ئۆزلۈك يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 23:08 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ھەر ئادەمنىڭ بۇ يەردە ئەركىن پىكىر ...
سىز ئۇنىڭ نوتۇق قابىلىيىتى جەھەتتىكى ئىقتىدارىغا قاراپ ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ئۇنى ئاقلىماقچى بولۇۋاتسىڭىز كېرەك. ئەمما قەلبى ئويغاق زىيالىلىرىمىزنىڭ ھەرقاندىقى ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ. نوتۇق (ياكى لىكسىيە) سۆزلىگۈچىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق، ئىقتىدارىنى ئېتراپ قىلىش-قىلماسلىقتىكى مۇھىم ھالقا ئۇنىڭ قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى كۆپچىلىك ئاۋامنىڭ قارىشى بىلەن بىردەكمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەلنىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ۋە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ دىگەندىن ئىبارەت. مەزكۇرنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىرەيلەن يۇقارقى سۇئالغا «ئەمەس» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ گەپ ئوينىتىپ نەيرەڭۋازلىق قىلىشىغا ئالدانماسلىق كېرەك. قايىل بولسىڭىز ئۇنىڭ گەپكە ئۇستىلىغىدىن قايىل بولسىڭىز بولىدۇ. لىكىن ئۇنىڭ لىكسىيەسىدىن ئىلمىيلىك، ئادىمىيلىك، خەلىقپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىكتىن ئەسەرمۇ تاپقىلى بولمايدۇ ھەتتا بىر لاياقەتلىك مائارىپچى دىيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىغانلاردىن قايىل بولغانلار زەھەرلىنىدۇ، قايىل بولمىغانلار مائارىپتىن رايى قايتىدۇ.
ئەگەر ئۇنىڭدا ئازراق ئەقىل ۋە ۋىجدان بولىدىغان بولسا قەلبىنى بىر قېتىم تازىلاپ چىقىشى، ئۆزىنىڭ كىملىگى، نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىغى، نىمە دەۋاتقانلىغى، كىم ئۈچۈن دەۋاتقانلىغى، تەسىرىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىغى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشى كېرەك، ئەگەر بۇنى قىلالمىسا ئەڭ ياخشىسى مائارىپ مۇنبېرىدىن چېكىنىپ، تىجارەت خاراكتىرلىك بىرەر خىزمەت ياكى بېۋاستە تىجارەت بىلەن شوغۇللانسا ئاشۇ نوتۇق قابىلىيىتى بىلەن تېزلا مىليونېرغا ئايلىنىپ كېتەلەيدۇ.
ئەگەر