- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 31
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 31
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- UID
- 46986
- يازما
- 31
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 31
- تىزىملاتقان
- 2013-3-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-10
- توردا
- 10 سائەت
|
شۇنداقلا توققۇز يىل ئوقۇپ، تېخىچە سوپىزىمنىڭ باتىللىقىنى چۈشىنەلمەي گاڭگىراپ يۈرىشىڭىزنىمۇ بىر پاجىئە دېمەي ئامال يوق.
ھېچبولمىغاندا پەيغەمبىرىمىزنىڭ 36-نەۋرىسى مۇھەممەد ئالاۋى ئەلمالىكىي تەسەۋۋۇپ ھەققىدە يازغان «مۇختاسار شاۋارىق ئەل-ئانۋار» ناملىق ئەرەپچە كىتابنى بولسىمۇ بىر قېتىم ئوقۇڭ. (مەنبە مانا بۇ يەردە.)
كۆزىڭىزگە بىرەر شەيخ چىرايلىق كۆرۈنۈپ قالسىلا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مانچىنچى ئەۋلات چەۋرىسى دەۋالىدىكەنسىز. سوپىلارنىڭ خۇيى دەل مۇشۇنداق. ئاپاق خوجا بولامدۇ، ياكى باشقا قىزىل كۆز خوجىلار بولامدۇ، ھەممىسى ئۆزىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتىۋالغان نومۇس قىلماي. ئۇلارنىڭ بۇ نومۇسسىزلىقىمۇ سىزگە ئېرسىيەت قاپتۇ.
سىز ئالدىمغا يەنە تور بەت تاشلاپسىز. سىز كۆرسەتكەن تور بەتتە نەدە شەيخ مالىكىنىڭ شۇ كىتابىنىڭ مەزمۇنى بار. ئالدىنقى قېتىم بىر كىتابنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ، ئامازوندىن سېتىۋېلىڭ دەپ، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن ئادرېستىن بىرنى چاپلاپ قويۇپتىكەنسىز. ئەمدى بۇ قېتىم شەيخ مالىكىنىڭ ئۆزىڭىزمۇ ئوقۇپ باقمىغان كىتابىنىڭ ئىسمىنى چىقىرىپ، نومۇس قىلماي بۇ يەردىن ئوقۇڭ دەپ شەيخنىڭ شۇ ئەسىرىنى ئەمەس، شەيخكە مۇناسىۋەتلىك ئىككى توك-توك ئۇچۇرنى بار بىر تور ئادرېسىنى ماڭا ھەدىيە قىپسىز.
ئۆزىڭىزنى بۇنچە ئالدىماڭ، بۇنچە مەمەدانلىق قىلماڭ، بولامدۇ. ئېستى توققۇز يىل.
باشقىلار ئىلاھىيەت پاكولتېتىدا مانچە يىل ئوقۇپ ئۆگىنىدىغان نەرسىنى سىزگە ئەلكۈيى مۇنبىرىدە مانچە بەت ئىنكاس بىلەن بىلدۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، مېنىڭ ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇم يوق، .... دېگەنلىك.
سىز توققۇز يىل ئىلاھيىەت كەسپىدە ئوقۇپ سوپىزمنىڭ باتىللىقىنى بىلەلمەي ئۆتۈپ كېتىپسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سوپىزىمنىڭ ھەقلىقى توغرىسا جىڭغا توختىغۇدەك توققۇز جۈملىمۇ بىر نەرسە دېيەلمەپسىز. ئۆزىڭىز پەش قىلغان مانچە يىل ئوقۇشىڭىز ئاقىۋەتتە سىزنىڭ مەكتەپنى چالا ساۋات پۈتتۈرگىنىڭىزدىن خەۋەر بېرىپتۇ.
مېنى مۇنازىرىگە، دوئىلغا چاقىرىپ ئاۋارە بولماڭ. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزغا جاۋاب يازمىغانلىقىمنى مۇنازىرىدە يېڭىلدى دەپ ئويلىسىڭىزمۇ ئىختىيارىڭىز.
ئىككىمىز دېيىشكەن گەپلەرنى قانداقمۇ مۇنازىرە دېگىلى بولسۇن. سىز ھېلى ئۇ يەردىن ھېلى بۇ يەردىن گەپ يورغىلىتىپ، ھېلى نەدىكى ئاقماس تور بەتلەرنى كۆزۈمگە تىقىپ، سوپىزىم توغرىسىدا گەپ چىقىپ قېلىشتىن قېچىپ ئاۋارە. مەن بولسام، ئىزدىنىشلىرىمنىڭ كىچىككىنىلا بىر قسىىمىنى پاكىتلىق ھالدا ئوتتۇرغا تاشلاش ئارقىلىق، سوپىزىمنىڭ باتىللىقىنى ھەر تەرەپتىن ئىسپاتلاش بىلەن ئاۋارە. بۇنى قانداقمۇ مۇنازىرە دەيمىز؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنازىرە بولغان تەقدىردىمۇ، مېنىڭ مەۋقەيىم مۇنازىرىدە يېڭىش ئەمەس. ھەق دەپ قارىغانلىرىمنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا تاشلاشلا مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك. مۇنازىرىدە يېڭىلىپ قالساممۇ خۇش بولۇپ، شۈكر ئېيتىپ، خاتالىقىمنى تونۇپ، تەسلىم بولۇپ كېتىۋېرىمەن.
ئاددىيسى، بوكسىيورلۇق مۇسابىقىسىدە مۇسابىقىلەشكۈچىلەرمۇ ئېغىرلىقى ئوخشاش تەنھەركەتچىلەردىن بولىدۇ. ھەرگىزمۇ 80 كىلوگراملىق بىرەيلەننى 50 كىلوگراملىق بىرەيلەن بىلەن تۇتۇشسۇن دەپ سەھىنىگە چىقىرىپ قويمايدۇ. سىز ئىلاھىيەت كەسپىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقىمىسىڭىزمۇ مەيلى، تولۇق كۇرسنى تۈگىتىپ كېلىڭ. ئاندىن پاراڭلىشايلى
بوكسيورچىلىققا قانچىلىك ھەۋىسىڭىز بولسىمۇ بۇ گەپ تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز. سىز دوكتورما ئەمىسە؟ تولۇق كۇرسنى تۈگەتكەن بالىلاردىن بىرى سىزدەك توققۇز يىل ئوقۇغان سەكسەن كىلولىق خانىمنى دەلىلدە يېڭىپ قويغۇدەك، ما ئالىجوقىلىقىڭىزغا قارىغاندا.
«ئەھكام ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى»نى يازغان شەيخ مۇھەممەد ئەلى ئەسسابۇنىنى بىلەرسىز، شۇ داڭلىق ئالىممۇ سۇپى ئىدى، شۇنىمۇ سىزدەك ئىدىيىدىكىلەر مەكتەپتىن قوغلىدى. ئاشۇنداق چوڭ ئالىملار قارىلىنىپ تىللانغان يەردە، مەندەك ئاددىي ئادەملەرنى (سۇپى بولۇشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدىغانلارنى) نېمە دېسىڭىز دەۋەرمەمسىز! ئەمدى ئىنكاس يېزىشقا چاقىرماڭ مېنى.
قاراڭ ما بولۇمسىزلىقىڭىزنى. ئايەتۇل ئەھكامنىڭ سوپىلىق بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار. قارىغاندا سىز بۇ كىتابنى ئوقۇماپسىز، بەك بولسا ھاپىلا-شاپىلا ۋاراقلاپ بېقىپسىز، بولمىسا بۇنداق ئالىجوقا سۆزلىمەيتتىڭىز.
گېزى كەلگەندە،ئۇ كىتابتىكى يازمىلار ھەم سوپىزىمنىڭ باتىللىقىنى ئىسپاتلاشتىكى ياخشى مەنبە بولالايدۇ خانىم. قارىغاندا قولىڭىزدا ئۇ كىتاب يوقكەن، ئوقۇپ باققىم بار ئىدى دېسىڭىز، ماڭا دەڭ، پوچتىدىن سېلىپ بەرسەم تامامەن بولىدۇ. ئەمما، بۇنداق مەمەدانلىقنى تاشلاڭ.
خۇلاسىكالام:
ئەھۋال مانا شۇنداق. «سەللە يوغان ئىمان يوق، داسقان يوغان بىر نان يوق»دېگەن ئىش بولىۋاتىدۇ. مېنىڭ توققۇز يىل ۋاقىتقا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ. مەن سىزنى دويىلغا چاقىرمايمەن. ئەرلەر خوتۇن كىشى بىلەن دويىلغا چۈشمەيدۇ، بىلىۋېلىڭ. ئەمما، مەمەدانلارغا، باتىلنى ھەق دەپ كۆرسىتىدىغان تەتۇر مۇقامچىلارغا مانا مۇشىنىڭدەك ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قويۇش ھەققىم بار. ئەمىسە، كەسپىڭىزنى ئوبدان ئوقۇپ، كېيىنكى ھاياتىڭىزدا سوپىزىمنىڭ ھەقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشىڭىز. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن. ئاللاھقا ئامانەت.
|
|