- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 191
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- UID
- 2095
- يازما
- 191
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- توردا
- 2 سائەت
|
گۈزەلنۇر ئۆمەرنىڭ يىغىسى
ماۋزۇمىزغا قاراپ گۈزەلنۇر ئۆمەرنى كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان تازىمۇ بىر تاۋى نازۇك ئاياللارنىڭ تىپىدىن ئوخشايدۇ دەپ چۈشۈنۈپ قالسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز . كونىلارنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ بىر ھەقىقىي جىگىرى بار ، تىرىك ئايال . بېلىنىڭ تۆۋىنىگە ئاش بارمىغان مىڭلىغان خېنىم مىجەز ئەرلەرگە تېتىغۇچىلىگى بار . تەغدىرگە تەن بېرىشنى خالىمايدىغان ، ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى بىلىدىغان ، ھاياتقا ئۈمىد ۋە ئىشەنىچ بىلەن بېقىپ ، مەغرۇر يۈرۈيدىغان قەيسەر ئايال . كۆزىدىن كۈلكە ، چېھرىدىن تەبەسسۈم ئۆچمەيدىغان چىقىشقاق ، مۇڭداشقاق ، خۇشچاقچاق ، سۆيۈملۈك ئايال . ئۆمرىنى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن بېغىشلىغان ، ئىلى خەلق ئاھاڭلىرى ئاساسىدىكى ناخشىلارنى ئورۇنلاشتا ئۆزىگە خاس پورما شەكىللەندۈرگەن چولپان ئايال . گۈزەلنۇر قانداقتۇر كەسپىي مەكتەپ تەربىيەسى ، ئالىي مەكتەپ بوسۇغۇسى دىگەندەك يەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان . ئۇنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئۆزىنىڭ ئانىسى ، ئۇنى تاۋلاپ يېتىشتۈرگەن ئورۇن ئىلىنىڭ ئەلنەغمە سورۇنلىرى . شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ يېقىملىق ، ئېيتقان ناخشىلىرى سىڭىشلىق ھەم تېتىملىق . ھەرقايسى ئۈن - سىن نەشرىياتلىرى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان ، خەلق سۆيۈپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان '' سۆيگانۇچكا '' ، '' ئېزىتقۇ '' قاتارلىق سەككىز پارچە قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى بىلەن بىر پارچە VCD پىلاستىنكىسى بۇنىڭ بىردىن بىر دەلىلى . ئۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ جاغىستاي يېزىلىق سەنئەت كۇرژۇكى ، غۇلجا ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمەكلىرىدە ئىشلىگەن . ئىشلار بازار ئېگىلىگىگە يۈزلەنگەندىن كېيىن سەنئەت ئۆمىگىدىن چىقىۋېلىپ ، ئۆزىنى كەسكىن رىقابەت ئىچىدىكى بازار قاينىمىدا سىناپ كۆرمەكتە .
خوش ، نەزىرىمىزدىكى مەردانە ئايال قانداق بولۇپ يىغلاپ قالدى . ئۇ ياشلار نەلىرىدىن ، كىم ئۈچۈن چىقتى ؟ بۇ ئىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ دىققەت نەزىرىمىزدە بولىدۇ . شۇنداق ئۇ يىغلىدى . ئۆمرىدە پەقەت ئۈچ قېتىملا يىغلىدى . بىرىنچى قېتىم ئىنىسى خالمىرات ئۆمەر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ تىياتېر فاكولتىتىدىن كەلگەن چاقىرىق قەغىزىنى قولىغان ئالغان چاغدا خوشاللىقىغا ئورتاق بولۇپ يىغلىدى. ئىككىنچى قېتىم 1994 -يىلى چېچەك پەسلىدە شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ ''گۈلدەستە '' نامىدىكى سەنئەت كېچىلىگىنىڭ 3 - قىسمى كۆرسىتىلگەندە '' مېھمان '' ناملىق ئېپىزوتتا '' چوڭ ئەيسا '' نىڭ رولىنى ئېلىپ چىققان ئىنىسىنى كۆرۈپ يەنە خوشاللىقتىن كۆزىگە ياش ئالدى . ئون ئىككى يىل ئاۋۋالقى شۇ ئىش ھازىرقىدەك يادىدا تۇرۇپتۇ . ئۇ چاغدا ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ جېلىليۈزى بازىرىدىكى قايسى بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ ئولتۇراتتى . ئاشخانىدا تېلىۋېزور بار ئىدى . تېلىۋېزوردا سەنئەت كېچىلىگى كۆرسىتىلىۋاتاتتى . بىر چاغدا ئېكراندا ئىنىسى پەيدا بولدى . كۆزلىرىگە ئىشەنمىدى . ... تەلەپپۇزى ، تەققى - تۇرقى ، ھەرىكىتى ، جاغىستايلىقلارغا خاس يۇمۇرلۇق خاراكتىرى ...توۋۋا ئېكراندىكى ''چوڭ ئەيسا '' دىگىنى نەق ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى . ئۇ ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا توۋلىۋەتتى :
- خالايىق كۆردۈڭلارمۇ ، ئاشۇ مېنىڭ ئۇكام ، ''كىچىك ئەيسا '' نى بوزەك قىلىۋاتقىنى مېنىڭ ئۇكام خالمىرات ئۆمەر شۇ . ھا...ھا...ھا... مېنىڭ ئۇكام ....- كۈلكىنىڭ ئاخىرى خوشاللىق يىغىسىغا ، بەخت يىغىسىغا ئايلىنىپ كەتتى .
ئۈچىنچى قېتىم ئىنىسى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ مەركىزىي شەھەردە قېلىش - قالالماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن ، .ئىككى تەرەپ تالىشىپ قالغان ھالقىلىق مىنۇتلاردا ئۈرۈمچى بىلەن غۇلجا ئارىلىقىدا موكىدەك قاتناپ يۈرۈپ يۇم - يۇم يىغلىدى . گۈزەلنۇرنىڭ رايىچە بولغان ئىنىسى ئۈرۈمچىدە قالمىسا بولمايتتى . خالمىراتنىڭ ئارزۇسىمۇ شۇ ئىدى . ناۋادا ئۇ غۇلجىغا يېنىپ كەلسە ''كۆمۈلۈپ '' قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى . شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىگى ئۇنى ئېلىپ قېلىشقا قوشۇلغان ، سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك دىرامما ئۆمىگى بولسا '' بازار چاققاننىڭ '' قىلىپ ئۇنىڭ ئارخىبىنى ئاللىقاچان ئېلىپ كەتكەن ئىدى . يېڭى يىل قىستاپ قېلىۋاتاتتى. يەنە بىر ھەپتىگە قالماي شۇ يىللىق '' قاققان قوزۇق ، تۈككەن تۈگۈش '' لەرنىڭ ھەممىسى تۈگۈلەتتى . شۇنىڭدىن قالسىلا خالمىراتنىڭ ئۈرۈمچىدە قېلىش ئارزۇسى يوققا چىقاتتى . دىمەك ئاخىرقى بىرھەپتە زىمىننى ئاق قار ، كۆك مۇز قاپلىغان بىر ھەپتە ، تەلكە تاغلىرىدا ھېلىدىن - ھېلى قاتناش توختاپ قېلىۋاتقان ئاشۇ بىر ھەپتە بەكلا مۇھىم ئىدى . خالمىرات ئۈرۈمچىدىكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قالدى . گۈزەلنۇر قامچىسىغا تۈكۈرۈپ غۇلجىغا چاپتى .
گۈزەلنۇر ئىزداۋاتقان ئارخىپ سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، قوشۇمچە ۋىلايەتلىك دىرامما ئۆمىگىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يازغۇچى ، دىرامماتورىگ جاپپار قاسىمنىڭ قولىدىن چىقاتتى . ئۇنىڭ جاۋابى گۈزەلنۇر نى بەكلا نائۈمىد قويدى :
- خالمىراتنى ئۆزىمىز ئوقۇتقان ، ئۆزىمىزگە لازىم . ئارخىپنى بېرەلمەيمەن .
داۋامى بار |
|