- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 31
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 31
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- UID
- 46986
- يازما
- 31
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 31
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- توردا
- 10 سائەت
|
سەككىز يۈز يىل ئىلگىرى ياشىغان ئەھلى سۈننەنىڭ ئىمامى ىبىن تەيمىييەنىمۇ ۋاھھابى دېيىشتىن يانمايدىغاندەك تۇرىسىز.
شۇڭا، سىز ۋاھھابى دېيىشكە ئاساس تاپالمايدىغان ئاپتورلارنىڭ بەزىبىرلىرىنىڭلا سوپىزىم ھەققىدىكى باھالىرىنى كەلتۈردىم. شۇنداقلا، سوپىلارنىڭ، جۈملىدىن سىز ئىلاھىي دىننىڭ ھامىيىسى سۈپىتىدە چۈشىنىدىغان نەقشىبەندىيە سوپىرىلىنىڭ سۆزلىرىدىنمۇ نەقىل كەلتۈردۈم. سوپىزىمنىڭ باتىللىقىنى ئىسپاتلاشتا قەلەم تەۋرەتسەك توم-توم كىتابلار ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. تۆۋەندىكىسى ئاز بىرقىسىمى خالاس.
تورغا چىقىشىمدا شارائىت يار بەرمىگەنلىكى تۈپەيلى، بەش ئالتە كۈن ئىلگىرى قەلەمگە ئالغان يازمىلىرىمنىڭ بىر بۈرجىكىنى سىزگە سۇناي. سوپىزىمنى يەنىمۇ چۈشەنمەكچى بلغانلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەنبەلەرمۇ قىممەتلىكتۇر ئەلۋەتتە.
سۇپىمزغا نەقىللەر
نەقشىبەندىيە سۈلۈكىدىكى نامدار سوپى ئەبۇل ھەسەن ھەرقەنى مۇنداق دەيدۇ:«سوپى دېگەن-گەرچە باشقىلاردىن يۇشۇرىنىۋالسىمۇ، ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقۇچىدۇر. سوپى دېمەك- كۈندۈزى قۇياشقا، كېچىسى ئايغا ھاجىتى يوق كىشى دېمەكتۇر. سوپىزىمنىڭ ماھىيتى شۇكى، ئۇ-قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ مەۋجۇدلىقىدىن باشقا ھېچقانداق مەۋجۇدلۇققا ھاجىتى چۈشمەيدىغان مۇتلەق يوقلۇقتۇر.» ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«زاھىت ئەمەسمەن؛ ئابىد ئەمەسمەن؛ ناتىق ئەمەسمەن، سوپى ئەمەسمەن؛ ئى ئاللاھ، سەن بىرسەن، سېنىڭ بىرلىكىڭدە مەنمۇ بىرمەن.»،«بۈگۈن ئاللاھ مېنىڭ قەلبىمگە قاراپ، قەلبىمدە ئۆزىدىن باشقا ھېچنېمىنى كۆرمەيۋاتقىنىغا قىرىق يىل بولىدۇ.»(ر.ك. گۇپتا:«دىننىڭ نېرىسىدىكى سوپىزىم»3-بەت، ئېنگىلىزچە)
بەيازىد بەستامى مۇنداق دەيدۇ:«ماڭا ئاللاھقا كېرەك بولغاندىن باشقا ھېچنېمە كېرەك ئەمەس(ماڭا ئاللاھقا كېرەك بولغىنىلا كېرەك)» (ر.ك. گۇپتا:«دىننىڭ نېرىسىدىكى سوپىزىم»4-بەت)
«سوپىزىمغا ئېنىقلىما بەرگىلى بولمايدۇ. ئۇ بىر ھاياتنىڭ بىر خىل شەكلى. تەسەۋۋۇفنى(يەنى سوپىزمنى) دىن دېگىلىمۇ، پەلسەپە دېگىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇ دىنىي ئۆلچەممۇ ئەمەس، تەتقىقات نەتىجىسە بارلىققا كەلگەنمۇ ئەمەس. ئەگەر ئۇ دىنىي ئۆلچەم بولغىنىدا، كىشى دىنىي ئۆلچەمنىڭ رامكىسى ئىچىدە تۇرۇپ سوپىزىمغا ئەمەل قىلغىلى بولاتتى؛ ئەگەر ئۇ تەتقىقات نەتىجىسى بولغان تەقدىردە، ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلگىلى بولاتتى.» (ر.ك. گۇپتا:«دىننىڭ نېرىسىدىكى سوپىزىم»2-بەت)
نەقشىبەندىيە سۈلۈكىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى بولغان ھاكىم جامى مۇنداق دەيدۇ:«ئۆز ئەقلىڭدىن مەغرۇرلىنىپ قالمىغىنكى، سوپىزىم يولىدا سېنىڭ ئەقلىڭ ئىلگىرىلىشىڭگە توسالغۇ بولىدۇ. ئۆگىنىش-تەتقىقاتىڭ گالۋاڭلىقىڭنى ئىسپاتلايدۇ.» (ر.ك. گۇپتا:«دىننىڭ نېرىسىدىكى سوپىزىم»2-بەت)
«سوپىزىم بىر خىل ئىدىئولوگىيەدۇر.»(ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 144-بەت)
سوپىزىمنىڭ ئىدىئولوگىيە بولۇشى ئۇنىڭ ھەق دىن ئەمەسلىكىگە دەلىلدۇر. چۈنكى ھەق دىن دېگەن ئاللاھتىن چۈشكەن شۈبىھسىز ھۆججەت. ھالبۇكى ئىدولوگىيە دېگەننىڭ خاتاسى بولىدۇ. ھەق دىننىڭ خاتاسى بولمايدۇ.
شەيخ يەھيا ھەجۇرىي مۇنداق دەيدۇ:«سۇپىزم بىلەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىر تۇغقان.»(سۇپزمدىن ئېھتىيات قىلىڭ،5)
ئىبىن ئاقىل مۇنداق دەيدۇ:«ئىسلام شەرىئىتىگە نىسبەتەن مۇتەكەللىملەر ۋە سوپىلاردىنمۇ بەكراق خەتەرلىك نەرسە يوق.»(ئەدەب ئەش شەرىئە، 1-235)
ئىبىن خەلدۇن(1332~1406) سوپىزىم ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:«سوپىزىمنىڭ ئاساسى-يەنى سوپىلارنىڭ مەسلىكى-پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىبادەت قىلىپ، تەڭرىدە فەنا بولۇش(يوق بولۇش)، دۇنيانى ۋە دۇنيا نېئمەتلىرىنى تەرك-ئېتىپ دەرۋىش بولۇش، كىشىلەر تەلپۈنىدىغان بەخت-سائادەت، پۇل-مال ۋە نام-ئاتاقتىن نېرى تۇرۇش، دەرۋىشلىك ھالىتىدە تەنھا ياشاپ تەڭرىگە ئىبادەت قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 146-،147-بەتلەر)، ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«سوپىلارنىڭ ئۆزىگە خاس زىكىر-ئىبادەتلىرى بار.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 146-،147-بەتلەر)
ئىبىن خەلدۇن سوپىزىمنىڭ ئاساسى ئىدىيۋى ئېلمىنتلىرىنى مۇنۇ تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلايدۇ:«
«ھەتتا،بىر سوپى خىرىستىئان دىنى مۇرتى بولىشىمۇ، يەھۇدى دىنى مۇرتى بولىشىمۇ ۋەياكى بۇددا دىنى مۇرتى بولىشىمۇ مۇمكىن.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 144-بەت)
«سوپىلار "ھېس تۇيغۇ ۋە بىۋاسىتە سېزىمغا تايىنىدۇ، لوگىكىنى كەمدىن كەم قوللىنىدۇ. ئۇلارچە ئەقىل-ئىدراك پايدىلىنىشقا بولىدىغان قورال ئەمەس" دەپ قارايدۇ.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 147-بەت)
بۈيۈك ئىسلام ئالىمى ئەبۇل ھەسەن ئەننەدەۋى رەھىمەھۇللاھ يۇنان بۇتپەرەسلىك ھەزارىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى يىغىنچاقلاپ، «سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن ھېس قىلغان نەرسىلەرگە ئىشىنىش، بۇلاردىن باشقىسىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك»نى يۇنانم بۇپتەرەسلىكىنىڭ بىرىنچى تۈرلۈك ئاھىدىلىكى قىلىپ تىزىدۇ.(«مۇسۇلمانلار ئارقىدا قېلىپ دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى»ناملىق ئەسەر، 202-بەت) يۇنان بۇتپەرەسلىكىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن سوپىزىم مۇشرىكلىقىنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەلىماتى نېمىدېگەن ئوخشاش-ھە!
«شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنىڭ ۋە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشتىكى ھەقىقىتىنى بىلىشتە ئەقىل ۋە ئىدراك ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.»(ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 147-بەت)
«ئەبۇ يەزدىن بەستامى(مىلادى 847-يىلى ئۆلگەن) كېيىنكى دەۋردە سوپىزىمنىڭ ئۇلى ھېسابلانغان تەلىماتتىن بىرنى قالدۇرغان بولۇپ. ئۇ "ئاللاھتا يوق بولۇش"(يەنى فەنا)تەلىماتىدۇ. "فەنا" تەلىماتى بۇددا دىنىدىكى كلاسسىك تەلىمات بولۇپ، بۇددا دىنى بۇ تەلىمات "نېرۋانا"دېيىلىدۇ.»(ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 150-بەت)
«"فەنا"تەلىماتى سوپىزىمدىكى ئومومىي يۈزلىنىشتۇر.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە،150-بەت)
«سوپىزىمدا خىرىستىئان دىنىنىڭ ئېلىمېنتىلىرى بولۇش ئېھتىمالى بەكمۇ مۇقەررەر.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە،150-بەت)
«سوپىلار ئۆزىنى نىسبەتلەۋاتقان ئەسلى دىن ئىسلام دىنى بولسىمۇ، ھەقىقەتتە بۇددا دىنى، خىرىستىئان دىنى ۋە يېڭى پلاتونىزىمنىڭ پىر تۈركۈم تەلىماتلىرى سوپىزىمغا سىڭىپ كەتكەن.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە،152-بەت)«يېڭى ئەپلاتونىزممۇ سوپىزىمنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېڭى پلاتونىزىم ئىدىيىسىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى قەدىمكى رىملىق ئېدىئالىزمچى پەيلاسوپ پلاتىنو ھېسابلىنىدۇ. پلاتىنو مىسىردا تۇغۇلۇپ، مىلادىيە ئۈچىنچى ئەسىردە رىمغا كۆچۈپ بارغان. ئۇ "توققۇز ماددىلىق مەجمۇئە"ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن:" بەلكىم ئاللىقاچان ئۆزۈمدىن قۇتۇلغاندىمەن. جىسمىمدىن ئايرىلغاندا، تەندىن ئايرىلىپ تۇرغان ساپ ھالەتتىكى روھ بولدۇم. ئاندىن تېنىمگە كىرىپ، ئۆزۈمگە قايتىپ كېلىپ، ھەممە نەرسىدىن قۇتۇلۇپ، ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم. قەلبىمدە گۈزەللىك ۋە نۇرنى كۆردۈم. بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ خاۋاتىرلەندىم.".. مىسىرلىق سوپى زۇنۇن مىسىرى دەل مۇشۇنىڭدەك تەلىماتنى ئوتتۇرغا قويغان. يېڭى ئەپلاتونىزىمنىڭ سوپىمىزغا ئېلىپ كەلگىنى: سىرغىپ چىقىش تەلىماتى، ئىلاھى نۇر تەلىماتى، ھەقىقەتنىڭ ئايان بولۇش تەلىماتى قاتارلىقلاردۇر.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە،151-بەت)
شەرقشۇناسلار قانداق قارايدۇ:«كۆپچىلىك شەرقشۇناسلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەبۇ يەزىد بەستامى بۇددا دىنىدىكى "نېرۋانا"نى سوپىزىمغا ئېلىپ كىرگەن، باشقىلار يەنە باشقا تەلىماتلارنى ئېلىپ كىرگەن. شەرقشۇناسلار غەيرى دىنلاردىكى ھەرخىل تەلىماتلارنىڭ سوپىزىغا ئېقىپ كىرىش نىسبىتى ھەققىدە ھەر خىل قاراشتا. بەزىلەر سوپىزمدا خىرىستىئان دىنىنىڭ ئېلىمېنتلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، دېسە؛ بەزىلىرى يېڭى ئەپلاتونىزىمنىڭ يەنە بەزىلىرى بۇددا دىنىنىڭ ئېلىمنېتلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە،153-بەت)ئەھمەد ئەمىن شەرقشۇناسلارنىڭ بۇ كۆز قارىشىدىن گۇمانلىنىدۇ.
«ئىسلام زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىن، يۇنان پەلسەپىسى، يېڭى ئەپلاتونىزم، خىرىستىئان دىنى، بۇددا دىنى، زورو ئاستېر دىنى(زەردۇشتلىق دىنى) قاتارلىق دىن ۋە.ئېقىملار ئىسلامغا تەئەللۇق زېمىنلارغا ئېقىپ كىردى. ئاندىن بۇ خىل رەھبانىيەتچىلىك پەلسەپىۋىيلىشىپ كەتتى. يۇقارقى دىن ۋە ئېقىملارنىڭ بىر تۈركۈم تەلىماتلىرى سوپىزىمغا سىڭىپ كەتتى.»(ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 150-بەت)
ئەبۇل ھەسەن ئەننەدەۋى مۇنداق دەيدۇ:«يۇنانلىقلارنىڭ شۇنداق بىر ئىلاھىي پەلسەپىلىرى ۋە ئەقىدىلىرى بار ئىدىكى، بۇلارنىڭ يېنىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا بويۇن ئېگىش، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىش، ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلەش ۋە ئۇنىڭدىن كەلگەن نەرسىگە سەۋر تاقەت قىلىش قاتارلىقلار غەيرى تۇيۇلاتتى.» («مۇسۇلمانلار ئارقىدا قېلىپ دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى»ناملىق ئەسەر، 204-بەت)
«نۇرغۇنلىغان ياۋرپا ئالىملىرى قەدىمكى يۇناندىكى دىننىڭ يەڭگىللىكى، تائەت ئىبادەتنىڭ ئازلىقى، ھەرىكەتلەرنىڭ ھەرخىللىقى، ئويۇن-تاماش ۋە ئەيش كۆپلىكى ئىشرەتلىرىنىڭ ھەققىدە خېلى كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلىگەن ئىدى.» («مۇسۇلمانلار ئارقىدا قېلىپ دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى»ناملىق ئەسەر، 204-بەت)
سوپىلارنىڭ ساماسى:«يۇنانلىقلار تەڭرىگە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىغاچ ئىبادەت قىلاتتى.» («مۇسۇلمانلار ئارقىدا قېلىپ دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى»ناملىق ئەسەر، 204-بەت)
خىرىستىئان دىنىنىڭ باتىللىقى:«بۇتپەرەسلىك ۋە شېرىك ئەقىدە خىرىستىئان دىنىغا رىم ئېمپراتورلۇقىدىكى خىرىستىئان قىياپىتىگە كىرىۋالغان يۇقىرى مەنسەپ ئەمەلدارلىرى ۋە مۇھىم ۋەزىپىدىكى مۇناپىقلارنىڭ تەسىرىدە كىرگەن ئىىدى. بۇ مۇناپىقلار دىننىڭ ئەھكاملىرىغا رىئايە قىلمىدى.»( «مۇسۇلمانلار ئارقىدا قېلىپ دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى»ناملىق ئەسەر، 215-بەت)
«ئالىكساندېرنىڭ شەرقنى بويسۇندۇرىشى بىلەن، يۇنان پەلسەپىسىمۇ شەرققە تارقىلىشقا باشلىدى. ھاران(تۈركىيەدىكى بىر قەدىمى شەھەر)دە ئۇنىڭ سابى مەزھىپى يەرلەشتى. بۇلار گرېك تىلىدىكى كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى ئاۋۋال قەدىمكى سۈرىيان تىلىغا، ئاندىن ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلدى.
تارقىلىشى يۇنان پەلسەپىسىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان باشقا ئىككى سېستىما ھىندى پەلسەپە سېستىمىسى ۋە ئىران پەلسەپە سېستىمىسى ئىدى. ھىندىساننىڭ جۈندىساپور شەھىرىدە يۇنان ۋە ھىندى تەلىماتلىرىنى ئۆگىتىدىغان مەكتەب بار ئىدى. سوپىزىم تەرەققىياتىنىڭ دەسلەپى مەزگىللىرىدە يۇقارقى پەلسەپە سېستىمىلىرىنى بىر قىسىم تەلىماتلىرى سوپىزىمغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى.» (ئەھمەد ئەمىن«ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى تارىخى،8-توم، ئىسلام دىنىنىڭ ياشلىق دەۋرى»سودا ئىشلىرى باسمىخانىسى، خەنزۇچە، 146-بەت)
|
|