bulgun يوللىغان ۋاقتى 2012-7-27 23:31 
مەنمۇ بۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ لىكسيىسىنى دەسلەپتە توردىن يېرى ...
سىز دېگەندەك، ئوقۇغۇچىلارغا تارىخى رومان ئوقۇماسلىقنى تەشەببۇس قىلغان بولسا، بۇ كىشىنىڭ لېكسىيەسىدە ياخشى تەرەپلەرمۇ بارتى، دەپ ئولتۇرماي تارقىتىشنى چەكلەش كېرەك ئىكەن.
مەن قانداق ئادەملەرنىڭ بۇ لېكسىيەگە بەك مەپتۇن بوپ كەتكەنلىكىنى ئاللىقاچان چۈشەنگەن ئىدىم،ئۆزلىرىنىڭ قېيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرغان ، يېنىۋېلىشقا رايى يوق كىشىلەر ئۈچۈن بۇ سۆزلەر ئۆزىنى ئاقلايدىغان ياخشى باھانە، بۇنى ئاڭلاشنى قانچىكى تەشەبببۇس قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ روھى شۇنچە ئارام تاپىدۇ. بىرى ماڭا ئاڭلاشنى تەشەببۇس قىلىپ بوشلۇقۇمغا يوللاپ قويۇپتىكەن، مەن ئازراق ئاڭلىغان.
بىز غۇلجىلىق مائارىپچى ئابدۇۋەلى مۇقىيىت، يالقۇن روزى، تەلئەت قادىرى قاتارلىقلارنىڭ لېكسىيەلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلىغاچقا، بۇ نۇتۇقنىڭ ئانچە جەلپ قىلىش كۈچى يوقلۇقىنى ھېس قىلغان ئىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈممۇ خېلى ئوبدان سۆزلەپ قويىمەن.
بۇ كىشىنىڭ لېكسىيەسى دوپپىسىنى ئەكەل دېسە، بېشىنى كېسىپ ئەكىلىدىغان بەزى ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىبلىنامىسى بولۇپ قالمىسا بولاتتىغۇ!