- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 253
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- UID
- 4341
- يازما
- 253
- تېما
- 9
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4171
- تىزىملاتقان
- 2010-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-12
- توردا
- 67 سائەت
|
Surgun1944 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-24 22:25 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
قىرىندىشىم ئاغزىڭىز سۆزلىگەننى ...
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم،
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ سۇلايمانىيە ۋەقپىدىكى ئابدۇلئېزىز بايىندىر توختىماستىن سۆزلەيدىغان گەپلەرنى تەكرار ئاڭلىغاندەك بولدۇم.
تەسەۋۋۇپ ئەھلى بىلەن تەسەۋۋۇپقا قارشى تۇرغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى بەس-مۇنازىرە مىڭ يىللاردىن بويان داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ نىيىتى ئىنتايىن توغرا. پەقەت ئۇسۇلىدا پەرق بار. مەن بۇ ھەقتە ئارتۇق مۇنازىرىلەشمەيمەن.
سىزگە سەمىمىي تەكلىپىم، تەسەۋۋۇپ ئەھلىنى مۇشرىك دېگەن ۋاقتىڭىزدا، ھەممىسى مۇشرىك دېمەستىن، بەزىسى مۇشرىك دېيىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقەتەن نادانلىقىدىن بىلىپ بىلمەي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغانلار بار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەممىسى مۇشرىك ئەمەس. سىز ھەممىسى پۈتۈنلەي مۇشرىك دەپ سالسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىمانىغا زىيان بولىدىغانلىقىنى بىلىسىز. ئىمام غەززالىي، جۈنەيد باغدادى، ھەسەنى بەسرى، ئىمام راببانى قاتارلىق ئۈلىمالارنىڭ تەسەۋۋۇپ ئەھلى ئالىملار ئىكەنلىكىنى بىلىسىز دەپ ئويلايمەن.
قەبرىگە شاخ سانجىش ھەققىدىكى نەقىلىمنى سىز باشقىچە چۈشەنگەندەك قىلىسىز. مەن ئۇنداق دېمەكچى ئەمەستىم.
قەۋرە زىيارەت قىلىدىغانلاردىن دەلىلىڭلار نېمە؟ دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلار مۇنداق دېگەن:
1) ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغان ئەۋلىيالارنىڭ قەۋرىسىنى زىيارەت قىلىمىز، چۈنكى، ئۇلار تىرىك. ئۇ يەرگە بارساق مەنىۋى جەھەتتىن ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغاندەك ھېس قىلىمىز. ئاللاھ بىزنى «ياخشىلار بىلەن بىرگە بولۇڭلار» دېگەن. (تەۋبە سۈرىسى، 119). كىمنىڭ سېپىدە تۇرغانلىقىمىز ئېنىق بولىدۇ.
2) تەفەككۈرى مەۋت، يەنى ئۆلۈمنى ئەسلەيمىز. پەيغەمبىرىمىز قەۋرە زىيارىتىنىڭ ئۆلۈمنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، زىيارەت قىلىڭلار دېگەن. (تىرمىزى، «جەنائىز»، 60؛ مۇسلىم، «جەنائىز»، 106)
3) ئاللاھتائالا مائىدە سۈرىسى 35-ئايەتتە: «ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن ۋەسىلە ئىزدەڭلار» دېگەن. ئەرەبچە «ۋەبتەغۇ ئىلەيھىل ۋەسىيلەتە»نىڭ مەنىسى شۇ. بىز قەۋرىدە ياتقان كىشىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلمايمىز. ئۇنى ھەرگىز ئاللاھقا شېرىك قىلمايمىز. پەقەت شۇنداق ياخشى كىشىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمىزنىڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىش ئۈچۈن بىر ۋەسىلە، باھانە-سەۋەب بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، خالاس.
تەسەۋۋۇپ ئەھلى سۇپىيلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەنقىد قىلىدىغانلارغا تەكلىپ: ئىمام غەززالىي يازغان «ئىھيايى ئۇلۇمىددىن» ناملىق كىتابنى تولۇق ئوقۇپ كەلسەڭلار. يەنە ئىمام رەببانى يازغان «مەكتۇبات» ناملىق كىتابمۇ بار. |
|