كۆرۈش: 26024|ئىنكاس: 75

چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دائىملىق ئەزا

Www.Gulenblog.Com گۈلەن

UID
6541
يازما
458
تېما
42
نادىر
0
جۇغلانما
10183
تىزىملاتقان
2010-10-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-20
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 08:10:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر



ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمان دېگەن سۆز ھەممە ئۇيغۇرغا چۈشىنىشلىك. ئۇيغۇرچىدا بۇ سۆزنىڭ تىلماچ، تەرجىمان، پەييى، تۇڭچى دېگەن ۋارىيانتلىرى بار. تۇڭچى دېگەن سۆز چىڭ ئىمپىرىيىسى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىنى ئىستىلا قىلىپ بىرمەزگىلدىن يەنى 1880-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن. پەييى سۆزى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. بۇ يەردىكى تىلماچ سۆزى قەدىمكى سۆز بولۇپ «قۇتادغۇبىلىك» تە كۆپ ئۇچرايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «تىل ئەقىلنىڭ تەرجىمانى» دېگەنىكەن. تىلدا بىر سۆزنىڭ ئەسلى مەنەدە قوللۇنۇلۇشتىن ئوخشۇتۇش شەكلىدە قوللۇنىلىشقا ئۆتىشى شۇ سۆزنىڭ ئاۋامغا ئاللىقاچان كۈندەك ئايان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئوخشۇتۇش ئابستراكىت، مۇجىمەل ئۇقۇمنى رۇشەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن قوللۇنىلىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەقىلنىڭ رىياللىشىش جەريانىنى تىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىش جەيانىغا ئوخشىتىشى ئۇيغۇرلار نىڭ تەرجىمە ۋە تەرجىمانلىق ھەققىدە مول كەچۈرمىشكە، ئۇزاق تارىخىي تەجرىبىگە ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەينى دەۋر ئۇيغۇر تىلىغا  "قۇرئان"، "ئىنجىل"قاتارلىق دەستۇرلارنىڭ، "ئىزۇپ مەسەللىرى"، "بەشنامە" قاتارلىق غەرپ ۋە شەرق ئەدەبىيات جەۋھەرلىرىنىڭ مىڭ يل بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىنغانلىقى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئوخشۇتىشىنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى دەلىللەيدۇ. ئەگەر بىز شۇ دەۋردە خەن سەيياھ ۋاڭ يەندىنىڭ "تۇرپاندا ساۋاتسىز ئادەم يوقكەن،" دېگىنىنى ۋە چىڭگىز خاننىڭ ئۇيغۇر تىلنى ئىمپىرىيە تىلى قىلغانلىقىنى ئەسلىيەلىسەك، چىڭگىز ئىمپىرىيىسى ئارقىلىق دۇنيا تەرتىپلىگەن ئۇيغۇر ئەقلىنىڭ ۋە شۇ ئەقىلنى باشقا تىللىقلارغا مۇكەممەل ئۆرۈپ بېرەلىگەن ئۇيغۇر تىلنىڭ زامانىسىدىكى   قۇدرىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالىشىمىز مۇمكىن. «قۇتادغۇبىلىك»تە دېيىلىۋاتقان ئەقىل بىلەن تىلماچ ھەر ئىككىلىسى ئوخشۇتۇش بولۇپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇنى كېيىنكى بايانلىرىدا رۇشەنلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭچە ئەقىل دېمەك قۇدرەت، غەزىنە، پاراسەت دېمەكتۇر، تىل ئاچقۇچ بولۇپ تىلماچ ئاچقۇچنى قوللانغۇچىدۇر. مەن مۇشۇلارنى ئويلىسام يۇقارقى ماقال ماڭا غەلىتە تۇيۇلىدۇ. تىلماچ ۋە تىل ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر مىڭ يىللار بۇرۇن ئومۇملاشقا بىر مىللەت قانداق بولۇپ تەرجىمان ھەققىدە تېمىدىكىدەك  مەنپى قاراشقا كېلىپ قالدى؟ بۇ مەنپى قاراش قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلار ھاياتىدا ئالماشقان ئۈچ  خىل ھاكىمىيەت جەريانىدىمۇ ئىزچىل ئالماشماي بازارلىق بولدى؟

تېمىدا تىلغا ئېلىغان ماقال ئاۋام ئۇيغۇرنىڭ تىلىدا «چالا پەييى ئادەم ئۆلتۈرۈرەر»  دېيىلىدۇ. "پەييى" دېگەنلىك خەنچە تەرجىمان دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تەلەپپۇزىغا بويسۇندۇرلىشى. "زىيالىلار بۇ يەردىكى "پەييى" سۆزىنى تەرجىمان دەپ ئۇيغۇرچە قوللۇنىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى  خەنلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقىنىغا تېخى نەچچە ئون يىل بولغان بۇ ئاۋام بۇ سۆزنىڭ خەنچىسىنى نەچچە ئەۋلادتىن بېرى ئىشلىتىدۇ، بۇ ھەممە ئۇيغۇرغا تولۇق ئۇقۇشلۇق. ئادەتتە تىلنىڭ قوللۇنىلىشى قاتلاملىق بولىدۇ. ئاۋامنىڭ تىلىدا قوللۇنىلىۋاتقان سۆزلەر ئومۇملاشقان بولىدۇ، زىيالنىڭ تىلىدا قوللۇنۇلغىنى مەلۇم دائىرىدە ۋە مەلۇم ساھەدىلا چەكلىنىدۇ. يۇقۇرىدا دېيىلگەن ماقالدىكى تۇڭچى سۆزىنىڭ چىڭ ئىمپىرىيىسى زامانىدا خەنچىدىن كېلىشىدىكى سەۋەپ: دۆلەتچىلىك ئەنئەنىسى بولمىغان مانجۇلار ئورتا ئىقلىمنى خەن ھاكىمىيەت ئەنئەنىسى بىلەن بىۋاستە، يىراق يېڭى چىگرالارنى خەنلەر ئارقىلىق باشقۇرغان بولغاچقا چىڭ زامانىسىدا ئىنتايىن ئاز ساندا تىلماچ-تۇڭچىغا ھاجەت چۈشكەن. چۈنكى چىڭ ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ئەمەلدار پەقەت بىر سىموۋۇل بولۇپ ئەمەلىي ھوقۇق يەنىلا ئۇيغۇر شاھلار(ۋاڭلار) ۋە ھاكىمبەگلەردە بولغان. تۇڭچىلارغا ئەڭ كۆپ ئىھتيياج چۈشكەن چاغ، دەل شۇ يەرلىك ھۆكۈمدارلار ئاجىزلىتىلغان ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان  مىنگو زامانى. مىنگو مىللەتچىلىكنى ئاساس قىلغان بولغاچقا ئاتاقتا بەش مىللەت جۇمھۇرىيىتى(ئۇيغۇر، خەن، تۈبۈت، موڭغۇل، مانجۇ) دېسىمۇ، چىڭ سۇلالىسىدىن قالغان ئىمپىرىيەنى مىڭ خانلىقنىڭ داۋامى، باشقا مىللەتلەرنى جوڭخۇئا(بۈيۈك خەن) مىللىتىنىڭ بىر ئۇرۇقى دەپ قارايتتى. بۇ ئىدولوگىيەنىڭ سەۋەبلىك ئۇلار يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھاكىم بەگ ۋە شاھلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بارلىق  ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائى ساھەلەرگە جوڭخالىقلارنى ھاكىم قىلدى. بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش جەمئىيەتكە نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارنى، زىدىديەتلەرنى يۈكلىدى. مىنگوچىلار زىددىيەتنى پەقەت يەرلىك خەلقنىڭ قالاقلىقىدىن كۆرەتتى. مىنگوچىلارچە يەرلىك مىللەتلەرنىڭ قالاقلىقى ئۇلارنىڭ شەرەپلىك جوڭخالىق بولالماسلىقىنىڭ سەۋەبى ئېدى. يەرلىك نادان مىللەتلەرگە ئۇلۇق جوڭخالىقلاردەك ياشاش بەختى پەقەت جوڭخالىقلار سۆزلەۋاتقان تىلنى بىلىش ۋە شۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىش بىلەن ئەمەلگە ئاشاتتى. ئەزەلدىن تىل ئۆگىنىپ باقمىغان، ئۆز ئىقلىمىنى دۇنيانىڭ مەركىزى دەپ قارايدىغان مىنگو مىللەتچىلىرى ئالۋاڭ تاپشۇرىۋاتقان خەلقنىڭ پۇلىغا "ھەقسىز"  مەكتەپ ئېچىپ، يەرلىك "ياۋايىلار"نىڭ بالىلرىنى ئوقۇتتى، مەقسەد پەقەت تەرجىمان تەربىيەلەش ئېدى. زاماندا نېمىگە ئىھتىياج ئارتىپ كەتسە تىلدىمۇ شۇنىڭغا ماس سۆزمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ، يۇقارقى سەۋەپ تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلىدا تەرجىمان، پەييى، تىلماچ، تۇڭچى دېگەن سۆزلەر دائىم  قوللۇنۇلىدىغان بولدى. پەۋقۇلاددە قىسقا ۋاقىتتا تەربىيەلەنگەن تەرجىمانلار ھەممە ساھەدە، ھەممە يۇرت ئايماقلاردا بۆك ئورنىغا كاللا كەلتۈرۈپ ، ئەسلىدىنلا كەسكىن زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرىۋەتتى.  بۇلارنىڭ ئەڭ پاجىيەلىك ئاقىۋىتىنى ئۇيغۇرلار  "چالا تەرجىمانلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرىشى" دەپ خۇلاسىلىغان بولسا كېرەك. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا "چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر" دېگەن ماقال قالغان بولۇشى مۇمكىن.

ئادەتتە ماقاللار خەلقنىڭ خاتىرىسىگە تامغا بولۇپ بېسىلغان تارىخي رىياللىقتىن كېلىدۇ.  مەن مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزەم يامان ئەمەس بىلىدىغان خەنچە، ئىنگىلىزچە، تۈركچە، پارىسچە قاتارلىق تىللارنىڭ ھىچ قايسىدا "چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر " دېگەن ماقالنىڭ ئۆزىنى ۋە ياكى شۇنداقراق دېگەن مەنىدىكى ماقالنى كۆرمىدىم. دېمەك بۇ خەلقلەرنىڭ ھاياتىدا تەرجىمان سەۋەبلىك مۇبارەك جانلار قەتىل قىلىنمىغان بولسا كېرەك. چالا تەرجىمان سەۋەبلىك پاجىيەلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولغان قەۋىم ئەۋلادلىرىغا تىل ئارقىلىق ئاشۇنداق ۋەسىيەتلەرنى قالدۇرغان بولىدۇ. لېكىن ۋەسىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلىنىۋەرمەيدۇ. بولۇپمۇ ئەجداتنىڭ ئەقلىدىن، سەلتەنىتىدىن، ئۇتۇقلىرىدىن گۇمانلانغان ئەۋلاد  ياكى بىخەۋەر قالغان ئەۋلاد ئەمەل قىلىپ بولالمايدۇ.

بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئومۇمى گەۋدىسىنى تەرجىمىلىك جەمئىيەتنىڭ تىلسىز ئەزالىرى دېسە ختالاشقانلىق بولمايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى خەنچىدىن تەرجىمە جەريانىدا قايتا قۇراشتۇتۇلغان، ئۇيغۇرنىڭ تەپەككۇرى تەرجىمىلىك تەربىيە تۈرتكىسىدە شەكىلگە كىرگەن. ئۇيغۇرچە ئوقۇش بەختىگە ئېرىشكەن 90-يىللارغا مەنسۇپ ئۇيغۇر ئايلىقچىلار ئەدەبىياتتىن باشقا ھەممە دەرسنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە تەربىيەلەندۇق. ئوقۇمىغانلار يوللارغا ئورنۇتۇلغان ۋارقىراق كارنايلاردىن تەرجىمە بۇيرۇقلىرىغا ئەگىشىپ ھاشاردا تەربىيەلەندى. بۇلارنىڭ پەرقى بىرسى مەجبۇرى يەنە بىرى ئىختىيارى ئىدى، ئوخشاشلىقى ئىككىلىسىدە ئەسلى مەنە، مەقسەدنىڭ ساڭا مەڭگە سىر بولۇپ قالىدىغانلىقىدۇر. مەيلى ئايلىقچى بولايلى ياكى ئايلىقسىز بولايلى تەرجىمە خەۋەر، تەرجىمە ئۇچۇر، تەرجىمە پەرمان ۋە تەرجىمە كىنو ۋە تىلۋىزىيە تىياتىرلىرى ئارقىلىق مىڭىمىزنىڭ بويالغانلىقى ۋە شىددەتلىك بويىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. مىسالەن، يېقىندا يېتىك ئەدىپ نۇرىمۇھەممەد توختى ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئاخباراتىنى ئوقۇپ قالدىم. بۇ موھتەرەم يازغۇچىمىز ئەسىرىنىڭ بېشىنى مىللىي بۇرزازىيە دېگەندەك ماركىسىزىملىق تەرجىمە ئاتالغۇلىرى بىلەن باشلاپ پىرسۇناجى تارتقان مۈشكۈللەرنى "غەرپكە ساياھەت" تە سۆزلەنگەن نوم ئەكىلىش جەيانىدىكى رىيازەتلەرگە تەققاسلاپ قاناتلاندۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ غەمخۇرلۇقى بىلەن ئەسىرىنى ھەق دادىغا يەتكۈزۈپتۇ. يەنە بىر مىسال، ھازىرقى "ئىناق جەمئىيەت" تەشەببۇسى ئەسلى جوڭگۇدىكى يىزا بىلەن شەھەر، بايلار بىلەن كەمبەغەللەر، ئەمەلدارلار بىلەن پۇقرالار، تەرەققىي قىلغان رايۇنلار بىلەن ئارقىدا قالغان رايۇنلار، كۆپسانلىقلار بىلەن ئاز سانلىقلار، قاتارلىق مەنپەئەت گورۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تەڭشەشكە قارتىلغان بولۇپ، بۇ يەردىكى مەقسەد شۇلارنى تەڭشەش، ماسلاشتۇرۇش، مۇۋازنىنەت شەكىللەندۈرۈش ئېدى. بۇنىڭ ئۇيغۇرچىدىكى ئىناقلىق بىلەن ھىچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق ئېدى. ئۇيغۇرچىدىكى "ئىناق جەمئىيەت" دېگەن تەرجىمە ئەمەلىيەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دېگەن شۇئارنىڭ مەنىداش ئىبارىسى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت سىياسىتىدىكى ئەڭ ئەقەللى چۈشەنچىسىدىمۇ مۇجىمەللىك پەيدا قىلدى. دېمەك، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاقىلدىن تارتىپ غاپىلغىچە دۇنيا، دۆلەت، ۋە ئۆزى ھەققىدە چىن، مۇستەقىل، سۈزۈك بىلىم ۋە تەسەۋۋۇردا ئەمەس تەرجىمە ئارقىلىق بۇرمىلانغان خىيالى تۇيغۇدا ئېقىمغا ئەگەشمەكتە. ئەمدى، گەپنىڭ مېغىزىغا كەلسەك، بۇنداق بىر تەرجىمىلىك موھىتتا ياشاۋاتقان، كاللىسى ئەسلى تىلنىڭ يېرىم ياتا رىۋايەتلىرى بىەن تولغان بىر مىللەت تەرجىماننىڭ چالا بوغۇزلاشلىرىدىن قايتا مۇستەسنا بولالىدىمۇ، بولالاۋاتامدۇ؟ تارىختا بولغىنى تەننىڭ قەتىل قىلىنىشى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئاۋام كۆزى بىلەن كۆرمىگەن نەرسە ھەققىدە ماقال توقۇمايدۇ. تارىختىكى تەننىڭ قەتلىسىگە ئەلھۆكمىلۇللاھ، بۇنىڭ قازاسى شۇ شەھىدلەر بىلەن كەتسۇن دەيلى، ئەگەر مەدەنىيەت قەتلى قىلىنسا، رۇھىيەت چالا بوغۇزلانسىچۇ؟ بەلكىم يەنە ماقاللار توقۇلار. بەلكىم ھىچ بىر ماقال تۇقۇلماس، چۈنكى بۇ قېتىمقى تەرجىماننىڭ يېڭى قەتلىسنى كۆز كۆرەلمەيدۇ.

گۈلەن بىلوگى ئەسەرلەرىمنى ياقتۇرغانلارغا باغرىنى ئاچتى. Www.Gulenblog.Com
ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
3342
يازما
66
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
710
تىزىملاتقان
2010-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-3-27
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 15:43:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك تىمىدىن بىرنى يېزىپسىز !!!سىزدەك كاللا قاتۇرۇپ پىكىر يۈرگۈزدىغانلار ئارىمىزدا يوق ئەمەس لىكىن ئەمەليەتتە ئىتراپ قىلىپ سىزدەك  يزىدىغانلاردىن نەچچىلەك بارىدۇ   !!! رەھمەت سىزگە قىرىندىشىم ،مۇشۇنداق ياخشى تىمىللىرڭىز ئۈزلۈپ قالمىغاي ~~~

باھا سۆز

korla.0996  مەنمۇ ئوخشاش پېكىردە.... قولايمەن!  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-4 21:17:30
ئاتامان

UID
2763
يازما
146
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4857
تىزىملاتقان
2010-6-11
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 16:10:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمەككى، ھازىرقى تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسى چالىمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-3
توردا
102 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 17:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چالا تەرجىمانلار ھەقىقەتەن كۆپ.بولمىسا ئەتراپىڭىزغا سەپسىلىپ قاراپ بېقىڭ.مەسلەن:ئېلان ۋىۋىسكا، لۇزۇنكا تەشۋىقاتلار....دىگەندەك.تەرجىمە قىلغانداتەرجىمىنى ياخشى قىلدىمۇ ياكى شۇ پىتى  ئۆلۈك تەرجىمە قىلدىمۇ؟مەن تىخى بايىلا ئۈرۈمچى بۇلاق بېشى تەڭگە تاغ مىھمانسارىي يىنىدا بىر ۋىۋىسكىدا“精品男人服饰 ” تاللانغان ئەر كىيىملرى دىگەن خەتنى كۆرۈپ قالدىم .بۇ بىزنىڭ مىللەتنىڭ دۇكىنى سىزچە بۇنداق دىيىش توغرىمۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق ئېگىلەر سۇنم

UID
6474
يازما
48
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
1552
تىزىملاتقان
2010-10-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-3
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 17:39:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسى چالا ئەمەس. ھازىرمۇ بەك ياخشى تەرجىمانلار يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، لېكىن بەزىبىر مەسئۇلىيەتسىز «تەھرىرلەر» ئۆزىنىڭ ھاھىشى بويىچە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلارمۇ ياخشىلىنىپ كېتەر، قانداق قىلىمىز؟ مەسىلە ئۆزىمىزدىمۇ بار. خېلى بولدىغۇ، «بالا ئالىمىز»،«...قارىتا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردۇق»،«..ئېلىپ بېرىش» دېگەندەك گەپلەر تىلىمىزنى بۇزۇۋاتىدۇ. مەن بولۇپمۇ «...ئېلىپ بېرىش» دېگەن تەرجىمە سۆزىگە بەك ئۆچ. مەسىلەن:«داۋالاش ئېلىپ بېرىش»،«چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش»...دېگەنگە ئوخشاش. بۇنداق قاملاشمىغان گەپلەرنىڭ ئورنىغا، بالىلىق بولىمىز؛تەربىيلىدۇق؛ چۈشەندۈردۇق؛ داۋالىدۇق دېگەندەك ئىخچام، چۈشىنىشلىك ئىبارىلەرنى ئىشلەتسەك ياخشى بولاتتى.

ھەق ئىگىلەر سۇنماس ، شۇڭا ساڭا باش ئەگمەيمەن.

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 18:43:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەرجىمانلىقنى يېرىم يولدا ئۆزۈم ئۆگىنىۋالغان چالا تەرجىمان!

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 18:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇنىڭ ئىملاسىنى ئاندا-ماندا قىلىۋەتمەيلىما ئاغىينىلەر!

UID
2256
يازما
183
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6127
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 19:37:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم ئولتۇرمىسىمۇ تېرىسىنى تەتۇر سويىۋالىدۇ ......بەزى تەرجىمىلەر ئادەمنى بەك ئاچچىق يۇتتۇرۋىتىدىغۇ ....

كۆيۈمچان ئەزا

ئادەمدەك ئۆلۇش ئ

UID
3638
يازما
60
تېما
22
نادىر
0
جۇغلانما
2102
تىزىملاتقان
2010-7-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-9-19
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 20:33:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تەرجىمانلىق قىلۋاتقىنى نەچچە يىل بولدى ھىچ بىرەسى ئۆلمىدى يا    

UID
2247
يازما
723
تېما
43
نادىر
0
جۇغلانما
24828
تىزىملاتقان
2010-5-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-1
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-12 20:49:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر فولىكلور مەدەنيەت زاپىسىمىزنى ئاختۇرغاندا ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللېرىنىڭ پاساھىتىگە ۋە تىرەن قاتلىمىغا كىشى تاڭ قالىدۇ.بەزى بىر ئىجدىمائىي ھالەتلەر يېزىلغان ماقالىلەردىن يەنىلا بىر جۈملە پاساھەتلىك تەمسىلىمىزنىڭ ۋەزىنى چوڭقۇردەك ھېس قىلىپمۇ قالىمەن.جەمئىيەتتىكى ناچارھادىسىيەتلەر ياكى شەخىسنڭ پائالىيىتى تەمسىل بىلەنلا ئۆز ئەكسىنى تېپىپ بولغان.
مەۋزونىلا جەمئىيىتىمىزگە تەدبىقلاپ باقساق،نۇرغۇن چالا"تىلماچ'لارنى بايقىغىلى بۇلىدۇ.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش