ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: ALPAMIX

شئېىر -ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
245
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
635
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
187 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 23:29:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆل يوللىغان ۋاقتى  2012-2-27 23:13
شېئىر ھاياجانلىق تۇيغۇرۇمنىڭ مەھسۇلى ...مەن شائىرغا ئۆ ...

شۇڭا سىز نۆل.

تىرىشچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
197
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1218
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 13:49:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مىنىڭ شېئىرنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى ساۋادىم يوق دىيەرلىك.  لىكىن مەن ئۆز كەسپىم «قانۇن»نىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىم ئاساسىدا يەكۈنلىگەن مەسلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزلەش جەھەتتىكى خۇلاسەم بويىچە «شېئىر ئىجتىمائىيلىقتىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەنمۇ ياكى ئىجتىمائىيلىقتىن كېيىنمۇ؟» دىگەن سۇئالغا ئىزدىنىش نوقتىسىدىن جاۋاپ بېرىپ باقاي (خاتا بولسا كەسىپ ئەھلىلىرى تۈزەتسە، كەم قالغان جايلىرىنى تولۇقلىسا ئۆزەممۇ بۇ جەھەتتە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالارمەن):
1. شېئىر شائىرنىڭ ئۆزىنى، تەبىئەتنى، كائىناتنى ... چۈشىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان بولسا، ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنى، تەبىئەتنى، كائىناتنى ... شۇنداق چۈشىنىشنى ئازۇ قىلمىغان ياكى باشقىلارنىڭ قانداق چۈشىنىشى شائىر ئۈچۈن بەرىبىر  بولسا  «شېئىر ئىجتىمائىيلىقتىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن.» دىسەك خاتا بولمايدۇ.  بۇ خىل شىئېىرلار «ئىجتىمائىيلىقتىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەن» ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ داۋاملاشقان بولىدۇ. بۇ خىل شىئېرلارنى نەزىرىيە جەھەتتىن ياكى «ئالاھىدە ئادەم» نوقتىسىدىن قۇبۇل قىلىشقا بولىدۇ،  بىراق بونىڭدىن قانداق قىممەت يارىتىلىدۇ؟ مىنىڭ ھازىرغىچە بولغان بىلىشىمدە بۇخىل شىئېرلارنىڭ شائىر ئۈچۈن ئۆز ھەۋىسىنى قاندۇرۇش قىممىتىدىن باشقا قىممىتى يوق، ئۈنىڭ ئېلان قىلىنىش- قىلىنماسلىقىمۇ شائىر ئۈچۈن بەرىبىر. ئەگەر ئېلان قىلىنغانلىرىدا(كىمنىڭ نىمە ئۈچۈن ئېلان قىلغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم.) ئىجدىمائى قىممەت بار دىيىلسە ئۇ بىر تاساددىپى ۋە دوراش تىپىدىكى قىممەتتۇر.
2. شېئىر شائىرنىڭ ئۆزىنى، تەبىئەتنى، كائىناتنى ... چۈشىنىشى ئۈچۈن يېزىلغان بولسا، ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزىنى، تەبىئەتنى، كائىناتنى ... شۇنداق چۈشىنىشنى ئازۇ قىلغان بولسا  «شېئىر ئىجتىمائىيلىقتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن » دىسەك خاتا بولمايدۇ. بۇ خىل شېئىرلاردا شائىر ئۆزىنى ۋە «ئۆزگىنى» باشقىلارغا چۈشەندۇرۈش، مۇئەييەن قىممەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. «چۈشەندۈرۈلگۈچى» ۋە  ئىشقا ئاشۇرۇلماقچى بولغان قىممەتنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن دۇنياۋى قىممەتكە، رايۇنلۇق قىممەتكە ۋە شەخسى قىممەتكە (بۇ قىممەتلەر نىسپى بولۇپ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئايلىنىدۇ.) ئىگە شېئىرلار مەيدانغا كىلىدۇ.
مەن بۇجەھەتتىكى تەتقىقاتچى بولمىغاچقا يەنە بىر نوقتىدا گاڭگىراپ قالدىم، كەسىپ ئىگىللىرى ۋە بۇ جەھەتتە چۈشەنچىسى چوڭقۇر تورداشلار ياردەم قىلىپ مەسلىنى يىشىشىپ بەرسە! شېئىرنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە تۈرلىرىنى يۇقارقى نوقتىدىن چۈشەنگەندە «ساپ شېئىر » قايسى دائىرىگە تەۋە بولسا مۇۋاپىق بولا، تەلىم بەرسەڭلار؟
ئەسكەرتىش: بۇ تىما ئىگىسىنىڭ ئالدىنقى يازمىسىغا قالدۇرغان ئىنكاس ئىدى. ئىنكاستىن كىيىن قارىسام مۇنازىرىنىڭ داۋامى بۇتىمىدا ئىكەن. بىلمىگەننى بىلىۋالاي دەپ بۇ يەرگىمۇ چاپلىدىم. تورداشلار توغرا  چۇشەنسىكەن دىگەن ئۇمۇتتىمەن. مەنمۇ تىما ئىگىسىنىڭ «4-يازما»سىنى مۇشۇ تىمىغىلا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن!

UID
22356
يازما
137
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
134 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 14:41:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر توغرىسىدا سەل چوڭقۇرلاپ مۇلاھىزە قىلايلى دەپتۇق، گەپنىڭ راستىنى دېگەندە، قىزغىنلىقى سوۋۇپ كەتكەن مۇنازىرىخان يالغۇز مەنلا ئەمەسكەنمەن. ئالپامىشنىڭ تېمىنى چېچىۋېتىشى ئۆزىگە پايدىلىق بولغان بىلەن سەل-پەل خورلۇق ھىس قىلىپ قالدىم. مۇنازىرىخانلارنىڭ ئىنكاسلىرى تويغا پولو توشۇيدىغان بالىلاردەك بىر دەم ئۇ «ئۆي»دە، بىردەم بۇ «ئۆي»دە دىكىلداپ يۈرسە مۇشۇمۇ ئىشما؟ « قانۇن» ئەپەندىمۇ سەل ھەرەج تارتىپ قاپتۇ مانا...
گەپنىڭ توچكىسىنى دېسەم، ئەلكۈيىدە شېئىر قىزغىن قارشى ئېلىنمايدۇ، تورداشلارنىڭ شېئىرغا بولغان ئىنكاسىمۇ سۇس. ھەم مېنىڭچىمۇ شۇنداق بولغىنى ياخشى. ھەممە مۇنبەرلەرگە شېئىرلارنىڭ توننىلاپ تۆكۈلۈپ تۇرىشىنى مەنمۇ پەقەت ياختۇرمايمەن، چۈنكى بىزدە مۇتلەق كۆپ ساندىكى شائىرلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى شۇ قەدەر تۆۋەنكى، كىشىلەرنى «پەقەت بىلىمسىز، مۇقامى تۆۋەن ئادەملەرلا شېئىر يازىدىكەن»دېگەن تەسىراتقا كەلتۈرۈپ قويۇشقان ئىدى. لېكىن ئەلكۈيىدەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ چوڭ كۆزنىكىگە ئايلىنىۋاتقان بۇ سورۇندا ئانچە-مۇنچە يۇقۇرى سەۋىيىلىك شېئىر ۋە ئۇ ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر بولۇش كېرەك، شېئىرمۇ كىشىلەر ئېھتىياجىنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچىلىرىنىڭ بىرى، دەپ قاراپ بۇ تېمىغا قىزغىن پىكىر قاتناشتۇرۇشنى خالاپ قالغان ئىدىم. كىم بىلسۇن، ئالپامىش تېمىنى مۇشۇنداق چېچىۋەتتى. مۇنازىرىخانلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆزىگە ئىلماي ئۆزىنىڭ يازغانلىرىنى ماقالە تۈسىگە كىرگۈزمەكچى بولدى. بۇ ئاتالمىش ماقالىلەرنىڭ سەۋىيىسى كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ دەپ قوياي، سىز ئارزۇ قىلغان مەتبۇئات ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدۇ. بىرەر يەرلىك ژورنالنىڭ كاللىسى رۇدېمېنتلىشىپ كەتكەن تەھرىرىگە ياراپ قالغان تەقدىردىمۇ، چىلەڭگۈش ئۇقۇملارنى يەنىلا كۈچ سەرپ قىلىپ تەھرىرلىشىگە توغرا كېلىدۇ. چۈشەنچە كونا، ماز چايناش ئېغىر، ئىنكاس شەكلىدىن قىزغانغۇدەك خاسلىقى يوق.
«قانۇن» ئەپەندى شېئىرىيەت بىلەن بەك ئەسرارلىشىپ باقمىغان شارائىتتا ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ خېلى ياخشى پىكىرلەرنى قىپتۇ.
قارىغاندا، ئەڭ ياخشىسى، بىز ئەلكۈيىدە يەنىلا ئەمىلىي تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان مۇۋەپپىقىيەتشۇناسلىق، پاراسەتشۇناسلىق، سىياسىي- ئىقتىساد، ئائىلە ۋە مۇھەببەت توغرىسىدا كەڭ تۇشا پاراڭلىشىپ ئۆتكىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ. ئاجايىپ مېجەزلەرگە كۆنمەك بەك تەس ئىكەن...


تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
245
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
635
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-26
توردا
187 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 18:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنازىرىخانلارنىڭ ئىنكاسلىرى تويغا پولو توشۇيدىغان بالىلاردەك بىر دەم ئۇ «ئۆي»دە، بىردەم بۇ «ئۆي»دە دىكىلداپ يۈرسە مۇشۇمۇ ئىشما؟
____________________________________________________________
ماۋۇ ئوخشىتىشتىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كېتىپتىمەن. «پولو توشۇغۇچى»، ھا ھا، نېمە دېگەن ئوبرازلىق، جايىغا چۈشكەن ئوخشىتىش بۇ. قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە قايىلمەن. مۇشۇنداق جۇلالىق ئىبارىلەر مىڭ ئېغىز كاپ - كاپتىن ئەلا.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-28 23:32:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئوتتۇرغا قويىدىغان پىكىرلەر يۆۋەندىكىچە:
  بىرىنچى: تورداش ئادىل قانۇن ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ قىپتۇ.ئۆزى ئەدىبىيات ساھەسى ئادىمى  بولمىسىمۇ  مەسىلىنىڭ مېغىزىنى دەل جايىدا تۇتۇپ تۇرۇپ شئېىرنىڭ ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى بولمايدىغانلىقى ۋە ئجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى بولىدىغانلىقى شئېىرنىڭ يەككە شەخس  تۇيغۇسى ياكى كۆپلچىلىككە قارىتىلغان تۇيغۇ توغۇرلۇق بەلگىلدىغانلىقى ھەققىدە ئومۇمى نوقتىدىن توغرا مۇلاھىيزە يۈرگۈزۈپتۈ.يەنە بىرى  « ساپ شئېىر'»  قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغان سۇئالى بىزنىڭ شئېىريەتتىن ئىبارەت يادرولۇق تېمىدىن چەتنەپ كەتكەن مۇنازىرىمىزنى يۈزدە-يۈز جايىغا ئەكىلىشكە تۈرتكە بولىدىغان سۇئال بوپتۇ.چۈنكى بۇ مۇنازىرنىڭ ئەسلى باشلىنىشىمۇ «ساپ شئېىر » ئۇقىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان « قانىغان قان» ناملىق شئېىرغا ئىنكاسلارنى يېزىشتىن باشلانغان.«ساپ شېئىر » نىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاخىرقى مۇلاھىيزەمدە شەخشى قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.
     ئىككىنچى: تورداش ئەنۋەر جۇلانىڭ ئىنكاسىغا قارىتا پىكرىم تۆۋەندىكىچە: مەن ئاۋال ئوتتۇرغا قويغان تېما «شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرۇچ » بولۇپ،شئېىرىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىتىلغان  ئىدى.شۇ تېمىلىق ماقالەمگە قارىتا ھەر خىل ئىنكاسلار چۈشكەن بولسىمۇ «خەلققە يېقىنلاشقىنىڭ شئېىردىن يىراقلاشقىنىڭ ،شئېىرغا يېقىنلاشقىنىڭ خەلقتىن يىراقلاشقىنىڭ » دىگەن ئىنكاس روشەن پەرققە ئىگە
ئىدى.بىر قارىماققا بۇ گەپ مۇنداقلا دەپ قويغان ئاددى گەپتەك كۆرۈنىدۇ.يەنە بىر قارىماققا ئاددى گەپ بولماستىن مۇستەقىل پىكىر-ئىدىيەنىڭ بىشارىتىدەك تۇيىلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن مەن بىر تەرەپتىن شئېىرنىڭ «ساپ شئېىر » بولىشىغا سادىق بولۇش يەنە بىر تەرەپتىن ئوخشىمىغان سەۋىيەدىكى،ھەر خىل قاتلامدىكى كىشىلىرىمىزدىن تەشكىل تاپقان خەلقنىڭ شئېىردىن بەھە ئېلىشىنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە تەڭ ئېتىبار بېرىش زۈرۈر دىگەن پىكىر گەۋدىلەندۈرۈلگەن ئىككىنچى ماقالەم « شەيىلەرنى پۈتۈن نەزەردە كۆرۈشكە ئادەتلىنەيلى» نى يازدىم.مەخسىدىم ئەنۋەر جۇلا ئوخشىمايدىغان،ئۆزگىچە قاراشلىرى بولسا چوقۇم ماقالە يېزىپ تەپسىلى ئاساسلىرى بىلەن ئوتتۇرغا قويىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.لىكىن ئىش ئۇنداق بولمىدى. ئەنۋەر جۇلا ماقالە يېزىشنىڭ ئورنىغا « شئېىر ئىجتىمائىلىقتىن بۇرۇن بارلىققا كەلگەنمۇ ياكى ئىجتىمائىلىقتىن كىيىن بارلىققا كەلگەنمۇ ؟» دىگەن سۇئالنى قويغان.ئويلاپ باقسام بۇمۇ مۇلاھىيزە قىلىشقا ،ئىنچىكە تەھلىل قىلىشقا ئەرزىيدىكەن دەپ ئويلاپ،« شئېىر ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى » ناملىق 3-ماقالىنى يازدىم.شئېىر ئالدى بىلەن تىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا  گەپنى تىلدىن باشلاشقا توغرا كەلدى.لىكىن توخۇ يۈرەك قاتارلىق تورداشلار تىلنىڭ دىن بىلەن بولغان باغلىنىشىنى كۆتۈرۈپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە كىيىنكى ھالەتكە كېلىپ قالدى.
     مېنىڭ  مۇنازىرە تېمىسىنىڭ چەتنەپ كېتىشىدە سادىر قىلغان يېتەرسىزلىكىم : (ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ئېيتاي) دەسلەپكى « شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرۇچ» ناملىق ئەھمىيەتلىك تېمىدا چىڭ تۇرماي،ئەنۋەر جۇلانىڭ ئىككى قېتىملىق ئىنكاسىغا ئىككى قېتىم ماقالە يازغانلىقىمدا. مەن ئەنۋەر جۇلانى ئەدەبىيات نەزىريىسىدىن خېلى چوڭقۇر خەۋاردار بولغاندىكىن كۆزقارىشىنى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ماقالە شەكلىدە ئوتتۇرغا قويۇپ تور ئەھلىگە سۇنىدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.لىكىن خاتالىشىپتىمەن.
     ئەنۋەر جۇلانىڭ سادىر قىلغان يېتەرسىزلىكى ئىككى تۈرلۈك: بىرى:«شەيىلەرنى پۈتۈن نەزەردە كۆرۈشكە ئادەتلىنەيلى » ناملىق ماقالەمگە يازغان ئىنكاسىدا ۋە ئاخىرقى ئىنكاسىدا مېنىڭ يېزىش ئىقتىدارىمنىڭ چاغلىقلىقى توغۇرلۇق ئەسكەرتىپ ئۆتۈپ كەتكەن.مەن رەنجىمىدىم.ئىقتىدارىمنىڭ قانداقلىقى ئۆزۈمگە ئايان.شۇنداقلا خەلققە غورىنى ياكى شىرىن مىۋىنى سۇنغانلىقىم ئاخىرىدا ئايان بولىدۇ.ئەنۋەر جۇلا مۇنازىرە باشلانغاندىن بۇيان تېمىنى بۇراش،ئەسلى تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش يېتەرسىزلىكىنى سادىر قىلدى دەپ قارايمەن.«شئېىرغا يېقىنلىشىش'» دەپ ئىنكاسىدا ئوتتۇرغا قويغان شئېىريەتكە تەۋە ئەسلىدىكى پىكرىگەھازىرغىچە  تورداشلارغا تەپسىلى ئىزاھلاشنى يەتكۈزۈپ باقمىدى.

      ئەنۋەر جۇلانىڭ 2-يېتەرسىزلىكى ئامالىنىڭ بېرىچە مەسۇليەتتىن قېچىش جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ.ئەنۋەر جۇلا ئاخىرقى قېتىم يازغان ئىنكاسىدا «ئەل كۈيىدە شئېىر قىزغىن قارشى ئېلىنمايدۇ.» دەپ گېپىنى باشلاپ «ئەڭ ياخشىسى بىز ئەل كۇيىدە مۇۋاپىقىيەتشۇناسلىق،پاراسەتشۇناسلىق...ھەققىدە» پاراڭلىشىپ ئۆتسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.» دەپ تۈگەتكەن.يۇقۇرقىلار ئاشكارە مەسۇليەتسىزلىك قىلىش بولماي نىمە؟ ئەل كۈيىدە شئېىر قارشى ئېلىنمىسا ئۇنداقتا «شئېىريەت گۈلزارى» كۆزنىكى قنداق تەسىس قىلىندى؟ ھازىرقى مۇنازىرە دەل شۇ كۆزنەكتە بولىۋاتىدىغۇ؟ئەل كۈيى مۇنبىرىدە «مۇۋاپىقىيەتشۇناسلىق،...»قاتارلىق ھەرقايسى ساھە،كەسىپ،پەن،تەتىقاتقا ئايرىم-ئايرىم كۆزنەكلەر بارغۇ؟ھەر قايسى كۆزنەكلەر ئۆز ئالدىغا ساھەنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە ئۆز سەھىپىلىرىنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ كېلىۋاتمامدۇ؟كىمنى-كىم تۇتىۋاپتۇ؟
    مەن ئەنۋەر جۇلانىڭ ئاخىرقى ئىنكاسىنى شئېىريەت گۈلزارى كۆزنىكىگە كىرىۋاتقان تورداشلارنىڭ ئەستايدىل كۆرۈپ بېقىشىنى شۇنداقلا تورداش ئادىل قانۇننىڭ ئىنكاسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ،قايسى ئىنكاسنىڭ توغرا كۆز قاراش بىلەن،قايسىنىڭ مەسۇليەتسىز ،بىر تەرەپلىمە كۆز قاراش بىلەن يېزىلغانلىقىنى ئايرىپ ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇڭا كۆپ گەپ قىلمايمەن.

    ئۈچۈنچى: ئاخىرىدا «ساپ شئېىر » ئۇقۇمىغا شەخسى قارىشىم بويىچە پىكرىمنى ئېيتىپ ئۆتەي:
  ئادەتتە ئەدەبىيات بىر پەن دەپ قارىلىدۇ يەنە تىل سەنىئىتى دەپمۇ قارىلىدۇ.ئەدىبىيات قوش ياقىمىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە.بىرى: ئەكىس ئەتتۇرىلىدىغان مەزمۇن جەھەتتىن ماددى ئالەم،روھى ئالەم،مىكرو جەھەتتىن ئىجتىمائى پەنلەر مەزمۇنى ئەدىبىياتتا ئەكىس ئېتىدۇ.يەنە بىرى:ئەدىبىيات ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە سەنەت بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.مۇزىكا،رەسىم،ئۇسۇل،قۇرۇلمىچىلىق قاتارلىق سەنئەتلەرنىڭ ئىپادىلەش خۇسىسىيەتلىرى ۋە ئوبرازلىق يەپەككۇر،يىغما تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئۇسۇللىرى ئەدىبىيات بىلەن ئوخشاش.«ساپ شئېىر» ئۇقىمىنى بىز مۇزىكا ئىلمىدىكى «تىڭشاق پەدىلەر» ئوخشاتساق بولىدۇ.ئابدۇللا ئابدۇرھىم ئېيتىۋاتقان مۇھەبەت ناخشىلىرىمۇ ئالدى بىلەن ساپ شئېىردۇر.ساپ شئېىر-پۈتۈنلەي رەسىم،مۇزىكا،ئۇسۇل سەنىئتىگە ئوخشاش ئوبرازلىق كۆرۈنۈش،قىزغىن،چوڭقۇر كەيپىيات ،ئىنتايىن نەپىس تىل بىلەن يېزىلغان مەنا-مەزمۇننى ئوچۇق ئىپادىلەشتىن خالى بولغان شئېىرلارنى كۆرسىتىدۇ.ساپ شئېىرلاردىن پەقەت ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ لىكىن بىلىم ۋە تەربىيە ئالغىلى بولمايدۇ. ئۇستاز شائىر بۇغدا ئابدۇلانىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شئېىرلىرى ساپ شئېىردۇر.ساپ شئېىرلار ئاممىباپ شئېىرلاردىن روشەن پەرقلىنىدۇ.ساپ شئېىرلارغا قارىغاندا ئاممىباپ شئېىرلارنىڭ بىلىم بېرىش،تەربىيە بېرىش رولى چوڭ بولىدۇ.بىراق ئاممىباپ شئېىرلارنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ.
    مەن ساپ شئېىر ھەققىدىكى چۈشەنچىنى شئېىريەت نەزىريىسى جەھەتتە مول،چوڭقۇر بىلىمى بار تورداشلارنىڭ تېخىمۇ  ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.
    ئىزاھات : چۈشىنىشلىك شئېىر ئاممىباپ شئېىرلارغا،ھوزۇرلۇق شئېىر ساپ شئېىرلارغا قارىتىلىدۇ.
         ئەزىز ھېيىت كۈن: ئالپامىش    2012-يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى

UID
22356
يازما
137
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
137
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
134 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 02:08:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئېزىز، سىز جەڭگىۋار، خەلققە نان تېگىدىغان، ئۇسسىغان يەرگە بارىدىغان شېئىرىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋېرىڭ. ئوتتۇرمىزدا خاتا چۈشۈنۈش بولۇپ قالمىسۇن، سىز %70 ئادەم ياختۇرسا ياخشى ئەسەر دەپ قارايدىكەنسىز، بۇمۇ خاتا ئەمەس، ئۇيغۇرغا ئالدى بىلەن خەلققە ۋەكالىتەن شائىرلار كېرەك، %20 گۈل-گىيا، مەنزىرىچى شائىر بولمىسىمۇ بولمايدۇ، يەنە %5 پېرسەنت بايراملىق شائىر بولمىسىمۇ گۇڭسەنداڭ مەتبۇئاتنى توختىتىدۇ، %5 ساپ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانسۇن. بۇ ئادىل تەقسىمات.
مەنغۇ شېئىرنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇرمىنى، كۇنىگە 5-6 پارچە ياخشى شېئىر ئوقىمىسام ئۇخلىمايدىغىنى، يېقىندىن بۇيان شېئىرمۇ تەرجىمە قىلىۋاتىمەن. بۇرۇن مەنمۇ سىزدەك قارايتتىم، سەنئەتتىن كۆرە جەڭگىۋارلىق، بىلدۈرگىلەرنى ياخشى شېئىر دەپ قارايتتىم. لېكىن ئوقۇرمەنلىكىم چوڭقۇرلاشقانسېرى شېئىرنىڭ ھەقىقىي لەززىتىنى تىلنىڭ كېڭەيمە بوشلۇقىدىن ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم. شائىرلارنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا روزىغارى يوق، بىز كۆنگەن تىل قاتتىق تىل، سىياسى تىل ۋە ئىجتىمائىي قېلىپلاشقان تىلدۇر، ئۆلۈك تىلدۇر، لېكىن شائىرلار تىلنى بۇ خىل قېلىپتىن قۇتقۇزىدىغان ئاغدۇرمىچىلاردۇر. بۇ خىل ئاغدۇرمىچىلىق بولمىسا تىل بېيامدۇ؟ مېنىڭچە، ئۇيغۇرنىڭ تىلدىن باشقا ئىسترىھكامى بولمىسا كېرەك قوغدايدىغانغا.
مېنىڭ ماقالە شەكلىدە بىر نەرسە يازمايدىغىنىم مېنىڭ بىر مەزگىللىك تاللىشىم. مەنمۇ يېزىق مەدەنىيىتىدە بىر ئىككى تىلدا پىشمىسام بولمايدۇ. قولۇمدا نۇرغۇن زاكاسلار بار ئىجادىيەتنى قۇربان قىلىپ قىلىدىغان. ئۆگەنمەي يازساقلا چىقىدىكەن دەپ يېزىۋەرگەن بىلەن سەۋىيەنى قەدەممۇ-قەدەم ئاشۇرمىساق كېيىن ۋاي ئېسىت دەپ قالىدىغان گەپ. بولمىسا تور بىلەن مەتبۇئاتنى كۆمىۋەتكۈدەك نەرسىلەر كومپيۇتېردا خېلى بار...
ھازىر خەنزۇلارنىڭ ۋە دۇنيا شېئىرىيىتى ئاددىيلىق ئىچىدىكى مۇرەككەپلىك، سەنئەتسىزلىك بىلەن سەنئەت گىرەلەشكەن بىر خىل ئۇسلۇپتا مودا بولماقتا. خەقنىڭ قورسىقى توق، باشقا غېمى يوق، سىز ئۆز قەلبىڭىز ئېيتقىنىغا ئىشىنىڭ. قانداق ئىلھام كەلسە شۇنى يېزىڭ، ئەڭ ياخشى ئەسەر سىز ياخشى كۆرگەن ئەسەر شۇدۇر.

باھا سۆز

ArislanMemet  سىزگە قايىل بولۇپ قېلىۋاتىمەن.ئالدىنقى ھۆرمەتسىزلىكىنى كەچۈرۋېتىڭ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 03:12:39

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 04:01:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىكرىمنى بايان قىلىپ ئۆتەي:
بىرنچى: ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىنىڭ تۇنجى قېتىم  مېنى  دوستۇم ئېزىز دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن سۆيۈندۈم.چۈنكى بۇ گەپ ماڭا بىز ئەزەلدىن تونۇشمىساقمۇ ھەم بىرەر قېتىم كۆرىشىپ باقمىغان بولساقمۇ  ئەڭ سەمىمى ،ئەڭ مەسۇليەتچان بىر ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكىدىكى قېرىنداشلىق مۇ8ھەبىتىنى ئىپادلىدى.
  ئىككىنچى : ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى سىزنىڭ ئۆز پىكرىڭىزنى بولۇپمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا ئۆزىڭىزنىڭ شەخسى قارىشىڭىز مەيدانىڭىز بويىچە ئېيتقاندا توغرا.سىز ئۆزىڭىزنى يەككە شەخىس نوقتىسىدىن ئېيتقاندا پەقەت ئۆزىڭىزگىلا  ۋەكىللىك قىلىدىغان ئادەم .لىكىن سىزئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئەل كۈيى مۇنبىرى نىڭ شېىريەت سەھپىسى نىمە ئۈچۈن تەسىس قىلىندى؟ ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن  بۇ سەھىپىدە نىمە ئۈچۈن ئىمكان قالدۇرىلىدۇ؟ مېنىڭچە ھەر قانداق تورغا جۈملىدىن ئەل كۈيى تورىنىڭ مۇنبىرىگە كىرگەنلەر بۇ نوقتىنى ئويلىشى زۈرۈر..بولۇپمۇ ماڭا ھەم سىزگە ئوخشاشلارغا.
       ئۈچ

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 05:20:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچۈنچى:گەپنىڭ مېغىز-جېنىنى دىيىشنى ئەتىكى كۈنگە قالدۇردۇم.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 20:25:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     شئېىرنىڭ ئۆلۈمى
  
   يازساڭ  شئېىرنى  ئۇيغۇر تىلىدا
    ھېچ بىلەلمىسە  مىڭلىغان  ئۇيغۇر،-
    شئېىرىڭنىڭ نەق ئۆلىمىدۇر ئۇ.
    ئۇيغۇرۇم  شۇنى  ئويلىغىن چوڭقۇر.

          شئېىرنىڭ خىتابى

     مەن-بەئەينى  رەڭگا-رەڭ  گۈلزار.
     ماڭا تەڭكەش  ئوخچىغان  بۇلاق.
     تەشنا دىللارغا  كەۋسەردەك سىڭىپ،
     ئەلنىڭ ئۆمرىدەك ياشايمەن ئۇزاق.

            ئۆز-ئۆزۈمگە  سۇئال

      كۆزۈم  سېنىڭدە.
      قۇلىقىم سېنىڭدە.
      سۈزۈك سۆھبەت قىلغىلى
      بارمۇ  غەيرەت سېنىڭدە؟

       2012-يىل،3-ئاينىڭ 1-كۈنى يېزىلدى.
       ئەزىز ھېيىت كۈن: ئالپامىش

UID
8041
يازما
66
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1896
تىزىملاتقان
2010-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-1 22:35:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىكرو ئوبزور:
مەن ئالپامىش ئەپەندىنىڭ 39-قەۋەتتىكى ھەر بىر شېئىرىنى ئوقۇغىنىمدا غەلىتە بىر ئىنى ھېس قىلدىم. يەنە ھەر تۆت مىسرالىق شېئىرنى ئوقۇش جەريانىدا بىرىنچى مىسرانى ئوقۇپ ئىككىنچى مىسراغا ئۆتكىنىمدە بىرىنچە مىسرا، ئىككىنچى مىسرادىن ئۈچۈنچى مىسراغا ئۆتكىنىمچە ئىككىنچى مىسرا، ئۈچۈنچى مىسرادىن تۆتىنچى مىسراغا ئۆتكىنىمدە ئۈچۈنچى مىسرا بىر بىرلەپ ئۆلۈپ باردى. ئۈچ پارچە شېئىرنىڭ كۈلىماتسىيە نۇقتىسى تۆتىنچى مىسرا بولۇپ، تۆتىنچى مىسرا مېنىڭ بۇ شېئىرنىڭ ئوقۇرمەنلىك سالاھىيىتىمدە ئۇقۇش جەريانىمدا ھەرپمۇ ھەرپ ئۆلۈپ ماڭدى. مېنىڭچە ئالپامىش ئەپەندى بۇ شېئىردا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان سۆزلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولسا ئۇ ئىنكاسنىڭ ئۈنۈمى بۇ شېئىرغا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولاتتى. چۈنكى گەپ شېئىر بولمايدۇ. بۇ شېئىردىن مەن ئوقۇرمەن شائىرنى يارىتىدۇ، دېگەن يەكۈننى ھېس قىلدىم. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا ئوقۇرمەنمۇ ھەم ئوقۇمەن ياراتقان شائىر ۋە شائىر ياراتقان شېئىرمۇ ئخلۈپ بارغان بىلەن باراۋەر بولىدۇ. بۇنداق ئۆلۈمنى بىز ‹‹ چاچراپ كېتىپتۇ ›› دەيمىز. مەن جۇلانىڭ پىكىرىنى قوللىدىم. شائىر ئوقۇرمەننى يارتىشى كېرەك. ئوقۇرمەن دېگەن گەپ خەلى دېگەن بىلەن تەڭ بولمايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمىلا ئوقۇرمەن بولالايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش