- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 191
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- UID
- 2095
- يازما
- 191
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- توردا
- 2 سائەت
|
ئەمدى بۇ ''چوڭ ئەيسا'' نىڭ شەخسىي تۇرمۇشىنى مۇنۇ ئابدۇرۇسۇل دىگەن داڭگال يازماپتۇ دەڭا نەسىبە ! كېيىنچىرەك يېزىپ قالغۇدەكلا بولسا مۇشۇ يەرگە سۆرەپ ئەكىرىمەن ، بولامدۇ ؟ ھە ، شۇڭغىچە ''چوڭ ئەيسا'' نىڭ چاقچاقلىرىدىن بەھىر ئالغاچ تۇرۇڭ .
خالمىرات ئۆمەر چاقچاقلىرى
ئەگىتمە جاۋاپ
ئۈرۈمچى شارائىتىدا قىز - يىگىت بىرگە مېڭىپ قالسىلا غەيرى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىۋالىدىغان ئەھۋال ئادەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ.بىركۈنى خالمىرات ھەدىسى گۈزەلنۇر ئۆمەر بىلەن كوچىدا بىرگە كېتىۋاتسا ، ئۇنىڭ يېقىن بىر تونۇشى ئۇچراپ قاپتۇ -د ئەچەتكە تارتىپ سوراپتۇ :
- پەيزىڭ بار سەرالىق جۇمۇ سەن ، نەدىن تېپىۋالدىڭ بۇ سەتەڭنى ؟
خالمىرات چاندۇرماي جاۋاپ بېرىپتۇ :
- ۋايتاڭەي ، ئىشقىلىپ مەن تۇغۇلغاندا ئۆيىمىزدە باركەنغۇ .
ئاغىنىسىغا يەر قاتتىق ، ئاسمان يىراق بىلىنىپ كېتىپتۇ .
ماختاش
يېزىدا بولغان بىر ئولتۇرۇشتا تازىمۇ كۆرەڭ بىر شەھەرلىك ئاداش ئىتىنى ماختاپ قاپتۇ :
- ۋاھ ، بىزنىڭ شەھەرنىڭ ئىتلىرىزە ، ناتونۇش ئادەمنىڭ ھېدىنى ئالغان ھامان تۈك - تۈكىنى يەپ قاۋاپ ئارامىنى قويمايدۇ .
- بىزنىڭ جاغىستاينىڭ ئىتلىرىنى دىمەيسەن ، - دەپ ماختىنىپتۇ خالمىراتمۇ نۆۋىتىدە ، - كەچقۇرۇنلىغى دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ ، ئېڭىكىنى ئىككى قولىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، مۈگدەپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇكى ، قويۇۋېرىڭ ، ئۆتكەن - كەچكەنگە قاۋاي دىسە جىمى ئادەم تونۇش .
ئىسسىق ئۆتكەن ئوخشايدۇ
خالمىرات خەلق ناخشىلىرىنى بۇزۇپ ئېيتقان ئادەملەرنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايدىكەن . بىر نائۇستا بىر ناخشىچى خەلق ناخشىلىرىنى توۋلاپ كېلىۋېتىپ :
يۈرەكتىكى زەرداپ سۇ ،
قانغا ئۆرىلەي دەيدۇ .
دىگەن يېرىگە كەلگەندە '' پارغا ئايلىناي دەيدۇ '' دەپ بۇزۇپلا ئېيتىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان خالمىرات يېنىدىكىلەرگە دەپتۇ :
- ما ئاداشقا ئەمدى ئىسسىق ئۆتكەن ئوخشايدۇ .
يەنە بىر نۆۋەت
خالمىرات '' ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى'' غا يۆلەپ مۇنداق بىر لەتىپىنى سۆزلەپ بېرىدۇ .
ئۇرۇشقا قاتناشقان شەھەر ئىچىلىك بىر ئەسكەر ھەرەمباغ سوقۇشى بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ھەپتە - ئون كۈنگىچە ئۆيىگە قايتالماپتۇ . بىر كۈنى ئۇ ئايالىغا :
- ئۆي تامىقىنى سېغىنىپ كەتتۇق ، ئوخشىتىپ لەغمەن ئېتىپ قويساڭ ، سەبداشلىرىم بىلەن كېلىپ يەپ كەتسەم ،- دەپتۇ .ئايالى ماقۇل بوپتۇ . تاماقنى ئېتىپ تەييار قىلىپ تۇرغاننىڭ ئۈستىگە ئەللىككە يېقىن ئەسكەر كوماندىغا دەسسەپ قورۇغا كىرىپ كەپتۇ . بۇنى كۆرگەن ئايالى چۆچۈپ كېتىپتۇ-دە ، ئېرىنى چەتكە تارتىپ :
- سانىنى ئېنىق دىسىڭىز بولمامدۇ ، مەن تېخى بىرنەچچە ئادەمنى باشلاپ كېلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ، شۇنىڭ لايىقىدىلا تاماق قىلىپ قويۇپتىمەن ،- دەپتۇ .
بۇنى ئاڭلىغان ئېرى ئەسكەرلەرگە قاراپ :
- دىققەت ، ئارتقا بۇرۇل ، قەدەملەپ مارىش ، - دىگىنىچە ئۇلارنى ئېلىپ ماڭغىلى تۇرۇپتۇ . ئايالى سوراپتۇ :
- ھوي نەگە ؟
- جىم تۇر خوتۇن ، - دەپتۇ يولدىشى ، - قارىسام تامىقىڭ يەتمەيدىكەن ، بۇدا بىر سوقۇشۇپ كېلەيلى .
بىر كۆرسەم
باشقىلارنىكىنى يەپ - ئىچىپ ئۈگۈنۈپ قالغان تازىمۇ قېلىن - قاتتىق بىر ئاداش بارىكەن. بىركۈنى ئۇ خالمىراتنىڭ مېھمانلىرى شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان سورىنىدا چەتئەلنىڭ '' بىراندى '' ماركىلىق ھارىقىنى ئىچىۋېتىپ دەپتۇ :
- نىمىشقىكىن مۇشۇ ھاراقنى ئىچسەم ئەتتىگەنلىگى ئاتتەكلا تۇرىدىغان بولدۇم .
خالمىرات دەپتۇ :
- ئۆزۈڭنىڭ پۇلىغا ئىچسەڭدىڭ ، قانداق قوپقانلىغىڭنى بىر كۆرسەم .
بىر تىل بىلەن
خالمىراتنىڭ يېقىن ئارىلىشىدىغان بىر ئاغىينىسى خالمىراتقا ئايالىنى ماختاپ بېرىپتۇ :
- بىزنىڭ خوتۇننى دىمەيسەن مۇشۇ كۈنلەردە باشقىچىلا تىرىشچان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ ، بىر تەرەپتە خىزمەت بىلەن ئۆي ئىشى ، يەنە بىر تەرەپتىن قوشۇمچە تىل ئۈگۈنۈپ ...مانا ، ئۇ دىمەڭ ، بۇ دىمەڭ بىلەن ئۈچ خىل تىلدا خېلى راۋان سۆزلەيدىغان بوپ قالدى .
- ئالامەت چىداشلىق نىمىكەنسەن جۇمۇ ، - دەپتۇ خالمىرات ،- بىزنىڭ خوتۇن بىر خىل تىل بىلەن جۇلۇقىمىزنى چىقىرىۋېتىپ بارىدۇ .
يەنە ماختاش
خالمىراتنىڭ شەھەرلىك ئاغىينىسى يەنە شەھەرنىڭ ئىتلىرىنى ماختاپ قاپتۇ :
- ئىت دىگەن قاندىقىغا باقساڭ شۇندىقىغا چوڭ بولىدىغان گەپكەن . مىسالغا بىزنىڭ شەھەرنىڭ ئىتلىرىنى ئالايلى ، بەزىدە بازار ئارىلاپ چىقىپ كەتسە نە نەلەرنى ئايلىنىپ قورسىقىنى ئۆزى بېقىپ ، كەچ بولغاندا بىر چىرايلىق قايتىپ كېلىدۇ . ساناپ كەلسە مۇنداق ئىتلىرى ساماندەك .
- بىزنىڭ يېزىنىڭ ئىتلىرىمۇ قىززىق ، - دەپتۇ خالمىرات ،- ئېگىسى شەھەرگە ماڭسا ، ھارۋىنىڭ ئاستىدا بېشىنى كۆتۈرمەي سوكۇلداپ مېڭىپ ، ھارۋىنى چىقىرىپ قويغان يەردىلا يېتىپ ، يەنە شۇ ھالەتتە قايتىپ چىقىدۇ . ئۆمرىدە شەھەرگە كىرىپ ، شەھەرنى كۆرمەي يېنىپ چىقىدىغان ئىتلىرى ساماندەك .
پالەك
خالمىراتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقىۋاتقان چاغلىرىكەن . يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىپ كەپتۇ . ئۇ ئۆيگە كەلسىلا لەغمەننىڭ جىدىلىنى قىلىدىكەن . بىركۈنى ئاپىسى ئۇنى بازاردىن پالەك ئەپكىلىشكە بۇيرۇپتۇ . قانداق بولغان ، خالمىراتنىڭ ئېسىيادى باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىپ ، پالەك ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتۇ . ئۆيگە كەلگەندىنكىن ئاپىسى :
- ئېلىپ كەلگەن پالەكلىرىڭ قېنى بالام ؟، - دەپ سوراپتۇ .
خالمىرات راست گەپنى دىيىشتىن خىجالەت بولۇپ ، ئاپىسىغا :
- مەكتەپتىمۇ شۇ پالەك ، ماتىرىيالدىن كۆرسەم پالەك قاننى ئازايتىۋېتىدىكەن دەپ يېزىپتۇ . بولدى ئۇنىڭ گېپىنى قويساڭا ئاپا ،- دەپتۇ .
- جېنىم بالام ، - دەپتۇ ئاپىسى خالمىراتقا ، - چىرايىڭ نىمانچە تاتىرىپ كەتتىكىن دىسەم ، ئەسلىدە بىرسىنىڭ پالەكلىگىدە ئولتۇرۇپ سالغان يېرىڭ بارىكەندە . |
|