بۇ 26قەۋەتتىكىnimjan يوللىغان 2010-12-14 20:21 غا قارتىلغان :
ھەممىدىن خاتا تەرجىمە يەر، ئادەم نامىدا بەك گەۋدىلەندى:
"مىسىر خانىشى" فىلىمىنى نەچچە كۈن بۇرۇن كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم. تەرجىمان تارىخىي شەخسلەرنى خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىنىڭ ئۆز ئەينىنى ئۇيغۇرچىدە ئىشلەتكەن، يەنى ئوكتاۋىئاننى ۋۇداۋېي، دەپ ئالغاندەك. بىر يىللاردا "ئۇلۇغبېك خەزىنىسى" رومانىنى رادىئودا ئاڭلىتىۋاتقان بىر چاغ ئىدى، رادىئونىڭ يەنە بىر پروگراممىسىدا ئۇلۇغبېك تونۇشتۇرۇلغاندا ئۇلۇغبېكنىڭ ئىسمى "ۋۇلۇبوكې" دەپ ئېلىنىۋىدى ھەيران قالغان ئىدىم. سوۋېتپەرەست ئافغانىستان پرېزىدېنتى نەجىبۇللاھمۇ خېلى يىللارغىچە ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا " ناجىبرا " دەپ ئېلىنىپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟ تېخى ھازىرقى كۈندە 北大西洋公约组织 نى ئۇيغۇر تەرجىمانلار "شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى" دەپ كۈلكىلىك تەرجىمە قىلىۋىدى، ئادەملىرىمىز شۇ پېتى كۆندى، قىسقارتىلمىسى بولغان " ش ئا ئە ت " نى تولۇق ئاتىغاندا بۇ كۈلكىلىك نام كېلىپ چىقتى. 
نىمجان ئاكا
قەشقەردە ئاخۇ دەيدىغان كوچا بارمۇ؟
"ئىگىلىنىشچە، قەشقەر كوناشەھەر رايونىدىكى ئاخۇ كوچىسىنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە شىنجاڭ قۇرۇلۇش" تەشۋىقات گۈزىلى يېزىلغان تېمىدا شۇنداق گەپ كۆرۈپ قالدىم، بۇ سىز دەۋاتقان يەر ناملىرىنى خاتا تەرجىمە قىلىشقا چۈشىدىغۇ دەيمەن.