- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 59
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 53642
- يازما
- 59
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 37 سائەت
|
ئارىدىن ھەپتە ئۆتۈپ مەن ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن ھەم ئالىيەدىن بىر پارچىدىن ئىككى پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم . ھىلىقى كۈندىكى ئىشتىن كىيىن ياتاقداشلىرىمدىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ سەھەردە چىقىپ كىتىپ كەچتە ھەممەيلەن يىتىپ بولغاندا ياكى ياتاقنى تاقايدىغانغا ئاز قالغاندا كىرىپلا ياتاتتىم .نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغىنىمنى ئۆزۈممۇ تازا بىلىپ كەتمىسەممۇ كۈتۈپخانىدا ئەسنەپ ئولتۇرۇپ ۋاقىت توشقۇزۇشنىڭ ئازابىغا چىداپ ئۇلارنىڭ كۆزىگە تىك قاراشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلدىم . ئۇ خاتىرىمۇ ئاللىبۇرۇن مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك نۇمۇسلۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغانىدىكى مەن ھەتتا ئۇنى ئۆز قولۇم بىلەن يىرتىپ ئاتايىن ئاپىرىپ ھاجەتخانىدىكى كىچىك ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىم . بۇنداق ھالەتتى قۇتۇلۇش ئۈچۈن ياتاقدىشىمنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنى بىلىش زۈرۈر دەپ قارىغاچقا ئاۋال ئالىيەنىڭ ختىنى ئوقۇدۇم .
خەت مۇنداق يىزىلغانىدى : ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ ؟ نەچچە كۈندىن بىرى سەندىن ئەھۋال سورىغۇدەك سەن بىلەن پاراڭلاشقۇدەك پۇرسەتمۇ بولمىدى شۇڭا خەت ئارقىلىق ئەھۋال سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم . قولۇمغا قەلەم قەغەز ئىلىشتىن بالدۇر ساڭا نۇرغۇن گىپىم باردەك قىلغان خەتنى باشلاپلا نىمە دىيىشنى بىلمەي قىلىۋاتىمەن ...
ھەي ئادىشىم ساڭا نىمە دىسەم بولا ؟ مەن ساڭا ئوخشاش كىتاپخۇمار ئەمەس ، شۇڭىلاشقىمىكىن خەتنىمۇ تازا قاملاشتۇرۇپ يازالمايمەن . دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىپ ساڭا ھەم ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرەلىشىممۇ ناتايىن شۇنداقتىمۇ بۇ خەتنى يازدىم .
ئاڭلا ئاداش مەيلى بۇرۇن نىمە بولغان بولسۇن ھازىر نىمە بولسۇن ھەم كىيىن نىمە ئىش يۈز بەرسۇن بىز ھامان ياخشى دوسىت . ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ دوستلىقىمىزغا تەسىر كۆرسىتەلىشى ناتايىن . ھىچ بولمىسا مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەن : ھەرئىككىمىز دوسىتلۇق ئۈچۈن مۇھەببەتتىن كەچسەك كىچىمىز ، مۇھەببەتنى -بىر ئوغۇل بالىنى دەپ دوسىتىدىن يۈز ئۆرۈمەيمىز .
ھىلىھەم ئىسىمدە ئالىي مەكتەپكە يىڭى كەلگەن چاغ ، ھەربىي مەشىق ۋاقتىدا يىتەكچى بىزگە : ھەقىقى دوسىتنى بۇ ئۆمرىڭدە مۇنداق ئۈچ يەردىن تاپالايسەن ، بىرى تۈرمىدە ، بىرى ھەربىي
قىسىمدا ، يەنە بىرى مەكتەپتە ...دىگەنىدى . شۇ چاغدا بىز گەرچە ئەمدىلا تونۇشقان بولساقمۇ شۇ گەپ بىلەن تەڭ مەن قولۇڭنى چىڭ سىققانىدىم . ھازىر ئويلىسام مەن شۇ چاغدىلا مەن سىنى ئۆزۈمگە دوسىت قىلىپ تاللىغان ھەم سىنىڭ دوسىتلۇققا يارايدىغان قىز ئىكەنلىكىڭگە ئىشەنچ قىلغان ئىكەنمەن .
يارمۇھەممەت ئىككىمىزنىڭ تونۇشۇش ، كۆرۈشۈش ، «مۇھەببەت باغلاش » جەريانىمىزنى ساڭا قايتا دەپ ئولتۇرمىساممۇ سەن بىلىسەن ئاداش . مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ياكى ياخشى كۆرمەيمەن دەپ ئىيتالمايمەن . ئەمما ئايان بولدىكى ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى سەن .مەن دەسلەپ ئۇنىڭ گەپكە ئۇستىلىقىغا قىزىقىپ كۆرۈشكەن بولسام كىيىنچە ئۇنىڭ قاملاشقان بەستىگە ، يىشىدىن ھالقىغان دەرىجىدىكى سالماق ئۆزىنى تۇتىۋالغانلىقىغا قاراپ مەندە ئۇنىڭغا نىسبەتەن قىزغىنلىق پەيدا بولدى . ئۇنى ھەتتا سىلەرگە ماخـتاپ رىۋايەتلاردىكى ئاق ئاتلىق شاھزادە قىلىپ كۆرسەتتىم ... ئۇنىڭ سەن كىچە -كۈندۈز ياد ئەتكەن سىغىنغان ، چىن دىلىڭدىن سۆيگەن يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلگەندە بولسا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن تۇنجى ئاخشىمى نىمىشقا كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەندىمەن نىمىشقا ئۇنى رەت قىلىپ قايتىپ كەلمىگەندىمەن ؟ دەپ قاتتىق پۇشايمان قىلدىم ...
سەندىن يوشۇرمايمەن ئاداش . ئىككى ئايدىن بىرى مەن ئۇنىڭ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغىنىنى ،ھەتتا نەچچە يىل يۈرگەن تەقدىردىمۇ مەن بىلەن توي قىلىش ئويىنىڭ ئۇنىڭدا پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقىنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم . مەن ئۇنىڭ سۆزمەنلىكىدىن ،قىزىقچىلىقىدىن ۋاقىتلىق خۇشاللىق ئىزدىدىم . ئۇمۇ ھەم ماڭا ئەزەلدىن سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ باقمىغان . پەقەت بىر قىتىم «مەن سىزنىڭ نىمىڭىز ؟» دەپ سورىسام «قىز دوستۇم » دەپ جاۋاپ بەردى . مەن « مىنى ئالامسىز ؟ »« مىنى ياخشى كۆرەمسىز ؟» دىگەندەك سۇئاللارنى سورىيالمايىتتىم سوراشنىمۇ تازا خالاپ كەتمەيىتتىم ، جاۋابى ئۆزۈمگە ئايان چۈنكى مەن ئۇنىڭ قوينىغا قىز پىتىم كىرگەن ئەمەس . ئۇ بولسا قوينىدا ياتقان قىزنى ھىچنىمەم ئەمەس دىيىشكە يۈزى چىدىماي ماڭا «سىز مىنىڭ قىز دوستۇم » دەپ جاۋاپ بەردى .
يەنە دەي ئۇ مىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ، ياخشى كۆرۈشىمۇ مومكىن ئەمەس ، ئۇنداق بولىغىنىدا ئىدى ئۇ مەندىن ھەقىقى ئىسمىنى تاكى ھىلىقى كۈنى رىستۇراندا سىنى كۆرگۈچە يوشۇرمىغان بولاتتى
مەن ئالدىڭدا نۇمۇسنى قايرىپ قويۇپ ساڭا بۇ گەپلەرنى دەۋاتىمەن . مەيلى ... ئەمدى يوشۇرغۇدەك ھىچ يىرى قالمىدى ... مىنى ياراتمىساڭمۇ ، مىنى پەس كۆرسەڭمۇ مەيلى . مەن پەقەت ھەممىلا ئادەم قاراپلا بىلەلەيدىغان « مەخپىيەتلىك »ىمنى ساڭا ئۆز ئىغىزىم بىلەن دەپ ئازراق يىنىكلەپ قالدىم . سەن جىق ئىش كۆرمىگەچكە جىق ئويلاپ كەتمىگەن بىلەن باشقىلار يۈرۈش تۇرۇشۇمغا ، قىلغان قىلىقلىرىمغا ، ماڭغان يوللۇرۇمغا قاراپ مىنىڭ قانداق قىز بالا ئىكەنلىكىمنى بىلگەندۇ ؟ خەخنىڭ كۆزى قارىغۇ ئەمەستۇ ؟ ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دەپتىكەن ... ماڭغان يولۇمنىڭ ئەگرىلىكىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە بىلىپ - بىلمەي دوستۇمنىڭ سۆيگىنىنى بىلەن ... ھەي ! خۇدايىم يەنە ماڭا قانداق كۈنلىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەييارلاپ قويدىكىن ؟ خەيىر تەقدىرنىڭ بۇ كۈنلىرىگىمۇ شۈكرى ...
گەرچە سالاھىيتىم توشمىسىمۇ سەندىن بىر ئىشنى ئۆتۈنەي . يارمۇھەممەتتىن ئاغرىنما ! ھەرقانداق بىر ئوغۇل بالىنىڭ ۋاقىتلىق ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ قىلىشى تەبئىي ئەھۋال ، ئىنسان دىگەن ئازىدۇ . شەخسەن مەنمۇ ئارزۇلاپ سۆيگەن ئادىمىمنىڭ بەش مىنۇتلۇق ھىسياتىنىڭ قۇلى بولغانمەن . ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرمەيىتتى . يارمۇھەممەتنىڭ ئەكىسچە ئۇ ماڭا سىز مىنىڭ ھىچنىمەم ئەمەس . بىز پەقەت بىللە ياتتۇق دىگەن ... مەن شۇ چاغدىلا ئەرلەرنىڭ نەقەدەر رەھىمسىزلىكىنى تونۇپ يەتكەنىدىم . مەن ئايالى بار ئەرنى سۆيۈپ قالغان ... ياق ...ياق ... ئۇنىڭ مەرتلىكى مىنى ئۆزىگە مايىل قىلغان ، ئۇنىڭ ماڭا خەجلىگەن پۇلى ماڭا تاشلىغان يەمچۈكى ، مەن بولسام قارماققا ئىلىنغان بىلىق . بىشىمدىن ئۆتكەن قىسمەتلەرنى ساڭا مۇشۇنچىلىك دەي جىنىم ئاداش . ھەممىسى ئويلىغانسىرى يۈرەكنى ئاغرىتىدىغان ئاچچىق ئەسلىمىلەر . ئەرلەرنىڭ بىر ئايال بىلەن بىللە يىتىشى مۇھەببەتتىن دىرەك بەرمەيدۇ ، شۇڭا مەن ھەرقانداق بىر ئەر مەڭگۈ ئۆز ھاۋايى -ھەۋىسىنىڭ قۇلى دەپ جاكارلايمەن . ھىچقانداق ئەر ئالىيجاناپ ئەمەس ، ھىچقانداق ئەر پەسكەشمۇ ئەمەس ، بەزىلىرىنىڭ جىنايەتكار قوللىرىنىڭ مەلۇم بىر ئايالغا تىكىلگىننى بىز بىلىپ قالىمىز بەزىلىرىنى كۆرەلمەيمىز . پەرق ئۇلارنىڭ قانچىلىك يوشۇرالىغىنىدا خالاس ... پەقەت يوشۇرالىغانلالا بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئالىيجاناپ پاك ئىسىل ئەركەك ... بىر ئايالنىڭ ئۆزىنى بەخىتلىك ھىس قىلىش -قىلماسلىقىمۇ ئۇنىڭ قانچىلىك ئالدانغانلىقىدا . ئىرىڭ ياكى سۆيگۈنىڭ تەبىيتىدىكى پەسلىكنى ، سىرتتا قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى سەندىن يوشۇرالىسا بەخىتلىكسەن ، يوشۇرالمىسا ياكى سەن بىلىپ قالساڭ ، سىنى ئالدىيالمىسا بەخىتسىزسەن . شۇڭا خۇشال ياشاي ، ئۆزۈمنى بەخىتلىك سىزەي دىسەڭ بەزى ئىشلارنى بەك زىغىرلاپ كەتمە ... سەن قانچە دۆت بولغانسىرى سىنىڭ ئۆزۈڭنىڭ بەخىتلىك سىزىشىڭ شۈنچە ئۇزاق داۋاملىشىدۇ ...
سىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ ساپ -پاك مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى مەن بىلىمەن ، ئۇمۇ سىنى سۆيىدىغىنىنى دىدى . قالغىنى خۇدايىمنىڭ ئۆزىگە ئامانەت . اللە ئىگەم بەختىڭلارنى بەرسۇن ...
ساڭا چىن دىلىدىن بەخىت تىلەپ شۇنداقلا سەن بىلەن بۇرۇنقىدەك خۇشال كۈلۈشنى ئارمان قىلىپ
دوستۇڭ : ئالىيە
|
|