ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئىگىسى: ALPAMIX

شئېىر -ئىجتىمائىلىقنىڭ مەھسۇلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
560
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
560
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
210 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 00:25:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن مۈنبەردىكى شائېرلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن. بىر قانچە قېتىم ، ئۆزۈمچە شىلتىڭ ئېتىپ ، كەلسە-كەلمەس ئىنكاسلارنى يېزىپ يۈردۈم .

قىشتا دەم ئالىدىغان كەسىپ بىلەن شۇغۇنلانغاچقا يېرىم ئايدىن بۇيان مۈنبەردە لاغايلاپ يۈرۈپ ھەر خىل تېمالارنى بىر قۇر كۆرۈپ بوپتىمەن. مۈنبەردىكى كىشلەرنىمۇ بىر قۇر تونۇپ چىقتىم . ھەممە تېملاردا بېلجىرلاپ يۈرۈپ ، يېرىم ئايدا دەرىجەم ئۈمىدلىك ئەزاغىمۇ ئۆسۈپ قاپتۇ . تولا خەت يېزىپ ئىملايممۇ ياخشىلىنىپ قالغاندەك ھىس قىلىدىم. قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي . مۈنبەردىكى شىئېر يازىدىغان تورداشىلىرىمىزدىن بىر قانچە كىشىنىمۇ تونۇپ قالدىم ، جىن ، ئالپامىش ، ئەنۋەر-جۇلا ، گۈلدار ھەم ئىسمىنى ئېسىمدە تۇتالمىغان يەنە بىر نەچچە تورداشلىرىمىز بار ئىكەن، لىكىن ھەممىنى يىغىپ ئەكەلسەك بارماق بىلەن سانىغىلى بولىدىكەن ، 10 ئادەمدىن ئاشمىغۇدەك ، گەرچە سانى ئاز بولسىمۇ يەنىلا تىرىشىپ ئەجىر قىلىۋېتىپسىلەر ، ئەجىرىڭلارنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزى بېرەر ، ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت . شىئېرغا قىزىقىدىغان ، ياقتۇردىغان تورداشلارمۇ خېلى كۆپ ئىكەن ، ھەر خىل ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ.
ئۆزۈم جۇڭگۇنىڭ ئىچكىرى رايونلىرىدا ئوقۇپ چىققان بولغاچقا شۇ جايلاردىكى مائارىپ تۈزۈلمىسىدىن خەۋەردار ، جۇڭگۇنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى تېخىچە ئۆلچەملىك جاۋاب ، نەتىجە ئۈچۈن ، ئىمتاھان ئۈچۈن ئۈگىنىش ھالىتىدە ، ھەممىمىز مۇشۇنداق مائارىپنىڭ ئۆلچەملىك مەھسۇلاتىلىرى بولغاچقا ، پىكىر - ھېسياتلىرىمىزنىڭ قاناتلىرى ئاللىقاچان قرقىپ تاشلانغان ، تەپەككۈرىمىز ئەركىن قانات قاقالمايدۇ . سىلەرنىڭ ئەركىن تەپەككۈر قىلىپ يازغان شىئېرىڭلارنىڭ بىزگە ياقماسلىقى تۇرغانلا گەپ ، گەپنى ياساپ ، پەردازلىماي ئوچۇق قىلىپ ئېيتسام چۈشەنگۈدەك قابىلىيەت تېخى يوق ، شەخسەن مەن شۇنداق . مەن ئاممىباپ شىئېرلارنىڭ ئوقۇرمىنى ، ئۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەن شىئېرلاردىن مەنىۋى ئوزۇق ئالالمايمەن . بۇنداق دىگىنىم سىلەرنى ئاممىباپ شىئېر ياز دەپ قىستىغانلىقىم ئەمەس ، ھەر قانداق سەنئەتنىڭ دەرىجە قاتلىمى بولىدۇ . سەنئەتلا ئەمەس ، بارىلىق بىلىم قاتلاملىققا ئىگە ، باشلانغۇچتا تۆت ئەمەلنى ئۈگەنسەك تۇلۇقسىزغا چىققاندا بىر قەدەم يۇقىرلاپ مۇسپەت ، مەنفىي ئۇقۇملىرىنى ئۈگۈنىمىز ، گېئومېتىريە دەرسلىكىرى قېتىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەبتە بولسا تېخىمۇ بىر بالداق ئۆرلەيمىز . مۇشۇنداق دەرجىمۇ - دەرىجە ئۆرلەپ ئاخىرىدا ئالى ماتىماتىكا بىلىملىرى بىلەن تونۇشىمىز ۋە ئۈگۈنىمىز . بۇ مىسال ئارقىلىق شۇنى دىمەكچىمەنكى مۇشۇ مۈنبەردىكى شائىرلار ھەدىسە بىر - بىرىڭلار بىلەن دەت - تالاش قىلماي مېنى ۋە ماڭا ئوخشىغانلارنى تەربىيەلەش مەسئۇلىيېتىنى زىممىڭلارغا ئالساڭلار بولاتتى . ئاساسلىق مۇنازىرە بولىۋاتقان تېمىلاردىكى ئىنكاسلارنى بىر - بىردىن ئوقۇپ چىقتىم ، ھەممىڭلار شىئېرنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ئېچىنىدىكەنسىلەر ، ئەنۋەر جۇلا ئوتتۇرىغا قويغان شىئېر تىلنىڭ ئاخىرقى ئىستىھكامى دىگەن گەپ ماڭا بەك ياراپ كەتتى . ھەم ھەممىڭلار مۇشۇ ئىديە ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋېتىپسىلەر . شۇڭلاشقا ھەر كىم ئۆز قابىلىيتىگە يارىشا بىلىم بەرسە بىزمۇ سىلەر يازغان شىئېرلاردىن بەھىر ئالساق .
ئېينىشتىيننىڭ تار ۋە كەڭ مەنىدىكى نېسپىلىك نەزىرىيېسى يېڭى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋاقىتتىمۇ نۇرغۇن قارشىلىقلارغا ئۇچىرغان ، كىين تەجىربىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلاندى، ئەلۋەتتە تەبىئى پەن بىلەن ئىجتىمائى پەننى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. پىكاسونىڭ ئەسەرلىرى نۇرغۇن ئادەملەرگە ياقمايتى ، ئۇ سىزغان رەسىملەرنى مەن ھىلھەم چۈشەنمەيمەن . لىكىن ھازىرقى رەسساملىق ساھەسىدە پىكاسۇ مۇتلەق ئىتراپ قىلىنىپ يېقىنىقى زامان رەسساملىقىنىڭ باشلامچىسى ، ئۇستازىغا ئايلاندى . مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە سىلەرمۇ شىئېريەتتىكى يۈكسەكلىككە قاراپ ئىنتىلىپ قەدەم تاشلاۋېتىپسىلەر ، ماڭا ئوخشاش چۈشەنمىگەنلەر ئەلۋەتتە ئۇنى - بۇنى دەپ باقىمىز ، بەزىدە دەشنەم بېرىپمۇ قالىمىز ، بۇنىڭلىق بىلەن بىزنى تاشلاپ قويماڭلار ، بىلمىگەنگە بىلدۈرۈش سىلەرنىڭ مەسئۇلىيېتىڭلار . مۇنبەردىكى قايسى بىر تېمىدىن كۆرگەن ھىكايە : ئاياق ياسايدىغان بىر شىركەت ئىككى خادىمىنى چەت بىر يەرگە مەھسۇلاتلىرنى سېتىشغا يوللاپتۇ . بۇلارنىڭ بىرى بىر ئايدىن كىين قايتىپ كېلىپ بارغان يەردىكى كىشىلەر پۇتىغا ئاياق كىيمەيدىكەن ، ئۇ يەردە سودا قىلىغىلى بولمايدىكەن دەپ دوكىلات قىپتۇ ، يەنە بىرى بۇ يەردىكى ئادەملەر ئاياق كىيىشنى بىلمەيدىكەن ، مەن ئۇلارغا ئاياق كىيشىنى ئۈگەتتىم . ھازىر مەن ئاپارغان ماللار سېتىلىپ تۈگىدى يەنە مال سېلىپ بېرىڭلار دەپ تېلگىرامما يوللاپتۇ .

UID
2658
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 17:48:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەپنىڭ توچكىسىنى دېسەم، ئەلكۈيىدە شېئىر قىزغىن قارشى ئېلىنمايدۇ، تورداشلارنىڭ شېئىرغا بولغان ئىنكاسىمۇ سۇس. ھەم مېنىڭچىمۇ شۇنداق بولغىنى ياخشى. ھەممە مۇنبەرلەرگە شېئىرلارنىڭ توننىلاپ تۆكۈلۈپ تۇرىشىنى مەنمۇ پەقەت ياختۇرمايمەن،


مەن ئەلكۈيىگە 2010- يىللىرىدىن باشلاپلا كىرىپ تۇرىۋاتىمەن. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا ئەزالىق نامىمنى تىزىملاتماي، مېھمان سۈپىتىدە كىرىمەن. يېقىنقى بىر نەچچە ئاي مابەينىدە ئەلكۈيىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان تېمىلارنىڭ بىر- بىرىدىن سەرخىللىقى، ئىنكاسلاردىكى دەلىللەرنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن سۆيۈنۈپ، ئالدىنقى كۈنلەردە يېزىلاردىكى دېھقان قېرىمداشلىرىم بىلەن سوقا سۆھبەتتە بولغانلىرىمغا ئاساسەن يازغان شېئىرىمنى بايا تېخى مۇنبەرگە يوللاپتىكەنمەن، مۇنبەرگە ئىككى يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم تېما يوللاپ، تەستىقتىن ئۆتمەي تۇرۇپلا كۆڭلۈم غەش بولۇپ قالدى دىسە...
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنبەرگە دەسلەپتە تىزىملاتقاندا بىرەرسى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىغۇ مەنمۇ دىققەت قىلار ئىدىم. شېئىرىيەت توغرىسىدا مەخسۇس سەھىپە بولغاندىكىن  كۆڭلۈمگە ياققان پىكىرلەرنى قېرىمداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ ئويلىغىنىم ياخشى بولمىدىمۇ نىمە؟

UID
2658
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-24
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 17:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە يەردە ئىملا خاتالىقى سادىر قىلغانىكەنمەن، گۇناھىمنى تونۇپ، توغرىلاپ قوياي دىسەم تەھرىرلىيەلمىدىما؟

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 19:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تازا قىزىۋاتقاندا ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم.چۈنكى يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان ئىنكاسقا قارىتا ئۆز پىكرىمنى 3 قېتىم ماقالە شەكلىدە ئوتتۇرغا قويدۇم.بىر قىسىملار تېمىنىڭ چەتنەپ كېتىشىنى مەندىن كۆرۈشتى.ئەسلىدە تۈگمىگە يەنى ئۇششاق ھالقىلارغا ئېسىلۋالماي تۆگىگە يەنى باش تېمىنى چۆردەپ پىكىر بايان قىلىشقا تېگىشلىك ئىدى.مەن شۇنى ئۈمىد قىلداتىم.لىكىن ئۆز ئارا كۆزقاراش ۋە چۈشەنچە جەھەتتە پەرقلىنىدىكەنمىز.تورداشلارنى زىرىكتۈرمەي دەپ 3 تۈرلۈك پىكرىمنى ھازىر جاۋاپلىق  ئۈچ قىسقا شئېىر شەكلىدە يىغىپ بايان قىلدىم.3 كۇپلىت  شئېىر پەقەت مۇشۇ ئىنكاس كۆزنىكى ئۈچۈنلا يېزىلغان. بىرىنچى شئېىردا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ ئاھالىسى باشقا تىلدا ئەمەس دەل ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شئېىرنى ئاڭقىرالمىسا ،ئۇنىڭدىن ھوزۇر ئالالمىسا قانداق بولىدۇ ؟ دىگەن سۇئالنى ئوتتۇرغا قويۇشتۇر.بۇ شئېىرنى ھەدىدىدىن زىيادە غۇۋالاشتۇرۇش-گۇڭەالاشتۇرۇش تەرەپدارلىرىغا قارىتىلغان.
    بىر قىسىم يەنى ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ نەزرى بويىچە ئېيتقاندا شئېىريەتنىڭ قانۇنىيىتىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كەتمىسىلا 90 پىرسەن ئادەم ئاڭقىرالمايدىغان دەرىجىدە گۇڭگا يېزىلسىمۇ كېرەك يوق.لىكىن ئۇ شئېىر تۆۋەن زوقلىنىش قاتلىمىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن شئېىر ئەمەس.ئەلۋەتتە.شائىردا ئىككى خىل مېڭە بولىشى كېرەك.بىرى شئېىريەتنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن يېڭى بەدئى پەللىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە «مىڭ جان » بەرسىمۇ ئەرزىيدۇ.يەنە بىرى: ئۆز مىللىتى،خەلقىنىڭ ئومۇمى ئېڭى،يۈكسەكلىك ئېڭى مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلىش مەسىلىسى.90-يىللاردىكى بىر قىسىم ئاۋانگىرات شائىرلار جۈملىدىن ئابۇدۇقادىر جالالدىن ۋەكىلىكىدىكى شائىرلار تەدرىجى ھالدا گۇڭگا شئېىريەت يولىدىن زامانىۋى شئېىريەت يولىغا يەنى ئەنئەنىۋى شئېىرلار بىلەن يېڭىچە (گۇڭگا ) شئېىرلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىرلەشتۇرۇش يولىغا ماڭدى.
     خۇددى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار قىسمەن ئادەملەرنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى ئەمەس ئەل كۇيىگە كىرىۋاتقان نەچچە ئونمىڭ تورداشنىڭ ئارزۇ -تەلپىنى شۇنداقلا بەيگىدە كېتىۋاتقان قوشنا تورلارنىڭ مۇنبىرى بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىش مەسىلىنى ئەتراپلىق ئويلاپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك بۇ مۇنبەرگە كىرىۋاتقان ھەر بىر تورداشمۇ ئۆزىنىڭ شەخسى نەزرى بىلەن ئەمەس مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەيدانىدىمۇ،مۇشۇ سەھىپىنىڭ نىمە ئۈچۈن تەسىس قىلىنغانلىقىنىمۇ ئويلاپ بېقىشى كېرەك.شئېىريەتكە قىزىققان تورداشلار بولسا مۇشۇ سەھىپىدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان شئېىرلارنى كۆرىشى،يەككە شئېىرلارغا باھا،ئىنكاس قالدۈرۈش بىلەن مۇشۇ ئەل كۇيى شئېىريەت سەھىپىسىدىكى بارلىق شئېىرلارغىمۇ كۆڭلىدە سان بولىشى كېرەك.مۇشۇ مۇنبەردە ئوتتۇرال سەۋىيەدىكى يەنى ئاممىباپ تىلدا يېزىلغان شئېىرلارنىڭ خېلى زور سالماقنى ئىگىللىكەنلىكى ۋە نادىرلانغانلىقى مۇنبەر باشقۇرغۇچىلار ئازساندىكى تورداشلارنىڭلا ئەمەس نەچچە ئونمىڭ كەلگۈسى تور ئەدەبىياتى تەرەقىياتى نوقتىسىدىن نەچچە يۈزمىڭ تورداشنىڭ ئارزۇ-تەلپىنى ئويلىغانلىقى،ئەڭ ئومۇمىيلىقنى ئەڭ يىراقنى كۆرگەنلىكىدۇر.بىز ئەشۇلارغا ئوخشاش كەڭ نەزەر بىلەن قارىغان  چېغىمىزدىلا بۇ سەھىپىدە ئادىل تۇنيازنىڭ،جىننىڭ،«بۆرە ئوغلى» نىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا مىڭلىغان ئوقۇرمەنلىرى بارلىقىنى  بايقايمىز.ئەسەرنى قايسى
ژانىردا،قانداق سەۋىيدە،قانداق ئۇسلۇپتا يېزىش ئاپتورنىڭ ئەركىنلىكى.لىكىن ئۆز ئەسىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ كۆپۈنچە ئادەملىرى ئاڭقىرالايدىغان،چۈشىنەلەيدىغان بولىشى كېرەك.مېنىڭ بىرىنچى كۈپلىت شئېىردا دىمەكچى بولغىنىم مۇشۇ پىكىردۇر.
    ئىككىنچى كۇپلىتتا شئېىريەتنىڭ رەڭگا-رەڭ گۈللەردىن تەشكىل تاپقانلىقىنى ھەممىسىنىڭ «ئېچىلىش»مۇقەرەرلىكىنى ئېيتماقچى.«ماۋۇ خىل شئېىر مانچە پىرسەن،ئاۋۇ شئېىر ئانچە پىرسەن بولسۇن» دىگەن پىكىرنى ئەنۋەر جۇلا ياكى مەن بولاي ھەرقاندىغىمىز دىيەلىگەن بىلەن.قايسى خىل شئېىرنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە بولۇشىنى پۈتۈنلەي جەمىيەتتىكى ئېھتىياج بەلگىلەيدۇ.
      بىزدە تا ھازىرغىچە «ماۋۇ بولىدۇ،ئاۋۇ بولمايدۇ» دەيدىغان تار پىكىر قىلىش ئىدىيسى تۈگەپ كەتكىنى يوق.يېڭىچە شئېىر تەرەپدارلىرى ئاممىباپ شئېىر تەرەپدارلىرىنى ئەيىپلىمەسلىكى،يەنە بىر تەرەپمۇ يېڭىچە شئېىر تەرەپدارلىرىنى ئەيىپلىمەسلىكى خۇددى قايماق ئۆز خېرىدارلىغا،قېتىقمۇ ئۆز خېرىدارلىغا يۈرىشىپ كېتىۋېرىشى،«بولىدۇ،بولمايدۇ» دىن ئىبارەت تار پىكىر قىلىش يولىنى «تاللايمەن،تاللىمايمەن» دىن ئىبارەت ئىختىيارى تاللاش ئىدىيسىگە ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك.ئەگەر تەنقىدلەشكە توغرا كەلسە يۇقۇرقى ئىككى خىل شئېىرلارنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرۇش نوقتىسىدىن ئەمەس.بەلكى بىر خىل شئېىرلارنىڭ ئۆزىدىكى نۇقسانلارنى ئوبكىت قىلىپ تەنقىدنى يولغا قويۇش كېرەك.ئۇيغۇر كىلاسىك ئەدىبىياتى،ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى،ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتى،يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى ئەھالىغا ئاساسەن ئۇيغۇر خەلقى ياقتۇرغان شئېىرلار -ئۇيغۇر خەلقىدەك ئۇزاق ياشايدۇ دىگەن ھۆكۈمنى 2-شئېىرىمدا ئوتتۇرغا قويدۇم.
       مۇنازىرىنىڭ ئۈنۈمىدىن قارىغاندا غول-غۇلا بولسىمۇ نەتىجە كۆرۈلمىدى.بىراق مۇنازىرە قىلىۋاتقانلار يالتايغىلى تۇردى.شۇ باسقۇچقا كەلگەندە تورداش ئادىل قانۇن ساپ شئېىر دىگەن نىمە ؟ دىگەن سۇئالنى قويۇپ مۇنازىرىنى دەل جايىغا ئەكىلىپ قويدى.بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىلمىدى.شۇڭا مەن قىسقا جاۋاپ بەردىم.
      مۇنازىرنى توختىتىش كېرەكمۇ ياكى داۋاملەاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ بۇ ئىختىيارلىق بىلەن بولىدىغان ئىش يەنە مەسۇليەتچانلىق تەرىپىمۇ بار.مەن توختاپ قالسام ،ئەنۋەر جۈلا ئېيتقاندەك «ئاممىباپ شئېىرلار» نى يېزىۋەرسەم بولاتى.بىراق مەن مۇشۇ مۇنازىرىگە سەۋەپچى بولغان شەخىسلەرنىڭ بىرى..ھەر قانداق بىر يېڭى شەيىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەقىياتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ.20 يىل ئىلگىرى بۈگۈنكى تور دۇنياسىنى ھېچكىم تەسەۋۇر قىلىپ باققان ئەمەس.ئەل كۇيى مۇنبىرىنىڭ شئېىريەت كۆزنىكىنى تەسىس قىلغانلىقى ھەم مۇنازىرە مۇنبىرى يارىتىپ بەرېگەنلىكى كاتتا ئىش.قۇشنى پەرۋاز قىلدۇرغىنى ئاسمان،تۇلپارنى يۈگرۈك قىلغىنى مەيدان.بولغىنىدەك كەلگۈسىدىكى نى-نى قابىل قەلەم ئىگىللىرى،قالتىس شەخىسلەرنى سەھنە-مەكتەپ،ئاقىللارنىڭ جەمگاھى بولغان مۇشۇ مۇنبەر يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ.مۇنبەرنى باشقۇرغۇچىلار شۇنداق ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتسا تورداشلار ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى ئىنكاس شەكلىدە ياكى سۇال-جاۋاپ شەكلىدە،ۋە ياكى قىسقا-ھازىر جاۋاپ ماقالە شەكلىدە ئېلىپ بېرىشنى نىمىشقا ئويلىمايمىز؟ دەپ ئويلىدىم. باشقا تورداشلارغا مۇراجەت قىلاي دىسەم ئۇنداق قىلىشقا ھەققىم يوق.شۇڭا «كۆزۈم سېنىڭدە،قۇلىقىم سېنىڭدە،سۈزۈك سۆھبەت قۇرغىلى ،بارمۇ غەيرەت سېنىڭدە؟» دىگەن ئۈچۈنچى كۈپلىت شئېىرنى يازدىم.
      يۇقۇرقى 3 كۇپلىت شئېىرنىڭ يېزىلىش سەۋەبى شۇ.ھازىردىن باشلاپ يۇقۇرقى ئۈچ كۈپلىت ئۆلدى.
   ئەسكەرتىش: توخۇ يۈرەكنىڭ ئىنكاسىغا پىكرىم يوق.تەكلىپىم: مۇستەقىل ئادەم بولغاندىكىن مۇستەقىل تېمىنى تورداشلار دىققىتىگە سۈنسۇن.

UID
31710
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 13:32:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تالاشماڭلا  تالايدىن  قالار  ئىكەن  بۇ دۇنيا  ..........

تىرىشچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
197
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1218
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
127 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 20:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلام  X ALPAMI !
مەندەك بىر غەيرى كەسپى خادىمنىڭ ئاتىكاچىلىق قىلغىنىنى كەچۇرۇڭ! مەن 35- قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزنى تۇتقا قىلىپ بىر قانچە كىچىك مەسلە ئۈستىدە كۆز قارىشىمنى دەپ باقاي:
1.        «ساپ شئېىرلاردىن پەقەت ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ لىكىن بىلىم ۋە تەربىيە ئالغىلى بولمايدۇ.»
«  ئىزاھات : چۈشىنىشلىك شئېىر ئاممىباپ شئېىرلارغا،ھوزۇرلۇق شئېىر ساپ شئېىرلارغا قارىتىلىدۇ.»، « ھوزۇرلۇق شئېىر ساپ شئېىرلارغا قارىتىلىدۇ.»، «   ساپ شئېىرلاردىن پەقەت ھوزۇر ئالغىلى بولىدۇ لىكىن بىلىم ۋە تەربىيە ئالغىلى بولمايدۇ. ئۇستاز شائىر بۇغدا ئابدۇلانىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شئېىرلىرى ساپ شئېىردۇر.»
بۇ سىزنىڭ ئەسلى سۆزىڭىز. لىكىن بۇ مۇتلەق ھۆكۇم تۆغرا بولمىغان. ئىنكاسىڭىزنىڭ داۋامىدا سىزمۇ شۇنداقراق بىشارەت بېرىپسىز.
  «چۈشىنىشلىك شئېىر ئاممىباپ شئېىرلار» بولغاندا شېئىرنى چۇشەنگەنلەر پەقەت چۈشىنىشنىلا ئاساس مەقسەت قىلىپ  ئۇنىڭدىن ھوزۇرلانمامدۇ؟ مىنىڭچە ھوزۇرلىنىدۇ، بۇ نوقتىنى سىزمۇ ئىنكار قىلمايسىز!
ھۇزۇرلىنىش ئۇچۇن چۇشىنىش بۇلۇش، ھىچ بولمىغاندا ئېنىق مەنالارنى چۇشەنمىگەندىمۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان مەنالارغا ئىشارە قىلىپ باغلاپ چۇشىنىش بولۇش لازىم. مەيلى قانداق ئەسەر بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭدا ئەسەر ياراتقۇچى يۇكلىگەن مۇئەييەن مەنا بولىدۇ. ئۇقۇرمەن بۇ مەنانى ئەسەر ئىگىسىدەك چۇشىنىشىمۇ، ئۇ ئىپادىلىمىگەن مەنالارنى «چۇشىنىش»ىمۇ،  ئۇ ئىپادىلىگەن مەنالارنىڭ بىر قىسىمىنى چۇشىنىشىمۇ مۇمكىن، شۇندىلا «ھوزۇر» بولىدۇ. سىزمۇ ئۆزىڭىز تىلغا ئالغان «ساپ شېئىر»دىن مۇئەييەن چۇشەنچە ئاساسىدا ھوزۇرلىنىسىز. ھىچنىمىنى چۇشەنمەي ھوزۇرلىنىش سىزگە مۇناسسىپ ئەمەس. بىر نەپىس مۇزىكىدىمۇ ئىجادىيەتچى يۈكلىگەن ياكى ئارقا كۇرۇنۇش قىلغان مەلۇم مەنا بولىدۇ، بىز بۇنداق مۇزىكىلارنى ئاڭلىغاندا ئىجادىيەتچى يۈكلىگەن ياكى ئارقا كۇرۇنۇش قىلغان مەنانى  گۈزەللىك ھەققىدىكى چۇشەنچىلىرىمىز بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ھۇزۇر ئالىمىز. بۇ يەردىكى مەسىلە كىمنىڭ قەلبى بويىچە چۇشۇنىش ۋە چۇشىنىشنىڭ دەرىجىسى بولۇپ، بۇ ئالدىنقى شەرت ھەل بولماي تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلغان  مۇنازىرىنىڭ ئايىقى چىقمىقى تەس!      
        سىزنىڭ شېئىر «ئاممىباپ شېئىر» ۋە « ساپ شېئىر» دەپ بۆلىشىڭىزدە مىنىڭچە توۋەندىكى جەھەتلەردە بىرنەچچە مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن:
1)        شېئىر دىگەن نىمە؟ بۇ بۆلمەكچى بولغان ئۇقۇم بولغاچقا ئېنىقلىمىسنى يەنى دائىرىسى، ئەدەبىياتنىڭ باشقا تۇرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كىيىنكى بۆلۇشنىڭ ئىلمى بولىشىنىڭ ئاساسىي.  باشقىلار بۇ ئېنىقلىمىغا قۇشۇلمىغاندا، ئۇنىڭ بۆلىنىشى ھەققىدە پىكىر قىلىشى ئارتۇقچە بولىدۇ. قۇشۇلمىغانلارمۇ ئۆزىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى ئوتتۇرغا قويسا ۋە شۇ ئاساستا تۇرلەرگە بۆلسە بولىدۇ.
2)        ئۇقۇملارنى بۆلۇش ئاساسى. يەنى «چۇشۇنىش»نى ئاساس قىلىپ شېئىرنى بۆلگەندە چۇشۇنىش ئاسان شېئىر (ئاممىباپ شېئىر) ۋە چۇشۇنىش قىيىن شېئىر (گۇڭگا شېئىر) دەپ بۆلۇش بىرقەدەر ئىلمى. «ساپ»لىقنى ئاساس قىلىپ شېئىرنى بۆلگەندە ساپ شېئىر (ئېنىقلىمىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان شېئىر) ۋە ئارلاشما شېئىر (شېئىرنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ تېپىلىدىغان ھەم ئەدەبىياتنىڭ باشقا تۇرلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ تېپىلىدىغان « شېئىر » ) دەپ بۆلۇش بىرقەدەر ئىلمى. (مىنىڭچە بۇنداق بولۇشنىڭ نەزىرىيەدە ئانچە ئەھمىيىتى يوق!)
دىمەكچىمەنكى، مەنتىقە نوقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئۇقۇملارنى مەيلى بۆلەيلى ياكى تۇرلەيلى بۆلىنىدىغان ئۇقۇم ۋە ئاساس ئېنىق بولۇش لازىم.
« ساپ شېئىر » مەسلىسىدە مەن سىزنىڭ ئالدىنقى تىمىڭىزدا باشقىلارغا قالدۇرغان سۇئال (ghemkvz يوللىغان ۋاقتى  2012-2-22 18:06  
ئەنۋەر جۇلانىڭ ئاۋۇ ئىككى جۈملىسىمۇ ساپ سەنئەت نۇقتىس ...
ghemkvz ياخشىمۇسىز؟
«ساپ سەنئەت » ياكى «ساپ شېئىر» توغۇرلۇق تەپسىلىراق چۈشەنچە بېرىشنى خالامسىز؟
بۇ جەھەتتە چۈشەنچىسى چوڭقۇر تورداشلار بىلىمىنى ئايىمىسا، بىلمىگەنلەر چۇشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالساق؟ سەنئەتنىڭ تۇرلىرىنىڭ ئالدىغا قاچانلاردىن «ساپ» ئېنىقلىغۇچىسى نىمە ئېھتىياجدىن قۇشۇلۇپ قالدى؟) ھەققىدە نەزەرىيە جەھەتتىن ئىزلىنىپ بېقىش تەكلىۋىنى بېرىمەن. بۇ جەھەتتە ئىزلەنسىڭىز  «ساپ شېئىر»، «ساپ سەنئەت »، « سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت » دىگەندەك تىمىلا يۇرۇتىلغان بولاتتى. (مىنىڭ بىلىشىمدە يۇقارقى ئاتالغۇلار بىزدە ئىستىمال قىلىنغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن ئەتىراپلىق شەرىھلەنمىگەن، ئاز بىر قىسىم مەسئۇليەتسىز ئىنكارخۇمار «سەنئەتكار»لار شۆھرەت قازىنىش ئالدىراشچىلىقىدا ئوتتۇرغا تاشلىغان، كەسىپكە يېڭى كىرشكەنلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش كىسىلىگە گىرىپتار قىلىدىغان ئاتالغۇلاردۇر. بۇ ھەقتىكى چۇشەنچەم مۇۋاپىق بولمىغان بولسا تورداشلارنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىن دەلىللىسە تۇزىتىۋالسام بولىدۇ.)
2.        مۇنازىرە تېمىسىمىسى مەسلىسىدە مەن سىزنىڭ ئالدىنقى تىمىللىرىڭىز (« شائىرنىڭ زىممىسىدىكى قوش بۇرۇچ»، « شەيئىلەرنى پۈتۈن نەزەردە كۆرۈشكە ئادەتلىنەيلى (ئوبزور)») نىڭ مۇنازىرە قىممىتى زور دەپ قارايمەن. مەن سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولسام بارلىق تىما ئىنكاسلارنى 1- تىمىنىڭ ئاستىغا يوتكەپ مۇنازىرىنىڭ ئىزچىللىقى ۋە ئەھمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولاتتىم.
(44- قەۋەتتىكى ئىنكاسىڭىزدا بىرمۇنچە يۇرۇق نوقتىلار بار ئىكەن. ۋاقتىم يار بەرگەندە داۋاملىق پىكىر قاتناشتۇرۇشۇم مۇمكىن.  )


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-8 20:31):
باشقۇرغۇچىلار مۇنبەرنىڭ تەھرىرلەش ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلمەمدۇ!؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-8 20:37):
  !ئىسمىڭىز خاتا يېزىلىپ قاپتۇ. كەچۈرۈڭ     ALPAMIX

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 00:55:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش  ئادىل « ئادىل قانۇن» غا  دەيدىغانلىرىم:
   سىزنىڭ ئەدىبىيات توغىرسىدىكى بىلىمىڭىزدىن قارىغاندا سىزنى ھەرگىزمۇ «غەيرىى كەسىپ » ئەھلى دىگىلى بولمىغۇدەك.مەيلى مەن يا سىز ئىشقىلىپ قايسى كەسىپتە ئىكەنلىكىمىز موھىم ئەمەس.موھىمى مۇشۇ مۇنبەردە بىزنى جەم قىلىۋاتقان  
تېما ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش بولغاچقا گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتاي:
    سىزنىڭ پىكرىڭىزنى تەپسىلى كۆردۈم.سىز ئوتتۇرغا قويغان مەسىلىلەرگە قارىتا  ئۆز چۈشەنچەمنى قويۇپ ئۆتەي: 1- « ساپ» دىگەن ئاتالغۇ مەسىلىسى.بۇ يەردىكى « ساپ » دىگەن ئاتالغۇ پەقەت يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇيغۇر
ئەدەبىياتىدا جۇملىدىن ئۇيغۇر شئېىريىتىدە كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان شەكىل جەھەتتە
ئەمەس مەزمۇن ھەم كارتىنا يورۇتۇش نوقتىسىدىن تەبئەت ،ئىنسان تەبئىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن شئېىرلار،ئاممىباپ شئېىرلار،رىيالىستىك شئېىرلاردىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك شئېىرلار سېلىشتۇرمىسىدا تەبئىەت ھەم ئىنسان تەبئىتى،قەلبىنى يورىتىدىغان شئېىرلارنىڭ يۇقۇرقى ئىككى خىل شئېىرلارغا نىسبەتەن مەزمۇنى ئەمەس ھالەت-كۆرۈنۈش-كارتىنى سۈرئەتلەپ بېرىش مەخسەتچانلىقىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ،ئىجتىمائى مەزمۇننى يورۇتۇشنى مەخسەت قىلمايدىغانلىقى،كۆرۈنۈشتە رەسىمگە،ھەركەتچانلىقتا ئۇسۇلغا،ئاھاڭدارلىقتا مۇزىكىغا شۇنداقلا كۈچلۈك ھېسىيات ۋە ئەڭ ئوبرازلىق تىلغائىگە ئىكەنلىكى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلىرى بىلەن «ساپ» ئاتالغان.ئەمىليەتتە ساپ شئېىرلارمۇ رىياللىقتىن ۋە ئاممىباپلىقتىن ھالقىپ كەتمەيدۇ.تەبئەت مەنزىرسى تەسۋىرلەنگەن شئېىرلاردىكى كارتىنىمۇ رىياللىقنى مەنبە قىلىدۇ.ئاممىباپ شئېىرلار ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسى يەنى ھەممە ساھە،كەسىپ ئەھلى،مىللەتنىڭ بارلىق ئادىمى چۈشىنەلەيدىغان شئېىرلارنى كۆرسىتىدۇ.لىكىن ساپ شئېىرلارنىڭ قاتلىمى ئىجتىمائى مەزمۇنلارنى ئۆتكۈر تەسۋىرلەش نوقتىسى قىلمايدىغانلىقى،مەدەنىيەتكە،ئەدىبىياتقا،
شئېىريەتكە قىززىقمايدىغان ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىشنى ئاممىباپ شئېىرلارغا ئوخشاش ئۆتكۈر نوقتىسى قىلمايدىغانلىقى بىلەن يۇقۇرقى ئىككى خىل شئېىرلاردىن ما
ھايەتلىك پەرقلىنىدۇ.ئىجتىمائى مەزمۇندىكى شئېىرلارنىڭ جېنى ئىجتىمائى مەزمۇننلارنى دەل ۋە ئۆتكۈر يورۇتۇپ كىشىلەرنى تىز ئىلھاملاندۇرۇشتا كۆرۈلىدۇ.ئاممىباپ شئېىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى  ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ قىزىقىشى،ئازۇسىغا ئورتاق بولغان مەدھىيە ياكى كۈلكە ھەجۋى ،تەنقىد خاراكتىرىدىكى شئېىرلاردا كۆرۈلىدۇ.يۇقۇرىدا مەن « ساپ »ئاتالغۇسىغا باغلىنىشى بولغاچققا « ساپ» ئۇقۇمى بىلەن قوشۇپ  ئۈچ خىل شئىېىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە پىكىر قىلدىم.
2: چۈشىنىش بىلەن ھوزۇرلىنىش ئۇقىمىنى پەرقلەندۈرۈش مەسىلىسى.سىز بىر رەسىمدىن،مۇزىكىدىن،ھەيكەلدىن،نەقىشتىن،كۈلدۈرگىدىن قىسقىسى سەنئەتتىن پەقەت  ھوزۇر ئالالايسىز،تەسىراتقا چۈمەلەيسىز.لىرىك شئېىرلاردىن ،شئىردەك تەسىرلىك يېزىلغان ھىكايىلەردىنمۇ ئوخشاشلا زوق ئالالايسىز.تەسىراتلارغا ئىگە بولىسىز.ئەمما  مەيلى قەسىدە،ساتىرانى ئوقۇڭ،شۇنداقلا سىياسى للىرىكىلارنى ،غايە ،ئەخلاق،ئادىمىيلىك ۋە موھىم ئىجتىمائى مەزمۇنلاردىكى شئېىرلارنى ئوقىسىڭىز قايىللىغىڭىز تەسىرلىنىشىڭىزنى بېسىپ چۈشىدۇ.ئىجتىمائى مەزمۇندىكى شئېىر كۆپۈنچە يەككە شەخىسنى ئەمەس ئومۇمنى كەڭ خەلقنى ئوبكىت قىلىپ يېزىلىدۇ.خەلقنى قايىل قىلىدۇ. تەربىيە،بىلىم بېرەلەيدۇ. بۇ يەردىكى « چۈشىنىش » ئاتالغۇسى ھەرگىزمۇ «ھېس قىلىش،ئاڭقىرىش،تۇيۇش،بايقاش،،تەسىرلىنىش،ھاياجانلىش قاتارلىق روھى كەيپىيات جەريانلىرىنى كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى كۆز بىلەن كۆرۈپ،قۇلاق بىلەن ئاڭلىغاننى دەرھال،تىز ئايدىڭلاشتۇرغان،بىلىۋالغان،توغرا كۆرگەن،قايىل بولغان ئەقلى پائالىيەت جەريانىنى كۆرسىتىدۇ.سەنئەتتىن بەھىرلىنىش جەرياننى بولسا
ھېسسى-ھېسىيات پائالىيىتى جەرياننى بولۇپ ھوزۇرلىنىش-زوق ئېلىش پائالىيىتى
جەرياننى دەپ قارىللىدۇ. دىمەك چۈشىنىش-ئەقلى پائالىيەتكە كۈچلۈك قايىل بولۇشقا قارىتىلغان.ھوزۇرلىنىش بولسا ھېسسىيات داۋاملىشىشغا،يەنى قاتتىق ھاياجانلىنىش،تەسىرلىنىش ھەتا كۆز يېشى قىلىشقا قارىتىلغان.ئەمدى بىر ئاز چۈشىنىشلىك   بولغاندۇ؟
3 –گۇڭگا  شئېىر ئۇقۇممى مەسىلىسى.بىزنىڭ ئەبئەنىۋى ئېسىل،ئۇلۇغ شئېىرلىرىمىز يىغما تەپەككۇر ( قاتلانغان،يىغىلغان،جەۋھەرلەنگن ئوبرازلىق تەپەككۇر) ئۇسۇلىدا يېزىلغان.مەزمۇن-مەنانى چايناشتىن خالى بولغان.كۆپ قىرلىق،كۆپ قاتلاملىق كۆرۈنۇش،كەيپىيات ئامىللىرى يوغۇرۇلۇپ كەتكەن،غۇۋا،تۇتۇق بوشلۇقلارمۇ قال دۇرۇلغان شئىريەت خەزىنىسىدۇر.شئېىرلاردىن كىشىلەر ئەڭ ياخشى بەھىر-زوق ئالالمىغان تەقدىردىمۇ ھېچ بولمىغاندا 40 پىرسەن ئاڭقىرالايدىغان بولىشى كېرەك.
گۈڭگا شئېىر بىرى ئىجتىمائى مەزمۇندىن مۇتلەق خالى يەنە بىرى خەلق بەھىر ئېلىشتىن مەھرۇم بولۇشتىن باشقا ئاڭقىرىشقىمۇ نائىل بولالمىغاچقا مەغلۇبىيەتكە ئۇچىردى.شئېىر ئىجتىمائى مەزمۇندا يېزىلمىسىمۇ مەيلى.لىكىن ئۆز مىللىتىنىڭ ئادەملىرى ئاڭقىرالايدىغان دەرىجىدە بولىشى كېرەك.ياخشى بەھىر ئالالمىغان ھالەتتىمۇ.لىكىن گۇڭگاچىلار  نەزرىدە «خەلق،ئوقۇرمەنلەر» ئۇقىمى مەۋجۇت بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەن.ھەتتا خەلقنى «تاشلىۋېتىش» يولىغا ماڭغان ئەھۋاللار بولغان.گەپنىڭ موھىم يېرىگە كېلىپ قالدۇق.ئەسلى مۇشۇ سۆھبەت ،مۇنازىرىمۇ «گۇڭگالىق،ساپ، ساپ شئېىريەت،خەلق» ئۇقۇملىرىدىن باشلانغان.
   موھىم گەپلەرنى دىيىشنى كىيىنگە قالدۇردۇم.ئىشىنىمەنكى سۆھبىتىمىز،مۇنازىرىمىز شئېىريەت ئۇقۇمىنى يادىرۇ قىلغان ھالدا چوڭقۇرلاپ ۋە بارغانسىرى روشەنلىشىپ بارىدۇ.
   ئىنكاس يازغۇچى: ئەزىز ھېيىت كۈن ،2012-يىل 3-ئاي 9-كۈنى.

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
560
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
560
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
210 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 02:37:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا قالغان ئىككى تېمىدىكى مەزمۇنلارنى بۇ تېمىغا قوشۇپ ، مۇنازىرە داۋاملاشقان بولسا بوپتىكەن . ئادەمنىڭ تەبىئىتى شۇكى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىغا قىلغان ئاچچىق ، قوپاللىقنى ياتقا قىلمايدۇ ، سەۋەبى يات ياخشى بولسۇن ، يامان بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن ھىچ بىر ئالاقسى يوق . قارىسام بۇ مۇنازىرىگىمۇ ئاساسەن مۇنبەرنىڭ شائېرلىرى ، شېئىر ھەۋەسكارلىرى كىرىۋاتىدۇ ، مۇنازىرىگە قاتناشقان ئادەم قانچە كۆپ بولسا مەندەك قىزىققۇچىلار بىلىم ئالغان ، كەسىپ ئەھلىلىرى بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكەن بولاتتى . مەن بىر مەزگىل ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققان ، شۇ مەزگىلدە ھىس قىلغىنىم ئۆزى بىلسىلا باشقىلارغا بىلدۈرگىلى بولمايدىكەن ، جەزمەن كۆپ تەرەپلىمە ۋاستىلەر ئارقىلىق ئاندىن ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى باشقىلارغا بىلدۈرگىلى بولىدىكەن . مۇنبەردىكى مۇنازىرەلەرنىڭ رولى ھەر خىل ئۇچۈرلار ئارقىلىق تەربىيە ئېلىش ، ئۈگۈتۈش جەريانى .

ئالپامىش ئەپەندى مۇمكىن بولسا باشقۇرغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ قالغان ئىككى تېمىدىكى مەزمۇنلارنى بىر تېمىغىلا يۆتكەپ كەلسىڭىز ، ياكى بولمىسا شۇ ئىككى تېمىدىكى مەزمۇننى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئىنكاس قىلىپ چاپلاپ ، مۇشۇ بىر تېمىدىلا مۇنازىرە بولسا . ئۆزۈم شېئىرغا قىزىقىدىغان بولغاچ ، ھازىرغىچە بىر نىمەلەرنى دەپ ئىنكاس يېزىپلا يۈرىمەن . مىېنىڭ يېقىنىقى مەزگىللەردىكى تەرەققىياتلاردىن خەۋەردار بولۇش ، ئۈگۈنۈش مەخسىتىم بار .

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 23:25:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مەزكۇر مۇنبەرنىڭ  «بەس-مۇنازىرە « سەھىپىسىدىكى « ئاۋانگىراتلىقمۇ ،گۇمراھلىقمۇ؟ ئەخمەتجان ئوسمانغا تەنقىد» ناملىق ماقالىنى كۆرۈپ قالدىم. مەن بۇ ھەقتە  پىكرىمنى بىلدۈرۈشتىن  ئاۋال «شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى»دە ئۆزۈم ئېلان قىلدۈرغان بىر ماقالە ۋە بىر ئوبزورنى تۆۋەنكى ئىنكاس بوشلۇقىغا ئايرىم-ئايرىن ئىنكاس
قىلىپ يوللايمەن.چۈنكى ئىككى پارچە ماقالەمنىڭ يۇقۇرقى ماقالە بىلەن مەزمۇن جەھەتتە ۋاستىلىق باغلىنىشى بار.ئىككى ماقالەم يوللىنىپ بولغاندىن كىيىن ئاخىرىدا ئۆز كۆز قارىشىمنى بايان قىلىمەن.

UID
28744
يازما
54
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
54
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
69 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 23:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۇلۇغلۇق يولى — ئەزىز ھېيىت  1 - قەۋەت   



دەرىجىسى:تىرىشچان ئەزا
تىللا:474
نومۇرى:524
يازما:16
ئىنكاس:52
تىزىم ۋاقتى:2012-3-8
  


شائىر ئابدۈرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئۇلۇغلۇق يولى



( مىكرو ماقالە)



ئەزىز ھېيىت كۈن



بۈيۈك شائىر ئابدۇرھىم ئۆتكۈر20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا «قەشقەر كېچىسى» دىكى زۇلمەتتە ياشىسىمۇ،50-60-70-يىللاردا چەتكە قېقېلىش،يەكلىنىش تۈپەيلى ئېغىر كۈلپەتتە ياشىسىمۇ يەنىلا :

مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا  ئۆز دىيارىمدا،

بوسۇقتىن داجىماس ئىتتەك  ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.

-دەپ يېزىپ ئۆمرىدە تارتقان رىيازەتنى قىسقا ئەسكە سېلىپ ئۆتىدۇ.ئەمما يەنىلا ئۆز ئېلى،مىللىتى،خەلقىگە بولغان چەكسىز سادىقلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.بۈگۈنكى كۈندە بىز مەرھۇم ئابدۇرھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى بىرقانچە ئۇلۇغ شائىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.شۇنداقلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا قىززىقۇچى ھېرىسمەنلەرمۇ بىلىدۇ.مەرھۇم شائىرىمىز قانداق ئۇلۇغ شائىر بولالىغان؟

1. ئۇ 1940-يىلى ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىلا ئۆزىگە مەڭگۈلۈك توغرا يولنى –مىللەتنىڭ مەيدانىدا تۈرۈپ ھەققىقەت ئۈچۈن قەلەمنى «ئۆتكۈر قىلىچ» قىلىشنى تاللىۋالغان.ئۇ ھەققىقەتەن ئۆمۈر بويى «ئۆتكۈر» قەلىمىنى مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ،مەدەنىيىتى ئۈچۈن تەۋرەتتى.

2.ئۇ شېئىرىيەت بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى باشتىن ئاخىر،يارقىن-سۈزۈك ئايدىڭلاشتۇرۇپ،«سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت»  شۇئارىغا قارشى تۇرغان،-شېئىرنى شېئىريەتنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلدۈرۈشتەك بىرتەرەپلىمە قاراشلارغا قارشى تۇرغان.شېئىرنى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن يېزىش،ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت  قىلدۇرۇش يولىنى تاللىۋالغان.ئۇ  ۋە ئۇنىڭ قۇرداشلىرى بولغان شائىرلار ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇر بېرىپ ئۆتتى.ئۇنىڭ ئەشۇ يارقىن،توغرا ئۇلۇغ يولى بۈگۈنكى « ئاۋانگىرات» «ھېچنىمىزىم » شۇئارىنى كۆتىرىۋالغان،شېئىريەتنى بىمەنىلىككە-ھېچنىمە ئەمەسلىككە باشلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان،كۈچەۋاتقان  ئەدىبىياتىمىز خائىنلىرى-ئاسىيلىرى ئۈچۈن يوقالمايدىغان مۇستەھكەم سېپىل!

3. مەرھۇم ئابدۇرھىم ئۆتكۈر 1950-يىللىرىدىن باشلاپلا شەرق ئەدەبىياتنىڭ ئېسىل جەۋھىرى بولغان ئۇيغۇر،پارىس كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ پىشۋالىرى بولۇپمۇ فارابى،مەخمۇت قەشقىرى،يۈسۈپ خاس  خاجىپ،ئەلىشىر ناۋايىلارنىڭ ئەسەرلىرى تەتقىقادىنى بولۇپمۇ «قۇتاتقۇ بىلىك» تەتقىقادىنى باشلىغان.يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق بۈيۈك قەدىمكى مۇتەپەككۇرلىرىمىزنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچىرىغان.شۇڭا ئابدۇرھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىنىڭ پەلسىپىيۋىلىكى ھەم مىللى خۇسۇسىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك.

4. ئۇلۇغ شائىر ئابدۇرھىم ئۆتكۈر ئىككى خىل مېڭىگە ئىگە ئىدى.بىرى ھەممىمىز بىلىدىغان « شائىرانە مېڭە » ئىدى.بۇ ھەممە شائىرلار ئۈچۈن ئورتاق. يەنە بىرى: مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىپ يىغما ( يۈكسەك) بەدىئى تەپەككۇر يۈرگۈزدىغان«مۇتەپەپەككۇر» مېڭە.شائىرلىق نوقتىسى مەيدانىدىن ئېيتقاندا شائىر چەكسىز ئەركىنلىككە ھەتتا ساراڭ بولۇش-بىمەنىلىكنى-ھېچنىمىزىمنى كۆككە كۆتۈرۈش ئەركىنلىكىگە ئىگە.«مۇتەپەككۇر» نوقتىسىدىن ئېيتقاندا شائىر بولغان ئىنسان ئاسماندىن چۈشمىگەن بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى.ئۆز مىللىتى ئەزاسى بولۇش ھەرقانداق ئادەم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن بەلگىلىنىپ بولىدۇ.ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىنمۇ بۇ خىل تەۋەلىك مەڭگۈلۈك بولىدۇ.شائىر نېمە ئۈچۈن شائىر؟ ئۆز مىللىتىنىڭ كۆزى،مېڭىسى،تىلى بولالىغاچقا شائىر! ئەگەر مەنىسىزلىكنى،ھېچنىمىزىمنى مەڭگۈلۈك شۇئار قىلىدىكەن ئۇنداق شائىرغا قارىغاندا مىللەت ئۈچۈن بىر ئېشەك مىڭ ياخشى!چۈنكى،ھېچنىمىزىمنىڭ ئۇيغۇرلاردا يىلتىزى يوق!ئاخىرىمۇ يوق.ئۇلار ئۆزى توقىغان تورنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان ئۆمۈچۈكلەردۇر!«مۇتەپەككۇر » مېڭە مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىغى،پۇت تىرەپ تۇرىشى ئۈچۈن توختىماي تەپەككۇر يۈرگۈزدىغان مېڭە! ئىلگىرى ئابدۇرھىم ئۆتكۈر،ئابدشكۈر مۇھەممەت  ئىمىن قاتارلىق مۇتەپەككۇرلىرىمىز « ئۇيغۇرنىڭ مېڭىسى » بولۇش رولىنى ئوينىغان بولسا ، بۈگۈنكى كۈندە ئابدۇقادىر جالالدىن،ئەسئەت سۇلايمانلار « ئۇيغۇرنىڭ مېڭىسى» بولۇش رولىنى ئۆتەۋاتىدۇ.  شەخسى ئابدۇقادىر جالالدىن،شەخسى ئەسئەت سۇلايمان ئۈچۈن ئەمەس،بىر پۈتۈن مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتىدۇ.بىز ئازغۇن ،چۈشكۈن ،بىمەنە «ھېچنىمىزىمچىلار» نى ئويغىتىشىمىز   كېرەك.ئۇلار چەتئەلنىڭ ئەدىبىيات نەزىريىسىدىكى داشقال-بىمەنىچىلەر ئېقىمىنىڭ قاراشلىرى تەرپىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى سېزىشى،ئۆزلىرىنىڭ ئانا مەنىۋى زىمىنى-ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەلسەپە ھەم ئەدەبىياتت بىر گەۋدە قىلىنغان مەيدانىغا قايتىپ كېلىشى كېرەك.

5.ئۇلۇغ شائىر ئابدۇرھىم ئۆتكۈر تېما تاللاشتا ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىق تېمىنى تاللاش يوللىنى تۇتقان،تېمىنى قانداق يورۇتۇش مەسىلىسىدە ئەڭ ئۇلۇغ ئىدىيەنى ئەڭ كەڭ ئۇيغۇرغا ئەڭ ئاددى،راۋان،چۈشۈنۈشلۈك قىلىپ يەتكۈزۈپ بېرىش يوللىنى تاللىۋالىغان شائىر.بىز بۇ يولنى يەنە تېيىپجان ئېلىيۇپ ،ئابدۇكېرىم خوجا،ئىمىن تۇرسۇن،بۇغدا ئابدۇللا،قۇربان بارات،ئارىسلان،ئوسمانجان ساۋۇت قاتارلىق بۈيۈك شائىرلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت يوللىدىنمۇ بايقىيالايمىز.

   ئومۇمەن ئالغاندا ئابدۇرھىم ئۆتكۈر ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر بۈيۈك نامايەندە.ئۇ بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغىنىغا تېخى 20 يىل توشقىنىمۇ يوق.بىز ئۇ ۋەكىللىكىدىكى 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىلغارلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان نامايەندىلىرىمىزنىڭ يولىغا  ۋارىسلىق قىلىشىمىز،بولۇپمۇ شائىرانە مېڭىگە ئىگە بولۇشتىن باشقا پۈتۈن مىللەتنىڭ مېڭىسى بولۇپ بەدئى تەپەككۇر يۈرگۈزدىغان « مۇتەپەككۇر» مېڭىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىشىمىز لازىم.شۇندىلا «ھېچنىمىزىم» چىلار قاتارلىق تۈرلۈك داشقال-ئەخلەت پىكىر ئېقىملىرىنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى روھىمىزدىن تازلىيالايمىز.



تەستىقلىغۇچى:ئابلا ئىسھاق پەروزان







بۇ يازما eybuyaqup تەرىپىدىن 2012-3-12 2:03:37 تەھرىرلەندى



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش