- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 59
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 53642
- يازما
- 59
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 37 سائەت
|
غىژژىدەقىلغان ئاۋاز بىلەن تىلفۇنىمغا قىسقا ئۇچۇر كىلىشى خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى .ئۇچۇر ئايخان پەتىۋادىن كەلگەن ئىدى : ۋاي خانئاچا .قارنىڭ بىر ئاچقاندەك قىلامدۇ يا؟ ئۈگىنىۋىرىپ ساراڭ بولۇپ قالىسەن جۇمۇ ؟چىق بولدى تاماق يەيمىز ...
شۇلارنى ئويلاپ سائەت ئىستىرىلكىسى 3نى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى
ئۇنىڭ ئۇچۇرى بىر پارچە مۇزنىڭ ئۆزى .ئۇنىڭدىكى ئىللىقلىقنى ،كۆيۈنىشنى پەقەت بىر پارچە ئىغىزىغا سىلىپ ئۇسۇزلىقىنى قاندۇرۇپ باققان ئادەم ھىس قىلالايدۇ .
شۇلارنى ئويلاپ يا چۈشلۈك تاماققا يا كەچلىك تاماققا تەۋە بولمىغان غىزاغا ھەمداستىخان بولغىلى ماڭدىم .
-كەچلىك تاماق ۋاقتى بولمىدىغۇ تىخى ؟
-ئۈچ ۋاخ تاماقنى دەل ۋاختىدا ئىتىپ ئۆچرەت ساقلاتماي بىرىدىغان ئانىڭىز يۇرىتتا قالدى ،چۈشتىن كىيىن دەرس بولمىغاندىكىن مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئادەم ئاز چاغدا چىقىپ يەيلى دەپ ھازىر ماڭدۇق بولماپتۇما ؟
تويە مانا گەپ قىلغانغا !
ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلىپلا مەخسەتسىز سوراپ قويغان گىپىمگە بىرىلگەن جاۋاپنىڭ قوپاللىقىدىن سەل بىئارام بولغاندەك بولدۇم لىكىن يەنىلا رەنجىپ يۈرۈشنى ئارتۇقچە كۆرۈپ تولۇق ئۆز شىۋەمنى ئىشلىتىپ«ۋاي بولمامدىغان !سىلە قىغان ئىشنىڭ قايسى بىرسى بولماي باققان »دىگىنىمچە بىلىكىدىن سۆرەپ ئىلىپ ماڭدىم . پەتىۋا ئۇنىڭغىمۇ گەپ تىپىپ بىرىپ ئۈلگۈردى «يا ئاللا ئەجەپ بىلىكىمدىن تارتىپ كەتتىڭيا ؟سەنزە ئاشۇ بالامنى ئويغاتمىسام چىچىپ ياتامتى ؟دىگەندەك بىز چاقىرمىغان بولساق ئاچلىقتىن ئۆلۈپلا كىتىدىكەنسە -ھە ؟»
-يا ئاللا پەتىۋا ،ئەجەپ بىر گىپىم بار دەپ دەلىۋىردىكەنسە ؟ بولدى بىر ماڭغىنا -دىدىم يەنە ئالدىراپ
.
ئاشخانىغا كىردۇق ! دىيشىۋالغاندەك بىر سىنىپتىن ئون نەچچەيلەن بىراقلا تاماققا چىقىپتۇق ...
ئۇچرىغانلار بىلەن ئۇنى-بۇنى دىيشىپ ،چاقچاقلىشىپ ، ياندىشىپ كىلىپ ئولتۇرۇپ تاماق چىقىشنى ساقلىدۇق .
قانداق بولۇپ ھەممەيلەننىڭ پاراڭ تىمىسى بىر ساۋاقدىشىمىزنىڭ قولىدىكى جالالىدىن بەھرامنىڭ«ناتىۋانلار »ناملىق رومانىغا مەركەزلىشىپ قالدى .بىر قانچەيلەن «ياخشىمىكەن ؟»«ئوقۇپ نەرىگە كەلدىڭ »«ئوقۇپ بولۇپ ماڭا بىرىپ تۇرغىن »دىيىشتى ...
پەتىۋانىڭ يەنە ئىغىزى قىچىشتى بولغاي ماڭا قاراپ -جالالىدىن بەھرامنىڭ كىتابى دىسە ئۆلۈپ بەرمىسەڭمۇ كىسەل بولۇپ بىرەتتىڭ ،ئەجەپ مەن ئوقۇۋالاي دەپ ئالدىن زاكاس قىلماي ئولتۇرسىنا -دىدى .
-قەلبىنۇر بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندۇ ھەقاچان؟بىز ئەمدى قولىمىزغا ئىلىپ تۇتۇپ باققان بىلەن .
ئارىدىن بىرەيلەن مەندىن كىتابنىڭ ئاساسلىق نىمە مەزمۇندا يىزىلغانلىقىنى سورىغىانىدى . سەل ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن «بىر ئىغىز گەپكە يىغىنچاقلىغاندا غولجىلىقلار بىلەن قەشقەرلىقلەرنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ تەسۋىرلەپ تۇرۇپ ئەل ئىچىدىكى يۇرتۋازلىقنى سۆكۈپ يىزىلغان ئەسەر .»دەپ جاۋاپ بەردىم .
شۇ بىر گەپ بىلەن پارىڭىمىزنىڭ تىمىسى - «غولجىلىقلار بىلەن قەشقەرلىقلەر»گە مەركەزلەشتى ۋە ئەڭ ئاخىردا غولجىنىڭ قىز يىگىتلىرىگە كىلىپ توختىدى
-غولجىدا قىزنى ئەپقىپىپ توي قىلىش بىر خىل ئۆرپ -ئادەت دەپ قارىلدىكەن بۇ راسىتمۇ گۈلگىنە ؟
ئارىدىن كىمدۇر بىرەيلەن غولجىلىق قىز ساۋاقدىشىمىزدىن سورىدى .
-غولجىدا توينىڭ قائىدىلىرى ،چىقىمى ئىغىر بولغاچقا يىگىت تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك بولغاننى ئىلىشقا ئامالسىز قالىدىغان ئىشلار جىق شۇڭا قىچىپ كىتىپ توي قىلىدىغان ياشلارمۇ ئاز ئەمەس .لىكىن ھەممىسمۇ ئەمەس ،مەن بىر يەردە قىز ئىلىپ قاچىدىغان ئۆرپ-ئادەت بار دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم ،سىلەر ئەجەپ ئاڭلاپسىلەر ؟-ئۇ قاشلىرىنى ئوچۇرۇپ ،كۆزلىرىنى ئويناتقاندەك بىر قىلىق قىلىپ جاۋاپ بەردى.
-ۋاي ! شۇنداق كۆتۈرۈپ بولالمىغۇدەك چىقىم كىتىدىغانغا تاپانىمدىن چوقامغىچە ئالتۇن دۆۋلەپ بەرمىسەڭ تەگمەيمەن دىمەيدىغانسىلە ؟
بىر قەشقەرلىك ئوغۇل ساۋاقدىشىم شۇنداق بىر گەپ سورىغاندەك قىلدى .
گۈلگىنەنىڭ سۆزى - قىز يىگىتلەر مۇھەببەت باغلاپ توي قىلىش باسقۇچىغا يەتكەندىن كىيىن ئىككى تەرەپ ئاتا -ئانىلىرىنىڭ رازىلىقىنى ئىلىپ يىگىت تەرەپ قىز تەرەپكە ئەلچى كىرگۈزىدۇ -دەپ باشلانغاندا تاماق چىقتى . ھەممەيلەن بىرىپ تامىقىمىزنى ئەكىلىپ قايتا ئولتۇردۇق .
قىز سوراپ كەلگەندە سوغا سالام ئىلىپ كىلىدۇ ،تويلۇقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چىكى پالان پۇل ،تويدا كالا ئۆلتۈرىدۇ ...شۇنداق ئۇششاق -چۈششەك سۆزلەرنى ئىزىپ دەپ بولغۇچە تاماقلار يىيىلىپ ھەممىمىز ئۇنىڭ ئىغىزىغا قاراپ ئولتۇردۇق .
غولجىنىڭ توي -تۈكۈندىكى قائىدىلىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇردىكەن ،ئۇنداق بولمىغىنىدا ئىدى ئۇنى بىزگە دەپ بىرىشكە يىرىم سائەتتىن چوڭراق ۋاقىت كەتمىگەن بولاتتى .
ئۇنىڭ ھەربىر گەپنى ئىغىزىغا تولدۇرۇپ ئىلىپ ،ھەربىر ئىغىز سۆزىگە ئاشۇرما دەرىجىدىكى سۈپەتلەرنى ئىشلىتىپ پاراڭ سىلىشلىرى ،ئۆز يۇرتىنىڭ ئىستىمال سەۋىيسىنىڭ يۇقىرلىقىدىن پەخىرلىنىپ ماختىنىشلىرى ماڭا تازا تىتىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ،زەن قويۇپ ئاڭلاشمۇ ئەدەپ -ئەخلاقنىڭ بىر قىسمى دەپ سۆزلىگۈچىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئاڭلاپ ئولتۇردۇم .لىكىن ئاخىردا كىلىپ «توينى ماشىنىدا يۆتكەيمىز »دىگەنىدى پەقەت چىدىمىدىم ...
-ئادا ...ماشىنا دىگەن ئىي ما ئۈرۈمچىنىڭ كوچىلىرىدا كىتىپ بارغان تۆت چاقلىق نەرسە شۇما ؟
-ھە شۇ ئاداش ...سىلنىڭ يۇرىتتا يوقمۇ ئۇنداق نەرسە -ئۇمۇ بوش كەلمىدى .
-ھەي باللا -دىدىم ھەممىنى ئىغىزىمغا قارىتىپ -سىلە بىلمەيسىلە .مەن قەشقەردىكى مەلۇم بىر ناھىينىڭ تاغلىق كەنتىدىن كەلدىم دەڭلا ،بىزنىڭ يۇرىتتا باما... بايراق كىشىلەر توينى ئات ھارۋىسىدا كەمبەغەللە كالا ھارۋىسىدا يۆتكەيدۇ . ئۇ دىگەن تىزىغىچە توپا كىچىپ ماڭىدىغان يە ...كىلىن چىققان ھارۋىنىڭ كەينىدىن تۆت ئادەم ئىتتىرىپ ماڭىدا.-دەۋەتتىم.
-سەن قەيەردىن ئاداش ؟شىنجاڭ تەۋەسىدە شۇنداق بىر يەرمۇ بارمۇ ؟
مەن ۋارتاغا تەپكەن توپىنى قايتا-قايتا قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاچىسى توسۇۋىلىپ نۇمۇر ئالالمايۋاتقان توپچىدەك ئىچىم ئاچچىق بولغان ھالدا قىيداپ دىدىم -«مۇز تاغقا كەلگەن مىھمان »دىگەن كىنونى ئىشلىگەن «قۇياشقا ئەڭ يىقىن كىشىلەر» ياشايدىغان يۇرتتىن ئاداش مەن .ئۇ يەردە ئىككى تال زاغرا نان كۆترەپ بارسا قىز بىرىدۇ - يىڭىلگىنىمگە تەن بەرمەي قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىغا بولدى دىگۈچە توپ تىپىشنى ئويلىدىم ،شۇ تاپتا توپ كىرسىلا بىر ئاز يىنىكلەپ، ئاچچىقىم چىقىپ قالىدىغاندەك ئەمەس ،بولدى دىگۈچە توپ تىپىپ قارشى تەرەپنىڭ ۋارتاسىنى يىرتىۋەتسەم دەيىتتىم .
-ۋاي راسىتما ؟
شۇ ئىككى ئىغىز گەپ -بىر سۇئال جۈملە بىلەن مەن ساۋاقداشلىرىمنڭ قەشقەر ،خوتەن دىيارىنى نەقەدەر نامرات تەسەۋۇر قىلىدىغىنىنى بىلدىم .
ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك دەپ ئويلاپ تۇرىشىمغا بىر ئاتۇشلۇق ساۋاقدىشىم «يا ئاللا ،قەلبىنۇر ،چالە مانا ...مۇشۇنداق چالىسە ئادەم دىگەننى »دىۋىدى باياتىن بىرى تانگا چىشلىۋالغاندەك ئولتۇرغان قەشقەرلىك ساۋاقداشلىرىممۇ خۇددى گىپىمنىڭ تىگىگە تەڭلا يەتكەندەك قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى ...
توپ ۋارتاغا كىردى ! ۋارتامۇ يىرتىلدى !
شۇ تاپتا مەن خۇمارى بىسىلغان بەڭڭىنىڭ ئۆزى ئىدىم !
بەڭڭىلەرنىڭ مىجەزى شۇنداق !خۇمارى تۇتقاندا پاشىنىڭ غۇڭۇلدىغان ئاۋازىمۇ قۇلىقىغا كىرىپ جىلە بولىدۇ ،نىمىگىدۇر قىيداپ ،چىچىلغۇسى ھەتتا يىغلىغۇسى كىلىدۇ ،چىكىملىكنى بىر قانچىنى شوراپ كەيىپنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ پۈتۈن ئەزايى بەدىنى ھاۋادا لەيلەپ تۇرغاندەك سەزگەن چىغىدا بولسا بىشىدا ناغرا چالساڭمۇ كۆزلىرىنى يىرىم يۇمۇپ ياتقىنىچە ھىچنىمە قۇلىقىغا كىرمەيدۇ . مىنىڭمۇ شۇ غەلبە سىگىنالى -قاقاقلاپ كۈلگەن كۈلگەن كۈلكە ئاۋازىدىن كىيىنكى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرمىدى .
-ھەي ھەي ...بۈگۈن ساڭا تىل چىقىپ قاپتىغۇ ؟ نىمە خۇشلۇق بار دىگىنە ؟
يولدا ماڭغاچ ئالىيە كۆزۈمگە كىرىپلاۋالدى .
-ئاۋال سەن دىگىنە ،باياتىن بىرى ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭغۇ تانگا چىشلىۋالمىغانسەن ؟
-تانگا چىشلىۋالمىدۇق .قانۇن فاكۇلتىتىدىكى بىر بالا قانداق بولۇپ QQرىمغا قوشۇلۇپ قالغان ئۇقمىدىم ،نەچچە كۈن بولدى خىلى چىقىشىپ پاراڭلىشىۋاتقان ،بايا ياندىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ تاماق ياۋىتىپتىكەن دىگىنە ،شۇ ۋات -ۋاتلىقىم چىنىپ قالمىسۇن دەپ جىم ئولتۇرۇپ ئىسىل كۆرنىۋالغان يىرىم ئادىشىم .
بەزىدە خىجىل بولۇشقا تىگىشلىك گەپلەرنى مۇشۇنداق چاقچاققا بۇراپ دەۋالسىمۇ بولامدۇ نىمە ؟قارا بۇنىڭ پۇختىلىقىنى !بۇنداق ئالدىغا ئۆتۈۋالسا بەزى نەسىھەت قىلدىغان چاغدىمۇ ئادەم گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي قالىدىكەن -دىسە !
-كىسىلىنى يوشۇرسا ئۆلۈمى ئاشكارا ئادىشىم .-ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراپ «ئادىشىم »سۆزىنى سوزۇپ ئىيتىپ دىدىم .
-ماڭا كۆڭۈل بولىمەن دىمەي ئۆزۈڭنىڭ ئىشىنى ئويلىشە ئاچا -شۇنداق نەسىھەت خاراكتىرىدىكى گەپلەر بولسىلا «ۋاي ئاچا »دەپ چاقچاق قىلىش ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى .
-سەن بىرەسى بىلەن يۈرۈشنى ئويلىشىۋاتامسەن -يە ؟ياكى سەنمۇ ...-پەتىۋانىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى دىمەي ئالىيەگە قاراپ كۆز قىسىشلىرىدىن نىمىنىدۇر ھىس قىلىپ كەينىمگە نەچچە قەدەم داجىپ «ياق ...ياق »دەۋەتتىم .
-نىمىگە چۈچۈيسەن ؟بىز سنى بىر يەرگە ئاپىرىپ سىتىۋىتەيلى دىمىدۇق . بىرەرسى بىلەن يۈرمەمسەن دەپ سورىدۇق شۇ ،ئۆتكەندە بىر ئىككىسى قوغلىشىپ يۈرەتتىغۇ سىنى ؟
-نىمە قىلىمەن ياخشى كۆرمىسەم ئۆزۈمنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ئالداپ ؟
-يۈرگەندىن كىيىن بارا -بارا ياخشى كۆرۈپ قالاتتىڭ ئەمەسمۇ ؟
-ئوقۇش پۈتتۇرۈشكە يەنە تۆت يىل بار تۇرسا .«بالدۇر ئىچىلغان گۈل بالدۇر توزىيدۇ »دىگەن سۆز بار غۇ ؟
-سىنى بىرسى بىركىمگە تەگ دىمىدى ،يۈرۈپ قوي دەۋاتمەنغۇ؟بىكار تۇرساڭمۇ تۇرسە جۈپ -جۈپ بولۇپ ئوينىساق ياخشى ئەمەسمۇ ؟-ئۇلارنىڭ گىپىدىن نىمىشقا مىنى مۇھەببەت باغلاشقا دەۋەت قىلغىنىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .
-توي قىلىمەن ،بىر باشقا چىقىرىمەن دىمىسەم مۇھەببەتلىشىپ نىمە قىلىمەن ؟
-سىنىڭ كاللاڭنىڭ بۇنداق ئاددىيلىقىنى ئويلىماپتىمەن ...-توۋا مەن دىيىشكە تەييارلانغان گەپنى ئۇ دەۋالدى دىسە ؟!
-دىھقاننىڭمۇ ئالتە ئاي ياز ئات-ئىشەكتەك ئشلىشى _مول -ھوسۇل ئىلىش ئۈچۈنغۇ ؟
-بولدى ›بولدى ! پەيلاسوپ خىنىم ،بىز ساڭا گەپ تىپىپ بىرىپ بولالمايمىز .كۈتۈپخانىغا كىرىپ كىتابىڭنى ئوقۇ .كەچتە كۆرۈشەيلى !
ئىككى قەدەم ماڭا -ماڭمايلا پەتىۋانىڭ :توۋا ،سەل كاللىسىنى ئاچمىساق بولمامدۇ نىمە مانىڭ ؟كىمگەتىگىمەن دىسەم تىگەلەيمەن دەپ ئويلامدۇ نىمە ماۋۇ ؟-دىگىنىنى .ئالىيەنىڭ ئۇلاپلا -يىگىتلەرنى كىتاپلاردىكىدەك ئاجايىپ ۋاپادار بىلىپ بىرسىگە ئالدىنىپ يۈرمىسە مەيلىتىغۇ ...- دىگەن سۆزلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى ؛ |
|