- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 203
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- UID
- 38308
- يازما
- 203
- تېما
- 6
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 208
- تىزىملاتقان
- 2012-5-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- توردا
- 345 سائەت
|
بۇ توغرىسىدا ئىچىمنى يەنە بىر سىقىپ باقايمۇ ھە . يەنە نېمىلەر چىقىدۇ بۇ توغرىسىدا !
بىز كىمنى تىللاۋاتىمىز ؟ سوپىيلارنىمۇ ؟ ياكى ۋاھابىيلارنىمۇ ؟ ياكى بۈگۈنكى ئاتا بوۋىلىرىمىزنىمۇ ؟ زادى قايسى مەزھەبتىكى كىشىلەرنى ئازغۇن ، گۇمراھ دىيىشىۋاتىمىز ؟ بىز مەيلى كىم بولايلى مەيلى قانداقلا بىر گورۇھتىكىلەرنى بىراقلا قېتىپ گۇمراھ دەيدىغانغا قانداق ئاساسىمىز بار ؟ گۇمراھ دەۋاتقانلار قانداق ئادەملەر ؟ ئۆزىنى ئەڭ توغرا يولدا دەۋاتقان ھەمدە ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ دوستى - ئەۋلىياسى دەۋاتقانلار قانداق كىشىلەر ؟ بىزنىڭ ئەسلى تالىشىدىغان مەسىلىلىرىمىز زادى قايسى ؟ بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزگە لايىق بولغان ھەمدە بۈگۈننىڭ تەقەززاسى بولغان سىر - ھېكمەت دەل مۇشۇ توغرىسىدىدۇر ، ئەلۋەتتە .
سوپىيلار قانداق كىشىلەر ؟
ۋاھابىيلارچۇ ؟
ھەر قايسى سۈننىي ، شىيئە مەزھەبلىرىچۇ ۋە ئۇلارنىڭ تېگىشلىك بولغان ئايرىم ئاتالغان بۆلەكلىرىچۇ ؟
بۇ توغرىسىدا قۇرئانغا مۇناجات قىلىشىمىز لازىم ئەلۋەتتە .
ئاللاھ تائالا دىن توغرىسىدا شۇنداق دەيدۇ .
{ پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (يەنى قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى پاك سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى [129]. ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ [130]. بەقەر }
{ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى اﷲ قا تاپشۇرغان (يەنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس اﷲ ئۈچۈن قىلغان)، باتىل دىنلاردىن بۇرالغان ھالدا ئىبىراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىن (دىنىي جەھەتتە) ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ اﷲ ئىبىراھىمنى دوست تۇتتى [125].نىسا }
{ (ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى» [161]. ئەنئام }
{ ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى) دۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى ئۆز ۋاقتىدىكى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىنلا ئۆزئارا ھەسەت قىلىشىپ ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى)، كىمكى اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ( ئۆز نۆۋىتىدە شۇلاردەك ) ئىنكار قىلىدىكەن (اﷲ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، اﷲ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر [19].ئال ئىمران }
دىن بولسا بەندىنى بەندە قىلغان ياراتقۇچىسى بىلەن ھەر جەھەتتىن مۇكەممەللىكنى باغلايدىغان ۋاستىدۇر . ئەگەر دىن ئول كىشىنىڭ ئىنسانلىقىدا قانچىكى يۈكسىلىشلەرگە قارىتا ھەم يۈكسەلمەيدىكەن ، ئۇ ۋاقىتتا شۇ كىشىنىڭ بۈگۈنى ھەمدە كىيىنلىكىنىڭ ئىسلامدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . چۈنكى مەقبۇل دىن ئىسلامدۇر . ئىسلام بىر قەۋمنىڭ تاقىتىنىڭ يېتىشى بۇيىچە دىندا بولۇشقا مەدەت بېرىدىغان ، ئۇنىڭ دىندىكى ئورنى قانچە تۆۋەن بولسا تاقىتى يېتىدىغان ئىشلارغا ، ئۇ قانچە يۈكسەلگەنچە ھەم كۈچلۈك تەكلىپلەرگە ئىرادە قىلىنىدىغان دىندۇر . ئەمما ، ئىسلامدا دىندا يۈكسەلگەندىن كىيىن چېكىنىش يوق . بۇ خۇددى ئىنسان تۇغۇلدى ، بارغانچە چوڭىيىپ ماڭىدۇكى ، ئەسلى كىچىكلەش بولمىغىنىدەك . كىملەركى قېرىغاندىن كىيىن كىچىك بالىدەك بولۇپ ئىلگىرى بىلگەنلىرىنى ئۇنتۇپ مېڭىسى يىگلەپ قالىدىكەن ، ياكى ئىلگىركى يەھۇدىي - ناسارالاردەك بىر ئېقىمى دىندا ناگاھان بىر ئاۋازلىق ئاگاھلاندۇرۇش بىلەن ئىلگىركى ئورنىدا توختاپ - قېتىپ قالىدىكەن ، شۇ كىشىنىڭ ئىلگىركى كۇفرىلىقىدىن بولىدۇ . شۇڭلاشقا دىندا زورلاش يوق .
{ يەھۇدىيلار: «ناسارالارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ناسارالارمۇ: «يەھۇدىيلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق (يەنى ئۇلار توغرا دىندا ئەمەس)» دېدى. ھالبۇكى، ئۇلار كىتابنى (يەنى يەھۇدىيلار تەۋراتنى، ناسارالار ئىنجىلنى) ئوقۇيدۇ، بىلىمسىز ئادەملەر (يەنى ئەرەب مۇشرىكلىرى) مۇ ئۇلار دېگەندەك دېدى، اﷲ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ [113]. اﷲ نىڭ مەسجىدلىرىدە اﷲ نىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى توسقان ۋە ئۇلارنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ مەسجىدلەرگە ئۇلارنىڭ پەقەت قورققان ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى، ئۇلار دۇنيادا رەسۋا بولىدۇ. ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا (يەنى دوزاخ ئازابىغا) دۇچار بولىدۇ [114]. بەقەر }
ئەگەر ئىسلامنى ھەقىقىي رەۋىشتە چۈشەندۈرۈشتە بولۇش بىلەن ھەممىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا باغلىق ھالدا يەتكۈزۈش قىلىنىدىكەن ، ئۇ ۋاقىتتا دىندا تالاش - تارتىشىش بولمايدۇ . كىشىلەرنى كەمسىندۇرۇش بولمايدۇ . بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى پەس كۆرۈش ، ھەممىنى بىردەك گۇمراھ دەپ ئاتىۋېتىش بولمايدۇ . پەقەت ئۆزى نېمىنى بىلسە ، شۇ يولدىكى كاتتىۋاشلىرىنىڭ بىمەنە ھاللاردا ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن ماختاپ ، ئۇچۇرۇپ ئەۋلىيالىق ماقامىغا چىقىرىۋاتقان بولسا ، ھەمدە شۇ ئالدىنىشتا بىزدىن باشقا نوچى ئادەم يوق ئىكەن دەپ ئىسلامنى ، ئاللاھنڭ دىنىنى ۋە رەھمىتىنى تار مەنىدە تونىۋالغان كىشىلەرلا ئەنە شۇنىڭدەك ئۆزىنى يوقاتقان ھاللاردا ئۆزلىرىدىن باشقا يولدىكىلەرنى گۇمراھ دىيىشىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ دىنىنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئەمەسلىكىنى ، ئۆزلىرىنىڭ يولىغا ئەگىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىدۇ . دىننىڭ ، يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ، ھەمدە كىم - كىملەرگە نېمە - نېمىلەرنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكلىرىنى كۆرەلمىگەن كىشىلەرلا دىندا قارىسىغا ئىختىلاپلىشىپ جاڭجاللىشىدۇ . ھەتتا ، ئىلگىرى يەھۇدىي - ناسارالارغا ئوخشاش ئەمەلىيەتتە ئىككى يولنىڭ ھەر بىرلىرىگە ئەڭ پايدىلىق بولغان نېسىۋىلىرى بارلىقىدىن سىرت ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى بىردىن بىر توغرا دەپ قارىۋېلىش بىلەن ، يەنە بىرلىرىنى ياكى ھەر ئىككى تەرەپلىك يولدىن ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان نېسىۋىلىرىنى ئېلىۋېلىپ ئاللاھنىڭ كىيىنكى تەكلىپلىرىگە يېتەكلەنگەنلەرنى ھەم يولدىن تازدى ، ئاتا - بوۋىلىرىغا ئاسىيلىق قىلدى دەپ بىر - بىرلىرى بىلەن قارشىلاشقان ئىدى . بۇ دەل يولدىن - ھاياتلىقتا پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان قاپتىن ئىبارەت لىنىيەگە ئەسلى ئەمەس بولغان ھالدا كىرىۋالغان قىسقۇچ پاقىلاردىن ئىبارەت كاتتىۋاشلارنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قارىسىغا مەنا بېرىش بىلەن قارشى تەرەپنى كەمسىندۈرۈشلىرى بىلەن بولغان ئىدى . ئۇلارغا قارىسىغىلا دىن دېگەن مۇشۇ شۇ دەپلا ياشايدىغان نادان ، ھاماقەت كىشىلەر تېخىمۇ ئىشلىرىدا ھەددىدىن ئېشىش بىلەن ، ئاقىۋەتتە ، ئۆز نۆۋىتىدە مەزھەپ كۆرىشىدە ئۆتمەكلىكنى تىلەشتى . شۇنىڭدەك ، كىيىنكى شۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بولغان مۇسۇلمانلار جامائەسىدىكى ھاماقەتلەر شۇ خىل دەۋىرلىك ماھىيەتنى قايتىلاندۇرۇپ ، ئۆز مەزھەپلىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ، ئۇنىڭدىن باشقىلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكى توغرىسىدا قارىسىغا جاڭجاللىشىش بىلەن ( پەلەستىن ..... ) لەردىكى دىن توقۇنۇشلاردا ھەتتا ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ۋەيران قىلىشقا ئورۇنۇشقا تۇتۇندى . ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتى ئاللاھ ئاگاھلاندۇرغاندەك ، پات ئارىدا قاتتىق ئازابقا دۇچار بولۇشتىن ئىبارەت بولدى . ئىلگىركى مۇسۇلمانلار ئارا ئىخىتىلاپلىشىپ مەسجىدلىرىنى پارتىلتىش قىلىشىۋاتقاندا ھىجىيىشىپ تۇرۇشقان باشقىلار ، ئەمدى ئۇلارنىڭ بېشىغا شۇ سەۋەبلىك يەتكەن مۇسىبەتكە قارىتا ھەر خىل تەرەپلىك تىل ئىشتىشكە ئۆتتى . ھالبۇكى ، ئاللاھنىڭ دىندا ئىختىلاپ قىلىشماسلىققا ، ئەگەر شۇ قىلمىشىدا ھەددىدىن ئېشىپ مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئۆتىدىكەن ، ئويلىمىغان يەردىن ئازابنىڭ يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئايەت بېرىپ قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان ئەمەسمىدى ؟ ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن نەتىجىسىنى ھەتتا ئۆلمەستىنلا ھاياتىدا كۆرىدۇ ۋە تېتىيدۇ . شۇنىڭدەك ، يامانلىقنى يەھۇدىيدىن ، كومۇنىستلاردىن دەپ بىۋاستە ئۇلارنى ئىلاھلىق دەرىجىسىگە قويۇپ ئېتىقاد قىلغانلار ، مەيلى قايسىكى بىر يولدا بولمىسۇن ، تۈپى ئۆزىدىن مۇشرىكتۇر . ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ ۋە تەقدىرگە ئىمان ئېيتمايدۇ . ئاللاھنىڭ ئايىتىگە چۈشۈشنى خالىمايدۇ . ھەمدە ئاتاقىي دىن ، يولغا ئاساسلىنىپلا ئۆز ئالدىغا دىن بەرپا قىلىدۇ . چۈنكى ، دىن بەندىنى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى لىنىيەسىگە ھەر ۋاقىت چۈشۈشىنى تىلەيدۇ . ئەمما ، ئول كىشى ياكى شۇ قەۋم ئاللاھنىڭ توغرا لىنىيەسىگە چۈشمىسە ، ئۇنىڭ زېمىندا دىنىنىڭ توغرىلىقىنى دەۋا قىلىش ھوقوقى ، سالاھىيىتى بولمايدۇ . ھەمدە ئۇنداقلارنىڭ ھەق ئۈچۈن دەپ ھەر قانچە ئىزتىراپ چەككەنكى ئەمەللىرى قۇبۇللانمايدۇ ۋە ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرى گەرچە بۈگۈنىدە ئۇلار بىلەن مۇلاقات بولغان تەقدىردىمۇ ، ھامان ئۇلارنىڭ تىلىكى قورغىنىدىن ھېچ ئۆزرىسىز ھالدىلا يېنىپ چىقىدۇ . ھەتتا ، شۇ كىشىلەر تەرىپىدىن مۇشۇ چىقىپ كەتكەن بولسىچۇ دېگەنكى جىلۋىلىلىرى ئاستىدا ، قارشى تەرەپنىڭ ئېغىرچىلىقىدىن خالاس تاپقۇزىدۇ . يەنى ، ئاللاھنىڭ ئاللاھنى بىردىن بىر مەبۇد قىلغانكى مۆئمىن بەندىلىرىدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولىدۇ . ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ توغرىلىقتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ئەمما ، ئۇلار ھامان ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىشىدۇ .
{ ﷲ سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان ھالىتىڭلار بىلەن چىقاردى، اﷲ سىلەرگە شۈكۈر قىلسۇن دەپ، قۇلاق، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلدى [78]. ئۇلار قۇشلارنىڭ ھاۋادا ئۇچۇشقا بويسۇندۇرۇلغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلارنى (ھاۋادىن چۈشۈپ كېتىشتىن) پەقەت اﷲ تۇتۇپ تۇرىدۇ، بۇنىڭدا ئىمان ئېيتىدىغان قەۋم ئۈچۈن (اﷲ نىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار [79]. نەھل }
ھەر قانداق بىر ئىنسان ئاللاھ ئېيتقاندەك ھەق ۋە ناھەقنىڭ ، دىن ۋە يولنىڭ ، ئېتىقاد ھەمدە ئىماننىڭ .... نېمە ئىكەنلىكىدىن مەھرۇم ھالدا تۇغۇلىدۇ . ئەمما ، ئاللاھ ئېيتقاندەك ، ھەر بىر جان ئۆزلىرىنىڭ مەيلى نەپسى ، روھىي ، تىنى نېمىلەرنى خۇش تاپقان بولسا شۇنىڭغا يەتمەكلىك ئۈچۈن ، قۇلاق ، كۆز ۋە يۈرەكلەرنى ئاتا قىلىشى ئارقىسىدا ئۆز مۇددىئاسىغا يەتمەكلىكى ئۈچۈن تىرىشقۇسىدۇر . بەندە ئەنە شۇ تىرىشىش ئارقىسىدا مەلۇم بولغان ھەر تۈرلۈك ئىشلارغا دۇچ كەلگۈسىدۇركى ، ھەمدە ئاللاھ ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتىدۇكى :
{ توغرا يول كۆرسىتىشنى اﷲ ئۆز ئۈستىگە ئالغان. بەزى يوللار ئەگرى بولىدۇ، مۇبادا اﷲ خالىسا ئىدى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلارنى ئەلۋەتتە توغرا يولغا سالغان بولاتتى [9]. اﷲ سىلەرگە بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر ۋە شۇ يامغۇر ئاقىلىق ئۆسكەن دەل - دەرەخلەر بىلەن چارۋاڭلارنى باقىسىلەر [10].نەھل }
ئېيتىلغاندەك ، بەندە نېمىلەرگە دۇچ كەلمىسۇن ، شۇ كىشىگە قارىتا ئۇنىڭ توغرىسى بىلەن بىللە كېلىدۇ . ئەمما ، نېمىلەرنىڭ توغرىسىغا يۈزلىنىش توغرىسىدا ئىنساننىڭ روھىيىتى بىلەن نەپسى كۆرەش قىلىدۇ . دىن دەل رۇھتا بولىدۇ . نەپسى قەلىبتە بولىدۇ . ئەگەر كىشى دىنىنى كۈچلەندۈرۈش بىلەن دائىم توغرا يولدا تەقۋالىقتا بولىدىكەن ، شۇ ئىتا قايسى تەرەپكە يۆنۈلۈشتە ئۇنىڭ دىنى بېسىپ كىتىش بىلەن ، ئەسلى بولغان ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىرادە قىلغان لىنىيەگە قانچە ۆكپ بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماستىن ئۇدۇللا چۈشىدۇ . ئەمما ، ئۇنىڭ كۇفرىلىق سەۋەبلىك دىندا قانچە سۇس بولسا نەپسى غالىپ قېلىدۇ دە ، بەزى بەدەللەرنى تۆلەشتىن ۋاز كېچىش بىلەن ھەمدە بەزى ئىشلارغا يەتمەكتە ۋاستە تاللىماستىنلا ئۇدۇللا دىنىنى ، ئېتىقادىنى ، ئادىمىيلىكى قايرىپ قويىدۇ دە ، ئاقىۋەتتە ، ئۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر بىردەك ئازىدۇ ۋە تېخىمۇ گۇمراھلىقلارغا يېتىدۇ . شۇڭا مەيلى ئۇ قايسى يولدا بولمىسۇن ، قانچىكى ئاللاھقا يېلىنىپ ئۇنىڭ توغرا يول كۆرسەتكىنىنى ئاساس قىلىپ مېڭىۋېرىدىكەن ، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ ئېرىشىدىغان يولى ئاللاھنىڭ ئەڭ توغرا دىنىغا ئېرىشىشتۇر . ھەمدە ئاللاھنىڭ بارلىق ئىرادىلىرىگە چىن پۈتۈشكە چۈشكۈسىدۇر . كىشى قانچىكى ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىپ توغرىلىققا ئاساسلىنىۋېرىدىكەن ، خۇددى ئاللاھ كىيىنكى ئايەتتە ئېيتقاندەك ، ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت تېگىشلىك بولغان يامغۇردىن ئىبارەت ئىلىملەرنى ، مۇھىتلارنى يارىتىپ بەرگۈسىدۇر .
ئاللاھ راست ئېيتتى ، مۇبادا ھەممىمىز ئېتىقاد جەھەتتىن بولسۇن ، ئىش قىلىپ ھەممە بىردەك ئوخشاشلىقتا تۇغۇلغان بولساق ، ھەممىمىزنى پەقەت بىر يول ، ئەڭ توغرىسىغا سالغان بولاتتى . ئەمما ، مېھرىبان ئاللاھ ھەممىلەرنىڭ تاقىتىنىڭ يېتىشىچە بولغان يوللاردىكى مىللەت ، دۆلەت ..... ئارا چىقارماقنى تەيىن تاپتى . پەقەت تەقدىرگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرلا ئاللاھنىڭ بۇ خىل رەھمەتلىرىنى تەبىئەت ھادىسىگە چىقىرىش بىلەن تەيىن تېپىشىدۇ . ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا ئادەملەر ۋە ھايۋان مەسەللىك چاھارپايلار ھەم باردۇر ھەتتا بەزىلىرى ھايۋانلاردىنمۇ بەتەردۇر . ھايۋان چېغىدا بەزى ئىشلاردا پىكىر قىلىپ تۇرۇپ ئىشلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىرالايدۇ . ئەمما ، ئاللاھ ھايۋانلاردىنمۇ بەتەر دەپ كۆرسەتكەن كىشىلەر بولسا ئانچىكى ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىرادىسى بىلەن قاملاشتۇرۇپمۇ قىلالمايدۇ ھەتتا ئۆزلىرىگە ئىنتايىن پايدىلىق گەپلەردىن بىھاجەت ئۆتۈپ كېتىدۇ ھەم پۇتى كىرگەن كۆۋرۈككە يەنە قايتا - قايتا كىرىش بىلەنمۇ پەيلىدىن يانمايدۇ .
ئاللاھ ئېيتقاندەك ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياغىدىكەن ، ئۇنىڭدىن ئىنسانلارمۇ ۋە ھايۋانلارمۇ بىردەك پايدىلانغىنىدەك ، ھەر بىر يولغا نىسبەتەن بىرەر نېمەت بېرىلىدىكەن ، ئۇنى ھەر جەھەتتىن توغرا ئىستىمال قىلالماستىن بەزىلەر ساپ نېمەتنى پاتقاققا مىلاپ تۇرۇپ ئىستىمال قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى قانداقلىقىنى بىلدۈرۈشنى تىلەيدۇ . ئىنسان ھەقىقىي كۈزىتىشتە بولالايدىكەن ، ھەر بىر يولدىكىلەرنىڭ قايسىسى ئىنسان ، قايسىسى ھايۋان ، قايسىسى ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا قالغان بۇنى توغرا تاپالايدۇ .
{ شۈبھىسىزكى، مۆمىنلەر، يەھۇدىيلار، ناسارالار (ئارىسىدىن) ۋە پەرىشتىلەرگە، يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار ئارىسىدىن اﷲ قا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرگەن ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ قېشىدا ئەجرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم - قايغۇ يوقتۇر [62]. بەقەر }
دىن ئەمەلىيەتتە بىر . ئەمما ، ئەنە شۇ بىرلىكنى ھەقىقىي مۇكەممەل رەۋىشتە تولۇقلاش ئۈچۈن چوقۇم ئۇ بىر يولغا چۈشىشى كېرەك . ياكى ھاياتىدا بىر قانچە يول ئالمىشىشى كېرەك .
خەلقئارادا پالانى دىنى ، پۇكۇنى دىنى دەپ ئايرىپ بالادا قالىدۇ . ئەنە شۇ ئايرىغىنىنىڭ ئۆزىلا شۇ كىشىنىڭ قاتتىق ئازغۇنلۇقتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . ھالبۇكى ، ھەممە ئىنتىلىۋاتقان دىن بىر . ئۇ بولسىمۇ جىمى شەيئىلەرنى توغرا ئىستىمال قىلىدىغان ، ئۇنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنىڭ بىردىن بىر ئىلاھقا باغلىنىدىغان ، ھەر ۋاقىت بەندە نېمىلەرگە تىۋىنمىسۇن ، ئۇنىڭغا چىقىش يولىنى ھازىرلاپ بېرىدىغان پەرۋەردىگارغا جىمى ئىشلىرىدا پۈتۈنلەي يۈزلىنىش ، ئۇنى بىردىن بىر مەبۇد تۇتۇشتەك ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغىلا تەقۋالىق قىلىش بىلەن تەۋەككۇل قىلىشنى ئىختىيار قىلغۇچى ۋە شۇ خىل دىنىي مەۋقەگە يەتمەكلىكنى تىلىگۈچى ئىسلامدۇر . ئىسلام پۈتۈن بىر دىن بىرلىكىدۇر . ئەمما ، بۇ خىل بىرلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەستىن ۋە تونىسىمۇ يەنىلا ئۆز تونىشىدا باشقىلارنىڭ يۈز - خاتىرىسىنى قىلىش بىلەن دىن ئايرىمىچىلىق قىلىش بولسا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئىسلامغا يېتىشتىن توسۇشنى تىلىگەن بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن دىن بارىسىدا پالانى - پوكۇنى دىن دەپ ، پالانى - پوكۇنى مەزھەپ دەپ ئايرىمىچىلىق قىلىش ئىنتايىن قاتتىق ئازغۇنلۇقتۇر ۋە باشقىلارنى گۇمراھلىققا ئىتتىرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . مۇسۇلمانلاردىمۇ نامى ئاتاقتا ئىسلام دىنى دەيدىغان ، ئەمما ، مەزھەپ ئۇرىشىنى توختاتمايدىغان بىر بۆلۈك قېنى قىززىق ھاماقەتلەر مەۋجۇتتۇر .
ئىلگىرى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن تەۋراتنى تۇتقا قىلغان ھەمدە ئۆزلىرىنى بىردىن بىر توغرا يولدا دەپ ئاتاشقان ئىدى . ناسارالارمۇ ھەم ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئىنجىلنى تۇتقا قىلىۋالغان ھاللاردا ئۆزلىرىنى بىردىن بىر توغرا يولدا دەپ ئاتاشقان ئىدى . ئەمما ، ئۆز ۋاقتىدا بۇ ئىككىسىنىڭ بۈگۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننىي ۋە شىيئە دەپ ئاتالغاندەك ئىككى مەزھەپ ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ھاللاردا ، شۇنىڭدەك دىن ئايرىمىچىلىق قىلغۇچى ئاتالمىش پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسى بولىمىش كاتتىۋاشلىرىنىڭ ھەر قىسما پەتىۋالىرى قىياسلىرىغا ئالدانغان تۆۋەندىكىلەر قايمۇقۇشىدا ئۆز ئارا جاڭجاللاشقان ئىدى . مانا بۇ جاڭجاللىشىش ئاقىۋەتتە ئۇلارنىڭ شۇ خىل دىنىي ئېتىقادىنى يەكۈنلەپ چىقاردىكى : { ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى ، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي باشلىقلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ تىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر [31].نىسا }
شۇنىڭدەك ، كىملەركى ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بۇيىچە ئەمەس بەلكى بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە چۈشمىگەن بۇيرىقىغا ئاساسلانغان ھاللاردا ئىش كۆرىدىكەن ، ئۇ ۋاقىتتا ئول كىشىلەر ئەگەشتۈرگۈچىلىرىنى مەبۇد قىلىۋالغان بولىدۇ . شۇڭا بىز مۇشۇ تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز لازىمدۇر . ھەتتا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر .
{ مۇھەممەد اﷲ نىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار اﷲ نىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئەسىرىدىن نىشانلار بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن، دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، اﷲ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى [29].فەتىھ }
<< قاغا ، قاغا بىلەن پوق تالاشسا ئوۋچىغا پايدا >> دېگەندەك ، ئوۋچى قانداق كىشىلەر؟ دەل پۇرسەتپەرەس كىشىلەردۇر . شۇنىڭدەك ، ئۆز نۆۋىتىدە ھەر بۆلۈك كىشىلەر يەھۇدىيلار ئارىسىدىكى بولغانلىقتىن ۋە شۇ تەرەپلىك پىتنىگە قالغانلىقلىرىدىن ئىنجىلغا ئاساسلانغانلارنى گۇمراھ دىيىشتى ھەمدە ئۆزلىرىكى بۇ پىتنىچىلىكتىن تېنىپ چىقىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا بارغانلارنى ئاشكارا تۆھمەت بىلەن قارلاشتى . ئەنە شۇ خىل ئاداۋەتلىك قەلىبلەردە بۇ ئىككى پىرقە ئاتالمىش توغرا يولدىكىلەر بىر - بىرلىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشمايتتى ۋە كىملەر ئۇلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇسا ئۇ قاتتىق گۇناھكار بولاتتى . شۇ سەۋەبلىك شۇ ۋاقىتتىكى ئاللاھ كىيىنكى بىر دولقۇنغا لايىق بولىشى ئۈچۈن ئىككى لىنىيەنى ، ئىككى باغنى ، ئىككى دەريانى بەرپا قىلىپ بەرسە پەقەت ئاللاھقا خاس ئىبادەت قىلماستىن ماتىرىيالنى ، ئۆلىمالىرىنى مەبۇد قىلىۋېلىشقان كىشىلەرلا ئۆز ئارا قاغا بولۇشۇپ بىر- بىرلىرى بىلەن ھېچ قانداق نەپ تەگمەيدىغان نەرسىلەرنى تالىشىش بىلەن ھاياتىنى بىھۇدە ئۆتكۈزدى ۋە ئاقىۋەتتە تېگىشلىك نېسىۋىلىرىگە ئېرىشتى . ھالبۇكى ، ئاللاھ تائالا كىيىنكى چوڭ دولقۇننىڭ كېلىشى ئۈچۈن توسما بەرپا قىلىشقا ئەنە شۇلارنىڭ ئۆز ئارا بىرلىشىشى ، دىندا تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئىرادە قىلغان ئىدى . ئەمما ، ئۇلاردىكى ئىچ ئىچىدىن بولغان تەبىئىي ئاداۋەت كۈچى ، ئۇلارنى شۇ خىل بىرلىشىشلەردىن ياكى ئىككى قىممەتنى بىرلىكتە تولۇقلاپ يۈكسىلىشلىرىدىن مەھرۇم قالدۇردى . ئاقىۋەتتە ، بىرلىكتە دىن ئايرىمىسى قىلىش بىلەن چەكلىنىش بىلەن ئۆزلىرىنى ھەمدە كىيىنكى ئەۋلاتلىرىنىڭ دىنىنىڭ ئىسلام بولىشىدىكى ئىمتىيازىنى بوغۇزلىدى ھەمدە ئارىسىدىن كىملەر يولىنى ئۆگەرتىدىكەن ، ئۇلارنىڭ يەھۇدىي مىللىتىدىن بولۇپ قالغانلىقىغا ، ئىلگىرى ئۇلار بىلەن دوست بۇرادەر ، ئۇرۇق - تۇغقان بولۇپ قالغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدۇرىۋەتتى . ئەنە شۇ قاتتىقچىلىققا چىدىيالمىغان كىيىنكى ھەقنى تونىغۇچى ، ئەمما ، ئۆزلىرىدىكى شۇ خىل بېسىملارغا چىداشلىق بېرەلمەيدىغان كىشىلەر بۇ خىل قاتتىقچىلىقتىن ئەنسىرەپ كىيىنكى ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ئۇلارنىڭ توغرىلىقىنى تونۇتقان ھەقىقەتكە قارىتا يۈكسىلىيەلمەي قېلىشتى . بۇ خۇددى جىنكەش باخشىلارنىڭ ھەقىقەتكە قايتىپ ئەھلى مۇسۇلمان بولىمەن دېسە ، جىندىن ئىبارەت ئىلگىركى كاپىر ، قىلمىشلىرىدا ھەددىدىن ئاشقۇچى كىشىلىرى كېلىپ دائىم ئۇيقۇ بەرمەي ، كانىيىنى بوغۇپ ئارامچىلىق بەرمىگىنىگە ئوخشاش ئاقىۋەتتۇر . ئەمما ، ئۇلار كىيىنچە ھەم ھەر تەرەپلىك ئاللاھنىڭ توغرا يولىنى كۆرسەتسە ھەمدە قانداق تەۋەككۇل قىلىشلارنى بىلدۈرسە ھەمدە كىيىنگە يۈكسەلگۈچى تەۋەككۇلچىلارنى كۆرسەتسە ھەتتا ئۇلار بىلەن بىر سۇرۇندا قىلسىمۇ شۇ بۇيىچە ئۇلارنىڭ يېتەكلىشىگە قارىتا ئىش كۆرمەستىن ، ئاللاھىنىڭ ۋەدىسىگە تازا ئىشىنىپ بولالماسلىقتەك ئاقىۋەتتە يەنىلا ئىلگىركى ئورنىدا بولۇشتەك مەۋقەگە قېلىشتەك قارارنى مەقسەت قىلغىنىدەك بولدى . مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىلگىرىدىن دائىم ئاللاھنىلا مەبۇد تۇتۇش ۋە ئاللاھقىلا تەۋەككۇل قىلىش ياكى شۇ ئىشلىرىدا تەۋەككۇل قىلىشتەك روھىنى توغرا يېتىلدۈرمىگەنلىكىنىڭ ئاقىۋېتى بولدى . شۇڭا ،ئاللاھنىڭ كىيىنكى يۈكسىلىشىگە قارىتا غەزىپى كەلسە چوڭقۇر تىنىشقا قارىتا ئۆپكىسى بار . ئېغىرچىلىقلارنى كۆتۈرۈشكە كۈچى ، مۇسكۇللىرى بار . بىرەر ئىشقا بەل باغلىسا چوقۇم بىر باشقا چىقىرىشقا تېگىشلىك بولغان غايىسى ، شىجائىتى ، يۈرىكى ، ئەقىل - پاراسىتى بار . تېنى ، ئېتىقادى ، ئىمان كۈچلۈك بولغانكى ماھىيىتىنى قوغدىغانكى ھەمدە كۈچەيتكەنكى كىشىلەر ئاندىن ھەر ۋاقىت ئاللاھ قايسى تەرەپتىن بىر ھەقىقەتكە چاقىرغۇچى شەيئىلىرىنى ئەۋەتكەندە ، دادىل قەدەم بىلەن باسالىغۇسىدۇر . ئۇنداق بولماي بۇ خىل ئەركەكلىكىدىن تانغانكى خوتۇن مىجەز ئاجىزلىقنى تىلىگۈچىلەر ، ھامان بەزى يامانلىقلار سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ھالقىلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتەلمەيدۇ . بۇنداقلاردا نە تەۋەككۇللۇق جاسارىتى ، شىجائىتى بولسۇن ؟
{ پەرۋەردىگارىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، كىتابىڭنى (يەنى قۇرئاننى)، ھېكمەتنى (يەنى پاك سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن» دېدى [129]. ئۆزىنى ئەخمەق قىلغانلاردىن باشقا كىم ئىبراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدۇق. شەك - شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ [130]. بەقەر }
شۇنىڭدەك ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى دەل شۇ ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەتتۇر . ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھ ئۆز كەرىمى بىلەن ئۇلارغا تېگىشلىك بولغان يوللارغا سېلىش بىلەن بارا - بارا تۆۋەنلىكتىن يۇقىرىلىققا يۈكسەلدۈرۈپ ئىسرائىل ئەۋلادىنى ھەمدە كىيىن قۇرەيىشتىن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ پۇشتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تاللاپ ، ئۇلارغا ئۆز ۋاقتلىرىدا تېگىشلىك بولغان دىنىي سىياسەتلەرگە يېتەكلەپ ھەر بىرلىرىگە تېگىشلىك بولغان توغرا يۆنۈلۈشلۈك شەرىئەت تۇرغۇزۇپ بەردى . ئۇلار ھەمىشە ئەنە شۇنىڭدەك شەرىئەتكە چۈشۈش بىلەن توغرا يولدا بولۇشنى تىلەشتى .
شۇنىڭدەك ، قايسىكى بىر مۇسۇلمان بولغان قەۋمگە ئۆز زامانىدا تېگىشلىك بولغان شەرىئەت ( يەنى دىنىي سىياسەت ) بېرىلىدىكەن ، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە نوقۇل چۈشۈش بىلەن ئىش ئۈستىدىكىلىرىگە توغرا رەۋىشتە ئەگەشكۈسىدۇر . ئەنە شۇ خىل ئەگىشىش ئارقىسىدىكى ئاللاھنىڭ نۇرىغا ئېرىشكۈسىدۇر . ئەنە شۇ خىل نۇرغا ئەگىشىش بىلەن كىيىنكى زامانغا ، دەۋىرگە خاس بولغان شەرىئەتكە ھەم يېتەكلەنگۈسىدۇر .
{ ھەر ئۈممەت ئۈچۈن بىر شەرىئەت بېكىتتۇق، ئۇلار شۇ شەرىئەتكە ئەمەل قىلىدۇ، (مۇشرىكلار) شەرىئەت ئىشىدا سەن بىلەن جېدەللەشمىسۇن، كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ئىبادىتىگە) دەۋەت قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن شەكسىز توغرا يولدىدۇرسەن [67]. ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن جېدەللەشسە، ئېيتقىنكى، «اﷲ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ [68]. اﷲ قىيامەت كۈنى سىلەر ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلەر ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ» [69].ھەج }
{ سەندىن ئىلگىرى بىز پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى نازىل قىلىپ، ئۇلارنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، (ئى قۇرەيش جامائەسى!) بۇنى بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرى (يەنى تەۋرات ۋە ئىنجىلنى بىلگۈچىلەر) دىن سوراڭلار [43]. (ئۇلارنى ئۇلارنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز - نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق [44]. نەھل }
شۇنىڭدەك ، مۇسۇلمانلار ئارا ھەر ۋاقىت شەرىئەتنى تۇتقا قىلغان ئاساستا دىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ، دىننىڭ قۇرغۇچىلىرى ئەۋەتىلگەن . ئۇلار ئۆز قەۋمىنى نۆۋەتتىكى ئورنىدىن كىيىنكى دىنىي يۈكسىلىشلەرگە ئېلىپ چىققان .
{ كۇففارلار نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بىرەر مۆجىزە نازىل بولمىدى؟ دېيىشىدۇ، سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى. ھەر قەۋمنىڭ بىر ھىدايەت قىلغۇچىسى بولىدۇ (مۆجىزىلەرگە كەلسەك. ئۇ اﷲ نىڭ ئىلكىدىكى ئىش) [7]. رەئىد }
ئىنسانىيەت ئالىمىدە ھېچقاچان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىكىدەك كىشىلەر ئارىسىدا دىندا ئەڭ كۈچلۈك رەۋىشتە ئۇنچىلىك جاڭجاللىشىپ باقمىغان . كىشىلەر قانچە دىندا كۈچلىنىدىكەن ، ئۇلارغا بېرىلدىغان ئامانەت شۇنچە كۆپ ۋە شۇنچە قاتتىق ھەمدە شۇنچە تىز يۈكسىلىنىدۇ . شۇ ۋەجىدىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامىڭ دەۋرىدە شەرىئەت ئىنتايىن تىز سۈرەتتە 23 يىل مابەينىدە بىر ئەۋلات كىشىلىرىدىلا قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىپ كەتكەن . ئەگەر يەنە شۇنىڭدەك بىر ۋەزىيەت قايتىلانسا ، ئەڭ تىز سۈرئەتتە بىر ئەۋلات كىشىلەر ھەم بىر قانچە ئون يىل مابەينىدىلا يۈكسىلىنىپ چىقىپ كەتكۈسىدۇر . ھەمدە ئۇلارنىڭ ماكانلىرىدا ھەقىقەتەن دىن بارىسىدا نۇرغۇنلىغان تالاش تارتىشلار ، ئازاب - ئوقۇبەتلەر ، قىلمىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈشلەر بولغۇسىدۇر . ئەمما ، ئۇنىڭدەك ۋاقىت كەلمەي ، خۇددى ئىلگىركى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋاقتىدىكىدەك ، بىر ئۈستۈنلۈك بىر قانچە ئەۋلات داۋاملىشىش ئىرادە قىلىنسا ، ھەقىقەت شۇكى ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە چۈشمەي بولمايدۇ .
بىزدە ئۇزۇن يىللىق تارىختىن بۇيان دىنىي جەھەتتىن يۈكسىلىش ئەمەس بەلكى كۇفرىلىقلارغا ، ئاچارچىلىقلار ۋە نامراتچىلىق ، نادانلىقلاردا يۈكسىلىشلەر كۆپ بولغانلىقتىن ، بىزلەردىكى زامان يۈكسىلىشى ھەقىقەتەن ئىلگىركىلەردەكلا ئىنتايىن ئاستا دەۋىرلىنىشتە بولغان . شۇ ۋەجىدىن ، بىزلەر ھەم تاقىتىمىزنىڭ يېتىشىچە بەزى ئىمتىيازلار ئەھلى سۈننەتكە يېتىشمىسىمۇ ، ئەمما ، بىر ئەئرابىنىڭ سۈپىتىگە چۈشىشى ئاستىدا شۇنچىلىك بولسىمۇ دىندا بولۇش تەلەپ قىلىنغانلىقتىن ، شۇنچىلىك بولسىمۇ كىشىلەر ئارا دىنىي قىممەتلەرنى بايان قىلغۇچى ئاز ساندىكى دىنىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكتىكى كىشىلىرىمىز باشقىلارنىڭ تاقىتىگە يارىشالام نېسىۋە بېرىشتەك تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ كەلگەن .
ھەممىگە ئايانكى بىر ھەدىس ، بىر ئەرابى ، يەنى شۇ ۋاقىتتىكى نادان ، ئوقۇمىغان ، خەت يېزىشنى بىلمەيدىغان ، چارۋىچى ، ئىش قىلىپ شەھەرلەردىكىلەرگە بېرىلگەن تەكلىپلەرگە خاس كېلەلمەيدىغان كىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ ، قانداق ئەمەللەرنى قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ . مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام << بىر كۈندە بەش ۋاقت ناماز پەرز قىلىندى >> ، - بۇنىڭدىنمۇ باشقا ناماز بارمۇ ؟ << يوق . ئەمما ، باشقا نەپلا ناماز ئوقۇساڭ بولىدۇ . بىر يىلدا ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇش پەرز قىلىندى >> ، - بۇنىڭدىنمۇ باشقا روزا بارمۇ ؟ << يوق . ئەمما ، نەپلە روزا تۇتساڭ بولىدۇ . يەنە قادىر بولالىغانلارغا ھاياتىدا مەككىنى بىر قېتىم تاۋاپ قىلىش پەرز قىلىندى >> دەپ جاۋاب بەرگەندە ھېلىقى يېزىلىق چارۋىچى كېتىۋاتقانكى يېرىدىن توختاپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كەممۇ قىلىپ قويمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇنڭدىن ئاشۇرۇپمۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھېي توختا ! سېنىڭ يەنە بەزى ئەقىدىلىرىڭدە زەررىچە ئىشلاردىمۇ بىدئەتلەر بولسا تۈزىتىشىڭ كېرەك دېمەستىن ، << كىمكى جەننەتتىن بىر كىشىنى كۆرمەكچى بولسا ئۇنىڭغا قارىسۇن ، يەنە بىر ھەدىستە ، يەنە بىرىگە ئەگەر ئۇ دېگىنىدەكلا قىلسا جەننەتكە ئېرىشتى >> دەپ ، ئۇنىڭغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بەرگەن ئىدى . دېمەك ، ئىسلامدا زورلاش يوقتۇر . پەقەت ھەممىگە لايىقىدا سۈپەتدار بولۇشتۇر .
ئەگەر ئىسلامدا ھېچقانداق ئادىمىيلىك ، ئىنسانىيلىك ۋە ئېتىقاد - ئىمان جەھەتتىن ھېچقانداق ئىمتىياز تەلەپ قىلىنمايدىغان ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ھاياتىدا ئون نەچچە يىللىق ھەتتا يىگىرمە نەچچە يىللىق ئىسلامىي باسقۇچلاردا مەزمۇت تۇرغانكى باشلامچىلار قىلغاندەكلا قىلىش بىلەن كىچىكلەرمۇ ، دىنسىزلارمۇ ، ئېتىقادسىزلارمۇ بىردەك بىر خىل سۈپەتتە ، ئەمەللەر ۋە ھەركەتلەردە بولۇش تەلەپ قىلىنسا ئىدى ، ئىسلام دىنى تارىختىن بۇيان ھېچ ئىختىلابلاشمىغان ، بىر پەيغەمبەر كېلىش بىلەنلا كىيىنكىلەر ھېچ بىر پەيغەمبەرگە مۇھتاج بولمىغان بولاتتى . ھەمدە ھېچ ئاگاھلاندۇرغۇچىلار كەلمىگەن بولاتتى . ئەگەر شۇنداق بولسا دىندا ھەم ھېچ بىر موللا ، ئالىم دېگەندەك كىشىلەر بولمايتتى . ھەممە ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراشلا ئۆتكەن بولاتتى . ئەقىل ئىگىلىرىمۇ ھەم باشقىلاردەك بىرسىنىڭ بىرى بىلەن كارى بولماستىن ، ئۇنى تەربىيلەپ يولسا سالماستىن ئۇدۇللا يۇقىرى بېسىملىق تەكلىپلەرگە سېلىپ قويۇپ مۇناپىق بولامدۇ ، كاپىر بولامدۇ ..... نېمىلا بولسا بولىۋېرىدىغان نوقتىدا تاشلىۋەتكەن بولاتتى . ھەمدە بىر كىشى بىركىسىنى گۇمراھمۇ دىمەيتتى ھەم ئۇنىڭدىن قاچمايتتى . ھەممە بىر - بىرلىرى بىلەن شۇنداق يېقىن ئىجىل ياشايتتى . تولىمۇ ئەپسۇسكى ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بۇنىڭغا يول قويمىدى . ھەممىلەرگە تاقىتى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تەلەپ قىلدى . ئەمما ، زالىملار ۋە ھاماقەتلىكتىنلا بەزى كىتابلارنى ئوقۇۋېلىپ ھېكمەتسىزلا كىشىلەر ئارىسىدا ۋەز ئېيتىش بىلەن ، ئىمتىيازنىڭ نېمە ئىكەنلىكى بىلەن ھېسابلاشماستىن سۇ ئۈزۈشنى ئۆگەتمەستىن سۇغا سەكرەشنى ، مەبۇدقا چوقۇنۇشتىكى ئېتىقادى شەكىللەنمەستىنلا ھەتتا پەرۋەردىگارنى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا تەقۋالىق قىلىشتەك ئىمتىيازغا كەلمەستىنلا ھەممىنى بىردەك قىران كىشىلەرگە خاسلاشتۇرۇشقا تۇتۇنۇپ كەتتى . ئادىمىيلىكتىكى تېخى شەھۋەت بەرپا بولۇشتىن ئىلگىركى يەتتە ياشلىق بالىلارغا خوتۇن ئېلىشقا ، بالا تېپىشقا ھېچ تىل ئىشتمەيدۇ يۇ ، ۋە ئۇنداق تەلەپ قىلغۇچىلارنى قاغاپ بىر قېلىۋىتىدىغان كىشىلەر توپى ، دىنىي جەھەتتىن ھېچقانداق بىر مەۋقەگە كەلمىگەنلەرنى ھەم ھەر نەرسىلەرنى دىيىش بىلەن ئەمەلگە ، ئىنتايىن خەتەردىن ئىبارەت ئىمانغا ئالدىنى قىلىشقا مەجبۇرلاپ قويۇشتىن باش تارتمايدۇ . ئۇلار ئاللاھ ھەممىمىزگە شۇنداق بۇيرىغان دەيدۇ . ئاللاھ ئەمەلىيەتتە ھەممىلەرگە پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشلارنى قىلىشقىلا تەكلىپ قىلغان . كىملەرنى تاقەتسىز ئىشلارنى قىلىشقا قىستايدىكەن ۋە بۇيرۇيدىكەن ، ئۇ ئىككىنچى بىر ئاللاھ بولىدۇ . مانا بۇ خىلدىكى ھازىرلىقتىن بىخەۋەر كىشىلەر دىن بىلەن ئاجايىپ ئاشكارا ھاللاردا ئوينىشىدۇ . ئىلگىرىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئويناشقان ئىدى . بۈگۈنكىلەرمۇ ھەم ئوينىشىۋاتىدۇ . بۇلارمۇ ھەم ئىلگىركىلەر ئۇچىرىغان ئىشلارغا ئۇچىراشنى تىلىشىۋاتىدۇ . ھەقىقەت شۇكى ، << كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭمۇ بېشىغا كېلىدۇ >>
تېمىنى يىغساق ، مەيلى بۇددا دىن بولسۇن ، خىرىستىئان دىن بولسۇن ، كاتولىك دىن بولسۇن ياكى ئىسلام دىن بولسۇن ھەممىلەرنىڭ ئەسلى مۇددىئاسى پەقەت ۋە پەقەت دىننىڭ پۈتۈنلىكىگە يەتمەكلىك ئۈچۈن تىرىشىدىغان ، ھەر ۋاقىت ھەر بىر بەندىنى ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئۇلاشتۇرىدىغان ۋە نېمىلا قىيىنچىلىققا كەلمىسۇن ، بىردىن بىر مەبۇدقا تىۋىنەلەيدىغان ھەمدە بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقلردىكى تەقدىرلەرگە چىن پۈتەلەيدىغان ھەم ئاللاھنىڭ مەبۇدلىقى ئىچىدە مەيلى قايسى كىشىلەر توپىغا كىرىشنى ئىختىيار قىلسا شۇ كىشىلەر توپىغا كىرىپ كېتەلەيدىغان بولۇشىنى تىلەشتۇر . ئەگەر قايسىكى بىر دىن دەپ ئاتالغان يولنى تۇتقا قىلغان بىر كىشى دىننىڭ بۇ خىل ماھىيىتىگە چۈشمەيدىكەن ، ھەمدە باشقىلارنى شۇ خىل دىنىي ماھىيەتتە بولۇشقا ئىشتەلمەيدىكەن ، ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ دىننى دەۋا قىلىشى ھەمدە تىلىغا تەقۋالىقنى ئېلىشى ھەقىقەتەن چوڭ يالغانچىلىقتۇر .
شۇنىڭدەك ، مۇسۇلمانلار ئارا ھەر كىشىلەرنىڭ ياكى ئۆزلىرىنىڭ كىيىنكى ئۈستۈنلىكىگە قارىتا تۇتقا قىلىدىغان بەزى مەزھەپلەر ۋە ئۆزگىچە يوللار باردۇر . ھەمدە بۇ خىل يوللار ئىچىدە ھەم شۇ يوللاردىكى ئەسلى مەقسەت قىلغانكى مۇددىئادىن باشقا لىنىيەلەرگە كىرىشىپ قالغان كىشىلەر ھەم كۆپتۇر .
ئىنسان تۇغۇلغان ئىكەن ، چوقۇم ئۇ بىر ئاتا - ئانىغا مۇھتاج بولىدۇ . ئۇنىڭ مۇكەممەل ئىنسان بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياخشى تەرەپلىك قۇرۇلغان ياخشى مۇھىتلىق جەمىيەت لازىم بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، ھەر قايسى مەزھەپلەر ھەم مەلۇم نىسبەتتە دىنىي جەمىيىتىدۇر . مەيلى ئۇ كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر دىندا يۈكسىلىمەن دەيدىكەن ، ئۇ چوقۇمكى بىر مەزھەپكە مۇھتاج بولىدۇ . ئەمما ، ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، ھېچقانداق بىر مەزھەپ ئىسلام دىنىدا مۇكەممەل بولغىنى يوق . كىملەركى مەزھەپبازلىق قىلىدىكەن ، ئۇنىڭ تىلىدىكى ئىسلام دەپ ئاتىغىنى يالغاندۇر .
مەيلى قانداقلا بىر مەزھەپ بولسۇن ، ھېلىقى بىر ئۆردەكلەر بارغۇ ، << مەندە مۇشۇ قۇڭاملا بولىدىكەن ، بارغانلا يېرىمنى سېسىتماي قالمايمەن >> دەيدىغان . شۇ خىل << ئۆردەك >> لەر مەيلى قايسى بىر ئېقىمغا قاتنىشىپ قالمىسۇن ، شۇ يەردە ھامان پىتنە چىقارماي قالمايدۇ ھەمدە باشقىلارغا شۇلار سەۋەبلىك يامان تەسىر بەرمەي قالمايدۇ . بۇنىڭدەك كىشىلەر مەيلى سوپىزىمچىدا بولسۇن ، ۋاھابىزىمچىدە بولسۇن ، ياكى كىشىلەر تونىغان سۈننىي ۋە شىيئە مەزھەبلىرىدە بولسۇن خۇددى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسىدە ئۆز ۋاقتىدىكى ھايۋانلاردىن بىر جۈپتىن بولغاندەكلا بولغۇسىدۇر . بۇ خىل كۈچكە بىۋاستىلا ئۇچىراپ كەتكەن دىن ۋە ئىسلامدىن تازا خەۋىرى يوقلار سەۋەبلىك ، مەزھەبلەر ، يوللار ئارا توقۇنىشى تارىختىن بۇيان ھېچ ئۈزۈلگىنى يوق . جودانىڭ بېشىمۇ دەل شۇ خىل كىشىلەر ، ئايىغىغا قالىدىغىنىمۇ دەل شۇ خىل كىشىلەردۇر .
بىزنىڭ بۈگۈنىمىزگە يەتكەنكى ئورنىمىزنى ئىستاستىكا قىلىدىغان بولساق ، مىڭ يىل ئىگىرى بۇددا دىنىدا ، ئۇنىڭدىن يەنە بىر مەھەل ئىلگىرى شامان دىنىدا بولغان . ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ، دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەمدە قۇرئاننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ، ئېتىقاد ۋە ئىماننىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ، بىر ھەقىقەتكە ئىمان ئېيتسا ئول كىشىنىڭ تۇرمىشىغا قانداق تەقدىرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بىر يۈرۈش جەريانىي قىممەتلەر مۇھىم بولغانلىقتىن ، ئىسلامدىكى پەرز ئەمەللەرنى تۇتقا قىلغان ئاساستا يۇلتۇز ئىلمىسى يولىغا ۋە تەسەۋۋۇپتىن ئىبارەت ئىچكى دۇنيانى كۈچەيتدىغان سوپىزىم يولىنى بىرلىكتە تۇتقا قىلماققا مەجبۇر بولۇندى . چۈنكى ، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز شۇ ۋاقىتتىلا دىندا ئېتىقادىي جەھەتلەردىن ۋە ئاللاھنىڭ بەندىچىلىكى سەۋەبلەردىن سۈننەتكە خاس چۈشۈشكە قارىتا مەلۇم ئىمتىياز ، ئىمتىياز ، يەنە دېسەك شۇ ئىمتىياز بولىشى لازىم كەلگەنلىكتىن ، كىشىلەرنى ، بولۇپمۇ يۈكسەلگەن دىنىي ئىمتىيازغا كېلىشكە قارىتا مەلۇم نىسبەتتە ئۇنىڭدا ئېتىقاد شەكىللەندۈرۈپ ئۇنىڭدا ياراتقۇچىغا بولغان ھەقىقىي ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم سىنىپىي تەربىيلەشلەر كېرەكلىك بولغانلىقتىن شۇ خىل قارىماققا بىدئەت ، ئەمما سۈنننەتتە ھېچ ئىمتىيازى يوق يالغانچى كاززاپ بولۇپ قالغاندىن ، كىيىنكى شۇ خىل يۈكسەلگەنكى ئىمتىيازنى قولغا كەلتۈرۈشكە لازىم بولغان بىدئەتنى ، يەنى ئىلگىركىلەر قانداق يەتكەنكى ئىزلارنى قوغلۇشۇش بىلەن يول كېزىشكە مەجبۇر بولۇندى . ئەمما ، دىن دېگەن سۈننەت شۇ . يول دېگەنمۇ ھەم سۈننەت شۇ دەيدىغان بەزى كەم ئەقىللەر بارلىق زامانغا ھەم شۇ خىل چۈشەنچىسىنى ئۇرۇش بىلەن ، كىشىلەرنى دىنسىز ، ئېتىقادسىز مۇسۇلمان بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن شۇ خىل ئەسلى ئاللاھ تەلەپ قىلغان يۇلتۇزلار ئارقىلىق يول تېپىشنى تۇتقا قىلغان ھاللاردا بەزى سۈننەتكە خىلاپ بولغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق دىنسىزلىقتىن ئىبارەت كۇپپارلار تەلەپ قىلىدىغان بەزى سېھىر .... لەردىن ئىبارەت دىنغا باغلىنىشلىق بولغان << مۆجىزىلەر >> نى تەلەپ قىلغاندىن كىيىنكى تىرىلىشلەرنى تەلەپ قىلغانكى مەۋقەيىدىن ، گەرچە مۇسۇلمان ئاتالسىمۇ ، شۇ خىل دىنسىزلىق ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ؛ ئاللاھمۇ بىر ۋاقىت بەزى ئەئرابىلارغا مەلۇم ۋاقىت پۇرسەت بەرگىنىگە ئوخشاش پۇرسەت بېرىشتەك ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغانلار بىردەك كېپىل بولۇش ئارقىسىدا ئۇنى دىنغا ھەقىقىي چەمبەرچاس باغلاپ ، قانداقلا بىر ۋاقىتلاردا ئاللاھقا تىۋىنىشتىكى تەلەپ قىلىشلىق قۇۋۋىتىگە يەتكۈچە شۇ خىل لىنىيەلەرنى يانداش ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولۇنغان ئىدى .
ئەمما ، مۇسۇلمان مىللىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قەۋم ئارىسىدىكى دىنغا ئىشەنمەيدىغان ، دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر كىشىلەرنى ، دىندا يۇقىرى ئىمتىيازلىق كىشىلەرگە تەلەپ قىلىنىدىغان تەلەپلەرگە قارىتا قانداق يېتىشتۈرۈشلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان كەم ئەقىللەر ھامان بۇلارنى ۋە بۇلارغا يىراقتىن قارىسىغىلا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ كۇفرىلىقلىرىغا قارىتا دىننى ئۆزگەرتتى ، ئەسلى پۈتۈن بولغانكى دىننى يەنە پۈتتۈرمەكلىكنى تىلەشتى دېگەن بەك چوڭ قالپاقنى كىيدۈرۈش بىلەن ئالەمچە چوڭ تۆھمەتنى چاپلاشقا ئۇرۇندى .
ئۇيغۇر بولۇپ قالغانغىلا ئۇ مۇسۇلمان بولۇشۇپ كەتمەيدۇ . ھەممىلا كىشىدە ئېتىقاد ئوخشاش بولمايدۇ . ئەنە ھەممىلەرنىڭ ئەسلى ئۆز نۆۋىتىدە ئىشلەشكە تېگىشلىك بولغان ئەمەللىرى ، تەربىيلىنىشتىكى سىنىپلىرى باردۇر . ئۆگىنىشكە ۋە ئۆگىتىشكە تېگىشلىك بولغان دەرسلىكلىرى بولىدۇ .
ئەگەر بىلسەڭلەر ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە شۇ ۋاقىتتىكى چوڭ ساھابىيلارنىڭ تۇتقا قىلغان يولى ، مىسالى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئوخشايدۇ . بۇنىڭغا دۇنيادىن تاللانغان تەنتەربىيەچىلەر قاتنىشىدۇ . مادامىكى ، ئۇ ھەقىقەتەن شۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ مۇسابىقىدە يۈز كىشى بولسا ھەم ئەڭ ئاخىرقى يۈزىنچى بولۇپ كەلگەن بولسا ، ئۇ يەنىلا تەنتەربىيەچى بولىدۇ . ئەمما ، يۈزىنچى ئەمەس بەلكى يېرىم يولدىكا ھالاك بولۇپ يىقىلىپ چۈشسە ، ئۇ ھېچنىمە ئەمەس بەلكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى ۋە كىشىلەر ئارىسىدا قاتتىق ئۇياتقا قېلىپ مات بولغانلاردىن بولىدۇ .
مانا بۇ ھەقىقەتلەرنى بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا چۈشىنىپ يەتكەچكە ، ئۆزلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ خىل ئولىمپىكقا يېتەلمىسىمۇ ، بىزلەرنىڭ يېتىشىمىز ئۈچۈن بىزلەرگە قارىتا ئۇل قويۇشقا مەجبۇر بولۇشقان ئىدى . ئۇلارغا شۇ ۋاقىتتا بېرىلگەن ئامانەتمۇ ھەم شۇ ئىدى .
ئىسلام دىنى ئارىسىدىمۇ يۇلتۇزغا چوقۇنۇش بولسۇن ، ياكى باشقا ئالىملارغا ئەگىشىش بولسۇن ، ۋاھابىزىمچىلىق ( بۇنى ئەھلى سۈننەتنى تۇتقا قىلغۇچىلار دەپ ئالايلى ) بولسۇن ، سوپىزىمچىلىق بولسۇن .......... قاتارلىق بىر بۆلۈك يوللار باردۇر . ھەمدە بۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇ خىل يولنى تۇتقا قىلغاندىكى ئەسلى بولمىغان ھەمدە ئەسلى ئەھلى بولغان كىشىلەر ھەم ئارلاشتۇر . گەرچە سېن قايسى مەزھەپتە دېسە ، پالانى مەزھەپتە دېسىمۇ ، ئەمما ، ئۇ خىل مەزھەپنىڭ ھەقىقىي تەلەپ قىلىدىغان ئەقىدە - ئېتىقادلىرى ئۇنىڭدا تېپىلمايدىغان كىشىلەر ھەم مەۋجۇتتۇر . ئۇلارغا ئەگەشكەنلىك ھەم ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلغانلىقتۇر .
شۇنىڭ ئۈچۈن ، سىز كىم ؟ سىزنىڭ دىنىي ئورنىڭىز قەيەردىن قەيەرگىچە ؟ سىز قايسى ئايەتلەرگە ئىمان ئېيتىپ باقتىڭىز ؟ ھەمدە شۇ خىل ئىمانىڭىزنى دائىم ساقلاپ كېلىۋاتامسىز ياكى ئاللا بۇرۇنلا ئىماندىن يېنىپ كاپىر بولۇپ كەتتىڭىزمۇ ؟ پەرۋەردىگار دېگەن نېمە ؟ مەبۇد دېگەن نېمە ؟ سىزنىڭ ئېتىقاتىڭىزدا ئاللاھدى نباشقا مەبۇدنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئەھۋاللار بارمۇ ؟ پەرۋەردىگارىڭىزنىڭ سىزگە لايىق شەكلى ھاياتلىقىنى چىڭ تۇتۇپ ، شۇ خىل ئاسايىشلاپ بەرگەن لىنىيەسىنى تۇتقا قىلدىڭىزمۇ ؟ ھەم شۇ بۇيىچە دىندا مېڭىۋاتامسىزمۇ ؟ سىز قايسى يولغا ھازىرچە مۇناسىپ ئىكەنسىز ؟ دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەمدە يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە قارىتا قانچىلىك چۈشەنچىگە كەلدىڭىز ؟ سىزنىڭ دىنغا بولغان چۈشەنچىڭىز قانچىلىك ۋە تىلىڭىزدىكى سۆزلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى قانچىلىك ؟ .............. بۇلار توغرىسىدا ئاۋۋال بىر قۇر ھەقىقىي يۈرىكىڭىزدىن تەستىقلىغان ئاساستا بىر ئۆتكۈزۈڭ . ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىپ كۆرۈڭ .
ئەگەر بىر يولدىكى مۇشرىك ، گەرچە چوقۇنغان بۇتىدىن ئايرىلىپ ، ئەگەر ئۇ كىشى شۇ خىل بۇزۇق ئېتىقادىنى پاكلىماستىنلا باشقا بىر يولغا كىرىدىكەن ، ئۇ شۇ يەردىمۇ تېگىشلىك بولغان بىر بۇدنى تاپىدۇ . تاش كېسەكتىن باشقا ھەم موللا - ئۆلىمالارغا ، ئۇلاردىكى توغرا- خاتا ئەقىدىلەرنى ئايرىماستىن ياكى دەلىللىمەستىنلا بىۋاستە چوقۇنىۋېلىشمۇ ، ئول كىشىنىڭ مۇشرىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . چۈنكى ، ئىسلامنىڭ ھۆكمىسىدىن باشقا بىر ھۆكۈمنى ئېتىقاد جەھەتتىن تەلەپ قىلغۇچى ، ھەققە قارشى يول تۇتقۇچى ماھىيەتتە ئاللاھدىن باشقا بىر مەبۇدنى تەلەپ قىلغان بولىدۇ .
شۇڭلاشقا ئى چىرايى سۈزۈك ، شىجائىتى ئاتەش ئۇيغۇر ئوغلانلىرى ، كېلىڭلەر بىرلىكتە ئاللاھقا دۇئا قىلايلى ! ئى ئاللاھ ! بىزلەرنى بىر - بىرلىرىمىزگە دۈشمەن قىلمىغىن ! بىزگە توغرا يولۇڭنى كۆرسەتكىن ! بىزنى گۇمراھلارنىڭ ۋە ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارنىڭ يوللىرىغا ئەمەس بەلكى سەن ھەقىقەتەن ئىنئام قىلغان قىلغان بەندىلىرىڭ بىلەن بىرگە قىلغىن ھەم بىزنى ئۇلارغا ، ئۇلارنى بىزگە ئۆچ قىلمىغىن . ئەگەر بىز نەپسىمىزچە بىر - بىرلىرىمىزگە قارشى ، ئۆچ بولۇشۇپ قېلىشتىن ئىلگىرى بىزلەرنى ئۆز ھېكمىتىڭ بىلەن قوغداپ قالغىن ! ئىلگىركىلەرگە بەرگىنىڭگە ئوخشاش ، ئۆز ئىچىمىزدىن بىزنى ھەقىقەتەن سېنىڭ توغرا يولۇڭغا يېتەكلەيدىغان ، سېنىڭ كىتابلىرىڭنى توغرا ، ھېكمىتى بىلەن ئوقۇپ بېرىش بىلەن ، ئۆز دەرگاھىڭدىن بىر نىجاتلىققا يېتەكلىگۈچىنى چىقىرىپ بەرگىن ! سەن پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى سەن . سەن ھەقىقەتەن ھەممىگە قادىرسەن !!! ( ئامىن ! )
|
|