ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: ALPAMIX

شئېىر -ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 23:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزور (2)  گە  ئوبزور

   ئەزىز  ھېيىت كۈن





ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى



ئۆمەر مەخمۇت



سۇغا

مۇۋاپىق نىسبەتتە توپا قۇيۇپ ئارىلاشتۇرىمەن،



ئاۋال كۆزدىن باشلاش كىرەك.

كۆزىنى كېچە بىلەن ئويىمەن،

ئاندىن ئۇنىڭ ئاستىغا

مېنى سۆزلەيدىغان تىل چىقىرىمەن

بەلكىم

كېچە بىلەن تىل ئارىسىدا ئاجىزلىقىم ساقلىنىپ قالىدۇ.

شۇڭا، ئۇ جايدا تەنھالىق بولىدۇ.

ئاندىن كۆزلىرنىڭ ئۈستىگە

ھەسەن-ھۈسەن ياسايمەن.

پۈتكەن جايلىرىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن ،

باغرىمغا چىڭ باسىمەن.



دەل مۇشۇ جايغا كەلگەندە

مېنى يارىتىشقا باشلايدۇ.

« ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى » ناملىق يۇقۇرقى شئېىرنى پەقەت ماۋزۇسىنىلا ئۆزگەرتىپ تېكىستكىگە قىلچە چېقىلمىغان ھالەتتىمۇ يەنە 4 خىل شئېىرغا ئايلاندۈرغىلى بولىدۇ.ھازىرقى ماۋزۇلۇق ئەينەن ھالىتىنى قوشقاندا يۇقۇرقى شئېىر جەمى 5 خىل شئېىر ھالىتىدە نامايەن بولىدۇ.  كونكىرتلاشتۇرغاندا ئاۋال ماۋزۇ قويۇپ كۆرەيلى.                    

      لاي قونچاق ئويۇنى                                       

ناملىق ماۋزۇسى ئاستىدا يۇقرقى شئېىر تېكىستىنى ئوقۇپ باقساق قانداق بولىدۇ؟ھەققىقى بىر بالىلار شئېىر بولۇپ چىققىدۇ.بولغاندىمۇ  بالىلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە ۋە تەسەۋۇرىغا ئۇيغۇن بولغان شئېىر بولۇپ  چىققىدۇ.تېخى يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە توپا بىلەن سۇنى ئارلاشتۇرۇپ لاي قونچاق ياساش،كۆز چىقىرىش.. ئادەتلىرى بولغان.  

                                 تەسەۋۇرۇمدىكى ھەيكىلىم  

ھەيكەلتاراش –رىياللىقتىكى ھەيكەلتاراشتۇر.شائىر تەسەۋۇردىكى( يەنى شئېىرىي تىلدا تەسەۋۇر قىلغىلى بولىدىغان ئەمما نەق كۆرگىلى بولمايدىغان ھەيكەلنى ياسىغۇچى)ھەيكەلتاراشتۇر.بىر ئادەم باشقىلارنى ئۆزگەرتەلىشى ياكى قىلچە ئۆگەرتەلمەسلىكى مۇمكىن.بىراق ئۆزىنى ئۆزگەرتەلىشى تامامەن مۇمكىن.بۇ خىل  ئارزۇ شائىرلىق نوقتىسىدىن  تەسەۋۇرۇمدىكى ھەيكىلىم ناملىق ماۋزۇ ئاستىدا پۈتۈنلەي يۇقۇرقى شئېىر تېكىستى بىلەن ئىپادىلەنسە تامامەن بولىۋېىرىدۇ. قەدىمىيلىقنى ئەسلەش                                                  ئىپتىدائى سەنئەت –قىيا تاش  رەسىملىرىدە ۋە قەدىمىيلىققا ئىگە تاغ باغرى يانتۇ ئېدىر-سايلىقلاردىكى بالباللاردا ئىپادىلىنىدۇ.ئەگەر يۇقۇرقى شئېىرنىڭ تېكىستى قەدىمىيلىقنى ئەسلەش ناملىق ماۋزۇ ئاستىغا قويۇلسا شۈھبىسىزكى بىزنى 5،6 مىڭ يىللار ئىلگىرى زامانلاردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ قىيا تاش رەسىملىرى،بال-بال،ھەيكەل ياساشتىن ئىبارەت دەسلەپكى سەنئەت دەۋرىگە باشلاپ كېتىدۇ...

ئىلاھى ئويۇن

تۇنجى ئادەم-ئادەم ئەلەيھىسىلامنى تەڭرىنىڭ توپىدا ياسىغانلىقىدىن   ئىبارەت ئادەمنىڭ يارالمىش قىسىسى «ئىنجىل»«قۇرئان»«تەۋرات»«زەبۇ ر» دىن ئىبارەت ھەرقايسى چوڭ دىنلارنىڭ مۇققەدەس كىتاپلىرىدا سۆزلەنگەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئەپسانە دەۋرى بولغان.لىكىن ئىنسانلارنىڭ ياشاش ۋە تەرەققى قىلىش موھىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئاسىيا ۋە ياۋروپا قىتەلىرىدە ئەپسانىلەرنىڭ يارىتىلىش مەزگىلىمۇ ئوخشاش بولمىغان.بىزنىڭ يىراق قەدىمكى يەنى 5،10 مىڭ يىل ئىلگىركى زامانلاردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىلاھلاردەك ھەتتا ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتىگە ئىگە ئىلاھلارنى ياراتقان بولىشى مۇمكىن.لىكىن ئېتقاد قارىشىنىڭ تالاي ئالمىشىشى شۇ ئەپسانىنى ئۇنتۇلدۇرۋەتكەن.نەق گەپنى دىسەك يۇقۇرقى شئېىرنىڭ تېكىستى ئەگەر ئىلاھى ئويۇن دىگەن ماۋزۇ ئاستىغا قويۇلسا ماكان ۋە زاماندىن شۇنداقلا  تىزگىنلىگۈچى بارلىق ئاڭ-چەمبىرىكىدىن قاڭقىپ چىقىپ ئۆزىنى ئەڭ ئازادە-ئەركىن ئالەمگە قويالىغان خۇددى تەڭرى-بۇرخاندەك دادىللىققا، كارامەتكە ئىگە زاتقا ئايلىنىدۇ.مەيلى شائىر بولسۇن ياكى باشقا   كەسىپ ئەھلى بولغان ئىنسان بولسۇن رىياللىق نوقتىسىدىن شۇنداق ھا لەتكە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس.شۇنداق بولۇشنى شائىر ،رەسسام،ھەيكەلتاراشتىن باشقىلار تەسەۋۇر قىلالمايدۇ.بىر سەنئەتكار ئۆز تەسەۋۇرىدا دۇنياغا ۋە باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا ۋاقىتلىق ھالدا ئۆزى ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا ئايلانماقچى بولغان بولسا نىمە بوپتۇ؟ بۇ پەقەت بىر شائىرنىڭ يەككە ھالدىكى مەلۇم ۋاقىتتىكى بىر خىل تۇيغۇسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان تۇيغۇدىن ئىبارەت.ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى (تىرىكلىك) ياساش ئىلاھنى دورىغانلىق بولىدۇ.بۇ خىل تۇيغۇ تارىختا كۆرۈلگەن.قايسىدۇر بىر پەيغەمبەرگە ئاۋال بايلىق، كىيىن پادىشاھلىق،ئاخىرىدا پەيغەمبەرلىك نېسىپ بولغانكەن لىكىن    شۈكرى قىلماي خۇدالىق داۋاسى قىلغانكەن.تەسۋۇر،تۇيغۇ،يەككە شەخىس ئۆتكۈنچى كەيپىياتى نوقتىسىدىن ئىلاھى ئويۇننى ئويناش بىر خىل ھېسسىيات چىنلىقى ئەلۋەتتە.

   يۇقۇرقى شئېىرنىڭ يۈزەكى مەغلۇبىيىتى ماۋزۇنىڭ خاتا قويۇلغانلىقى دا كۆرۈلىدۇ.يۇقۇرقى شئېىرغا مەن ئېيتىپ ئۆتكەندەك لاي قونچاق ئويۇنى،تەسەۋۇرۇمدىكى ھەيكىلىم،قەدىمىيلىقنى ئەسلەش،ئىلاھى ئويۇن قاتارلىق 4 ماۋزۇنىڭ قايسى بىرى قويۇلسا بولىۋېىرەتى.لىكىن يۇقۇرقى شئېىرغا شئېىرنىڭ تېكىستى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغان ئۇقۇم كەڭلىكلىرىدىن ھالقىپ كەتكەن «ئاسمانغا چالما ئاتقان» دەك ماۋزۇ قويۇلۇپ قالغان.بىز يۇقۇرقى شئېىرنى ھەرقانچە يېيىپ،قاتلاپ،سوزۇپ،قىسسىپ باقساقمۇ يۇقۇرقى 4 خىل شئېىرىي موھىت،شئېىرىي كەڭىكتىن باشقا 5-خىل شئېىرىي موھىتنى تاپالمايمىز.چۈنكى ئەلمىساقتىن ھازىرغىچە ئەڭ ئالى دەرىجە-ئىلاھلىق –تەڭرىلىك تەسەۋۇر قىلىنغان،دىننىي نوقتىدا قانۇنلاشتۇرۇلغان.ئەڭ يۈكسەك تەۋەكۈلچى مۇتەپەككۇرلارمۇ ئىلاھ بولۇشنى ئارزۇ قىلىش دەرىجىسىگە بارالىغان.لىكىن «ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى» بولۇشنى تە سەۋۇر قىلالمىغان.ئوبىكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا يۇقۇرقى شئېىرنىڭ تېكىستىنى ئەڭ ئالى شئېىرىي موھىت ياراتتى دىگەندىمۇ « ئىلاھى ئويۇن» ئويناشتىن ھالقىىپ كەتمەيدۇ.يۇقۇرقى شئېىرغا «ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى» دەپ گۈلدۈرمامىدەك ،ئاتوم بومبىسىدەك غايەت چوڭ ئۇقۇم كەڭلىكىگە يېيىلغان ماۋزۇ قويۇلغان بىلەن شئېىرنىڭ تېكىستىدە «ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى» تەۋە ئۇقۇم يىڭنىچىلىكمۇ چېلىقمايدۇ! تۈگمىنى تۆگە قىلىپ كۆرسىتىشكە،قىلنى پىل قىلىپ كۆپتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش كۆزلەرنى غەلەت قىلىش ئاخىرىدا ئۆزىنى ئېتىبارسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەمدى «مىكرو ئوبزور (2)» دىكى تەشەبۇسقا كېلەيلى : «ئوبزور» دا  يۇقۇرقى شئېىردا « شائىرنىڭ ئۆزىنى يارىتىۋانلىقى » ئوتتۇرغاقويۇلغان. ئاۋال «ياراتقۇچى » دىگەن ئۇقۇمغا كېلەيلى «ياراتقۇچى» دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۈچ خىل مەنىسى بار.بىرىنچى: تەڭرى-بۇرخان،ئىلاھ-خۇدا –قادىر دىگەن مەنىگە يەنى ئالەمنى،ئادەم،نى ئومۇمەن ھەممىنى ياراتقان دىگنلىكتۇر.ئىككىنچى: بىرىككەن سۆز ئۇقۇممى بولۇش رولىغا ئىگە.ئۇيغۇر تىلىدا «بايلىق » سۆزى بىلەن «ياراتقۇچى» دىگەن سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن «بايلىق ياراتقۇچى» دىگەن سۆز ياسالغان.بىزنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىمىزدە «ياراتقۇچى » دىگەن سۆز تەبئى ھالدا تەڭرىنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا   ئۇ سۆز ئادەمگە قارىتىلغاندائۇقۇم ئوبىكتىنى پەرلەندۈرۈش ئۈچۈن «بايلىق» سۆزى قوشۇلۇپ كەلگەن.

   يۇقۇرقى شئېىرنىڭ چەتئەل ھازىرقى زامان شئېىرىي تەپەككۇرىنى كۆچۈرۈپ  كېلىشنىڭ مەھسۇلى بولغانلىقىنى،شئېىرنىڭ ئۆزىمۇ،«مىكرو ئوبزور (2) مۇ ياپالمايدۇ،يوشۇرالمايدۇ.ياراتقۇچى دىگەن ئۇقۇمدىن باشقا «ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى» دىگەن ئاتالغۇ «تەڭرى» ئاتالغۇسىدىن ھالقىپ «تەڭرىنىڭ تەڭرىسى » دىگەن ئۇقۇم كەڭلىكىگە يەتكەن.«ياراتقۇچى» دىگەن سۆزنى ئوبزور ئاپتورىنىڭ دىگىنىچە «ئىنسان،شائىرنىڭ ئۆزى» دەپ چۈشىنەيلى ئۇنداقتا « ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى» كىم؟ بۇنىڭغا شئېىردىلا ئەمەس ئوبزوردىمۇ ھېچنىمە دىيىلمىگەن.شەرقتە يەنى بىزدە،غەرىپتە يەنى ياۋروپادا ئەزەلدىن «ياراتقۇچى » ئۇقىمى بولۇپ كەلگەن.«ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى» (تەڭرېىنىڭ تەڭرىسى» ئۇقۇممى بولمىغان.بىز يۇقۇرقى شئېىردىن ماۋزۇ بىلەن بىرىنچى ،ئىككىنچى مىسرانى ئۈزۈپ ئېلىپ كۆرۈپ باقايلى:

      ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى

          سۇغا

مۇۋاپىق نىسبەتتە توپا ئارلاشتۇرىمەن

    يۇقۇرقى ئۈچ قۇرنى بىرلەشتۇرگەندە تەڭرىنىڭ ئادەم ياسىغانلىقىنى مەن ئورۇنلاۋاتىمەن دىگەنلىك بولىدۇ.مەزكۇر شئېىر مۇشۇ ھالەت بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغاندا ئەلۋەتتە شەرق دۇنياسى بولغان بىزدە لەنەتكە ئۇچرىغانلىقى تەبى.ئەمدى بىز قىسقا بىر تەسەۋۇرنى قىلىپ باقايلى: ياۋروپادا بىر فىرانسۇز ياكى بىر ئىتالىيان ئۇيغۇرلىشىپ بىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى بارلىق مەدىنىيىتىمىزنى تولۇق ئىچىۋالدى ۋە ئىلھامى بار شائىرغا ئايلىنىپ تۆۋەندىكى شئېىرنى يېزىپ ئىلان قىلدى دەيلى:

       بىر جۈپ شەرمەندە تۇرار  سۆيۈشۈپ



     بىر جۈپ شەرمەندە تۇرار  سۆيۈشۈپ،

     ئادەم دېڭىزى قاق ئوتتۇرسىدا ،

     ئايال پاھىشە،ئەرمۇ بىر بۇزۇق،

     بولمىغاچ قىلچە نومۇس ۋە ھايا .

    شۈھبىسىزكى بۇ  شئېىرنى غەرپ ئۇقۇرمەنلىرى ھەرگىز قۇبۇل قىلالمايدۇ.بەلكى مىڭ لەنەت ئوقۇيدۇ.غەرىپ بىلەن شەرقنىڭ مەدەنىيەت،ئەخلاق قاراشلىرى،ئۆلچەملىرىدە زور پەرقلەر بار.شۇڭا «ياراتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى » دەك شئېىرلار ئۇيغۇر  مەدىنىيىتىدە قىلچە يىلتىز تارتالمايدۇ.

   «ئوبزور»(2) دە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ-ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۇقۇرقى شئېىرنى چۈشەنمەسلىكىدىكى ھەل قىلغۇچ سەۋەپ-«ئۇيغۇرلارنىڭ بەدئى ۋە دىننى تەپەككۈرىنىڭ ئاجىزلىقىدا » دىگەن ئۇچىغا چىققان بىمەنە قاراش ئوتتۇرغا قويۇلغان ۋە كۈچەپ ئىزاھلانغان.بۇ مەسىلىگە مۇنداق دىيىش ئەڭ مۇۋاپىق: سەۋەنلىك شئېىرنىڭ ئاپتورىدا،شئېىرنىڭ ئاپتورى غەرىپچە شئېىرىي تەپەكككۇر ئۇسۇلىدا يېزىلغان شئېىرنى ئۇيغۇرلارغا تاڭغانلىقىدا.

   ئۇيغۇرلارنىڭ دىننى تەپەككۇرى ۋە بەدئى تەپەككۇرى ئاجىز دىگەن گەپ قايسى مىللەت،قايسى مەدەنىيەتنىڭ مەيدانىدا ،ئۆلچىمىدە تۇرۇپ دىيىلگەن گەپ ؟ يەڭگىلتەكلىك قىلىشتىن قۇتۇلالماسلىق،غەرەپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۆلچىمىنى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۆلچىمى قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئاسىيلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس! غەرىپتىن ئۈگەنسەك بولىدۇ .لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن  ئۆزىمىزنىڭكىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلساق بولمايدۇ. توغرا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيىتىدە دىننىي تەپەككۇرنىڭ ئاجز بولغان، بەدئى تەپەككۇرنىڭ ئاجىز بولغان ئەھۋالى بار.لىكىن ئۇيغۇرلاربنىڭ بەدئى تەپەككۇر جەھەتتە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان شانلىق تۆھپىلىرى بار.دىننىڭ ئىجابى جەھەتتە ئوينىغان زور رولىمۇ بار.

   ھەققىقى سېلىشتۇرۇشقا توغرا كەلسە غەرەپ تەپەككۇرى مەدەنىيىتى بىلەن  ئۇيغۇر تەپەككۇرىنىڭ،مەدەنىيىتىنىڭ ئۆز-ئارا ئوخشىمايدىغانلىقى،ھەر بىرىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى نوقتىسىدىن سېلىشتۇرۇش كېرەك.ئەكسىچە غەرىپنىڭ سەنئەت،ئەدىبىيات ھەققىدىكى نەزىريىلىرىنى «ئىچىۋىلىپ« شۇ مەيداندا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ «دىننى ۋە بەدئى تەپەككۇرى  ئاجىز » دىسەك خائىننىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ گەپ قىلغان بولىمىز.

   «ئوبزور» دا شئېىر تەپسىلى ھالدا ئۇقۇم نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىنغان.بۇ جەھەتتە باشقىچە پىكرىم يوق.لىكىن «ھەسەن-ھۈسەن –گۈزەللىك سىمۋولى» دىگەن گەپ مۇۋاپىق بولمىغان.رەڭ ئۇقىمىدا ھەسەن-ھۇسەن گۈزەللىككە مەنسۇپ بولغان بىلەن كۆرۈنۈش-مەۋجۇت بولۇش ھالەت نوقتىسىدىن ئالۋۇندەك خۇسۇسىيەتكە-ساختا رەڭ ،كۆركەملىك تۈسىگە ئىگە.شئېىردىكى «ھەسەن-ھۇسەن ياسايمەن» دىگن ئىبارىلەر ماڭا ساختا شۆھرەت بىلەن غايىپ بولۇپ كېتىدىغان ئادەملەرنى ئەسلەتى.شئېىرنىڭ ئاخىرىدا بىمەنىلىك ،مەنىسىزلىك بىشارىتى چىقىپ تۇرىدۇ.

  2012-يىل،3-ئاينىڭ 9-كۈنى. بۈگۈر



تەستىقلىغۇچى: ئەيبۇ ياقۇپ





بۇ يازما eybuyaqup تەرىپىدىن 2012-3-10 22:43:33 تەھرىرلەندى

    ئەسكەرتىش: « ئوبزور (2)» ھەزرەت ئەلى «تەڭرى تاغ » ژورنىلىدا  ئىلان قىلىنغان
ئۆمەر مەخمۇد ئاپتورلىقىدىكى «يازاتقۇچىنىڭ ياراتقۇچىسى » ناملىق ئوبزورنى كۆرسىتىدۇ.شۇ ئوبزور «يازغۇچىلار مۇنبىرى» دە ئېلان قىلىنغان.

باھا سۆز

ROHZAT  جۆيلۈۋاتقىنىڭىزدىن گۇمانلىنىمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:46:59
ROHZAT  1-خىل ماۋزۇ ئاستىدىكىدەك چۈشەنسىڭىز، سىزنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدە  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:46:35
ROHZAT  ھەقىقىي بالىلار شېئىرى؟! سىزچە بالىلار شېئىرىنى شۇ تەرىقىدە، يەنى بىرىنچى  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:45:19

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 00:06:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يۇقۇرقى ئىككى پارچە ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
   
    مىكرۇ ماقالىنىڭ مەزمۇننى:ئۇلۇغ شائىر ئابدۇرھىم ۋە تەڭداش شائىرلار مىللەت،خەلق ئۈچۈن ئىجات قىلىش ،پىداكارلىق يولىنى باشتىلا تالىۋالغان ھەم ئاخىرىغىچە شۇنىڭغا بارلىقىنى بېغىشلاپ مىللەت شائىرىغا،مىللەتنىڭ بەدئى تەپەككۇر يۈرگۈزىدىغان «مېڭىسى»-مۇتەپەككۇرىگە ئايلانغان. بىمەنىنىلىك تەرغىپ قىلغۇچىلار،ھېچنىمىزىمچىلار مىللى ئەدەبىيات خائىنلىرى بولۇپ،لەنەت كە ئۇچرىغۇچىلارادۇر.... دىگەنلەردىن ئىبارەت.
     ئوبزورنىڭ موھىم مەزمۇنىنىڭ ھالقىلىق يېرى:
  
     « ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقۇرقى شئېىرنى چۈشەنمەسدىكى سەۋەپ: ئۇيغۇرلاردا  بەدئى تەپەككۇر ۋە دىننى تەپپۈرنىڭ ئاجىز بولغانلىقىدا » دىيىلگەن  گەپكە: بۇ گەپ قايسى مىللەتنىڭ ،قايسى مەدەنىيەتنىڭ مەيدانىدا،ئۆلچىمىدە تۇرۇپ دىيەلگەن گەپ؟

       دىگەن يادرلۇق سۆزدۇر.

      مېنىڭ يۇقۇرقى ئىككى پارچە ماقالەم  مىللەتپەرۋەرلىك،مىللى روھنى ئۇلغايتىش
  مەزمۇنى جھەتتىن ئۇيغۇرزادىنىڭ «ئاۋانگىراتلىقمۇ...؟» دىگەن تېمىسى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە بوپتۇ. ئىلان قىلىنغان ۋاقتىمۇ بىر ئوخشاشۋاقىتقا توغرا كەپتۇ.

      ئەمما ئوخشىمايدىغان يېرى: مەن ئەخمەتجان ئوسماننى ئەمەس، گۇڭگا شئېىرلارنى ئەمەس ،بەلكى يېقىنقى 3.4 يىلدىن بۇيان ئۇلغىيىپ بېرىۋاتقان «ھېچنىمىزىم»  تەرغىباتى،ئىدىيسىنى،ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،شئېىرىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەنقىد قىلىشنى،شۇ ئارقىلىق شۇ بىمەنىلىكلىكنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچىغان ياشلارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ جەلق بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ تۇرىۋاتقان مەيدانىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى توغرا دەپ قارايمەن. بىز پەقەت ئەشۇ بىمەنە ئىدىيەنىڭ بىر ئاپەت ئىكەنلىكىنى تونۇتىشىمىش،ئەمما شەخسكە بولۇپمۇ ئەخمەتجان ئوسماندىن ئىبارەت بىر دەۋىرنىڭ نامايەندىسىنى يوققا چىقارماسلىقىمىز لازىم.موھىم يېرى: ئەخنەتخجان ئوسماننىڭ دىنسىزلىقى،بولۇپمۇ ھېچنىمىزىمنىڭ بايراقدارى،قۇتراتقۇچىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاشكارلانغىنى ۋە بىكىتىلگىنى يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخمەتجان ئوسمان ئون يىگىرمە يىللاپ چەتئەلدە تۇردى.ئۇنىڭ شۇ جەرياندا قانداق ئۇلۇغ ئەسەرلەرنى يازغانلىقى،ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قانداق تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقى كەلگۈسىدە ئاشكارە بولىدۇ.شۇڭا مېنىڭچە  تەنقىدنى ئادەمگە ئەمەس ئەىدىيىگە،مۇشۇ رايۇندا تۇرۇپ ھېچنىمىزىمنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەنىسىزلىك شۇئارىنى توۋلاۋاتقانلارغا قارىتىش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.

UID
18011
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
125
تىزىملاتقان
2011-12-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 19:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىن بولمىسا ئىنساننىڭ مەنىۋى تۈۋرىكى، ئەخلاق ئاساسى يىمىرىلىدۇ. بۇ سىز ھەرقانداق تەرەققىيات ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. پەن بولمىسا ئىنسانلارنىڭ جىسمانى ئازاتلىقىمۇ چىپپىدە توختايدۇ، ماددىي پاراغەتسىز مەنىۋى كۈچ، ئەخلاقمۇ ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا دىن بىلەن پەننى مۇرەسسەلەشتۈرىدىغان بىر دەۋردە تۇرىۋاتىمىز.
شۇڭا، ھازىر، مەسىلىلەرنى پەن ئارقىلىق چۈشەندۈرگەنلەرمۇ بىزنىڭ دوستىمىز، دىن ئارقىلىق چۈشەندۈرگەنلەرمۇ بىزنىڭ دوستىمىز بولىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ دارۋېنىزىمنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى بويىچە چۈشەندۈرگەن بىر ئادەمنى بىراقلا ئىنكار قىلماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى تىلنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى دىنىي نۇقتىدىن بىلىشمۇ بەندىگە نىسبەتەن تەپەككۈر قىلىپ يېتىشتە چەكلەنگەن بىر پارادوكس.
    مىنىڭچىمۇ بىز ئىنسانلا ھازىر مۇكەممەل بولمىغان جەمىيەتتە تۇرىۋاتىمىز.مەنچە مۇتلەق ھۆكۈم قىلىش ھازىرقى
دەۋىردە خاتا .

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
290
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6650
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
77 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:09:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
buhayat يوللىغان ۋاقتى  2012-3-21 19:22
دىن بولمىسا ئىنساننىڭ مەنىۋى تۈۋرىكى، ئەخلاق ئاساسى ي ...

ئەپەندى،

تىل قانداق پەيدا بۇلۇپتىكەن. تىلنىڭ قانداق كىلىپ چىققانلىقىنى دىنىي نوختىدىن بىلىش چەكلەنگەن بىر پارادوس.

دىگەن گەپنى بىلەلمىدىمغۇ؟ زاپ ماڭا  ئادەم بىلەن ھاۋا گاچا ئىدى، ياكى تىل ئۇرىغىدىن ئۇنمەي، تەدىرجىي شەكىللەنگەن دىگەندەك بىلىنىپ كەتتا.

UID
26834
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 21:48:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALPAMIX يوللىغان ۋاقتى  2012-3-16 23:37
ئوبزور (2)  گە  ئوبزور

   ئەزىز  ھېيىت كۈن


ھەقىقىي بالىلار شېئىرى؟! سىزچە بالىلار شېئىرىنى شۇ تەرىقىدە، يەنى بىرىنچى  خىل ماۋزۇ ئاستىدىكىدەك چۈشەنسىڭىز، سىزنىڭ شېئىرىيەت ھەققىدە  جۆيلۈۋاتقىنىڭىزدىن گۇمانلىنىمەن.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 13:35:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ئاخىرقى ئىنكاسنى ھازىر كۆردۈم.
     مەن ماقالىدە بۇنىڭدىن 20،30 يىل ئىلگىرى بالىلار تۇرمۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق يازغان. 80-يىللارغىچە ياشاش،تۇرمۇش،ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى قىيىن ئىدى.لاي قونچاق ياساپ ئويناش شۇ چاغقىچە بالىلار ئويۇنى بولۇپ كەلگەن.ھازىرقى ھەممىنى دۇكانلاردىن ئېلىپ تەل قىلىپ بېرىدىغان شارائىت يوق....
    بالىلار  تىلى ۋە بالىلار قەلبىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شئېىرنى ھەققىقەتەن بالىلار شئېىرى دىگىلى بولمايدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 13:36:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن ئاخىرقى ئىنكاسنى ھازىر كۆردۈم.
     مەن ماقالىدە بۇنىڭدىن 20،30 يىل ئىلگىرى بالىلار تۇرمۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق يازغان. 80-يىللارغىچە ياشاش،تۇرمۇش،ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى قىيىن ئىدى.لاي قونچاق ياساپ ئويناش شۇ چاغقىچە بالىلار ئويۇنى بولۇپ كەلگەن.ھازىرقى ھەممىنى دۇكانلاردىن ئېلىپ تەل قىلىپ بېرىدىغان شارائىت يوق....
    بالىلار  تىلى ۋە بالىلار قەلبىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شئېىرنى ھەققىقەتەن بالىلار شئېىرى دىگىلى بولمايدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلىمەن.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 13:44:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» كىم؟

ئەزىز ھېيىت كۈن



    ۋاقىت 2012-يىلنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.بىز ھازىردا تۇرىۋاتىمىز.ھازىرنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ «شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن»كىم؟ » دىگەن سۇئال سورالسا 20-ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللىرى تۇغۇلغانلارنىڭ  شۈھبىسىزكى « شائىرنىڭ ئۆزى بولماي يەنە كىم بولاتى؟» دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقى ھەم مۇشۇنداق ئاددى سۇئالنى سورامدۇ؟ دەپ رەنجىيدىغانلىقى ئېنىق.لىكىن شائىرنىڭ كىمگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى يەنى شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن»نىڭ كىملىكى ھەرگىزمۇ يەككە شەخس ياكى بىرلا ئوبكىت بىلەن چەكلىنىدىغان تار مەنىدىكى «مەن» ئەمەس.      

   ىبىر شائىرنىڭ ياكى بىر ھەۋەسكارنىڭ يەككە ئادەملىكى نوقتىسىدىن ئالغاندا نىمىنى يېزىش ۋە قانداق يېزىش جەھەتتە  ھەركىم پۈتۈنلەي ئۆز ئەركىنلىكىگە ئىگە.پەقەت ئۆزىلا ئاڭقىرالايدىغان باشقا ئىككىنچى بىر ئادەم قىلچە ئاڭقىرالمايدىغان قىلىپ يازسىمۇ ياكى بىر نەچچە ئادەم ئاڭقىرالايدىغان قىلىپ يازسىمۇ بولىۋېىرىدۇ.يازغان شئېىرىنى ئىلان قىلىش ياكى چۆرۈپ تاشلىۋىتىش ئۆز ئىختىياردىكى ئىش.ئۇنىڭ شئېىرىنى ئوقۇغىغانلار ماختامدۇ ياكى بولمايدىغانغا چىقىرامدۇ ئۇ (شائىر) بىلەن قىلچە ئالاقىسىز.شائىرنىڭ ئەل-جامائەتنى،يۇرت-ۋەتەننى ئويلاش،شۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئازاپ چېكىش ۋەزىپىسى يوق.خەلققە ئىلھام،جاسارات،ئۈمىت بېغىشلايدىغان ۋەزىپىسىمۇ يق.خەلقنىڭ زوقلىنىش تەلىپىنى قاندۇرىدىغان،خەلقنى غايە،ئۇلۇغ ئىدىيە بىلەن ئالغا يېتەكلەيدىغان،خەلققە بىلىم بېرىدىغان،خەلقنىڭ يۈرىكىدىكى،قەلبىدىكى گەپنى دەيدىغان،خەلقنى تەربىيلەيدىغان ۋەزىپىسى تېخىمۇ يوق.ئاتالمىش شۇ ۋەزىپىلەر سۈننىي،ياسالما،تېتىقسىز،ئەھمىيەتسىز ئۇقۇملار بولغاچقا شائىردىن ئىبارات تەنھالىق-يەككىلىك پادىشاھىنىڭ زىمىسسىگە يۈكلەنسە بولمايدۇ.شائىر ئۆزىنىڭ يەككىلىكى-تەنھالىقى-مۇستەقىللىقى-ئەركىنلىكى-خوجايىنلىقى-پادىشاھلىقىغا ۋەكىللىك قىلىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنىڭ شۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىشى كېرەك.شۇڭا شائىر ئۈچۈن مىللى تىل،مىللى مەدەنىيەت،مىللى ئەنئەنە،مىللى ئالاھىدىلىك ...دىگەنلەرنىڭ شۇنداقلا جامائەت،  خەلقنىڭمۇ كېرىكى،ئەھمىيىتى يوق....ۋاكازالار .بىر يەككە پۇقرالىق نوقتىسىدىن ئېيتقاندا يۇقۇرقى چۈشەنچىلەرنى خاتا دىگىلى بولمايدۇ.ھەتتا قانۇنغا ئۇيغۇن بولغان كۆزقاراش- تونۇش ھېساپلىنىدۇ.ئادىمىيلىك جەھەتتىمۇ ۋىجدان،غورۇر،ئالى جاناپلىق ئۆلچىمىگە سالمىغاندا يەنىلا نورمال تونۇش ھېساپلىنىدۇ.                     لىكىن شۇ «نورمال» تونۇش-كۆزقاراشنى نورمال تۇيۇلغىلى قويمايدىغان بىر كۈشەندە بار.ئۇ بولسىمۇ ھەرقانداق بىر شائىرنىڭ قايسى قەۋمگە،قايسى ماكانغا،زامانغا،كىمنىڭ پۇشتى-ئەۋلادىغا تەۋە ئىكەنلىكى مەسىلىسىدۇر.بۇ شۈھبىسىزكى شائىرنىڭ ئاسماندىن چۈشمەيدىغانلىقىنى ياكى يەردىن ئۈنۈپ چىقمايدىغانلىقىنى باشقا نورمال ئادەملەرگە ئوخشاش مەلۇم ماكاندىكى،زاماندىكى مەلۇم مىللەت-قەۋمگە مەنسۇپ بولغان بىر جۈپ ئاتا-ئانىدىن ئاپىردە بولۇپ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدىغانلىقىنى مەڭگۈ-مەڭگۈ ئاشكارلاپ تۇرىدۇ ۋە شائىرنىڭ پىشانىسىگە مەڭگۈلۈك پۈتۈپ قويىدۇ.«ئەل-ۋەتەن » «مىللەت ،خەلق» ئۇقۇملىرى بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم كىشىلەرگە يالغان،ساختا،كۈلكىلىك تۇيۇلدىغان بولۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمىليەتتە «ئەل-ۋەتەن» ئاتالغۇسى ھەققىقى خاسىيەتلىك ئۇقۇمدۇر.                        ئەل سۆزى نىمە ئۈچۈن ۋەتەن سۆزىگە قوشۇلۇپ كېلىدۇ؟ بۇنىڭ ئاساسى تۆۋەندىكىچە ؛ ۋەتەن سۆزى بىرى : ئىگەدارلىق –خوجايىنلىق قىلىدىغان خەلقلەرنىڭ پۈتكۈل ماكانىنى،-يەر-زىمىن دائىرسىنى كۆرسىتىدۇ.يەنە بىرى:شۇ زىممىنىڭ پۈتكۈل خەلقنىڭ يۈرىكىگە،قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ يۈكسەكلىشىپ،مۇققەدەسلىشىپ كەتكەن سىماسىنى كۆرسىتىدۇ.ۋەتەن قەلبلەردە نەچچە مىڭ يىل ئۈزۈلمەي يۈكسەكلەشكەن،مۇققەدەسلەشكەن ئۇقۇم.پارلاق،شانلىق تارىخمۇ،قانلىق،ئېچىنىشلىق،پائاجەلىك تارىخمۇ ۋەتەن ئۇقىمى ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن... ۋەتەنسىز قالغانلار ياكى مۇھاجىرلار نەچچە ئەۋلاد يات ئەلدە ياشاپ قېلىشقا مەجبۇر بولسىمۇ يەنىلا كەكلىك تاغقا تەلپۈنگەنگە ئوخشاش ۋەتەنگە تەلپۈنىدۇ.ۋەتەن –ۋۇجۇتنى ھەم كۆڭۈللەرنى سىغدۇرىدىغان ئۇلۇغ ۋەتەندۇر.                                       

بىر كۆرۈنمەس زىمىن-ماكان بار .ئۇ بولسىمۇ دەل ئەل-ئاۋامنىڭ كۆڭلىدۇر.بىزنىڭ ھەربىرىمىز بىزنى تونۇيدىغانلارنىڭ كۆڭلىدە ياشايمىز.بىز تونۇيدىغانلارمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزدە ياشايدۇ.جەمىيەت بىر چەمبەر.ئائىلە شۇ چەمبەرنىڭ يادروسى.نۇرغۇن  ئادەملەر نۇرغۇن ئادەمنى ياخشى كۆرىدۇ.يەنە نۇرغۇن ئادەملەر باشقا نۇرغۇن ئادەمنى ئۆچ كۆرىدۇ.ياخشى كۆرۈش قىممەتلىك بولغاندەك،ئۆچ كۆرۈش-كۈشەندىلىكمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك.چۈنكى رىقابەت،ئېلىشىش بولمىسا .ئادەم تەرەققى قىلامدۇ؟ جەمىيەت ئالغا ئىلگىرلەمدۇ؟ شۇڭا تالانتلىق،ئەقىللىق ئادەملەر ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن ئادەملەرنى ئەتىېۋارلاپ قالماستىن كۈشەندە-توسالغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان ئادەملەرنىمۇ ئىنتايىن قەدىرلەيدۇ.چۈنكى خوشال بولۇپلا ئۆتۈپ كەتسە ھاياتنىڭ نىمە مەزىسى؟ چوقۇم دوستانالىق بولۇش بىلەن بىرگە رىقابەت ،ئېلىشىشنىڭمۇ بولۇپ تۇرغىنى ياخشى! شۇنداق بولغاندا بەزىلەرنى خوشاللىق بىلەن ،يەنە بەزىلەرنى غەزەپ بىلەن ئەسلەش بارلىققا كېلىدۇ! ئەل-خەلق بىر خەزىنە.ئەل-خەلق-ئادەمگە ئادىمىيلىكنى ئۈگىتىدىغان مەكتەپ.ئەلنىڭ ئەڭ ئاساسى قىسمى ئادىمىيلىكنىڭ ئېسىل تەرپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.ھەر بىر ئادەمنىڭ ۋۇجۇدى- زىمىندا،كۆڭۈل-روھى بولسا ئەل-خەلقنىڭ كۆڭلىدە ياشايدۇ.دىمەك ئادەم ياشايدىغان ماكان ئىككى.چەتئەلگە ياكى باشقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتكەنلەر ئۆز يۇرتىنى سېغىنىش بىلەن ئۆز يۇرتىنىڭ ئادەملىرىنىمۇ تەڭلا سېغىنىدۇ.ئەسلەيدۇ.شۇڭا ئەل بىلەن ۋەتەن سۆزلىرىنى ئايرىپ تەسەۋۇر قىلىش تەس.نۇرغۇن مۇھاجىرلارنىڭ خەتلىرى،ياكى  ئەسەرلىرىدە   ئەل-ۋەتەننى  سېغىنغانلىقى چىن ،سەممىمى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ  ئوقۇغان ئادەملەرنىڭ كۆزىگە ئىسسىق ياش كەلتۈرىدۇ.                             

  ماتىرياللاردىكى،ۋە سىياسى جەھەتتىكى «ئەل-ۋەتەن » ئۇقىمى ھەققىقەتەن كوللىكتىپ ئاڭ جەھەتتىكى قېلىپلاشقان،مۇنتىزىملاشقان ئۇقۇم ھېساپلىنىدۇ.لىكىن ھەر بىر كونكىرت شەخىسنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىراتلىرى،چۈشەنچىلىرى،ئەقىدە ،ئىتقاد تۇيغۇسى خاسلىققا،ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولىدۇ.ھەر قانداق ئىنسان ئاتا-ئانىسىدىن تارتىپ قېرىندش.  . ..ياخشى تونۇشلىرىغىچە مېھرىۋانلىق ۋە قىزغىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە.بۇ خىل قەدىرلەش تۇيغۇسى ئىنسانىيەتتىكى ھەر بىر نورمال ئىنسانغا ئورتاق.ئەمما ئۇنىڭ تىل ئارقىلىق ئىپادىلىنىشى پەرققە ئىگە.شۇ خىل قايناق تۇيغۇ يۈكسەكلەشرتۈرۈلگەندە ئەل-ۋەتەن    سۆيگۈسى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
ئادەمگە ھايات ھەممىدىن قىممەت .
ھاياتتىنمۇ  قىممەت مۇھەبەت .                                    
لىكىن ۋەتىنىم ھۆرلىكى ئۈچۈن                                      
كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن ئەبەت.
( ۋېنگىرىيە شائىرى فىتۇفىنىڭ شئېىرى)                        

  كۆرۈلۈپ تۇرۇپتىكى يۇقۇرقى تاللاش بىر شائىرانە تاللاش بولۇپ قالماس تىن بۈيۈك تاللاش شۇنداقلا مەجبۇررانە تاللاشتۇر.تارىختا شۇ خىل تاللاشقا نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ خەلقلىرى دۇچ كەلگەن.    خۇددى دوختۇر دوختۇرلىقى بىلەن،شوپۇر شوپۇرلىقى بىلەن شۇغىللىنىپ ئۆتىۋەرگەندەك شائىرمۇ خاتىرجەم ھالدا ئۆز شئېىرىنى يېزىپ ئۆتىۋەرسە «ئارتۇقچە» ئىشلارغا زىيادە كۆڭۈل بۆلمىسە بولىدۇ. لىكىن  ئىككى ئىش شائىرنى «خاتىرجەم» قىلدۇرمايدۇ.بىرى: ئەدەبىيات  جۈملىدىن شئېىريەت ئادەمشۇناسلىق ئىلمىنىڭ بىر تۈرى.شئېىرنىڭ بارلىققا كېلىشى ئاخىرقى ھېساپتا ئادەمگە زوق بېغىشلاش ئۈچۈندۈر.ئەگەر شۇ قىممەتكە ئىگە بولمىسا شئېىر ئەمەس ئەخلەت ھېساپلىنىدۇ.يەنە بىرى: شائىرنىڭ  قەلبىدە ئۆز يۇرتى ،قەۋم قېرىنداشلىرى،گۈزەل تەبئەت ،ئىنسانلار دۇنياسىغا نىسبەتەن قايناق سېزىم بولىدۇ. ھاياتلىقنى ۋە دۇنيانى تونۇش داۋامىدا شائىردا شەخسى « مەن» دىن ھالقىپ كەتكەن، قېرىنداشلىرى،يۇرتاشلىرى،ۋەتەنداشلىرىنىڭ ئورتاقلىقىغا –مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «مەن» چە قايناق،يۈكسەك ئىلھام،قىزغىنلىق پەيدا بولىدۇ.ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك مىللەت شائىرى ئۇيغۇرلا ردىن باشقا مىللەتلەر تارىخىدىمۇ ئۆتكەن.   ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «كۆكتە تۇلتۇزلار يانار،يەردە پەقەت شائىريانار » ناملىق مىسراسى ئۇنىڭ كاللىسى ئاددى شائىر ئەمەسلىكىنى،بىر شائىرنىڭ باشقا ئادەملەردىن قايسى جەھەتتە پەرقلىنىپ تۇرىشى كېرەكلىگىنى يارقىن بىلىدىغان مۇتەپەككۇرانە قەلب ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ.مەيلى ئۆتمۈشتە،ھازىردا،ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن شائىر ئۆزىنىڭ ئەسلىيىتىدىن،قەۋمىدىن يۈز ئۆرۈپ خائىنغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىلا ئەشۇ ئوتتا ئۆزىنى كۆيدۈرۈشتىن قاچۇرالمايدۇ....                  

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىدىن باشلاپ بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلۇپ  20 يىللىق تارىخى جەرياننى بېسىپ ئۆتتى.بۇ جەرياندا كىشىلەرنىڭ قىممەت قارىشىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىش،يېڭىلىنىشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن،داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلاردا ئادىمىيلىك،ئېسىل خىسلەت،مىللى روھنى ،بىلىمنى،ئەقىل-پاراسەتنى،ھاللاللىق-ئەمگەكنى ،قېرىنداشلىقنى،ئىناقلىقنى،غەيرەت-شىجائەتنى ،ئېسىل ئۆرپ-ئادەت،قائىدە-يوسۇنلارنى ئۇلۇغلاش ئەنئەنىلىرى يوقاپ كەتمىدى.بەلكى كۈچىيىۋاتىدۇ.لىكىن مۇشۇ 20 نەچچە يىل داۋامىدا تۇغۇلغان ئەۋلادلار باشتىن كەچۈرگەنلىرى ئاز بولغانلىقتىن تېخىمۇ موھىمى گۆدەك بولغانلىقى سەۋەبىدىن شەخسىيەتچىلىكى ،پۇلپەرەسلىكى،مەنپەتپەرەسلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئەھۋال بار...شۇنداق بولۇشقا ئېچىۋېتىشتىن يۇققان تەسىرمۇ بار.شۇ خىل ۋەزىيەت ۋە چەئەل ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جۈملىدىن ئۇيغۇر شئېىريىتىدە ئاساسلىقى ياشلار ئارىسىدا مىللەتپەرۋەرلىك،خەلقپەرۋەرلىك،ئەنئەنىلىرىنى ساختا ،يالغان،«كۆز بويامچىلىق»   دەپ چۈشىنىدىغان،چەتقكە قاققىدىغان،يەككە شەخىس-يەككە شائىر مەيدانىنى بىردىن-بىر مۇنبەر  قىلىۋالىدىغان ئەھۋال ئۇلارنىڭ شئېىرلىرىدا قىسمەن كۆرۈلدى.ھاياتنى ۋە دۇنيانى تونۇش چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ ئۇلار ئۆزلىرىدىكى بۇ بىر تەرەپمىلىكنى تۈزىتىپ بارىدۇ.20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىردىكى« گۇڭگاچىلار» ۋەكىللىرىنىڭ كۆپۈنچىلىرى 2000-يىلدىن ئىلگىرلا ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا ياندىشىش يولىغا ماڭغان بولۇپ ھازىر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىپلەر بولۇپ قالدى.                     

   شائىرنىڭ ئېڭىدىكى « مەن» مېنىڭچە قاتمال،ئۆلۈك ھالەتتىكى «مەن »بولماستىن ئىلاستىكىلىققا ئىگە بولغان «مەن» دۇر.«مەن»نىڭ  تەۋەلىكى شئېىردىكى كونكىرت ۋاقىت،كونكىرت ئورۇننىڭ ئېھتىياجىغا   ئاساسەن بارلىققا كېلىدۇ.ئالمىشىدۇ.ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.«مەن» يىغىلىدىغان شۇنداقلا يېيىلدىغان ئۇقۇم.ئالايلۇق ئۆسمۈر ناخشىچى ئېرپاننىڭ «مۇھەبەتكە تەشنا ئىكەن يەر شارى » دەپ ئېيتقان ناخشىسىدا «مەن» ئىنسانىيەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان.مەزكۇر «يازغۇچىلار مۇنبىرى» دە 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىلان قىلىنغان «سەن ئوغۇزخان تۇغۇدىغان  قىز» ناملىق شئېىردا شئېىرنىڭ ئاپتورى بولغان «مەن» بىر  ئاتىنىڭ،بىر شائىرنىڭ ئوبرازىدىن ھالقىپ مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى،ھازىرى،كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلگۈچى ئاقىل سۈپىتىدە مەيدانغا چىققىدۇ.«مەن»نىڭ  تەۋەلىكى بىر پۈتۈن شئېىردا ئىپادىلىشتىن باشقا كۇپلىتلاردا،مىسرالاردا ئايرىم-ئايرىم ئىپادىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ.«مەن» ئوبكىت جەھەتتە باشقا ئادەمنىڭ،كوللىكتىپنىڭ،مىللەتنىڭ...ئورنىغا يېيىلىشتىن باشقا جانلىقلا ر،ئۆسۈملۈكلەر،شەيىلەر،ھادىسىلەر،كۆرۈنۈشلەر...قىسقىىسى ئالەمگىچە يېيىلالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە.شائىر جىسمانى جەھەتتە ئۆزگەرمىگەن بىلەن روھى جەھەتتە ئېھتىياجغا قاراپ زۈرۈر بولغان ئادەم،جانلىق،ۋە ھەر خىل نەرسىلەرگە ئۆزگىرەلەيدۇ ياكى ۋەكىللىك قىلىدۇ.شائىر شئېىر ئىچىدە تۇرىۋەرمەستىن «شئېىردىن چىقىپ كېتىپ» ئۆزى يورۇتىدىغان مەلۇم بىر «شەيى ئىچىگە كىرىش» مەجبۇريىتىنى ئورۇنلاش ھالىتىگىمۇ كىرەلەيدۇ.               «شئېىردىن چىقىپ كېتىش »-شائىرنىڭ شئېىرنى «مەن »نىڭ روھى،قەلبى بويىچە  ئەمەس يورۇتۇلىدىغان ئادەم،جانلىق،شەيى،جىسىمنىڭ  روھى، قەلبى ،تىلى بويىچە يېزىپ چىقىشىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇنداق شئېىرلاردا  «مەن»نى يەنى ئاپتورنى چېلىقتۇرغىلى بولمايدۇ.ھەتتا «مەن» نىڭ بىرەر مىسرا قىستۇرما بايانىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئۇ خىل شئېىرلاردا   يورۇتۇلدىغان ئوبرازنىڭ ئۆزىنى مۇستەقىل ئىپادىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلغانلىقتىن يورۇتۇلىشى ئەسلىيىتى بويىچە ناھايىتى جەلپكار،جانلىق ھالدا ئىپادىلىنىپ چىققىدۇ.جانلىقلار تەسۋىرلەنگەن بولسا ئادەملەشتۈرۈلۈش خۇسۇسىيىتىگە،جىسىملار تەسۋىرلەنگەن بولسا جانلىقلارنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.ئاپتور ئۆزىنىڭ ئېڭى بىلەن تىلىنى  يورۇتۇلماقچى بولغان ئوبرازغا يەنى جانلىقلارغا،جىسىملارغا ئارىيەت بېرىپ تۇرىدۇ.تەسۋىرلەش تاماملىنىپ شئېىر تولۇق ۋۇجۇدقا كەلگەندىن  كىيىن شائىرنىڭ ئېڭى ئۆز ئورنىغا-يەككىلىكىگە قايتىدۇ،تىلىمۇ ئۆزىگە قايتىپ كېلىدۇ.«شئېىردىن چىقىپ كېتىش» دىگەن سۆزنى تاشقىرى دۇنياغا ،دۇنيادىكى شەيىلەرگە شائىر ئۆزىنىڭ يەككىلىكى،قەلبىى يەنى ئىچىدىن تېشىغا قارايدىغان نەزرى،تەپەككۇرىنى تامامەن ئۇنتۇپ،دۇنيانى دۇنيانىڭ،شەيىنى شەيىنىڭ كۆزى بىلەن كۆرۈش،يەنى تاشقىرلىقنى تاشقىرلىقنىڭ ئۆز كۆزىگە  ئايلىنىپ كۆرۈشىنى كۆرسىتىدۇ.بىز ئىنسانلاردا ئىچىدىن تېشىغا قارايدىغان،ئادەم نەزرى بىلەن دۇنياغا-تاشقىرلىققا تەپەككۇر يۈرگۈزدىغان ئادەت ئەنئەنە سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن.بۇمۇ توغرا.لىكىن بەزى چاغلاردا ئادەم زىيادە ھاياجانلانغاندا شەيىنى،رىياللىقنى ئەقىل بىلەن كۆرەلمەيدىغان،ھاياجان كۆزنىڭ ئورنىدا تۇرىۋالغانلىقتىن رىياللىقنى ھاياجان كۆزى  بىلەن كۆرۈپ سالىدىغان ،نەتىجىدە قەلەي ئالتۇندەك،سا بۈركۈتتەك كۆرۈنۈپ كېتىدىغان ساختا كۆرۈنۈشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.بىرتەرسا ئادەم دالىدا،سايلىقتا،ئايدىڭ كېچىدە تەنھا قالسا زىرىكىپ ئىتتىنمۇ بەك غېرىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.بىراق ھەققىقى بىر شائىر تەنھا قالسا ئالەمنى ئۆزىنىڭ ئۆيى دەپ بىلەلەيدۇ.تەبئەت بىلەن روھداشلىق،قەلبداشلىق تۇيغۇسىغا چۈمۇلىلەيدۇ.ئۆسۈملۈك،ئۇچار قۇشلار ھەم خىلمۇ-خىل شەيىلەر بىلەن پىكىر،ھېسسىيات ئالماشتۇرالايدۇ.دەرەخلەرنى ئۇچۇرتالايدۇ.قورام تاشنى ناخشا ئېيتقۇزالايدۇ.چۈنكى ساپ،سەممىمى،تەبئى ،بۈيۈك قەلبكە ئىگە بولغان شائىر قەلبى بىلەن كۆرگۈچى،قەلبى بىلەن ئاڭلىغۇچى،قەلبى بىلەن جىمجىت ئاۋازدا سۆزلىگۈچىلەردۇر.شائىرنىڭ  رومانتىكىلىقى سەنئەتكارلارنى،دانىشمەنلىكى پەيلاسوپلارنى بېسىپ چۈشىدۇ.دىننىي رىۋايەتلەتلەردە شائىرلارنىڭ تەڭرىگە،پەيغەمبەرلەرگە،پەرىشتىلەرگە  ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان، كۆڭلىنى كۆزگە ئايلاندۈرالايدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى ھەققىدە رىۋايەت قالدۇرۇلغان..بىر ئەمانىڭ،بىر ساغرۇ-گاسنىڭ قەلبىنى،ھېس-تۇيغۇسىنى،ئازاپلىرىنى بىر رەسسام،ياكى بىر مۇزىكانت ئەڭ يارقىن يارىتىپ بېرىشكە تىرىشىشى مۇمكىن.لىكىن تەسىرلىنىشچان،سېزىمچان بىر شائىر پەيتى كەلگەندە بىر ئەمانىڭ ياكى بىر گاسنىڭ روھىغا،قەلبىگە،يۈرىكىگە ھەققىقى ئايلىنالايدۇ،ئۆزگىرەلەيدۇ.ئۇلارنىڭ يۈرىكىدىكى تىلنى شئېىرىي مۇزىكا قىلىپ ئىپادىلىيەلەيدۇ.بىر شائىر يېغىلىق –ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر باتۇر جەڭچىنىڭ شۇنداقلا ئالدىنقى سەپتىكى قەھىرمانلارنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ.  
نۆۋەتتە زامانىۋىلىق ۋە ئۇچۇرنىڭ تىزلىشىشى يەر شارىنىڭ كىچىك بىر كەنتكە ئايلىنىپ قېلىش سۈرئىتىنى تىزلەتمەكتە.نۇرغۇن ئەنئەنە، ھەتتا مىللى تىل،مىللى تۇرمۇش،مىللى مەدەنىيەت،ئەنئەنىۋى مىللى مەھەللە،ئۆرپ-ئادەت،قائىدە،يوسۇن،مىللى ئىگىلىك،قىسقىسى ...ناھايىتى نۇرغۇن نەرسىلەر زامانىۋىلىق،تەرەقىيات تەرپىدىن يۇتۇلۇپ كەتمەكتە، غايىسىزلىك،ئۈمىدسىزلىك كېڭەيمەكتە.مىللەتپەرۋەرلىك،ئەخلاق،ئالىجاناپلىق،ئەجدادلارغا يۈز كېلىش ...دىگەن  ئۇقۇملار ئاسارە ،ئەتىقىلەردەك ئاڭلىنىدىغان تۇيىلىدىغان  بولۇپ قالماقتا.ئەمەل-مەنسەپ ئىشقى،نام-شۆھرەت ئىشقى،پۇل-بايلىق ئىشقى،سەتەڭلەرنى قارماققا ئىلىندۇرۇش ئىشقى قاتارلىق تۆت خىل قاپقان نى-نى ئىقتىدارلىقلارنى،تالانتلىقلارنى قۇلغا ئايلاندۇرماقتا. شائىر ۋە شئېىر يۈزلىنىدىغان رىياللىق ئەنە شۇنداق گۈزەل،يېقىملىق،تەسىرلىك،ئېچىنىشلىق،مۇرەككەپ،رەزىل،خوشاللىق ۋە ئازاپ يېشى بىلەن تولغان...        

يورۇتۇلدىغان « جىسىمغا كىرىش» شائىرنىڭ يەككە ئۆزىنى ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرۇپ ئۆزى يورتماقچى بولغان جىسىمنىڭ كۆزى بولۇپ كۆرۈپ،قۇلىقى بولۇپ ئاڭلاپ، مېڭىسى بولۇپ تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ،يۈرىكى بولۇپ ھاياجانلىنىپ ئۆتۈش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.شائىر روھى جەھەتتىكى ئارتىستۇر.خۇددى كامالەتكە يەتكەن بىر ئارتىس «رولغا كىرىپ» ئۆزى ياراتماقچى بولغان ئوبرازنى دوراش بىلەن ئەمەس ئەكسىچە شۇ ئوبرازنىڭ قەلبى،روھى،مىجەزى ،ئىدىيىسىگە ئەينەن چۆكۈپ شۇئوبرازنىڭ ئەسلىئەندىزىدىنمۇ بەكرەك تىتىك-جانلىق ئوبراز قىلىپ يورۇتۇپ بەرگىنىدەك شائىرمۇ  ئۆزى  تەسۋىرلەنمەكچى بولغان ئوبكىتنىڭ روھىغا سىڭىپ پۈتۈنلەي  شۇ ئوبكىتقا ئايلىنىپ كېتىدۇ.شۇ چاغدىكى مېڭە ۋە تىل،ھەم يۈرەك ئوبىكىتنىڭ مېڭىسى ،تىلى، يۈرىكىدۇر.ئەگەر قورام تاش تەسۋىرلەنگەن  بولسا شائىرنىڭ ئۆزى ۋاقتىنچە قورامتاشقا  ئايلىنىپ كېتىدۇ.تاكى قورام تاش تەپەككۇردىن،ھاياجاندىن،سۆزلەشتىن توختىغىچە شائىرنىڭ روھى  قورام  تاشقا ۋاقىتلىق ئارىيەت بېرىلىدۇ.قورام تاش زۇۋاندىن تۆختىغان   ھامان ئاددى قورام تاش ھالىتى بويىچە قالىدۇ.شائىر قورام تاشتىن چىقىپ ئۆزىنىڭ ئادەملىكىگە  قايتىدۇ. شئېىردىن چىقىش،جىسىمغا كىرىش جەريانى جانلىقلارنى ئادەملەشتۈرۈش،جىسىملارنى جانلىقلاشتۇرۇش جەريانىدۇر، ئەشۇنداق جانلىقلاشتۈرۈش بولغاندىلا شئېىرنىڭ سېھرى كۈچى بولىدۇ.شائىرنىڭ «جىسىمغا كىرىشى»ياكى تاشقى دۇنياغا يۈزلىنىشى يۇقۇرقى بايانلاردا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك جەمىيەتكە يەنى ئادەملەرنىڭ روھى دۇنياسىغا كىرىشىنى ۋە تەبئىەتتىكى شەيىلەر ئىچىگە چۆكۈشىنى كۆرسىتىدۇ.
شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن» پەقەت ئۇنىڭ شئېىرلىرىدا ئىپادىلىنىپ قالماستىن  ماقالە،مەكتۇپ قاتارلىق ھەر خىل يازمىلىرىدا ۋە نوتۇق،سۆھبەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.شائىر شئېىر بىلەن ئىپادىلەشكە ماس كەلمەيدىغان ئوي-پىكىرلىرىنى،ئىدىيىسىنى ماقالە ۋە تۈرلۈك ژانىردىكى يازمىلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.شائىرنىڭ كىم سۈپىتىدە مەيدانغا چىققىشى ئەلۋەتتە ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تاللىشىغا باغلىق.يىراقنى كۆرگۈچى،ۋەزىيەتنى پەملىگۈچى،ئۆز مىللىتىنىڭ پەرزەندى ئىكەنلىكىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىغۇچى،دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ تەرەقىياتىنى كۆزدە تۇتقۇچى،ئەدەبىياتنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسسىيىتىگە يۈز كېلەلەيىدىغان بولۇشنى ئويلاپ يەتكۇچى شائىرلار ئاقىلانە يول تۇتۇپ شئېىردا ياكى ماقالە نوتۇقلىرىدا بولسۇن رىياللىق،كونكىرت ئەھۋال كىم بولۇپ ئوتتۇرغا چىقىشنى تەلەپ قىلسا شائىر سەزگۈرلۈك بىلەن تونۇپ يېتىپ شۇ خىل مەيدانغا  ۋەكىللىك قىلغۇچى سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققىدۇ.پەقەت شۇ خىل تاللاشلا ئاقىلانە تاللاش بولۇپ،ماسلىشىش،ئۇيغۇنلىشىش،زۇرۈريەت بويىچە ئىش قىلىش ھېساپلىنىدۇ.بىر  شائىر ئۆمرىدە گاھ ساپ شئىر،گاھ ئىجتىمائى شئېىر ....ياكى ماقالە يازسا بولىۋېرىدۇ. شائىرنىڭ پىشانىسىگە«مۇنداق ئېقىمنىڭ ئادىمى» دىگەن تامغامەڭگۈلۈك بېسىلىپ كېتىدىغان ئىش بولمىغاندىكىن ئەركىن تاللاش،جانلىق ئىش كۆرۈش يولىنى تۇتسا بولىدۇ.شائىرنىڭ ئېڭىدىكى «مەن» ئەنە شۇنداق ئۆتمۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان،  بۈگۈنگە ماسلىشالايدىغان،كەلگۈسىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئالدىن كۆرۈپ يېتەلەيدىغان،سەزگۈر،تەمكىن،ئۈمىدۋار«مەن» بولۇپ ئوتتۇرغا چىقالىسا ياخشى بولىدۇ ،ئەلۋەتتە.   

                 2012-يىل،2-ئاي،بۈگۈر   


بەت ياسىغۇچى: ئابدۇرېشىت ئېلى


UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 13:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقۇرقى قەۋەتتىكى ماقالەمنى  «شائىرنىڭ زىممىسىدكى قوشبۇرۇچ» ناملىق دەسلەپكى تېمىدىكى يۈزەكىلىك،تېيىزلىقنى يورۇتۇپ بېرىشب ئۈچۈن يازدىم ۋە يوللىدىم.

UID
26834
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-11
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-29 23:10:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALPAMIX يوللىغان ۋاقتى  2012-3-29 13:36
مەن ئاخىرقى ئىنكاسنى ھازىر كۆردۈم.
     مەن ماقالىدە بۇ ...

20،30يىل بۇرۇنقى بالىلار تۇرمۇشىدىلا ئەمەس، ھازىرقى دەۋردىمۇ ئەلۋەتتە لاي قونچاق ياساپ ئوينايدىغان بالىلار بار. بۇ ھەرگىزمۇ بىرىنچى خىل ماۋزۇنى مەۋجۇتلۇققا چىقىرىشنىڭ ئاساسى بولالمايدۇ. لاي قونچاق توغرىسىدا بۈگۈنكى كۈندىمۇ بالىلار شېئىرى يېزىش مۇمكىن. لېكىن ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قائىدىسى بولىدۇ، بىز ئىمكانقەدەر ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىپ باقىمىز، بىراق گاھى قائىدىلەردىن مەڭگۈ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، مەسىلەن ھېچنېمىزمچىلار ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېتىقادنىڭ چەكلىشىدىن قۇتۇلماقچى بولۇپ گۇمراھلىققا قەدەم باسقاندەك، بالىلار شېئىرىدىكى تەپەككۇرنى بالىلاردەك ئاددى ئورۇنلاشتۇرمىسا، ئۇ شېئىر مەغلۇپ بولىدۇ-دە، بالىلار شېئىرى بولماي قالىدۇ، ئاخىرىدا سىز قويغاندەك ماۋزۇ قويغىلى بولمايدۇ.
    خەنچىدە بالىلار شېئىرى يازسا ھەتتا بىر تالمۇ قەدىمقى خەنچىدىن قالغان سۆزنى ئىشلەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەقەللىي تەلەپمۇ ئورۇنلانمىغان يەردە، يەنى سۆز تاللاشتىكى ئاممىبابلىقتىنمۇ سۆز ئېچىش بولمىغان ئەھۋالدا، قوينىغا پالتا-پىچاق يوشۇرغان بۇ قوشاقلارنى بالىلار شېئىرى دەپ ئاقلاپ ئولتۇرۇش بەك ئاقىلانىلىق بولۇشى ناتايىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش