- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- UID
- 38308
- يازما
- 203
- تېما
- 6
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- توردا
- 345 سائەت
|
پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (يەنى قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى پاك سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى [129]. ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ [130]. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: «(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن» دېدى. ئۇ: «ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم» دېدى [131]. ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ: «ئى ئوغۇللىرىم! اﷲ سىلەرگە مۇشۇ دىنىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى، پەقەت مۇسۇلمان پىتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كېتىڭلار)» دېدى [132]. يەئقۇب جان ئۈزۈۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇب ئوغۇللىرىدىن: «مەن ئۆلگەندىن كېيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇلار: «سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا - بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر اﷲ قا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز» دېدى [133]. ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى (نىڭ ساۋابى) ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلار (نىڭمۇ ساۋابى) ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس [134]. ئۇلار: «يەھۇدىي ياكى ناسارا بولۇڭلار، توغرا يول تاپىسىلەر» دەيدۇ. «ئۇنداق ئەمەس، بىز ئىبراھىمنىڭ ئىسلامغا ئۇيغۇن دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» دېگىن [135]. ئېيتىڭلاركى، «اﷲ قا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە، مۇساغا بېرىلگەن (تەۋراتقا)، ئىساغا بېرىلگەن (ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن (كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز اﷲ قا بويسۇنغۇچىلارمىز» [136]. ئەگەر ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار (ئىماندىن) يۈز ئۆرۈسە، (سەن بىلەن) ئاداۋەتتە بولغان بولىدۇ، ئۇلارغا قارشى اﷲ ساڭا كۇپايىدۇر. اﷲ (ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ھىيلە - مىكرىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [137]. اﷲ نىڭ دىنىدا چىڭ تۇرۇڭلار، اﷲ نىڭ دىنىدىن ياخشى كىمنىڭ دىنى بار؟ بىز اﷲ قا ئىبادەت قىلغۇچىلارمىز [138]. «بىز بىلەن اﷲ توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ ھەم بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز، ھەم سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر. بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز اﷲ قا سادىقمىز» دېگىن [139]. «ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى اﷲ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا اﷲ نازىل قىلغان دەلىل - ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر» [140]. ئۇلار ئۆتكەن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر. سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا سىلەر جاۋابكار ئەمەس [141]. بەقەر
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمىدە ئېيتقىنىدەك ، بىر مىللەت ئارىسىدىكى بىر قەۋملەرنىڭ قانداق يول تۇتۇشنى بۇ ئايەتلەر ئارقىلىق ئۆگىتىدۇ . مادامىكى ، ئەگەر شۇ كىشىلەر ئاللاھ كۆرسەتكەندەك ، ئاللاھنىڭ دىنىدا بولۇش بىلەن ، ( بۇ يەردە ئاللاھ دىن دەپ ئاتىغان دىن كۆزدە تۇتىلىدۇ . ئەمما كىشىلەر تىلىدا ، ئەقىدىدە دىن دېگىنى ئەمەس ) ئۆزلىرىگە توغرىلىقنى ئۆگىتىدىغان ، دىنىنىڭ ئىسلاملىقىدىكى لىنىيەسىدە ئۆزلىرى نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنىڭغا يەتكۈزمەكنى تىلەيدىغان كىشىلەرنى چىقىرىپ بېرىشىنى تىلەشنى ئۆگۈتىدۇ . ھەقىقەتەن ، ئىلگىرىمۇ ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلار ئۆز ئىچىدىن چىققىنىغا ئوخشاش ، بۈگۈنمۇ ھەم ئۆز ئىچىدىن چىقىرىلىدۇ . باشقا بىر مىللەت ، باشقا بىر دۆلەتتىكى بىر كىملەرنىڭ بىۋاستە دىنىي يول تارقىتىشىغا ، ئۆزلىرىگە ئەگىشىپ ئۆز ئىگىلىرىنى تەرك ئەتكۈزۈشكە چاقىرىلغاندا ، ئۇلارنى بىردەك رەت قىلىنىدۇ . پەقەت ئۇلارنىڭ بەزى ئىسلامىي توغرا ھۆكۈملىرىدىنلا پايدىلىنىشقا بولىدۇ . ئەمما ، ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى بىۋاستە قۇبۇللاپ ئەجنەبىي بولۇشۇپ كېتىش تەلەپ قىلىنمايدۇ .
بەزى مىسىرغا ، مەككە - مەدىنىگە بارغانلار ئۇ يەرنىڭ شەرئىتى - يەنى دىنىي سىياسىتى بۇيىچىلا زامان ۋە ماكان ئايرىماستىنلا بىردەك ئۇلارنىڭ شەرئىتىنى بىردەك كۆتۈرۈپ كېلىشكە ئالدىرايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەت سىياسىتىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قانداق ئىمتىيازلىرى بارلىقى ، ۋە شۇ ئىمتىيازدا نېمىلەرگە تاقەتلىك ئىكەنلىكلىرى بىلەن بۇيرۇلغان ئىشلارنى بىردەك پالانى يۈسۈپ قەرداۋىنىڭ پەتىۋاسى ، مەككە - مەدىنىنىڭ ئىماملىرى .... قاتارلىقلارنىڭ تەلەپ قىلغىنى دىيىشىپ ، ئۆزلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ نىجاتكارى دەپ ئويلىشىپ قېلىشىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ، ئۇلار تۇيماستىن ئۆز يۇرتىدىكى شەرئىي ئىشلارغا ئارلىشىپ بارا - بارا زامان - ماكانىغا خاس چىقىرىلغان ئىش ئىگىلىرى ئۈستىدىن غالىب كېلىشنى تىلىشىدۇ . مانا بۇ ئاشكارا دەججالدۇر .
باشقا بىر دۆلەتكە بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ سىياسىتىنى ھەم كۆتۈرۈپ كېلىش بىلەن ئورتاقلىشىش ئەمەس . بەلكى ، ئۇلاردىكى ھېكمەتنى ، ئىسلامىي ھۆكۈملەرنى ، تەرەققىياتلارنى كۆتۈرۈپ كېلىشتۇر . بۇ كۆتۈرۈپ كېلىشلەردە مىسالى ھەسەل ھەرىلىرى بولۇش بىلەن ، پەقەت ئۇلارنىڭ شىرنىلىرىنىلا ئېلىش ، قالغان ئۆسۈملۈك تەرىپىنى ئۆز جايىدا قالدۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر . چۈنكى ، بىر ئۆسۈملۈكنىڭ ئەسلى ئورنى ، ماكانى ، زامانى بولىدۇ . ئەمما ، بىر شىرنە چىققان ئىكەن ، ئۇنىڭ زامان - ماكانى بولمايدۇ ۋە ئۇ مۇمكىنلا بولسا كىملەر ئېلىشنى خالىسا ۋە قانچىلىك قاچىلاپ ئېلىپ كېتەلىسە شۇلارنىڭكى بولىدۇ .
ئەگەر ، كىملەركى شۇ خىل شىرنە بېرىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەم ئۆزلىرىدە بولىشىنى تەلەپ قىلسا ، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قانداق قىلىپ شۇ خىل ئورۇن ، ئىمتىيازغا يەتكەنلىكىدەك ھېكمەت بۇيىچە ئىسلاھ قىلىشى لازىمدۇر . ھېچ ھېكمەتسىزلا بىر پەللىدىن كىيىنكى پەللىگە ئەمەس بەلكى يۇقىرىقى نەچچە بالداق پەللىگە پۇتىنى ئالىمەن دېسە ، چاتىرقىنى يىرىۋالىدىغان ئىش چىقىدۇ .
شىرنە مىسالى ئىلىمدۇر . ئىلىم مىسالى يامغۇردۇر . ئۇنى ئاللاھ خالىغان زېمىنغا خالىغان ۋاقىتتا توغرا ئەقىدىلىك ، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەيدىغان كىشىلەر كارۋىنى ( ئۈسكۈنىلەر ، بۇلۇتلار ) ئارقىلىق شۇ قەۋمگە يەتكۈزىدۇ .
ئاللاھ زاماننى ئۆزى يارىتىدىغانلىقىدەك ھوقوقنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆزى بىۋاستىلا ئالغان ۋە مۇنتىزىم كونتىرول قىلىۋالغان . شۇ ۋەجىدىن خالىغان زېمىننى بەزى سەۋەبلەر بىلەن قاراڭغۇلۇققا ، بەزىلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىپ - كىرگۈزۈش بىلەن مەبۇدلۇقىدا بولغاندۇر . ئەگەر بىر كىمنىڭ ئىشى ئوڭغا تارتسا ، ئەمەلىيەتتە تەقدىردە شۇ پۈتۈلگىنى . ئەمما ئوڭغا تارتماي توسۇلسا ، تەقدىردە بولمىغىنىنى كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ئاللاھ ئۆزىنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىنى ۋە ئەقىل ئىگىلىرىنى ھەر ۋاقىت پىكىر قىلىشقا تەلەپ قىلىدۇ .
نۇرغۇنلىغان ئۆز قەۋمىگە سىرتنىڭ نەرسىلىرىنى ئېمپورت قىلىش بىلەن توختالغان كىشىلەردە ، سىرتنىڭ نېمىلىرىنى ئەكىرىش ، نېمىلىرى توختۇتۇپ قويۇشتەك ماھىيەتلەرنى چۈشەنمەستىن ھەممىنىلا بىردەك كۆتۈرۈپ كېرىش بىلەن ھەتتا موللىلىق قىلىشىۋاتقانلىقلىرىنى ھەم ھىس قىلىشالماي ئۆزلىرىنىڭ قانداق قىلىپ كۇفرىلىقلارغا قېلىشىۋاتقانلىقىنى بىلىشمەيدۇ ۋە پالانى ئالىم ، پۇكۇنى قارىھاجىملار شۇنداق دەپتۇ دىيىش بىلەن تەڭ ، ئۇلارنى ھەم بىزلەرگە ئىش ئىگىلىرى بىلىشىپ قالىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ، بىلىپ بىلمەستىن دىنىي سىياسى ئىشلىرىغا ئارلىشىپ ھۆكۈمالار چاپىنىغا ئورىنىۋېلىشىدۇ . مانا بۇ چاپاندارلىقتا ئاقىۋەتتە ئاللاھ شۇ قەۋمنى ، شۇ يۇرت كىشىلىرىنى ھىدايەت قىلىشقا خاس چىقىرىپ بەرگەن كىشىلەر ئۈستىدىن غالىب كەلمەكنى ، مۇمكىن بولسا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ ، ياكى تۇتۇپ سولاپ ۋە ياكى يۇرتلىرىدىن ، مۇنبەرلەردىن قوغلاپ چىقىرىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەقسەت قىلغان ئورنىنى تۇرغۇزۇشنى تىلىشىدۇ . بۇنىڭدەكلەرگە ئەگىشىش دەل چاتىرقىنى يىرىۋالغانلىق بىلەن ئوخشاش . چاتىراق يىرىلسا نېمە بولىدۇ ؟ دەل ئىلگىرىدىن بار بولغان ئەزالار تۆكۈلۈپ كېتىدۇ .
پەقەت ئاللاھ ساقلىغان كىشىلەرلا دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا جىمىكى كىشىلەر ئۇنىڭ پىتنىسىگە ئۇچىرىماي قالمايدۇ . بۇ خىل ئاللاھ ئۆزى ساقلىغان كىشىلەر دەل ئىبراھىمنىڭ دىنىنى تۇتقا قىلغان ، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ تاقىتى يېتىدىغان ئىشلارغىلا ئەگىشىدىغان ، ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋېلىشنى خالىمايدىغان كىشىلەردۇر .
ئاللاھ روشەن دەلىللەرنى بېرىدۇ . ئەمما ئىلگىرى ئۆزلىرى بىلمىگەن نەرسىلەرگە ھەم ئەگىشىۋېلىش بىلەن جاھىللىق پاتقىغىغا كىرىشىۋالغانلار ، ھەقىقەت شۇنچە ئېنىق تۇرۇقلۇق يەنىلا جاھىللىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىشىۋالىدۇ . بۇ خىل زۇلۇم قىلىۋېلىشلاردىن قۇرئاندا ۋە تارىختا ھەقىقەتەن نۇرغۇنلىغان ئىبرەتلەر كەلدى . ئەمدىكى گەپ ، كىملەر نېمىلەردىن توغرا پايدىلىنىش ياكى پايدىلانماسلىقلارغا باغلىقتۇر .
دىنىي سىياسەتنى باشقۇرىدىغان كىشىلەر ھەقىقەتەن شۇ يۇرتنىڭ ئىش ئىگىلىرى ، ساماۋىي ئاتىلىرىدۇر ، ھۆكۈمالىرىدۇر . ئاللاھ دەل بىزلەرنى شۇ خىل كىشىلەرگە يېتەكلىنىشكە ، يېتەكلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە يېتەكلەنگەندىن كىيىنمۇ ھەم ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن شەرىئەت ئىگىلىرى ياكى ئەمەسلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ . دىنىي سىياسەت دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە قارىتا كىشىلەرنىڭ قانچىلىك ئىمتىيازىنىڭ بارلىقىغا قاراپ ، كىشىلەرنىڭ دىنىي ، ئېتىقادىي تەرەپلىرىگە ھەم قاراپ بەزى ئامىللار يولغا قويۇلۇش ۋە بەزى ئامىللارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتەك تەكلىپلىرىنى بېرىدۇ . ئەمما ، بىر مىللەتنىڭ ياكى شۇ قەۋمنىڭ ئىلگىرىكىگە خاس بولغان شەرئىي تەلەپلەرنى كىيىنمۇ ھەم ئۇلارنىڭ زامانىغا خاس كەلمىسىمۇ تۇتقا قىلىۋېلىش ھەمدە تۇتقا قىلىۋېلىشقا چاقىرىق قىلىش ، ھەقىقەتتە شۇ كىشىلەرنىڭ ئەھلى شەرىئەتنىڭ ئىگىلىرى ئەمەس بەلكى ، ئىلگىركى ۋاقىتتا پايدىلىنىش ئۈچۈن تۇتقا قىلغان << قاپ >> قا كىرىۋالغان << قىسقۇچ پاقا >> ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
بىر مىللەت قانچە بالدۇر نىجاتلىققا ، ھۆرلۈككە چىقسا ئۇلارنىڭ شەرئىي يۈكسىلىشى باشقا كىيىنكىلەرنىڭ ياكى يەنىلا قۇل ، بېسىلما ھالەتتە تۇرىۋاتقانلارنىڭكىدىن باشقىچە تۈزۈلۈشلەردە بولىدۇ . قانچە كىيىن نىجاتلىققا چىقىرىلغان كىشىلەر بولسا ، ئۇلارنىڭ ھەم ئىلگىركىلەر بىردەك بۈگۈنىگە يەتكەنكى ئورنىنى بېسىپ ئۆتمىكى تەلەپ قىلىنغۇسىدۇر .
ئاللاھ ھەر ئۈممەتكە ھىدايەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن مەلۇم بىر كۈچلەرنى چىقىرىپ كەلگەن ۋە چىقىرىشتا بولغان . ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پەرۋا قىلماستىن ، ئۇلار تۇتقا قىلغان يول ( قاپ ) شەرىئەتكە چۈشمەستىن ياكى ئىلگىركىلەرنىڭ قېپىغا ، ياكى تېخى ۋاقتى كەلمىگەن قاپلارغا كىرىۋالىدىكەن ھەم ئاشكارا ھالدا باشقىلارنى ئۆزلىرىدەك بولۇشقا تەلەپ قىلىدىكەن ، ئۇ توغرا يولدىن چىقىپ كەتكەن بولىدۇ ھەم ئەھلى ئىش ئۈستىدىكىلەرگە قارشى ئىسيانكار قىلغان بولىدۇ .
دىنىي جەھەتتىن يېتەكلەش ھەم پەننى مەكتەپلەردە يېتەكلەشلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇكى ، ئۇنىڭمۇ باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا ، ئالىي تېخنىكوم ..... قاتارلىق بىر يۈرۈش سىنىپىي تەربىيلەشلەر بار . بۇ تەربىيەلەشلەر دەل ئۇلارنىڭ ئېتىقادىي چۈشەنچىسى ۋە ئىمانىي قۇۋۋىتىگە ئاساسلانغان ھالدا بولىدۇ . گەرچە مەكتەپتە ئۇلارنىڭ بىلىمىنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ ئۇلارنىڭ بۈگۈنىدىكى ئورنىنى ئېيتىپ بېرىش ئاسان بولغىنى بىلەن ، ئەمما ، دىننىڭ بۇ خىل تەرەپلىك ئورۇنلىرىنى ئېيتىپ بېرىش ھەممىلا كىشىنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ . ھەمدە تېخى بىزلەردە بۇ خىل سىنىپىي ماھىيەتلەر دەرسلىك قىلىنىپ ئايرىلغىنى ، ئاشكارا ئوتتۇرغا قويۇلغىنى يوق . شۇڭا ، بۇ تەرەپلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولۇش كىتاب بېرىلگەن ھەمدە ھېكمەت ئاتا قىلىنغان بولىشى شەرتتۇر . ھېكمەت دەل كىشىلەرنىڭ ھالى ئەھۋالىنى توغرا كۈزىتىش بىلەن ھەم ھېكمەتتۇر .
بىز مۇنداق نەقىل كەلتۈرۈپ باقايلى !
بىر كىشى داۋاملىق تىرىشتى ، ئۇستازىنىڭ يېتەكلىشىدە باشلانغۇچلۇق دەۋرىدىن كىيىنكى تولۇقسىز سىنىپقا ، دەۋىرگە لايىق بولدى . ئەمما ، ئۇستازىنىڭ بىلىدىغىنى ۋە ئىلىم دېگەن مۇشۇ دەپلا ئايرىۋالغىنى شۇنچىلىك بولغانلىقتىن ، ئۇستازى ئۇنىڭغا ھەقىقەتەن ھەممىگە يەتكەنلىكىنى ، يۇقىرى ماقامغا ئېرىشكەنلكىنى ئېيتتى . ھەمدە ئول شاگىرتىنى مەڭگۈ - مەڭگۈ ئۆزىدىكى تونۇشلۇق ماھىيەتتە مۇنتىزىم بولۇشنى تەلەپ قىلدى . مانا بۇ ئۆزىنى باشقىلارغا مەبۇد تۇتۇشىنى تەلەپ قىلغىنىدۇر .
ئول شاگىرتقا بولسا ئاقىل كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆزىنىڭ تېخى ئەمدىكى ئىلىم ساھىسىگە قەدەم قويغانلىقىنى ، ئىلىمنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن ئەمەس بەلكى داۋاملىق يۈكسۈلۈپ مۇنداق - مۇنداق تەلەپلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى ھەم ئۇمۇ شۇنداقلىقىنى كۆردى . ئەمما ئۇ ئۇستازىنىڭ تەكلىۋى بۇيىچە يەنە داۋاملىق شۇ بۇيىچە يول يۈرۈشنى تەيىن تاپتى . ئۇ ئۇستازىنى مەبۇد قىلىۋالدى ھەمدە ئۆزىگە شۇنچە توغرىلىقنى كۆرسەتكەن ، ئاڭلاتقان ۋە كىيىنكى دەۋىرگە خاسلىشىشنى تەلەپ قىلغانكى ئىلاھىي بولغان پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلدى .
ئىلگىرى مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە بىرىنچى يىللىقتىن ئۈچىنچى يىللىققىچە بىر ئوقۇتقۇچى ، كىيىنكى ئۈچ يىللىقنى باشقا بىر ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولۇپ تۇتقا قىلغان ئىدى . بىز بۇ خىل يۈكسىلىشتىكى ماھىيەتنى ، ئۈچ سىنىپنى بىر ۋاگۇن دەيلى . سىنىپ مەسئۇلى ۋە تېگىشلىك بولغان دەرىسلەرنى ئۆگەتكۈچىلەرنى شۇ ۋاگۇننى سۆرىگۈچى پويىزنىڭ بېشى دەپ پەرەز قىلايلى . بىزگە بۇ خىل ۋاگۇنلارنىڭ قانچىلىكىنى تېپىش ۋە پويىز باشلىرىنى توغرا تېپىش تەلەپ قىلىندى .
ئاللاھ تائالا زېمىننىمۇ يەتتە قات ، ئاسماننىمۇ ھەم يەتتە قات ياراتتىم دېدى . شۇنىڭ ئەگىشىم بىز ، بىر ئىنساننىڭ قايسى بىر پەللىگە يەتمەكلىكىدە تۇتقا قىلىدىغانكى قاتلارنى يەتتە دەيلى . بىز بىزلەرنى توغرىلىققا يېتەكلەيدىغان يېتەكلىگۈچىلەرگە ، ۋە ئۇلارنىڭ قانچىلىك مۇددەت ئىچىدە بىزلەرگە ئۆزلىرىدىكى ئامانەتلەرنى بېرىشتىكى ۋاقتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۈچ يىل دەيلى . بىز ئەنە شۇ ئۈستۈنلۈك يەتتىگە يەتمەك ئۈچۈن ، چوقۇمكى ھەر بىر باسقۇچ بولغان << ئۈچ >> لەرنى بېسىشىمىز لازىمدۇر .
دېمەككىم ، بىزنىڭ ھەر بىر دەۋرىمىزگە لايىق بولغان پويىز باشلىرى باردۇر . بۇلار يەتتىدۇر . ياكى ھەممە ئىلىمنى تۇتقا قىلغانكى ماھىيەتتە بىردۇر . بۇلارنىڭ بىزلەرگە بېرىدىغان نېمىتى دەل مۇئەييەن ۋاقىت ، دەۋىرگە خاس بولغانلىقتىن ، ياكى بىزلەرنى يېتەكلەشتە بىرى ياكى ئىككىسى ۋە ياكى يەتتىسى بىرلەشكۈسىدۇر .
دىن گەرچە ئىلگىرىلا پۈتۈنلىنىپ بولغان بىلەن ، ئەمما ، ھەر قانداق بىر ئىنسان ۋە جىن تۇغۇلىشىدىنلا دىنىي ۋە ئىمانىي چۈشەنچىلەردىن قاراڭغۇ ھالەتتە تۇغۇلغۇسىدۇر . ئەمما ، ئۇلارنىڭ شۇ خىل پۈتۈنلۈكنى ئېلىۋېلىش بۇرچى باردۇر ھەمدە ئۇلارغا تېگىشلىك قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئامال بار ئۇلارنى ھەقىقىي دىندار قىلىپ يېشتۈرۈپ چىقىرىش بۇرچى باردۇر . دىننى بىر پۈتۈن دېسەك ، ئۇنىڭغا يەتمەكلىككە بىر مۇددەت كەتكەن بولسا ، ئۇنى ياكى بىر ياكى بىر قانچە كىشىلەر چۈشەندۈرۈپ يەتكۈزگەن بولسا ، بىز ھەممىسىنى قۇبۇل قىلىشىمىز لازىمدۇر .
ئەگەر بىر قەۋمنى مۇئەييەن ۋاقىت مىڭ يىل ، بەش يۈز يىل ، ياكى 309 يىل ، ۋە ياكى يۈز يىل ، ياكى ئەللىك يىل ، ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن ۋاقىت ئىچىدە ئاللاھ ئۆزى يېتەكلىشىنى تەيىن تاپقان بولسا ، بۇنىڭغا توختۇلۇش ھەقىقەتەن ئەڭ ئېغىز ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىدۇر . بىز ھەقىقەتەن ماكانىمىزنىڭ ھەر بىر دەۋرىگە ئاساسلانغان ھاللاردا بىزلەرگە پايدىلىق يۈكسىلىشلىك لىنىيەلەرگە مۇھتاج بولىمىز . ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مۇھتاج بولىمىز .
{ ئۇلار ( يەنى تەقۋادارلار ) مەڭگۈ تۇرىدىغان جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، خوتۇنلىرى ۋە ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلىقلارمۇ جەننەتكە كىرىدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنى (مۇبارەكلەش ئۈچۈن جەننەتنىڭ) ھەربىر دەرۋازىسىدىن كىرىدۇ [23]. رەئىد }
ئاللاھنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە ئېيتقاندەك بىر قانچە ئەۋلات بىرلىشىپ دېگەندەك ئاخىرقى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تەلەپ قىلسا ، چوقۇم بۇ بىر قانچە ئەۋلات كىشىلەر ئاللاھنىڭ شۇ خىلكى يېتەكلىشىگە توغرا رەۋىشتە يېتەكلىنشى ۋە يۈزلىنىشى كېرەك بولىدۇ . ئەمما ، ئۇلاردىن سىرت بىر ئېقىندىلا توختاپ قېلىش بىلەن ھېچ يۈكسەلمىسە ، ئۇ قانداقمۇ تەقۋادار بولالىسۇن ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن ھېسابلىنالىسۇن ؟
توغرا ، بۈگۈنكى ۋاگۇن بىلەن ئەتىدىكى ۋاگۇن ئالمىشىش جاريانىدا قۇلاقنى يارغۇدەك ئاۋازلار بىلەن ئادەمنى بۈگۈنكىدەك بېسەرەمجان قىلىۋېتىدۇ . ئەمما ، ئالماشقاندىن كىيىن بىر مەھەل سەل قولاشمىغاندەك قىلغان بىلەن ، بارا - بارا ئۇنىڭ توغرىلىقى ۋە ھەقىقەتلىكى ، ھەممىلەرگە ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارلانغۇچە بىز ھەم ئۇنىڭ سۈرىتىگە سىڭىشىپ قالىمىز . ئەمما ، ئىلگىرى يەھۇدىي - ناسارالارغا ئوخشاش ئاشكارا ھالدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت كۈچلۈك رەۋىشتە ، بىر بۆلۈك ۋاقىت 23 يىلدا يۇقىرىلىققا ئۆزىلا تارتىپ چىقىرىۋېتىدىغان پويىز بېشى كەلگەندە ، ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىقلىرى سەۋەبىدىن ، ئۆزلىرىدىكى ۋاگۇننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزماستىن ئاللاھنىڭ لەنىتىگە قېلىشتى . بۇنىڭدەك يېتەكلىنىش ھەم ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋرىدىمۇ بولغان . ئەمما ، ھامان ئۆزلىرىگە كۇفرىلىقنى تىلىگۈچىلەر بىردەك ھەتتا پويىز بېشىنى ئۆلتۈرگەن ياكى يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقارغان . قۇرئان كەرىم دەل بىزلەرنى بۇنىڭدەك ئاگاھلاندۇرۇشلار بىلەن كۆمىۋېتىش ئۈچۈن نازىل بولغان . بۇ خىل كۆمۈلۈپ كەتكەن ئورنىمىزدىن يەنىلا ئىلگىركىلەردەك ئۆزلىرىمىزگە ئاشكارا زۇلۇم قىلساق ، بىز ئۇلاردىن بەتەر ئىكەنلىكىمىز چىقىدۇ . چۈنكى ئىلگىركىلەر بىلمەي قىلسۇن . كىيىنكى بىلىپ تۇرۇپمۇ قىلغان بارمۇ ؟
نۇھتىن كېيىن نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئۆزلىرىنىڭ قەۋمىگە ئەۋەتتۇق، (قەۋمىگە) ئۇلار روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كەلدى، ئۇلار (يەنى پەيغەمبەرلەر كېلىشتىن) ئىلگىرى ئىنكار قىلىشقان نەرسىگە ئىمان ئېيتىشمىدى. (كۇفرىدا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنىڭ دىللىرىنى ئەشۇنداق پېچەتلەيمىز [74].نۇھ
شۇنىڭدەك ، ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرمۇ پويىز بېشى سۈپىتىدە كەلگەن ئىدى . ئەمما ، ئۇلار كېلىشتىن ئىلگىرى بەزى دولقۇنلار بولغان ۋە ئۇلارغا قارىسىغا ئەگەشكۈچىلەر تەرىپىدىن قارىسىغا جاڭجالغا قېلىشقان ئىدى . شۇ سەۋەبلىك ، ئىلگىرى بەزى بۇزغۇنچىلار تەرىپىدىن تولا مۇنازىرلىشىپ كىيىن ھەقىقىيسى كەلگەندە بولسا ، ئىلگىرى ئىنكار قىلغانلىرىغا ئىمان ئېيتقىلى ئۇنىمىدى . قارىسىغا مۇنازىرە قىلىشىپ جاڭجال قىلىشقانلىقنىڭ مانا مۇشىنىڭدەك << پايدىلىق >> تەرىپىمۇ بار . بۇ دەل ، ئىلگىرى مۇنازىرىدە ھەددىدىن ئاشقانلىقىنىڭ قۇربانى بولغانلىقنىڭ نەتىجىسىدۇر .
|
|