- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 191
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- UID
- 2095
- يازما
- 191
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- توردا
- 2 سائەت
|
خالمىرات ئالدىراپ يوقالمىدى . ئۇنىڭچە بولغاندا ئادەمدىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرغىلى بولمايدىغان مۇنداق سەھرايى قىيامەتتىن تېزرەك يوقالغۇسى ، يىراق – يىراقلارغا كەتكۈسى ، چوڭ شەھەرلەرگە ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىگە بېرىپ سەنئەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگىنى بىر سىناپ باققۇسى بار ئىدى .بىراق ئۇنىڭ ئوقۇشى ئادەم ئېيتقان بايىقىدەك تۇرسا يەنە نەگە باراتتى ؟ يۇقۇرىدىن ئىككى نۆۋەت سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئادەم كەلدى . بىر قېتىمدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىتىنىڭ مۇزىكا سىنىپىغا ، يەنە بىر قېتىمدا ئىلى پىداگوكىكا ئېنىستىتوتىنىڭ سەنئەت سىنىپىغا ، خالمىرات ھەر ئىككىلىسىگە ئىمتىھان بەردى . ئۆتۈپ كەتتى . نەتىجىسىچۇ ؟ ''ئات ئايلىخانغا ، يول سارىخانغا'' بولۇپ كەتتى .جاھاننىڭ ئىشلىرى شۇنداق بولىدۇ . ئاجىزلار كۈچلۈكلەرگە يەم بولۇپ ياشايدۇ . بىز كۆپ ھاللاردا بۇنى تەغدىرگە جورۇپ '' كەلمىگەن تەلەيدە بىرنىمەڭنى ھەققى بارمۇ '' دىگەن تەمسىل بىلەن تۈگىتىمىز . خالمىرات بۇنى چۈشەنمەيتتى . ئۇ تەغدىرگە تەن بەردى . بىر مەزگىل يېزىلىق سەنئەت ئۆمىكىدە ئىشلەپ يۈردى . پۇلغا ئەمەس نومۇرغا ، گوڭغا ئىشلىدى . ئۆمەك تەركىۋىدە جاغىستايلىق خەلق سەنئەتچىسى مەسۇمجان ھاشىم ، ھەدىسى گۈزەلنۇر ئۆمەر ، ھازىرقى شىنجاڭ تۋلىۋېزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە مەركىزىنىڭ تالانىتلىق ئاۋاز ئارتىسى يالقۇن سەپەرلەر بار ئىدى . ئۇلار ئويۇن تەييارلايتتى . يېزىدا ، قوشنا يېزا بازارلاردا ، ناھىيە مەركىزىدە ئويۇن قوياتتى . ناھىيىدە ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان سەنئەت كۆرەكلىرىگە قاتنىشىپ ، بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتى . سەنئەت ئۆمەكنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىرى خالمىراتنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسى سېلىماخۇن مۇئەللىم مۇئەللىپكە :
– خالمىراتنىڭ سەنئەتتىكى قىزغىنلىقى ۋە كارامىتىگە قىل سىغمايتتى . قانداقلىكى رول بولسۇن ئۆزىنى ئۇرۇپ تۇراتتى . قولىغا دۇتتار بىلەن تەمبۈرنى ئالسا كەسپىي مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەن سەنئەتچىگە ، كىشىلەرنى دورىسا پىشقان ئاۋاز ئارتىسىغا ، قىززىقچىلىق قىلسا كەمەك ھەييارنىڭ ئۆزىگىلا ئوخشايتتى . شۇ چاغلاردا بىز سەھنىگە ئېلىپ چىققان '' بۇزۇلغان توي '' ، يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ شۇ ناملىق ھېكايىسىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلىگەن ''دېھقان شادلىقى '' غا ئوخشاش قىسقا پەردىلىك دىراممىلاردا خالمىرات مۇناسىپ روللارغا چىقىپ ، ئاجايىپ ئوبدان تەسىرلەرنى قالدۇرغان .ئۇ ئاخىرى ئۆز ئورنىنى تاپتى ،– دەيدۇ .
ھەئە ، تاپتى . سەنئەت ئۆمىكى ۋەيران بولۇپ ، خالمىرات يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە توختاملىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان 90- يىللارنىڭ باشلىرىدا سەنئەت مەكتىپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن يەنە ئادەم كەلدى . بۇ قېتىم كەلگەنلەر ئىلكىرىكىگە ئوخشىمايتتى . بىراۋنىڭ چىرايى ، يانچۇقىغا قاراپ ئىش تۇتىدىغانلاردەك قىلمايتتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامىنى كۆپ ئاڭلىغان ئەمما كۆرۈپ باقمىغان ئىسسىق چىراي ئايال ماھىرە زاكىر بىلەن '' بەخىت ناخشىسى '' فىلىمىدە ''شوخ كېرىم '' بولۇپ چىققان بۇرۇتلۇق كىشى تۇيغۇن ئەھمىدى تۇراتتى . ئۇلار نەق مەيداندا ، خالمىرات دەرىس ئۆتىۋاتقان سىنىپنىڭ ئىچىدىلا سازدىن ، ناخشىدىن ، قىززىقچىلىقتىن ئىمتىھان ئالدى . ئارتىسلاردا چىراي مېمىكىسىدا ئىپادىلىنىدىغان ھالەتلەرنىڭ بولىشى بەك مۇھىم ئىدى . خالمىرات دۇتتار بىلەن تەمبۈرنى نۆۋەت بىلەن قولغا ئېلىپ ئاۋۋال '' رۇخسارى مۇقامى '' نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاندىن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭ ، ئۇدار ، تېمىپلىرى بويىچە رازى بولغۇدەك ئېيتىپ بەردى . ئاۋاز ، قىززىقچىلىققا كەلگەندە پاكىستاننىڭ كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى '' مىراسخور'' دىكى ئەسمەتخاننىڭ ئاۋازىنى دورىدى . ئۇلارنىڭ ئالدىدا جاغىستايلىق كۆرۈمسىز دېھقان بالىسى ئەمەس ، گويا ئەسمەتخاننىڭ ئۆزى پەيدا بولدى ........
ماھىرە زاكىر تۇيغۇن ئەھمىدىلەرنىڭ چىرايىغا قايىللىق ، رازىمەنلىك كۈلكىسى تەپتى . ئۇلارنى بۇيەرگە چاپچال ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلىمىدە ئىشلەيدىغان ئەركىن ئەرشىدىن ئېلىپ چىققانىدى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن كۆۋۈك چىقىرىپ بۇ بالىنى ماختاشلىرى بىكار ئەمەسكەن . ماختىغۇچىلىگىمۇ ، تەرىپىنى قىلغۇچىلىگىمۇ بار ئىكەن . ئۇلار ئەركىن ئەرشىدىننى بىر ياققا تارتىپ قۇلىقىغا پىچىرلىدى :
- سىز دىگەن بۇ يىگىت كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقتى . جاۋابىمىزنى كۈتسۇن .
يەنە شۇ كۈتۈشنىڭ گېپى . نىمە دىگەن ئازاپلىق ئىش بۇ ! ئۇ ئالدىنقى ئىككى قېتىملىقىدىمۇ شۇنداق كۈتكەن .كۈتۈپ - كۈتۈپ نىمىگە ئېرىشتى ؟ ئەمدى قوپۇپ يەنە كۈتسە .....
بۇيەردە خالمىراتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈتۈشلەرگە تاقەت قىلىپ تۇرالماي ، ''چاقىرىش قەغىزى '' نىڭ خەۋىرىنى ئېلىش نىيىتىدە جۇلۇقى چىقىپ كەتكەن ۋېلسىپىتى بىلەن بېرىپ - كېلىشى يۈز كېلومېتېردىن ئارتۇق يولنى '' مارافۇنچە '' بېسىپ ، يېزىدىن ناھىيە بازىرىغا ، ناھىيە بازىرىدىن غۇلجا شەھىرىگە چۈشۈپ تارتقان جاپالىرى ، ئاچ قالغان ، ئۇسسۇزلۇقسىز قالغان ئىشلىرى ، ئاغزىغا گىياھ سالماي ، چاپچالنىڭ دەشتى چۆللىرىدە ئېرىقتىكى لاي سۇنى ئوچۇملاپ ئىچىپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتكەن يەرلىرىنى ھېكايە قىلىپ ئولتۇرمايمىز . كۈتۈشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر نىمىلا دىگەن بىلەن ''چاقىرىش قەغىزى '' ئاخىرى يېتىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ قورۇق تاملىق ئازادە ھويلىسى توي شادلىقى ، بايرام خوشاللىقىغا چۆمدى . خالمىرات ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا ئاپىسى ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر نەرسىنى يوللۇق تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قالمىدى .
'' خالمىراتنىڭ ئالمىسى '' ، خالمىراتنىڭ ئۈرۈگى '' دىن قىلىنغان ئالما گۈلە قېقى ، ناۋاترەڭ قولياغلىققا ئورالغان بىر كاللەك ناۋات .
ئون بەش يىل ئاۋۋالقى شۇ قولياغلىق ئانىسىدىن قالغان تەۋەرۈك يالداما سۈپىتىدە ھېلىمۇ ئۇنىڭ ساندۇقىدا ساقساقلىق تۇرماقتا . ئېھتىمال ئۇ ئەۋلاتتىن ئەۋلات ساقلىنىشى مۈمكىن . ئانىلاردىن قالغان يالداما ئەسلىمىمىزنىڭ بىر پارچىسى . ئۇ بىزگە كىملىكىمىزنى ھەر ۋاقىت يادىمىزغا سېلىپ تۇرىدىغان خاسىيەتلىك ئەڭگۈشتەر .
داۋامى بار |
|