- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 52
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 52
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-22
- UID
- 53642
- يازما
- 52
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 52
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-22
- توردا
- 36 سائەت
|
يارى بىلەن تولىمۇ بەخىتلىك ياشاۋاتىمەن . مىنىڭ سودا قىلىش ئۈچۈن يىغقان پۇلۇم ھەم ئۇنىڭ ئىقتىساد قىلغان پۇلىنى قوشۇپ كىچكرەك بىر ئۆيمۇ سىتىۋالدۇق .ئۇ مىنى كۈن ئارىلاپ كەچلىك بازارلارنى ئايلاندۇرىدۇ . ھەرقىتىم سىرتقا چىققانداماڭا بىر تال قىزىل ئەتتىرگۈل سوۋغا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . كوچا ئايلىنىۋىتىپ ھىرىپ كەتتىم دىسەم مىنى كۆتۈرۋالىدۇ . ئايىغىمنىڭ ئىچىگە بىرەر تال گازىر شۆپىكى كىرىپ قالغاندەك قىلىدۇ دەپ بولغۇچە يول بويىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۈپ ئايىغىمنى سالدۇرۇپ ، ئايىغىم ئىچىدىكى نەرسىنى ئىلىۋىتىپ يەنە ئايىغىمنى كىيدۈرۈپ قويىدۇ . مىنى چاقچاق قىلىپ كۈلدۈرىدۇ . ئىشقا كەتسەممۇ سائىتىگە بىر قىتىم دىگۈدەك تىلفۇن قىلىدۇ ھەتتا مەن بىلەن تىلفۇندا سائەتلەپ پاراڭلىشىدۇ . بىز بوللاردا ، باغچىلاردا دائىم دىگۈدەك بىر -بىرىمىزنى قوغلىشىپ، چاقچاقلىشىپ، كۈلۈشۈپ ماڭىمىز ... قورسىقىم يوغىناپ ، ئاي كۈنۈم ئاز قالغاندىمۇ تانسىخانىغا بىرىپ «قورسىقىمىزنىڭ تاقىشىپ قالغىنى بىلەن كارىمىز يوق » ۋالىس ئويناپ كەتكەنلىرىمىز بىزنىڭ ئەڭ بەخىتلىك كۈلىرىمىز ... ئۇ مىنىڭ لەغمەن تارتقاندا قولۇمغا پىلتە يۆگىمەچلەۋاتقىنىمغا - قولۇمنىلا ئايلاندۇرماستىن پۈتۈن بەدىنىمنىڭ تولغىشىپ كىتىۋاتقىنىغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلگەن ، مىنىڭ سۈزۈك سۇغا ئاۋال گۆش ، ئاندىن گۈرۈچ سىلىپلا پۇشۇرۇپ يىيىش ، شورپا سىلىشتىن باشقا تاماق قىلىشنى بىلمەيدىغىنىمنى كۆرۈپ ماڭا تاماق ئىتىش قوللانمىسنى - خانىم قىزلار بايرىمى ئۈچۈن سوۋغات قىلىپ بەرگەن . ھەم ئەركىلەپ «جىنىم ، كەچتە نىمە تاماق يىگۈڭىز بار ؟» دىيىشلىرىمگە « گۈرۈچ ئىشى يەيلىچۇ . شىفەننى دەيمەن . ھىلىقى سۇغا گۆش بىلەن گۈرۈچ سىلىپ ئىتىدىغانچۇ ، سەن شۇ تاماققا بەك ئۇستا . مەن ھەممىدىن شۇ تاماققا ئامراق ... » دىگەن . مەن بولسام « جىنىم ئۇستاتلىق قىلىپ ماڭا تەسەللىي بەرمەكچى بولسىڭىز چاندۇرمايراق دىمەمسىز ئۇقۇپ قالدىم دەيمە » دەپ بىر ھازاغىچە كۈلگەنىدىم .
بىر كۈنى مەن ئۇنىڭغا ئۇچۇر يىزىپ « جىنىم بالدۇرراق قايتىپ كىلىڭ ، بۈگۈن سىز ئويلاپ باقمىغان بىر تاماقنى ئىتىپ سىزنى ساقلاپ تۇرىمەن » دىدىم -دە ئالدىراپ پولۇغا تۇتۇش قىلدىم . مەن ئاۋال ياغدا ، پىياز ،گۆش ،سەۋزىلەرنى قورىۋىلىپ ئاندىن قورىمىنى توك قازىنىغا يۆتكىۋىلىپ سۇ قۇيۇپ گۈرۈچ سالدىم .ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ كىرىپ كەلدى . مەن چوڭ بىر ئىش قىلغاندەك ئۇنىڭ ئالدىدا غادايغىنىمچە «داڭ ، داڭ ، داڭ »دەپ قازاننىڭ ئىغىزىنى ئاچتىم . ئاچتىم-يۇ كۈلگەن چىرايىم تارتىشىپ كەتتى ، ئۇمۇ تەڭلا « ۋاي شويلا قىپسەندە ، ھەقىقەتەن مەن ئويلىمىغان تاماقكەن » دىمەسمۇ ... پاڭڭىدە قويۇپ يىغلىۋەتمىدىم ئىشقىلىپ ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسى بولدى . شۇ كۈنى بىز پولۇ دىسە پولۇ ئەمەس ، شويلا دىسە شويلا ئەمەس تاماق بىلەن غىىزالاندۇق . ئۇ ماڭا كۆپ تەسەللىي بەرگەن بولسىمۇ ماڭا بىر چىنە گۈرۈچ ئۈچۈن قانچىلىك ماي ، قانچىلىك سۇ قۇيۇش كىرەكلىكىنى ئىيتىپ بىرىدىغان نە ئانام نە قىينىئانام يوقلىقىدىن كۆڭلۈم بەك يىرىم بولدى ...
- سىز بىرىنجى قىتىم گۈل سوۋغا قىلغان قىز كىم ؟
-سەن !
-سىز بىرىنجى قىتىم سۆيۈشكەن قىزچۇ ؟
-سەن !
-ئەمىسە سىز بىرىنجى قىتىم قولىنى تۇتقان قىزچۇ ؟
-سەن !
-سىز بىرىنجى قىتىم ھاپاشلاپ كۆتۈرگەن قىزچۇ ؟
-ئەلۋەتتە يەنىلا سەن !
نىمىشقىكىن بىكار قالساملا ئۇنىڭدىن مۇشۇنداق گەپلەرنى سورايىتتىم . ئۇنىڭ جاۋابىمۇ ھەرھالدا مىنى خوش قىلاتتى . ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا ئەزەلدىن بۇرۇنقى ئايالى ياكى قىزى توغۇرلۇق گەپ قىلىپ باقمايىتتى . نەزىرىمدە ئۇ ئايال مىنىڭ كۈندەشلىك قىلىشىمغا مەڭگۈ ئەرزىمەيىتتى . چۈنكى يارى ئۇنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرۈپ باقمىغان . تىخى تۇرۇپ -تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھىسداشلىقمۇ قىلاتتىم . بىر ئايال ئۈچۈن ئىرىنىڭ كۆڭلىنىڭ ئۆزىدە بولۇش بولماسلىقى نەقەدەر موھىم ئىدى -ھە ؟ يارىنىڭ مۇھەببىتى مىنى ئۇ ئايال ھەم ئۇنىڭ بالىسىغا شۇنچىلىك كەڭ قورساقلىق قىلغۇدەك دەرىجىدە مىنى ئۆزىگە ئەل قىلغانىدى . ئەمما باشقا ئاياللار بۇنىڭ تامامەن سىرتىدا . ئۇنى « سۇغا چىقسا چىلەكتىن ، سايىسى بار چىلەكتىن » مۇ كۈنلەپ ئاراملىق بەرمەيىتتىم . ھەتتا ئۆيدە بىرەدەم كومپىيوتىر ئويناپ ئولـتۇرۇپ قالسىمۇ خۇيۇم تۇتۇپ قالاتتى . تاماق ئەتسەم ھىچ ئىش قىلىشىپ بەرمىسىمۇ يىنىمدا قاراپ تۇرىشىنى ، مەن بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىشىنى خالايىتتىم . ئۇمۇ كۆپىنچە مىنىڭ رايىمغا بىرىپ مىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى . تاماقتىن كىيىن «تاش ، قايچا ،رەخىت » ئويۇنى ئويناپ كىمنىڭ قاچىلارنى يۇيۇشىنى بىكىتسەك ، ئۇخلاشتىن ئاۋال كىمنىڭ ئورۇن راسلىشىنى دىيشەتتۇق . ئاي كۈنۈم يىقىنلاشقاندا ئۇنىڭ مىنىڭ چاچلىرىمنى يۇيالماي قىينىلىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ يۇيۇپ قويغىنى ، ئۇخلاشتىن بالدۇر ئىلمان سۇدا تەييارلاپ پۇتۇمنى يۇيىۋىلىشقا دەۋەت قىلىشلىرى - ئۇنىڭ دەل مىنىڭ بەختىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى .
ھىساپتا بىزنىڭ خۇشال ئۆتكۈزگەن چاغلار دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئاشىق -مەشۇقلارنىڭكىدىن كۆڭۈللۈك ، ئۇنىڭ تىلفۇن سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ، ئامانەت كارتىسىنى تەكشۈرۈپ تاپقان ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىكلەر ھەرقانداق بىر ئىنسان دۇچار بولمايدىغان كۆڭۈلسىزلىك ئىدى . ئۇنىڭ ئىغىرلىق قىلىشى بىلەن بەك قاتتىق سوقۇشۇپمۇ كەتمەيىتتۇق . ئەمما ئۇنىڭ بىرەر يات جىنىس بىلەن تىلفۇندا ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق پاراڭلىشىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغان مەن يەنىلا كىچىككىنە سەۋەنلىك ئۈچۈن بىر مۇنچە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان سۆزلەرنى قىلىپ ئۈلگۈرەتتىم .
كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس دىگەندەك ئۇزاق ئۆتمەي بالىمىز يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچتى .تۇغۇت ئۆيى ئىچىدە يىتىپ ئاۋال دوختۇرنىڭ «ئايالىڭىز ئوغۇل تۇغدى »دىگىنىنى ، ئاندىن ئۇنىڭ ھاياجانلانغىنىچە « دوختۇر مەن كۆتۈرسەم بولامدۇ ؟» دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ چەكسىز بەخىت ئىچىدە تەبەسسۇم قىلدىم . بالىمىز ئوغۇل بولسا ئىسمىنى ئەلشىر قويىمىز دىيىشكىنىدۇق ... قىرىقىم توشقىىچە تۇغۇت باققۇچى تەكلىپ قىلىپ بەردى . ئۆزىمۇ ئامال بار ئۆيدە بولدى .ئۆزۈممۇ بىلىپ -بىلمەي تۇغۇت ئىچىدە شۇنداق سەپرا مىجەز بولۇپ قالدىم. ئۇنى تولا سىلكىشلەپ قالاتتىم . ئانچىكىم بىر ئىشلاردا ، بالىنى تۇتۇپ تۇرغاچ قوللىرى قولاشماي كەتسىمۇ خاپا بولاتتىم . ئاندىن يەنە ئۇنىڭغا « تۇغۇتۇمنى باققۇدەك ئانام ياكى قىينىئانام بولمىغىنىدىن كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ سەپرا مىجەز بولۇپ قىلىۋاتقىنىمنى چۈشەندۈرۈپ كەچۈرۈم سورايىتتىم . ئەمدى ئۇنداق ئىتتىكلىك قىلمايمەن دەپ ۋەدىمۇ بىرەتتىم . ئەمما ئۇنداق سەۋەنلىك قايتا تەكرارلىناتتى . ھەر قىتىم شۇنداق بولاتتى .
بۇرۇن بىر كىتاپتىن «بىر ئايال قانچىكىم غەيرەتلىك ، قەيسەر ، مۇستەقىل ، پىشقان بولسا بۇ ئۇنىڭ ھەقىقى مۇھەببەتكە ئىرىشىپ باقمىغىنىدىن دىرەك بىرىدۇ . ئەگەر بىر پىشقان ئايال كۈندىن -كۈنگە ئەركە مىجەز بولۇپ ئۆزگەرسە بۇ ئۇنىڭ يىنىدا ئۆزىنى سۆيىدىغان بىر ئەرنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ . بىرسى تەرىپىدن چوڭقۇر سۆيۈلگەن ئاياللا مەڭگۈ پىشىپ يىتىلىشكە مۇھتاج بولمايدۇ » دىگەن بىر ئابزاس سۆزنى ئوقۇغان ئىدىم . بەلكىم شۇ سۆز توغرا بولسا كىرەك . ئۇنىڭ مۇھەببىتى مىنى ئەركە بالىدەك خەقىشلىك قىلىدىغان قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ . ئۇ يوق چاغلاردا شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا ئۆزۈمنى ئاگاھلاندۇرمەن . بىراق يەنىلا ئۇششاق ئىشلارغا چىچىلىمەن .
نىمە بولغىنىمنى بىلمەيىتتىم .بارا -بارا بىلىشنىمۇ خالىمىدىم . ئۇنى ئۆزگىرىپ قىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋىدىم . ئۇنىڭ راسىت -ئۆزگەرمىگىنىنى سىناش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەركىلەپ يۈرۈپ كىيىملىرىمنى يۇيغىلىمۇ سالدىم . ئۇ ھەرھالدا سىنىقىمدىن ئۆتۈپ يۇيۇپ بەردى . ئەمدى نىمىدىن گۇمانلىنىمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرىپ،قىرىقىم توشقان كۈنى تۇغۇت باققۇچىنى كەتكۈزىۋىتىپ ، ئۆز قولۇم بىلەن ئوخشىتىپ لەغمەن ئىتىپ ئۇنى ساقلاپ ئولتۇردۇم . تاماق ئىتىشنىمۇ خىلى ئۈگىنىپ قالغانىدىم .
شۇكۈنى دەرقەمدە ئولتۇرۇپ تاماق يەپ « ۋەدە بىرەي جىنىم ئەمدى ئوشۇقچە كۈندەشلىك قىلمايمەن ، سىزگە قالايمىقان چىچىلمايمەن . تىلفۇن سۆزلىشىش خاتىرىڭىزنى كۆرىمەن دەپ تۇرىۋالمايمەن . پۇل كارتىڭىزنىمۇ ھەر ئايدا بانكىغا بىرىپ تالۇن چىقىرىپ قاچان نەچچە پۇل ئالدى ، نەچچە پۇل سالدى دەپ تەكشۈرمەيمەن . QQرىڭىزدا بىركىملەر خەت يىزىپ قالسا كىمۇ دەپ كۆزىڭىزگە كىرىۋالمايمەن .بۇنىڭدىن كىيىن سىزگە ئىشىنىمەن . ئەمەلىيەتتە سىز جاھاندىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ، ئەڭ مۇنەۋەر ئەر . ماڭا ئىشىنىڭ ئەمدى سىز بىلەن ئورۇنسىز جىدەل قىلمايمەن » دىدىم . ئۇ مىنى ئۇزاققىچە چىڭڭىدە قۇچاقلىدى . ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ئۇنىڭ مەن ئىيىتقاندەك تۇرمۇشقا ، ئىشەنچكە ، تىنىچلىققا نەقەدەر مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغاندەك بولدۇم . |
|