- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 59
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 53642
- يازما
- 59
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 37 سائەت
|
ئوقۇشقا باشلىدىم ...
يارى ... مەن ئىنتايىن غەلىتە ياق ئىنتايىن قوقۇنۇچلۇق بىر چۈشنى - پەرھات تۇرسۇننىڭ ئۆلىۋىلىش سەنئىتى ناملىق كىتابىنى كۆردۇم .
قەشقەر پىداگوگىگا ئۇنۋىرىستىتىدا ئوقۇيدىغان بىر تۇققىنىم ماڭا بۇ كىتابنى «ئۇيغۇر يازغۇچىلار يىزىپ چىققان كىتابلار ئىچىدە ئىنسان پىسخىكىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر كىتاب .بۇ كىتابنى تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەر ئوقۇپ ئۆز جىنايىتىنى ئۇنتۇپتىكەنتۇق .كىتاپخانىلاردا يوق مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن ئارىيەت ئىلىپ ئوقۇۋاتىمەن ...›› دىۋىدى .شۇنداق قىزىقتىم ۋە تالىشىپ تۇرۇپ ئىلىپ كىچىنى -كىچە دىمەي ئوقۇپ تۈگەتتىم ...
كىتابنىڭ بىرىنجى بىتى « ئاھ ! سۆيۈش قىيىن بولغان قۇياش ...
ئۇپۇققا قاراپ چەكسىز سوزۇلغان يول ...
پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە يەر سانسىزلىغان يوللارئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ .بۇ يوللار ئىنسانلارنىڭ پۈتمەس- تۈگىمەس ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ مەھسۇلى .پەقەت قۇياش چەكسىز بوشلۇقتا نۇر چىچىپلا تۇرىدىكەن ئىنسانلار ھامان بۇ يوللاردا مىڭىشقا ،ئۆزلىرىنىڭ قىنىپ بولماس ئارزۇ -ئارمانلىرىغا يىتىش ئۈچۈن تىرىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ .بىراق ھەممە يولنىڭ ئەڭ ئاخىرى كىچىپ بىر چىغىر يولغا تۇتىشىدۇ .بۇ چىغىر يول ھەر قانداق ئادەمنى بىر قەبرىگەئىلىپ بارىدۇ ...››دەپ باشلىنىپتۇ .
ھەربىر ئادەمنىڭ «ئىڭە ››دەپ تۇغۇلغان ئاشۇ بىر دەقىقىسى ئۆلۈمگە تاشلانغان تۇنجى قەدەم .
مۇھەببەتنىڭ ئەڭ ئازاپلىق يوللىرىمۇ تۇرمۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق باشقا يوللىرىدىن پارلاق ھەم شەرەپلىك . پۇشكىن
ئادەتتىن تاشقىرى رومانتىكلىشىپ ،خىيالپەرەس بولۇپ كىتىشمۇ ئىنسان ئۈچۈن پاجىئە .
مۇھەببەت تىرىلىدىغان يەر تاپالماي مەڭگۈ ئۇرۇق پىتى تۇرغىنىدىن قاقاس چۆلگە تىرىلغىنى ئەلا .
گۈزەللىك مۇقەددەس ،مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سىرلىق بولىدۇ .
مەن بۇرۇن قانداق ياشاشنى ئۈگىنىۋاتىمەن دەپ ئويلىغانكەنمەن ،ئەمەلىيەتتە ئۈگەنگىنىم قانداق ئۆلۈش ئىكەن . داۋىنچى
مەن يۇقارقى سۆزلەرنى ياخشى كۆردۇم .
يارى كىتاب ئادەم چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىچىنىشلىق يىزىلىپتۇ .ھىلىھەم كۆڭلۈم غەش مىنىڭ ...
مۇنۇ قۇرلارغا قارا :
دىئالىكتىك ماتىرىيالىزىمنىڭ قارىشىچە -ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ ،بۇ قانۇنىيەت .ئادەم ئۆلۈپ چىرىپ توپىغا ئايلىنىدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ روھىي پائالىيتىمۇ تامامەن ئاياغلىشىدۇ .يەنە روھىمۇ ئۆلىدۇ .بۇ مەڭگۈلۈك قانۇنىيەت .
ھىچقانداق ئادەم بۇ قانۇنىيەتتىن قىچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس .بۇ كۆز قاراش شۇ قەدەر دەھشەتكى ئەگەر ھەممە ئادەم بۇنىڭغا راستىنلا شەكسىز ئىشەنسە ئادەملەر تۈگىشىپ كىتىدۇ .بىراق بۇ پەقەت نەزىرىيدىنلا ئىبارەت .چۈنكى ھىچقانداق ئادەم بۇنى ئۆلۈش ئارقىلىق سىناپ باقمىغان . نۇرغۇن ئادەم بۇنىڭغا تامامەن ئىشنىمىز دىيشىدۇ ،بىراق ئۇلار ئىشەنگەن بولسا چوقۇم ئۆلۈۋالاتتى .
كىشىلەر شۇنچە جاپا-مۇشەققەت ۋە ئازابلارغا بەرداشلىق بىرىپ نىمىشقا تۈگىمەس تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ؟نىمە ئۈچۈن جان-جەھلى بىلەن تىرىشىپ تىرمىشىپ ياشاپ يۈرىدۇ ؟
ئەگەر ئۇلار ئەنە شۇنداق زور تەتقىقاتلار بىلەن دۇنيادا شۆھرەت قازانماقچى بولسا ،ئۇنىڭغا شۆھرەتنىڭ نىمە كىرىكى ؟ئۇمۇ ھەممە ئادەمگە ئوخشاش ئۆلۈپ تۈگەيدىغۇ ؟
شۇ نەزىرىيە بويىچە ئىلىپ ئىيىتقاندا بىراۋنىڭ ئۆزىگە ياغدۇرلىۋاتقان بارلىق ئالقىش سادالارنى ھىس قىلالىشى مومكىن ئەمەس .ئۆلگەن ئادەم ئۈچۈن ھەممە بەرىبىر .
ئەگەر يوقسۇللارنىڭ ھۆرلۈكى ،باراۋەرلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان بولسا .ھۆرلۈك ،باراۋەرلىكنىڭ كىشىلەرگە نىمە كىرىكى ؟كۆرەش قىلىشنىڭ نىمە كىرىكى ؟
ھەممە ئادەم ئۆلۈپ چىرىپ يوقۇلىدىغان ،مەڭگۈلۈككە تۈگەيدىغان تۇرسا .ئۆلگەندە ئادەملەرنىڭ ھەممىسى باراۋەر بولىدۇ .ئۇنداقتا نىمىشقا كىشىلەرنى ئۆلىۋىلىشقىلا سەپەرۋەر قىلمايمىز ؟! ئۆلگەندىن كىيىن ھىچكىم جاپا چەكمەيدۇ ،بىرى دوزاخقا بىرى جەننەتكە كىرمەيدۇ ،بىركىمنى بىركىم بوزەك قىلمايدۇ ...ئادەملەر پۈتمەس تۈگىمەس ھەم قاندۇرۇپ بولغۇسىز ئارزۇ ھەۋەسلىرى قوينىدا ئازاپلانمايدۇ .بۇ مۇتلەق ھەقىقەت ! بۇ ماركىسىزىمنىڭ ئەمەس پۈتكۈل تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھەقىقىتى...
-دەرھال ئۆلىۋىلىش كىرەك !
يارى ! پۈتۈن كىتابنى ئوقۇپ تۇگەتكۈچە ئۆز-ئۆزۈمدىن ئاپتۇرنىڭ ياراتقىنى زادى قانداق پىرسۇناژ ؟ يازغۇچى مۇشۇ قۇرلار ئارقىلىق ماتىرىيالىزىمچىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان پىكىرنى ئوتتۇرغا قويىۋاتامدۇ ؟ لىكىن كىتابتىكى پىرسۇناژ راستىنلا ئۆلىۋالماقچى بولىدىغۇ ؟ ئۆز نوقتىنەزىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆزى ياراتقان پىرسۇناژنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ ئاندىن ئۇنىڭ جەسىتىنى دەلىل ،ئاساسلار ئورنىدا پۈتۈن دۇنياغا كۆرسىتىش نەقەدەر رەھىمسىزلىك -ھە ؟
ئاپتۇر كاللىسىدا ھەرخىل دىننىي ئەقىدىلەر ،ھەرخىل دۇنيا قاراش ،قىممەت قاراشلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىغۇسىز دەرىجىدە بىرلەشتۇرۋالغان بىر پىرسۇناژنى يارىتىپ ئاندى ئۇنى شۇنچىۋالا ئازاپقا دۇچار قىلىشى ھەتتا ئۆز قولى بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرشىدىكى مەخسىتى نىمە؟ ئۇ شۈنچە ۋەقەلىكنى زىرىكمەي تىرىكمەي شۈنچە ئىنچىكە تەسۋىرلەپ يەتمەكچى بولغان مەخسىتى زادى نىمىدۇ ؟
كىتابتىن بىرە تەربىيەگە ئىرىشكىم بار ئىدى .لىكىن ئىرىشكىنىم كۆڭۈل غەشلىكى ،ئازاپ بولدى ...
شۇ تاپتا خۇددى مەسىت بولۇپ قالغاندەك ھىچنەرسىنى ئويلىيالمايۋاتىمەن .ئويلىغىممۇ يوق .يارى مەن ئارام ئىلىشىم كىرەكتەك قىلىدۇ . خەير .بۇ كىتاب ھەققىدە بىز يۈزتۇرانە پىكىرلەشسەك دەيمەن . |
|