ئىگىسى: uyghurzade

نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 00:20:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى


3.    نەزەرىيەنىڭ رولى: نېمە ئۈچۈن نەزەرىيە ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟


«ئىدىيەلەرنىڭ كۈچى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنگىنىدىن نەچچە ھەسسە زور بولىدۇ. دۇنيانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئىدىيە سېستىمىسىدۇر. ئۆزىنى پىكىرىي تەلقىنلەردىن قاچۇرىدىغان ھېسابچى ئادەملەرمۇ ئەمەلىيەتتە سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قۇللىرىدۇر. بۇيرۇقۋاز بىيۇروكراتلارمۇ ئەمەلىيەتتە تالاي يىللار بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە كېچىكىپ ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ تەلۋىلىك خۇمارىنى بېسىۋاتقانلاردۇر.»[17] بۇــ ئىدىيىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان دۇنيادىكى تۈرلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر مۇتەپپەكۇر جون مېيىنارد كېينىسنىڭ سۆزى. ئىدىيىلەرــ بىز بايىدىن بېرى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان نەزەرىيىنىڭ ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ خۇرۇچى، ئەمما ئىدىيىلەر نەزەرىيىگە تەڭ ئەمەس، ھۆكۈم تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېكمەت خاراكتېرلىك بايانلارمۇ نەزەرىيىگە تەڭ ئەمەس. ھالبۇكى، ئىسلام دىنىنى نەزەرىيە دەپ تونۇش خاتالىقتىن خالىي بولغان بۇ دىننىڭ مۇقەددەسلىكىگە داغ چۈشۈرۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئىدىيىلەر شەيئى ۋە ھادىسىلەر ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشلىق مۇناسىۋەتلەرنى، قائىدە- قانۇنىيەتلەرنى مەنتىقىلىق يوسۇندا سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئەمەلىيەتتىن بارلىققا كېلەلىسە، ئىسپاتلاشتىن ئۆتسە ھەم يەنە قايتىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلالىسا ئاندىن نەزەرىيىگە ئايلىنالايدۇ. ئادەتتە جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ جەمئىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، تونۇشى ئۇلارنىڭ كۆزىتىشىدىن كېلىدۇ ۋە قاراشلىرىدا ئەكىس ئېتىدۇ. كۆپىنچە ئادەملەر جەمئىيەتنى بەك چۈشىنىمەن دەپ ئويلىغىنى بىلەن، جەمئىيەت ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى ھېسسىي، بىر تەرەپلىمە بولىدۇ. سىستېمىلىق نەزەرىيە ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە، مۇناسىۋەتلىك ساھەگە تەدبىقلىيالىغان، نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ رولىنى ماھىيىتىدىن چۈشەنگەن كىشىلەرلا ھېسسىياتنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىمايدۇ، ئۆزى ۋە ئۆز قەۋمى دۇچ كېلىۋاتقان خرىسلارنى سەگەكلىك بىلەن تونۇيدۇ ھەم ئۆزى ياشاۋاتقان ئوبيېكتىپ دۇنيانى مەنتىقىلىق، ئىلمىي يوسۇندا چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. مەسىلەن، جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بىزنىڭ ئىجتىمائىي دۇنيانى كۆزىتىش، چۈشىنىش، شەرھلەش ۋە شۇ ئاساستا ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلىمىزنىڭ ھەم شۇ يوسۇندا قانداق ئادەم بولۇشىمىزنىڭ نېگىزلىك سەۋەبلىرىگە سېستىمىلىق جاۋاب بېرىشكە تىرىشىدۇ.

پەن نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرگەندە، ھەرقانداق پەندىكى نۇقتىئىنەزەرلەر ۋە ئىلمىي نوپۇز رېئاللىقنى كۆزىتىشتىن كەلگەن پاكىتلار ئاساسىغا تىكلىنىدۇ. شۇڭا، «ئىلىم- بىلەن شۇغۇللىنىش رېئاللىقنىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب بېرىشتۇر» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ھەممىلا ئادەم ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقنى چۈشىنىمەن دېسىمۇ، ئەمما نېگىزلىك ماھىيەتنى ئىزدەيدىغىنى يەنىلا ئىلىم ۋە ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىشتا ئاساس بولىدىغان ئىلمىي مېتودتۇر. پىكىرىي تەسەۋۋۇرنىڭ نەتىجىسى بولغان نەزەرىيە دەل مۇشۇ رېئاللىقنى ئەمەلىي مېتود بىلەن تونۇشتىكى مۇھىم قورالدۇر. نەزەرىيىسى بولمىسا، پەنمۇ بولمايدۇ. نەزەرىيە تەدبىقلىماي تۇرۇپ رېئاللىقتىكى تېپىشماقلارغا يىلتىزىدىن جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ.
داۋامى بار



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-25 00:23):
1-ئابزاستا «ھالبۇكى،ئىسلام» سۆزىدىن بۇرۇن ئۈچ جۈملە چۈشۈپ قاپتۇ. ئەپۇ سورايم

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 00:21:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى
تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە ئېھتىياجى ئۈچۈن بارلىققا كەلگىنىگە ئوخشاش نەزەرىيىلەرمۇ كىشىلەر دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈل ئەھۋاللارنى، مەۋجۇدىيەتلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كېلىدۇ. ئەمما، بىز نەزەرىيىنى بارلىققا كەلتۈرۈش داۋامىدا ئەڭ قىيىن بولغىنى يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى نېگىزىدىن شەرھلەشتۇر. ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا، نەزەرىيە ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاشۇ يوسۇندا بارلىققا كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلمىي يوسۇندا شەرھلەيدىغان، بىر- بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغان پاكىتلىق پەرەزلەردۇر.

رېئال تۇرمۇشنىڭ ئۆركەشلىرىدە نەزەرىيىنىڭ رولىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. فىزىكىلىق ئالەمنىڭ مەنبەسى، بىئولوگىيىلىك تۈرلەرنىڭ تارىخى، ھاياتنىڭ مەقسىتى، بەختكە ۋە پەزىلەتلىك ھاياتقا باشلايدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ مىزانى قاتارلىق چوڭ تېمىلاردىن تارتىپ تاماقنى قانداق ئېتىش، تىجارەتنى قانداق قىلىشتەك ئىشلارغىچە نەزەرىيە ئۆزىنىڭ رولىنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىمائىي مەۋۇجۇدلۇقىمىزدا ھامان بىزنىڭ چۈشىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان نەزەرىيىلەر بولىدۇ.

مەسىلەن، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرىتىپ ياكى ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، قىتىغۇرلۇق قىلىش، ئىجتىمائىي بىنورماللىقنىڭ يامرىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى ئادەتلەنگەن تونۇشىمىز بىلەن ئەمەس، مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەرنىڭ ياردىمىدە چۈشىنىپ باقايلى. ئاۋۋال بىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئۈچ خىل شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇنداق بىر قانچە مىسالغان نەزەرىمىزنى ئاغدۇرايلى: جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى شائىرى چۈ يۈەن چىيۇ بەگلىكى دەۋرىدە ۋەتىنىنى ياتلار بېسىۋالسا ۋەتەنداشلىرىنىڭ پەرۋا قىلمىغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ. 1968- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپون يازغۇچىسى كاۋاباتا ياسۇنارى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياپونىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭشالماسلىقىدىن ھەسرەتلىنىپ، ئۆزىنى ۋەتىنى ئۈچۈن ھېچئىش قىلىپ بېرەلمىگەندەك ھېس قىلىپ، 1971- يىلى گاز تۇرۇببىسىنى بۇرنىغا تىقىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان «بۆرىلەر ئۇۋىسى ئىراق» دا ئايال قەھرىمان ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كاتتىبېشىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بەدىنىگە بومبا تېڭىپ بارىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن يەنە بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىشى بىلەن لەيلى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. 2009- يىلى 4- ئايدا «بەرقى» تورىدا ئاشكارىلانغان بىر خەۋەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. بۇ كىشىلەر نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ؟ كاۋاباتا ياسۇنارى، چۈ يۈەن، فىلىمدىكى ھېلىقى يىگىت، بىنادىن سەكرىگەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆلۈش ئۇسۇلىدىكى پەرق ۋە ئوخشىماسلىق مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەردە قانداق شەرھلىنىدۇ؟

كىشىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار توغرۇلۇق«ساراڭكەن، نېرۋىسىدا چاتاق باركەن» دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، بۇنداق قاراش تۈرلۈك ئۆلۈۋېلىش ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىگە ئاساس سالغان ئۈچ مۇتەپەككۇرنىڭ بىرى بولغان ئېمىل دۇركىم(Emile Durkheim,1858-1914) ئۆلۈۋېلىش ھادىسىسى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە: «ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار: قېيداپ ئۆلۈۋېلىش، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش، ئۆزى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش قاتارلىقلار.»[18] قېيداپ ئۆلۈۋېلىش(anomie suicide,失范式自杀) جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەردىن ئىچى پۇشۇپ، ئىجتىمائىي مىزانلارنىڭ جەمئىيەت مىقىياسىدا دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىغا نارازى بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسىدۇر. كاۋاباتا ياسۇنارى ۋە چۈ يۈەننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. ئېمىل دۇركىمنىڭ نەزەرىيىسى بويىچە قارىغاندا، كىشىلەر ئوخشاشلا ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپ ۋە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. بۇ ھادىسە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش(利他性自杀,altruistic suicide)دەپ ئاتىلىدۇ. «بۆرىلەر ئۇۋىسى ئىراق» فىلىمىدىكى ھېلىقى يىگىتنىڭ ئۆلۈۋېلىشى دەل مۇشۇ خىل تۈرگە كىرىدۇ. بۇ خىل ئۆلۈۋېلىش ھادىسىسىگە كۆپىنچە ئۆز قەۋمىنىڭ غورۇرىنى قوغداش ئورۇنۇشى سەۋەب بولىدۇ. ھېلىقى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى«ئۆزى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش»(个人主义自杀egoistic suiside,)ھادىسىسىدۇر. يەنى بىر ئادەم ئۆز ئىستىقبالىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندە ياكى جەمئىيەت ئۇنى سىغدۇرمىغاندا، ئۆزىنىڭ نىشانىغا مۇئەييەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدە يېتىشكە ئامالسىز قالغاندا ئۆلۈۋېلىشى مۇمكىن.

بىر ئادەمنىڭ قىتىغۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگىنىمىزدە بىز ئادەتلەنگەن تونۇشىمىز بويىچە «تەربىيلىنىشى ناچار، ھەسەتخور ئىكەن» دەپلا تۈگىتىمىز. ئەمما، جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بۇ ھادىسىنى ئۇنداق ئاددىي چۈشەنمەيدۇ. يەنى، جەمئىيەت پسىخولوگىيىسىدىكى «ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىتىغۇرلۇق نەزەرىيىسى» بويىچە چۈشەندۈرگەندە، «بىر ئادەم ئوقۇشسىزلىققا ئۇچراپ مەقسىدىگە يېتەلمىگەندە قىتىغورلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئەتراپىدىكى ئاجىزلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللايدۇ.»[19] ئىدارىدە بىر قېتىملىق ئۆسۈش پۇرسىتىدىن قالغان بىر ئەرنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئاچچىقىنى ئايالى ۋە بالىلىرىدىن چىقىرىشى، بەزى تور قۇرتلىرىنىڭ توردا مەخسۇس زەھەرلىك، قىتىغۇر ئىنكاس يېزىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. تۇرمۇشىدا غالىپ ياشاۋاتقان بىر كىشىنىڭ  باشقىلارغا  ھۇجۇم قىلىپ سېسىتىشقا قانداق بېتى كۆتۈرسۇن؟
داۋامى بار


كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 00:25:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە توي- تۆكۈنلەردىكى ئىسراپچىلىق، ۋاقىتقا ئېتىبار قىلماسلىق ۋە ھاراقنىڭ زىيىنى ھەققىدىكى قاقشاش سادالىرىنى تولا ئاڭلاپ تۇرىمىز. لېكىن، نېمە ئۈچۈن بۇ ھادىسىلەر تۈگىمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەمنىڭ يىرگەنگىنىگە قارىماي ئىپپەت سودىسى يىلدىن يىلىغا ئەۋج ئالىدۇ؟ ئادەتلەنگەن تونۇشىمىز بىلەن بۇ ھادىسىلەرگە :«ھەي، جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى» دېگەندەك قاراشلار بىلەن باھا بېرىمىز. ئەمما، جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بۇ ھادىسىگە بۇنداق ئاددىي قارىمايدۇ. ئەنگلىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس ئانتونى گىددىنىس(Anthony Giddens,1938-) نىڭ قارىشىچە، «چىركىن ئىجتىمائىي مۇھىت بارلىق تاپتىن چىقىش ھادىسىلىرىنىڭ پارنىكى.»[20] گېرمانىيە جەمئىيەتشۇناسى ماكس ۋېبىرنىڭ قارىشىچە، «ئادەملەر ھەر خىل شۇئارلارنى توۋلايدۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ھەۋەس ئېھتىياجى بويىچە ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىدە ھەمىشە ئىقتىساد ئامىلى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.»21]

بىر نەزەرىيىنىڭ قىممىتىنىڭ بار- يوقلۇقى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھادىسىلەرگە، شەيئىلەرگە نىسبەتەن دەللىكنىڭ، ئىزاھلاش كۈچىنىڭ بار- يوقلۇقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ھەرقانداق پەندىكى ئىلمىي نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ يادروسى- مۇناسىۋەتلىك باغلىنىشلارنى سىستېمىلىق شەرھلەپ بېرىدىغان نەزەرىيە تۇرغۇزۇشتۇر. ئەمما، نەزەرىيىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، مۇقىم فورمۇلا دەپ چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. نەزەرىيە ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان ئىجادىي ئويلىنىشىنىڭ مەھسۇلى. مەسىلەن، ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» فىزىكا ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق نەزەرىيە سىستىمىسى دەپ قارىلاتتى. 1980- يىلنىڭ ئاخىرىدا كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېيىپ پروفېسسورى ستېفېن خاۋكىڭ(Stephen Howking,1942-) نىڭ «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى» نىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىكى نۇرغۇن قاراشلار ئاغدۇرۇلدى، يېتەرسىزلىكلەر تولۇقلاندى. ئىجادچان كىشىلەر تۈرلۈك ئېھتىياجلارغا ئاساسەن نەزەرىيىلەرنى ئىختىرا قىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتكە تەدبىقلىغاندا بەزى نەزەرىيىلەر دەل چۈشۈشى، يەنە بەزى نەزەرىيىلەر ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

ئىجتىمائىي پەندىكى نەزەرىيىلەر كۆپىنچە ئىنسان ھەرىكىتى ھەققىدىكى ماھىيەتلىك قىياسلاردىن بارلىققا كېلىدۇ. ئالايلۇق، «ئەقلىي ھەرىكەت ئىگىسى نەزەرىيىسى»(Rational Actor) دە، شەخسلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ، دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى نۇقتىئىنەزەرلەر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، بىز ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ زۇڭتۇڭىنى سايلىشىنى مۇشۇ نەزەرىيە بويىچە چۈشەندۈرسەك، سايلىغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا خىيالىدىكى زۇڭتۇڭ نامزاتىغا بېلەت تاشلايدۇ. پسىخولوگىيىلىك نەزەرىيىلەردە بولسا سايلىغۇچىلارنىڭ مەلۇم سىياسىي پارتىيىگە قارىتا پەيدا بولغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ھېسسىياتى ئۇلارنىڭ سايلامدىكى قارار بەلگىلەيدىغانلىقى، ئائىلىۋى رىشتە ئارقىلىق مۇئەييەن بىر پارتىيىگە باغلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلىنىدۇ. بۇ نەزەرىيە ئاساسىدا بىز تېخىمۇ دادىللىق بىلەن سايلىغۇچىلارنىڭ سايلامدا ئاتا- ئانىسىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسى بويىچە ئىش كۆرىدىغانلىقىنى ۋە نەچچە يىل داۋامىدا ئوخشاش بىر پارتىيىگە بىلەت تاشلايدىغانلىقىنى قىياس قىلالايمىز.

يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، نەزەرىيىنىڭ رولى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: بىرىنچىدىن، نەزەرىيە بىزنى مەلۇم ئىجتىمائىي ھادىسە، مەلۇم ۋەقە، مەلۇم ئۇچۇرلارنى ئىزاھلىشىمىز ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىككىنچىدىن، نەزەرىيە مەلۇم بىر خىل تەتقىقاتنى يەنە بىر خىل تەتقىقات بىلەن باغلايدۇ. ئۈچىنچىدىن، نەزەرىيە تىكلەپ بەرگەن مودېللارنىڭ ياردىمىدە  ئۇقۇملار، مەلۇم ھادىسىدىكى نۇقتىلىق ئامىللارنى ماھىيىتىدىن چۈشەنگىلى بولىدۇ. تۆتىنچىدىن، نەزەرىيە بىزنى ئۆزىمىز ۋە باشقىلار ھەققىدە بايقىغانلىرىمىزنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەممە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئابستراكىتلىقى، قىيىنلىق دەرىجىسى كۈچلۈك نەزەرىيىلەرگە باغلىنىشى ناتايىن. مەسىلەن، تارىختا ناھايىتى سىستېمىلىق نەزەرىيىلەرنىڭ بولماسلىقى بۇ پەننىڭ ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئېنىقكى، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، مەسىلىلەر بىزنىڭ سىستېمىلىق تەتقىقات يۈرگۈزۈشىمىزنى كۈتىدۇ. سىستېمىلىق تەتقىقات تەبئىي ھالدا نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

4. نەزەرىيە ۋە تەتقىقات


كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 00:31:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنىڭ كەسپچانلىقى، ئابستراكىتلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا،پارچىلاپ يوللاشنى ئويلىدىم. بۇ ئوقۇرمەنلەرنى ساقلاتقىنىم ئەمەس. توردىكى خېلى بىر قسىم ئادەملەر قىسقا-قىسقا نەرسىلەرنى ئوقۇشقا كۆنۈپ كەتتى. بۇ ھېسماقالە شۇ ئېھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ بۆلۈپ يوللاندى.
ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان، يېڭى ، سسىتېمىلىق ئىش قىلماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەمدى يوللىندىغان «نەزەرىيە ۋە تەتقىقات» بۆلىكىگە بەكرەك دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ تېمىغا دىققتىنى بەرگەن دوستلارغا كۆپ رەھمەت.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-25 00:32):
ئامممىباب يازما قوغلىشىدىغان ئوقۇرمەنلەردىن بۇ تېمىدا ئۆزرە سورايمەن.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 01:02:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغا ياندىن بايان(ماقالىنىڭ قالغان قىسمى يوللىنشتىن بۇرۇن)1:

بۇ تېمىدا سورىلىش ئېھتىمالى بار ياكى كەلگۈسىدە ئىزدەنگۈچىلەر يولۇقۇشى مۇمكىن بولغان سوئاللارغا قىسقچە جاۋاب بېرىلدى.

بۇ سوئاللارغا  باشنىڭ قېتىقىنى چىقارغۇدەك قيىن كىتابلار بىلەن ھەپلىشىپ جاپا ئىچىدە ئۆتكەن تۆت-بەش يىللىق نەزەرىيىۋىي بىلىم ئىگىلەش يولىدىكى كەچۈرمىشلىرمدىن خۇلاسىلىگەن تەجىربىلەرنى سۇنىمەن. بۇ قاراشلارنىڭ ھەممىسى ئۆگىنىش داۋامىدىكى بېۋاستە تەىسراتىم.قىزىققۇچى تورداشلار پايدىلانسا ياكى سىناپ باقسا بولىدۇ.

   سوئال: قانداق قىلغاندا ئۆز ساھەيىمىزدىكى نەزەريۋىي كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولىدۇ؟

   بىرىنچى، بۇنداق كىتابلارغا كەلگەندە ئاۋۋال كىتاب ئوقۇش ئادىتڭىزنى ئۆزگەرتىڭ. يەنى بۇنداق كىتابلارنى رومان،پوۋېست، شېئىر ئوقۇغان پەدىدە ھۇزۇرلىنىپ ئوقۇپلا قوپۇپ كېتشكە بولمايدۇ.ھەجىلەپ، بەتمۇ-بەت، ئويلىنىپ ئوقۇش كېرەك ھەم خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك.ئىككىنچى،  كاللىدىكى ”بۇنداق كىتابلار بەك تەس، مەن بىر نەرسە بىلەلمەيمەن“ دېگەن قاراشنى يوقىتىڭ.پوزتسيىدە ئاۋۋال مەغلۇپ بولىسىز. ”ئۆگىنەيچۇ“ دېگەن خىيالغا كەلگەن ئىكەنسىز،  دېمەك سىزدە ئۈمىد بار.تۆتىنچى، نەزەريە ھەققىدە بۇرۇن يۇقتۇرۇۋالغان خاتا چۈشەنچە ۋە نەزەريە دەپ چۈشنىۋالغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ كېتىڭ(سىز خاتا ئوقۇش ئەندىزىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغۇچى) ۋە نەزەريىنى تار مەنىدە، ئەستديىل مەنىدە چۈشىنىڭ. بەشىنچى،شۇ ساھەيىڭىزدىكى ئەڭ ئۇستا، ئەڭ ئالدىدا تۇرغان بەش-ئون نەزەريچىنىڭ ئىش پائاليىتىنى ئاۋۋال گۇگۇلدىن ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ تېپىڭ. ئاندىن ئىككىنچى قەدەمدە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىنى ئەمەس، دەسلەپتە پىشقان مۇتەخىەسىس تەرپىدىن شۇ ساھەنىڭ ئومۇمىي نەزەريە سېستمىسىنى ئومۇمىي بايان سۈپىىتدە  چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ياخشى بىر كىتابنى تېپىىش ۋە ناھايىتى قېتېرقىنىپ ئۇقۇپ چىقىڭ. خاتىرە قالدۇرۇڭ، بولسا شۇ ساھەنىڭ ئادەملىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ ئۆگىنىڭ، ئۆز ساھەيىڭزىدە ئەڭ ئالدىغا كەتكەن ئىلىم ئىگىسىنىڭ دەۋاتقان، قىلۋاتقان ئىشلىرىغا دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ.

  سوئال: نېمشىقا ماقال تەمسىل ياكى ھېكمەتلەر يەتمەيدۇ؟ نەزەرىيىۋي كىتابلارنى كۆرىمەن دەپ يۈرگۈچە شۇنداق گەپلەرنى پىششىق يادلىۋالسىلا ۋە ھەرىكەتكە تەدبىقلسا بولمامدۇ؟

    ئۇلارمۇ كولكتىپنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ مەھىسۇلى. خاتا ئەمەس. ئەمما، شۇ توغرا گەپلەر  قۇلاققا كىرىپ تۇرىسىمۇ ئىتتىك ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ ھەم ئاڭغا ۋە ھەرىكەتكە تەسىر كۆرستەلمەيدۇ. ئىنسانغا قىلىنغان نەسىھەت قۇلاقتا تۇرمايدۇ.ئەڭ مۇھىمى. سېستملىق  ئانالىز ئارقىلىق، مۇھاكىمە ئارقىلىق، پاكىتلار ئارقىلىق ئاڭ ئېقىنىغا تەسىر كۆرستىش لازىم. ياخشى يېزىلغان نەزەريىۋي كىتاب بۇ ئشىنى قىلالايدۇ. مەسىلەن، كارل يۇڭنىڭ “كوللېكتىپ ئاڭسىزلىق“ دېگەن كىتابى بىر توپنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئوخشاش كالۋالىقنى  سادىر قىلىۋېرىدىغانلىقنىڭ سىرىنى خېلى ئوبدان يېشىپ بېرەلەيدۇ(كارل يۇڭ فرۇئدنىڭ خېلى قاراشلىرىنى، جۈملىدىن دىن ھەققىدكى قاراشلىرىنى رەت قىلىدۇ).  ھېكمەت سۈپىتدە دەۋاتقان گەپلەرنى  باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ چوڭقۇرراق پىكىرگە ئىچكىرلەپ كىرىش كېرەك.مەسىلەن، ”كاجنى بازار ئوڭشايدۇ“ دېگەن ماقالنىڭ كۈچىنى ئادام سىمىسنىڭ بازار قانۇنىيىتى ھەققىدكى نەزەريىسىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن بايقايسىز. ”بار تاۋىقىم يان تاۋىقىم، بولمىسا ئارىدا سۇن تاۋىقىم“ ماقالى جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ”كېلشمە ئالاقە نەزەريىسى“ نىڭ باش نۇقئىنەزىرىگە شۇنداق جپسشىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ دېگەنلىك ماقال-تەمسىل، ھېكمەت بىلەن سېستمىلىق نەزەرىيىنى بىر ئورۇندا قويغانلىق ئەمەس.

  سوئال: قوبۇل قىلش بىلەن شاكلىنى ئايرىشنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ نەزەرىيىۋى كىتابلار بىلەن ئىسلام دنىمىز توقۇشىدىغان ئەھۋال مەۋجۇدمۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟

داۋامى بار

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 01:09:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوئال: قوبۇل قىلش بىلەن شاكلىنى ئايرىشنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق؟ نەزەرىيىۋى كىتابلار بىلەن ئىسلام دنىمىز توقۇشىدىغان ئەھۋال مەۋجۇدمۇ؟ بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك؟

ناۋادا ئېتىقادىڭىز كۈچلۈك بولمىسا ئاسانلا ئوقۇغان نەرسىڭىزگە ئەل بولۇپ كېتىپ، شۇنى جاھاننىڭ ئشىلىرىغا ھۆكۈم قىلشىتىكى بىردىنبىر ۋاسىتە قىلۋالىسىز. بۇ خاتا.  سىزدە ئىمان بولمىسا ھەر بىر ئوقۇغان كىتابڭىزدىن بىر قېتىم تەسرلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا بىر مۇنچە  كىتابلارنىڭ ئچىىدە بېشىڭىز قايىدۇ، قامغاققا ئوخشاپ قالىسىز.  كىتاب سىزنى چېلىۋېتىدۇ. ئىمانى بار ئوقۇرمەن ھەر قانچە ئوقۇسىمۇ ئوقۇغانلىرىغا  پۈتۈنلەي ئەل بولۇپ كەتمەيدۇ.

لېكىن، ئىمانىم بار دەپ ئەقىلنى ئشىلەتمەسلىككە، بىلىش شەكللىرىگە دىماغ قىېقشقا بولمايدۇ. تىللاشتىن بۇرۇن چۈشىنىش كېرەك. ئەقىل ئىماننىڭ سەرمايىسىدۇر. ئەقىل يانداشمىغان ئىمان ئادەمنى ئېرقچىغا، رادىكالغا ۋە كالۋالققا باشلايدۇ. بەزى تەقۋاداش تورداشلار غەربكە مۇناسىۋەتلىك بىلىش شەكىللىرى بولسىلا قارا-قويۇق زەھەرلىك دەۋالىدۇ. بۇ خاتا. ئەگەر ئۇنداق بولسا سىز شۇ غەربتىن كىرگەن تېلفوننى، كومپۇتېرنى، ماشىنىنى نېمشىقا ئشلەتتىڭىز؟ بۇ ئەمەلىيەتتە ئاجىزلىقنى يۇپۇتۇشنىڭ باھانىسى.ئەگەر ئاشۇ قاراش بويىچە بولغاندا، كاتتا مۇسۇلمان پەيلاسوپى ئىبىن رۇشېد ئارستوتېل ۋە ئەپلاتوننى ئۆگەنمىگەن بولاتتى. پاكستانلىق مۇسۇلمان مۇتەپپەككۇرى مۇھەممەت ئىقبال ھېنىرى بېرگىسونلارنى ئوقۇمىغان ۋە كىتابىرىدا نەقىل ئالمىغان بولاتتى. گەپ نېمىنى قوبۇل قىلىپ نېمىىنى قوبۇل قىلماسلىقتا. گەپ ئۆزىمىزدە.

      قۇرئان كەرىمدە ئەقىل سۆزى ناھايىتى جىق تىلغا ئېلېىنغان. ئاللاھ بىزنى ياراتقانىكەن، دېمەك ئەقىلنى ئشىقا سېلىپ ، ھەر خىل ئېھتىياجلىرىمىز ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئەقلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىدۇرۇشىمىز لازىم.    ئەدەبىيات نەزەريىسى، جەمئيەتشۇناسلىق نەزەريىسى، مىللەتشۇناسلىق نەزەريسىىدە بىز  ئۆگەنگۈدەك جىق نەرسە بار. مەسىلەن، يەر شارلىشىش نەزەريىسى قاتارلىق بىر قاتار نەزەريە سېستملىرىنىڭ دىن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.

      قىسمەن ئەھۋالدا زىددىيەت كۆرۈلگەندە قىممەت قارىشمىزغا زىت يەرلىرى بولسا تاشلۋېتىپ، زۆرۈر يەرلىرىنى ئېلىپ قېلىش كېرەك. مەسىلەن، كارل ماركسىنىڭ كاپىتال ھەققىدكى نەزەريىسى ھېلىھەم تەسىرىنى يوقاتقىنى يوق. ئەمما، ئۇنىڭ ”دىن ئەپيۇن“ دېگەن گېپىنى بىر ئاڭلىق مۇسۇلمان قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنداق يەرلەرگە كەلگەندە ئېرەنشىمەي ئۆتكۈزۋېتىش كېرەك. سەۋەب، ھازىر نۇرغۇن پەيلاسوپلار ۋە ئالىملار دىننىڭ كارل ماركىس ۋە فرۇئىد دېگەندەك ئالدامچىلىق ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى.

     ئەمما،شۇنىسى ئېنىق، ئىمان بولمىسا كىتاب ئوقۇۋېرىپ سىز بەك چۈشكۈنلىشىپ كېتىسىز. ئوقۇغان كىتابڭىز سىزنى ئېزىدۇ.
داۋامى بار


UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 15:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمان بولمىسا كىتاب ئوقۇۋېرىپ سىز بەك چۈشكۈنلىشىپ كېتىسىز. ئوقۇغان كىتابڭىز سىزنى ئېزىدۇ.
................................................................................................................................
     مانا بۇ بويىمىز بىلەن تەڭ كىتاب ئوقۇپمۇ تاپقىلى بولمايدىعان پەلسەپە ، ئامرىكنىڭ  سابىق  پىرىزىنتى كىچىك بوش ،چىڭحۇۋا ئۇنۋىرتسىتىدا نۇتۇق سوزلىگەندە ،بىر ئوقۇعۇچى ، سىز دىنعا ئىتىقات قىلامسىز؟ دوپ سورىعاندا ،بوش ئەپەندى ،« دىنى ئىتىقادى يوق ئادەمنى ئادەم دىگىلى بولمايدۇ »دەپ جاۋاپ بەرگەن .

UID
11006
يازما
465
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
12195
تىزىملاتقان
2011-5-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
81 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 15:05:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامو ئەلەيكوم ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرزادە .. ئەسەرلىرىڭىزدىن مەلۇمكى ئاللا  خالىسا  سىز بۈيۈك مەنزىلگە ئاتلاندىڭىز...سىزگە ئاق يول  تىلەيمەن ..نۇرغۇن قىرىنداشلىرىڭىز بىلەن بىللە  سىزگە دۇئا  قىلىمەن..

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 06:14:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

jula يوللىغان ۋاقتى  2012-1-24 15:10
مېنىڭ بۇ تېمام تاماشىچى، ئەخلاقىي ئېكولوگيىىسگە يوغان ...

ئەمدى بۇ تېمىغا ئۇيغۇرزادىنى قايتا كىرىدۇ دەپ ئويلىمايمىز ، شۇنچە دەتالاش بولۇپتۇ ، تالاشچىلار ئارىسىدا  بىز بىر نەرسىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالمىدۇق . ئۇ دەل نەزەرىيەۋى تەپەككۇر ۋە ئۇنىڭ بىزنى ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچىدۇر . مۇشۇ تېما بىز ئۈچۈن نېمىنىڭ ھەممىدىن كەم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى دەپ ئويلايمەن ، بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئۇيغۇرزادە يەنە ئاقىللىق بىلەن ئىككى يېڭى تېما يوللاپتۇ ، بىرى ‹‹ نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟ ›› يەنە بىرى بولسا ‹‹خام خىيال، رىۋايەت  ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر
››  
سۆيۈملۈك قېرىنداشلار ! بىز بۇ تېمىدا مەيلى  قانداقلىكى سەۋەپ كۆرسەتمەيلى ، دەل يۇقىرىقى نادىر تېمىلارنى بىر كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ بۇ تېمىدا نېمىشقا بۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتكەنلىكىنى ، نېمە ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا خۇددى‹‹ ئاق تاغلىق ، قارا تاغلىق ›› لاردەك تىغمۇ- تىغ ئېلىشىپ كەتكىنىمىزنى  ھەقىقىي ھېس قىلالمايمىز . راست گەپنى ئېيتقاندا بۇ تېما ئۇيغۇرزادىنى چۆچۈتتى ، شۇڭا ئۇ تېخىمۇ يېڭى ئۇچۇر ۋە بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرىقى ئىككى تېمىنى يوللىغان بولسا كېرەك ، بۇ تېمىدا ئۆزىنى بىلىملىك سانىۋالغانلار بولسۇن ۋەياكى ئاللىقانداق مەقسەتلەر بىلەن ئىنكاس يازغانلار بولسۇن ئۆزىمىز ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدىغان بىر ھەقىقەت نامايان بولدى ، ئەمىسە بۇ زادى قانداق ھەقىقەت ؟  سىز ھەقىقەت ئىزدىگۈچىمۇ ؟ سىز ئويغىنىشنى ، ئادىمىيلىك ئەقىل - پاراسىتىڭىزنى نامايان قىلىپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئادەممۇ ؟ بىز قىزىققان بەزى سىرلارنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرزادىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى تېمىسىغا مەرھەمەت قىلىڭ ! سىرلىق مۇئەممالارنىڭ سىرى ئېچىلغۇسى ! بۇ تېىمدا بەزىلەر ئۆزلىرىچە كۆزگە ئىلمايۋاتقان ئۇيغۇرزادە زادى قانداق ئادەم ؟  ئۇ يەنە قانداق يېڭى گەپلەرنى قىلالايدۇ ؟  بۇ سوئاللارغا مېنىڭچە ئۇيغۇرزادە بۇ تېمىسىدا ئۆزى جاۋاب بېرەلەيدۇ .
ئۇلىنىش ئادرېسى :  

1. نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟

/thread-15693-1-1.html

2. خام خىيال، رىۋايەت  ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر

/thread-15692-1-1.html

__________________________

ھازىر «ئىلمىي باياناتچى»، «ئىلمىي كاتىپ » يېڭى كەسپ بولۇپ شەكىللەنگەن ئوخشايدۇ. مەن تېمىدىن ئاللىقاچان چېكىنگەن شارائىتتا ئۇيغۇرزادەنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىغا ھەتتا ئوي- خىيالىغا ۋەكىللىك قىلىپ سۆزلىگەندەك سۆزلەيدىغان سەمەرقەنت دېگەن بالىنى ئۇيغۇرزادىنىڭ «ئىلمىي باياناتچىسى» بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ كىردىم.
ئالى مەكتەپتە ئوقىيالمىغان ياكى ئوقۇش ئىمكانىيىتى يوق بالىلارغا نەزەرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بەلەن دەرس ئۆتۈۋېتىپتۇ،دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ نەزەرىيە ئۆگەنمىگەندىن نەزەرىيە ئۆگەنگەن ياخشى، ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىش-لېنىن.
بىر نۇقتا دىققىتىمنى تارتتى. بىرىنچىسى، دىن نەزەرىيە ئەمەس ئىدىئولوگىيە دېگىنى. مەن بۇيەردە بىر تەكلىپ بەرمەكچىمەن، دىننى ئىدىئولوگىيە دېگەندىن كۆرە ئىلاھىي ھەقىقەت دېگىنىڭىز تۈزۈكمىكىن. چۈنكى دىننى(ئەلۋەتتە باشقا دىننى كۆزدە تۇتمايمىز)ئىدىئولوگىيە دېگەندە ، «دىن كىشىلەرنىڭ خامخىيالى»دېگەن تەبىرگە نەق چۈشۈپ قالىدۇ. سىز ئەلۋەتتە بۇنداق بولىشىنى خالىمايسىز.

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 20:05:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
enwer-jula يوللىغان ۋاقتى  2012-1-26 06:14
jula يوللىغان ۋاقتى  2012-1-24 15:10
مېنىڭ بۇ تېمام تاماشىچى، ئ ...

  ئەنۋەر جۇلا مۇنداق يېزىپتۇ :
ھازىر «ئىلمىي باياناتچى»، «ئىلمىي كاتىپ » يېڭى كەسپ بولۇپ شەكىللەنگەن ئوخشايدۇ. مەن تېمىدىن ئاللىقاچان چېكىنگەن شارائىتتا ئۇيغۇرزادەنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىغا ھەتتا ئوي- خىيالىغا ۋەكىللىك قىلىپ سۆزلىگەندەك سۆزلەيدىغان سەمەرقەنت دېگەن بالىنى ئۇيغۇرزادىنىڭ «ئىلمىي باياناتچىسى» بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ كىردىم.
ئالى مەكتەپتە ئوقىيالمىغان ياكى ئوقۇش ئىمكانىيىتى يوق بالىلارغا نەزەرىيە بىلەن ئەمىلىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا بەلەن دەرس ئۆتۈۋېتىپتۇ،دەپ ئويلىدىم. دېمىسىمۇ نەزەرىيە ئۆگەنمىگەندىن نەزەرىيە ئۆگەنگەن ياخشى، ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىش-لېنىن.
بىر نۇقتا دىققىتىمنى تارتتى. بىرىنچىسى، دىن نەزەرىيە ئەمەس ئىدىئولوگىيە دېگىنى. مەن بۇيەردە بىر تەكلىپ بەرمەكچىمەن، دىننى ئىدىئولوگىيە دېگەندىن كۆرە ئىلاھىي ھەقىقەت دېگىنىڭىز تۈزۈكمىكىن. چۈنكى دىننى(ئەلۋەتتە باشقا دىننى كۆزدە تۇتمايمىز)ئىدىئولوگىيە دېگەندە ، «دىن كىشىلەرنىڭ خامخىيالى»دېگەن تەبىرگە نەق چۈشۈپ قالىدۇ. سىز ئەلۋەتتە بۇنداق بولىشىنى خالىمايسىز.
   
  ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى ، سىزنىڭ مۇشۇ تېمىغا كىرىشىڭىزنى شەخسەن مەن بەك ئارزۇ قىلاتتىم ، بۇ ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقان ئوخشايدۇ . رادىل ئابلا توغرىسىدىكى تېمىدا بەك كۈچەپ كەتتىڭىز ، بۇ تېمىغا كىرىپلا يەنە ماڭا ‹‹ ئۇيغۇرزادىنىڭ ئىلىمىي باياناتچىسى ›› دىگەن شەرەپلىك ئۇنۋاننى بېرىپسىز ( شەرەپلىك ئۇنۋان دىگەن شەرەپلىك ئۇنۋان - دە ! ) ئالدىنقى تېمىدا سىزگە قارىتىپ يازغان نۇرغۇن ئىنكاسلىرىم ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ،  سىز بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇنداق دەۋاتقىنىم يوق ، ھەم بۇنداق خىيالىممۇ يوق ، سىزمۇ ئالدىراپ بىرەر ئادەمنى يارىتىدىغان ئادەمدەك تۇرمايسىز ، بىزغۇ سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ‹‹ كىچىك بالىلار ›› غۇ ، ئەمما ئۇيغۇرزادىگىمۇ خېلى پەش قېقىپ باقتىڭىز ، ئۇ تېمىنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان ، مېنىڭچە مۇنازىرە قىلىشقا تېگىشلىك تېما رادىل ئابلاغا ئاتالغان تېمىدىن كۆرە دەل مۇشۇ ئىككى تېمىدۇر ، سىزنىڭ نەزەرىيەۋىي تەپەككۇرىڭىزنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سىنايدىغان پەيت ئەمدى كەلدى ، ئۇيغۇرزادىنى ‹‹ قاتتىق مەدەنىيەت قورۇمىچىلىقى ›› نى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ دىگەن ئاتالمىىش پەتىۋارىڭىز ئۇ تېمىدا بازار تاپماي قالدى ، ئۇيغۇرزادىنى ئۇيەر- بۇيەردە ئوقۇۋالغان نېمىلىرىنى پەش قىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە كۆپ  كىتاپ ئوقۇپ باقمىغان ، دىگەن يەرگىمۇ يەتتىڭلار ، شۇڭا مەن ئۇ تېمىدىكى  ئىنكاسلار ئۇيغۇرزادىنى چۆچۈتتى دەپ پەرەز قىلدىم . سىلەرنىڭ ئۇنى ھەقىقىي تەنقىد قىلىدىغان ۋاقتىڭلار ئەمدى كەلدى ( ئەگەر رادىل ئابلاغا ئاتالغان تېمىدىكى شاۋقۇنلىرىڭلار راستلا دوستانە تەنقىدنى مەقسەت قىلغان بولسا  ) سىزنىڭ بىزنى بۇنچە پەس ئىنتوناتسىيىدە باھالىغۇدەك زادى قانچىلىك بىلىمىڭىزنىڭ بارلىقىنى بۇ تېمىدا بىز كۆرۈپ باققۇم بار ، ئۇيغۇرزادە بۇ تېمىسىدا نەزەرىيەۋى تەپەككۇرنى يادرو قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ ، ئىلگىرىكى تېمىدىغۇ توردىكىلەرنىڭ ھېسسىياتىدىن تازا ئوبدان پايدىلىنىش ھۈنەرلىرى ئەسقىتىپ قالدى ، مانا بۇ تېمىلا ھەقىقىي مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان بىر تېما بولۇپتۇ ، چۇنكى بۇ تېمىدا گەپ ھېچكىمنىڭ شەخسىيىتىگە قارىتىلمىغان ( يەنى بىرەيلەنگە قارىتىپ يېزىلغان تەنقىد ئەمەس دىمەكچىمەن ) . سىز زادى بىر تېمىغا كىرەر كىرمەيلا ئاجايىپ كۆرەڭ ئىنتوناتسىيەدىلا ئىنكاس باشلايسىزكەن ، يۇقىرىقى تېمىدىمۇ شۇنداق بولغان ، بۇ تېمىدىمۇ شۇنداق قىلىپسىز ، سىزنىڭ مەن ئەڭ ياقتۇرمىغان تەرىپىڭىز نېمە بىلەمسىز ؟  سىز ئۆزىڭىزنى ھەممىنى پاش قىلالايدىغان ئادەمدەك ھەيۋە بىلەن كېلىسىز ، ‹‹ دەلىل _ ئىسپات ›› دىگەن گەپنى ئاغزىڭىزدىن چۈشۈرمەيسىز ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرلىرى تولىمۇ ئابىستراكىت ، مەۋھۇم ( بۇنى نادىرلىق دەپ چۈشەنگىنىم يوق ، ئەمەلىيەتتە پاكىت بىلەن ئىسپاتلانمايدۇ ، ئاجايىپ كەسكىن ھۆكۈملىرىڭىزنىڭ كېلىش مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ، شۇڭا قوبۇل قىلىشتىن يىراق) ، يەنە كېلىپ ھېسسى چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ تۇرۇپ خەقنى ( مەسىلەن ئۇيغۇرزادىنى ) دەلىل ئالماي تۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى سۆزلەيدۇ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئاڭلىۋالغان دىگەندەك گەپلەر بىلەن تەنقىد قىلىسىز ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن قاراشلىرىڭىزنى ئىلمىي بىلىش دەپ چۈشىنىسىز ، بىزنىڭ ئۇنى خۇددى ئۇيغۇرزادىنىڭ قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىلىشىمىزنى ئارزۇ قىلىسىز ، قوبۇل قىلىمىغانلىقىمىز ئۈچۈن بىزنى مازاق قىلىش مەنىسىدە ‹‹ كىچىك بالىلار ›› دىگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتاپ كەلدىڭىز ئەمما ئۆزىڭىزنىڭ ‹‹ چوڭ ئادەم ›› ئىكەنلىكىڭىزنى تېخى ئىسپاتلاپ بىزنى خۇددى ئۇيغۇرزادىدەك قايىل قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىدىڭىز ، ئىلگىرىكى تېمىدا سىزنىڭ يازغان ئىنكاسلىرىڭىزغا قاراپ سىزنى ‹‹ ئۇيغۇرزادىنى بىر يېڭىۋىلىپ ئاتاقلانماقچى بولۇۋاتىدۇ ›› دىگەن قاراشقا كەلدىم ، بۇنى مەن سىزگە يازغان 'ئىنكاسلىرىمدا دەپ ئۆتكەن ئەمما ئۇ ئىنكاسلار ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنغاچقا سىز بەلكىم كۆرەلمىدىڭىز ، ئۇ تېمىدا يازغان ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرزادە ۋە بىزدەك قوللىغۇچىلار تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ئىنكار قىلىنىپ تۇرغىنىغا قاراپ سىزنىڭ ئوقۇرىڭىز تېخىمۇ ئېگىزلەپ بارا - بارا جاھىللىشىپ ماڭدىڭىز ، ئۆزىڭىز ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىدىڭىز ، سىز ئېلىشىپ مەغلۇپ قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرزادە كۆزىڭىزگە بارا - بارا سەت كۆرۈندى ، شۇڭا بىز ئۇنى قوللاپ ئىنكاس يازساق ، بىزمۇ ئالدىڭىزدا پەقەت رەقىبىڭىزنىڭ شايكىسىدەكلا تەسىر بەردۇق ، بىزنى ھېچنىمىنى بىلمەيلا ئۇيغۇرزادىگە ئەگىشىدىغان كىچىك بالىلاردەك ، ئەخمەقلەردەك ھېس قىلدىڭىز ، شۇڭا يوشۇرۇن زەھەرلىك گەپلىرىڭىزنى ئۇستىلىق بىلەن دەپمۇ ئۈلگۈردىڭىز ، ئەمما ئۆزەمنى  ئاقىل يىگىت ئىدىم دىمەكچى ئەمەسمەن ، سىزنىڭ قانچىكى گەپ ئوينىتىلغان ، ياسالما ئىنكاسلىرىڭىز قىزىقارلىق يېرى ئىلمىيلىكنى قانچىكى تەشەببۇس قىلىۋاتقاندەك ، ئۆزىڭىزنىڭ قەلبى ئۇيغۇرزادىنىڭكىدىنمۇ  ئويغاق ، مەسىلىلەرنىڭ ماھىيتىنى ئۇنىڭدىن بەك چۈشىنىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇشقا شۇنچە ئۇرۇنسىمۇ ، ئويلىغىنىڭىزنىڭ ئەكسىچە بىزگە تولىمۇ سوغۇق تەسىر بەردى . مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرزادە بىلەن سىز ئىككىڭلارنىڭ زادى قايسىڭلارنىڭ ئىلغار ، ئويغاق پىكىر ساھىبى ئىكەنلىكىڭلار قانداقتۇر قايسىڭلارنىڭ بىلىملىك كىشىلەر ئىكەنلىكىڭلار ئەمەس ، مەن پەقەت ئالدىنقى تېمىدا سىزگە يازغان ئەمما ئۆچۈرۈلگەن بىرئىنكاسىمدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك سۆيگۈسىنى قۇدرەتكە ئايلاندۇرالىغان ئادەمنىڭلا رولىنى ۋە قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىمەن ، ئۇلارغا ھۆرمەت ۋە ئەدەب قەسىرىمدە ساھىپخانلىق قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلىمەن ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلغان ( ئۇلارنى مىللەتكە نىسبەتەن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىش قولىدىن كېلىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلغاچقا ) ھەرقانداق ئادەمنى ئىنكار قىلىمەن . سىزنىڭ ئۇ تېمىدا ئۇنچىۋالا قىلىپ كېتىشىڭىزنىڭ مەنچە ھېچبىر ئەھمىيىتى ۋە ئورنى يوق ئىدى ئەنۋەر ئاكا ! ئەگەر سىز ئۇيغۇر ئۈچۈن توغرىراقى ئۆزىڭىزنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن توختاۋسىز پىكىر قىلىۋاتقان ، ئويلىنىۋاتقان ۋە تىرىشىۋاتقان بىر ئادەم بولسىڭىز تەپەككۇر ۋە ئۆگىنىش  قىلىپ ئېرىشكەنلىرىڭىزنى يوللۇق يوسۇندا ، توغرا ئۇسۇلدا مۇنبەر ياكى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىپ خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرسىڭىز ۋە شۇ ئەجىرىڭىزگە تۇشلۇق ھۆرمەت ۋە نوپۇزغا ئىگە بولغان بولسىڭىز ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭدىن خۇرسەن بولغان بولاتتىم . قېرىنداشلارچە مىھىردىن ۋە مىللىي غورۇر ، مىللىي ھىسسىياتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىدىن تەڭ بەھرىمان بولغان بولساق ، تەڭ تىرىشقان ، نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ، كىرزىس ۋە بوھرانلارنى تەڭ مۇھاكىمە قىلىپ تەڭ يول ئاچساق ‹‹ مەن  ئۇيغۇر، دەپ پەخىرلىنىش نېمىدىگەن سۆيۈملۈك ›› دىيەلىگەن بولساق بۇنىڭ نېمىسى يامانتى ؟ ئەمما ئاكا سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ، سىز مۇنبەرگە كىرىپلا تېمىنى قايرىپ تېما ئىگىسى ۋە ئىنكاسچىلارنى شۇنداق كۆرەڭ تەلەپپۇزدا مەسخىرە قىلىش بىلەن ئاتاقلانماقچى ياكى ئۆزۈزىڭىزنى نامايان قىلماقچى بولسىڭىز بۇ قىلمىشىڭىز زىددىيەت پەيدا قىلىشتىن باشقا يەنە نېمىگە يارايدۇ ؟ ھېلىمۇ ئىتتىپاقسىزلىقتنىڭ دەردىنى ئاز تارتتۇقمۇ، ئاكا ؟ ئەگەر بىز راستلا كىچىك بالا بولساق ، بىزدە ئەقىلسىزلىك ، ياشلارغا خاس تەنتەكلىك مەۋجۇد بولسا  ، ئۆزىڭىزنىڭ ياش قۇرامىنىڭ ئىمكانىيىتىگە  ياكى بىلىمىڭىزگە ئىشەنچ قىلغان بولسىڭىز ئەلۋەتتە ئۇنى سىلىق ۋە ئىلمىي يوسۇندا كۆرسىتىپ ئۈگۈت بېرىش ھوقۇقىڭىزنى چوقۇمكى قوللايمىزغۇ ؟ ئەمما سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز ، ئۇيغۇرزادىگە قوشۇپ بىزنى مەسخىرە قىلدىڭىز ، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، نېمىنىڭ ھەقىقىي پىكىر ۋە نېمىنىڭ ھەقىقىي ئۆگىنىش  ۋە نېمىنىڭ ھەقىقىي بىر زىيالىغا خاس ئىلىم روھى ئىكەنلىكىنى بىزگە ئىسپاتلاپ بېرەلمىدىڭىز، ئاكا، ئېتىراپ قىلىڭ !  مەن شۇنى بەك ئارزۇ قىلىمەنكى ئەگەر ئۇيغۇرزادە سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدە ھېچقانچە ئادەم بولمىسا ، ئۇنى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ دەپ قارىغان يېرىڭىز بولسا سىز ئۇنىڭ ئورنىدا ‹‹ئۇيغۇرزادە›› بولۇڭ ! ئۇ چاغدا مەن سىزنى بىرىنچى بولۇپ خۇددى ئۇيغۇرزادىنى قوللىغاندەك قوللايمەن ، ئۇچرىغان تونۇشلىرىمغا ‹‹ ئەنۋەر جۇلانى بىلەمسەن ؟  تېخىچە ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇمىدىڭمۇ ؟ ئۇ دىگەن ئاجايىپ ئادەم ! ئۇيغۇر ئۈچۈن بەك كېرەكلىك ئادەم ›› دەپ سىزنى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەي يۈرىمەن چوقۇم ! ئەمما بىلىسىز بۇنىڭغا ئاز ئەجىر كەتمەيدۇ ، بۇنى پەقەت ئەجىر قىلغۇچىلارلا ھەقىقىي بىلىدۇ . شۇڭا مەن بۇ تېمىدا سىزنىڭ ھالقىلىق ، بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغۇچ پىكىر خۇرۇچلىرىڭىز   بولسا ئايىماي بېرىشىڭىزنى ئارمان قىلىمەن . ‹‹ ئۆگىنىش ، ئۆگىنىش يەنە ئۆگىنىش كېرەك ›› دىگەن شوئارنى نەقىل قىلىپ تىلغا ئاپسىز ، بىلىڭكى مەن ئۇيغۇرزادىدىنلا ئەمەس سىزدىنمۇ ئۆگىنىشنى شۇنداق خالايمەن . بىزنى كىچىكلەر قاتارىدا كۆرگىنىڭىزنىڭ ئۆزى بىزنى يېتەكلەپ ماڭالايدىغانلىقىڭىزغا بولغان ئىشەنچتىن كەلگەن ، شۇنداققۇ ؟  ئەڭ ئاخىرىدا مېنى ‹‹ ئۇيغۇرزادىنىڭ ‹‹ ئىلمىي باياناتچىسى ›› دەپ ئاتىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش