- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 59
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 53642
- يازما
- 59
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 37 سائەت
|
[
دەرىستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چىلنىپ ئۇزاق ئۆتمەي قىزلار ياتاق بىناسى يەنە ۋاڭ-چۇڭغا تولدى . \
.ماققا كۆڭلۈم تارتماي ئۆيدىكىلەر يىقىندا ئەۋەتكەن ياڭاق ،ئۈزۈم ،باقالى،پىچىنە-پىرەنىكلەرنى ئىشتىھاسىزلىق بىلەن يەۋاتاتتىم. ۋىلىقلاپ كۈلۈشكىنىچە ياتاقداشلىرىم-ئاينۇر بىلەن ئالىيە كىرىپ كەلدى .
_ۋاي ئاداش ...سەن سەپسىلىپ قارىمىدىڭ .ئۇ بالىچۇ قاش كۆزلىرى قاپقارا ،گەۋدىسى كەڭ،لەۋلىرى قىلىن ،شۇنداق كىلىشكەن بالىكەن .نەخلا مەن ياقتۇردىغان تىپلاردىن دىگىنە ...تىرىسنىڭ سۈزۈكلىكىچۇ تىخى ...
بۇئاينۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى .
_ھەي شۆلگىيىڭنى سۈرتىۋالە - ئالىيە ھەييارلىق بىلەن ئۇنىڭغا قولياغلىقىنى تەڭلەپ تۇرۇپ دىدى - سۈرىتىنى كۆرۈپلا كۆيۈپ قالمىغانسەن ؟ ئوغۇل بالا كۆرۈپ باقمىغاندەك قىلىپ .
-ئەجەپ بىركەنسە ...-ئۇ ئالىيەنىڭ چاقچىىقىغا باشقا گەپ تىپىپ بىرەلمىگەندەك تۇرۇپ قالدى .لىكىن تۇرقىدىن ھىلىغىچە ھاياجىنىنىڭ بىسىلمايۋاتقانىلىقى چىقىپ تۇراتتى .
-كىمنىڭ گىپىنى قىلشىۋاتىسىلەر -مەن ئاينۇرنىڭ ھەربىر ئىغىز سۆزىگە ئاشۇرما دەرىجىدىكى سۈپەتلەرنى ئىشلىتىپ ئاجايىپ بىر خىل ھاياجان بىلەن سۆزلەشلىرىگە قاراپ قىزىقىپ سورىدىم .
-ۋاي ھىلىقى كۈندە تىلفۇندا پاراڭلىشىپ يۈرگەن توردىشىنىڭ گىپى بولمامدۇ...
-كۆرۈشمىگەنسەن ؟-ئاينۇرغا قاراپ سورىدىم .
-ياقەي ...سۈرىتىنى ئەۋەتكەن شۇ ...
-ھە ...سۈرىتىنى كۆرۈپ بۇنچە ھاياجانلىنىپ كەتكىنىڭڭە قارىغاندا ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈپ قالساڭ ھوشۇڭدىن كىتەمسەن نىمە؟-دىدىم يەنە
- قەلبى ...ئۇنى بىر دىمە .باياتىن دەرس ئارلىقىدىكى دەم ئىلىش ۋاقتىدا ئۇ بالا رەڭلىك ئۇچۇر ئارقىلىق رەسىمىنى ئەۋەتكەنىدى ،ئىغىزىنى ئىچىپلا قالدى .ناۋادا مەن چاققان كىلىپ ۋاي ئاداش دەپ ئاستىن ئىڭىكىنى تۇتۋالمىغان بولسام ئىڭىكى چۈشۈپ قالاتتى بۇنىڭ ...
ئالىيەنىڭ بۇ چاقچىقىغا ئاينۇر ئۆزىمۇ قوشۇلۇپ ھەممەيلەن ھەممەيلەن كۆزىمىزدىن ياش چىققۇچە كۈلۈشۈپ كەتتۇق .
ھەپتىدە بىر ئادەم بىلەن تونۇشۇپ ئىيىغا بىرسىگە «كۆڭلى چۈشۈپ»قالىدىغان بۇ قىزلارنىڭ نەزىردە مەن«‹مەتۇ»،«كىتاپ خالتىسى »بولغىنىم ئۈچۈن «جىق گەپ قىلىپ چىنىپ قالماي»دەپ چىقىپ كىتىشكە ئالدىردىم .
كارىدۇرغا چىقىپ خىلى ئۇزاپ كەتكەن چىغىمدىمۇ ئاينۇرنىڭ «يەنە بىر قاراپ باقە مانا ئىشەنمىسەڭ »دىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇردى .
توۋا دەيمەن .ئۇلارنىڭ ئەر يەكشەنبسى توردا تونۇشقان يىگىتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئالدىراش ئۆتىدۇ ... ئارلىق ئانچە يىراق بولمىسىلا ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ قارشى تەرەپنى كەلگۈزىدۇ ياكى بولمىسا ئۆزلىرى بىرىشىدۇ .يۇرتىمىزدا مەھەللىدىكىلەر ھەر يەكشەنبە كۈنى دىھقانلار بازىرىغا قوي-كالا كۆرۈپ سىتىۋالغىلى باراتتى ...بىزنىڭ بۇ قىزلار ھەر يەكشەنبە كۈنى يىگىت كۆرگىلى بارىدۇ دىسە ...
بىز ھازىر بۇرۇنقى زاماندىكى قىز-يىگىتلەر بىر-بىرىگە سۆيگۈ مەكتۇپلىرىنى يىزىپ مۇھەببەت باغلاپتىكەن دىيىشكەندەك كىيىنكىلەرمۇ بىزنى بىر چاغلاردىكى قىز-يىگىتلەر توردا تونۇشۇپ ،چۈشنىشىپ ،مۇھەببەت باغلاپ توي قىپتىكەن دەپمۇ قالىدىغان ئوخشايدۇ ...
ئىشقىلىپ ھەركۈنى دەرستىن چۈشۈپلا يىگىتلەرنىڭ پارىڭىنى قىلغىلى ئاران ئۈلگۈرىدىغان ياتاقداشلىرىمغا ھەۋەسمۇ ،ھەسەتمۇ قىلىمەن .قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار خۇشال ! قاچانلا قارىسىڭىز ھىچ ئىشتىن غىمى يوقتەك چاقچاقلىشىپ كۈلۈشۈپ يۈرگىنى يۈرگەن ...
قايسىبىر كۈنى ئاينۇر«كىشىگە ‹نۇر-ئىمان›سۆزىدىكى بىرىنجى بوغۇم -‹نۇر›سۆزىنى ئارلاشتۇرۇپ ئىسىم قويۇش دىننى ئەقىدىمىزدە چوڭ گۇناھ ھىساپلىنىدىكەن »دىگەن گەپنى كۆتۈرۈپ كىرىۋىدى ... ھەممەيلەن تالاش-تارتىش قىلىشىپ ئۆرە-تۆپە بولۇپ كىتىشتى...
-ۋاي ...نەرىڭ بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى سىنىڭ ؟ئەجەپمۇ خۇراپىكەنسە...مانداق بىر ئىلمىي ئاساسى با گەپتىن بىرنى قىلىپ باقە ...
ئالىيەنىڭ گىپى شۇنداق تۈز ...ھەممەيلەن ئۇنىڭ «گەپ يۈزدە ،ئۇسۇل تۈزدە »دەيدىغان مىجەزىگە ئامراق ...
لىكىن بەزىدە سورۇن ،ئورۇن تاللىماي ،شارائىتقا ،قارشى تەرەپنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىگە ،شۇ چاغدىكى كەيپىياتىغا قارىماي قىلىنغان «تۈز گەپ»كىشگە كۆڭۈل ئازادىلىكى ئىلىپ كىلەلمەيلا قالماستىن ،چاڭقاپ تۇرغان كىشىنىڭ ئالدىغا ئەمدىلا ئىلىپ كىلىنگەن ناۋات چايغا چىۋىن چۈشۈپ كەتكەندەك ھەرئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ ...
دىگەندەك ئاينۇرنىڭ چىرايى ئۆڭدى ...ئۇ بىر نىمە دىگۈچە باياتىن بىرى جىق گەپ ئارلاشتۇرماي ئولتۇرغان مەن چاققان كەلدىم ...
-بولدى ...بولدى ...تالاشماڭلار !ئىشقىلىپ مىنىڭ ئىسمىمنى قەلبىنۇر دەمسىلەر قەلبى دەمسىلەر ماڭا ئوخشاش ...
شۇ گەپ بىلەن مىنىڭمۇ ئاتام ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىم ئۆزگىرىپ ‹قەلبى›بولۇپ قالدى ، بۇ پەتىۋانى كۆتۈرۈپ كىرگەن ئاينۇرنىمۇ ھەممەيلەن ‹ئايخان پەتىۋا›دەپ چاقىردىغان بولىۋالدۇق ...
كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىنى سىغىنىشى مۇشۇنداق ئۆز-ئارا چىن كۆڭلىدىن رەنجىشمەيدىغان ،ئاداۋەت ساقلىمايدىغان ،ساددا -سەبىي ،سۆيۈملۈك دوسىتلار بىلەن قىلىشقان ئانچىكىم چاقچاقلاردىن ئالەمچە خۇشاللىق تىپىپ ھوزۇرلىنىپ كۈلىدىغان ئاشۇ مىنۇتلارنىڭ ئىنسان ھاياتىدامەڭڭۈ تەكرارلانمايدىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كىرەك ...
كۈتۈپخانىغا كىرىپمۇ خىلى چاغلارغىچە خىياللىرىم بىلەن خوشلىشىپ بولالماي بىر نوقتىغا تىكىلگىنىمچە كىتابىمنى ھازىرلا قولۇمدىن بىرسى تارتىۋالدىغاندەك چىڭ تۇتۇپ ئولتۇراتتىم ...
دەرسكە قاراشقا رايىم يوق ...ھەي ...كىم دەيدۇ كۈتۈپخانىدا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى كۆڭۈل قويۇپ ئۈگىنىش قىلىدۇ دەپ ...بەلكىم باشقىلارنىڭمۇ تىكىلىپ ئولتۇرغان كىتابىنىڭ ئارىسىدا مىنىڭكىگە ئوخشاش خىيالەن سىردىشىپ يۈرگەن بىرە يىگىتىنىڭ ياكى يىراقتىكى ئاشىقىنىڭ سۈرىتى قىستۇرۇلغاندۇ ...
ئىختىيارسىز ھالدا كىتابىمنىڭ 79-بىتىنى ئاچتىم ... بۇ سۈرەتتە ئاينۇرنىڭ توردىشىنى سۈپەتلەپ ئىيىتقىنىدەك قانداقتۇر قاپقارا كۆزلەر ،قىلىن لەۋلەر،كەڭ گەۋدە يوق ،كىلىشكەن قامەت يوق ...سۈتتەك سۈزۈك تىرىمۇ يوق ...ئۇنىڭدا پەقەت قەلبىمنىڭ تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز شىرىن تۇيغۇلارغا ئەسىر بولۇپ يالغۇز ئۆزۈم سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇپمۇ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ سىلىشىمغا سەۋەپ بولغان بىرسىنىڭ سەل كىچىك ئەمما ئۆزىگە خوپ ياراشقان كۆزلىرى ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى ...
79_بۇئىككى خانىلىق ئەرەپ رەقىمى ...شۇنداقلا مەن ئۈچۇن ئىلىپ ئنيىتقاندا ئۇنىڭ بىلەن بولغان دوسىتلىقىمىزنىڭ باشلىنىشى ... ئۇ مىنىڭ باشلانغۇچ -تولۇقسىز مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ...مەن سىنىپقا كىرىپ بىرىنجى سائەتلىك دەرىسكە قاتنىشىشتىن بۇرۇنلا مۇئەللىم ئۇنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بالدۇر ساۋادىنى چىقىرىپ بولغىنىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى سىنىپ باشلىقى قىلىپ قويۇپتىكەن ... (مەن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى دەرس باشلىنىپ يىرىم ئايدىن كىيىن مەكتەپتە ئوقۇشقا كىرگەن ) ... بىر كۈنى مۇئەللىم ئۇنىڭغا پۈتۈن سىنىپتىكى بالىلارنى بىر-بىرلەپ ساناق سانىتىشقا بۇيرىدى ھەم«بىردىن يۈزغىچە توغرا ھەم تىز سانىيالمىغانلار مەشىق قىلىپ سانىيالىغاندا ئۆيگە قايتىدۇ »دەپ قوشۇپ قويدى ...
باشقىلار يادلاۋاتقاندا مەن ئىچىمدە« 100،90،80،70،60،50،40،30،20،10»تەرتىپىنى يادلاپ تۇردۇم ...نەچچە مىنۇت ئۆتمەيلا نۆۋەت ماڭا كەلدى ...
-3،2،1.......78،77،76....-ساناپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بالىلىق ھىسلىرىمدا ماڭا ئاجايىپ-غارايىباتلاردەك تۇيۇلىدىغان سەكسەن پۇت خىيالىمدىن لاپ قىلىپ ئۆتكەندەك قىلدى دە -80دەۋەتتىم ... قايتا يادلاپمۇ يەنە ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەردى ...ئادەتتە بۇنداق ئىشلارنى سىنىپ باشلىقىغا بۇيرۇپ قويۇپ چىقىپ كىتىدىغان مۇئەللىم بۈگۈن ئۆزى بىر ياندا ئولتۇراتتى ... ھەر قىتىمدا سەكسەن پۇت يادىمغا كىلىۋىلىپ 79نى دىمەي 80گە ئۆتۈپ كىتىشىم مىنى مۇئەللىمگە دەرىستە ئەڭ ئاخىردا قالغان ئوقۇغۇچى قىلىپ كۆرسەتتى بولغاي ...شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا مىنى ئۇنىڭ يىنىدىكى ساۋاقداش بىلەن ئورۇن ئالمىشىشقا بۇيرۇپ ئىككىمىزنى پارتىداش قىلىپ قويدى ... ھەم ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن كىيىن مىنى ئۈگىنىشتە يىتەكلەش توغرىسىدا تاپىلاپ كەتتى ...شۇ چاغدا مەن بىرىنجى قىتىم ئۇنىڭ چىرايىغا تىكىلىپ قارىغانىدىم... مەن شۇ چاغنى يادىمدىن چىقىرىپ قويمىغىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭ سۈرىتىنى ئاتايىن 79-بەتكە قىستۇرۋالغانىدىم ...
يارى -بۇ ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ قىسقارتىلمىسى ... ھەم مىنىڭ خىيالى تۇيغۇلارغا مەھكۇم ئىڭىمدا «ئەرلەر قەۋمى »دىگەن سۆز بىلەن ئىككىسى ئايرىلماس بىر ئۇقۇم...چۈنكى ئۇ مىنىڭ ھاياتلىق ئالىمىمدە مەۋجۇت بولۇپ كىلىۋاتقان بىردىن بىر «ئەر »...قەسەم قىلىمەنكى ئەگەر بۇ ئۆمرىمدە يەنە بىر يات جىنىسقا قىيا بىقىپ قارىغان بولسام كىيىنكى ئۆمرۈم خار-زارلىق ئىچىدە ئۆتسۇن ... ...
مەن تۇغۇلۇپ ئۈچ ئايلىق بولا-بولمايلا ئاتا-ئانام ئاجىرشىپ كىتىپتىكەنتۇق .مىنى بىقىپ چوڭ قىلىش ، تەربىيلەش ھوقۇقى ئانامغا بىرىلگىنى ئۈچۇن ئاتا مىھرى نىمە بىلمەي چوڭ بولدۇم ...ئۇنىڭدىن باشقا مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا بىرخىل كەمتۈكلۈك-ئورنىنى ھىچقانداق نەرسە بىلەن تولدۇرۇپ بولايدىغان تەشنالىق -ئانا مىھرىگە تەشنالىق بار ئىدى ...
بالىلىق دەۋرىمدىكى ئانامغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمە خاتىرلىرىمنى ۋاراقلىسام بىرىنجى بولۇپ «ۋۇ...بىشىڭنى يەيدىغان شۇم ...ئاپەت »دىگەن سۆزلەر يادىمغا كىلىدۇ ... بۇ گەپلەرنى بىرىنجى قىتىم ئاڭلىغان چىغىمدا مەن «شۇم»نىڭ باشقىلارغا بەخىتسىزلىك ئىلىپ كەلگۈچى دىگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەيىتتم ...كۈنلەر ئۆتۈپ مەن «شۇم»نىڭ خۇددى پاشا ،چىۋىنلەرنىڭ كىسەل تارقىتىش ئۈچۈنلا يارالغىنىغا ئوخشاش ،دەرەخكە چۈشكەن قۇرىتنىڭ ياشاشتىكى بىردىنبىر مەخسىتى دەرەخنى يىقىتىش بولغىنىغا ئوخشاش ئىنسانىيەتكە ھىچقانداق پايدىسى تەگمەيدىغان ،بەخىتسىزلىك تىلىگۈچى ،ئاپەت ئىلىپ كەلگۈچى ئىكەنلىكىنى ،كىشى ئەڭ يىرگەنگەن بىزار بولغان ئادىمىنى شۇنداق تىللايدىغىنىنى بىلگەن چىغىمدا بالىلارچە ساددا ھىسلارغا تولغان يۈرىكىم ئۇنىڭدىن بىرىنجى قىتىم ئاغرىدى ...
ئاپام مىنى ئۆزىنىڭ بارلىق بەخىتسىزلىكىنىڭ مەنبەسى دەپ بىلەتتى ...ئۇنىڭ قارىشىچە مەن تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ ئاستىن-ئۈستىن بولۈشى مىنىڭ ئايىغىمنىڭ ياراشمىغانلىقىدىنمىش ...ئەگەر مەن تۇغۇلماي تۇرۇپ ئاجىرىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭ تەقدىرى سەل باشقىچىرەك بولىشى مومكىنكەنتۇق ... مەن سەل ئەقلىمنى بىلگۈدەك بولۈپ ئۇنىڭ بىر دوستىغا مۇشۇنداق بىر گەپلەرنى دىگىنىنى تاساددىپىي ئاڭلاپ قىلىپ بارماقلىرىمنى چىڭ چىشلەپ تامغا يۆلىنىپ تۇرۇپ قالغىنىم ئاندىن «ياق ...ئۇنداق ئەمەس ...ئۇنداق ئەمەس»دەپ ئازاپلىق ئىڭراپ كەتكىنىم ھىلىھەم ئىسىمدە ...
بىر بالىنىڭ يەنە بىر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن باغچىغا قول تۇتۇشۇپ كىتىۋاتقىنىغا مىسكىنلەرچە تىكىلىشى ،تۇيۇقسىز يىنىدىن بىر چاچقاننىڭ يۈگرەپ ئۆتىشىدىن چۆچۈگەن قىزنىڭ ئانىسىدىن پاناھلىق تىلەپ ئىسىلغان كىچىك قوللىرىنىڭ قوپاللىق بىلەن سىلكىۋىتىلىشى ،ئەمدىلا ئون نەچچە ياشلارغا كىرگەن قىزنىڭ تۇرمۇشتىن ئىغىر زەربە يىگەن ئايالدەك ئۆكسۈپ يىغلىشى ...
مانا بۇلار مىنىڭ بالىلىق دەۋرىمدىكى پارچە -پارچە بولۇپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىم ...
ئاشۇ ئەسلىمىلەر ئىچىدە شۇنداق گۈزەل تۇيغۇلارمۇ بار ...
خۇددى مىنىڭكىدەك كىچىك بىر قولنىڭ كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈشلىرىنى ھىلىھەم كۆزلىرىمگە ياش ئىلىپ تۇرۇپ ئەسلەيمەن ،سىغىنىمەن ...
ئۇ -دەل يارمۇھەممەت ...مىنىڭ بالىلىق دەۋرىمدىكى دوستۇم ...بالىلىقىمدىكى بارلىق خۇشاللىق خاپىلىقلىرىمنىڭ گۇۋاھچىسى ... مەن دائىم ھىچقانداق سەۋەپسىزلا ئاپامنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندا ئۇ مىنىڭ يىنىمدا بولاتتى ...سەۋەبىنى بىلسۇن بىلمىسۇن مىنى خۇش قىلىشقا تىرىشاتتى ...سەل كىيىنچە ماڭا تەسەللىي بىرىشنىمۇ ئۇگىنىۋالدى...
بىز شۇ بالىلىق دەۋرىمىزدىكى بەڭۋاش قۇترىتىشى بىلەن مەكتەپتىنمۇ بىللە قىچىپ كىتەتتۇق تىخى .
داۋاملىق ناھىيە چىتىگە جايلاشقان ياڭاقلىققا چىقىپ دەرەخ شىخىغا مىنىۋىلىپ ئولتۇرۇپ شېئر يادلىشاتتۇق ... ئۇ چوڭ ئانىسىدىن ياكى ئانىسىدىن ئاڭلىۋالغان چۆچەكلەرنى ،ماڭا ئىيتىپ بىرەتتى ...بەلكىم شۇ چاغلاردا ئۇ ماڭاھىچكىمنىڭ ئۇنداق چۆچەكلەرنى ئىيتىپ بەرمەيدىغىنىنى ،ھىچكىمنىڭ مىنى قۇچىقىغا ئىلىپ ئەركىلەتمەيدىغىنىنى بىلسە كىرەك .
ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە ئۆزى ئىيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردىكى «چىن تۆمۈر باتۇر »،قار مەلىكىنىڭ ۋىسالىغا يىتىش ئۈچۈن تالاي جاپالارنى چەككەن شاھزادە ئىدى ... ئۇ ھامان بىر كۈنى مىنى خۇددى ئاشۇ شاھزادىلەردەك مىنى ئاق ئىتىنىڭ ئالدىغا مىندۈرۈپ ئاجايىپ گۈزەل بىر ماكانغا ئىلىپ كىتەتتى ... ئۇ يەردە يارى مىنى گۈل -غۇنچىلارنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ ،قەدىرلەپ ئۆتەتتى ... ھەم مىنى ھازىرقى ئۆيۈمدىكى ئىسىل ،قىممەت باھالىق لوڭقىدىن ئىلىپ مۇنبەت تۇپراققا كۆچۈرۈپ ،ئوغۇتلاپ پەرۋىش قىلاتتى . شۇنداقلا ئۇ بىر غۇنچىنىڭ مۇنبەت تۇپراققا ئۆسكىنىنىڭ لوڭقىدا تۇرغىنىغا قارىغاندا ئۆمرىنىڭ تىخىمۇ ئۇزۇن بولدىغىنىنى چۇشىنىدىغان بىردىنبىر ئادەم ئىدى .
چۈنكى شۇ چاغقىچە ھىچكىم مىنى ئۇنىڭدەك ھىمايە قىلىپ باقمىغان ،ھىچكىم ئۇنىڭغا ئوخشاش مەن بىلەن تەڭ بوزەك بولۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ... بۇ خىل ھىسياتىمنى نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئۆزۈممۇ بىلمەيىتتىم ...ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىشلىرىم ئاللىبۇرۇن نۇرمال ساۋاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئىنكار قىلىۋەتكەنىدى .دوسىتلۇق دەيمۇ ؟ نىمىشقا ئۇنىڭدىن شۇنداق ئارتۇقچە ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن ...ئەمىسە مۇھەببەت دەيمۇ ؟ياق ...ياق ... 14~15ياش دىگەن مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى چۈشەنگۈدەك ياشمۇ ئەمەسقۇ ؟
بىز ھەش-پەش دىگۈچە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ياش-ئۆسمۈرلەر سىپىگە قىتىلدۇق ... ئۇزاققا سوزۇلغان يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى زىرىكىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن كىتاپخانىغا ئىشتىراك قىلدۇق ... شۇ ئارلىقتا ئۇ ماڭا «دەھشەتلىك تىھران »ناملىق روماننى بىرىپ تۇردى ھەم ئۆزىنىڭ كىتاپ ئوقۇش خاتىرسىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ چوقۇم ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىمنى قايتا -قايتا تاپىلاپ كەتتى ...
ھەربىر كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ كىتاپ ئوقۇش خاتىرسى يىزىپ ئاۋال ماڭا ئاندىن مۇئەللىمگە كۆرسىتىش ئۇنىڭ دائىملىق ئادىتى ئىدى . تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات كۇرژىكىدىمۇ دائىم ئۇنىڭ ماقالىسى ئۈلگە سۈپىتىدە ئوقۇلاتتى ...لىكىن بۇ قىتىم ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن «كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى »_بىر پارچە ئۇزاققا سوزۇلغان مۇھەببەت خىتى ئىكەن .
ئۇ خىتىدە«دەھشەتلىك تىھران » روماننىڭ بىشىنى ئوقۇپلا ئۆزى بىلەن مىنى پەرۇخ بىلەن ماھىنغا ئوخشاتقانلىقىنى ئەمما ئاخىرىدا ماھىننىڭ پەرۇخقا ئۆز مۇھەببىتىنىڭ مىۋىسىنى قالدۇرۇپ ئۇنى مەڭگۈلۈك تاشلاپ كەتكەن ۋەقەلىكلەرنى ئوقۇغاندا بولسا ئۆز ئوخشىتىشىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن ماڭا ئۇزاق ئۆمۈر تىلەپ ، مۇھەببىتىمىزنىڭ ۋىسال پەسلىگە قەدەم قويشىقا نىسىپ قىلېشىنى تىلىگەنلىكىنى يېزىپتۇ ... ئۆزىنىڭ قانداقتۇر قىزىقىش ،ياكى بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەن ئەمەس ئۆزى ئويلاپ يىتەلىگەن ھەربىر مەسىلنى نەزەردىن ساقىت قىلماي مەن بىلەن بەخىتلىك بولالايدىغانلىغىغا تولۇق ئىشەنچ قىلغاندىن كىيىن بۇ خەتنى يازغىنىنمۇ تىلغا ئاپتۇ ...ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە مىنىلا سۆيدىغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن ۋەدە قەسەملەرنى قىپتۇ . ئۇ بۇلارنى شۇنداق دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەپ چىقىپتۇكى شۇ خەتتىكى بىرەر جۈملە سۆز ھازىر يادىمغا كىلىپ قالسىمۇ ھىلىھەم يۈرىكىم تېپىچەكلەپ كىتىدۇ ... لىكىن مەن ئۇ خەتنى جاۋاپىسز قويۇپ چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپتىمەن .
ئۇ دائىم كىتابى تۇيغۇلارغا باي سۆزلەرنى قىلاتتى .ئۇنىڭ ئىغىزىدىن كىشىلىك ھايات ،غورۇر -ۋىجدان ،توغرىسىدا ئاجايىپ ھىكمەتلەرنىڭ چىقىۋاتقانلىقنى كۆرگەن كىشىنىڭ ئۇنىڭ بىر ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيىتتى ...
ئۇ چەتئەل ئەدەبىياتىنى ياخشى كۆرەتتى .«چوڭ بولغاندا بىر قانچە خىل تىل ئۈگىنىپ ساڭا ئىنگىلىزچە ،روسچە ،ئىسپانچە يىزىلغان كىتابلارنى ئوقۇپ بىرىمەن »،«كىتاب چىقىرىمەن »دەيىتتى ...ۋاي -ۋۇي ! نىمىسىنى دەي ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئارزۇسى مىنىڭ چىچىمدىن تولا ...
مەن بولسام بىرلا ئىشنى يەنى دارلىتام ئىچىشنى ئارزۇ قىلاتتىم .يىتىم چوڭ بولىۋاتقان بالىلارغا ئىللىق بىر ئائىلە بىرىشنى ئىستەيىتتىم ...
[
بىز يەنىلا سىرداش دوسىتلاردىن بولۇپ ئۆتىۋەردۇق.ھىلىقى خەت توغرىسىدا ھىچقايسىمىز ھىچنىمە دىمەيىتتۇق .
راست گەپنى ئىيىتسام جاۋاپ خەت يىزىپ «مەنمۇ سەن بىلەن ئوخشاش ھىسياتتا »دەپ ئۆز كۆڭلۈمنى بىلدۈرسەممۇ بىلدۈرەتتىم ... لىكىن ئۇنىڭ داۋاملىق ئادەم تە قىلدىم دەپ ... «چاقچاق قىلىپ قويسام ،ئەستايىدىل بولۇپ كەتكىنىڭنى قارا...»دەپ بىزەڭلىك بىلەن ھىجارىغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كىلىپ قورقۇپ قالدىم ... ئۇنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىدىن گۇمانلانمىساممۇ ،خىتىدە كۆپ قىتىم ئۆزىنىڭ «ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى »ئەسكەرتىپ كەتكەنلىرىگە قاراپ ئۇنىڭغا تولۇق ئىشەنسەممۇ يەنىلا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئىھتىيات قىلىپ جاۋاپ خەت يازمىدىم ... يەنە كىلىپ قىزلىق غورۇرۇم ھىسياتىمغا كۈشەك سىلىپ قويغانىدى ... مەن ئۆزۈمچە ئۇنىڭ خىتىگە جاۋاپ خەت يىزىشنى كىيىنگە قالدۇردۇم .
مەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتاھان بىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەن تاغا-ھاممىلىرىمنىڭ نەچچە يىلدىن بىرى ئۆزۈم تىلەپمۇ تاپالمىغان كۆڭۈل بۆلۈشلىرىگە ئىرىشىپ قالدىم ...
مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۇتتۈرگەن ناھىىيلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سىناق سىنىپىغا ئۆتەلمىگۈدەك يەردە بولمىساممۇ كىچىك تاغام مەكتەپ مۇدىرى ،ئىلمى مۇدىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرۈپ مىنى ئالدىنقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسپىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى،ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە بىرىنجى بولۇپ باھالانغان ماتىماتىكا مۇئەللىمىنىڭ سىنىپىغا تەقسىم قىلدۇرغانىدى .
يارى داۋاملىق ئوقۇشنى رەت قىلىپ تىل ئۈگەنگۈسى بارلىقىنى ئاتا-ئانىسىغا دەپ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىين ماڭا «نەچچە كۈندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە ماڭىمەن »دىدى ... ئۇ ماڭا بۇ گەپلەرنى مەسلىھەت سىلىپ ئەمەس پەقەت ئۇقتۇرۇپ قويۇش يۈزسىدىنلا دەۋاتقاندەك قىلاتتى ،شۇڭا باشقا گەپ قىلىشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى بىلىپ -قايسى تىلنى ئۈگىنەي دەيسىز ؟-دەپ سورىدىم .
-ئەڭ ئاۋال ئەرەپ تىلى ئۈگىنەي دەيمەن ...
-ھە ...ئۈرۈمچىدە ئەرەپ تىلى كۈرسى بامىكەن ؟ تولا چاقچاق قىلمىڭە ...ئەرەپ تىلى دەرسى ئۆتۈش چەكلىنىدىغاندۇ ؟... -ئۇ ھازىرلا خەۋەرلەردە ،قانۇنچىلىق گىزىتىدە پات -پات تىلغا ئالىدىغان قانداقتۇر بىرەر قانۇنسىز ھالدا دىننى تەشۋىق قىلىدىغان تەشكىلاتلارغا ئەگىشىپ يەر ئاستى ئۆيلەردە تۇرغاندەك چۈچۈپ سورىدىم ...
ئۇ ئاخىرقى سۆزۈمنى چىرايىم ئۆزگىرىپ ،ئەتراپتا ھىچكىم بولمىسىمۇ ئاۋازىمنى پەس قىلىپ دىگىنىمگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى ....ۋە «ۋاي ئادەم دۆت بولا سەنچىلىك بولا ... مەنچۇ ئەرەپ تىلىنى مۇكەممەل بىر تىل سۈپتىدە ئۈگىنىمەن ...تىل ئۈگىنىش ھەرگىزمۇ قانۇنغا خىلاپ ئەمەس ...»دىدى ...مەن ئۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ سەل خاتىرجەم بولدۇم ...
ئۇ يەنە «راستىنى دىسەم ساڭا قىيالماي تۇرىمەن ...لىكىن قەلبىنۇر ...مىنى چۈشەن .مىنىڭ كەلگۈسىدە ما ئايلىق مائاشىم كىلەر ئايغا ئۇلاشسا شۈكرى دەپ باشلىقىمنىڭ قاپىقىغا قاراپ ياشىغىم يوق ... خۇشامەت تۈسىنى ئالغان ساختا ھىجاراشلارغا مىنىڭ كۆنۈشىم مومكىن ئەمەس ... دادام ئوقۇمۇشلۇق ئادەم .ئۇمۇ مىنى داۋاملىق چوڭ بولغاندا ئۆز ئالدىمغا بىر ئىش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ كەلگەن ... يىشىم كىچىك بولغاچقا دەمانلىققا بىرەر سودىغا تۇتۇش قىلىشم بالدۇرلۇق كىلىدۇ ...شۇڭا بىر ئىككى يىل تىل ئۈگىنەي دىدىم ... مەيلى مەن نەدە بولاي نىمىش قىلاي ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئۆزگەرمەيدۇ ... -ئۇ شۇ سۆزلەر بىلەن ماڭا «بىز مۇھەببەتلىشىۋاتىمىز دەپ جاكارلاۋاتاتتى -قەلبىنۇر گەپ قىلساڭچۇ ؟مىنى كۈتەلەمسەن جىنىم ؟
پۈتۈن ھۇجۇدۇم ئوت بولۇپ ينىۋاتقاندەك قىلاتتى ... تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپ قالغاندەك بىرەر سۆز قىلالماي بىر ھازا سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن زور غەيرەتكە كىلىپ بىشىمنى «ئىم »دەپ لىڭشىتتىم ...
ئاشۇ كۈنى ئۇنىڭ تىنىقلىرىنىڭ يۈزىمگە ئاستا -ئاستا يىقىنلىشىپ لەۋلىرىمنى ئۆزىگە ئەل قىلغىنى شۇنداق ئىنىق ئىسىمدە ...
كەچقۇرۇن ئۆيگە قايتىپ ياتاق ئۆيۈمنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ كۈندىلىك خاتىرەمگە مۇنۇ قۇرلارنى يازدىم :2003-يىلى 2-سىنتەبىر16يىشىمدا مەن تۇنجى قىتىم بىر يىگىتنىڭ باغرىغا سىڭدىم ... تۇنجى سۆيگۈمنى ئۆزۈم ئەڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشىمگە تەقدىم ئەتتىم ... كىتابلاردىكىدەك يىغلاپ ،مىشىلداپ ئەمەس ...كىنولاردىدەك ئىسىل بىزەلگەن داچىنىڭ كۆلنى كۆرگىلى بولىدىغان دەرىزە تۈۋىدە سىرىتتىكى مەنزىردىن ھاياجانلنىپمۇ ئەمەس ...ئاشۇ بالىلىقىمىزدا بىللە ئوينىغان ياڭاقلىقتا ! شۇنچىلىك ئاددىى ئەمما شۇنچىلىك ...بىر توپ ھاياجان مىنى قىستاپ كەلمەكتە ... ئاھ بەڭۋاش مۇھەببەت !
مىنىڭ خاتىرەمدە بىز تۇنجى سۆيۈشكەن كۈنى قايتىپ كىلەشىمىزدە قاتتىق يامغۇريىغىپ كەتكەن ئىدى .چىلىق -چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدۇق،ۋىلىسپىتنى بىردەرەخنىڭ ئاستىدا يامغۇردىن دالدىلنىپ كىيىملىرىمىزنى قۇرۇتماقچى بولۇپ توختىدۇق،كىيىملىرىمنىڭ بەدىنىمگە چىڭ يىپىشىپ قالغىنىدىن خىجىل بولۇپ تۇرغىنىمدا ... ئۇ ئوڭ قولى بىلەن كۆكسىمنى ئاستا سىلىغان ...ئاندىن بىز يەنە بىر قانچە مىنۇت بىر جان بىر تەن بولۇپ كەتكەن ئىدۇق ... يارىنىڭ خاتىرسىدە بولسا ئۇ كۈنى ھاۋا شۇنداق ياخشى ... يول بويى كاككۇكلار نىڭ سايرىشى ئاڭلىنىپ تۇرغان ...مەن شۇ بىر سۆيۈش بىلەن بارلىق سۆزمەنلىكىمنى ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلىۋەتكەندەك يول بويى لام -جىم دىمەي قايتىپ كەلگەن ... ئۇ مىنى رەنجىتىپ قويدۇممۇ نىمە ؟دەپ ئەنسىرگىنىچە ئۇخلاپ قالغان ...
مەن رىئال تۇرمۇشۇمغا بىرەر كىتابتىكى ۋەقەلىكنى قىستۇرۋالدىممۇ نىمە دەپ گۇمانلانغان بولساممۇ پەقەت ئەسلىيەلمىدىم ...
شۇنداق قىلىپ يارى بىلەن بىر سىنىپتا بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلايدىغان كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى ... بۇرۇنقى ھەر كۈنى سەھەردە بىللە توپ ئويناپ ،سەھەردە ئىچىلدىغان پىلتە قۇيماق بىلەن سۈت ساتىدىغان دۇكاندا ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل قارىشىپ ئولتۇرۇپ ناشتا قىلدىغان ،يادلاشقا تىگىشلىك دەرىسلەرنى ئۆز-ئارا يادىلتىدىغان چاغلار نەقەدەر گۈزەل ئىدى ھە !
ماڭا مۇئەللىملەر چۈشەندۇرەلمىگەننى ئۇ چۈشەندۈرەلەيىتتى ...بەزىدە تىخى قەستەن چۇشەنمىگەن بولىۋىلىپ قايتا چۈشەندۈرگىلى سالاتتىم ... ئاخشىمى مەيلى قانچىلىك كەچ ئۇخلاي ياكى ئۇيقۇم قىچىپ كىرپىك قاقماي تاڭ ئاتقۇزاي ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بەدەن چىنىقتۇرغىلى چىقىشنى ئۇنتۇپ قالمايىتتم ...كىچىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقى ئىلىپ كەلگەن ھارغىنلىقنى ،شۇنداقلا يۇرىكىمدىكى ھەر بىر مىسكىنلىككە تولغان تۇيغۇنى ساددا سەبىى قەلبى شىرىن ئارزۇلارغا تولغان يىگىتنىڭ خۇش تەبەسسۇمى تارىتىۋىتەتتى ...
ئۇنىڭ ئاللىقاچان توشۇپ كەتكەن كىتاپ ئوقۇش خاتىرسىنى ياستۇقىمنىڭ ئاستىغا قويىۋىلىپ ياشلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بەڭۋاش ھىسلارنىڭ تۈرىتكىسدە قايتا -قايتا ئۇقۇپ چىقاتتىم ...ئوقۇغانىسىرى ئۇيقۇم قاچاتتى .ئوقۇغانسىرى ياشلىق ،مۇھەببەت ،ھايات ،گۈزەللىك توغۇرسىدا تىخمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئويلايىتتم ... مەن تىخى ئويلاپ ئۈلگۈرمىگەن ئۇ ئاللىبۇرۇن كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ بولغان بەزى مەسىللەر ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزەتتىم ... شۇنداق قىلاپ يۈرۈپ قانچىلىغان كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگنىنم يادىمدا يوق ...
ياندۇرقى يىلى 27-فىۋرال ... بىزنىڭ ئەمدىلا بىخ سۈرگىلىۋاتقان مۇھەببىتىمىز ئۈچۈن قىيامەت -قايۇم بولدى ...
ئۇ تەتىل بولۇشى ھامان قايتىپ كەلگەنىدى ... ئالدىنقى كۈنى كۆرۈشكەندە بىز بالىلىق دەۋرىمىزنى ئەسلىشىپ كىمنىڭ مۇئەللىمدىن قانداق يىگەنلىكى ،كىمنىڭ قانداق كەپسىزلىك قىلغانلىقى ،ھەتتا يارى ماڭا تۇتۇپ بەرگەن قۇشقاچنىڭ رەڭگىدىن تارتىپ ئاغزى -ئاغزىمىزغا تەگمەي سۆزلىشىۋېتىپ ناھىيە چىتىدىكى ياڭاقلىقنى ،بالىلار بىلەن قوغلىشىپ ئويناشقان ئىدىرلىقلارنى بەكمۇ سىغىنغىنىمنى ئىيىتقانىدىم ...يارى مىنى بۈگۈنكى كۈندە ئەكەلمەكچى بولغان ھەم دىيىشكەن يەردە كۆرىشىپ «مىڭ يىللىق ياڭاق دەرىخى »نىڭ يىنىغا يىتىپ كەلگەنىدۇق ...
بىزئادىتىمىز بويىچە پەسرەك شاخقا مىنىپ ئولتۇردۇق ...
-ھەي ...ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىڭنى بىر سىناپ باقايمۇ ؟-دىدى يارى
-قانداق قىلىپ ؟-ئۇنىڭ يەنە بىرە تىتىقسىز چاقچاق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇپ سورىدىم .
-11يىل ئاۋال ئۈگەنگەن ئىلىپبە دەرىسلىكىدىكى شىئرلانى يادىلتىپچۇ ...
-ھىساپ ... ئەمسە بەسلىشەيلى ! -دىدىم قاتتىق ئىشەنچ بىلەن
بىز «ئورغاق ئايغا ئولتۇردۇم »،«چىك چىك چىك»،«ئىتتىپاقلىق -كۈچ »،«دەپتەرلەرنىڭ نالىسى »دىگەندەك شىئرلانى ۋە «مەن ئېلىپبەنى تۈگەتتىم »،«ۋەتىنىمىزنىڭ پايتەختى بېيجىڭ » قاتارلىق تىكىستلەرنى يادلاشتا بەسلەشتۇق ... بىرىمىز ئازراقلا ئىزىپ كەتسەك ياكى توختاپ قالساق يەنە بىرسىمىز بىگىز بارمىقىمىز بىلەن دىيەلمىگەن تەرەپنىڭ پىشانىسىگە چىكەتتۇق ... مەن ئارىدىن بىر تىكىستنى دەۋىتىپ ئازراق توختاپ قىلىۋىدىم ...«ھەي!ھەي!ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىڭ نىمانداق تۆۋەن .قانداق بولۇپ سىناق سىنىپقا ئۆتۈپ قالغانسەن» دەپ تە قىلىۋالدى ...
بىز يەنە «تاش ،قايچا ،رەخىت ئويۇنى»ئوينىدۇق .مۇنداقچە ئىيىتقاندا بۇنى يىگىلگەن تەرەپ يەڭگەن تەرەپ قويغان شەرىتلەرنى ئورۇنلايدىغان «شەرت قويۇش ئويۇنى »دىيىشكىمۇ بولاتتى ...
مۇشۇنداق ئويۇنلاردا مەن نىمىشقىكىن ئۇنىڭغا يىڭىلىپ قالاتتىم .
«ئاۋۇ دەرەخنى يېگىرمىنى ئايلان » «ماۋۇ شىئىرنى مەن توختا دىگۈچە ئوقۇ »«خورازنى دورا»«مۈشۈكنى دورا »«كالىنى دورا »... ۋاي -ۋۇي !شۇ شەرىتلەرنى ئورۇنلاپ بولغۇچە يىغلىۋىتەيلا دەپ قالدىم ... ئەڭ ئاخىردا ئۇ ماڭا «توختا دىگۈچە ئوقۇ »دەپ شەرىت قويغان بەش كۇپلىت شېئرنى يىگىرمە نەچچە قىتىم ئوقۇتۇش جەريانىدا ھىس قىلغان ۋەزىن ،قاپىيە ،رىتىم جەھەتتىكى قاملاشمىغان يەرلىرىنى تۈزىتىۋالدى ...
شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ سەل كەچ قالدۇق ... يارى ئۇنمىنىمغا ئۇنىماي مىنى ئۆينىڭ ئالدىغىچە ئەكىلىپ قويغانىدى ...
ئويلىمىغان يەردىن تاغام ئۆينىڭ ئالدىدا مىنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ ...
مەن بۇنداق كۆيۈمچان تاغامنىڭ بارلىقىنى پەقەت ھىس قىلماپتىكەنمەن ...
ئەسىرىمنىڭ ژانىرىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق ... قەستەن يازمىدىم ... سەۋەبى ئەسلى ھىكايە يازماقچى ئىدىم ... مۇنبەرگە يوللاش جەريانىدا بەزى مەزمۇنلانى ئۆزگەرتىپ كىڭەيتىپ دىگەندەك پوۋسىت بوپ كىتىدىغان چىراي تۇرىدۇ ... توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن ...داۋامى مۇشۇ تېمام ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە يېزىلىدۇ.
|
|