- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 253
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- UID
- 4341
- يازما
- 253
- تېما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- توردا
- 67 سائەت
|
تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن چاغلار ئىدى. قەۋرە زىيارىتى دېگەندەك ئىشلارنى مازازغا چوقۇنۇش، شېرىك دەپ ئويلايتتىم-دە، قەتئىي قارشى ئىدىم. 2004-يىلى ئەنقەرەدىكى بىر قانچە تۈرك خانىملار بىلەن بىللە ئىستانبۇلغا كەلدۇق. بامدات نامىزىغا ئەييۇب سۇلتان جامەسىگە باردۇق. نامازدىن كېيىن، ساھابە ئەييۇپ ئەلئەنسارىينىڭ قەۋرىسىنى كۆرسەتتى. ئۇلار دۇئا قىلىشتى. مەنمۇ ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر پاتىھە ئوقۇدۇم. تۇساتتىن كۆزۈم ھويلىدىكى «ھاجەت دۇئاسى» دەپ يېزىلغان ئۇزۇن تاخ*تايغا چۈشتى-دە، چۆچۈپ كەتتىم. يېنىمدىكى ئەڭ ئىلىملىك بىر تۈرك خانىمدىن سورىدىم: «بۇ يەردە قەۋرىدىن ھاجەت تىلەش بىدئەت ئەمەسمۇ؟ بۇ قانداق گەپ؟ پەيغەمبىرىمىزنى ئۆيىدە مېھمان قىلغان ساھابىنىڭ مازىرى مەدىنىدە بولماي، 1453-يىلى مۇسۇلمانلاشقان ئىستابۇلدا نېمىش قىلىدۇ؟ ... » مېنىڭ جىددىيلىشىپ سورىغان سوئاللىرىمغا تۈرك خانىم ئالدىرىماي جاۋاب بەردى:
- بۇ يەردە ھېچكىم قەۋرىدىن مەدەت تىلىمەيدۇ. قەۋرىدىن ھاجەت تىلىمەيدۇ. ھاجىتىنى پەقەت ئاللاھتىن تىلەيدۇ. بۇ يەردە قەۋرىدە ياتقان كىشى ئاللاھنىڭ بىر ئەۋلىيا بەندىسى. (يۈنۈس سۈرىسى، 62-ئايەتكە قاراڭ). ئۇنىڭ روھىغا دۇئا قىلغىلى كەلگەن، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنى ئاللاھ قىيامەتتە شۇ كىشى بىلەن بىللە قىلسا ئەجەپ ئەمەس......
كېيىنچە ئىسلام تارىخى ھەققىدە كەسپىي بىلىم ئېلىش نېسىپ بولدى. شېھىتلەرنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىنى، داۋاملىق رىزىقلاندۇرۇلۇپ تۇرىدىغانلىقىنى قۇرئاندىن بىلدۇق. (ئال-ئىمران، 169) ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىمىزغا دۇئا قىلىشنى قۇرئان ئۆگىتىۋاتىدۇ. (ئىبراھىم، 41؛ ھەشىر، 10) پەيغەمبىرىمىزمۇ پات-پات باقى قەۋرىستانلىقىغا بېرىپ دۇئا قىلىپ كىلەتتىكەن.
قەۋرىستانلىققا دەرەخ تىكىشنى پەيغەمبىرىمىز ئۆزى باشلاپ بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭ قەۋرىدە ياتقان كىشىگە پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىپتىكەن.(ئەھمەد بىن ھەنبەل، «مۇسنەد»، 5\480؛ بۇخارى، «تەجرىدى-سارىق»، 7-قىسىم، 122؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 2، 7-نۇمۇر)
مەن يۇقارقى سۇپىيلارنىڭ فىلمىگە قارىسام، بىر مازارنىڭ ئىسمىنى «يۈسۈپ قادىرخان» مازىرى دەپتۇ. يۈسۈپ قادىرخان مىلادى 1040-يىللاردا خوتەنگە ئىسلام ئېچىش ئۈچۈن بارغان غازاتتا شېھىت بولغان بولۇپ، ئۇ قاراخانلار شاھزادىسىدۇر. ھازىر بىزنىڭ دۆلىتىمىز قەشقەردىكى 1000 يىللىق خانلىق مەدرىسنى يىقىپ يۇقىتىپ بولغان يەردە، ئىلگىرى بىزنىڭ ئىسلاملىشىشىمىزغا سەۋەب بولغان يۈسۈپ قادىرخان دېگەندەك كىشىلىرىمىزنىڭ قەۋرىسىنى بىزگە ساقلاپ بەرمەيدۇ. بۇ تارىخنى خەلقىمىز، بالىلىرىمىز يەنە قانچلىك يىل ئۇنۇتمايدۇ؟ ئاللاھقا ئامانەت!
ئىزدىنىش مۇنبىرىدە بىر ئۇيغۇر خرىستئان مۇرىتى ئاشكارا ھالدا ئىلگىرى مۇشۇ خوتەننى فەتھى قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىسلام قوشۇنىغا قارشى قەتئى ئورۇشقان خوتەنلىك بۇددىسىت جۇقتى، رۇشتى ئاكا-ئۇكىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك جاسارىتىنى مەدھىيلەشكە باشلىدى. مەن بۇنداق گەپلەرنى خەنزۇ بۇددىستلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ كۆپ ئاڭلىغان.
يۇقارقى فىلىمدىكى سۇپىيلار نېمىشقا ئادەتتىكى مازارغا بارماي، تارىخىمىزدىكى بىر ئۇلۇغ شەخسىنىڭ مازىرىغا بارىدۇ؟ يۈسۈپ قادىرخان ئەگەر ئىسلام ئۈچۈن شېھىت بولمىغان بولسا، ئۇلۇغ بولارمىدى؟
ئۇ سۇپىيلارنىڭمۇ خاتالىقلىرى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت (ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا بولغان مۇھەببەت) تۈپەيلى ئۇلارنى تەنقىد قىلمايمەن. ئۇلاردىن بىزگە زىيان كەلگەن دەپ ئويلىمايمەن.
فىلىمدىكى سۇفىيلار مازارغا بېرىپ ئۆلۈمنى ئەسلەپ زىكىر قىلماي، كوچىدا بىكار لاغايلاپ يۈرسە ياكى بىليارتخانا، ئېلېكتىر ئويۇنچۇقخانا دېگەندەك يەرگە بېرىپ، قارت ئوينىسا، كۆڭۈل ئاچسا، ئۇلارنى يەنە مۇشۇنداق تىللارمىيدۇق؟ ئىنساننىڭ كۆڭۈل ئېچىشقا، خۇشاللىق ئىزدەشكە ئېھتىياجى بولىدۇ. بەزىلەر دەردىنى ھاراقتىن ئالىدۇ. بەزىلەر دىباغا بېرىپ ئويناپ كۆڭۈل ئاچىدۇ. بەزىلىرىمىز زېرىكسەك مۇشۇنداق مۇنبەردە ئىنكاس يېزىپ يۈرۈيمىز. يەنە بەزىلەر ئاللاھنى زىكىر قىلىپ، ئەۋلىيالارنىڭ قەۋرىسىگە بېرىپ يىغلاپ ئۆزىگە تەسەللىي، خاتىرجەملىك ئىزدەيدۇ. ئىشقىلىپ ئادەم بالىسىنىڭ زېرىكمەيدىغىنى، تۇرمۇشتىن خۇشاللىق ئىزدىمەيدىغىنى يوق دېيەرلىك.
ئۇلار بىزنىڭ قۇرئان، ھەدىسلىرىمىزنى بورمىلاپ، بىزگە كېلىپ دەرس ئۆتۈپ بەرمىگەندىكىن، ئۆزىنىڭ شەخسىي تاللىشى بويىچە ئىشىنى قىلغاندىكىن، تىللاپ يۈرمەيلى دوستلار.
قىيامەت كۈنى قايسىمىزنىڭ ئىمانى ئاللاھقا بەكرەك يارايدۇ؟ كىم ئاللاھنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرسە! |
|