- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 59
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 53642
- يازما
- 59
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 37 سائەت
|
يارى ... ياخشى كۆرۈش ،سۆيگۈ مۇھەببەت ئۈچۈن تەبىر يىزىشقا قەلىمىم ئاجىزلىق قىلىدۇ . بەلكىم ئۇ بىر خىل ئۇزاق مەزگىل بىللە يۈرگەنلىكتىن پەيدا بولغان كۆنۈپ قىلىش تۇيغۇسىنىڭ تەرەققى قىلىپ مەلۇم بىر باسقۇچقا يەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر .
سىاڭا كۆنۈپ ،سىنى ياخشى كۆرۈپ -ئۆزۈم ياشاۋاتقان كاپىتالىستىك دۆلەتتىكى پومىشچىكتىن ئۆز يىرىمگە -ئۆز يۈرىكىمگە ئۆزۈم ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىپ ئۇنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىدىم ... بەلكىم مەن قۇل بولۇپ تۇغۇلغان ئىكەنمەن قۇل بولۇپ ئۆلۈپ كىتىشىم ،مەڭگۈ رايىش بولۇشۇم كىرەكتۇ ؟ بەلكىم زالىم بولسىمۇ بىشىمنى سىلاپ ماڭا ئانچە -مۇنچە خەيرىخاخلىق قىلغان پومىشچىكقا يۈز كىلەلمەيدىغاندىمەن . ئۇ مىنىڭ يىرىمنى ئىگىلىۋالغان بىلەن مىنى ئۆزىگە قۇل قىلىش ھىسابىغا ئۆلۈپ قالماي ئۆزىگە داۋاملىق ئىشلەپ بىرىشىم ئۈچۈن ماڭا تالاي تاياق ،تىل -تىپىكلىرىگە ئارلاشتۇرۇپ ئاش ،نان يەنە سۇ بەرگەن ئەمەسمىدى ؟ «بىشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىخىڭ شۇ !»دەپتىكەن كونىلار . ھىساپتا ئۇ مىنىڭ بىشىمنى سىلىغان ...
يارى !بىلەمسەن ؟ شۇ تاپتا مەن تەسەللىگە مۇھتاج.ئەپسۇسكى يىنىمدا ماڭا تەسەللىي بەرگۈدەك ،قىيىنچىلىقنى يىڭىشكە ئىلھاملاندۇرغۇدەك ھىچكىمىم يوق ...ئائىلەمدىكىلەرگە قىيداپ قالدىم .بىرەر ئىشتىن كۆڭلۈم رەنجىپ ئەمەس ،تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن ئوقۇغۇچىدە
ك گۇناھكارلارچە تۇيغۇدا ئازراق ھودۇقۇپ ،ھەممىگە تەڭ باتناپ ،قىيداپ قالدىم. كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم .تاماقمۇ يىمەي ياتاق ئۆيۈمگە كىرىۋىلىپ بۇ خاتىرىگە جاۋابسىز خەتلەرنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . مەن ئاستا -ئاستا كۆپ سانىلىقنى ئىگەللەيدىغان دەرىستە يا ئالدىنقى قاتاردا يا كەينىدە قالغان سانالمايدىغان ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا قوشۇلۇپ كىتىپ بارىمەن ...شۈنچە تىرىشقاندەك قىلساممۇ پەقەت نەتىجىسى كۆرۈلمەيۋاتىدۇ . ماڭا كىچىكىپ بولسىمۇ مىھرىبانلىق يەتكۈزۋاتقان قىرىنداشلىرىم ئالدىدا مەن پەقەت ياخشى ئىش قىلمايۋاتقىنىمنى بىلىمەن .يىغلىغۇم بار لىكىن يىغلىغۇدەك بىرەر سەۋەب تاپالماي قىينىلىپ كىتىۋاتىمەن .مۇشۇنداق چاغدا پومىشچىك كىرىپ «دەرىسكە قارىماي ،نىمە قىلىۋاتىسەن ؟»دەپ نەچچە ئىغىز تىللاپ قويسىچۇ -ھە ؟ ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا مەن تازا يىغلاپ ئىچىمنى بوشىتىۋالغان بولاتتىم ...
قىرىشقاندەك بۈگۈن يىنىمغا ھىچكىم كىرمىدى ...
يارى ! تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىقىدا ئەدەبىيات كۇرژۇكىنىڭ مەسئۇل مۇئەللىمى «مىنىڭ دادام »تىمىسىدا ماقالە يىزىش تاپشۇرقىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا مىنىڭ «ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام تۇيۇقسىز مىنى ئىزدەپ كەلسە ...» دەپ ماۋزۇ قويۇپ يازغان ماقالەم يادىڭدىمۇ ؟
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام تۇيۇقسىز مىنى ئىزدەپ كەلسە مەن ئۇنى ھەرگىزمۇ دادا دەپ چاقىرمايمەن .چۈنكى ئۇ مىنى ئەزەلدىن بالام دەپ چاقىرىپ باقمىغان .
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام تۇيۇقسىز مىنى ئىزدەپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا مىنى باغرىغا بىسىش پۇرسىتىنى بەرمەيمەن ،چۈنكى ئۇ مىنى بىر قىتىممۇ قۇچىقىغا ئىلىپ كۆتۈرۈپ ئەركىلىتىپ باقمىغان .
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام تۇيۇقسىز مىنى ئىزدەپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا ئاچچىق سۆزلەرنى قىلمايمەن ،ئەكىسچە ئۇنىڭدىن مۇلايىم ئەھۋال سوراپ ،ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئۇنىڭ تەربىيسىنى ئالمايمۇ ،ئۇنىڭ مىھرىسىزمۇ
قانچىلىك ياخشى چوڭ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويىمەن .
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام تۇيۇقسىز مىنى ئىزدەپ كەلسە شۇ كۈندىن باشلاپ پەرزەنىتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىدىغانلىقىمنى ،كىيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش خىراجىتىنى بىرىدىغانلىقىمنى ئىيتىپ ئۇنىڭغا نىمىنىڭ مەسئۇلىيەت ،مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويىمەن .ئەگەر ئۇنداق قىلمىسام مەن ئۆچلۈك قىلغان ،نەپرەتلەنگەن ئادەمدىن يەنى ئۇنىڭدىن نىمە پەرقىم ؟
ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام تۇيۇقسىز مىنى ئىزدەپ كەلسە مەن ئۇنىڭغا بارلىق مىھرىم بىلەن كۆڭۈل بۆلىمەن .مەن زەھەردەك سۆزلەرنى ياغدۇرسام ،ئۇنى ھاقارەت قىلسام بەلكىم ئۇ ئۆزىنى يىنىكلەپ قالغاندەك سىزىشى ،ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەندەك سىزىپ ۋىجدان ئازابىدىن ئازراق بولسىمۇ قۇتۇلىشى مومكىن ،مەن ئۇنىڭغا ئۇنداق پۇرسەتنى بەرمەيمەن ...
شۇ قۇرلار كىچىك يۈرىكىمدىن ئەكىس ئەتكەن چىن ھەقىقى سۆزلەر ئىدى . بۇنى سەن بىلىسەن يارى ...
بۈگۈن ئۇ مىنى ئىزدىدى . شۇنداق تۇيۇقسىز ...
بىر ۋاخ تاماق ! بىر تەخسە توخۇ گۆشى قوردىقى ! بەلكىم بىر پارچە توخۇ گۆشىىدۇر !
گۇيا مەن قورداقنى ئەمەس ،قورداق مىنى يۇتۇۋاتقاندەك ...
ئانا ،بالا ،دادا ... يارى ، بۇ ئۈچ سۆزنى سىزىقچە بىلەن ئەمەس بەلكى پەش بىلەن ئايرىپ يازغىنىمغا دىققەت قىلىۋاتامسەن ؟ دىققەت قىلغان بولساڭ سەۋەبىنى سورىشىڭ چوقۇم . چۈنكى بۇ ئۈچ خەت ئارىسىدا دۇنيانىڭ ھەر قانداق يىرىدە باغلىنىشى بولىشى مومكىن لىكىن بۇ يەردە يوق .
ئۈچ ئادەم بىر داستىخاندا جەم . 16يىللىق ھاياتىمدا بىرىنجى قىتىم ! «بىر ئائىلە كىشىلىرى » بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىيىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم ...
ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا قىلىشقان تەنە گەپلىرىنى قايتا يادىمغا ئالغۇم ،ساڭا ئىيتىپ يۈرگۈممۇ يوق ...
قىسقىسى بىر ۋاخ تاماق ماڭا ئىككى ئادەمنىڭ تەربىيە قىلىشى بىلەن يىيلىپ تۈگىدى .تەسەۋۇرۇمدىكىدەك ئارىمىزدا ئوڭايسىزلىنىش ،كەچۈرۈم سوراشلار بولمىدى .ئۇ مىنى كىنولاردىكى ئۇزاق يىل تاشلىۋەتكەن پەرزەنتى بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئاتىلاردەك يىغلاپ تۇرۇپ باغرىغا تارىتمىدى .
شۇ تاپتا تەسۇرۇمغا سىغمايۋاتقىنى ئۇلارنىڭ خۇددى دىيشىۋالغاندەك مىنى گەپ ئارلىقىدا «ئۇكام »دەپ قىلىشى ...
مەن ئۆز -ئۆزۈمنى مەڭگۈ ئۇ ئادەمنى دادا دەپ چاقىرماسلىق توغرىسىدا يەنە بىر قىتىم ئاگاھلاندۇرۇپ ئۇ تەڭلىگەن پۇلنىمۇ ئالماي قايتىپ كەلدىم ... شۇ تاپتا ئۆزۈمنى بۇ دۇنياغا ئارتۇق تۆرىلىپ قالغاندەك تولىمۇ بىچارە ھىس قىلىۋاتىمەن .
بىر ئادەمنىڭ ئۆز -ئۆزىنى بىچارە ھىس قىلىشى ،باشقىلار تەرىپىدىن بىچارە قارىلىشتىنمۇ ئۆتە ئازاپلىق ! يارى ...سەندىن ئۆتۈنەي ،مىنى چۈشلىرىڭدە بولسىمۇ باغرىڭغا مەھكەم باسقىن ،ماڭا « دۇنيادا ھىچكىم سىنى كىرەك قىلمىسىمۇ مەن كىرەك قىلىمەن ...سەن ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە ئادەم ئەمەس » دىگىن ...
|
|