە بۇ ھەرىكەت دەسلەپتە ئىنتايىن تىز بولدى. جوڭگۇدا دەسلەپتە بەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى. لېكىن كېيىن تىز بولدى. ئەمما تۈركىيدە كېيىن تەرەققىيات جوڭگۇدىكىدەك تىز بولمىدى. پەن-تېخنىكىدا جوڭگۇنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىكىدەك تەرەققىي قىلالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى نېمە؟ ...
6) تۈركىيەدە مەن تونۇيدىغان ئالىي مەكتەپ پروفېسسورلىرى بار، كۆپىنچىسى ئوسمانلى دۆلىتى ۋاقتىدىكى شانلىق سەلتەنەتنى ھەسرەت بىلەن ئەسلەيدۇ. ھازىرقى تۈركىيەدىكى غەربپەرەستلىك، ئاتاتۈركنىڭ "نە مۇتلۇ تۈركۈم دىيەنە" دېگەندەك ئىرقچى نەزىرىيەلىرىنىڭ تۈرك، كورت، ئەرەپ قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى بىر بىرىگە دۈشمەن قىلغانلىقىغا ئېچىنىدۇ.
.......................
قىسقىسى، مېنىڭ قارىشىم: تۈركىيە ھازىر 57 مۇسۇلمان دۆلەت ئىچىدە سانائەتلىشىش، زامانىۋىلىشىش جەھەتتە بىر قەدەر ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرغاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، 16-17-ئەسىردىكى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغاندا كۈچلەندى دېگىلى قەتئى بولمايدۇ. ئوسمانلى دۆلىتىنى بوك-باراقسان شاخلاپ ئېگىز ئۆسكەن بىر دەرەخكە ئوخشاتسىڭىز، بىر قانچە كىشى بۇ دەرەخنى ھەرىدەپ كېسىۋەتسە، بىر قانچە كۈن، ھەتتا بىر قانچە ئاي بۇ يەردە دەرەخ بارلىقى كۆزىڭىزگە كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزى يەر ئاستىدا چوڭقۇر يەرلەردە بولغانلىقى ئۈچۈن، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن مۇقەررەر ھالدا كۆكلەپ ياشىرىپ چىقىدۇ. ھازىرقى تۈركىيە دەل شۇ يىلتىزدىن ياشىرىپ چىققان. (تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈرك دېگەن نەزىرىيەگە قارشى تۇرىمەن). يەنە بىر گەپ، جوڭگۇدىكى ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يېرىم فېئوداللىق يېرىم مۇستەملىكىلىك ھالەت بىلەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلىرىنى قەتئى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. سىزگە تەۋسىيەم: ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ 600 يىللىق تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇسىڭىز. 1800-1900-يىلىدىكى ئەسەرلەرمۇ بەك مۇھىم.
...........................................
يەنە بىر ئىلاۋە:
ئوسمانلى دۆلىتى 16-ئەسىردە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىدى. ئەمما 18-ئەسىردىن كېيىن چېكىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە دەپ سورىغۇچىلارغا تۈركىيەدىكى بەزى ئالىملارنىڭ جاۋابى مۇنداق: ياۋرۇپادا نەشرىياتچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار ماشىنىلار ئىشلەپچىقىرىلغان. ئوسمانلى دۆلىتىدە مائارىپتا دىنىي كىتابلارنى بېسىپ تارقىتىشتا مۇشۇ ماشىنىلارنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسىدە بىدئەت ئىختىلاپى چىققان. بىر تۈركۈم كىشىلەر "قۇرئان-كەرىمنى بۇ ماشىنىدا بېسىش بىدئەت" دەپ چىڭ تۇرۇۋالغان. يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان بۇ ئىختىلاپ نەتىجىسىدە مائارىپ ياۋرۇپادىن كېيىن قالغان...ياۋرۇپا تەبىئى پەن مائارىپى جەھەتتە ئالغا ئىلگىرلەپ كەتكەن... ۋاھاكازالار.
بىز بۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك. |
|