ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: ALPAMIX

شئېىر -ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 00:26:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ پىكرىم تۆۋەندىكىچە:
   بىرىنچى: تورداشلار يازغان ئىنكاستا ئوتتۇرغا قويغان « پەن بىلەن دىننىڭ مۇنازىرسىنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغانلىقى» ھەقىقەتەن راست.بۇ مەسىلە كەلگۈسىدە ھەل قىلىنىشقا قالدۇرۇلىشى كرەك.
    ئىككىنچى: گەرچە مۇنازىرە تېمىدىن چەتنەپ كېتىۋاتقان ئەھۋال بولسىمۇ ئىنكاس يازغان تورداشلار شئېىر،   ئىجتىمائىلىق، تۇيغۇ، تىل ۋە ئاڭنىڭ بارلىققا كېلىشى،شئېىر ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلىمۇ ياكى تۇيغۇنىڭ مەھسۇلىمۇ ؟ قاتارلىق مەۋجۇت شۇنداقلا شئېىريەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە يازغان ئىنكاسلىرىنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ.بۇ ئەلۋەتتە خوشال بولۇشقا تېگىشلىك ئەھۋال .دىمەك تورداشلار شئېىريەتكە  ئالاقىدار مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىكەن .كۆڭۈل بۆلگەندىمۇ قىزغىن كۆڭۈل بۆلىدىكەن.بۇ ئەھۋال تورداشلارنىڭ رئىيال-ئەمىلىي مەسىلىلەردە ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى،گەرچە تەربىيلىنىش،بىلىم قۇرۇلما،دۇنيا قاراش،ئەمىلىي تەجىربە قاتارلىق كۆپخىل تەرەپلەردە روشەن پەرقلەر بولسىمۇ مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئەمىلىي تېمىلاردا توغرا تەپەككۇر يۆنۇلىشى تۇرغۇزۇش،ئىلمىي ھالدا پىكىر ئالماشتۇرۇش،ئۆز-ئارا بىلىم،ئۇچۇر يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆز-ئارا ئەقلى نەپ يەتكۈزەلەيدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.گەپ  مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەندە مۇشۇنداق مۇنازىرە سورۇنىنى ھازىرلاپ بەرگەن ۋە مۇنازىرىنىڭ توغرا،ئىلمىي يولدا قانات يېيىشىغا ئالدىن كۆرەرلىك،ئاۋانگىراتلىق روھى بىلەن يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان « ئەل كۈيى تورى» نىڭ « مۇنبەر» باشقۇرغۇچىلىرىغا ئالاھىدە رەخمەتنى چىن كۆڭۈللەردىن بىلدۈرمەي بولمايدۇ.رەخمەت سۆزىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر،دائىرسى كەڭ،بىر جۈملىگە يىغىنچاقلىغاندا « مۇنبەر» نىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىشتۇر.ئىككىنچى قەدەمدە تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك نوقتا : ئۇنۇتماسلىغىمىز كېرەكى ھازىر مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلۋاتقىنى دەل «مۇنبەر» نىڭ «شئېىريەت گۈلزارى » سەھىپىسى .بۇ سەھىپە ياكى كۆزنەك « شئېىريەت گۈلزارى» بولغانكەنكەن مۇنازىرىمۇ شئېىريەتتىن ئىبارەت تۈپ يادرونى مەركەز قىلىشى كېرەك.
    ئۈچۈنچى: بۇ مۇنازىرىنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىل راست گەپنى قىلسام « قانىغان قان» نى ۋە «قانخور» ناملىق تورداشنىڭ ئىنكار قىلىپ يازغان ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ قالغانلىقىمدۇر.شۇندىن بېرى مەن دەسلەپكى ئىنكاس ۋە ئۈچ پارچە ماقالە يازدىم.تورداشلار 3 پارچە ماقالەمگە يازغان ئىنكاس سانىمۇ 50 تىن ئېشىپ كەتتى.بىراق مۇنازىرە« شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرۇچ » دىگەن دەسلەپكى  باش تېمىدىن بارغانسىرى يىراقلاپ كەتتى. شۇڭا مەن تېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى.يەنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا « شئېىرنى تۇنۇش-تونىغۇچىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق » ناملىق 4-ماقالەمنى سۇنماقچى.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
245
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
635
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
187 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 00:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مېنىڭ ئىسمىم خان» دېگەن كىنونى كۆرۈپ بېقىڭ، ئۇنىڭدا بەزىبىر چۈشەندۈرۈشلەر بار.
------------------------------------------------------------------
بۇ تەۋسىيە بىلەن يوشۇرۇن ھالدا مېنى ئىشارە قىلىۋاتامسىز قانداق؟ مېنىڭ ئىسمىم شۇ كىنودىن ئېلىنغان ھەم شۇ كىنودىكى مەركىزىي ئىدىيىگە ئىشارە قىلىنىدۇ.
مېنىڭ ئىسمىم خان، مەن تىرورچى ئەمەس. [مېنىڭ ئىسمىم خان، مەن ساراڭ ئەمەس ] (چاخچاق)

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
245
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
635
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
187 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 01:10:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALPAMIX يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 00:26
مېنىڭ پىكرىم تۆۋەندىكىچە:
   بىرىنچى: تورداشلار يازغان  ...

ئالپامىش ئەپەندى، ئەمدى ئىشىڭىز قەتئىي بولمىدى. تېمىڭىزنى بەك شاخلىتىۋەتتىڭىز دەپ سىزدىن ئاغرىنىۋاتساق، يەنە تۆتىنچىسىنى يازىمەن دەيسىزغۇ؟ نېمىشقا پىكرىڭىزنى ئىنكاس تەرىقىسىدىلا يوللىمايسىز؟ تېما كۆپەيتىشنىڭ نېمە زۆرۆرىيىتى؟ يەنە شۇنداق قىلسىڭىز، مەن مۇنازىرىدىن چېكىنىپ چىقىمەن. مېنىڭ شاختىن - شاخقا سەكرەپ يۈرگۈم يوق.

UID
11404
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2011-5-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:20:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ئاپتۇرى:
شېئىر دىگەن ئىجتىمائىلىقنىڭ ئەمەس، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى دەيمىز. سىزگە ماقالە يېزىشتىن ئاۋال دەسلەپكى ئۇقۇملارنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىڭ.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 19:03:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش تاشنۇرنىڭ بەرگەن ئەسكەرتىشىگە رەھمەت ئېيتىمەن.( ئىجتىمائى دىگەن سۆزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ئۈچۈن)  يەنە شۇنىڭ بىلەن بىلەن «ئىجتىمائى تۇرمۇش» دىگەن ئۇقۇمنىڭ قېلىپلاشقان ساۋات خاراكتىرلىك ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ،«ئىجتىمائى» دىگەن ئۇقۇم بولسا تۇرمۇش بىلەن باغلىنىشتىن باشقاجەمىيەت،پەن،ساھەلەر ،ئادەملەر ،توپ(كوللىكتىپ،-كىشىلەر توپى) قاتارلىق ئۇقۇملار بىلەن زىچ باغلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا «تەبئى» دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئەكسىچە  ئىنسانلار تەرپىدىن ئىجات قىلىنغان،كەشىپ قىلىنغان ،يارىتىلغان ماددى ۋە مەنىۋى قۇرۇلمىلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرمەكچى.تەبئى پەنلەر بىلەن ئىجتىمائى پەنلەرنىڭ تەتقىق قىلىش ئۇسۇلىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا « ئىجتىمائى » دىگەن سۆزنىڭ يەككە ھالدىكى مەنىسىنى چۈشىنەلەيمىز.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 21:24:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شئېىرنى تونۇش-تونىغۇچىنىك قانداقلىغىغا باغلىق(ماقالە)

يېرىم يولدا توختاپ قېلىش ئوچۇق ئېيتقاندا چىدامسىزلىق.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 21:30:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى سائەت ئالدىدا خاقان ناملىق تورداشنىڭ ئىنكاسىغا قارىتا يازغان ئىنكاسىمنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.چۈنكى پىكرىم «يېرىم يولدا توختاپ قېلىش ياخشى ئەمەس » دىگەن يەردە كۈتۈلمىگەن جىددى ئىش بىلەن گېپىم ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
245
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
635
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
187 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 22:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALPAMIX يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 21:24
يېرىم يولدا توختاپ قېلىش ئوچۇق ئېيتقاندا چىدامسىزلىق.

ئالپامىش ئەپەندى، خاقانغا يازغان ئىنكاسىمنى دېگىنىڭىزگە قارىغاندا، مېنى دەۋاتقان ئوخشايسىز. مېنىڭ ئىسمىم خاقان ئەمەس، خان، بۇنى ئەنۋەر جۇلانىڭ ئىنكاسىغا يازغان ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكەن. يېرىم يولدا توختاپ قېلىشنى ئۆزىڭىز كەلتۈرۈپ چىقاردىڭىز. تېمىڭىزغا ئەمدى بىر - ئىككى ئىنكاس يېزىپ، تېمىڭىزغا كىرەي دېگەندە، باشقا بىر تېمىنى يوللاپ، خورتنى يۆتكەيدىكەنسىز. بىزنىڭ تەلىپىمىز گېپىڭىزنى ئىنكاس شەكلىدە يېزىڭ، تولا شاخلاندۇرماڭ. بىز تېما ئارىلاپ يېتىشىپ بولالمايمىز.
گېپىڭىزدىن قارىغاندا خېلى پىكىرلەرنى قىلغان ئوخشايسىز. ئىنكاسىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە ئاندىن بىر نېمە دېيىشەيلى.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 22:39:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پىكىرنى قايتا يازاي :
     ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇنازىرىنىڭ مەنبەسى « قانىغان قان » ناملىق شئېىر بىلەن قانخور ناملىق تورداشنىڭ شۇ شئېىرنى ئىنكار قىلىپ يازغان ئىنكاسلىرىغا قارىتا يېزىلغان « شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرۇچ» ناملىق ماقالەم ئىدى.ئەسلى ھەل قىلىنىدىغىنى شائىر شئېىر ئالدىدىكى مەسۇليىتىنى قانداق ئادا قىلىشى كېرەك؟شۇنداقلا خەلقى -مىللىتى ئالدىدا قانداق مەسۇليەت -جاۋاپكارلىقنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك؟ دىگەن مەركىزى ھالقىلار ئىدى.بىراق كۆز قاراش ۋە شئېىرنى تونۇش جەھەتتىكى چۈشەنچىلەر ئوخشىماغانلىقتىن تېمىدىن چەتنەپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلدى.بىر جەھەتتىن قارىغاندا مۇنازىرنىڭ بولمىغىنىغا قارىغاندا تېمىدىن چەتنەپ كېتىش يۈز بەرگەن ئەھۋالدىمۇ مۇنازىرنىڭ يەنە بولغىنى ياخشى.چۈنكى شۇنداق «قېيىپ كېتىش » بولغاندىلا خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى ئوخشاش بايقايدۇ.بىرى شئېىرنى قايسى نوقتىدىن تونۇش مەسىلىسى تورداشلار ،جۈملىدىن شئېىر مەپتۇنكارلىرى ئاڭقىرىشى زۈرۈر بولغان مەسىلە.يەنە بىرى شئېىر بىلەن خەلقنىڭ ،مىللەتنىڭ قانداق باغلىنىشى بار ؟دىگەن ئىككى مەسىلە مۇنازىردە ئايدىڭلىشىش،تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتە قاراش،چۈشەنچەىلىرى چوڭقۇرلىشىش مەسىلىسى ھەل بولغىنى يوق.يۇقۇرقى ئاچقۇچلۇق ئىككى مەسىلىنىنىڭ ھەل قىلىنىشى شئېىردىن بەھرى ئېلىشتا ئوقۇرمەنلەرنىڭ  زوقلىنىش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتىرىش،شئېىرىي ئىجادىيەتنىڭ رەڭگا-رەڭ شەكىل ۋە خىلمۇ-خىل ئۇسلۇپتا گۈللىنىشىدە،ساغلام كەيپىياتنىڭ داۋاملىشىشغا،«مۇنبەر»گە كىرگۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە،ئۇيغۇر شئېىريىتىنىڭ ئۆز  قانۇنىيەت ۋە كەڭ ئىجتىمائى ئاساس بىلەن تەرەقى قىلىشىغا پايدىلىق.
       مۇنازىرە داۋامىدا ئەسەرگە باھا بېرىش ئىككى چوڭ نوقتىنەزەردىن ھالقىپ كەتمەيدۇ.بىرى : تورداشلارنىڭ يەنى ئوقۇرمەنلەر-ئاۋامنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ باھا بېرىش.شئېىريەتنىڭ كەسپ ئەھلى بولمىغان ئوقۇرمەنلەر چوڭ -ئومۇمى جەھەتتە ياخشى ياكىناچار دەپ  بېرەلەيدۇ.تورداشلار ئەلۋەتتە خىلمۇ خىل ساھە كىشىلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولغاچقا تور ئەھلىنى كەڭ مەنىگە كۆتىرىپ خەلق دىسەكمۇ بولىدۇ.تورداشلارنىڭ 70 پىرسەنتى ياخشى دەپ باھالىغان ئەسەر ئەلۋەتتە ياخشى ئەسەر دەپ قارىلىشقا مۇناسىپ.گەرچە ھەر بىر تورداش شەخسەن ئۆزىگە ۋەكىلىك قىلىپ باھا بەرسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باھاسىنى مۇجەسەملىگەندە ياخشى ئەسەرلەرنىڭ شۇنداق باھاغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.شۇنداقلا سۈپەتسىز ئەسەرلەرنىڭ كۆپ ساندىكى تورداشلار تەرپىدىن ناچار باھاغا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىر ياكى بىر قانچە ئادەمنىڭ باھاسىنى ئەمەس 70،80 پىرسەن ئاممىنىڭ باھاسىغا ئاساسلىنىش ئەلنىڭ رايى بويىچە ئەسەر باھالاشتۇر.بۇ جەھەتتە مەزكۇر مۇنبەر ياخشى بىر ئىمكانىيەت سورۇنى ھازىرلاپ ھەر بىر تورداشقا پىكىر يۈرگۈزىدىغان شارائىتنى ياراتقان.خىلمۇ-خىل ئىنكاسلارنىڭ چۈشىشى نورمال ئەھۋال.ئاخىرىدا پۈتكۈل ئىنكاس خۇلاسىلەنگەندە ئالتۇن بىلەن قەلەي ئوڭايلا ئايرىلىپ چىققىدۇ.يەنە بىرى كەسىپ نوقتىسىدىن باھا بېرىش.بۇنىڭغا ئەلۋەتتە ئەدىبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار،شئېىريەت ئەھلى،نەزىريىچىلەر كىرىدۇ.كەسپى نوقتىدىن بېرىدىغان باھا ئاددى ھالدا ئىنكاس بولۇش بىلەن چەكلەنمەسلىكى كېرەك. .ئەدىبىيات ساھەسىنىڭ كەسىپ ئەھلى بولمىغان تورداشلارنىڭ ئەسەرگە بېرىدىغان باھاسىنى بىر ياكى بىر قانچە جۈملىلىك ئىنكاس شەكلىدە يوللىغىنى ئىنتايىن ئورۇنلۇق ئىش.لىكىن ئەدىبىياتنىڭ كەسىپ ئەھلى بولغان تورداشلار ئەسەرگەبولغان باھاسىنى مۇقىم كۆز قاراش دەرىجىسىگە كۆتىرىپ ماقالە قىلىپ ئوتۇرغا قويۇشى ،ياخشى باھا بەرمەكچى بولسا كونكىرت ئاساس-دەلىللىرىنى ئوتتۇرغا قويۇشى،ناچار باھانى قويماقچى بولسىمۇ كونكىرت،تەپسىلى،قايىل قىلارلىق مۇلاھىيزە يۈرگۈزىشى كېرەك.شۇنداق بولغاندا كەڭ تورداشلارنىڭ قەلب ساداسىنى كەسپ ئەھلى بولغان تورداشلار بىلىپ تۇرالايدۇ.كەڭ تور ئەھلىمۇ كەسپ ئەھلى بولغان تورداشلار يازمىلىرىدىن شئېىريەت ھەققىدىكى بىلىملەرگە ئىگە بولالايدۇ.دىمەك ھەر كىم ئۆزى ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىنى ياخشى ئۆتەشتىن باش تارتنىسىلا تەپسىلى باھا ئۆز يولىدا،قىسقا ئىنكاس ئۆز يولىسدا كېتىۋېرىدۇ.
كەسپ ئەھلى بولغان تورداشلار كەڭ تور ئەھلىنى ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئىنچىكە،كونكىرت ئۆلچەمگە سېلىۋالماسلىقى،كەڭ قۇرساق،ئەپۇچان بولىشى كېرەك،تور ئەھلى بولغان تورداشلار مۇ  باھا جەھەتتىكى ئومۇمى پىكرىنى يىغىپ ئوتتۇرغا قويۇش بىلەن چەكلىنىپ،كونكىرت ،ئىنچىكە باھا بېرىشنى كەسپ ئەھلىلىرىگە قالدۇرىشى كېرەك.باھادا  رىقابەتلەشكەندە كەسپ ئەھلى (شئېىريەتچىلەر) چوقۇم ئۆزىدەك كەسىپ ئەھلى بىلەن تۇتىشىشى، كەسپ ئەھلى بولمىغان تورداشلارمۇ ئۆزلىردەك كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار بىلەن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشى كېرەك..شۇنداق بولغاندا مۇنازىرنىڭ سۈزۈكلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.  
بۈگۈن دەيدىغان پىكرىم شۇلاردۇر.
     

يېڭى يۇلتۇز

ياشىسۇن نۆل !

UID
18828
يازما
42
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
42
تىزىملاتقان
2011-12-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-12
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 23:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھاياجانلىق تۇيغۇرۇمنىڭ مەھسۇلى ...مەن شائىرغا ئۆچ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش