KUSAN0377:
....مەن ھازىرغىچە بىرەر مىللەتنىڭ كىميم كىچەك بىلەن بۇلۇپمۇ باش كىيم ئادىتى بىلەن قۇدرەت تاپقىنى ئاڭلىمىدىم ھەم ئۇنداق بولمايدۇ .....
__________________________________________
ئوقۇشماسلىق بولمىسۇن قېرىندىشىم. مەن ئاددى باش كىيىمنى دېمىدىم، چەكلىنىۋاتقان نەرسە ئاددى باش كىيىم ئەمەس. مەسىلەن: شىلەپە چەكلەنمىدى، قۇياش نۇرىدىن ساقلايدىغان ئۇچلۇق شەپكىلەر ئاياللارنىڭ بېشىدا تۇرسىمۇ چەكلەنمەيدۇ، پوسما چەكلەنمەيدۇ، خەنلەرنىڭ بىر خىل قالپاقلىرى بار، قۇياش نۇرىدىن ساقلايدىغان، بۇمۇ چەكلەنمەيدۇ. ئەمما، مۇسۇلماننىڭ بېشىدىكى ياغلىق چەكلىنىدۇ. بازاردا سېتىۋاتقان رەخت چەكلەنمەيدۇ، ئەمما بۇ رەخت باشقا ياغلىق بولۇپ چىققاندىن كېيىن چەكلىنىدۇ. سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق، بۇ يەردە چاچنى يۆگەش چەكلەنمەيدۇ، بەلكى مۇشۇ ياغلىق ۋەكىللىك قىلىدىغان دىن (ئىسلام) چەكلىنىدۇ. كۆرۈنۈشتە ياغلىق، لېكىن ئەمىلىيەتتە چەكلىنىۋاتقىنى ئىسلام.
سىز بىرەر مىللەتنىڭ (توغرىسى مۇسۇلماننىڭ) كىيىم-كېچەك بىلەن بولۇپمۇ باش كىيىم ئادىتى (ئىسلامدا قانداق كىيىنىش توغرىلىق ئېنىق ئۆلچەم بار. مۇشۇ ئۆلچەمگە رىئايە قىلغانلارنىڭ) قۇدرەت تاپقىنىنى ئاڭلىمىغان بولسىڭىز، مەن ئاڭلىغان. دۇنيا تارىخى كىتابلىرىدا ئېنىق خاتىرلىنىشىچە، مىلادى 6-ئەسىردە چۆلدە ئىنتايىن قالاق ھالەتتە ياشايدىغان، ئاياللىرى يېرىم يالىڭاچ يۈرۈيدىغان، قىز بالىلىرىنى تىرىك كۆمۈپ ئۆلتۈرىدىغان، قەبىلىلەر ئارا داۋاملىق ئۇرۇشۇپ، كىچىككىنە بىر دۆلەت بولۇپمۇ قۇرۇلالمىغان بىر بىچارە خەلق ئەرەبلەر مىلادى 620-يىللاردىن كېيىن كۈنسىرى راۋاجلىنىپ، قىسقا ۋاقىتتا دۇنيادىكى 超级大国 بولغان. مۇسۇلمانلار تاكى 18-ئەسىرگە كەلگۈچە يەر شارىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك ئورنىنى ساقلاپ قالغان. دۇنياغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان.
1001 ئىجاد invention دەپ توردىن ئىزدەپ بېقىڭە، ئەنگلىيەلىك ئىنساپلىق خىرىستىئان ئالىملار ئۆزلىرى ئېتىراب قىلىۋاتىدۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنياغا قوشقان تۆھپىسىنى.
http://v.youku.com/v_show/id_XNDE3MzAxNjg4.html
تۈركلەرمۇ ئىسلام بىلەن كۈچلەنگەن. (شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار بىلەن ئىچكىرىدىكى بۇددىسىت سېرىق ئۇيغۇرلار قايسىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشىراق؟)
سىز باش كىيىمى دەپسىز. باش كىيىمى ئىسلام بۇيرىغان بىر ئىش بولغاچقا، مەن باش كىيىمى چەكلەنگەننى ئىسلام چەكلەندى دەپ چۈشىنىمەن. باش كىيىمى بىلەن قۇدرەت تاپقانلارنى كۆرمىدىم دەپسىز، مۇسۇلمانلار ئىسلامغا چىڭ يېپىشقان ۋاقىتلاردا قانچىلىك قۇدرەت تاپقانلىقىنى سىز كۆرمىگەن بىلەن تارىختىن ساۋادى بارلار كۆرەلەيدۇ. مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى تونۇيدىغانلار كۆرەلەيدۇ. ھەتتا ئىنسابى بار دىنسىز خەنلەر، ئېنگلىزلارمۇ كۆرەلەيدۇ. پەقەت ئىزدەنسىلا ۋە كۆزىنى يۇمۇۋالمىسىلا......
....................................................................................................
مېنىڭ ياغلىق مەسىلىسىدە چىڭ تۇرۇشۇمدىكى سەۋەب: گەرچە ياغلىق كىچىك نەرسە بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى كىم ئارتىشقا بۇيرىدى؟ (ئاللاھ بۇيرىدى). ئەمما كىم ئارتما دەپ بۇيرۇق قىلىۋاتىدۇ؟ (...كادىر) مەن زادى كىمنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلايمەن؟
گەرچە بۇيرۇق كىچىك بۇيرۇق بولسىمۇ، ئەمما بۇيرۇق بەرگۈچى زاتتىن قايسىسى بەكرەك كاتتا، چوڭ بولسا، شۇ زاتنىڭ بۇيرۇقىنى ئاڭلىسام زىيان تارتمايدىغانلىقىمنى كىچىك بالىلارمۇ بىلەر.........