0991sumruh يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 22:36 
«تىلسىز تەپەككۈر بولمايدۇ»
بۇنداخ دېسەك گاچا بىلەن سا ...
سۇمرۇغ خانىم، دېگىنىڭىز توغرا، تەپەككۈر قىلالمىغان ئادەمنى ئەلۋەتتە ساراڭ دەيمىز. ۋەھالەنكى تۇغما گاس - گاچىلار ساراڭ ئەمەس، ئۇلار نورمال تەپەككۈر قىلالايدۇ. بىراق ئۇلار سىز دېگەندەك يېزىق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئىما - ئىشارەت ئارقىلىق مەقسىتىنى بىلدۈرىدۇ (سۆزلەيدۇ). بۇ يەردە «تۇغما» دېگەنگە دىققەت قىلايلى. تۇغما گاسلار مۇتلەق ھالدا گاچا بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئىنتايىن جاپالىق مەشىقلەر ئارقىلىق ئانچە - مۇنچە سۆزلىيەلەيدىغان بولغانلارمۇ بار. بۇلارنى مۆجىزە دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن. تىل ئۇقۇمى بولمىغان بۇ كىشىلەرگە تىلنىڭ ماددىي ئىپادىلىنىش شەكلى بولغان يېزىقنى (بولۇپمۇ فونىتىكىلىق يېزىقنى) بىلدۈرۈشمۇ قۇرۇق ئاۋارىچىلىق خالاس. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلايلىكى ئىما - ئىشارەت تىلىنى گەرچە تىل دەپ ئاتىساقمۇ، بۇ خۇددى بايراق تىلى، گۈلخان تىلى دېگەندەك سىمۋۇللۇق خاراكتىردىكى سۈپەتلەش، خالاس. ھەرگىزمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى تىل ئەمەس. ئىما - ئىشارەت تىلى تۇغما گاس - گاچىلار تەپەككۈرىنىڭ بىر خىل سىرتقى ھەرىكەتلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىدىمۇ مۇشۇنداق ھەرىكەتلىك سىزما ھالەتتە تەپەككۇر قىلىنامدۇ ياكى زادى قانداق رەۋىشتە تەپەككۈر تەسۋىرى بولىدۇ؟ بۇنىڭغا ئېنىق جاۋاب يوق.