ئىگىسى: gulen

چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
11006
يازما
559
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12289
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-17
توردا
143 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 16:14:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن ئەپەندىم  تىمىنى ئوقوپ چىقتىم .
بۇ قىتىم ئەمەلى نەرسىنى تەرجىمە قىپسىز  .

UID
13385
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-7-20
ئاخىرقى قېتىم
2011-7-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 00:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر نىمە بۇلسىمۇ ئۆز تىلىمىزنى مىللىتىمىزنى سۇيەيلى ؟
بۇگۇن بىز بۇنداق بۇلساق ئەتە باللىرىمىز ئۆز تىلىدا سۇزلىشىش ئۇچۇن
تەرجىمان ئىزلەپ تاپالماي يۇرمىسۇن ؟

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 02:31:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 47قەۋەتتىكىramizan يوللىغان 2011-07-20 11:39 غا قارتىلغان  :

مەن كەسپىي تىلماچ ئەمەس، ئەمما تىلماچلىق قىلىۋاتقىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولدى، تەرجىمىلىرىمدە ئامال بار ئەسلى مەنانى ئىپادىلەشكە تىرىشىپ كەلدىم. ئالدىدىكىلىرىنى ئۇچراتماپتىكەنمەن، ئەمما ئاۋۇ 北大西洋公约组织 نى قانداق ئالساق بولاتتى؟ شۇنى بىلىۋالسام بولارمىكىن؟
سىز بۇ يەردە ئوكياننىڭ ئەسلىي نامىغا دىققەت بېرىڭ!
ناۋادا "ناتو" دىن ئىبارەت بۇ ھەربىي تەشكىلات نامى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى  بولماي شىمالىي ھىندى ئوكيان ياكى شىمالىي تىنچ ئوكياندا بولۇپ قالغان بولسا قانداق ئاتىلىشى مۇمكىن ئىدى؟ "ئوكيان" سۆزىنى تاشلاپ قويۇپ "شىمالىي ھىندى ئەھدى تەشكىلاتى" ، "شىمالىي تىنچ ئەھدى تەشكىلاتى" دەر بولغىيمىدۇق؟ "ئاتلانتىك ئوكيان" بۇ بىر پۈتۈن نام، "ئاتلانتىك" دەپ قويساقلا ئوكياننى بىلدۈرەمدۇ؟ ئۇيغۇرچىغا قىسقارتىلغان نامى "ش ئا ئە ت" نى تولۇق ئاتىغاندا "شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى" دەپ ئاتايمىز، قىسقارتىلغان "ئا" ھېچ مەنا بەرمەيدىغان "ئاتلانتىك" قا ئەمەس بەبلكى ئەمەلىي مەۋجۇد بولغان "ئاتلانتىك ئوكيان" غا ۋەكىللىك قىلىدۇ!

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 02:37:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر گەپ : "تەرجىمان" شۇغۇللىنىدىغان خىزمەتكە   تەبىر بەرگەندە ئىلگىرى ناھايىتى كۈلكىلىك قىلىپ " تەرجىمە ____ يېرىم ئىجادىيەت" دېيىلىپ ئادەمنىڭ غىدىقى كەلتۈرۈلدى، يېرىم ئىجادىيەت چالا ئىجادىيەت، دېگەنلىك ئەمەسمۇ ؟ چالا ئىجادىيەت بولغان ئىكەن، بۇزۇلغان ئىجادىيەت، دېگەن گەپ. بۇزۇق ئىجادىيەتتىن ئادەم ئۆلمەي نېمە بولماقچىدى؟  مەن تەرجىمان شۇغۇللىنىدىغان خىزمەت ___ "تەرجىمە " گە قايتا ئىجادىيەت، دەپ باھا بېرىمەن. قايتا ئىجادىيەت مۇكەممەل ئىجادىيەتتۇر! يەنە ، تەرجىمان ئەمەلىيەتتە سۆزنى ئەمەس، بەلكى بىر خىل مەدەنىيەتنى يەنە بىر مەدەنىيەت بىلەن ئىپادىلىگۈچىدۇر!

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 08:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رامازان بۇرادەرگە يازغان ئىنكاسىمنىڭ ئىملاسىغا تۈزىتىش:
ئاخىرقى قۇردىكى " بەبلكى "  "بەلكى" دەپ تۈزىتىلسە !
تەھرىرلەش ھوقۇقۇم بولمىغاچ بۇ خۇسۇستا يەنە تىلىمنى چايناپ تۈزىتىش بەرگىنىمدىن تولا خىجىلمەن!

UID
3162
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
310
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 13:39:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمجان ئەپەندىم، گەپ تالاشقىنىم ئەمەس، ئەمما يەنىلا قايىل بولمىغىنىم ئۈچۈن ئاتىكاچىلىق قىلاي، مېنىڭچە تەرجىماننىڭ يەنە بىر خىزمىتى يات تىلدىكى مەزمۇننى ئانا تىلىدا ئەڭ قىسقا، مېغىزلىق سۆزلەر بىلەن، ئۇزارتىۋەتمەستىن، ئۇقۇمنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەستىن ئىپادىلەش. شۇنداق بولغانىكەن، <<شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى>> دىكى <<ئوكيان>> مېنىڭچە ئارتۇقچىمۇ قانداق؟ يەرشارىدا ئاتلانتىك ئوكياندىن پەقەت بىرىلا بار، ئاتلانتىك سۆزىدىنلا كىشىلەر ئاتلانتىك ئوكيان ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ، ئەگەر سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن يەنە بىرەر ئاتلانتىك نامىدىكى جاينىڭ بارلىقىنى بىلمەي قالغان بولسا تەلىمىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن. ئەگەر يەنە سىز ئېيتقاندەك تېنچ ئوكياندا ياكى ھىندى ئوكياندا بولۇپ قالغان بولسا بەلكىم باشقىچە ئاتىلىشى مۇمكىن ئىدى، چۈنكى تېنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكيان ھازىرغىچە شىمال-جەنۇب دەپ ئايرىلمىدىغۇ دەيمەن، يەنە كېلىپ ئەڭ ئەقەللىسى بۇ تەشكىلات ھازىر تېنچ ئوكياندا ياكى باشقا بىر جايدا ئەمەس، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا. ئىنگلىزلارمۇ North Atlantic Ocean Treaty Organization دېمەستىن  North Atlantic Treaty Organization دەپتۇ، شۇڭا بىزگە كېلىپ يەنە بىر سۆزنىڭ ئارتۇقچە قوشۇلۇپ قېلىشى ھاجەتسىزمىكىن.

يەنە بىر مەسىلە، سىز ئاتىغاندەك <<ناتو>> دەپ ئاتاشنىمۇ قوللىمايمەن، چۈنكى بۇ ئىنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشىنىڭ قىسقارتىلمىسى، بىزدىكىلەر تېخىمۇ چۈشىنەلمەيدۇ.

UID
3162
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
310
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 13:39:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تالىشىپ مۇشۇ سۆز بولسىمۇ ھەل بولۇپ كەتسۇن بۇ يەردە  [s:2]

UID
13214
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2011-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 18:08:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇتىمىنى بەك ياخشى يوللاپسىز ! چۈنكى مەنمۇ خىزمىتىمنى تەرجىمانلىقتىن باشلىغان . يىڭى خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ كەلگەندە ،باشقا ئىش يوق كەسپىي ماتىرياللارنى تەرجىمە قىلاتتىم . دەسلەپتە ، ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىشقا كۈچەيتتىم . بارا-بارا گېزىت ۋە رادىئو - تىلىۋىزورلاردىن تەرجىمە ئەسەرلەرنى كۆپرەك كۆرۈپ ئىخچام ، ئۆلچەملىك ئاممىباپ تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم . مىنىڭچە ، تەرجىمە ئەسەرلەردە  ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن ، مىغىزىنى ئىلغىۋىلىپ شاكىلىنى چىقىرۋىتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرسەك .

كۆيۈمچان ئەزا

يارتىلىشىمىزدىكى مەقسەت ياخشى

UID
12641
يازما
142
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
3323
تىزىملاتقان
2011-6-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-23
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 19:03:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن . تەرجىمانلىق كەسپى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق بىلىپ تەلەپ قىلىدۇ.
تەرجىمانلىقتا ئۈنۋېرتسال بىلىمدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى ئوزىنىڭ ئانا تىلىغا بەك پىششىق بولۇشى ھەم قارشى تەرەپ مەدىنىيىتىدىن  خەۋەردار  بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
ئانا تىلغا پىششىق بولسا ئەسەر ئەسلىدىنمۇ  پاساھەتلىك ھەم يىغىنچاق چىقىدۇ.

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-21 19:29:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ پىكىردە تۇرسىڭىز مەنمۇ ئۆز پىكرىمدە قېلىۋەرسەم بولغىدەك. مەن قېرىپ قالدىممۇ ياكى زامان ياشىرىپ كەتتىمۇ بىلمىدىم، 20-ئەسرنىڭ 70-يىللىرىدا  تىلىمىزدىكى جۇغراپىيە دەرسلىكىمىزدە تۆت ئوكيان سانالغاندا سىز ئىنگلىزچە شىپى كەلتۈرگەن  سۆز بويىچە ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرچىدە " تىنچ ئوكيان (ئۇلۇغ ئوكيان)، ئاتلانتىك ئوكيان، ھىندى ئوكيان، شىمالىي مۇز ئوكيان..." دەپ سانايتتى، ھەرگىز "تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك، ھىندى ئوكيان، شىمالىي مۇز ئوكيان..." دەپ سانىمايتتى. تەرجىمىدە تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىل مەدەنىيىتىنى تەرجىمە قىلىنىماقچى بولغان تىل مەدەنىيىتىگە بويسۇندۇرىمىز، تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە مەدەنىيەت ئامىلىدىن چەتنىسەك تەرجىمە چۈشىنىكسىز ھەم ئۆلۈك چىقىدۇ-دە، تىل بۇزۇلۇپ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئىش چىقىدۇ. مەنغۇ ئىنگلىزچە قەتئىي بىلمەيمەن، سىز شىپى كەلتۈرگەن Atlantic بىلەن ئاتىلىدىغان جايلاردىن باشقىسىمۇ بولۇشى مۇمكىن (ياكى يوقتۇ)، چۈنكى مىلان، دېگەن جايدىن دۇنيادا سەككىزى بارمىش!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش