- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 191
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- UID
- 2095
- يازما
- 191
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6769
- تىزىملاتقان
- 2010-5-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-3
- توردا
- 2 سائەت
|
'' چوڭ ئەيسا '' نىڭ مەخپىي ئارخىپى
ئاپتۇرى ئابدۇرۇسۇل سېيىت ( ئىلى خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا )
ماقالىمىز ماۋزۇسىنى ئاشۇنداق قويىۋالدۇق . لېكىن '' مەخپىي '' دىگەن گەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەڭ . جاغىستايدەك يىراق تاغلىق يېزىدا تۇغۇلغان ، مەركىزىي شىەھەر ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقىنى بىلەن مۇئەللىپكە ئوخشاش ئىسكەتى ، يۈرۈش - تۇرۇشى ، گەپ سۆزى ، مىجەز - خاراكتىرى ،... ئىشقىلىپ تۇرغان پۈتكىنىدىن '' داڭگال '' پۇراپ ، مەمەيۈز پۇراپ ، جاغىستاي پۇراپ تۇرىدىغان بىر بالىنىڭ مۇرەككەپ دىگۈدەك يەنە نەرى بار دەيسىز .
ئادەم قانچىكى ئىچ مىجەز ، جىمىغۇر ، مۇرەككەپ بولسا شۇنچىلىك سىرلىق بولىشى مۈمكىن . سىرلىك ئادەمنىڭ كىشىلەرگە مەلۇم بولمىغان '' مەخپىي '' تەرەپلىرىمۇ كۆپ بولىدۇ . بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسا '' نى ئۇنداقلارنىڭ قاتارىغا قويۇشقا بولمايدۇ . سىز ئۇنى مەيلى قەيەردە، قانداقلا ھالەتتە ئۇچراتماڭ تۈز ، ساددا ، ئاق كۆڭۈل ، خۇشچاقچاق جاغىستايلىقلار ئارىسىدىن ، يالپۇز ، رەيھان كۆكى پۇراپ تۇرغان دالا - قىرلاردىن ، دىھقان ناخشىسى ياڭراپ تۇرغان ئېتىزلىقلاردىن ، پادىلار ئوتلاپ يۈرگەن جاڭگاللاردىن ، ئەنجان تاملىق قورۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ھېلىلا چىقىپ كەلگەندەك كۆز ئالدىڭىزدا شۇنداق تەبىئىي ، شۇنداق چىرايلىق پەيدا بولىدۇ . ئېتىز - ئېرىق ئىشلىرىدا خېلىلا گال ، بوشاڭ يەرلىرىنى دىمىسەك گالىستۇك تاقىۋالغان يېڭى زامان دېھقىنىنىڭ ئۆزىگە ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ كىشىلەر نەزىرىدىكى تولىمۇ سۆيۈملۈك ، قەدىرلىك ، ئەتىۋارلىق تەرەپلىرىمۇ شۇ يەردە . يىراق قىرلاردىن چوڭ شەھەرگە بېرىپ ئوقۇپ ، ئىقدىسادىي بېسىم سەۋەبىدىن قىيامەتنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان ، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ سۆڭگىچىنى شەھەرگە پاتتۇرىۋالغاندىن كېيىن بولسا تۆت كۈنگە بارماي رەڭگى ، ۋە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ زامانغا لايىق ''خارەكتىر '' ، غەرىپكە لايىق ''سالاپەت '' پەيدا قىلىپ ، كىشىنىڭ يىتىم قوۋۇرغىسىنى ئېگىۋېتىدىغان ياشلىرىمىز ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ . ''چوڭ ئەيسا '' بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى بۇ خىل روشەن سېلىشتۇرمىنى مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ . بىر قېتىم مەن ئۇنىڭدىن :
- شەھەر مەدىنىيىتىنىڭ خارەكتىرىڭدە ئازراقمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغانلىغىغا ھەيرانمەن ؟ - دەپ سورىسام ، ئۇ كۈلۈپ كېتىپ :
- نىمىشقىكىن ، مىجەزىمدە سەل - پەللا كېتىپ قالغان يەرلىرىمنى سەزسەم بىر يېرىم كەمدەكلا ھېس قىلىمەن ، - دەيدۇ .
......
بىزنىڭ ''چوڭ ئەيسا '' ئالقىش ۋە چاۋاكلارغا ، شان - شەرەپلەرگە مەسىت بولۇپ كەتمىدى . ئېرسىيەت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ ئالدىراپ مەست بولۇپ كېتىدىغان ، خۇدىنى يوقىتىپ قويىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى . شۇنداق ، ئۇنىڭ بېشىغا ئامەت قۇشى قوندى . بىر ئاخشامدىلا جاغىستايلىق خالمىرات ئۆمەردىن '' چوڭ ئەيسا '' غا ئايلاندى . بۇ خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن كاتتا ئىنئامى ئىدى . ئالقىشلارغا قايسى دەرىجىدە كۆمۈلمىسۇن ئەسلىدىكى پېئىل ۋە سۈپەتلىرىنى يوقىتىپ قويمىدى . تۇرمۇشتىكى ئوبرازى بىلەن سەھنە ، ئېكرانلاردىكى ئوبرازى ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بىر تەبىئىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كەلدى . كىشىلەر نەزىرىدىكى بۇ سۆيۈملۈك ئوبرازنىڭ ئۆزى بىلەن يىلتىزى ، بۈگۈنى بىلەن ئۆتمۈشىگە نۇرغۇن ھېكايىلەر يوشۇرۇنغان . بۇ ھېكايىلەر بىزنى ''چوڭ ئەيسا '' نىڭ ئۆمۈر تارىخىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئېگە قىلىدۇ .
بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش
بىز سۆيگۈ ھەققىدىكى چىرايلىق كەلىمە '' بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش '' نى خەلق داستانلىرى ، قسسەلەر ، چۆچەكلەر ، ئەپسانە - رىۋايەتلەردىن كۆپ ئۇچرىتىمىز .
قىرغىزلارنىڭ دۇنياۋى يازغۇچىسى ئايتماتوپنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھېكايىلەر بار . ئەمەلىي تۇرمۇشقا كەلسەك '' بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالىدىغان '' ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ . تېمىمىز مۇشۇ نۇقتىنى ياندىشىپ بىزنى ''چوڭ ئەيسا '' نىڭ ئانىسى بۈخېلچەم ئابدۇللا بىلەن دادىسى ئۆمەرجان گۈلەملەرنىڭ سۆيۈملۈك ئۆتمۈشىگە ئېلىپ بارىدۇ .
مۇتەئەسسىپ ''دانالار '' ، ''بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش '' نى ھېسسىيات جەھەتتىكى نورمالسىزلىق ، مىجەزدىكى سۇيۇقلۇق ، تۇترۇقسىزلىقنىڭ ئالامىتى دەپ قارىسا ، تەتقىقاتچىلار ئىككى جىنىس ئوتتۇرىسىدا پەۋقۇللاددە كۆرۈلگەن تەبىئىي تەقاززالىقنىڭ مەھسۇلى دەپ چۈشەندۈرىدۇ .
مۇبادا ئۇنى ئاتالمىش '' دانا '' لارنىڭ قارىشى بويىچە چۈشىنىۋالساق ، ئۇ چاغدا ئوۋدىن ئېزىپ قېلىپ تاساددىپىي پۇرسەتتە ساھىپجامال كىچىك مۇقامچى ئاماننىساخاننى ئۇچرىتىپ قالغان سۇلتان ئابدۇرىشىتخاننىڭ يۈرىگىدىكى ئاشىقلىق ئوتى بىلەن 19 - ئەسىر تەنقىدىي رىيالىزىملىق ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ نادىر ۋەكىلى شائىر موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپنىڭ رەناخان ئاپپاق خاتىرىىسگە بېغىشلاپ يازغان مۇھەببەت تېمېسىدىكى مەشھۇر ئەسىرى '' غەزەليات '' نى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئامالسىز قالىمىز . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىدا غۇلجا شەھىرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كېتىدىغان يەنە بىر ئاشىقلىق ھېكايىسى يۈز بەردى . '' 3- شەخىس '' نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن باشلانغان ھېكايە ۋەقەلىگى ئىشىق - مۇھەببەت ، ھېجران ، ئازاپ ، سەرسانچىلىق ۋە ئاچچىق كۆز ياشلىرى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بولۇپ ، ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانلىرى ئۆمەرجان گۈلەم ئىسىملىك ياش ، قاملاشقان يىگىت بىلەن قازانچىلىق ھوزۇرخان دۇتتارچىنىڭ قىزى بۈخېلچەم ئىسىملىك 18 ياشلىق ساھىپجامال قىز ئىدى . يىگىت شۇ مەزگىللەردە ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ باش ساقچى ئورگىنىدا ، قىز بولسا '' يېزا كۇلۇبى '' دەپ ئاتىلىدىغان قازانچى مەھەللىسىدىكى سەنئەت ئۆمىگىدە ئىشلەيتتى .
1946 - يىلىنىڭ باھاردىكى ئەگىز ئايلىرىدا غۇلجا شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ كلوب '' ئۇ ، قا ، ق كلوب '' دا بىر قېتىملىق داغدۇغىسى چوڭ سەنئەت كېچىلىگى بولۇپ ئۆتتى . ئىلگىرى بۇنداق پائالىيەتلەر پات - پات بولۇپ تۇراتتى . 30- يىللارنىڭ باشلىرىدا قۇرۇلغان '' ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى '' قارمىقىدىكى '' سانايى نەپىسە '' ئەتراپىغا سەنئەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن تالانىت ئېگىلىرى توپلانغان بولۇپ ، غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىدا يېڭى بىر گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن ئىدى . يىللار ئادەملەرنى ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدىكى ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە سۆرەپ كىرگەندە '' سانايى نەپىسە '' ئىشلىرى بىر مەزگىل نىسبىي جىملىقنى بېشىدىن كەچۈردى . ئۇرۇشتىن كېيىن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇرۇن سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىگەن ، كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ '' ئىتتىپاق تىياتىرى '' نامىدا ''سانايى نەپىسە '' نى قايىتىدىن تەشكىللىدى . شۇ قېتىم تىياتىرغا مۇساجان روزى ، ھۈسەنجان جامى ، غىياسىدىن بارات ، ئابدۇكىرەش ئەلى ، پاشا ئېشان ، ئايتۇرغان ھەسەنوۋاغا ئوخشاش نۇرغۇن ياش كۈچلەرمۇ قوشۇلدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىزنىڭ قازانچىلىق ئابدۇللا جاللاپ بىلەن ھوزۇرخان دۇتتارچىنىڭ قىزى بۈخېلچەممۇ بار ئىدى .
شۇ كۈنكى سەنئەت كېچىلىگىدە '' ئۇ ، قا ، ق كلۇبى '' ئادەم بىلەن لىق تولدى . كىشىلەرنىڭ سەنئەتكە بولغان قىزغىنلىغىغا گەپ سىغمايتتى . ئويۇن كۆرگۈچىلەر ئىچىدە كاسىپلار ، ئۇششاق تىجارەتچىلەردىن تارتىپ ، شەھەر مۆتىۋەرلىرى ، سۆلەتۋاز بايۋەتچىلەرگىچە ھەر ساھە ، ھەر كەسىپنىڭ ئادەملىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى . يۈرۈشلۈك خەلق ناخشلىرى بىلەن باشلانغان كېچىلىك تاماشىبىنلار قەلبىنى باشقىچە لەرزىگە سالدى . نومۇر كۆرسەتكۈچىلەر قاتارىدا گۈللۈك چىمەن دوپپا ، ئۈستىگە قارا يوللۇق خوتەن ئەتلىسىدىن بەل پۈرمە كۆڭلەك كىيگەن ، چىرايى ، تەققى - تۇرقىدىن ئىۋەن تاپقىلى بولمايدىغان بىرگۈل نەقىشلىق دۇتتارنى كۆتۈرۈپ سەھنىدە پەيدا بولغاندا ھەممىنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلدى .
ئېگىز - ئېگىز تاغ بېشىدا ،
چىراق كۆيىدۇ .
چىراق ئەمەس ، يارنىڭ ئوتى ،
يۈرەك كۆيىدۇ .
قىز دۇتتارنى تولىمۇ يېنىك ، نەپىس چالاتتى . دۇتتار پەدىسى ئۈستىدە ئەركىن ئويناپ كېتىۋاتقان لەغمەن پىلتىسىدەك قوللىرى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى . ئاۋازى بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك ، تاغ سۈيىدەك ساپ ، جاراڭلىق ئىدى . قوزا چىشلىرى ئارىسىدىكى ئەۋرىشىم تىللىرىدىن تەسۋىرلىگۈسىز بىر خىل مۇڭ تۆكىلەتتى .
ئۇ شۇ تۇرقى ، شۇ ھالىتى بىلەن تاماشىبىنلار قاتارىدا ، سەھنىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ساقچى پورمىسى بىلەن ئولتۇرغان يىگىتنىڭ يۈرىگىگە بىر پارچە ئوتنى تاشلاپ قويدى . بۇ ئوت ئۇياقتىن يېنىپ ، بۇياقتىن ئۆچۈپ قالىدىغان ، تەپتى بىلەن كۈچىنىڭ تاينى يوق ئادەتتىكى ئوتقا ئوخشىمايتتى . مۇنداقچى ئېيتقاندا ئۇ ناخشىچى قىزغا ئاشىق بولۇپ قالغان ئىدى . بۇنى '' بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش '' دىمەي نىمە دەيمىز . شۇ سائەت ، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىشتىيى تۇتۇلدى ، ئۇيقىسى قاچتى . خىيالى پات -پاتلا '' ئۇ ، قا ، ق كلۇبى '' غا ، ھېلىقى قىزغا كېتىپ قالاتتى . قەلبىدىكى مۇڭ ۋە ھەسرەتنى سازدىن ، ناخشىدىن ئېلىشقا تىرىشاتتى . ئۇ بىرنەچچە خىل سازنى پىششىق بىلەتتى . ناخشىنىمۇ شۇنداق چىرايلىق ، مۇڭلۇق توۋلاپ قوياتتى . قىز كلۇپتا ئورۇندىغان ھېلىقى ناخشا قىز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ تىنىق - تىنىقلىرىدىن چىقىپ كېلەتتى . قىز بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدا ئاز كەم ئون بەش ياش پەرىق بار ئىدى . قىز ئون سەككىز ياشتا ، يىگىت ئوتتۇز ئۈچ ياشتا ئىدى . يىگىت ئوتتۇرىدىكى ياش پەرقىگە قارىماي قىزنىڭ پېيىگە چۈشتى . چوقۇم ئالىمەن ، قوشۇلمىسا ئەپقېچىپ كېتىمەن دەيتتى . ئۇ ۋاقىتنى كەينىگە تارتماي قىز تەرەپكە ئەلچى قويدى . توۋۋا ، ''تەۋەككۈلنىڭ بىر قىلىقى ئارتۇق '' دەپ ، بەزىدە ئىشلار ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ قالىدىكەن . ئەلچىلەر ئۈچىنچى قېتىم قىز تەرەپنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ خېلىلا ئەلۋەك تەبەسسۈم بىلەن قايتىپ كەلگەندە ، يىگىتنىڭ يۈرىگى خوشاللىقتىن ئويناپ كەتتى . ساقچى يىگىتنىڭ ئوشۇقى ئالچۇ چۈشۈپ ، قەلبىدە ئۈمىت ئۇچقۇنى چاقنىغان شۇ ئاخشىمى قىز تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقماي چىقتى . چۈنكى ئۇ مۇھەببەت ئاساسى بولمىغان مۇنداق توينى قىلىشنى خالىمايتتى . ئۇنىڭمۇ ئۆز تەغدىرى ، مۇھەببەت ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى . شۇ كۈنلەردە باشقا بىر يىگىت ، شەھەر مەكتەپلىرىنىڭ بىرىدا ئەپەندىچىلىك قىلىپ يۈرگەن مىسكىن چىراي بىر يىگىت قىزنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ يۈرەتتى . قىزنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بار يوقلىقىنى بىلمەيمىز . ئىشقىلىپ يىگىت قىزغا سۆزسىز ئاشىق ئىدى . ما
ئىشنى كۆرۈڭ ، بىر قىزغا ئىككى ئاشىق ..
ئىككى يىگىت كۈچ سىنىشىپ قالدى . كۈچ سىناشقان ئىكەن بىر تەرەپنىڭ ئۇتۇپ ، يەنە بىر تەرەپنىڭ مەغلۇپ بولىشى ئېنىق . دەرۋەقە تەكەببۇر ، مەنمەنچى شەھەر '' ئاقسۆڭەڭ '' لىرىدەك ھەممىنى پۇل ۋە مال - دۇنيا بىلەن ئۆلچەشكە ئادەتلەنگەن ، ئوغۇل ئۆيلەپ ، قىز چىقىرىشتا تەكتىگە ، نەسلى - نەسەبىگە بېقىپ ئىش تۇتۇشنى تۇرمۇش مىزانى ، ھايات پەلسەپەسى قىلىۋالغان ھوزۇرخان دۇتتارچىدەك ئانىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئۆمرى يۇقسۇزلۇق ، مۇھتاجلىق بىلەن ئۆتكەن ، ھېلىمۇ ئۆتىۋاتقان شەرەپ تاختىسىدىكى گاداي مۇئەللىم - ئەپەندى يىگىت ، جەمىيەتتە بەلگىلىك تەسىرى ۋە ئىجتىمائىي ئورنى بار ساقچى يىگىتنىڭ ، يەنە كېلىپ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە قان كېچىپ جەڭ قىلغان ، ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا ئوڭ لىپىكىدىن يارىلىنىپ شەرەپ ئوردىنىغا ئېرىشكەن قەھرىمان يىگىتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاجىز ، مىسكىن ، بىچارىلىغىنى ئاشكارىلاپ قويدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەپەندى يىگىتنىڭ يەر سۈيى قەشقەر يەكەنگە ، ساقچى يىگىتنىڭ بولسا ئالمائاتا ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ بايان قازاق دىگەن يېرىگە تۇتۇشۇپ كېتەتتى . بۇۋىسى مەھەللە ئاقساقىلى بولۇپ 1918- يىلىدىكى '' ئاتۇ ۋەقەسى '' دە ئائىلىسى بىلەن شوڭقار تاغلىرى ئارقىلىق جاغىستايغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ''تۇتسا سېپى ، چاقىرسا ئېتى بار '' ئائىلىلەردىن ئىدى .
ئاتا - ئانا قىزنىڭ كۆڭلىگە ئەمەس ، قىز ئاتا - ئانىنىڭ ئىرادىسىگە باقىدىغان زامانلار بولغاچقا ، قىز ئۆز ئەقىدىسى ۋە ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق ئۇرۇنۇشلىرى ، تىرىشچانلىقلىرى ، ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن قارشىلىقلىرى ... ھەممە ھەممىسى بىكارغا كەتتى . ياندۇرقى يىلى غازاڭ پەسلىدە ئۇلارنىڭ تويى بولدى .
ئېتىمنى توقۇپ قويدۇم ،
يۇپۇق ياپىمەن ئەمدى .
ياخشى ياردىن ئايرىلدىم ،
يالغۇز ياتىمەن ئەمدى .
قىز ياسىداق پەيتۇنلار بىلەن ساقچى يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلگەن كۈنى كۆزلىرى ياشلانغان ئەپەندى يىگىت شەھەر كوچىلىرىدىكى سۇۋادان تېرەكلەرنىڭ بىرىگە پىچاق بىلەن قىزنىڭ ئىسمىنى ، يىل ، ئاي ، كۈنلىرى بىلەن چوڭقۇر ئويۇپ قويۇپ ، چاپىنىنى دولىسىغا سالغىنىچە يىراقلارغا پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتتى . ئۇ شۇ چىقىپ كەتكەنچە غۇلجىغا ئىككىنچىلەپ قايتىپ كەلمىدى . كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرىدە بىر ھەسرەت ، بىر ئۆمۈرلۈك ئارمان قېپقالغان ئىدى . ئۇنىڭ كېيىنكى تەغدىرى ئۈستىدە قەلەم تەۋرىتىش ماقالىمىزنىڭ ۋەزىپىسى بولمىغاچقا ، ئەپەندى يىگىتنىڭ ھېكايىسىنى مۇشۇ يەردە توختۇتۇشقا مەجبۇرمىز . ئۇنداقتا يەنە بىر ئاشىقىمىزنىڭ تەغدىرى بىلەن ساھىپجامال قىزنىڭ كېلەچىگى قانداق بولۇپ كەتتى ؟ گەپنى ئەسلى تېمىغا يۆتكەپ كېلىمىز .
داۋامى بار |
|