- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 191
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- UID
- 2095
- يازما
- 191
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- توردا
- 2 سائەت
|
ئەيەدە بىر كوت - كوتتىن قۇتۇلغاندەك قىلىۋېدىم .ئەمدى مۇنۇ جىدەلخور پەيدا بوپتۇغۇ ئىشتىنىنى تەتۈر كىيىپ . يائاللا ! پۇت - قولنى ئۇزۇن سۇنۇپ بىر ياشايدىغان جاھانلار نەدە قالدىكىنە ؟...............؟
ماقۇل يازاي...يازاي ...!
ئۇ دىگىنىدەك قىلدى . مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىدا ئويناپ چىققان شېكىسپىرنىڭ '' ئون ئىككىنچى كىچە '' ، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ '' گۇناھسىز جىنايەتكار '' ، جوڭگۇنىڭ '' گۈلدارمامىلىق يامغۇر '' غا ئوخشاش چوڭ تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىدە مۇھىم روللارنى ئېلىپ ئۇستازلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى . لېكىن ئۇنىڭغا شەرەپنى ئورتاق تىلدىن كۆرە يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە يەرلىك شىۋە ئاساسىدا ياراتقان ئوبرازى ئاتا قىلدى . ئۇ رول ئالغان سەھنە ئەسەرلىرى ، تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرى ئاز ئەمما ساز ئىدى . بىز پەقەت ''مېھمان '' ناملىق ئېپىزوتتىن باشلانغان بارماق بىلەن ساناقلىق ئېپىزوتلارنى ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ''ساراڭ '' ، '' قىرلىق ئىستاكان '' ، '' چار خوراز '' قاتارلىق مەشھۇر ھېكايىلىرى ، يازغۇچى پەرھات ئېلياسنىڭ شۇ ناملىق پوۋىستىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن تېلىۋېزىيە تىياتىرلىرىنى ، دېرامماتۇرىگ جاپپار قاسىمنىڭ ''گۈلەمخان '' ئوپىراسىنىلا كۆرسىتىپ بېرەلەيمىز .
ئۇلاردىكى باش قەھرىماننىڭ خىلمۇ -خىل ئوبرازلىرى بىزگە قانداقتۇر لوڭقىدىكى سولياۋ گۈلنى ئەمەس ، كۆك سۆيگەن چوققىلاردا قىش ياز ياقا يىرتىپ ئېچىلالايدىغان قار لەيلىسىنى ئەسلەتتى . تاماشىبىنلارمۇ چىنلىق بىلەن ساختىلىقنىڭ ، گۈزەللىك بىلەن خۈنۈكلۈكنىڭ ، تەبىئىيلىك بىلەن سۈنئىيلىكنىڭ نىمىلىگىنى تونۇپ يەتتى . جوڭغارىيە ئويمانلىقى ، تەكلىماكان قىرغاقلىرى ، ئىلىنىڭ بوستانلىق مەھەللىلىرى ، يىراق يېزا - قىشلاقلىرى ، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ ۋاڭچۇڭغا تولغان رەستىلىرىدىكى خەلقلەر ئاشۇ ئەسەرلەردىكى ''چوڭ ئەيسا '' ، '' ئوسمان داڭگال '' ، '' ئەختەم '' ، ''ئالىمجان بولۇمسىز '' لارنى شەك - شۈبھىسىز قوبۇل قىلدى . ئۇنى كۆرگەن ، ئۇچراتقانلىكى يېرىدە ئالقىنىغا ، پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ مۇبارەكلىدى . ياخشى تىلەك ، كۆڭۈل سۆزلىرىنى تۆكۈشتى . ئالقىش - چاۋاك ياغدۇرۇشتى . يەنە تېخى ئۆزبىگىستاندىن '' ئالىمجان بولۇمسىز'' نىڭ شەرىپىگە يېزىلغان تەشەككۈر خەتلىرىنى تاپشۇرىۋالدى . '' گۈلەمخان '' ئوپىراسىنىڭ مەملىكەتلىك '' بەش بىر قۇرۇلۇش مۇكاپاتى '' ، مەملىكەتلىك '' ئالتۇن توز مۇكاپات '' لىرىغا ئېرىششى ، تېلىۋېزىيە تىياتىرى '' ئالىمجان بولۇمسىزمۇ '' نىڭ 2005 - يىلى قازاغىستاننىڭ ئالمائاتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئامىرىكا ، گېرمانىيە ، روسىيە ، تۈركىيە ، قازاغىستان ، جوڭگۇ قاتارلىق 19 دۆلەتنىڭ 262 فىلىمى قاتناشتۇرۇلغان ''چاكىن يۇلتۇزلىرى '' كىنۇ فىستىۋالىدا 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرۈپ ، خەلقئارا فىستىۋالغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىگى بۇ فىلىم ۋە سەھنە ئەسەرلىرىدەباش رول ئالغان خالمىرات ئۆمەرنىڭ يەنە بىر شەرىپى ئىدى . مۇئەللىپ بۇ شەرەپلەرنى ماقالە قۇرلىرىغا پۈتۈۋېتىپ ، خالمىراتنىڭ '' گۈلەمخان '' ئوپىراسىنى پايتەخىت سەھنىلىرىدە ئوينىغان چاغدا بېشىدىن كەچكەن كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ قالدى . بۇ كەچمىشلەر ئوپىرانىڭ ئومومىي كەيپىياتىغا جان كىرگۈزۈپ ، ''ئەختەم '' ئوبرازىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈردى .
- ئوپىرادا ،- دەپ ھېكايە قىلىدۇ ئۇ ،- ئەڭگە باينىڭ ئادەملىرى گۈلەمخان ئىككىمىزنى قوغلايدىغان بىر كۆرۈنۈش بار. بۇ كۆرۈنۈش ئەسەرنىڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسى ئىدى . مەن تىۋىپ سىياقىدا ياسىنىپ كىرىپ ئەڭگە چولاقنىڭ ئۆيىدە مىرزىقاماققا ئېلىنغان گۈلەمخاننى ئېلىپ ، دەريا ياقىلاپ قاچىمەن . دورغىلار قوغلاپ سۈر - چۇقان بىلەن يېتىپ كەلگەندە يولىمىز ئۈزۈلۈپ ، تىك يارنىڭ گىرۋىگىدە تۇرۇپ قالىمىز .ئارقىمىزدا يايى ، دورغىلار ، ئالدىمىزدا ھاڭ ، شارقىراپ ئېقىۋاتقان دەريا .بىزگە ئار - نومۇسىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆلۈمدىن باشقا تاللاش يولى قالمايدۇ . بىز ئەل -يۇرت ، قۇۋىم - قېرىنداشلار بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆزىمىزنى ياردىن ئاتماقچى بولدۇق . چامامدا ئۈچ يېرىم مېتېر ئېگىزلىكتىكى ياردىن ( سۈنئىي تام ) ئۆزىمىزنى ئېتىشىمىز ، قائىدە بويىچە سەھنىگە يېرىم مېتېر قېلىنلىقتا بىخەتەرلىك كۆرپىسى سېلىنىشى كېرەك ئىدى . شۇ كۈنى قانداق بولغان ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ . جان دىگەن تاتلىق نىمىكەن . ''گۈلەمخاننىڭ ( گۈزەلنۇر قۇربان ) قۇلىقىمغا پىچىرلىغىنىنى بىلىمەن . تۆۋەنگە قاراپ ماڭلىيىمدىن بۇژۇلداپ تەر چىقىپ ، بىر قېتىم ئۆلۈپ - تىرىلىپ بولدۇم . مېنىڭ پۇتۇمدا شىۋەك ، گۈلەمخاننىڭ پۇتىدا بولسا سەھنىدە كىيىدىغان قاتتىق ئاياق بار ئىدى . سەكرىمەي بولمايتتى . ئۆپكىمىز قېقىلىپ ، پۇت - قولىمىز چېقىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ سەكرىمەي بولمايتتى . كۆزۈمنى يۇمدۇم-دە گۈلەمخاندىن بۇرۇن ئۆزۈمنى تۆۋەنگە قارىتىپ ئاتتىم . ''گۈلەمخان '' دۈمبەم تەرەپكە سوڭدۇشۇپ چۈشۈپتۇ. دىگەن بىلەن ئۇنىڭ ئوشۇقىدىن مىتكوت كېتىپ ئون بەش كۈنگىچە يەر دەسسىيەلمەي قالدى . مەن يىقىلغاندا سەھنىدىكى پولنىڭ ئۈستىدە چىقىپ قالغان بىر تال مىق بارىكەن . سېرىلىپ چۈشكەندە گەجگەمدىن سېرىپ ماڭغان مىق قاق قۇيرۇغۇمدا توختاپ قالدى . ھازىرمۇ ئۇنىڭ ئىزى بار .
يەنە بىر يېرىدە مېنى دەرەخكە تەتۈر باغلاپ قويۇپ تۇرۇپ ئەڭگە باينىڭ ( شەمشىدىن نەسرۇللا ) قامچا بىلەن ئۇرىدىغان كۆرىنىشى بار . بىر چاغدا ئەڭگە باي ئالدىن تەييارلىۋالغان قامچىنى ئېلىپ دۈمبەمگە كۈچىنىڭ بېرىچە ساۋاپ قالدى . ئەسلىدە ساندۇقتا پاختىدىن ئىشلىگەن قامچا بىلەن سەككىز ئۆرۈملۈك تاسما قامچا بولىدىغان ، قانداق بولغان شۇ قېتىم ئەڭگە باينى غەپلەت بېسىپ پاختا قامچىنىڭ ئورنىغا تاسما قامچا ئېلىۋاپتۇ . يالاڭ كۆڭلەك ، دۈمبەمدىن قىر چىقىرىۋەتتى . تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ قالدىم . مۇزىكا چېلىنىپ ، ئېيتىلىدىغان ناخشىمۇ بار ئىدى . ئاغرىق ئازابىدا ناخشا توۋلاش خىيالىمغىمۇ كەلمەپتۇ . '' ئەڭگە باي '' كېلىشى بىلەن مەيدىسىگە كەلتۈرۈپ قاتتىق بىر تېپىۋېتىپتىمەن. ئەسلى ئەسەردە تېپىدىغان كۆرۈنۈش يوق ئىدى . ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ كەتتى . ئالقىش - چاۋاك كۇلۇپ ئىچىنى بىر ئالدى .پەردە يېپىلغاندىن كېيىن شەمشىدىنكام زىيادە ئاچچىقى بىلەن ئالدىمغا ھومۇيۇپ كەلدى . دۈمبەمنى كۆرسىتىپ قويدۇم . ئىشنىڭ تېگىگە يەتكەن شەمشىدىنكام بوينۇمدىن قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى ....
داۋامى بار |
|