ئىگىسى: gulen

چالا تەرجىمان ئادەم ئۆلتۈرەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
356
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:27:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]مېنىڭچە بىز ئىلاج بار چۈشكۈنلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز، كېرەك.
ئۆزىنى چۈشىنىشنىڭ دەسلەپكى يولى: كەمچىلىكنىمۇ، ئارتۇقچىلىقنىمۇ ئىتىراپ قىلىش بولىشى كېرەك. ھە، دېسىلا ئۆز مىللىتىنى كەمسىتىدىغان، ئۆز مىللىتىدىن ئۇيىلىدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ يامان تەرپىنىلا كۆرىدىغان ئادەملەرنى ساغلام پىكىرلىك ئادەملەر دېگىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ھاراقكەشلىكىدىن سەسكىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇردىن بەتتەر ھاراقكەش روسلاتنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ ئىتتپاقسىزلىقىدىن بىزار بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۇيغۇردىن ئۆتە ئىتتىپاقسىز ئەرەبلەرنى نەزىرىگە ئېلىشى كېرەك.

تەرجىمىچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار بىرەر تىلدا تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئەڭ ئاۋال ئۆز ئانا تىلىغا ناھايىتى پۇختا بولۇشى كېرەك.
بىر تىل ئاشۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر توپىنى ئۆز-ئارا باغلاش ئارقىلىق، ئاشۇ كىشىلەر توپىنىڭ مىللىي كىملىكىنى نامايەن قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قايسى كىشىلەر توپىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئېتنىڭ ياكى مىللىي يىلتىزى ئاشۇ تىلغا ماس كېلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن، ئاشۇ تىلنى پۇختا بىلىش ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى ئەۋلادلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ، ئۇلارنىڭ يېڭىدىن يۈز بەرگەن سەزگۈرەشتىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىڭ ياكى مىللىي ئادەم توپىنىڭ چوغلانما تارىخى بىلەن تۇتاشتۇرىدۇ. قىسىقىسى بىر تىل يالغۇز ئاشۇ تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش قورالى بولۇش فونكىسىيىسىنى ئۆتەپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ئاشۇ كىشىلەر توپىنىڭ مەدەنىي كىملىكىنى، شۇنداقلا ئاشۇ كىشىلەر توپىدىن بولغان بۇرۇبنقى بارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان مەدەنىي مىراسلارنىمۇ نامايەن قىلىدۇ.


كۆيۈمچان ئەزا

ي. م. ئىلقۇت

UID
2000
يازما
356
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
12549
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:27:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[align=justify]ئانا تىل نېمە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم؟
1. ئانا تىل مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى
مېنىڭ بەزىبىر ماتىرىياللاردىن كۆرىشىمچە، مىللەتپەرۋەرلىك مىللىي ئىدېئولوگىيە بىلەن مىللىي كىملىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللىي كىملىك بولسا مىمۋولىزم ( يەنى بىر مىللەتنى باشقا بىر مىللەتتىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئالامەتلەر)، تىل ۋە مىللىي ھېسسىيات ( بۇ مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ئارزۇلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) دىن ئىبارەت 3 نەرسىدىن تەركىپ تاپىدىغان بولۇپ، تىل مانا ئاشۇ 3 خىل نەرسىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم بىرىدۇر.
2. ئانا تىل مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى
ھەممىمىزگە ئايان، ھەر قانداق بىر تىلنىڭ رولى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش قورالى بولۇشتىن ئىبارەت. لېكىن بىر يەرلىك مىللەت ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنىڭ ئالاقە قۇرالى بولۇشتىن سىرت يەنە بىر مۇھىم رولى ئاشۇ مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنىڭ بەلگىسى بولۇشتۇر. بىر مىللەتنىڭ ئانا تىلىغا ئاشۇ مىللەتنىڭ تارىخىي بىلىملىرى كودلاشتۇرۇلغان ياكى قاچىلانغان بولىدۇ. بۇ بىلىملەر مەزكۇر مىللەتنىڭ كىم ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ھېكايىلىرى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بارلىق ئېغىزاكى ۋە يېزىق ئاساسىدىكى سەنئەت، ھۆنەر، ماھارەت ۋە باشقا بىلىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللەتنىڭ يالغۇز ئانا ئېغىز تىلىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يېزىقىمۇ مىللىي كىملىكنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسىدۇر.
بىر قانچە قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىشنى باشتىن كەچۈرگەن مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىگە ئايان، ئۇلار قايتا قايتا يېزىق ئۆزگەرتىشتىن كىيىن، ئوخشاش بولمىغان يېزىقتا ساۋات چىقارغانلار (مەسىلەن ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ۋە يېڭى يېزىقتىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزىق شەكلى) ئارىسىدا كونا يېزىقتا ساۋات چىقارغانلار يېڭى يېزىقنى تۇنىمايدىغان، يېڭى يېزىقتا ساۋات چىقارغانلار كونا يېزىقنى تۇنىمايدىغان، يەنى كونا يېزىقتىكى تارىخى ئەسەرلەرنى ئوقۇيالمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىپ ئىككى خىل يېزىق سەۋەبىدىن مەدىنىيەت جەھەتتىن ئۈزۈلۈش ھالىتى شەكىللىنىپ قالغان.
4. بالىلارنى ئانا تىلدا ساۋاتلىق قىلىپ يىتىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ تىل ۋە مەكتەپ ئوقۇشىدىكى نورمال تەرەققىياتى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدۇ.
بىر يەرلىك مىللەت بالىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى ۋە ئانا تىل سەۋىيىسى ئۇلارنىڭ كىيىن ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى تىلدىكى سەۋىيىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
بالىلارنىڭ ئانا تىلنى ئىشلىتىشنى كۈچەيتىش يالغۇز ئۇلارنىڭ ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىلا پايدىلىق بولۇپ قالماستىن، بالىلارنىڭ باشقا تىلدىكى ھەر خىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئەگەر بالىلار باشلانغۇچتا ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن تۇلۇق ساۋادىنى چىقارماي تۇرۇپلا يەنە بىر يات تىلنى ئۆگىنىدىكەن، بۇ بالىلار كەلگۈسىدە ئانا تىلدىمۇ ۋە ئۇلار ئۆگەنگەن ئىككىنچى تىلدىمۇ يېرىم ساۋاتلىق بولۇپ قالىدۇ.
5. ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش دۇنيانىڭ تىل ۋە بىئولوگىيە جەھەتتىكى كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىن-بىر شەرتى


UID
8278
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
219
تىزىملاتقان
2010-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2013-4-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 19:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئىدارىدا ناھىيىمىزدەخېلى نامى بار بىر تەرجىمان بار ئىدى، بىر كۈنى مەن چۈشكۈرۈكتىن كىيىن << شۈكرى ئەلھەمدۇ>> دىسەم بىر يولداش ھېلىقى تەرجىماندىن <<؟他说啥>>دەپ سوراپ قالدى. بىزنىڭ داڭلىق تەرجىمان <<ئەلھەمدۇ>> نىڭ مەنىسىنى تاپالماي چىكىسىدىن تەرچىكەتتى.تەرجىمانلىق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەسكەن .

UID
7485
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
64
تىزىملاتقان
2010-11-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-2-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 14:47:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەممە ئىنكاسلارنى تۇلۇق دىگۈدەك ئۇقۇپ چىقتىم، ھەممىڭلا ئۈزەڭلارنىڭ كۆز قارشىنى شەرھىلەپسىلەر.

مەنمۇ سىلەر دىگەندەك ئىشلارغا يۇلۇقۇپ قىلىۋاتىمەن ،ھەر قەدەمدە دوسلۇرۇم خەنچىدە ھەممنى تۇلۇق چۈشەنگىلى بۇلۇدۇ لىكن تەرجىمىدە چۈشەنەنگىلىى بولمايدۇ دەيدۇ .
مەن ئۇلاربىلەن تالىشىپ ھىرىپ قالىمەن تىلىمىز شۇنداق ئاجىزمۇ ؟ مەن شەخسەن ياق دەپ جاۋام بىرىمەن ، مىنى گەپ تالاشقاق دەپ گاھىلىرى مەسخىرە قىلىدۇ گاھىلىرى تۈزۈتىدۇ.
ئائىلەمدىكىلەرنى تۇلاسۆزلەپ زىرىكتۈرۋەتتىم ئۇلار نىڭ قۇلقۇغا قۇژۋەتتىم ھازىر ئۇلارمۇ خىلى تۈزەتتى ھەرقانداق سۆزلەرنى مەن باريەردە تىلىمىزدىكى ئاتۇلغۇلار بىلەن ئاتايدۇ،ئەمما شۇنداق جىق نەرسىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى دەيدىكەنمىز بىز ئۇنەرسىلەرگە ئۆزىمىز ئىسىم قويساق زادىلا بولمامدۇ.
مەن شۇنداق جىق كىشىلەرنىڭ بۇنەرسىلەرنى خەنلەر ياسىغاندىن كىيىن شۇبۇيۇچە ئاتايمىز دە دەيدىكەن ،مەن ئەسلا قايىل ئەمەس .
شۇدىگەن نەرسىلەرنى قاچان ئۇلار ياساپتىكەن ئۇلار پەقەت دوراپ ياسىدى ئىجات قىلمىدى دەيمەن .
بالام تۇلۇق ئويغۇرچە ساۋات چىقارسۇن دەپ ئۆيدە ئۆزەپ ئېلپبە ئۆگۈتۈۋاتىمەن  7ياشقا تۇشمۇغۇچە مەكتەپكە بەرمەي تىلىمىزنى ئۆگەتمەكچى بۇلىۋاتىمەن .
بىزبىسىم ئىغىر دەيدىكەنمىز باللىرىمىز كىيىن بىز دىن نەچچە ھەسسە ئىغىر بىسمبىلەن ياشىغۇدەك، ھەي شۇبالىلىرغا ئىچىم ئاغرىپ كىتىۋاتىدۇ ، بالىلىقىنىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزەلمەيدىغان بۇلۇپ قاپتۇ ئەمدى ، كىچىك تۇپلا يۇرۇكى يۇق چوڭ بۇلۇپ قالامدۇ ئويلاپ قالىمەن .
بالىلا خەنلەرنىڭ بۇيرىقىدىن كىچىكىدىنلا قورقۇدىغان ،بىزلەرنىڭ بۇيرۇقىمىزنى ئاڭلىمايدىغان بولۋىتىپتۇ ، بالا تىپىپ ئىگە بۇلالماپتىمىز ،قانتەر بىلەن بىقىپ باشقۇرالماپتىمىز .
مانا بۇ روھى مەجروھلۇق ،مانا بۇ كىلەچەكتىكى ئۈزۈلۈش ،مانا بۇ ئۈنتۈنسىز كىشەن ، باللىرىمىز تىمى يوق تۈرمىگە كىرىپ كىتىپ بىرىپتو .
مەندىن چاقىرىق بالىلارنى قۇتقۇزۋالايلى ،بالىلارنى شوخ كۈلگۈلى قۇيايلى، بوينىنى باغلىۋالغان كىشەننى چقىۋىتەيلى.

UID
4227
يازما
769
تېما
27
نادىر
0
جۇغلانما
19821
تىزىملاتقان
2010-8-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-4
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 21:39:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چالا تەرجىمانلار ئاز ئەمەس !

UID
10883
يازما
138
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4700
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-27
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 11:07:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمانلىق مەسئۇلەت ۋەئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان نازۇك خىزمەت، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا تىلغا پىششىق بۇلۇش، بولماسلىق مەسلىسى. گۈلەن ئەپەندىنىڭ تىمىللىرى ھامان ياخشى-دە.

UID
11006
يازما
559
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
12289
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-17
توردا
143 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 11:13:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەقىللىق ئاتا-بۇۋىمىز  قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەرنى ماقال تەمسىللەرگە ئايلاندۇرۇپ
خەلىققە سىڭدۈرۋەتكەن دەپ ئويلايمەن  .  
گۈلەن ئەپەندىم تىمىڭىزغا رەھمەت!

UID
3162
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
310
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 11:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ 26قەۋەتتىكىnimjan يوللىغان 2010-12-14 20:21 غا قارتىلغان :
ھەممىدىن خاتا تەرجىمە يەر، ئادەم نامىدا بەك گەۋدىلەندى:
"مىسىر خانىشى" فىلىمىنى نەچچە كۈن بۇرۇن كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم. تەرجىمان تارىخىي شەخسلەرنى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىنىڭ ئۆز ئەينىنى ئۇيغۇرچىدە ئىشلەتكەن، يەنى ئوكتاۋىئاننى ۋۇداۋېي، دەپ ئالغاندەك. بىر يىللاردا "ئۇلۇغبېك خەزىنىسى" رومانىنى رادىئودا ئاڭلىتىۋاتقان بىر چاغ ئىدى، رادىئونىڭ يەنە بىر پروگراممىسىدا ئۇلۇغبېك تونۇشتۇرۇلغاندا ئۇلۇغبېكنىڭ ئىسمى "ۋۇلۇبوكې" دەپ ئېلىنىۋىدى ھەيران قالغان ئىدىم. سوۋېتپەرەست ئافغانىستان پرېزىدېنتى نەجىبۇللاھمۇ خېلى يىللارغىچە ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا " ناجىبرا " دەپ ئېلىنىپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟ تېخى ھازىرقى كۈندە 北大西洋公约组织 نى ئۇيغۇر تەرجىمانلار "شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى" دەپ كۈلكىلىك تەرجىمە قىلىۋىدى، ئادەملىرىمىز شۇ پېتى كۆندى، قىسقارتىلمىسى بولغان " ش ئا ئە ت " نى تولۇق ئاتىغاندا بۇ كۈلكىلىك نام كېلىپ چىقتى.

مەن كەسپىي تىلماچ ئەمەس، ئەمما تىلماچلىق قىلىۋاتقىنىمغا خېلى ئۇزۇن بولدى، تەرجىمىلىرىمدە ئامال بار ئەسلى مەنانى ئىپادىلەشكە تىرىشىپ كەلدىم. ئالدىدىكىلىرىنى ئۇچراتماپتىكەنمەن، ئەمما ئاۋۇ 北大西洋公约组织 نى قانداق ئالساق بولاتتى؟ شۇنى بىلىۋالسام بولارمىكىن؟

UID
3162
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
310
تىزىملاتقان
2010-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-22
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 13:04:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىك ئوغۇلنىڭ گېپى بويىچە تەرجىمانلارنىڭ ھەممىسى غالچا بولۇپ كەتتىمۇ ئەمدى؟ ھېسياتنى ئىپادىلەشتىمۇ سەل دىققەت قىلىش كېرەكقۇ دەيمەن، گەپنى ئېغىزىمغا كەلدى دەپلا دەۋەرمىگۈلۈك، <<ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا>> بولۇپ قالمىسۇن يەنە.

UID
13218
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
100
تىزىملاتقان
2011-7-14
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-20 13:37:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلەن ئەپەندىنىڭ بۇ ئەھمىيەتلىك تىمىسىنى تولىمۇ كىچىكىپ كۆرۈپ قالغىنىمدىن ئەپسۇسلاندىم.
گۈلەن ئەپەندىغۇ بۇ تىمىنى نوقۇل ھالدا ئەسەرلەردىكى تەرجىمە خاتالىقىنى ئەيىبلەش مەقسىتىدە ئەمەس بەلكى تەپەككۇرىمىز، ئەقلىمىزنىڭ  تەرجىمە قىلىنىپ كىتىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن يېزىپتۇ، دەپ چۈشەندىم. لىكىن كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ ئىنكاسى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتىلغان بولغاچقا مەنمۇ شۇ ھەقتە ئىنكاس يازاي.
مىنىڭچە نۇرغۇن تورداشلار كۆرگەن، 10 يىللار ئىلگىرى مۇنداق بىر نەرسىنى ئوقۇۋىدىم: چىملىققا دەسسىمەڭ، دىگەن مەنانى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئىپادىلەيدۇ. فىرانسىيىلىكلەر رومانتىك كىلىدۇ، فىرانسىيىدە چىملىقلار ئالدىغا "ئۆسۈملۈكلەر سىزنىڭ ئەسرىشىڭىزغا موھتاج" دەپ يېزىلىدۇ. گىرمانىيىلىكلەر ئەمەلىيەتچانراق كىلىدۇ، ئۇلاردا"چىملىققا دەسسمەڭ" دەپلا يېزىلىدۇ..... يەنە بىر نەچچە مىللەتلەرنى مىسالغا ئالغان ئىدى.
مەنچە مۇشۇنداق ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللانسا تېخىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولامدىكىن، دەيمەن.
يولدىشىم بەزىدە توختام، ....تۈزۈمى،.....نىزامى دىگەندەك نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرىدۇ، بوشىغاندا تەرجىمە قىلىپ ئۇرۇپ قويۇڭ، دەپ. قېرىنداش مىللىتىمىزنىڭ پىسخىكىسى شۇنداق ئىپادىلەشنى بەكرەك قۇبۇل قىلامدۇ بىلمىدىم، " قاتتىق چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئاق ئېتىلىدۇ، كۆك ئېتىلىدۇ " دىگەن بايانلار جىق. بۇنداق نەرسىلەرنى تۇرمۇشىمىزدىمۇ كۆپ ئۇچرىتىمىزغۇ. بىز ئۇيغۇرلار بىر قەدەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئايايمىز، دەپ قارايمەن. تىلىمىزدىمۇ تەكەللۇپ-تەۋەززۇنى بىلدۈرىدىغان سۆزلەرمۇ كۆپ. بىر ئىشنى بىرسى قىلمىساڭ ئاق قىلىمەن، قىلساڭ كۆك قىلىمەن دەپ تەھدىت سالمىغىچە تەۋرىمەيدىغان قاشاڭلىق بىزدە يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن. شۇڭا تەرجىمىنىڭ رولى يات تىلدىكى نەرسىنىڭ مەزمۇنىنى شۇ تىلدىكى خەلققە يەتكۈزۈش بولغاندىكىن، خەتمۇ-خەت، ئەينەن تەرجىمە قىلىش ئورنىغا شۇنداق قۇلاقلارغا ياققۇدەك تەرجىمە قىلسا بولماسمۇ.
كۆز قارىشىمدا خاتالىق بولسا چىرايلىق كۆرسىتىپ بېرەرسىلەر، مەن بىر ئائىلە ئايالى، بەلكىم نۇرغۇن قاراشلىرىم سىرتتىكى رىئاللىققا ماس كەلمەس، خاتالىقلار باردۇر. لىكىن بىر كىشىنىڭ خاتالىقىغا قاتتىق تىللار بىلەن رەددىيە بېرىپ كۆڭۈلنى رەنجىتسەك ( گەرچە تونۇمىساقمۇ) ھىچقايسىمىزغا زەررىچىلىك پايدىسى يوق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش