بىمەنە قاراش-ئازغۇن ئىدىيىگە رەددىيە
ئۆزئەرك
كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇرۇشۇشى نەتىجىسىدە، ھەر بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى، ئۆرپ- ئادىتىنى ۋە ئېتىقادىنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلۈكى چوڭقۇر تونۇتتى. دېمەكچىلەردىن ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىسىنى يوقاتقان مىللەت ئاقىۋەت شالغۇت بىر مىللەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. بەزى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەت، ئەنئەنە ۋە مەدەنىيىتىنى يوقاتقانلىقتىن، مەۋجۇتلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمىدى. بىر مىللەتنىڭ مەزمۇت مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مىللەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسىدا ئۆزىنى مىللەتكە ئاتاش روھىي بولۇشى كېرەك. «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ئىدىيىسى» دە شۇنداق دېيىلىدۇ: «مىللىي روھ – بىر مىللەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشتا تايىنىدىغان مەنىۋى تېرەك» بۇ مەنىۋى تېرەكتىن ئايرىلغان مىللەت گوياكى قېچىر كەبى مىللەتتۇر. مىللەتنىڭ شالغۇتلىشىشقا ئالاھىدە ھەسسە قوشۇۋاتقان بىر قىسىم ھارامتاماقلار ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگەنمىگۈچە ھەم مىللىي مەدەنىيەتكە، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئۆرپ – ئادەت ۋە مىللىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىگۈچە سېپى ئۆزىدىن ناكەسكە ئايلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋر ھەر بىر كىشىدىن يۈكسەك سەزگۈرلۈكنى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىي بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغان دەۋر بولۇپ قالدى. چۈنكى، سەزگۈر بولمىساق، ئۆزىمىزگە ئىگە بولالماي، پارقىرىغاننىڭ ھەممىسىنى «ئالتۇن» دەپ يۈرىمىز. قانۇنىي بىلىملەرنى پىششىق ئۆگەنمىسەك، قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىمىزنى قوغدىيالمايمىز.
يېقىندىن بېرى تور بەتلەرگە «ئابلىز ھەسەن لېكسىيىسى» تۆشمۇ – تۆشتىن يوللاندى. تېما يوللىغۇچىلارنىڭ تېما ماۋزۇسى ئاخىرىغا ئالاھىدە ئىزاھات شەكلىدە يازغان «چوقۇم ئاڭلاڭ» دېگەن ئۆتۈنۈشى مەندە قىزىقىشىمنى قوزغىدى – دە، بىرەر پايدىلىق بىلىمگە ئېرىشىش ئىستىكىدە ئاڭلىدىم. ئەپسۇسكى، مەن تونۇپ كەتمەيدىغان بۇ ئاتالمىش قۇمۇللۇق «ئوقۇتقۇچى» نىڭ باشتىكى سۆزىنى ئاخىرىدا ئىنكار قىلىدىغان، زىت پىكىرلەر بىلەن تويۇنغان ۋە مەسىلىلەرگە بولغان بىر تەرەپلىمە «پىكىر» لىرى غەزىپىمنى قوزغىدى ھەم ئۇنىڭدىن قاتتىق سەسكىنىش تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى. كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ ئۇ «لېكسىيە»نى ئالقىشلاپ يازغان ئىنكاسلىرى مېنى ئويلاندۇردى: «نېمە ئۈچۈن ئاشۇ بىر ئەخلەت لېكسىيىنى شۇنچە ئالقىشلايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ‹چوقۇم ئاڭلاڭ› دەپ ئىلتىجا قىلىشىدۇ؟» بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، بىز ھېسسىي مىللەت تىپىغا تەۋە، شۇڭا ئۇ «ئوقۇتقۇچى» نىڭ قويۇق ھەم قۇرۇق ھاياجانغا تولغان سۆزلىرىنى بىزنى ئويلاندۇرۇشنىڭ ئورنىغا قاتتىق ھاياجانلاندۇرۇۋەتكەن ھەم بىزنىڭ ئەقلىمىزمۇ شۇ دەقىقىدە تورمۇزلىنىپ، ئۇنى ئەقلىي تەپەككۇرىمىزدىن ئۆتكۈزۈشكە ئىمكان بەرمىگەن. ئۇنداق بولسا بىز مەزكۇر «ئوقۇتقۇچى» نىڭ لېكسىيىسىدىن ئۈزۈندى ئېلىپ تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:
ئۇ نۆۋەتتىكى قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقسىز بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئاغرىنىپ: «ياتاقتىكى قىزلار يوقاپ كېتىدۇ» «ئاتالمىش چوڭ دادىسىنىڭ قوينىدىن كەلدىمۇ» «قولتۇقى يوق كۆڭلەكلەرنى كىيىدۇ. چاچلىرىنى چاڭگىدەك قىلىۋالىدۇ» دەپ ئۆتى يېرىلىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە كۈچەپ سۆزلەيدۇ – يۇ، ئەمەلىيەتتە شۇنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئۆزىدە ئىكەنلىكىنى ئويلاپ كۆرمەيدۇ. ئۇ بۇ سۆزىدىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «بىز باش كىيىم كىيمەسلىكنى ئالاھىدە دەپ تۇرىمىز، ياغلىق چىگىۋالماڭلار، باش كىيىم كىيىۋالماڭلار» «نېمە ئۇ ياغلىقنى ئېلىۋېتىش، ئېلىۋەتمەسلىك، قانچىلىك نەرسىگە تاقىشاتتى... نېمىگە تاقىشاتتى» «بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ياغلىقىنى ئالالمىدۇق، مۇدىر كۆرۈشۈپ ياغلىقنى ئېلىۋېتىشنى دېسە، ‹ياق› دەپ يىغلاپ تۇرىدۇ» «ئۇ قىزنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا: ‹بۈگۈندىن ئېتىبارەن ياغلىقنى ئالمايسەن، دەپ ۋەسىيەت قىلىپتىكەن» (بۇنى ئۇ بىر دوستىدىن ئىگىلەيدۇ) بۇ «ئوقۇتقۇچى» ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىدىن ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىدۇ – يۇ، ئەمما، «ئانىلار قېنى؟ بارمۇ ئانىلار؟ قىزلار نېمە بولۇپ كەتتى؟» دەپ قىزلارنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىگە ھەسرەتلىك پەرياد كۆتۈرىدۇ. ئويلاپ باقايلى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېشىدىن ياغلىقى ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ «ئوقۇتقۇچى» دېگەندەك: «چېچى چاڭگىدەك بولىدۇ... مەكتەپكە قولتۇقى يوق كۆڭلەكلەرنى كىيىپ كېلىدۇ، مەيدىلىرىنى ئېچىۋالىدۇ.» ئۇنىڭ يەنە قىلچە نومۇس قىلماي: «قىزلىرىمىز قىزدەك ئەمەس، مىللەتنىڭ بۇزۇلۇشى قىزنىڭ بۇزۇلۇشىدىن باشلىنىدۇ» دەپ زارلىنىشى بەكمۇ كۈلكىلىك! ئۇ تېخى قىزنىڭ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىنى مۇنداق زاڭلىق قىلىدۇ: «دادىنىڭ ۋەسىيىتى شۇمىتى؟» «بەختلىك بولغىن بالام دېسە بولمامدۇ؟» «ئاتا نېمىشقا ۋەسىيەتنى شۇنداق قىلمايدۇ» كىشىنىڭ ئىختىيارسىز توۋا دېگۈسى كېلىدۇ. ئۇ ئاتا نېمىنىلا دېگەن قىزىغا يېپىشنى تەشەببۇس قىلىپتۇ. مېنىڭچە، ئۇ ئاتا جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىۋاتقان، مىللىي ئېتىقاد يوقىلىۋاتقان ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادەت پايخان بولۇۋاتقان ھالىتىدىن خەۋپسىرەپ، قىزىغا شۇنداق نەسىھەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، نۆۋەتتىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشلار ئېتىقادلىق ئاتا – ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئەنسىرىتىشى تۇرغانلا گەپ! ياغلىق ئارتىشقا چىش – تىرنىغىچە ئۆز بولغان ئۇ «ئوقۇتقۇچى» ئانىسىنىڭ ياكى مومىسىنىڭ بېشىدىكى ياغلىقىنى: «نېمە ئۇ ياغلىقنى ئېلىۋېتىش، ئېلىۋەتمەسلىك، قانچىلىك نەرسىگە تاقىشاتتى... نېمىگە تاقىشاتتى» دەپ ئېلىۋىتەرلەرمۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس، ياغلىق ئارتىش بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنىڭ ۋە گۈزەل ئەنئەنىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۈگۈنلا پەيدا بولغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئاتا – بوۋىلىرىمىز شەكىللەندۈرگەن ئادەت! «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادىتىگە دەخلى - تەرز قىلىش جىنايىتى» ( 侵犯少数民族风俗习惯罪) دە: «پۇقرالارنى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن قانۇنسىز مەھرۇم قىلىش جىنايىتىنىڭ دەخلى - تەرز قىلىدىغان ئوبيېكتى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولسا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە دەخلى - تەرز قىلىش جىنايىتىنىڭ دەخلى - تەرز قىلىدىغان ئوبيېكتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ. مىللىي ئۆرپ - ئادەت دىنىي ئېتىقادقا ئوخشىمايدۇ. مىللىي ئۆرپ - ئادەت دېگىنىمىز، بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن» «بۇ جىنايەت ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە مەجبۇرلاش ۋاسىتىسى بىلەن قانۇنسىز ئارىلىشىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ» دېيىلىدۇ.
يېقىندىن بېرى «ياغلىق» مەسىلىسىگە نىسبەتەن كۆپ تېمىلار يېزىلدى. ئۇلارنىڭ ئورتاق مەقسىتى شۇكى، ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا، ئەنئەنىسىگە باشقىلارنىڭ ھۆرمەت قىلىشىنى ئۆتۈنۈشتىن ئىبارەت. نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ تورداشلار بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ؟ چۈنكى، ئۇلار ياغلىق باشتىن چۈشسە، بارا – بارا ئۆزىمىزگە ئوخشىماي قېلىشىمىزدىن ۋە باشتىن تۆۋەنلەپ، مەيدىنىڭ، ئاندىن بەل – ساغرىلارنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىدىن، ئاقىۋەت، يالىڭاچلىنىشىڭ نورمال ئىشلار بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا ئۇلار ھېلىقى ئاتالمىش «ئوقۇتقۇچى» دەك: «نېمە ئۇ ياغلىقنى ئېلىۋېتىش، ئېلىۋەتمەسلىك قانچىلىك نەرسىگە تاقىشاتتى... نېمىگە تاقىشاتتى» دەپ ھاياجان بىلەن سۆزلەشتىن نومۇس قىلىدۇ، ئۇنداق دېيىشنى ۋىجدانى كۆتۈرمەيدۇ. ئەنئەنە، ئېتىقادىغا ۋە ئۆرپ – ئادىتىگە ئاسىيلىق قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە: «قىز بالا يالاڭ باش يۈرسە يامان بولىدۇ» «ياغلىق چىگكەن باشنىڭ قەدىرنى ئاللاھ تائالا ياخشى كىشىگە نېسىپ قىلىدۇ» «ئاي – يۇلتۇزلار يالاڭ باش قىز – ئاياللارنى كۆرسە، قان يىغلايدۇ» دېگەندەك قاراشلار مەۋجۇت. تۈركىيىنىڭ «دانىيىلىك كېلىن» دېگەن فىلىمىدە مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار: ئۇزۇن سارغۇچ چاچلىرى دولىسىدىن كۆكسىگە چۈشۈپ تۇرغان ئائىشە ماشىنىدىن چۈشىشىگە ئىككى كىشى ئۇنى ئوينىتىپ كېلىشىگە تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماشىنىدىن چۈشكەن، بېشىغا ياغلىق سالغان خەدىچە (دانىيىلىك كېلىن) ئۇلار يېنىدا پەيدا بولغاندا، ھېلىقى ئىككى كىشى ئاستا كېتىپ قالىدۇ. ئايىشە: «سىز بىرەر نەرسە چۈشەندىڭىزمۇ؟» دەيدۇ، خەدىچە: «سىز ھېچ نەرسە چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟» دەيدۇ. مانا بۇ قىسقا كۆرۈنۈشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولدىكى، ياغلىق ئۆز نۆۋىتىدە قىز – چوكانلارنىڭ ئۆزىنى يامان كۆزلەردىن قوغداشتىمۇ قورال رولىنى ئۆتەيدۇ. «باغداش» تورىدىكى gvll ئىسىملىك بىر تورداش مۇنداق ئىنكاس يازغان: «قومۇلدىمۇ ئەۋجىگە چىقىپتۇ بۇ ئىشلار... ياغلىق ئارتقان قىزلارنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالماسلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاتا - ئانىلا قىزلىرىنى ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈۋاتىدۇ، تولۇق ئوتتۇرىغىچە ئوقۇشتىنمۇ مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ، مۇشۇنداق بولۇۋەرسە مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرى قانداق بولا... بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز، مومىلىرىمىز مىڭ يىللاردىن بېرى ساقال قويۇپ، ياغلىق ئارتىپ كەلگەن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مىللەتنىڭ ئەۋلادى بولغان بىزنىڭ باشلامچى زىيالىيلار مۇشۇ دىنىمىز، ئەنئەنىمىز، مەدەنىيىتىمىزنى نېمىشقا چۈشەنمەيدۇ، نېمىشقا دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەرنىڭ دىنى، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش... دېگەندەك قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي خىلاپلىق قىلىدۇ» ئۇنداقتا: «نېمە ئۇ ياغلىقنى ئېلىۋېتىش، ئېلىۋەتمەسلىك قانچىلىك نەرسىگە تاقىشاتتى...» دېگەن «لېكسىيەچى» دىن سوراپ كۆرەيلى: «ياغلىق ھېچنەرسىگە تاقاشمىسا، نېمە ئۈچۈن قىز ئوقۇغۇچىلارنى ياغلىق ئارتماسلىققا دەۋەت قىلىسىلەر؟ ياغلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتىن ئايرىلغان ياخشىمۇ ياكى ئوقۇغانمۇ؟» ئەگەر بىرەر ئوقۇغۇچى ئۇنىڭدىن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قايسى قانۇنىدا «ياغلىق ئارتىش جىنايەت شەكىللەندۈرىدۇ، دەپ ئېيتىلغان؟» دەپ سوئال سورىسا، ئۇ قايسى قانۇننى سوئال سورىغۇچىنىڭ ئالدىغا قويىدىغاندۇ؟ «لېكسىيەچى» يەنە: «قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ قىسىۋال، چولاقنىڭ شەھىرىگە بارساڭ تۆكۈۋال، ھە، بىر ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ ئەزاسى بولدى، شۇ يەرگە كىردى، تەشكىلنىڭ ئادىمى بولدى. ئۇنداق بولسا، تەشكىلنىڭ نېمە يوليورۇقى، نېمە ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا، شۇنىڭغا بويسۇنۇشى كېرەك...» دەيدۇ كۆپۈپ سۆزلەپ. ئەگەر پاھىشە، پاھىشىۋازلىق، ئوغرى – يالغان ۋە پارىخور، خىيانەتچى، بۇزۇق ئەمەلدارلار ھوقۇق تۇتقان شەھىرىگە بارساق، بىزمۇ ئۇلارنىڭ قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا، شۇنىڭغا كۆنۈشىمىز كېرەكمۇ؟ ھەق – ناھەق مەيدانى يوق، دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزاملىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىش كۆرىدىغان رەھبەرلەر باشقۇرۇشىدا بولسا، ئۇلار نېمە دېسە شۇنى قىلىشىمىز كېرەكمۇ؟ قانۇنسىز قىلمىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا قارىشى پىكىردە بولمىساق، بىز پارتىيە، ھۆكمەتكە قانداقمۇ يۈز كېلەلەيمىز؟ ئۇلارغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىمىز؟!
مەزكۇر «لېكسىيەچى» يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق تەتىل سىياسىي ئۆگىنىش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھېچنېمە بىلمەيدىغان بىر قاراتۈرۈك كۆرۈپ، بۇ ھەقتە ناھايىتى ئەزۋەيلەپ سۆزلەيدۇ: «يازلىق تەتىلگە ئەمدىلا چىققان بولۇشىمىز مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەنلا ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرىدۇ ئىدارىنىڭ، قاقشىسىڭىزمۇ ئامال يوق» «يازلىق تەتىلدە، قىشلىق تەتىللەردە ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمىزدىن خۇش بولۇڭ» «ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئۆزى بەك خاسىيەتلىك ئىش» توغرا، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك قانۇن – نىزاملارنى چوقۇم ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز كېرەك، بولمىسا بۇ ھاماقەت ئوقۇتقۇچىدەك قانۇننى بىلمەي تۇرۇپ، قانۇن ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى سۆزلەپ قالىمىز. ھەر بىر پۇقرا دۆلەتنىڭ قانۇن – نىزام، سىياسەتلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى ھەم ئۇنى تەھلىل قىلىپ ئۆگىنىشى لازىم. شۇ چاغدىلا ئۆزىمىزنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداش قورالىغا ئىگە بولۇپ، قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىمىزنى قوغدايمىز ھەم ئىشلارنى قانۇن – پرىنسىپلار بويىچە قىلالايمىز. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» ئىككىنچى باب، 7 – ماددا، 4 – تارمىقىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا ئېلىش، دۆلەت بەلگىلىگەن پاراۋانلىق تەمىناتى، شۇنداقلا قىشلىق، يازلىق تەتىل مەزگىلىدىكى ئىش ھەققى ئېلىپ، دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇش» دېمەك، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىككى تەتىل مەزگىلىدە دەم ئېلىشى قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئوقۇتقۇچىلىق باشقا كەسىپلەرگە ئوخشىمايدۇ. چىن مەنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسى كۆپ، راھىتى ئاز. ئۇلارنىڭ خىزمەت قىلىش جەريانىدا مېڭىسى قاتتىق چارچايدۇ. ئارام ئېلىشقا موھتاج بولىدۇ. ئۇلار جاپالىق ئىشلەپ ئاران تەتىلگە ئۇلاشقاندا «ئۆگىنىش» دېسە، قاقشىماي قالارمۇ؟ بۇنداق ۋاقىتتا قىلغان ئۆگىنىش ئۇلاردا ئۈنۈم پەيدا قىلارمۇ؟ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ مۇشەققەتلىك خىزمىتىنى ھېس قىلغان پارتىيە، ھۆكمەت ئۇلارغا يازلىق، قىشلىق تەتىلنى ئورۇنلاشتۇرۇپ «ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى» غا ئالاھىدە كىرگۈزگەن.
ئوقۇتقۇچىلارغا چۈشۈۋاتقان ئائىلە، جەمئىيەت، خىزمەت بېسىمى ۋە روھىي تەشۋىشلەر ئۇلارنى خورىتىۋېتىپ بارىدۇ. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ياش تۇرۇپلا، كېسەل كارىۋىتىدا ئىڭراۋاتىدۇ ياكى تۇيۇقسىز قازا قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نورمال دەم ئېلىشى بولغان تەتىلىنىمۇ، شەنبە، يەكشەنبىلىرىنىمۇ ئېلىۋېلىپ، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن كاردىن چىقىرىپ، كېسەل قىلىش ياكى ئۆلتۈرۈشكە ئاساس يارىتىش بىزنىڭ بىردىن – بىر شەرەپلىك ۋەزىپىمىزمۇ؟ بۇ نېمە دېگەن ئادالەتسىزلىك! نۆۋەتتە ئادەمگە كۆڭۈل بۆلۈش مەسىلىسى جىددىي تەكىتلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتە ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى قىلماسلىق زادى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟!
ئۇ «لىكسىيەتچى» يەنە ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەرنى ۋە ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەتقىق قىلماي تۇرۇپلا، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئىشسىز يۈرۈۋاتقانلارنى «سۈپۈرۈندى» (ئەخلەت) دەپ ھاقارەتلەپ، ئۇلارغا بولغان قاتتىق نەپرىتىنى بىلدۈرىدۇ: «مۇشۇ كۈندە بىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن تالاي ئوقۇغۇچىلىرىمىز بار جەمئىيەتتە سۈپۈرۈندىدەك يۈرگەن. خېلى –خېلى داشۆلەرنى پۈتتۈرگەن، خېلى –خېلى مەكتەپلەرنى ئوقۇغان. كەسىپ ئىگىلىرى شۇلار، ئۇلار يولىنى تاپالمايۋاتىدۇ، ھەتتا چۈشكۈنلىشىپ خېلى خېلى يوللارغا ماڭدى، نېمىشقا؟ ئۇلار بىلىمنى ئىگىلىدى-يۇ، ئادەم بولۇشنى ئۆگىنەلمىدى.»
ئۇلار ئادەم بولۇشنى ئۆگەنمىگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئىشسىز قالدىمۇ؟ ياق، مەسىلە بۇنداق ئاددىي ئەمەس! مەن ھەر قېتىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن، ئادىمىيلىكىنى يوقاتمىغان، ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ ئىشسىز يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، ۋۇجۇدۇمغا ئاچچىق بىر تىترەك ئوۋلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئازابىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئىچكىرىلەپ كىرىش كېرەك. ئېگىز شاخقا چىقىۋېلىپ ئۇلارنى ھاقارەتلەش ھاماقەتلىكتىن ئىبارەت. ئۇلارنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىمۇ ئاسان ئەمەس. ئۆيىگە كىرسە، مىڭ جاپادا ئوقۇتقان ئاتا – ئانىسىنىڭ بىر نېمە دەپ قېلىشىدىن خۇدۈكسىرەپ يۈرگەن، تالاغا چىقسا، كىشىلەر: «نۇرغۇن پۇل بىلەن ئوقۇپ كېلىپ، بىكار يۈرگىنىنى» دەيدىغاندەك يۈرىكى سۇ بولغان. ئۇلار شۇنداق بىكارچىلىقنى خالايدۇ دەپ كىم شۇنداق دەيدۇ؟ بىلىڭكى، ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان بىر قىسىم ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەر دادىسىنىڭ پۇلى ياكى ھوقۇقى بولغاچقا، «بىكار» چى بولۇپ قالمايۋاتىدۇ. يول تېپىۋاتىدۇ. ئادىمىيلىك ئۆلچىمىگە چۈشكەنلەر لېۋىنى چىشلەپ «يول» تاپالماي ئولتۇرىدۇ.
ھۆكمەت تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تەربىيىلىنىشلەرگە ئەۋەتىۋاتىدۇ ھەم بەزى ئىدارە – ئورگانلاردا تۆۋەن مائاش بىلەن ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئەمما، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغانلار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بارالاۋاتامدۇ؟ يېڭىدىن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ كەلگەنلەرچۇ؟ ئىچكىرىگە تەربىيىلىنىشكە بارالمىغانلارچۇ؟ ئۇلارنى چۈشىنەيلى، ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنى قويۇپ، تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى. بىلسەك، ئۇلار «لېكسىيەچى» دېگەندەك «سۈپۈرۈندى» ئەمەس، بەلكى، مىللەتنىڭ بايلىقى! ۋەتەننىڭ ئۈمىدى! ئەجدادلارنىڭ ئىز باسارى! ئۇلارنى ھاقارەت قىلغانلىقىمىز، ئۆزىمىزنى ھاقارەتلىگەنلىك بىلەن باراۋەر!
يەنە ئۇنىڭ «لېكسىيە» سىدە ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئۆزى: «گۆشباش» «ھەزىلەك» دەپ تىللىغىنىدەك زىت، قاملاشمىغان ۋە پەقەتلا تايىنى يوق سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن سىرت، نۇرغۇن خاتالىقلارنى بايقايمىز. دېمەك، مەزكۇر «ئوقۇتقۇچى» نىڭ «لېكسىيە» سىدە مەسىلە ئېغىر. ئەقىلدىن كۆرە، قۇرۇق ھاياجان كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن. ئۆزىنى كۆككە كۆتۈرۈپ، ئۆزگىنى خەس كۆرۈش ئىدىيىسى مەۋجۇت. بۇنداق «لېكسىيە» لەر مىللەت روھىنى ئاقارتمايدۇ، بەلكى قارايتىدۇ! «قاچقۇنغا شەپقەت يوق، ئازغۇنغا ھۆرمەت» دېگەندەك ئاتالمىش «لېكسىيەچى» ئابلىز ھەسەن بولغان ھۆرمەتنى چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىمەنە ھەم ئازغۇن ئىدىيىسىگە رەددىيە بەردىم.
مەنبە: ئىجادى ماقالە
لىكسىيە مەزمۇنى بۇيەردە
http://v.youku.com/v_show/id_XMzg0ODk2NTYw.html