- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 111
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 113
- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-13
- UID
- 53582
- يازما
- 111
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 113
- تىزىملاتقان
- 2013-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-13
- توردا
- 79 سائەت
|
baxkent يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 18:34 
مەزكۇر سىنلاردىكى ئىش- ھەرىكەتلەر لەنىتى ئافاق خوجا زا ...
قارىشىڭزنىڭ بەزىسىنى قوللايمەن،بەزىسىنى ئىنكار قىلىمەن. مەسىلەن 2-فىلىمنى ئىشلىگۈچىنىڭ خەنلەر ئىكەنلىكىگە سىزمۇ دىققەت قىلىپسىز،بىزمۇ ھەم دىققەت قىلغان.بۇ فىلىمنىڭ مەلۇم مەقسەتتە تارتىلىپ،ھەمدە ئىنگىلىسچە چۈشەندۈرۈش بىرىلىپ،ئۇيغۇرلارنى مانا مۇشۇنداق مىللەت دەپ تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقمىكى دىگەن ئىدۇق.بۇنىمۇ ئويلاشتىن بۇرۇن يەنىلا ئۆزىمىزگە بىر نەزەر سالساقمىكىن دەيمەن،چۈنكى بۇ فىلىمدىكى بىز ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن تانالمايمىز.مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلمىساق نەدىن تارتىپ فىلىم ئىشلەيتى؟!
جەررە-ساما سىلىپ بىر خىل مۇراسىم شەكلىنى ھاسىل قىلغان دەپسىز سىزچە مۇشۇنداق يىغىلىپ ھە-ھۇ دەپ پەيغەمبىرىمىز قىلمىغاننى قىلسا،ئىسلامدا يوقنى پەيدا قىلسا ئۇلادىمۇ ئاللاھ سۆيگىسى بار دەپ رەدىيە بەرمەمدۇق؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىكى مۇشرىكلەرمۇ ئاللاھنى ئىنكار قىلغان ئەمەس،ئۇلارمۇ ئاللاھنى بار دەيتى.لىكىن ئاللاھ ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئوتتىرىسىدا شاپائەتچى دەپ بەندىنى ۋاستە قىلىپ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرەتتى.پەيغەمبىرىمىز بىر ياماننى كۆرساڭلار قولۇڭلار بىلەن توسۇڭلار،قۇربۇڭلار يەتمىسە تىلىڭلار بىلەن توسۇڭلار ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىساڭلار دىلىڭلار نارازى بولغانچە شۇ سورۇندىن ئايرىلىڭلار دىگەن تۇرسا،بىز مۇشۇلارنىڭ دىنغا بىتئەت ئىلىپ كىلىۋاتقىنىنى ۋە ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپ توسمىساق ياكى دىلىمىزدا نارازى بولماي ئەكسىچە يەنە ئۇلارغا يان باسساق گۇناھكار بولمامدۇق؟! ھەم شۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان قىرىنداشلىرىمىزغىمۇ بىر ھەق يولنى كۆرسىتەلمىسەك ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ شۇ يولدا مىڭۋىرشىگە قاراپ تۇرامدۇق؟!
ئەگەر سىزنى ھازىر شۇلارنىڭ سىپىگە قىتىل دىسە قىتىلمايسىزغۇ دەيمە؟ ئەگەر بالىڭىزنى شۇ يولدا تەربىيىلە دىسە شۇ سوپىلارغا ئاپىرىپ بىرەلەمسىز؟ ياق شۇندادۇ. مىنىڭ ئويلايدىغىنىم ھازىر خوتەندە مۇشۇنداق يولدا مىڭىۋاتقان نۇرغۇن ياشلار باركەن(فىلىمدىمۇ ياشلار خىلى كۆپ)،ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان سۆيگىسى چوڭقۇر بولغىنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ شىرىك بىر يولغا كىرىپ قىلىپ پۈتۈن قىلغان ئەمەلىنىڭ يوق بوپ كىتىۋاتقىنىنى بىلمەيۋاتقانلىقى ئىنىق،شۇ ياشلارنى ھەقنى تونۇشقا يىتەكلىيەلىگەن بولساق تولىمۇ ياخشى بولاتتى.
|
|