- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 191
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- UID
- 2095
- يازما
- 191
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- توردا
- 2 سائەت
|
ياۋ پانا ''تۇتېم '' ئەپەندى ، ئىككى تاشنىڭ ئارىلىقىدا تۇمىقىمغا تاش ئېتىپ ئۈلگۈرگىنىڭىزنى دەيمىنا ! ...ئاۋۋال مۇنۇ ''چوڭ ئەيسانىڭ '' كىيىمىنى بىر پىچىۋېتەيلى ، ھە ، ئاندىن سىز بىلەن بىز بارغۇ ھە ؟
خوش شۇنداق قىلىپ :
ئۇلار توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي جاغىستايغا چىقىپ كەتتى . شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى شۇنداق بەلگىلەپ قويغان ئىدى . جاھاننىڭ ئىشلىرى ئاجايىپ بولىدىكەن . بىر زامانلاردا بۇ زىمىندا تۇيۇقسىز قۇترىغان تەلۋە بورانلار قانچىلىغان ئەزىزلەرنىڭ تەغدىرىنى ئاستىن - ئۈستىن قىلىۋەتمىدى دەيسىز . جاننى ئېلىپ جاڭگالدا قويىدىغان ھەركەتلەر ئوخشاشلا ئۇلارنىمۇ ئارامىدا قويمىدى . ھەر ئىككىسىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ، تەركىبى ، كەسپى ، ئىلگىرى قىلغان ئىشلىرى ، يەنە قانداقتۇر تۇقا - لەنەتلەر قوشۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىپلەش ، ساختا دېلۇ تۇرغۇزۇشتا يېتەرلىك دەسمايە بولۇپ بەردى . '' ئەكسىلئىنقىلاپچى '' ، '' قوش يۈرەك '' ، '' چەتكە باغلانغان ئونسۇر '' ، ''باي دېھقان '' ، '' يەرلىك مىللەتچى '' ، '' كاپىتالىزىمنىڭ قۇيرىقى '' .... يا ھەزرەت ، نىمەدىگەن ''چىرايلىق '' ، '' يارىشىملىق '' قالپاقلار بۇ . ئادەملەر ''سىنىپىي دۈشمەن '' لەردىن چەك - چېگرېنى ئايرىپ چىقىپ كەتكەچكە ئۇلار ئەڭ يىتىم ، ئەڭ بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى . ھاقارەت ، كەمسىتىش ، خورلۇق ، سوئال - سوراق ، سازايى قىلىشلار ، مەسىلىسى بارلارنى نورمىدىن ، ئاشلىقتىن قىسىشلار ... ئىشقىلىپ جەمىيەتنىڭ ھازىرقى كۆزى بىلەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىنايەتكە تولغان بولۇپ ھاياتلىق ئۇچقۇنلىرى ئۇلارنىڭ ئاجىز تېنىدە ئارانلا پىلدىرلايتتى . .......
جاغىستاي ئۇلارنى يەكلىدى . كىندىك قېنى تامغان ، ئۆسۈپ چوڭ بولغان يۇرتى ئۇلارنى يەكلىدى . ئەمەلىيەتتە بۇ يەكلەش جەمىيەتنىڭ ، ۋەزىيەتنىڭ ، دەۋىرنىڭ يەكلىشى ئىدى .
جاھاندارچىلىقنىڭ تالاي ئىسسىق - سوغۇقلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ، ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە تاۋلانغان ئۆمەرجان گۈلەم ئىسىملىك بىزنىڭ بۇ قەھرىمان يىگىتىمىز ئۇ خىلدىكى يەكلەش - يەكلىنىشلەرگە پەرۋا قىلىپ كېتىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى .
قەلبىدىكى مۇڭ ۋە ھەسرەتنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ناخشىدىن ، سازدىن چىقىرىشقا ماھىر ئىدى . ئۇ يەنە ماڭغان ئىزى ، قىلغان سۆزىدىن كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تازىمۇ ھەييار ، قىززىقچى ، چاقچاقچى كىشى ئىدى . جاغىستاينىڭ شۇ زامانلاردا ئىشىك - تۈڭلۈكنى تاقاپ قويۇپ تۇرۇپ ئوينايدىغان چاي ، ئولتۇرۇش ، بەزمە - باراۋەتلىرى ، توي تۆكۈنلىرى ئۇنىڭسىز قىززىمايتتى . ساپ تارانچى شىۋىسىدە قىلىدىغان گەپلىرىنىڭ يۇمۇرلۇق ، ئوبرازلىق ، تورلۇقلىغى ، چاقچاقتىكى ئىنكاسىنىڭ تېز ھەم دەللىگى كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرەتتى . بېشىغا ، ئائىلىسىگە كەلگەن قىسمەتلەر لەتىپە ، چاقچاق شەكلىدە ئۇنىڭ ئېغىزىدىن تارىلىپ ، سورۇن ئەھلىگە باشقىچە زوق ۋە كۈلكە ئاتا قىلاتتى . '' پۇت يۈگرىگى ئاشقا ، ئېغىز يۈگرىگى باشقا '' دەپ ، ئۇ ئاشۇ لەتىپە ، چاقچاقلارنىڭ دەردىنى تالاي تارتقان چاغلىرىمۇ بولغان ئىدى . جاغىستاي يېزىلىك ھۆكۈمەتتە بۇغالتىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ئازات تىلىۋالدى ئۆمەرجان گۈلەم ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ۋاراقلاپ مۇنداق دەيدۇ :
- ئۇ بىر كۈلكە بىلەن يۇغۇرۇپ قويغاندەكلا ئادەم ئىدى . مانا بىزغۇ سورۇنلاردا ئۇ چالغان ساز ، ئۇ ئېيتقان ناخشا ، ئۇ قىلغان چاقچاقلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان . زاماننىڭ تەتۈرلىگى تۇتسا ئەڭ ئاۋۋال ئۇۋالچىلىققا ئۇچرايدىغىنى يەنىلا ياخشى ئادەملەركەن . ئۇنىڭ ''مەسىلىسى بار '' لار قاتارىدا چەتكە قېقىلغان ، تۇرمۇشنىڭ دەردى يۈكلەنگەن ئېغىر ھارۋىنى تەستە سۆرەپ ، كوچا دوقمۇشىدا موزدوزلۇق قىلىپ يۈرگەن چاغلىرىنى ئويلىسام ئىچىم ئىچىشىدۇ . ئۇ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئادەتتىكى بىر موزدۇز ئەمەس ، ئىچى - تېشى ئىلىمگە ، ھۈنەرگە تولغان كەسىپ ئەھلى ئىدى . گۈزەل سەنئەت بىلەن قول ھۈنەر سەنئىتىگە كامىل بۇ كىشىنىڭ ئاجايىپ نەپىس ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئويۇپ چىققان ياغاچ قوشۇق ، تاغاچ چۆمۈچ ، ياغاچ تاۋاقلىرى ، ياغاچ چۆچەكلىرى كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلاتتى . پو ئېتىپ بەرسەم مەيلى رەسىم سىزىش ، مەيلى خەتتاتلىق سەنئىتىدە بولسۇن مۇشۇ تۆڭگىرەكتە ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغىنى يوق ئىدى . رەسىمنى ئىچى پۇشقاننىڭ ئارىلىغىدا سىزىۋېتەتتى . '' جەڭگىۋار قىسىمنىڭ جازا يۈرۈشلىرى '' ، '' يىراقتىكى قارلىق چوققىلاردىن ئېقىپ كەلگەن ئانا دەريانىڭ ئۇپقۇنلۇق كۆرۈنۈشى '' ، '' تىلىنى خەنجىرىنىڭ بىسىغا تەككۈزۈپ ، قەھرى بىلەن قاراپ تۇرغان نۇزۇگۇم '' ، '' رەقىبىنىڭ كاللىسىغا شەمشەر ئۇرىۋاتقان سادىر پالۋان '' ....رەھمەتلىكنىڭ ئاددىي پەلكۈچى ئاستىدىكى بۇ سېتۇرۇلۇق كۆرۈنۈشلەر كىشىگە بىرخىل گۈزەللىك ۋە غورۇر تۇيغۇسى بېرەتتى . .....يېزىدىكى پۈتۈن سۈرۈك ئورۇنلارنىڭ تامغىسى شۇ كىشىنىڭ قولىدىن چىقاتتى. قورسىقىدا ئومىچى بار كىشىلەر باشقىچە كەمتەر ، چىقىشقاق ، كىچىك پېئىل كېلىدىغان ئوخشايدۇ . چوڭلاردىن ئاڭلىسام ئاخىرقى ئۆمرىنى جاغىستايدا ياشاپ ، جاغىستايدا ئۆتكەن مەشھۇر جامائەت ئەربابى نەزەر غوجا ئابدىسەمەتمۇ ( ئۇيغۇر ئوغلى ) شۇنداق كىشىلەردىن دىيىشىدۇ . ئۆمەرجىنكام قەۋەتلا خۇشخۇي ، چىقىشقاق ، پاراڭچى كىشى ئىدى . كىتاپنى كۆپ كۆرەتتى . مەن ئۇنىڭ ئوقۇغان كىتاپلىرىنىڭ كۆپلىگىگە ، يۇرت تارىخى ، تەزكىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىمىنىڭ موللىقىغا قايىل ئىدىم . ئۇ گەپ باشلىسا ھەرقانداق ئادەمنى ئۆزىگە قارىتىۋالاتتى . ۋاللەي ئويناپ يۈرگە چاغلىرىمىز تېخى تۈنۈگۈنكىدەك ئېسىمدە تۇرۇپتۇ . مەھەللىدىكى بىر توپ شوركىلار ئاتايىن ئۇنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاش ئۈچۈن قوشۇق ، ياغاچ تاۋاق ئويۇپ ئولتۇرغان يېرىگە بېرىۋالاتتۇق . ئاتا - ئانىمىزدىن ئاڭلىمىغان ھېكايە - چۆچەكلەرنى ، جوڭغارلار ، مانجۇلار ، سادىر ئۇرۇشى ، مىللىي ئىنقىلاپ دەۋرىدە بولۇپ ئۆتكەن قەھرىمانلىق ھەققىدىكى قىسسەلەرنى ، موللا نەسىردىننىڭ يېڭىدىن - يېڭى لەتىپە - چاقچاقلىرىنى ئاڭلايتتۇق . ئۇ ھەر ئىككى گېپىنىڭ بىرىگە كۈلكىلىك گەپلەر ۋە رىۋايەت تۈسىنى بېرىپ بىزنى تېلىقتۇرۇپ - تېلىقتۇرۇپ قوياتتى . ئاياشقا ، ئاسراشقا ، ئەتىۋارلاشقا تېگىشلىك مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ جەمىيەتتە قېقىندى - سوقۇندى بولۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈپ ئىچ - ئىچىمىزدىن ئۆرتىنەتتۇق . خەيرىيەت ، شورىقۇرغۇر پەلەك ئۇنىڭ روھى ۋە جىسمانىيىتىدىكى بارلىق قۇۋۋەتلەرنى پاك - پاكىز شوراپ تۈگىتىپ ، ئاخىرى بېرىشقا تېگىشلىك بولغان لېكىن بېرىش نۆۋىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەن ھېلىقى يەرگە ئۇنى ئەجىلىدىن بۇرۇن ئېلىپ كەتتى .
شۇنداق ، ئېلىپ كەتتى . ئۇزۇنغا سوزۇلغان خورلۇق ، كەمسىتىش ، ئاچ يالىڭاچلىق ، روھىي جەھەتتىكى ئېغىر بېسىم ئۇنىڭغا بىر رودىپاي كېسەلنى '' يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى '' نى ئىلتىپات قىلىپ قويدى . گېلىدىن تاماق ، كۆزىدىن ئۇيقۇ قاچتى . كېسەل ئازابىدا كېچە - كېچىلەپ ئۆرە ئولتۇرۇپ چىقاتتى . ئاخىرى قايسى بىر چالا تىۋىپنىڭ ئۇيقۇ دورىسىنىڭ مىقدارىنى خاتا بېرىپ قويۇشى بىلەن قايتا ئويغۇنالماي 1968 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سەھەردە قاينۇق يېزىسىغا ياتلىق قىلىنغان قىزى رەشىدەنىڭ ئۆيىدە 55 يېشىدا چىن دۇنياغا سەپەر قىلدى . مېيىتنى تېرەك غازاڭلىرى بىلەن چۆمكەلگەن يارىيار ھارۋىغا بېسىپ ، يېزىنىڭ توپىلىق يوللىرى ئارقىلىق جاغىستايغا ئېلىپ كەلگەن قايغۇلۇق كۈنلەردە بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسا '' تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا ئالتە ئايلىق تۆرەلمە ئىدى . ئۇ دادىسى تۈگەپ كېتىپ ئۈچ يېرىم ئايدىن كېيىن ، يەنى زىمىننى ئاق قار ، كۆك مۇز قاپلىغان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە دۇنياغا كۆز ئاچتى .
ئاپلا ! تازا ئىشقىم بىلەن يېزىۋاتسام مۇنۇ بىزنىڭ گۈلنىسا '' كالا ساغىمەن، موزاينى تۇتۇپ بېرىڭ '' دەپ ھاقىراپ قالدى مانا ....! چىقماي ئامال يوق . ئەتكەن چاي دىسە ئۆلۈپلا بېرىدىغان پېقىر مۇختەر قاۋان باشقا ئىشنى قىلمىسام قىلمايمەنكى ئەتكەن چايغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئىشنى بىجانىدىل ئورۇنلايمەن . شۇڭا داۋامىنى ئەتىگىچە يوللاي .ھازىرچە مۇشۇنىڭغا رازىلىق بېرىپ تۇرۇڭلاردە .... |
|