ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 3343|ئىنكاس: 67

شئېىر -ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 17:32:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            شئېىر  -ئىجتىمائىلىقنىڭ  مەھسۇلى
                      ( ماقالە  )
              ئەزىز ھېيىت  كۈن: ئالپامىش

         شئېىر ھەققىدە توختىلىشتىن ئاۋال تىل توغىرسىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئىنسانلاردا تىل بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئادەملەر باشقا جانلىقلار تۈرىگە ئوخشاش.بەدەن تىلى(چىراي تىلى،قىياپەت ئۆزگىرىشى) ۋە ھەركەت تىلى (ئىما-ئىشارەت،ھەركەتلىك ئىپادىلەر) ئارقىلىق ئۆز سېزىملىرىنى ئىپادىلىگەن.شۇنداقلا ئۆز توپى بىلەن ئالاقىلىشىپ كەلگەن.شۇ خىل ئىپادىلەش ھەرگىزمۇ تىل بولۇش ئۆلچىمى ۋە شئېىر بولۇش ئۆلچىمىگە توشمايدۇ.ئىنسانلاردا تىل بىلەن ئاڭنىڭ بارلىققا كېلىشى ئايرىم-ئايرىم جەريان بولماستىن بەلكى ئۆز-ئارا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بىرلا جەرياندۇر.دەسلەپكى ئاڭ ياكى ئوي پىكىر بىر جۈملە تەپەكۇر بىلەن چەكلەنگەنلىكى ئېنىق.ئوينى يەتكۈزۈش ۋاستىسى ( تاۋۇش،تاۋۇشلار تەرتىپى) بولغان مەنا يۈكلەنگەن ئاۋاز ئوي -پىكىرنى بىلدۈردىغان بەلگە بولۇش رولىنى ئوينىغان.مەنىلىك ئاۋاز چىقىرىش بىلەن ئوي-پىكىر يۈرگۈزۈش ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرسىدىكى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەن.ئاڭ دەسلەپتە بىر جۈملە بولغان ، ئۇنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان مەنىلىك (تاۋۇش،تاۋۇشلار) ئاۋازمۇ بىر جۇملىلىك ۋاستە -بەلگە بولۇش بىلەن چەكلەنگەن  بولسا ئۆز تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ۋە ئۆز-ئالاقىنى كۈچەيتىش ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۆي-پىكىرمۇ  ،شۇنداقلا ئۆي-پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان ۋاستە-تىلمۇ ( تاۋۇش،باغلىنىش،ماسلىشىش جەھەتتە) كۆپەيگەن.ئاڭ بىلەن تىلنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى ئايرىم-ئايرىم دەپ  تەسەۋۇر قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان ئىنسانشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىق ئەسەرلىرىدە بوۋاق چېغىدا ئېيىقلار تەرپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن بىر بالىنىڭ مېھرىۋان بىر ئانا ئېيىقنىڭ مېھرى چۈشۈپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈمگە دۇچار بولماي ئېيىق سۈتىنى ئېمىپ چوڭ قىلىنغانلىقى ،20 يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن ئادەملەر ئوۋ ئوۋلاشقا چىققاندا ئادەمسىمان بىر ئېيىقنى ئۇچىرتىپ ،قاپقان قويۇپ تۇتىۋالغانلىقى ،بىچارە ئېيىق ئادەمنىڭ ئادەمگە قىياپەت جەھەتتە يۈزدە-يۈز ئۆخشىسىمۇ لىكىن ئىنسانى ئاڭغا  ۋە تىلغا ئىگە ئەمەسلىكى ئايان بولغان.ئادەملەر شۇ ئادەمسىمان ئېيىقنى بىر قانچە يىل پەرۋىش قىلغان،تەربىيلىگەن بولسىمۇ شۇ ئادەم ئېيىقنىڭ تىل ئۈگىنەلمىگەنلىكى ۋە ئاڭغا ئىگە بولالمىغانلىقى،ئادەملەر جەمىيىتىگە كۆنەلمىگەنلىكى ،شۇڭا ئۇنى تاغقا-ئېيىقلار ماكانىغا ئاپىرىپ قويۇشقا   مەجبۇر بولغانلىقى ھىكايە قىلىنغان.بىز بۇ ھىكايىدىنلا ئەمەس ئەمىليەتتىمۇ بىر ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ قورامىغا يەتكىچە ئادەمنى كۆرمەي ياشايدىغان موھىتتا ئۆسۈپ يېتىلسە ھېلىقى ئېيىق ئادەمگە ئوخشاش ئادەم شەكلىدىكى بىر جانلىق بولۇپ يېتىلىدىغانلىقىغا ھەقىقەتەن ئىشىنىمىز.
      لۈشۇن ئەدەبىياتنىڭ كېلىپ چىقىشى بولۇپمۇ تىلنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىپ،چاڭجىياڭ دەرياسى قىرغىقىدىكى چوڭ كېمىلەرنى سۆرىگۈچىلەرنىڭ « كۈچەيلى،غەيرەت قىلايلى » دىگەن مەنىدىكى ناخشىسىنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانىنى مىسالغا ئالىدۇ.نەچچە يۈز ھەتتا بىر قانچە مىڭ ئادەم سىغىدىغان كىمىنى ئادەم كۈچىگە تايىنىپ سۆرەش-ئىتتىرىشتە ناھايىتى نۇرغۇن ئەمگەكچى ۋە ئادەم يوتىسىدەك توم ھەم ئۇزۇن ئارقانلارنىڭ بولۇشى كۇپايە قىلمايدۇ.كېمىنى سۆرىگەندە چوقۇم مىڭلىغان ئەمگەكچىنىڭ كۈچى بىرلىككە كېلىشى-تەڭ كۈچىيەلەيدىغان بولىشى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىرلىكتە ئاۋاز چىققىرىپ شۇ بەلگە ئارقىلىق كۈچ چىقىرىشتا بىرلىككە كېلەلەيدىغان بولغان. شۇ ئاۋازلار بارا-بارا كېمە سۆرىگۈچىلەرنىڭ تارىختا داۋاملىشىپ كەلگەن ناخشىسىغا ئايلانغان.
      ئادەمنىڭ خىيال قىلىشى ئۆزى بىلەن سۆزلەشكىنىدۇر.بىر ئادەمنىڭ سۆزلەش جەريانى بىلەن خىيال سۈرۈش جەريانى تەپپەكۇر يۈرگۈزۈش جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشاش .ئوخشىمايدىغىنى سۆزلىگەندە قارشى تەرەپنىڭ (ئاڭلىغۇچىنىڭ) كەيپىياتىنى نەزەردە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.خىيال سۈرگەندە بولسا تەپەككۇر يۈرگۈزۈش قىلچە توسالغۇ غا ئۇچىرمايدۇ.ئادەمنىڭ تۇيغۇسىنىڭ ئۆزىگە ئايان بولىشى-ئادەتتىكىدىن بەكەرەك ھاياجانلىنىشى،ۋۇجىدىنىڭ لەرزىگە كېلىشى تاشقى ئوبكىتقا قوزغالغان ئىنكاستىن ئىبارەت.بۇنداق ئىنكاس ھېسسى-ئوبرازلىق تەپەكۈر بولۇپ،غەزەپلىنىش ياكى سۆيۈنۈش،قايغۇ ياكى شادلىق بولۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
   شئېىر -ئوبرازلىق تەپەككۈر ،يۇقۇرقى بەدىئىلىك پەللىسى يارىتىش توغرا كەلگەندە يىغما تەپەككۇر يۈرگۈزۇپ،سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتگە تويۇنغان شئېىرىي تىل ئارقىلىق روھى ئالەم بىلەن تاشقى ئالەم موھىتىنى قايناق ھەم چوڭقۇر تەسۋىرلەپ ،دەل شەكىل ۋە مۇۋاپىق قۇرۇلمىغا ئايلاندۇرۇپ ،جانلىق شئېىرىي ئوبراز ياكى تەسىرلىك كارتىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان تىل سەنئىتى.شئېىردا ھېچ بولمىغاندا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ بىر مۇددۇئا -مەخسەت بولىدۇ.بىر شائىر ياكى بىر ھەۋەسكار ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن  شئېىر يازغان بولسا ئۇ مۇ ئوخشاشلا ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر.
     مۇزىكا بىر خىل تىل،رەسىم بىر خىل تىل،ئۇسۇل بىر خىل تىل .بۇ ئۈچ خىل سەنئەتنىڭ قورالى-ۋاستىسى ئوخشىمايدۇ.ئوخشايدىغان يېرى ھەر ئۈچى ئوخشاشلا بىۋاستە مەنا ئىپادىلىمەيدۇ.لىكىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدە ئۆز ئالدىغا يارىتىلغان ئەسەردە كۆرۈرمەنلەرگە بېرىدىغان ئوبرازچانلىق،تەسىرچانلىق سېزىمى بولىدۇ.كۆرەرمەنلەر ئاۋال ھوزۇرلىنىش ئالىمىگە ئىختىيارسىز كىرىدۇ.بارا-بارا ئەسەردىكى مەنىنى سېزىشكە،ھېس قىلىشقا باشلايدۇ.ئەگەر ئەسەرنىڭ كىم تەرپىدىن قانداق شارائىتتا، قانداق ئەھۋالدا ئىجات قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپسا ئەسەردىكى مەزمۇننى  تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشىنىدۇ.دىمەك ساپ سەنئەت بولغان يۇقۇرقى ئۈچ خىل سەنئەتمۇ مەنا ئىپادىلەش خاھىشچانلىقىدىن خالى ئەمەس.شئېىريەت سەنئىتى بولسا يۇقۇرقى ئۈچ خىل سەنئەتنىڭ ئۆزىگە مۇجەسەملىگەن( كارتىنا-ئوبراز دا  رەسىمگە، ئاھاڭدارلىقتا مۇزىكىغا، كارتىنا سەكراشچانلىقى،ئۇلىنىشچانلىقى بولغان قۇرۇلمىدا ئۇسۇلغا شئېىريەت ئوخشايدۇ.)گەندىن باشقا يۇقۇرقى ئۈچ خىل سەنئەت دەرھال سەزدۈرەلمەيدىغان مەنادارلىق خۇسۇسىيەتنى دەل شئېىردىن ئىبارەت ئالى سەنئەت ھېس قىلدۇرالايدۇ.شۇڭا ئامىركا ۋە ئەنگىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنگىلىز تىلى دۇنياسىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر شائىرى توماس ئىليۇت « شئېىر دۇنيادىكى مىللەتلەرئوتتۇرسىدىكى تىل توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاپ،كىشىلەر قەلبىنى ئۆز-ئارا تۇتاشتۇرىدۇ.» دەپ ئىنتايىن توغرا ھۆكۈم قىلغان. شئېىرنىڭ ئەڭ ئالى سەنئەت ئاتىلىشى يۇقۇرقى ئامىللارغا ئىگە بولغانلىقىدىندۇر.ئەدىبىياتنىڭ تىل سەنئىتى دەپ ئاتىلىشمۇ دەل ئالدى بىلەن شئېىريەتنىڭ كۆزدە تۇتۇلغانلىقىدىندۇر.
       بىز شئېىرنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە ھەرگىز سەل قارىيالمايمىز.شئېىرنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتى دۇنيادىكى مىللەتلەر شئېىريىتىدە ئورتاقلىققا ئىگە.
              كىچىكىنە بىر تۈگمەن تېشى
              تالقان قىلىپ بارار كېچىنى.
     چىلىنىڭ مەشھۇر شائىرى پابىلۇ نىرودانىڭ « قول سائىتى قەسىدىسى» ئېلىنغان يۇقۇرقى ئىككى مىسرادا سائەت ئىستىرلكىسى ئىنتايىن جايىدا يارقىن سۈرئەتلەپ بېرىلگەن. يۇقۇرقى ئىككى مىسرا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا  يازغان :
          ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ .
دىگەن مىسراسى بىلەن سەنئەتلىك ئىپادىلەش  ئوخشاشلىققا ئىگە.
     شئېىر سەنئەتلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇشتىن باشقا قويۇق مىللى خۇسۇسىيەتكە ئىگە.مىللى خۇسۇسىيەت-يالغۇز ۋەتەن ،يۇرت،ماكاننىڭ گۈزەل قىياپەت تەسۋىرىدە ئىپادىلنىپ قالماستىن بەلكى ئۇيغۇر ياكى قەشقەر،ۋە ياكى غۇلخا پۇراپ تۇرىدىغان شئېىرلاردا شۇنداقلا خەلقنىڭ رىيال ئەھۋالى،ئۆرپ-ئادەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئىپادىلەنگەن شئېىرلاردا ،مىللى غورۇر ۋە ئاڭ تەپەككۇر چوڭقۇر ھەم ئىجتىمائىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ يورۇتۇپ بېرىلگەن شئېىرلاردا   ئىپادىلىنىدۇ. مانا بۇمۇ شئېىرنىڭ ئىجتىمائىلىقىدۇر.
    مېنىڭچە شئېىر ئىجتىمائىلىقتىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەنمۇ ياكى شئېىر ئىجتىمائىلىقتىن كىيىن بارلىققا كەلگەنمۇ؟ دىگەن خېلى ئايدىڭلاشقان مەسىلىگە قارىغاندا شئېىرنىڭ مىللى خۇسۇسىيىتى ۋە شئېىرنىڭ مىللى خۇسۇسىيىتىنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،يارقىنلاشتۇرۇش ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزسەك تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.
           
   2012 -يىل 2-ئاينىڭ 25 كۈنى يېزىلدى. ئەزىز ھېيىت كۈن

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
8041
يازما
66
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1896
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 23:50:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېىر ھەققىدە توختىلىشتىن ئاۋال تىل توغىرسىدا توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئىنسانلاردا تىل بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئادەملەر باشقا جانلىقلار تۈرىگە ئوخشاش.بەدەن تىلى(چىراي تىلى،قىياپەت ئۆزگىرىشى) ۋە ھەركەت تىلى (ئىما-ئىشارەت،ھەركەتلىك ئىپادىلەر) ئارقىلىق ئۆز سېزىملىرىنى ئىپادىلىگەن.شۇنداقلا ئۆز توپى بىلەن ئالاقىلىشىپ كەلگەن.شۇ خىل ئىپادىلەش ھەرگىزمۇ تىل بولۇش ئۆلچىمى ۋە شئېىر بولۇش ئۆلچىمىگە توشمايدۇ.
====================================
مەن مۇشۇ بىر بۆلەك ھەققىدىلا توختىلاي.
ماقالە ئاپتورى ئەسەرنىڭ باشلانمىسىدا تىلنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، تىلنىڭ ئادەم تېنىدىن كېيىن پەيدا بولغانلىقىدەك ھادىسنى كۈچەپ تۇرۇپ نەزىرىمىزگە ئىلىندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. دېمەك ئاپتور تىلنىڭ ئادەم بەدىنىدىن كېيىن پەيدا بولغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا تەدىرىجى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ مويەن پىرىنسىپلىرىغا مۇراجەت قىلغان بولۇپ، تىلنىڭ ئەۋەل ۋە ئەبەدىيلىكى قانۇنىيىتىنى نەزەردىن ساقىي قىلىپ قويغان. بىر شەئىينىڭ داۋامى سپىتىدە يەنە بىر يېڭى شەيئىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ياكى بىر شەيئىنىڭ ئىككىنچى بىر شەيئىنىڭ ئوبىيكتىپ ھەركىتىگە تۈرتكە بولۇش جەريانى تەدىرىجى تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ پىرىنسىپ بولۇپ، بۇ دەل مايمۇن دەسلەپ پەيدا بولغان ۋە مايمۇننىڭ تەرەققىيات ھەركىتى ئادەمنى پەيدا قىلغان دېمەكتۇر. ئەپسۇسكى ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقۇرمەن ئۆزلىرىنىڭ دىننىي كىملىك نۇقتىسىدا تەدرىجى تەرەققىيات پىرىنسىپنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز. تەدرىجى تەرەققىيات پىرىنسىپى خۇدانىڭ ئالەم بىلەن ئادەمنى يارتىشى ھەقىقىتىگە تۈپتىن خىلاپ بولۇپ، كېيىنكىسىنىڭ نەزىرىيىۋى پەرەزدىن باشقا ئوبىيكتىپ ئاساسى يوق. دېمەك ماقالە ئاپتورىنىڭ تىلنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئادەم بەدىنىڭ پەيدا بولىشىدىن كېيىنگە باغلىشى ھەم تىلنىڭ پەيدا بولۇشىنى تەدىرىجى تەرەققىيات پىرىنسىغا سېلىپ تۇرۇپ مۇھاكىمە قىلىشى زور بىر خاتالىق بولۇپ، بۇ ھالەتمۇ خۇدانىڭ ئالەم ۋە ئادەمنى يارىتىش ھەقىقىتىگە خىلاپ. چۈنكى تىلنىڭ پەيدا بولۇشى ئادەم بەدىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ بولۇپ خۇدانىڭ ئادەم ئاتىغا سۆز قىلىشى تىلنىڭ بەدەن بىلەن بىللە پەيدا بولغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ناۋادا ماقالە ئاپتورى ماڭا نەچچە مىليۇن يىللار بۇرۇنقى ئاتا ھەققىدىكى مىسالغا ئىسپات تەلەپ قىلىشنى ئۈمىد قىلسا، مەن ھەم ماقالە ئاپتورىدىن تەدىرىجى تەرەققىيات قانۇنىيىتى ئوتتۇرىغا قويۇشتا تىلغا ئالىدىغان ‹‹بۇنىڭدىن مانچە مىليۇن يىللار بۇرۇن›› دەپ پاكىتسىز ھۆججەت كۆرسىتىدىغان پىرىنسىپنىڭ ئەقەللىي ھۆكۈمىنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەمما بۇ سۇئالغا دارۋىن ئۆزىمۇ جاۋاب بېرەلمەي قىياسەن پەرەزلەرنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ قويۇش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن. شۇڭا ماقالە ئاپتورىنىڭ ئاستا ئاستا ئىستىمالدىن قېلىۋاتقان خاتا قاراشلارنىڭ ئۇۋىسى بولغان تەدىرىجى تەرەققىيات قانۇنىيىتى بويىچە ئالەم بىلەن ئادەمنىڭ يارىتىلىش مۆجىزىسىگە تۈپتىن زىت كېلىدىغان قاراشلاردىن بولماسلىقىنى ھەم نادانلىق بىلەن بۇنداق قاراشلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى ئىسلام دىنى كاتوگۇرىيەسىگە تەۋە ھەر قانداق بىر ئوقۇرمەن تەدىرىجى تەرەققىيەت قانۇنىيىتىنىڭ پەرەزلەشكەن پىرىنسىپلىرىنى ھەقىقەت ئەمەس بەلكى بىر قېتىملىق زور سەپسەتە دەپ قارايدۇ.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 03:08:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرقى ئىنكاس يازغۇچى ئىككى موھىم ھالقىنى چۈشەنمىگەن.بىرى : شئېىرنىڭ تۈپ قورالى بولغان تىلنىڭ ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئاساسى مەخسەتنى چۈشەنمىگەن.يۇقۇرقى مەن يازغان ماقالىنىڭ  ۋەزىپىسى تىل تەڭرى تەرپىدىن يارىتىلغانمۇ ؟ياكى ئىنساننىڭ تەرەقىيات تارىخىدا يارىتىلغانمۇ ؟دىگەن زور مەسىلىنى تەتقىق قىلىش بولماستىن بەلكى تىلنىڭ ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىنى ئەسكەرتىشتىش،تونۇتۇشتىنلا ئىبارەت.تىل يەنى ئادەملەر تىلىغا پەنشۇناسلىق،ئىنسانشۇناسلىق،جەمىيەتشۇناسلىق،ئىرقشۇناسلىق،مىللەتشۇناسلىق،تارىخشۇناسلىق،ئارخىلوگىيە، تېلىلوگىيە ( دىنشۇناسلىق) قاتارلىق كەڭ  ئىجىتىمائىيەت نوقتىلىرىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا  ئۆز قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ تىل ھەققىدە تەبىر بېرىدۇ.ئىزاھلاش-چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا تىلنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان تىلشۇناسلىقمۇ تىلنىڭ ئىجتىمائى خۇسۇسىيىتىگە ئۆتۈشتىن ئاۋال تىلنىڭ فىزولوگىيلىك (ئانىتونومىيلىك تۈزۈلىشى) ۋە فىزىكىلىق ( ئاۋاز تىمپىرى، شاۋقۇن-ئاۋاز دەرىجىسى) خۇسۇسىيەتلىرىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىدۇ.دارۋىننىڭ تەدرىجى تەرەقىيات نەزىريىسى ئىلىم-پەن،تېخنىكا،مەدەنىيەتشۇناسلىق،پەنشۇناسلىقتىن ئىبارەت يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان زامانىۋىلىق ئېقىمىنىڭ بىىرلا نەتىجىسى خالاس.ھازىرقى كۈندىمۇ يەنە 1860-يىللىرى ئوتتۇرغا قويۇلغان دارۋىننىڭ ئادەم مايمۇندىن تەرەققى قىلغان نەزىريىسىنى ئەيىپلەپ ئولتۇرۇش 100 يىل زامان ئاخىرىدا قالغانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۆتكۈر پەنلەر بولۇپمۇ ئالەم سانئىتى پەنلىرى ھازىر ئىنسانلارنى ئاي شارىدىن باشقا مارىسقا ئېلىپ چىقىۋاتىدۇ.بىز تىلنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدىن ئىبارەت ئۆزىمىزنىڭ جىسمىغا ۋە سەزگۈ،ئېڭىغا بىۋاستە تۇتىشىدىغان بىرەر مەسىلىدە بولسىمۇ خۇدانى ئاۋارە قىلماي ھەم خۇدايىمنى چېتىۋالماي مۇستەقىل كاللا قاتتۇرۇپ باقساق،ئەمىلىي نوقتىدىن ئويلاپ باقساق نىمە يامىنى بار؟
مەن ئىنكاس يازغۇچىنىڭ تىل ۋە ئاڭنىڭ ئوخشاش بىر جەرياندا شەكىللىنىدۇ دىگەن پىكرىمگە ئەمىليەت نوقتىسىدىن پاكىت كەلتۈرۈپ قارشى چىققان بولسا ئەھمىيەت بەرگەن بولاتىم.توغرا بىز ئىسلام دىندا ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان ئادەم ئەلەيھىسىلامنى خىرىستىيان،كاتۇلىك،يەھۇدى ۋە باشقا دىنلاردىمۇ ئۇلاغلاپ كېلىۋاتقىلى نەچچە مىڭ يىللار بولدى.پەن ئۆز يولىدا،دىن ئۆز يولىدا كېتىۋېرىدۇ.ئەپسۇسكى تېخى مىڭ يىل ئىلگىرى دىن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە كۈچلۈك ئىدى.دىن دۇنيادا ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتى.ئىلىم-پەن بولسا   ئىنتايىن ئاجىز ئىدى ۋە ھەر تەرەپلىمە چەكلىمىگە ئۇچرايتى.بۈگۈنكى دەۋىرگە كەلگەندە ئىلىم-پەننىڭ قۇدىرتى دۇنياۋى مۆجىزىگە ئايلاندى.مەن بۇنداق دىيىش ئارقىلىق دىننىڭ رولى يوق دىمەكچى ئەمەس.مەن يازغان « شئېىر ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى » دىگەن ماقالە شئېىر ۋە تىلنى ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتشۇناسلىق نوقتىسىدىن ئىجتىمائىلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاشنى مەخسەت قىلغان.ئىنكاس يازغۇچى دىننىي دەستەكنى كۆتۈرۋالماي ئەمىلىي ۋە ئىلمىي نوقتىدىن مېنىڭ پىكىرىمنىڭ توغرا بولمىغانلەىىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولسا ناھايىتى دۇرۇس ئىش بولاتى.ئىنكاس يازغۇچى شۇ نوقتىلارغا دىققەت قىلغان بىراق.مېنىڭ بىر بوۋاقنىڭ ئېيىقلار ئارىسىدا چوڭ بولۇش جەريانىدا ئىنسانى ئاڭغا ۋە ئىنسان تىلىغا ئىگە بولالمىغانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىيزەمگە قىلچە ئىپادە بىلدۈرەلمىگەن.چۈنكى ئۇ ھەقتە دىننىي تەلىماتلاردا ئېنىق چۈشەنچە يوق شۇنداقلا يەنە ئىنكاس يازغۇچىنىڭ شۇ ئەھۋالغا قارتا پىكىر يۈرگۈزدىغان مۇستەقىل تەپەككۇر ئىقتىدارى يوق.
      تىل ھەققىدە ئەپسانە -رىۋايەتلەرگە مۇراجەت قىلغاندا توپان بالاسىنىڭ ( تەخمىنەن ئون مىڭ يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن دەپ قارىلىدۇ.) ئالدى-كەينىدە نوھ ئەلەيھىسىلامنىڭ ئادەملەر ( دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر ) نىڭ تىلىدىن باشقا بارلىق ھايۋانات ھەم ئۇچار قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلىقى،سۇلايمان ئەلەيھىسىلاممۇ  ھايۋانلار ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلىقى ھىكايە قىلىنىدۇ.يۇقۇرقى پىكىرلەر بىر رىۋايەتتۇر.ئىلىم-پەن ۋە تارىخى ئەمىليەتچىلىك نوقتىسىدىن قارىغاندا ھەتتا پەيغەمبەر ئاتالغان ئادەملەرنىڭمۇ  جانلىقلار (ھايۋانلار ،قۇشلار) تىلىنى ئەينەن بىلىشى مۇمكىن ئەمەس.پەقەت ئۇلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ شۇ جانلىقلارنىك تۇيغۇ- سەزگۈسىدىكىدەك ئويلىيالايدىغان بولۇش كۆڭۈل قويغان ئادەملەرنىڭلا قوللىدىن كېلىدۇ. دىننىي نوقتىدىن ئالغاندا ئاڭنى ،تىلنى خۇدا ياراتقانلىقى مۇتلەق بولسا ئۇنداقتا يەنە تىلنىڭ  ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى ئوخشاشلا مۇئايەنلەشكەن بولىدۇ.لىكىن ئىلم-پەن ۋە ئوبىكتىپ تارىخشۇناسلىق ئادەملەر ئېڭى ۋە تىلىنى خۇدا يەراتقان دىگەن قاراشنى ئېتراپ قىلمايدۇ.
      ئىككىنچى : ئىنكاس يازغۇچى : تىلنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى مەسلىسىدە ئەمىليەتچىل مەيداندا تۇرۇپ ئويلاپ باقماي مېنى نادانلارچە پىكىر قىلغۇچى دەپ ھېساپلىغان.مەنغۇ نادانمۇ بولماي.ئۇنداقتا ئىنكاس يازغۇچىنىڭ دىننى قاراشنى بايراق قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىشتىن باشقا ئۆزىنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئىجتىمائى ئەمىليەت نوقتىسىدىن قاراشلىرى يوقمۇ ؟ ئادەتتە بىر بوۋاق بالىغا بىرەر ياشقىچە تىل چىقمىسا ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.لىكىن ئىككى ياشقىچە تىل چىقمىسا ئاتا-ئانا قاتتىق ئەنسىرەيدۇ.داۋالاش جەھەتتە كۈچىگەندىن باشقا كېچە-كۈندۇز بوۋاققا تىل ئۈگىتىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ.تىلنىڭ بارلىققا كېلىش جەريانى ئەنە شۇنداق ھەر بىر ئادەم تۇغۇلغاندا بىر قېتىم،ئاتا-ئانا بولوغاندا يەنە بىر قېتىم ئەمىلىي يولۇقىدىغان ئىش.بىز بىر بوۋاقنىڭ نوقتىسىدىن ئويلىغىنىمىزدا تەڭرىدىن ئاسانلىقنى تىلەشتىن باشقا بوۋاققا تىل ئۈگىتىشتە ئەمىلىي ئىشلار بىلەن پاي-پېتەك بولۇپ كېتىمىز. شۇ كونكىرت جەريان تىلنىڭ ئىقتىمائىلقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق تونىتىدۇ.

UID
22356
يازما
137
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
134 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 12:10:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپامىش، . دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىدىن ئېيتقاندا، سىزنىڭ «تىل- ئىجتىمائىيلىقنىڭ مەھسۇلى» دېگىنىڭىز ئىنتايىن توغرا.
چۈنكى، ئىجتىمائىيلىق ___ ئادەملەرنىڭ كوللېكتىپ پائالىيىتىدىكى يەككىلىكىدىن ئىبارەت. ياكى بۇنى مۇنداق ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ: بىر جەمىيەت ئەزاسىنىڭ پائىلىيەت قىلىۋاتقان چېغىدا كوللېكتىپ ۋە جەمىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولغان خارەكتىرىنى ئىپادىلەشتۇر. يەنى ئادەمنىڭ جەمىيەتتىن ئايرىلىپ تەنھا ياشىيالمايدىغان خارەكتىرىدۇر.
لېكىن دىنىي مەنىدىن ئېيتقاندا، توخۇيۈرەكنىڭ سىزگە رەددىيە بەرگىنى ناھىيىتى توغرا بولغان.
ئەمدى، ھەر ئىككىڭلار توغرا- خاتالىقىنى مەڭگۈ ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان پارادوكستا توختىدىڭلار. ھازىرقى زامان ئىلىم- پېنىنىڭ پېنىنىڭ ئۇلى دارۋېننىڭ «تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى» ئۈستىگە قۇرۇلغان.  ئۇنىڭدا بەزىبىر كونكىرىت مىسال جەھەتتىكى كەمتۈكلەر بار بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي پىرىنسىپى تېخى ئاغدۇرۇلغىنى يوق، دۇنيانىڭ ئىلىم-پەن ئەندىزىسى يەنىلا دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ تۈگىمىنىدە چۆرىلىدۇ. دېمەككى، تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسسىىز ھازىرقى ئىلىم-پەن مەۋجۇت بولمايدۇ. لېكىن، دارۋېننىڭ تەپەككۈرىمۇ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان پارادوكستا توختايدۇ. دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسى  خوۋكىڭ دېگەن ئالىمنىڭ «ئالەم گازنىڭ پارتلىشىدىن پەيدا بولغان» دېگەن نەزەرىيىسىگىچە بېيىدى. ھازىرقى ئىلىم-پەن مۇشۇ مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ توغرىلىقى يۈزدە-يۈز ئىسپاتلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر گازدىنمۇ مىكرو بولغان ماددىنىڭ مەنبەلىكلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ تاكى خۇدانىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلمغۇچە مەڭگۈ ھەل بولمايدىغان پارادوكستۇر. ئىلىم-پەن مۇشۇ پارادوكستىن دىنغا ھالقىمايدىغىنى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ. تاكى ئىنسانلارنى ئەڭ زور ماددىي پاراغەتكە ئىگە قىلىپ ئەڭ ئاخىرى ھالاك قىلىپ بىر تال گازغا ئايلاندۇرىۋەتكىچە. مۇشۇ پارادوكس بولمىغىنىدا ئىدى، ئادەملەر ئاللىقاچان دىنىي ئېتىقادتىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچكەن بولاتتى. ھازىر خوۋكىڭنىڭ ئۆزىمۇ ئالەمنى كونترول قىلىدىغان قانداقتۇ بىر كۈچ(ئىلاھ)نىڭ بارلىقىغا مايىل بولۇپ تەمتىرىمەكتە.
دۇنيا ئىلىم- پېنىنىڭ 1- نومۇرلۇق ۋەكىلى بولغان خوۋكىڭ بۇنداق تەمتىرىۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇر كىملىكىنىڭ غولى _ ئىسلام ئېتىقادى نۇقتىسىدىن گەپ قىلغان قېرىندىشىمىزنى ئالدىراپ چەتكە قېقىۋەتمەيلى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سىز شېئىرنىڭ مىللىيلىقى ھەققىدىمۇ توختالدىڭىز. ئۇيغۇرنىڭ مىيللىيلىقىدا ئۇنىڭ دىنىي كىملىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. شۇڭا ئۇ مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈشكە قارىغاندا، خۇدا ۋە باشقىلارنىڭ مۇئەسسەسى بولۇپ پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن.  بۇ ئۇيغۇرنىڭ بىر ئىجتىمائىيلىقى ئەمەسمۇ؟ بۇ يەردە سىز چوقۇم بىر زىتلىققا پېتىپ قالىسىز.  

UID
22356
يازما
137
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
134 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 12:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز شېئىر ھەققىدە گەپ قىلغاندا چوقۇم دارۋېننىڭ پارادوكىسى بىلەن خۇدانىڭ پارادوكىسى ئارىلىقىدىكى ئاسىيلىق ۋاكۇئۇمىدا تۇرىشىمىز كېرەك. بۇ شېئىرنىڭ ئۆزلىكىدۇر. ئۇ ئىلىم-پەننىڭ قانۇنىيەتلىك فورمىلىلىرىغا چۈشمەيدۇ، پەيغەمبەرنىڭ  مەجبۇرى تەرتىپكە سېلىش يەتكۈزۈلمىسىگە بويسۇنمايدۇ. ئەگەر شېئىر بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنىڭ مۇئەسەسەسى بولۇپ قالسا ئۇ شېئىر ئەمەس سىياسىي بولۇپ قالىدۇ. شېئىر ئىلىم-پەن بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدىكى باشقا بىر بوشلۇقنىڭ تۇيمىسىدۇر. شۇڭا ئۇ قارغىش تەككۈر بوشلۇق، ئاسىي بوشلۇق.
ئۇ دەل مۇشۇ ئاسىيلىقى بىلەن خۇدا ۋە ئىلىم-پەننى قايتىدىن تونۇيدۇ. دېمەك ئۇ ئىنساننىڭ ھەقىقىي مۇتەپپەككۈرلىكىدۇر، ئۆزلىكىدۇر.

UID
8041
يازما
66
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1896
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 15:51:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر قېتىم كىرەي، گەرچە مۇنازىرىنىڭ ئاخىرى چىقماسلىقى ئېنىق بولسىمۇ.
ئالدى بىلەن ئەسكەرتىدىغىنىم مەن تاكى بۈگۈنگىچە مەلۇم بىر تېما يوللىغۇچىنىڭ ئۆز تېمىسىگە قارشى چۈشكەن پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىدىغان قەلەم تەۋرەتكۈچىلىرىمىزنىڭ %10كىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. بىزدە ھەر قانداق بىر تېما ئىگىسىنىڭ ئۆز تېمىسىدىكى نۇقتىنەزەرنى جاھىللىق قوغداش خاھىشى ئېغىر. بۇ خىل قوغداش خاھىشىنىڭ نەتىجىسىدە ياندىن پىكىر قىلغۇچى مەيلى قانداق ئۇسۇلدا پىكىر قىلمىسۇن مەلۇم بىر قالپاق كىيىش بىلەن تارتۇقلىنىدۇ. خۇددى تېما ئىگىسى ماڭا قايتۇرغان ئىنكاستا مېنى دىننىي بايراقنى كۆتۈرۈپ چىقىپ... دېگەندەك. ئەمەلىيەتتە دىن ئۇ بىر زۆرۈر بايراق. بۇ بايراق بولمايدىكەن باشقا ھەر قانداق بىر بايراق كۆتۈرۈلۈپ چىقىلمايدۇ. دېمەك مەنمۇ بۇ تۇنجى بايراقتىن ئۆزۈمنى تارتالمايمەن ھەم تارتىشقا قۇربىمۇ يەتمەيدۇ. چۈنكى مېنىڭ ھاياتىم ئەڭ دەسلەپ مۇشۇ بايراق ئاستىدا ۋۇجۇتقا كەلگەن ھەم مېنى مۇشۇ يىللارغىچە ساقلاپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە دىن بىلەن پەن ئىككى نەرسە ئەمەس پەقەت بىر نەرسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەرىپى. يەنىمۇ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا دىن ئىلىم - پەننى مەيدانغا كەلتۈرگۈچى بىرىنچى ئامىل. ئىلىم - پەن بولسا دىننى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردىكى مەلۇم بىر خىل قوراللا، خالاس. ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىم - پەن دىننىڭ كۈچىگە تايانمايدىكەن ئۇ مەڭگۈ قىياسلار ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرىدۇ. قاراڭ، ئىلىم - پەن ئالىملىرى تاشقى پىلانت ئادەملىرىنى ئىزدەپ يۈرگىلى نۇرغۇن يىللار بولۇپ كەتتى، نەتىجىدە ئىلىم - پەن ئالىملىرىنىڭ بارلىق نەتىجىلىرى يەنىلا شۇ قىياس، پەرەزلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماقتا. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئوبىيكتىپ سەۋەپ ئىلىم - پەن ئالىملىرىمۇ خۇددى سىزدەك دىن بىلەن پەننى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىۋىتىپ ئۇلارنىڭ بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە سەل قارىغان. سىز دەل مۇشۇ يەككە ھالەتتىكى پەن قاراشلىرى بىلەن قوراللىنىش باسقۇچىدا بولغاچقا ئۇ قاراشلار ئارلىق ئۆزىڭىزنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتسىز. ۋاقىت ھامان ئەسكەرتىپ تۇرىدىكى، بۇنداق يەككە ھالەتتىكى قاراش ھامان نەتىجىسىزلىك بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ. مېنىڭچە قاچانكى ئىلىم - پەن ئۆزىنىڭ بايرىقى ئالدىغا تۇنجى بايراقنى قويىدىكەن ئىلىم - پەننىڭ نەتىجىسى يەنىمۇ زور بولىدۇ.
خوش، سىز يۇقۇردىكى ئىنكاستا ماڭا قالدۇرۇش خاراكتىرىدە تىلغا ئالغان يەنى ېيىق باققان بالا ھەققىدىكى مىسالغا جاۋاب بېرەي. ئېيىق، بۆرە... قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ھەر تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن تاشلىۋىتىلگەن بالىلارنى بېقىۋىلىش جەريانىدىكى تىلنىڭ مەيدانغا كەلمەسلىك جەريانى بولسا ئۇ بىر سوبىيكتىپ ۇقۇمنىڭ ھەركەت ھالىتى. ئەمەلىيەتتە ھېچ بىر ئىنسان بالىسىنى ياۋايى ھايۋانلار بېقىپ، ئېمىتىپ چوڭ قىلغان ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ خىل يازمىلارنى ئەپسانىلەر تۈركۈمىگە ئايرىپ قويغان. بۇنداق ئەسپسانىلارنىڭ مەيدان كىلىشىدە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك سەۋەپ بار.
بىرىنچى، ياۋايى ھايۋانلارنىڭ تەربىىسىدە چوڭ بولغان بالىلارنى مەركەز قىلىش ئارقىلىق تارىختىكى جاھان ئەركىسى سۈپىتىلىك ئەلباشىلارنىڭ باھادىرلىق بىلەن تويۇنغان روھىنى ئېچىپ بېرىش. بۇ خۇددى ھازىرقى بىر تۈركۈم ئىلغارلىرىمىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلغاندا ئۇلارنىڭ بىر ئۆمۈر لېي فىڭ روھىنى ئىمىپ چوڭ بولغانلىقىنى  قەيت قىلىش ئارقىلىق كۆز ئالدىمىزدىكى ئىلغارلارنىڭ روھىنىڭ ئىككىنچى بىر بوشلۇقتىن كەلگەنلىقىنى ئاماغا بۈلدۈرۈشنى ھەم بۇنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىق بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزىدۇ.
ئىككىنچى، ياۋايى ھايۋانلار بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلارنىڭ ئاشۇ يىرتقۇچ ھايۋانلاردەك ھامان مۇنۇپۇل قىلغۇچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىزلەرگە بۈلدۈرۈش. سىزگىمۇ مەلۇم بۇنداق ئەپسانىلاردىكى شەخسلەر ھامان كەڭ بىر بوشلۇقنى كۈچ - قۇدۇرىتىگە تايىنىپ تۇتۇپ مۇنۇپۇل قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ خۇددى چاستانى ئىلى بەگنىڭ باتۇرلىقىنى يەنىمۇ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدىكى جىن - ئالۋاستىلارنىڭ قۇدۇرىتىنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ بايان قىلىش بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق ھالەتتە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھايۋانلارنىڭ ئىنسان بالىلىرىنى بېقىپ چوڭ قىلىشى ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇنداق ھەركەت پەقەت ئىنسانلارغىلا بېرىلگەن كاتتا نېمەتتۇر.
بەلكىم بۇنداق دېسەم ھايۋانلار بېقىپ چوڭ قىلغان چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكىنى سەمىمگە سېلىش بىلەن كۇپايىلىنەرتسىز. مەن بۇنداق سەمىلىرىمىزگە سېلىنىدىغان سېلىنمىلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكى ھەققىدىكى ئېيىقنىڭ باتۇرنى بېقىشى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي. چىن تۆمۈر باتۇر ئەمەلىيەتتە ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەردىكى مەۋھۇم شەخس بولماستىن بەلكى رېئال شەخستۇر. تارىخى مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولىشىچە چىن تۆمۈر باتۇر تارىخى شەخس تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى ياكى ياكى نەۋرىسى بولۇش ئېھتىماللىقى بەك زور. قاراڭ ، چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكى ئىككى ئىپىزوتتىن تەشكىل قىلىنغان. بۇ ئىپىزوتنىڭ ئىككىنىچىسىدە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ موڭغۇللار بىلەن قىلغان كۈرەشلىرى ۋە سىڭلىسى مەختۇمسۇلانىڭ مڭوغۇللار ئوردىسىدىن قېچېىپ چىققانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ھەر تۈرلۈك تارىخنامە، تەزكىرىلەردە بۇ تارىخ روشەن خاتىرلەنگەن. دېمەك مەۋجۇت موڭغۇللار بىلەن بىر پائالىيەت مەيدانىدا تۇرغان ئادەمنىڭ ئەپسانىۋى شەخس بولۇش ئېھتىمالى %0 بولىدۇ. دېمەك بۇ شەخس ئەپسانىۋى شەخس بولماسلىق بىلەن خاراكتىرلەنگەن ھالەتتە بىزدىن كۆپ بولغاندا مىڭ يىللارچە مۇقەددەم ياشىغان ئادەمنىڭ ھايۋاننىڭ تەربىيىسىدە چوڭ بولۇشى پاكىت ئەمەس. ئۇنداقتا چىن تۆمۈر باتۇر ئىپىزوتىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى قانداق مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدە پىكىر قىلىپ باقايلى. چۆچەكنىڭ بىرىنچى ئىپىزوتى دەل رېئاللىقنىڭ سېھىرلىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا رېئاللىقىنىڭ سەنئەتلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىشى. دېمەك چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكىنى ئەڭ بۇرۇن خاتىرلىگۈچى نامەلۇم بىر شەخس، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ باتۇرلىقىنى بىزلەرگە يەتكۈزۈش جەريانىدا چىن تۆمۈر باتۇرنى يۈكسەك ھالەتتە سېھىرلەپ چىققان. يەنى ئۇنىڭ روھىدىكى باتۇرلىقنى يىرتقۇچلارنىڭ تېنىدىكى كۈچ بىلەن بىرلەشتۈرۈش يولىنى تۇتقان. شۇڭا مەن سىزنىڭ تىل پائالىيەت  ھەركىتىنى ئىزاھلاشتا چۆچەك، ئەپسانە، رېۋايەتلەر جۈملىسىدىكى مىساللارنىڭ كۆزگە روشەن تاشلىنىپ تۇرىدىغان تاشقى پوستى ئارقىلىق قاراشلارنى نۇسرەت سۇپىسىغا چىقىرىش ئۇسۇلىڭىزنى بىر خىل خاتا بولغان ئاڭ ھەركىتى، دەپ قارايمەن.

UID
22356
يازما
137
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
134 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 16:47:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توخۇ يۈرەك، دىن بىلەن ئىلىم-پەننى قارىمۇ- قارشى ئورۇنغا قويۇش بۇ ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىدىكى ئىش. بۇنى ئالپامىش ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ئەمەس. پەيغەمبەر: پۈتكۈل كائىناتنىڭ ھەقىقىتى ئاللانىڭ سۆزىدە، ھەقىقەتنى باشقا كىتاپلاردىن ئىزدەيدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۆمۈر بويى ئاللانىڭ كىتاۋى قۇرئاننى ئۆگۈنۈڭلار، باشقا دەھرىي كىتاپلارنى ئۆگەنمەڭلار، دېمىگەنمۇ يوق؟
دىن بىلەن ئىلىپم-پەننىڭ بىر-بىرىگە قارشى ئەمەسلىكى ئىلىم-پەن كۈچىيىپ، دىن  ئامالسىز قېلىۋاتقاندا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى پەتىۋا. يېقىنقى، 60-70 يىللىق تارىخنى چىقىرىۋەتكەندە، ۋە ئىسلام تارىخىدىكى 100 يىللىق تەرجىمە ھەرىكىتىنى چىقىرىۋەتكەندە دىن بىلەن ئىلىم-پەن ن پەقەت سىغىشالماي كەلگەنلىكى، دىننىڭ ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى دەھرىلەر دەپ چەتكە قاققىنى دىننىڭ مۇشۇ جەرياندىكى تارىخىي ئەمىلىيىتىدۇر. ئىلىم-پەنمۇ دەل مۇشۇ خىل قارشىلىق مۇھىتىدا دىن بىلەن سىغىشالمايدىغان ماتىرىيالىزمنى مەيدان قىلىپ تەرەققى قىلغان.
دارۋېننىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسىسىز، ماتىرىيالىزملىق مەيدانسىز ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى مەۋجۇت بولمايدۇ. دىن دارۋېنغا، ماتىرىيالىزمغا تىغمۇ-تىغ قارشى تۇرسا قانداقسىگە « ئەمەلىيەتتە دىن بىلەن پەن ئىككى نەرسە ئەمەس پەقەت بىر نەرسىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى تەرىپى»؟

UID
8041
يازما
66
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1896
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 18:43:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر، ماتىرىيالىزملىق قاراش ئۇ پەن ئەمەس. بىر بىر توپ گۇرۇھنىڭ يەنە بىر توپ گۇرۇھنى تۇتۇپ تۇرۇشتىكى بىر خىل ۋاستىسى.
دىن دارۋىنغا قارشى، بۇنى مەنمۇ ئېتىراپ قىلىمەن. بىراق ئويلاپ باقتىڭمۇ ئاداش، دارۋىنزىملىق پەننىڭ مەلۇم بىر كىچىك قىسمىلا، خالاس. دارۋېنزملىق پەننىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ پەننىڭ ئومۇمىي جۇغلانمىسى ئەمەس ياكى پەننىڭ تولۇق ھەقىقىتى ئەمەس. دارۋىنزىملىق قاراشلارنى سەنمۇ كۆردۈڭ، ئۇ قىياسلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەمما نۇرغۇن يىللار بويى مۇقەرەر بولغان قاراشلار ئەمدى بىر بىرلەپ ئاغدۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىرمەكتە. چۈنكى ھەممىنىڭ ئۈستىدە نېمە بار؟ دېگەن سۇئال دارۋېنزمنىڭ جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى چەتكە تارتقان نۇقتىسىغا بېرىپ تاقالماقتا. دېمەك دارۋېنىزم پەننىڭ نەق ئۆزى ئەمەس بەلكى مەلۇم بىر قىسمىلا. ئەمما دارۋېنىزم پەننىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەننىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسىگە كۆز يۇمۇۋالغان. ھەقىقىي پەن جانلىقنى مايمۇن ياكى قۇرۇتتىن يارالغان دېمەيدۇ. ئەگەر ئۇنداق دېسە مايمۇن، قۇرۇتنىڭ يارىلىشىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. دارۋېنزىم قانداق قىلغان دېسە، ئادەملەرنىڭ ئەقلى يەمەيدىغان ياكى ئىسپاتلاپ چىقىش ئىمكانىيىتى يوق بولغان مىليۇن يىللاردىن ئىبارەت ۋاقىت بىرلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق قېيىنكىلەرنى ئامالسىز قالدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ ئورىنى مۇستەھكەملەپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە تولۇق ئاغدۇرۇلىدۇ. بىز پەقەت ئاغدۇرۇلۇشقا گۇۋا بولساقلا كۇپايە.
يەنە بىرى. تېما ئىگىسى ماقالە نامىنى ‹‹ شئېىر  -ئىجتىمائىلىقنىڭ  مەھسۇلى›› دەپ ئالغان. سېنىڭچە شېئىر راستلا ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى بولامدۇ ياكى تۇيغۇنىڭمۇ؟

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
560
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
560
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
210 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 19:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتنى باشقا كىتاپلاردىن ئىزدەيدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۆمۈر بويى ئاللانىڭ كىتاۋى قۇرئاننى ئۆگۈنۈڭلار، باشقا دەھرىي كىتاپلارنى ئۆگەنمەڭلار، دېمىگەنمۇ يوق؟

بۇ يەردە دىيىلگەن ھەقىقەت سزنىڭچە ئىلم-پەنمىدۇ؟ بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ھەقىقەت بولسا، كاپىرلارغا، يەنى ئاللاغا شىرىك كەلتۈرگۈچىلەرگە قارتا دىيىلگەن ئاللانىڭ پەقەت بىر ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھىچبىر شىرىكى يوق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەقىقەتتۇر. قۇرئاندىن، ھەدىستىن مىسال كەلتۈرۈشتىن بۇرۇن، ئاۋال شۇ توغرىلىق مەزمۇنلارنى ياخشىراق ئىگەللەپ ئاندىن سۆز ئىچىش لازىم. قۇرئان ئايەتلىرى قانداق ئەھۋال ئاستىدا نازىل بولغان، تارىخى ئارقا كۆرىنىشى قانداق، بۇ ئايەتلەرنى پەيغەمبەر قانداق چۈشەندۈرگەن. ئالىملار قانداق ئىزاھلىغان، سىز «جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى»دىگەن جورنالدىن بۇ توغرىلىق مەزمۇنلارنى تاپالايسىز، ھەممىسى مىسىر ئەزھەر ئۇنۋىرسىتىنى پۇتتۈرگەن، ماگىستىر،دوكتۇرلار يىزىپ چىققان ماقالىلەر.

ئىلىم-پەن توغرىلىقمۇ چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي، تەبىئى پەن، ئجتىمائى پەن دەپ ئىككىگە بۆلىمىز. تەبىئى پەنلەر ھەمىىسى بىز ياشاۋاتقان دونيادىكى ،ئالەمدىكى تەبىئى قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەردۇر. بۇ قانۇنىيەتلەر ئەزەلدىن مەۋجۈت. ھەرگىز ئىنسان تەرپىدىن كەشىپ قىلىنغان ئەمەس. بىزنىڭ قىلىۋاتقىنىمىز مۇشۇ قانۇنيەتلەرنى بايقاشتۇر. شۇ ئارقىلىق ئىنسان تۇرمۇشىنى تېخمۇ ياخشى ئۆتكۈزىدۇ. قولايلىقلارئېلىپ كېلىدۇ.
ئجتىمائى پەن توغرىلىق توختالماي، ئىنساننىڭ ھىس تۇيغۇلىرىنىڭ مەسھۇلى، مۇنداق قىلىپ ئىېيتقاندا ئنساننى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەر. دىن ئىلىم پەن بىلەن قارمۇ-قارشى دىگەن مۇنداق سەپسەتىلەرنىڭ بازىرى بەكمۇ ئىتتىك ئوخشايدۇ قارىغاندا. ئاستورۇنومىيەدىكى،تەبئى پەنلەردىكى نۇرغۇن بايقاشلار غەرىب ئالىملىرىنىڭ شەرق ئىسلام ئالىملىرى يازغان كىتابلاردىن ئىلھام ئالغانلىقى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن. سىز غەرب ئالىملىرىنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇسىڭىز بۇ مەزمۇنلارنى بايقايسىز.


مەن ياكى دىنىي ئىلىمدا ياكى بىز دەۋەتقان ئاتالمىش ئىلم-پەندە(ئەمىلىيەتتە، ئاللا ياراتقان قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان) ئالىم ئەمەس، بۇ مۇنازىرىگە قاتناشماي دىگەن، ئاقساقاللىق قىلىپ خاتا گەپ قىلىپ قويماي دەپ، يۇقۇرقى ئنكاسنى ئوقۇپ گەرچە يېرىم چېلەك سۇ بولساممۇ شالاقشىپ قويغۇم كېىلىپ قالدى.

UID
22356
يازما
137
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
134 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 19:52:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىنىي ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەلۋەتتە سېنىڭ ئېيتقىنىڭ توغرا. چۈنكى ئاللاھ تائاللا پېرىشتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى جەننىتى ئىدەنگە ئۇنىڭ ئاللاھ تائاللاغا چەكسىز مېھىر بىلەن ھەمدۇ-سانا ئېيتالايدىغان تىلى بىلەن چۈشۈرگەن. بۇنىڭدىن بىز تىلنىڭ ئىنسانلارنىڭ يارىلىشىدىن بۇرۇن ئەزەلىي بار نەرسىلىگىنى بىلىمىز. دېمەك تىلنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى پېرىشتىلەرنىڭ تارىخىنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئادەتتىكى ئىنساننىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس.
لېكىن دارۋېن تىلنىڭ پەيدا بولىشىنى مايمۇننىڭ ئادەمگە ئۆزگۈرۈپ، ھىسسىي دەۋردىن ئەقلىي دەۋرگە سەكرەيدىغان تاش قۇراللار دەۋرىدە تۇرىۋاتقان ئىپتىدائىي جەمىيەتكە باغلايدۇ. دارۋېننىڭ مۇشۇ يېرى ھازىرغىچە دىنىي نۇقتىدىنلا ئەمەس، پەن نۇقتىسىدىنمۇ ئۆتەلمەيدىغان بىر ھەزىلكەشلىك. چۈنكى ھازىرقى ئالىملار » ھازىرقى مايمۇنلار نىمىشقا ئادەمگە ئۆزگەرمەيدۇ؟» دەپ سۇئال قويىدۇ. بۇ دارۋېننىڭ پەن نۇقتىسىدىن ئىسپاتلىغىلى بولمايدىغان بىر ئاجىزلىقى.
لېكىن ئۇنىڭ نەزىرىيىسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى مۇشۇنداق ئاز ساندىكى كونكىرىتنى مىسال خاتالىقلىرىنى چىقىرىۋەتكەندە ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى ۋە پەلسەپىسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ئۇللارنىڭ بىرى.
ئەگەر دارۋېنىزم بولمىغىنىدا ئىدى، ماركىسىزم بولمىغان بولاتتى. چۈنكى ماركىس بىلەن ئېنگىلىس دارۋېنىزمنى كۈچلۈك تېرەك ۋە نەزىرىيىۋى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن ماركىسىزمنىڭ بارلىق نەزەرىيە سىستېمىسىنى تۇرغۇزۇپ چىققان. دارۋېنزىمنىڭ ئىلىم-پەندىكى يېتەكچى رولىنى سەن بەكلا يوق قىلىۋېتىپسەن. دارۋېنزىم دۇنيادا تۇنجى قېتىم تارىختىن بېرى ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ھالەتتە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ماددا بىرلەمچى تونۇشىدىكى پەلسەپىلەرنى كەڭ-كۆلەملىك، چوڭقۇر ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك نوپۇزغا ئىگە قىلغان بىر نەزەرىيىدۇر. مۇشۇنداق بىر كۈچلۈك نەزەرىيەنىڭ ئارقا تېرىكى ئاستىدا باشقا ئالىملارمۇ يېقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ ئۇلىنى دادىل قۇرۇپ چىقتى. دارۋېنىزم يەككە ھالەتتە بىئولوگىيە، زوئولوگىيە ۋە فىزىئولوگىيىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالماستىن، تەسىر كۆرسۈتۈش جەھەتتە ھەممە پەنلەرنىڭ زامانىۋى يۆنۈلىشىنى بەرپا قىلىشتا ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك رول ئوينىغان چوڭ نەزەرىيەدۇر. ئۇنى كىچىك دەپ كۆزگە ئىلماسلىققا بىزنىڭ رىيال ئاساسىمىز يوق.
ئەمدى، ھازىر ئىنسانلار قانداق ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ دەپ ئويلانغىنىمىزدا، ئىنسانلار دىن ئارقىلىق بىلەلمەيدىغان(چۈنكى دىننىڭ ئۆزىمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەرنى تەپەككۈر ئارقىلىق بىلىشتىن چەكلىگەن) نۇقتىلار بىلەن پەن ئارقىلىق بىلەلمەيدىغان نۇقتىلار ئارىسىدا ئېسەنكىرىمەكتە. دىن بولمىسا ئىنساننىڭ مەنىۋى تۈۋرىكى، ئەخلاق ئاساسى يىمىرىلىدۇ. بۇ سىز ھەرقانداق تەرەققىيات ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقىتىدۇ. پەن بولمىسا ئىنسانلارنىڭ جىسمانى ئازاتلىقىمۇ چىپپىدە توختايدۇ، ماددىي پاراغەتسىز مەنىۋى كۈچ، ئەخلاقمۇ ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا دىن بىلەن پەننى مۇرەسسەلەشتۈرىدىغان بىر دەۋردە تۇرىۋاتىمىز.
شۇڭا، ھازىر، مەسىلىلەرنى پەن ئارقىلىق چۈشەندۈرگەنلەرمۇ بىزنىڭ دوستىمىز، دىن ئارقىلىق چۈشەندۈرگەنلەرمۇ بىزنىڭ دوستىمىز بولىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلىپ دارۋېنىزىمنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى بويىچە چۈشەندۈرگەن بىر ئادەمنى بىراقلا ئىنكار قىلماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى تىلنىڭ قانداق كېلىپ چىققانلىقىنى دىنىي نۇقتىدىن بىلىشمۇ بەندىگە نىسبەتەن تەپەككۈر قىلىپ يېتىشتە چەكلەنگەن بىر پارادوكس.
مېنىڭچە، شائىرلىقنىڭ قىلالايدىغانلىرى توغرىسىدىكى مەسىلە ئەمدى ئۆزلىكىدىن ھەل بولدى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش