- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 191
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- UID
- 2095
- يازما
- 191
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- توردا
- 2 سائەت
|
''چوڭ ئەيسا '' ، ''ئوسمان داڭگال '' ، ''ئالىمجان بولۇمسىز ''
ۋاي - ۋۇي ، نىمانچە كۆپ ئىسىملار بۇ . تەبىئىيكى بۇ ئىسىملاردىن گۈپۈلدەپ يېزا پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ تەكتىگە ھورۇن ، لەقۋا ، بولۇمسىز كىشىلەرنىڭ خارەكتىرى يوشۇرۇنغان . مەن دەيمەن ، تىياتىر ئاكتىيۇرلۇق كەسپىنى ئوقۇغانلار ئىچىدە سەھنە ۋە ئېكرانلاردا ئالغان رولىغا قاراپ بىزنىڭ خالمىرات ئۆمەردەك مۇنچە كۆپ لەقەملىك بولىۋالغانلار ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك . يەنە كېلىپ بۇ لەقەملەر ئۇنىڭغا ئەزەن چاقىرىپ قويىۋالغان ئىسىمدەك شۇنداق چىرايلىق ياراشقان . بىزمۇ شۇ بويىچە ئاتاپ ئۈگۈنۈپ قاپتۇق . بۇنىڭ نەرى يامان . چۈنكى لەقەم دىگەننىمۇ خىزىر قويىدۇ ئەمەسمۇ . بىرلا ئەنسىرەيدىغىنىمىز ئۇ دۇنيانىڭ سوئال سورىقى . يەتتە كەتمەن تپوىدىن كېيىن ھېساپ كىتاپ باشلىنىدۇ . كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇنكىر - نېكىرلەر قوپۇپ ''خوش ، جاغىستايلىق يىگىت ، ئات - جونىڭ نىمە ؟'' دەپ سوراپ قالسا مۇنچىۋالا ئىسىملارنىڭ قايسىبىرىنى ئاتاپ ئۈلگۈرۈپ بولار . راستىنلا ئۇنىڭغا ۋابال بولىدىغان بولدى . ئۆزىگىمۇ ئاز . كىم ئۇنى مۇنچىۋالا ''بولۇمسىز '' بولىۋالسۇن دەپتۇ .
بولدىلا گېپىمىز غەيۋەتكە ئايلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئاساسىي مەقسىدىمىزگە قايتىپ كېلىۋالايلى . خالمىراتقا يۇقۇرىقى لەقەملەر ئىچىدە بەكرەك سىڭىپ قالغىنى '' چوڭ ئەيسا '' بولدى . ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن بىر يىل ئاۋال ئويناپ چىققان بۇ رول بىلەن بىراقلا شۆھرەت قازىنىپ خەلق ئەڭ سۆيىنىدىغان ، قىززىقىدىغان ، ھۆرمەت قىلىدىغان ، كېلەچىگىگە ئۈمىت باغلىغان يېڭى چولپانغا ئايلاندى.كىشىلەر ئېپىزۇت سەنئىتىدە ياراتقان نۇقسانسىز ئوبرازىغا قاراپ ، ئۇنىڭ بىر يەلىرىنى قازاغىستان ئۇيغۇر تىياتىرىنىڭ كۈلدۈرگە چولپىنى ماخمۇتجان دارايۇپقا ئوخشىتىدۇ .ئوخشىسىمۇ ئوخشايدىغاندۇ ، چۈنكى ماخمۇتجان دارايۇپنىڭ ئاپىسى بىلەن ''چوڭ ئەيسا '' نىڭ ئانا تەرەپ مومىسى بىر نەۋرە ئاچا - سىڭىللاردىن بولىدۇ .ئۇلارمۇ ئۆز دەۋرىدە شۇنداق پاراڭچى ، قىزىقچى ئۆتكەن كىشىلەر . بىز مۇشۇ نۇقتىدىن كىشىلەردىكى يۇمۇرىستىك خۇسۇسىسىيەتنىڭ ئېرسىيەت تالىشىدىغانلىغىنى چەتكە قاقمايمىز. ئوخشىمايدىغان يېرى بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسا '' دەرىجىدىن تاشقىرى ''ھورۇن'' . باشقىلار يېزىپ تەييار قىلىپ بەرگەن سەھنە ئەسىرىنى ئويناشنى بىلىدۇ - يۇ ، ئۆزى شۇ تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە يۈرۈپ ، قەلەم تەۋرىتىشكە ئېرىنىدۇ . مۇشۇ يەرلىرىگە قاراپ ئۇنى ''بىرگە ماھىر ، كۆپكە قادىر '' دىيىشكە تىلىمىزنىڭ خېلىلا قىسقىلىق قىلىدىغان يەرلىرىمۇ بار. ماخمۇتجان دارايۇپقا كەلسەك ، ئۇ ھەم يازىدۇ ھەم ئوينايدۇ .بىز دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان ، كۆرۈپ - كۆرۈپ قانمايدىغان '' بولۇمسىز خوتۇن '' ، '' ھەممىنى قىلغان ماشىنا '' ، '' ئاڭلىمىغان قۇلاقتا نىمە ئەيىپ '' ، '' بوسۇغىدا قالغان قېرىنداش '' ... قا ئوخشاش بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەر بۇنىڭ دەلىلى . سەھنىلەردە ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئېپىزوت - كۈلدۈرگىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزىنىڭ قولىدىن چىققان . بۇ قېتىم مەن ماخمۇتجان دارايۇپلارنىڭ غۇلجىغا كەلگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ، بۇيەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېپىزۇت سەن.ئىتى ۋە خالمىرات ئۆمەرگە بولغان قارىشىنى ئاڭلاپ باقتىم . ئۇ :
- بۇ تەرەپتىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ سەنئىتى ، بولۇپمۇ ئېپىزوت سەنئىتىنى پىلاستىنكىلاردىن پات - پات كۆرۈپ قالىمەن . باغرىمدىكى گەپنى دىسەم يۈزدە توقسەن پىرسەنىت سەھنە ئەسىرى كىشىنىڭ دىتىغا ياقمايدۇ . سىلەر بىرە ئەسەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشقا ، بازارغا سېلىشقا ئالدىراپ كېتىدىكەنسىلەر . خام يەرلىرى بەك كۆپ . تۇرمۇش يوق ، ئوبراز كەم . ھەممە نەرسە سۈنئىيلەشكەن . شوئارۋازلىق ، تەقلىتچىلىك خاھىشى ئېغىر . رول ئالغۇچىلار ئەسەردىكى ۋەقەلىكلەرنى تاماشىبىنلارغا يادلاپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ . سەنئەت تاۋارغا ئايلانغان چاغدا ئېنىقكى ئۆز قىممىتىنى يوقىتىدۇ . ماختانغىنىم ئەمەس .بىز بىر پارچە ئەسەرنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن كەم دىگەندە 20-30 قېتىم غەلۋىر ۋە ئۆتكەمىدىن ئۆتكۈزىمىز. نەچچە ئايلاپ تەييارلىق قىلىمىز . خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى تاپالىدۇقمۇ يوق ، شۇنىڭغا قارايمىز...خالمىرات رول ئالغان ئېپىزۇت ، چوڭ تىپتىتىكى سەھنە ئەسىرى ، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆردۈم . بۇ بالا بولىدىكەن . سەھنىدىكى ، ئېكراندىكى ئوبرازى بەئەينى جاغىستايدىن ، شۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدىن كەلگەندەك شۇنداق تەبىئىي چىقىپتۇ. گۈزەللىك تەبىئىلىكتىغۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سەنئەتنىڭ كۆپ خىل تۈرلىرىدە رولدا ، ناخشىدا ، سازدا قىززىقچىلىقتا ، گۈزەل سەنئەتتە ، مۇزىكا ئىجادىيىتىدە بار ئىكەن . مۇنداق كۆپ قىرلىق تالانىت ئېگىلىرى كەم تېپىلىدۇ ، - دەپ تىلىمىزنىڭ ھېلىقىندەك قىسقا يەرلىرىنى خېلىلا ئۇزارتىپ قويدى .
ئەمەليەتتىمۇ بىزنىڭ بۇ ''چوڭ ئەيسا '' تىلىمىزنى ئانچە بەك قىسقا قىلىپ قويىدىغانلاردىنمۇ ئەمەس . پۇلپەزلىك خاھىشى بارغانچە كۈچىيىپ بېرىۋاتقان ، پۇلنى كۆرسە جىنىس ئايرىماي ئۇچرىغان رولغا چىقىۋېرىدىغانلارغا ئوخشىمايدۇ. مىجەزى چۇس ، مەيدانى ئېنىق . سەنئەتنى سۆيۈش ، كەسپنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ . ئۇنى باشقىلارغا قارىغاندا سەنئەت مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرى بەكرەك چۈشىنىدۇ . ئۇلار نەچچە قېتىم :
جاغىستايچە تەلەپپۇزۇڭنى يوقات ، ھوي داڭگال ، ئورتاق تىلدا سۆزلەشنى ئادەت قىل . چەتئەل تىياتىرىنى ئويناشقا توغرا كەلسە ، تارانچى شىۋىسىدە ئەزمەڭنى ئېزىپ ئولتۇرساڭ ئىشنىڭ پۆپىگىنى بۇزىسەن ،- دەپ كايىغاندا ئۇ :
- ئورتاق تىلنى ئۈگىنىش تەس ئەمەس . بىراق مۇئەللىم ، يەرلىك شىۋىدىن ۋاز كېچىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ . مەن ئۇنى چوقۇم سەھنىگە ئېلىپ چىقىمەن . باشقىلار ھېس قىلالمىغان گۈزەللىكنى نامايەن قىلىمەن ، - دىگەنىدى .
داۋامى بار |
|