ئىگىسى: uyghurzade

نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
27820
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 01:57:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرزادە ئەپەندىم،تىنىڭىزنىڭ سالامەت، ئوقۇشىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.سىزنىڭ بىزگە مۇشۇنداق مۇھىم بىر تىمىنى سۇنغانلىقىڭىزغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن.
ئىلگىرى نەزىرىيە تىلغا ئىلىنسا تولا چايناپ تەمىدىن كەتكەن تىتىقسىز سۆز چۆچەكلەر دۆۋىسى كۆز ئالدىمغا كىلەتتى. ئەمما سىزنىڭ بۇتىمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كىيىن  نەزىرىيەنىڭ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتىدىكى رولنىڭ ئىنتايىن زور بولدىغانلىقىنى ھىس قىلىدىم.
سىزدىن سوراپ باقسام،نەزىرىۋى تەپەككۇرنى كونكرتراق قىلىپ ئىيتساق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى،تۇرمۇش شەكلى،تەرەققىىيات يولىنى بەلگىلەش ۋە شۇ مىللەت دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى نەزىرىۋى ئىزدىنىشى دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟

UID
16845
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
303
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-1
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 02:32:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە ئەپەندىمنىڭ ئەتراپلىق بىلىمىدىن سۆيۇندۇم .ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتى جۈملىدىن جەمىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدا مىقتارلاشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش(ماتېماتىكىلىق مودېلنى تۇرغۇزۇش )ھازىرقى بىر دۇنياۋى  يېڭى يۈزلنىنش بولسا كېرەك .يېقىننىڭ ياقى بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى ئاڭلىدىم .شۇنداقلا ئىجىمائى پەندە يەنە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى مىقتارلاشتۇرغىلىمۇ  بولمايدۇ ،ئۇلارنى سىز ئىيتقان تەتقىقات ئۇسۇلىرىدا (خارەكتىرلەشتۇرۇش)تەتقىق  قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم تەپەككۇرنىڭ سۈپۈتىنى يوقۇرى  كۆتۇرۇشتە ماتېماتىكىلىق تەپەككۈرنىڭ رولىنى ئاۋال ئىتىراپ قىلىش  ئاندىن پايدىلنىش  مەسىلىسىدۇر . بىزنىڭ ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ ماتېماتىكىلق تەپەككۈر قابىلىيىتى بەكلا تۆۋەن .سەۋەبى ئۇلار ماتېماتىكىنى پەقەتلا ئۆگەنمەيدۇ .ئوتتۇرا مەكتەپتە تولۇق ئوتتۇرا 1-يىللىقنى پۇتتۇرگەندىن كىيىن تەبىئى پەن ۋە ئىجتىمائى پەن سېنىپلىرىغا ئايرىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ .ھەر بىر مەكتەپتە ئىجتىمائى پەن سېنىپىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك ھەربىر سىنىپتىكى ماتېماتىكا نەتىجىسى ئارقىدىن سانىغاندا 1-،2-لەردىن تەشكىل تاپىدۇ .بۇلار كىيىنكى ئىككى يىلدا 150نومۇردىن 30نومۇرنى قانداق قىلىپ ئېلىش ۋەسۋەسىدە ،پەقەت ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇللىرىنىلا ئۆگىنىدۇ . ئالى مەكتەپتە بولسا ئىجتىمائى پەن كەسىپلىرىگە ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۇلمەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىلق تەپەككۈرىنىڭ  سۈپۈتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىسىدە تۇرۇپ قالىدۇ .ماتېماتىكىنىڭ نۇرغۇن تەپەككۈر ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنەمەيدۇ .بالام تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتقاندا بىر قىتىم ئاتا-ئانىلار يېغىنىدا تۇردى مۇئەللىم (تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى )بۇ مەسىلىنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىغا تاشلىغانلىغى يادىمدا .ئۇ كىشى  نۆۋەتتىكى باشقۇرۇش ۋە ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكى ياراملىقلارنىڭ ئاز بولۇش مەسىلىسىنى ئۇتتۇرا مەكتەپتىكى ئىجتىمائى پەن سېنىپلىرىغا ماتېماتىكىسى ناچار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېغىلىپ قىلىش ئەھۋالى بىلەن باغلىغان ئىدى .مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم بىزنىڭ ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋە ئۆگەنگۈچىلىرىمىز ئازراق ماتېماتىكا ئۆگىنىشى زۆرۇرمۇ قانداق ؟ بۇ خىل تونۇشنى قانداق قىلىپ سېڭدۇرۇش كېرەك ؟سىز يېزىۋاتقان مۇشۇ تېمىدىن پايدىلنىپ ئاز-تولا تەسىر كۆرسەتكىلى بولامدۇ ؟ دېگەن مەسىلىلەر ئىدى .بولسا نەزىريەۋى تەپەككۈرنى يېتىلدۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۇستىدە توختالغىنىڭىزدا ئۇنى ماتېماتىكىلق تەپەككۈر ئۇسۇللىرىغاغا باغلاپ مۇھاكىمە قىلىپ باققان بولسىڭىز .رەھمەت .  

UID
27820
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-2
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 02:52:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئومۇمى جەھەتتىن  ئىيتقاندا دىن بىر ئىدىئولوگىيە.تار جەھەتتىن ئيتقاندا ھەربىر دىن  شۇ دىنغا ئىتقاد قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىلاھى ھەقىقەت.دىننى خام خىيال دىگۈچىلەرمۇ «ئاتىزىم»دىن ئىبارەت بىر ئىدىئولوگىيەنىڭ ئەگەشلۈچىلىرى.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 04:04:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر نەرسىنى بىلىپ دەۋاتىمەن. دىن ئىدىئولوگىيە دېگەن گەپنىىڭ ھېچ خاتاسى يوق. Islamic Ideology مانا بۇ گەپ مەۋجۇت. خاتا بولغان بولسا شۇ ئىسمدا كىتابلار يېزىلمايتتى. ئەسلى مەنىدىكى ئىدئولوگىيە ئىنسانلارنىڭ ئېڭىغا، روھىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن ئاڭ فورمىسى. بىزنىڭ سۆيۈملۈك ئسىلام دىنىمىزنىڭ ئەقدىلىرىمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئېڭى، روھى بىلەن زىچ بېرىكىپ كەتكەن ئاڭ فورمىسىدۇر. شۇڭىمۇ ئسىلام ئدىولوگىيىسى دېگەن ئاتالما بار ھەم بۇنداق ئاتاش خاتامۇ ئەمەس. ھەم شۇنداقلا ئسىلام ئدىولىولوگىيىسنى بۇ يەردە پەننىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان نەزەرىيە سۆزى بىلەن ئارىلاشتۇرۇشنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

ئېزتىرال، توغرا  دەپسىز. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دەل شۇنداق. 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا  فرانىسيە پايلاسوپلىرى دۇنيا ئىجتىمائىي پەن،ئادەمىيات پەنلىرى ساھەسىنى سورىدى، ھازىرمۇ ئامېرىكا ئادمىيەت پەنلىرى ىساھەسى  فرانسىيەلىك  مۇتەەپپكۇرلارنىڭ  نەزەرىيە سىېستىمىسنى يېشىپ بولالماي پايپېتەك. بۇنداق بولۇشىنى فرانسوزلارنىڭ19-، 20-ئەسردىكى نەچچە قېتىملىق ئاچچىق مەغلۇبيتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، فرانىسيە 1880-يىللاردا فرسنىيە-پۇرسىيە ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولغان؛ مەغلۇپ بولۇپ 20 يىلدىن كېيىن مائارىپ ئسلاھاتى ئېلىپ بېرىلىپ پۈتۈن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە پەلسەپە دەرسى تەسىس قىلىنغان(فرانىيسە ئوتتۇرا مەكتەپتە پەلسەپە ئۆتۈلىدىغان بىردىنبىر دۆلەت). بۇ مائارىپ ئسلاھاتى ھېنرى بېرگسون قاتارلىق بۈيۈك پەيلاسوپلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما، نېمىلا دېگنبىلەن 20-ئەسر بېرىشىدا فرانسوزلارنىڭ پىكر قىلىشى كلاسسىك پەلسەپە ئاساسى ياراتقان گرمانلارنىڭكىگە يەتمەيتتى. 1941-يىلىىدىن 1944-يىلىغىچە فرانىسيە گرمانىيە تەرپىدىن يەنە مەغلۇپ قىلىنىپ يەنە بېسىۋېلىنىدى. ككېيىن كاموس، سارت، لېۋ ستراۋس، دېررىدا، ئالسۇسېر، رولەند بارس، پېر بورىئو، مىشېل فۇكو قاتارلىق يورۇق يۇلتۇزلارنىڭ ئەمگەكلىرى ئاشۇ نومۇس قالدۇرۇپ كەتكەن مەسىلىلەر ۋە سەۋەبلەر ھەققىدىكى دەتالاشلار داۋامىدا  بارلىققا كەلگەن، تەرەققىي قىلغا، سېستىما ھاسلىل قىلغان.بۇ ھەقتىكى بايان 20-ئەسىر فرسنىيە پەلسەپپىسى مۇتەخەىىسىسى گەرى گۇنتىڭنىڭ(ئامېرىكا نوترې دەم ئۇنىۋرستېتىىنىڭ داڭلىق پروفېسورى) شۇ ناملىق كىتابىدا ئېنىق يېزىلغان. مەلۇم مەندىن ئېيتقاندا دەل سىز دېگەندەك.

سەلسەبىل، بۇ دىنى تېما ئەمەس. چىنگىزنىڭ سوئال قويۇشى بىلەن بەزى جاۋابلار چىقتى. سىز دېگەن مەسىلىلەرنى خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما، غەززالىنىڭ پەلسەپىگە قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىردە قاتتىق چېكىنگەنلىكى پاكىت. بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكەن ئىبن رۇېشدنى ئوقۇسىڭىز ئۇ سوئاللرىڭىزغا جاۋاب تاپالايسىز.

  ۋاھابىيە مەزھپىنىڭ دەسلەپكى ياراتقۇچىسى ئەلۋەتتە چنگىز دېگەندەك بەزى تۆھىپلەرنى قوشتى. ئەمما، ئۇنىڭ دادىسى،قېرىندىشى بۇ مەزھەپكە كىرمىدى.مەن ۋاھابيە مەزھپىنىڭ ئسىلامنىڭ ئەسلىگە قايتىش قارىشىغا قوشۇلساممۇ، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈم قىلىقلىرى ۋە قاراشلىرىنى ئسىلام دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتىغا زىىت دەپ قارايمەن. ئۇلارنىڭ پەيغەمبرىمىزنىڭ ئانسىنىڭ، نەۋرسىنىڭ قەبرىلىرىنى چاققىنىنى بولسا ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمەن.

بىر جەمئىيەتتە مەسىلىنىڭ يىلىتزى تارىخىي جاراھەت، ماكرولۇق كونتررول قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بىزنىڭ دەۋەتچىلەر ئۇ ئامىللارنىڭ زەھرىنى كۆرمەي، تەھلىل قىلماي تۇرۇپ ۋاھابيەنچىلار پەدىسگە يول تۇتسا، بۇ خىل دەۋەتچلىك ئۇيغۇرلارنى كەينىگە قاچۇرۇشقىلا يارايدۇ. ياشلارنى بۇ دىننى تەسكەن دەپ قېچىشقا، بۇ دىندىن زېرىكشىكە ئېلىپ بارىدۇ. مەن مۇشۇ ئاقۋەتتىن ئەنسرەيمەن.

ئۇيغۇرلاردىكى بىر قىسىم پاكىز يۈرەكلىك دەۋەتچى بالىلار خاتا ئۇسۇل قوللىنىپ ئسىلام دىنىنى تەسلەشتۈرىدىغان پەتۋالارنى، ئەمەلىيەتكە قىلچە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ھەتتا ئەرەپ ئەلللرىدىمۇ ئشىقا ئېشىپ بولالمىغان ئشىلار ھەققىدە پەتىۋا بېرىپ، شاخچە مەسلىلىلەرگە ئېسلىۋېلىپ توغرا قىلمايۋاتىدۇ. «ئۈزۈك  سېلىش بىدئەت، بۇرۇت قىرىش بىدئەت، رەسمىگە چۈشۈش بىدئەت» دېگەن گەپلەرنىڭ تېگىدىكى مەنەنى ۋە ياخشى نىيەتنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. ئەمما،ئۇسۇل خاتا.

ۋاھابيانچىلاردىكى پەننى، ئىلمنى بىدئەتكە چىقرىدىغان  بەزى قاراشلارنى بولسا قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

سەلسەبىل، بۇ پەننىي نۇقتىسىدىن  يېزىلغان تېما. مەن بۇرۇن «ئادىل تۇنياز» ھەققدىكى تېما ۋە باشقا تېمىلاردا ئۆزۈمنىڭ دۇنيا قارىشىنى چۈشەند ۈرۈپ بولغان. شۇڭا جىق سۆزلىمەيمەن. بولسا بۇ دىنىي تېما بولمىغاندىكىن، نەزەريىۋي تەپەككۇر ھەققدىكى تېما بولغاندىكىن گەپ شۇ يولىدا، ئەسلى ئوربسىتدا بولسىكەن دېگەن ئۈمىدتەمەن، ئەمەلىيەتتىمۇ بىز بىر يولدىكى ئادەملەرمىز.

ئىلىمگە ئىلىمدەك مۇئامىلە قىلماسلىق مۇسۇلمانلارنى ئاز بولمىغان كۈنگە قويدى. بىز بۇ پاجىئەنى 21-ئەسرىدىمۇ تەكرارلىساق ئەۋلادلارغا يۈز كېلەلمەيمىز. يەنە كېلىپ دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسم تۈركىي مىللەتلەر ھەنەفىي مەزھىپىدە، بۇ مەزھەپنىڭ قاراشلىرى ۋاھابيەنىڭ بەزى ئاشقۇن قاراشلىرىدىن كەسكىن پەرقلىنىدۇ. بىز ئسىلام دىنىنى ئاشقۇن پەدىدە، ئاشقۇن ۋاھابيانچىلار پەدىسدە چۈشەنمىسەكلا كاپىر بولۇپ قالغان بولمايمىز.

ئۆتكەندە كەڭسايدا بولغان «تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ» دېگەن مەزمۇندا بولغان  مۇنازىرەدە ئاشكارىلانغان بەزى بىمەنىلىكلەر مېنى بەك چۆچۈتتى. كېيىن بۇرۇتنى قىرقىش-قىرقىماسلىق توغىرسدا بولغان  يەنە بىر مۇنازىرەمۇ بەزى مەسلىلەرنى ئاشكارىلىدى. شۇڭا ھېلىقى گەپلەرنى دېگەن.

يەنە دېسەم يەنە شۇ، مەن ۋاھابيە مەزھپىدىكىلەرنىڭ بىر تۈركۈم قىلىقلىرى ۋە قاراشلىرىنى ئسىلام دۇنياسىنىڭ تەرەققىياتىغا زىىت دەپ قارايمەن. ئۇلارنىڭ پەيغەمبرىمىزنىڭ ئانسىنىڭ، نەۋرسىنىڭ قەبرىلىرىنى چاققىنىنى بولسا ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمەن. مەن قاتلىققا، زالىملىققا مەدىيە ئوقۇيالمايمەن.

ۋاھابىيە ھەققدىكى گەپلەر مۇشۇ يەردە تۈگىسە. بۇ تېما ئۇ ھەقتىكى تېما ئەمەس.

باھا سۆز

aaa007  لېكىن بىز ئۇنداق تەشۋىقاتلارغا ھە دەپلا قويغان.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:33:20
aaa007  ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ئۆگىنىشلەردە ۋاھابىيلارنى تازا تىللايتتى.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:32:48
aaa007  سىز مەزھەپلەرنىڭ نەزەرىيەلىرىنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:31:09
aaa007  ۋاھابىيە ئەرەبىستاننىڭ دىننى مەزھەپى قىلىپ تاللانغان.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:30:17
aaa007  چوقۇنىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇۋالسا چاقماي نېمە قىلىدۇ ئۇ قەبرىلەرنى؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:28:07

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 04:22:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسۇلمان دۇنياسىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ئسىلام دىنىنىڭ غېمىنى يېگەن مۇنداق  تۆت  مۇسۇلمان پەيلاسوپىنىڭ مۇنداق تۆت پارچە ئەسىرى  بەك سېستمىلىق چۈشنىشمىزگە ياردەم بېرىدۇ:
1. ئىبىن رۇشېد(كوردوۋا-بۈگۈنكى ئىپسانيىدە دۆلەت قازىسى بولغان بۈيۈك پەيلاسوپ، 13-ئەسىر) : «غەززالىغا تەنقىد: 'پەيلاسوپلاردىكى زىتلىق'تىكى زىتلىقلارغا تەنقىد»
Ibn Rushed, “Incoherence in ‘the In Incoherence of Philosophers’”

3. مۇھەممەد ئىقبال(پاكىستاننىڭ داڭلىق مەتەپپەككۇرى، 20-ئەسرنىڭ بېشى)) : «ئسىلام مەپكۇرسىنى قايتا قۇرۇش»Muhammad Iqbal: “Reconstruction of Islamic Thought”

3. مالىك نەبى (1960، 1970-يىللاردە قەلەم تەۋرەتكەن، ئالجىريە مائارىپ منىستىرى بولغان):« گۈللىنىش شەرتلىرى»، «مەدەنيىلىىشىش كىرزسلىرى»
Malek Nabi: “Conditions for Progress”, “Civilization Crisis”

4. مۇھەممەد ئارخون( ھايات، فرانسيىدە پەلسەپە پروفېسسورى. گادامېرنىڭ شەرھلوگىيە پەلسەپە ئېقىمىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان) : «ئسىلام مەپكۇرىسدە ئويلىنىلمىغان مەسىلىلەر»
Muhammd Arkhoun “the Unthought in the Islamic Thought

بولسا مۇشۇ ئىبن رۇشېدنىڭ كىتابىنىڭ ئەرەبچىسىنى تاپالايدىغان بالىلار بولسا تاپساڭلار، ئەرەپچە بىلىدىغان بالىلار تەرجىمە قىلسا، مۇشۇ يەردىكى ئوشۇق ئۇسساشلار بىر يولىلا ھەل بولاتتى. فارابى ۋە ئىبن رۇشېد مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئارستېوتېلى ۋە كانتى.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 04:25:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ   ناۋايى ۋە بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدىكى تەتقىقاتى خېلى بىر يەرگە باردى. ئەمما، فارابىغا تۇتۇلغان پوزتسىيە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەسلى تۇتىدىغان، ئىنچكىلەپ تەتقىق قىلىدىغان ئادەم فارابى. ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى پىكىر كىرزسىنىڭ مەنبەسىنى 10ئەسر بۇرۇنغا، فارابى، ئىبن سىنادىن كېيىن ئۈزۈلگەن پەلسەپە ئەنئەنسىگىمۇ باغلاپ  تەھلىل قىلىشى كېرەك.

بەزى  ئشلارغا قاراپ «ئاتام ئېييتقان بايىقىنىڭ لەززىتى» › «بىخەۋەرلىكنىڭ ھۇزۇرى» دېگەن تېمىدا بىر نەرسە يېزىش كېرەكمۇ نېمە دەپ قالىمەن.
تونۇش زۇلۇمى، ئدىيە تەسلىملچىكىنىڭ زىيىنى بەك يامان بولىدىكەن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 12:41:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تادۇ قېرىندىشىم، مەن بەزى گەپلەرنى سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ دەۋاتىمەن.ئەگەر تۆت تادۇ قارىشىنىڭ ئاشۇنچىلا زور رولى بار دەپ قارسىڭىز، بۇ ھەقتتە چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ماتېرىيال كۆرۈپ،شۇ ھەقتە سستمىلىق ئەمگەك قىلشىقا تىرشىىپ بېقىڭ. تۆت تادۇ بىلەن مۇناسىتى بولمىغان تېمىلاردا بۇ گەپلەرنى جىق دەپ كەتسىڭىز، خەق قاراشلىرىڭىزدىن گۇمانلىنىدۇ. بارا-بارا ئىنكاسىڭىزغا ھېچكىم پەرۋا قىلمايدىغان بولىدۇ.

بۇنداق دېگىنىم مېنىڭ تۆت تادۇ قارىشىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىىيەت تارىخىدا، جۈملىدىن تىبابەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى چەتكە قاققىنىم ئەمەس. ھەم بۇ ھەقتە سىز تۇنجى بولۇپ قەلەم تەۋرەتكەن ئادەممۇ ئەمەس. بۇ ھەقتە ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن، ئابدۇقادىر بىلگە قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز بۇرۇن ئىزدەنگەن. سىز ئابدۇشۈكۈر مەمتمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» نىڭ دەسلەپكى بابلىرىغا، ئابدۇقادىر بىلگەنىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئىپتدائىي پەلسەپە بىخلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ باشتىكى بابلىرىغا قارسىڭىز، بۇ ھەقتە يېتەرلىك مەلۇمات بار. يەنە ئىسراپىل يۈسۈپنىڭ «ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك تارىخى» نىڭ قىسمەن جايلىرىدىمۇ بار.ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئوقۇدىڭىزمۇ؟

مېنىڭ دېگىنىم ھەر ئىش يولىدا بولسۇن، بىر ئشىنى ياكى كەپسنى ياخشى كۆرگىنىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ رولىنى زىيادە مۇبالىغە قىلىۋەتمەيلى. مەسىلەن، مەن ئۆزۈم ئۆز كەسپمنىڭ مۇھىملىقىنى بىلسەممۇ، ئەدەبيات، تارىخ، پەلسپە قاتارلىق باشقا پەنلەرنىڭ ئەھميىتىنى ھەرگىز يوققا چىقارمايمەن.

ئەمەلىيەتتە ھەمممىگە تۆت تادۇ قارىشىنى تەدبىقلىماي تۇرۇپمۇ خېلى ياخشى پىكىر قىلالشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز شۇنداق قىلالسىڭىز، تېمىدىن چەتنىمسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئىنكاسلرىڭىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلشىم مۇمكىن.ئەمما،ھەممىدە تۆت تادۇ دەپ تۇرۇۋالسىڭىز، مەن بەك ئازابلىنىپ كېتىدىكەنمەن.

سەمىمىي مەسلھەتىمنى ئويلىشڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىزنى تونۇشىمىزمۇ ئېزىدۇ.بىز ئىلىم ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە  ئىدىيە  تەسلملچىكىدىن   ساقلىنىشقىمۇ تىرشىشىمىز كېرەك.

بىر خىل بىلىش شەكلى ئاران بىر خىللا رېئاللىقنى شەرھلەپ بېرەلەيدۇ، يەنە بىر رېئاللىقا ماس كېلىشى ناتايىن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 14:17:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


يەنە بىرسى ئەگەر بۇ شەرىئەت ھەققدىكى تېما بولغان بولسا مەن مۇسۇلمانلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى شۇنىڭغا ئالاقىدار نۇقتىلاردىن ئىزدىگەن بولاتتىم. تېمىنىڭ ماۋزۇسى «نەزەرىيە ۋە نەزەرىيۋىي تەپەككۇر»بولغىنى ئۈچۈن ساقلانغان مەسىلىلەرنى پىكىرچىلىق نۇقتىسدىن ئىزدىشىم ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىش. بۇنىڭ ھچقانداق خاتا يېرى يوق. مەن ھېچقاچان ئۇنى بىردىنبىر سەۋەب  دېمىدىم. تېمىنى باشقا يەرگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلار باش تېمىغا قايتىپ كېلەيلى.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 14:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازعۇچى مەمتىمىن ھوشۇر راست دەپتىكەن.« بىز قەلەمكەشلەرگە ،ئاعىزادا چىشى قالمىعان بوۋاي-مومايلىرىمىزنىڭ ئۇگۇت -نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاشتىن باشقا ،چىشى چىقمىعان نەۋرە -چەۋرىلىمىزنىڭ تاپا -تەنىلىرىگە چىدىمىساق بولمايدىعان بۇلۇپ قالدى».

UID
27713
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 23:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرزادە، ماقالىڭىزنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، سىزگە بولغان تونۇشۇم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى. سىزنىڭ قىيىنلىق سالمىقى زور، مۇھىملىقى ئۇنىڭدىنمۇ كاتتا بولغان ساھەدە ئىزدىنىش، ئۆگىنىش ۋە تەتقىقات بىلەن بولۇۋاتقىنىڭىزدىن ئىپتىخارلاندىم. ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن!
كىشىلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىيەت ساھەسىدىكى چۈشەنچىلىرى بەك مۈجمەل، ‹ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى› گە بولغان بىلىملىرىگە قارىغاندا، ‹ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلىيىتى› توغرىسىدىكى بىلىملىرى تېخىمۇ چولتا. نەزەرىيە سېپىدىكى باھادىرلىرىمىزنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش يولىدىكى رەنجى-مۇشاققەتلىرى قەيسىرانە يۈزلىنىش زۆرۈر بولغان ‹تەقدىر› بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئېرىشكەن چۈشەنچىلىرىنى كىشىلىرىگە يەتكۈزۈشمۇ دەردى بار ‹تەقدىر›. ئاللادىن سىزگە يېتەرلىك تەمكىنلىك ھەم ئەپچىللىك ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن.
(مۇنبەردىكى ئىسمىم بىر دانە ھەرپ-‹ن› قوشۇلۇش بىلەن ئوزگىرىپ كەتتى، توغرا چۈشىنىلگەن بولسا)

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش