- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 113
- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-13
- UID
- 53582
- يازما
- 111
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 113
- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-13
- توردا
- 79 سائەت
|
aishe يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 08:36 
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
مەن ئەسلى بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەشم ...
توردا تۇنجى قىتىم سوئالىمغا ئەڭ تەپسىلىي جاۋاپ بەرگەن سىز بوپ قالدىڭىز!(ئاللاھ رازى بولسۇن).جاۋابىڭزنى باشتىن ئاخىر ئوقۇپ نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىڭزنى بىلدىم.بەك تەپسىلىي،بەك تولۇق يىزىپسىز.ئالدى بىلەن مىنىڭمۇ مۇشۇ تىما ۋە ئىنكاسلارنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ،قىرىنداشلىرىمىزنىڭ شىرىك يولغا كىرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىمنى بىلگىنىڭزگەۋە چۈشەنگىنىڭزگە كۆپ رەھمەت.
‹سوپىزىمنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە› دىگەن ماقالىنى سىزنىڭ ئىنكاسىڭزنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن بىر تەرەپلىمە يىزىلىپ قالغانلىقىنى بىلدىم.تورداشلارغا سوپىزىم توغۇرلۇق بىرەر ئىلمىي ماقالىنى يوللاپ،چۈشىنىۋالسىكەن دىگەن مەقسەتتە نۇرغۇن ئىزدەپ ئىسلام خاۋس تورىدىن شۇ ماقالىنى كۆرۈپ تەپسىلىي ئوقۇپ باقسام سوپىزىمنى بىر قەدەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپتۇ،شۇنىڭ بىلەن يوللاپ قويغان ئىدىم.لىكىن كىيىن خاتا يەرلىرىنى سىز ئارقىلىق بىلىپ يوللىمىسام بوپتىكەن دەپ قالدىم.خاتالاشماسلىق ئىنساننىڭ سۈپىتى ئەمەس.خاتالىق بولسا ئاللاھ كەچۈرە.لىكىن خەلقىمىزنىڭ يۇقارقى سوپىزىم ئىدىيىسىدىكى فىلىمىنى يوللىغانلىقىمنى خاتالىق دەپ ھىس قىلمايمەن.
1.سىز ئىنكاسىزڭىزدا بىزنىڭ بەزى نادان ئۇيغۇر سۇپىيلىرىمىز سىزنىڭ كۆزىڭىزگە شېرىكتەك كۆرۈنگەن بەزى ئىشلارنى قىلسا، دەرھاللا ئۇلارنى مۇشرىكقا چىقىرىپ تىللاپ كەتمەڭ. ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھېچبولمىسا، ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھقا، ئاللاھنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە بولغان مۇھەببەت، ھۆرمەت ۋە ۋاپادارلىق بار دەپسىز.مۇشۇ پىكرىڭڭىز زادىلا كاللامدىن ئۆتمەيدۇ. چۈنكى ئىخلاس يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشتۇر.ئىخلاس بولمىغان ئەمەل بىكار ئەمەلدۇر مەيلى ئۇ قانچىلىك چوڭ ئەمەل بولىشىدىن قەتتى نەزەر.شۇنىڭغا ئوخشاش بىر شىرىكنى قىلغانلىق بىلەن شۇ كىشىنىڭ پۈتۈن ئەمىلى يوققا چىقىدۇ.بىر كىشىدە ئاللاھقا بولغان،پەيغەمبەرگە بولغان سۆيگۈ بار بولسا ھەم شۇنىڭدەك ئۇ كىشىدە ئاللاھقا شىرىك ئەكىلىش بولسا،بىز ئۇكىشىنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە مۇھەببىتى بار دەپ بىشىمىزدا كۆتەرمەيمىز ئەكسىچە ئاللاھمۇ كەچۈرمەيدىغان گۇناھتا دەپ تونۇيمىز.ئەگەر پەيغەمبىرىمىز يۇقارقىلارغا ئوخشاش ساھابىلەرنى يىغىپ چۆرگىللەپ ،ھە-ھۈ دىگەن بولسا،بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بولاتتىدە بىز ھەم ۋارىس بولاتتۇق.لىكىن پەيغەمبىرىمىز بۇنداق ئىشنى قىلىپ كۆرسەتمىدى.پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ سادىق ساھبىلەرمۇ( ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ،ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ،ئوسمان رەزىياللاھۇ ئەنھۇ....يەنە نۇرغۇن)بۇنداق ئىشنى قىلمىغان.ئەگەر قىلغان دىسىڭىز بىرە ئايەت ياكى ھەدىسنى كۆرسۈتۈڭ.
2.بىزنىڭ ئۇيغۇر سۇپىيلار يىلدا بىر ئىككى قېتىم شۇنداق مازارلىقلارغا بارارمىش. «مازار تاۋاپ قىلىش» دېگەن خاتا گەپ دەپ ئويلايمەن، چۈنكى، بىز كەبىدىن باشقا يەرنى تاۋاپ قىلمايدىغان تۇرساق. تۈركچىدە kabir ziyareti قەۋرە زىيارىتى دېيىلىدۇ. ھەرگىز تاۋاب دېگەن گەپنى ئىشلەتمەيدۇ. كەبىنى تاۋاپ قىلىشنى tavaf دەيدۇ. بىزنىڭكىلەر يىلدا بىر ئىككى قېتىم مازارغا بارغانغا بىز شۇنچە تىللاپ تويغۇزىۋەتسەك ئادىللىق بولامدۇ؟ شۇلارمۇ ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغاندۇ؟ ھاجىتىنى ھەر كۈنى ئاللاھتىن تىلەيدىغاندۇ. مازارنى بىزمۇ زىيارەت قىلىمىز .مىيىتنى يەرلىككە قويغىلىمۇ مازارغا توپلىشىپ بارىمىز.بۇ سۇننەتتۇر.پەيغەمبىرىمىز بىر مۇسۇلمان ئۆلسە ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش،يەرلىككە قويۇشقا بۇيرىغان.ئۆلگەنلەرنىڭ كەينىدىن دۇئا قىلىمىز،ئاللاھتىن گۇناھىغا مەخپىرەت تىلەيمىز.بۇلار ھەممىسى ئىسلام يول قويغان دائىرە. لىكىن پەيغەمبىرىمىز ساھابىلەر بىلەن بىللە شىھىتلارنىڭ قەبرىسىگە بىرىپ چۆگۈلىشىپ ئولتۇرۇپ، قەبرىلەرنىڭ ئۈستىگە ئاق قىزىل لاتىلارنى چىگىپ ناخشغا سىلىپ قوشاق ئىيتمىغان.ئەگەر مۇشۇنىمۇ پەيغەمبىرىمىز قىلغان دىسىڭىز،بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس كۆرسۈتۈڭ.
3.سىز شۇ سۇپىيلارنى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مازىرىغا بېرىشتىن توسسىڭىز، يەنە 40-50 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مازىرى دەيدىغان بىر يەر يوقايدۇ. خەن سۇلالىسىدىن باشلاپ 2000 يىلدىن بۇيان ، بۇ يەردە مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ باقمىغان دېگەن داۋراڭنى تەستىقلاشقا تۆھپە قوشۇلىدۇ سىزغۇ بۇلارنى 40-50 يىل توسسىڭىز ئۇيغۇر دىيارىدا يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مازىرى دەيدىغان بىر يەر يوقايدۇ دەۋاتىسىز،مەن دەيمەنكى ئەگەر بۇلارنى 40-50 يىل توسىمىسىڭىز قادىرخاننىڭ مازىرى ئۇلارنىڭ تاۋاپ قىلدىغان يىرىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.شىرىكنىڭ ئەڭ ئىغىرى شۇ ۋاقتىدا ئوتتۇرغا چىقىدۇ.ئەگەر بىز توسماي ئۇلارنىڭ بىرىشىگە ياردەم بەرسەك، مۇشۇلار شۇ ھالەتكە يەتسە مۇسۇلماننىڭ زىيىنىغا مۇشرىككە ياردەم بىرىش كۇفۇردۇر سۆزى بويىچە بىز كۇفۇر بولىمىز خالاس.يەنە بىر مەسىلىنى تەكىتلەپ قويۇش كىرەك بولىدۇكى مىللەتچىلىك بىلەن دىنغا ھۆكۈم چىقىرىش بۇ ئىنىق خاتادۇر.
4. ئۆزىمىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنداق رەھىمسىزلىك بىلەن «مۇشرىك» دېمەيلى، ئۇلارغا بۇتقا تازىم قىلمىغاندىكىن. سىز خىلى ئوقىغان ئادەم شىرىك توغۇرلۇق كۆپ بىلىمگە ئىگە ئىكەنلىكىڭزگە ئىشىنىمەن.شىرىك قانداقتۇر بىر ياسالغان بۇتنى ئالدىغا قويۇپ ئۇنىڭغا باش ئۇرۇشلا ئەمەس،شىرىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ھەدىسىدىكى «كىچىككىنە بولسىمۇ رىيا قىلىش شېرىكتۇر» ،ۋە يەنە «بۇ ئۈممەتتىكى شېرىك ، قاراڭغۇ كېچىدە،سىلىق تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەۋاتقان قارا چۈمىلىدىنمۇ بەكرەك يۇشۇرۇندۇر». بۇ قىرىنداشلارنىڭ قىلىۋاتقىنى قاراڭغۇ كېچىدە سىلىق تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆمىلەۋاتقان قارا چۈمىلىدىنمۇ بەكرەك يۇشۇرۇن بولغان شۇ شىرىكتىنمۇ كىچىكمىدۇ.
5.بۇنىڭ بىر قۇتۇبى سۇپىيلار، يەنە بىر قۇتۇبى ۋاھابىيلار دەيدىغانلار بار. سوپىلار ياكى ۋاھابىلەر توغۇرلۇق سىز بىلەن تالاشمايمەن،چۈنكى بۇ بىزلا تالىشىۋاتقان مەسىلە ئەمەس ھەم مەن ۋاھابى ياكى سوپىلارنىڭ قايسىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىلمىي چۈشەندۈرەلمەيمەن.بۇنىڭغا بىلىم دائىرەم يەتمەيدۇ.مەن پەقەت ئاللاھ ۋە رەسۇلى كۆرسەتكەن يولدىلا مۇستەككەم ماڭىمەن.ماڭا شۇ كۇپايىدۇر.ئىسلامنى پىرقىگە ئايرىپ ئاللاھنىڭ توغرا بىر يولىنى بىرنەچچە يولغا ئايرىش بىدئەتتۇر.
6.سىز ئوقىغان كىتابلار ھەممىسى شۇ سۇئۇد جەمەتىنىڭ تەختكە چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئىمام ئابدۇلۋاھھاب قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيىسى بويىچە يېزىلغان كىتابلار بولغاچقا، سىزگىمۇ سۇپىيلار مۇشرىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بۇ گەپ مىنى شۇ پىرقىگە تەۋەدەك كۆسىتىپ قويۇپتۇ.يەنە بىر تەكىتلەشكە توغرا كىلىدۇكى مەن ۋە بىزئىسلامدىكى قانداقتۇر بىر پىرقىلەرگە تەۋە ئەمەس.ئىسلامدا بىرلا قانۇن قۇرئان،بىرلا يول سۈننەت بار.ماڭا بۇ سوپىلار سۇئۇد جەمەتىنىڭ كىتابىنى كۆرۈش بىلەن مۇشرىك بولۇپ كۆرۈنگىنى يوق ،ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىگە ئاساسەن ئىيتىۋاتىمەن.
7. ھەق كەلسە، باتىل ئۆزلىگىدىن يۇقىلىدۇ. سىز ۋە باشقا ئىسلامنى ياخشى بىلىدىغان، ئەمەل قىلىپ ياشايدىغان قېرىنداشلار كۆپەيسە، ئۇلار بىلگىنىگە ئەمەل قىلىپ ئۈلگە بولۇپ ياشىسا، بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى باتىل، بىدئەت نەرسىلەر ئۆزلىگىدىن يۇقىلىدۇ. سۇپىيلارنى توردا تىللاپ، تەنقىدلەشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببەت ئۇلارنىڭ يەنىلا مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. باتىل بىلەن بىدئەتنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرۇپ توسمىساق پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆزىگە ئەمەل قىلمىغان بوپ قالىمىز.باتىلنى،بىدئەتنى توسۇش قانداقتۇر پىتنە تىرىغانلىق ئەمەس،ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەنلىك،ئاللاھ دىنىغا ياردەم بەرگەنلەرگە ياردەم بىرىدۇ.بىدئەتكە ئاخىرغىچە قارشى تۇرىشىمىز كىرەك.بوشىشىپ ياكى ھە بوپتۇ قىسا ئۆزگە دىيىش بىلەن كىيىنكى ئەۋلادلارنى ۋە ئۆزىمىزنى پۇشايماندا قالدۇرىمىز.
بىلگىنىمنى ئىيتتىم.ئەڭ توغۇرسىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر.ئاللاھ توغۇر يولدىن ئىزىپ كىتىشىمىزگە سىزدىن پاناھ تىلەيمىز! |
|