«90%گۇناھ ئاتا-ئانىدا،بالىلارغىمۇ شۇنداق دەيمەن،سەندە گۇناھ يوق،گۇناھ ئاتا ئاناڭدا...»مەن بۇ كىشىنىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلىغان،مۇشۇ مەزمۇندىكى گېپىگە شۇنچە ھەيران قالدىمكى،بۇ كىشىنى پىسخىكىدا مەسلەھەت بېرەلەيدۇ دېسە ئىشەنگۈم كەلمىدى،بالىنى ياخشى تەربىيلەلمىگەن گۇناھ ئاتا ئانىدىمۇ بولسۇن،گۇناھنى كۆپرەك بالا بېقىپ جاپاسىنى تارتقان ئاتا ئانىغىمۇ قويايلى،لېكىن مۇشۇ گەپ بالىغا دەيدىغان گەپمۇ؟بۇ شۇ يارامسىز بالىنىڭ پىسخىكىسىدا ئاكتىپ رول ئوينامدۇ؟ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن بىر قانچە ئائىلىنى كۆردۈم،ئاتا-ئانىسى بىلەن توقۇنۇشىۋاتقان بىر بالىغا «گۇناھ ئاتا-ئاناڭدا دېسە قانچىلىك يامان بىر ئاقىۋەت چىقىدىغانلىقىنى نىمىشقا ئويلاپ باقمايدۇ؟ تولۇق ئوتتۇرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىنىپ مەسئولىكەن،18-20ياشقا كىرگەن بىر بالىغا،يەنى ئۆزى ئېيتقاندەك ئاتا-ئانىسى تەربىيلەيدىغان دەۋىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر بالىغا بۇ خىلدىكى گەپ پايدا قىلامدۇ؟،ياق،چۈنكى ئەمدى ئۆتكەن ۋاقىتنى قايتۇرغىلى بولمايدۇ،خاتا قىلغان ئاتا-ئانا بالىسىنى كىچىكلىتىپ قايتا تەبىيلىيەلمەيدۇ..دە،ئۆزى تېخى بىرەر بالىنى ياراملىق تەربىيلەپ باققان ئاتا بولمىغانىكەن،ئاتا-ئانىنى ئەيىبلەشتە يىنىكلىك قىلمىسا ياخشى.يەنە بىرى بۇ كىشى ئۆزى زىيالى ئائىلىسىدە چوڭ بوپتۇ،شەھەر موھىتىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيلىنىشىنى بەكرەك كۆزەتكەن بولسا كېرەك،ئۇنداقتا يىزىدىكى شۇنچە كۆپ بالىلارچۇ؟ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى،بوۋا-مومىلىرى دېھقان،ئۇلار بالىلىرىغا ئېتقاد تەربىيىسى بېرىدۇ،(بىرەلەيدىغانلار بولسا،ھېچ بولمىسا ياغلىق چەگ دەيدۇ)لېكىن ئەزەلدىن باشقا خىلدىكى سېستىمىلىق تەربىيلەشنى بىلمەيدۇ،ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ شۇنداق تەربىيلەنگەن،ئۇلار ياخشى كىشىلەر، بۇ دەۋىرگە كەلگەندە ئۇلارنىڭ بالىلىرىچۇ؟نىمىدېگەن نازۇك پىسخىكا!نىمىشقا مۇشۇنداق بوپ قالدى...
دىنىمىزدا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش تەكىتلىنىدۇ،ھەتتا كاپىر ئاتا ئانا بولسىمۇ.لېكىن بۇ ئوقۇتقۇچى شۇ گەپنى ئاللىقاچان ئاتا-ئانىمۇ بولۇشقا لايىق يېتىلىپ بولغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ«بالىلىرىغا» بىرەر قېتىم دەپ باقتىمۇ يوق؟
مەن كۆرگەن ئىككى ئائىلىنى دېسەم بىرى ئۆزىنى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق سانايدىغان ئائىلە،يەنە بىر دېھقان ئائىلىنىڭ پەرزەنتى يولدىن چىقىشقا يۈزلەنگەندە،ئاتىسى بىلەن زىدىىيەتلىشىپ تۇرغاندا بۇ ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدىكىلەر دادىسىدىن يامالاپ تۇرغان بالىغا دەل«گۇناھ ئاتا-ئاناڭدا،ياخشى تەربىيلەممىگەن» دېگەن گەپنى شۇ بالىنىڭ،شۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭ ئالدىدا دېگەن ،بۇ گەپنىڭ ئاقىۋېتى شۇنداق يامان بولدىكى،ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدا ئۆتۈش مومكىنلىكى ناھايىتى ئاز بولغان بىر ھاڭ شەككىللەندى،زىددىيەت تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى،ھالبۇكى ئاتا بىر مۇسۇلمان ئىدى،بالىسىنى مۇسۇلمان قىلىپ تەربىيلەلىگەن،بالا ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىمۇ ئېڭىغا سىڭىپ كەتكەن بىر كۈچ ئۇنى ھارق،تاماكا،قىمارغا يېقىنلىشىشتىن توسۇپ تۇرۋاپتۇ(بۇ گەپنى ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدىم)لېكىن ئاتىسىدىن بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنەرمىش،ئۆزىنى مۇشۇنداق يارامسىز تەربىيلىگەنلىكى ئۈچۈن،ئاتىمۇ ئاسان كەچۈرەلمەسمىش.بۇلار مۇشۇنداق.بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ھېلىقى بالا تەربىيلەشنى بىلگەن ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ بالسى بۇنىڭدىنمۇ بەك يولدىن چىقىپ كېتىپتۇ،ھەتتا ئۇلارغا دېۋەيلەپ قول كۆتۈرسىمۇ كۈلۈپ تۇرۇشقا مەجبۇركەن،ئازراق كەيپى بوزۇق بولسا ھوزۇرسىغا كىرىپ تاماققا چاقىرىشتىنمۇ قورقارمىش،چۈنكى خىيالىدا بالىنىڭ مۇشۇنداق بولىشىغا ئاتا-ئانىلار سەۋەبچى،ھازىرقى بالىلار ھەممىسى مۇشۇنداق،شۇڭا ئاتا-ئانا بولغاندىن كېيىن كۆتۈرمەي ئامال يوقكەن،ئۆز بالىسىنى يامان دېسە،باشقىلار ياخشى بالىسىنى ئەكىلىپ بەرمەيدىكەن(بۇ گەپنىمۇ ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىدىم)نىمىش بوپ كېتىپ بارىدۇ ئەمدى
شۇڭا ئاممىۋېي سورۇندا لېكسىيە سۆزلەپ خەلىقنى تەسىرلەندۈرۋەتكەن بىر ئادەمگە ساقلانغان بۇ خىلدىكى مەسىىلىلەرنى يولىدا بىلدۈرۈپ قويۇش خاتا ئەمەس،ياغلىق توغۇرسىدىكى گەپلەرگە كەلسەك مەن تونۇيدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن كۆپ قىسمى ئاغزىدىن بۇنداق گەپلەرنى چۈشۈرمەيدۇ،ئاللاھ ھېدايەت قىلسۇن.