- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 59
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 53642
- يازما
- 59
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 59
- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 37 سائەت
|
زور غەيرەتكە كىلىپ تاغامدىن ئاۋال ئەھۋال سورىغان بولساممۇ «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك -پوك »دىگەندەك ئاۋازىم تىترەپ ،گەپلىرىم قولاشماي كەتتى .تاغام بولسا سالىمىمنى ئىلىكمۇ ئالماي ،يارىغا توختاشنى شەرەت قىلىپ ،ماڭا قوپاللىق بىلەن «سەن كىرىپ كەت »دىدى ...
ئاشۇ نەچچە سىكۇنىتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە «ئەگەر تاغام يارىغا قوپال گەپلەرنى قىلىپ قالسا ،كىيىن ئۇنىڭ يۈزىگە قانداق قارارمەن»دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردۇم -دە يىلىنغاندەك قىلىپ «ئۆيگە كىرىپ دىيشىلى »دەپ تۇرۋالدىم .ھازىر ئويلىسام ئاشۇ بىر ئىغىز گەپ ئەمەلىيەتتە مىنىڭ ئۆز -ئۆزۈمگە سالغان سىرىتمىقىم ئىكەن ،شۇ سۆز بىلەن مەن تاغامنىڭ گۇمانىنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ بىرىپتىمەن ...
ئىغىزىمدىن گىپىم ئۈزىلەر -ئۈزۈلمەي تاغامنىڭ يۈزىمگە بىر تەستەك سىلىشى ئاندىن چۈشەندۈرۈشكە تەمشەلگەن يارىنى ئۇرۇپ كەتكىنى پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ .ئۇنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە تەگكەن تاياقلار مىنىڭ يۈرىكىمگە سانجىلغان خەنجەر ئىدى ،قىپقىزىل قانلار ئۇنىڭ لىۋىدىن ئەمەس مىنىڭ يۈرىكىمدىن چىقىۋاتاتتى .ئۇ خەنجەر يا مىنىڭ جىنىمنى ئالمايىتتى يا ماڭا ئاراملىق بەرمەيىتتى .
ئۆزۈمنىڭ دەرۋازا ئالدىدىن ياتاق ئۆيۈمگىچە بولغان ئون نەچچە مىتىر يولنى قانداق مىڭىپ كىرگىنىم يادىمدا يوق .بىر خىل خىجىللىق ،نۇمۇس ھىس قىلىپ يۈزىمنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالغىنىمچە يىغلىغان پىتىم يۈگرەپ قايتىپ كىردىممۇ ياكى تاغام بىلىكىمدىن سۆرەپ ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويدىمۇ بۇنى ئۇقمايمەن .پەقەت بىر چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ ياتاق ئۆيۈمدە ئايىغىمنىمۇ سالماي كارۋاتتا تۈگۈلۈپ ياتقىنىمنى يۈزىمدە بىر تامچە ياشنىڭ ھىلىھەم ئىسسىق تۇرغىنىنى ئىلغا قىلدىم .
قىرىشقاندەك ئىككىنجى كۈنى -جۈمە كۈنى .يۇرتىمىزدىكى مەكتەپلەرنىڭ قائىدىسى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىني پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تەتىل مەزگىلىدىكى ھەر جۈمە كۈنىدە جۈمە ناماز ۋاقتىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە بولۇشى بەلگىلەنگەن .ئۇ باشقا ساۋاقداشلار بىلەن كۆرۈشكىلى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلمەكچى ئىدى ... |
|