- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 13
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 13
- تىزىملاتقان
- 2013-2-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-2
- UID
- 54208
- يازما
- 13
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 13
- تىزىملاتقان
- 2013-2-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-2
- توردا
- 0 سائەت
|
بىرىنچى ماۋزۇ:شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇلۋاھھاب ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى تۇرغانمۇ؟
بەزى كىشىلەر شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب ھەققىدە ناھايىتى يامان سۆزلەرنى قىلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب رەھىمەھۇللاھ ئوسمان ئىسلام ئېپمىرىيىسىگە ۋە ئوسمانىيلار خەلىپىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلغانمىش، مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى ئۇ زات مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنىمىش. ئۇلارنىڭ بۇ داۋاسى ھەقىقەتمۇ؟ ئۇلار يەنە، شەيخنى ئەنگىلىيە ئارمىيسى بىلەن بىرلىشىۋېلىپ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشقان دېيىشمەكتە. ئۇ ھالدا دېيىلىۋاتقان بۇگەپلەر راست گەپمۇ ياكى شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابقا ۋە ئۇ زاتنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە جېنىنىڭ بارىچە قارشى تۇرىدىغانلارنىڭ توقۇپ چىققان يالغان-ياۋىداق ھېكايىسىمۇ؟ بىز توختالماقچى بولغان نۇقتا دەل بۇدۇر.
ئىنسانلار ئارىسىدا ئىنسانىيەتكە ياخشىلىقنى، ھەقىقەتەنى ئېلىپ كەلگەنلا كىشىلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىنىڭ، ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغۇنلارنىڭ دۈشمەنلىكىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى تارىخىي ھەقىقەت. ھەتتا ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىمۇ بۇ خىلدىكى دۈشمەنلىكتىن سالامەت قالمىغان.
يۇقارقىدەك كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۆتكەنكى ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ھەق دەئۋىتىگە چاقىرغان ئاۋانگارت سيمالارغا قارتىلىغان. بۇ زاتلار كشىلەرنىڭ قاتىق قارشىلىقىغا، دۈشمەنلىكىگە ئۇچرىغان. ئۆلىمالار ئارىسىدىكى ئاۋانگارت سىيمالار ئىچىدە، شەيخۇل ئىسلام ئىبىن تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىكىگە ئۇچرىغان ئاۋانگارت سىيمالارنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرىدۇر. ئىبىن تەيمىييە رەھىمەھۇللاھقا ھەسەت قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈش ھالال دەپ جار سېلىشقان بولسا، بەزىلىرى بۇ زاتنى ھەق يولدىن ئېزىپ كەتكەن، ئىسلامدىن چىقىپ كاپىر بولۇپ كەتكەن دەپ «پەتىۋا» پىچىشقان.
ئىبىن تەيمىييە رەھىمەھۇللاھقا ئوخشاشلا، شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇلۋاھھاب رەھىمەھۇللاھمۇ ھەقسىز كىشىلەرنىڭ قارىغۇلارچە قارا چاپلىشىغا ئۇچرىغان ۋە پىتنىلەرنىڭ مەنبەسى دەپ سۈپەتلىنىشىكە دۇچ كەلگەن. كىشىلەرنىڭ بۇ خىل دۈشمەنلىكى ئۇلارنىڭ شەيخكە ھەسەت قىلىشىدىن ۋە ئۆچمەنلىكتىن، شۇنداقلا بىدئەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىگە تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە مۇستەھكەم ئورناپ كەتكەنلىكىدىن، شەيخكە بەتنام چاپلىغۇچى كىشىلەرنىڭ تەقلىدپەرەسلىكىدىن ۋە نەپس-خاھىشىغا قۇل بولغانلىقىدىن كەلگەن.
بىز ئاۋۋال شەيخكە چاپلانغان بەتنام ۋە شەيخ ھەققىدە ئېيتىلغان يالغان-ياۋىداق سۆز –چۆچەكلەرنى بايان قىلىمىز، ئاندىن شۇ بەتناملارنى ئىنكار قىلىپ، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى يەتكۈزىمىز.
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئابدۇللەتىف مۇنداق دەيدۇ:
سەلەفىي دەئۋىتىگە دۈشمەنلىك قىلغۇچىلارنىڭ بەزىلىرى «شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئىسلام جامائىتى ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سالغان، خەلىپىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان»دېيىشىدۇ.(دەئۋە ئەل مۇنەۋىئىين لى دەئۋەت ئەل شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب، 233-بەت)
شەيخ ئابدۇلئەزىز ئابدۇللەتىف يەنە مۇنداق دەيدۇ:
ئابدۇل قەدىم زەلۇم مۇنداق دەپ داۋا قىلىدۇ:« ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غۇلاپ چۈشىشىنىڭ سەۋەبى:ۋاھھابىيلارنىڭ مەيدانغا چىقىشى ۋە ۋاھھابىزىم دەئۋىتىدىن ئىبارەت.» ئۇلار ئارىسىدا يەنە مۇنداق بەتناملار مەۋجۇد: «ۋاھھابىيلار بېرتانىيەنىڭ پۇل ۋە قورال ياراغ ياردەم قىلىشى بىلەن مۇھەممەد ئىبىن سەئۇد ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئابدۇل ئەزىزنىڭ باشچىلىقى ئاستىدا ئىسلام دۆلىتى مەۋجۇد بولۇپ تۇرغان ئەھۋالدا، ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرغان. ئۇلار ئۆز دەئۋىتىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن خەلىپىكىنىڭ تەۋەلىكىدىكى زېمىنلارغا قوشۇن تارتقان. خەلىپىگە قارشى قىلىچ كۆتۈرۈپ، مۇسۇلمان ئارمىيىسىگە- ئەمىيرۇل مۇئمىنىنىڭ ئارمىيسىگە قارشى يەڭ شىمايلىغان. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى بېرتانىيەنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولغان.(كەيفە خۇدىمەت ئەل خەلىفە،10-بەت)
بىز «شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇلۋاھھاب ئوسمانىيلار خەلىپىلىكىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن» دېگەن باتىل پىتنە-ئېغىۋاغا پاكىتلىق رەددىيە بېرىشتىن ئىلگىرى، بىز شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ «مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشى ۋە مۇسۇلمان ئەمىرگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىب. مۇسۇلمان ئەمىر مەيلى ھەققانىي بولسۇن ياكى زالىم بولسۇن، مۇسۇلمان ئەمىر ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا بۇيرىمىغانلا ئەھۋالدا ھەرقاچان مۇسۇلمان ئەمىرگە ئىتائەت قىلىنىدۇ، ئىتائەت ھەققە بۇيرۇلغان ئاساستىلا بولىدۇ»دېگەن ئەقىدىسى(بۇ ئەھلى سۈننە ۋەل جامائەنىڭ ئەقىدىسىدۇر)نى بايان قىلىشىمىز.
شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب قاسىم خەلقىگە يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن:«مەن شۇنداق ئېتىقاد قىلىمەنى، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇسۇلمان ئەمىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىشى ۋە مۇسۇلمان ئەمىرگە ئىتائەت قىلىشى ۋاجىب. مۇسۇلمان ئەمىر مەيلى ھەققانىي بولسۇن ياكى زالىم بولسۇن، مۇسۇلمان ئەمىر ئاللاھقا ئىتائەتسىزلىك قىلىشقا بۇيرىمىغانلا ئەھۋالدا ھەرقاچان مۇسۇلمان ئەمىرگە ئىتائەت قىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن كىم خەلىپە بولسا، مۇسۇلمانلار خەلىپىگە ياردەم قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىشى كېرەك. ھەتتا ئۇ خەلىپىلىكنى ھەقسىز رەۋىشتە ئىگىلىۋالغان بولسىمۇ شۇنداق. خەلىپىگە قارشى چىقىش ھارام.»(مەجمۇئات مۇئەللىفەت ئەل شەيخ،5-توم، 11-بەت)
شەيخ يەنە مۇنداق دېگەن:
«ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى پىرىنسىپىلىرىدىن بىرى شۇكى، كىم بىزگە ئەمر-خەلىپە بولسا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاشتۇر. ھەتتا خەلىپە ئەمر بولغۇچى قارا قۇل بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق.»( مەجمۇئات مۇئەللىفەت ئەل شەيخ،1-توم، 394-بەت)
شەيخنىڭ مۇسۇلمان خەلىپىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشنىڭ ۋاجىبلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلدۇق، ئەمدى بىز شەيخ ھەققىدىكى بەتناملارغا رەددىيە بېرىشكە ئۆتىمىز. بۇ ھەقتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى « شەيخنىڭ دەئۋىتى نەجد زېمىنىدا مەيدانغا چىققان چاغدا، نەجد زېمىنى ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا بولغانمۇ؟»دېگەن مەسىلىدۇر.
بۇ ھەقتە دوكتور سالىھ ئەل ئابىد مۇنداق دەيدۇ:
نەجد زېمىنى ئوسمانلى ئېپمىرىيىسىنىڭ ئىدارە قىلىشى ئاستىدا ئەمەس ئىدى. چۈنكى نەجد زېمىغا ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى يېتىپ كەلمىگەن، شۇنداقلا شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ دەۋرىدە تۈرك ئارمىيىسى بۇ زېمىنغا قەدەم باسمىغان. بۇ پاكىت يەنە شۇنداق پاكىتت بىلەن بىردەككى، ئوسمانلى ئېمىرىيىسى ئۆز قول ئاستىدىكى زېمىنلارنى مەمۇرىي ئۆلكىلەرگە بۆلۈپ ئىدارە قىلغان. بۇ تۈرك تىلىدىكى:«ئوسمان ئېمپىرىيىسىنىڭ قانۇن تۈزۈش نىزامى»دېگەن ھۆججەتتە بايان قىلىغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتنى شۇ چاغدىكى قانۇن تۈزۈش كومېتىتىنىڭ ھەيئىتى يەمىن ئەلى ئەپەندى ھىجرىيە 1018-يىلى، مىلادىيە1609-يىلى يازغان. بۇ ھۆججەتىكى مەزمۇنلارغا كۆرە: ھىجرىيە 11-ئەسىردىن باشلاپ، ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ زېمىنى 23 مەمۇرىي ئۆلكىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىنغان، بۇلاردىن 14 ئۆلكە ئەرەب ئۆلكىلىرى بولۇپ، نەجد زېمىنى بۇ مەمۇرىي ئۆلكىلەرنىڭ قاتارىدىن سانالمىغان. بىراق، ئەل ئىھسا رايونىنى نەجد زېمىنىغا تەۋە دەپ قارىغىنىمىزدا، ئەل ئىھسا رايونى ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولغان.("مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام زېمىنلىرى ھەققىدىكى ئەسەرلىرى"ناملىق ئەسەر 1-توم، 27-بەت)
دوكتور ئابدۇللاھ ئەل ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ:
قانداقلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شەيخ مۇھەمەمد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابتىن ئىلگىرى نەجد زېمىنى ھېچقاچان ئۇسمانلى ئېپمىرىيىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولۇپ باقمىغان. شۇنداقلا نەجد زېمىنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىنىڭ تەسىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان. نەجد زېمىنىنىڭ بىر تەرىپى (يەرلىك كۈچلەردىن) بەنى جەبر ۋە بەنى خالىدنىڭ، يەنە بىر تەرىپى ئەشرەفنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرغان. بۇلاردىن ھېچقايسى نەجد زېمىنىدا سىياسىي مۇقۇملىقنى بەرپا قىلىشقا قادىر بولالمىغان. شۇنداق بولغانلىقتىن، نەجد زېمىنىدىكى ھەرقايسى يەرلىك كۈچلەر ئارا ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ تۇرغان، شۇنداقلا نەجد زېمىدىكى قەبىلىلەرمۇ ئۆز ئارا ئۇرۇشنى توختاتمىغان.(نەجد زېمىنى خەلىپىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغىنىدا، ھېچكىم باشباشتاقلىق بىلەن بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرمىگەن بولاتتى.)[مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ ھاياتى ۋە پىكرى، 11-بەت]
بىز ئىمام ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى يالغان ياۋىداقلار ھەققىدە بەرگەن جاۋابى بىلەن، بىرىنچى باسقۇچتىكى باتىل داۋاغا رەددىيە بېرىشنى تاماملايمىز. ئىمام ئابدۇل ئەزىز بىن باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
مەن شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھابنىڭ ئوسمانلى ئېمپىرىيىسىگە قارشى تۇرمىغانلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى، نەجد زېمىنى تۈرك ئارمىيىسىنىڭ كونتروللىقى ئاستىدا بولمىغان. (بۇ خۇددى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ ھاكىمىيىتى قاراخانىيلار زېمىنىغا يېتىپ كەلمىگىنىگە ئوخشاشتۇر.) ھالبۇكى، نەجد زېمىنى كىچىك ئەمىرلىك ۋە تارقاق قىشلاقلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، نەجد زېمىنىدىكى ھەر-بىر يۇرت ۋە يېزىنىڭ قانچىلىك كىچىك بولۇشىغا قارىماي، ھەر-بىرى بىردىن ئەمىرنىڭ ھوقوقدارلىقى ئاستىدا بولغان. بۇ ئەمىرلىكلەر بىر-بىرى بىلەن ئۆچەكىشىش ۋە ئۇرۇشۇش ھالىتىدە تۇرغان. شۇڭا دەيمىزكى، شەيخ مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇل ۋاھھاب ئوسمانلى خەلىپىكلىگە قارشى چىقمىغان؛ بەلكى، ئۆز زېمىنىدا يۈز بېرىۋاتقان ھەرقايسى جەھەتلەردىكى بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشى چىققان، ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قىلىپ، ئۆز دەئۋىتى باشقا يۇرتلارغا كېڭەيگىچە بوشاشمىغان.(دەئۋە ئەل مۇنەۋۋىئىين237-بەت)
دوكتور ئەجل ئەل نەشمى مۇنداق دەيدۇ:
شەيخنىڭ ھاياتى ئوسمانلى سۇلتانلىرىدىن تۆتى بىلەن دەۋرداش بولۇشىغا قارىماي، ئوسمانلى خەلىپىلىكى ھەرقايسى جەھەتتە شەيختىن نارازىلىقىنى ياكى شەيخكە دۈشمەنلىكىنى ئىپادىلىمىگەن.(مەجەللەت ئەل مۇجتەمەئ،510-سان)
شەيخنىڭ خەلىپىلىك ھەققىدىكى قارىشى ئىلگىرى بايان قىلىغنىمىزدەك ئىكەن، ئۇنداقتا خەلىپىك شەيخ ھەققىدە قانداق قاراشتا بولغان؟
دوكتور نەشىمى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
خەلىپىكىنىڭ شەيخنىڭ دەئۋىتى ھەققىدىكى پوزىتسىيىسى ناھايىتى مۈجمەل بولغان. چۈنكى، خەلىپىلىككە مەيلى ھىجاز، باغداد ياكى باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ۋالىيلىرى بولسۇن، ياكى شەيخنىڭ دەئۋىتى ھەققىدە شەيخكە دۈشمەنلىك قىلغۇچىلار بولسۇن، خەلىپىكنىڭ قۇلىقىغا شەيخكە دۈشمەنلىك قىلغۇچىلار تارقاتقان خەۋەر يەتكەن.(ئەل مۇجتەمەئ504 -سان؛ ئەل دەئۋە ئەل مۇنەۋۋىئىين 238،239-بەتلەر)
|
|