ئىگىسى: uyghurzade

نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10525
يازما
313
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3523
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
130 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 23:57:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تېمىڭىزغا تەشەككۈر ، دەۋر بۇ خىل تېمىلارنى تەقەززا قىلىۋاتىدۇ . ھەر بىر يېڭى تېمىڭىزنى ئوقىغان ۋاقتىمدا خۇددى سىز كۆڭلۈمدىكى ئېيتېۋاتقاندىكىدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن . مەن ساۋادىم چىققاندىن باشلاپلا كىتاپ ئوقۇشقا ھەۋەس قىلىپ كەلدىم . ئەمدىلىكتە ئويلاپ باقسام ، گەرچە نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇپ تۈگەتكەن بولساممۇ تاكى يېقىنقى بىر قانچە يىلغىچە  ئۆزۈمنى پەقەت كىتاپ ئوقۇش ئۈچۈنلا كىتاپ ئوقىغاندەك ھېس قىلىمەن . مېنىڭ نەزەرىيىگە بولغان  ئاددى قىزىقىشىم ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ « مەدەنىيەت ۋە مەۋجۈتلىقىمىز » دىگەن كىتاۋىنى ئوقۇشتىن باشلانغان . گەرچە بۇ كىتاپتا قانداقتۇر بىر خىل نەزەرىيە تەشەببۇس قىلىنمىغان بولسىمۇ  ئەمما بۇ كىتاپ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ھېكايە ، چۆچەك ، روماندىن باشقىنى ئوقۇشنى خالىمايدىغان ھالدىن  ھازىرقىدەك ئىدىيەمنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن ئەمەلىي نەپ بېرەلەيدىغان نەزەرىيىۋى ئەسەرلەرنى كۆپ ئۇقۇيدىغان ھالغا كېلىشىمدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان دەپ ئېيتالايمەن .ئۇنىڭدىن كېيىن ئوقىۋاتقان كىتاپلىرىم ئاساسەن نەزىرىيىۋى بايانلار ئارقىلىق پىكىر يېڭىلىقىغا باشلايدىغان ئەسەرلەر  بوپتۇ .  مەسىلەن : ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىنىڭ ئەسەرلىرى ، « ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا » ، « ئۆزلۈك ۋە كىملىك » ، « ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى » ، « روھىيەتنىڭ قاتلىرىنى ۋاراقلاپ » ......جۈمىلىدىن سىزنڭ « ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە » دىگەن كىتاۋىڭىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . بۇ كىتاۋىڭىزنى ئۆزۈم تەپسىلى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن غۇلجىدىكى داڭلىق مائارىپچى ، جامائەت ئەربابى ئابدۇۋەلى مۇقىيت ئەپەندىنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇم ھەم كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن پىكىرلەشتىم . ئۇمۇ سىزنىڭ تىرەن پىكىرلىرىڭىزدىن سۆيۈگەنلىگىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە كىتاپنىڭ 10 - ھەم 19 - باپلىرىنى يەنە بىر كۆرۈپ چىقىڭ ، ھەقىقەتەن ئەمەلىي نەپ بېرىدىكەن دىدى . ئەمەلىيەتتە  مەن بۇ كىتاۋىڭىز ئارقىلىق سىزنىڭ ئىدىيىرىڭىز بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم . ئەلۋەتتە قەلىمىڭىز ئاستىدىكى بايانلار سىزنىڭ ئىدىيىرىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن . « ئۆزلۈك گىرۋەكلىرى »  نى ئوقۇۋاتقان چاغدىلا سىزنىڭ نەزەرىيىگە ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىقىڭىزغا جۈر بولغان ئىدىم .ئەمدى توردا بۇ ماقالىڭىزنى ئوقۇپ يەنىمۇ سۆيۈندۈم . ئەلۋەتتە سىزنىڭ نەزەرىيە  بوشلىقىمىزنى تولۇقلاش ئۈچۈن يەنىمۇ كۈچ چىقىرىشىڭىزغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىم ماقالىڭىزغا بولغان سۆيۈنىشىمدىن كەم ئەمەس .

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 11:25:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە ئۈچۈن نەزەرىيە ھەققىدە بۇنداق تەسىرات پەيدا بولىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب- ئوقۇتۇش ھالقىسىدا ئىدىيىلەر پاخال قىلىۋېتىلگەن، ئەمەلىيەتكە تەدبىقلانمىغان، خاتا ئۆتۈلگەن ياكى بورداپ قاچىلاش شەكلىدىكى ئوقۇتۇش تۈزۈمىنىڭ تەسىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا ماھىيەتلىك تونۇشقا ئايلىنالمىغان. ئەمەلىيەتتە، نەزەرىيە دەپ ئېتراپ قىلىنغان مەلۇم بىر نۇقتىئىنەزەرلەر سىستېمىسىنىڭ ھامان مۇئەييەن بىر ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەرىپى بولىدۇ؛ يىلتىزى مەلۇم بىر جەمئىيەت، مەلۇم بىر ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتتە بولىدۇ؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كونىرىسىمۇ، يېڭىلانسىمۇ ياكى ئاغدۇرۇلسىمۇ، مۇئەييەن ۋاقىت ئىچىدە ھامان رولى بولىدۇ. مەسىلەن، «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» ــ 20- ئەسىر دۇنيا ئىدىيە تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئالىم ئېينىشتىيىننىڭ ۋاقىت، ھەجىم، ماسسا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يېشىپ بېرىدىغان ئىككى نەزەرىيىسىنىڭ بىرىدۇر. بۇ نەزەرىيە نيۇتوننىڭ «ئالمىنىڭ تارتىش قانۇنى» دىن كېيىن نەزەرىيىۋى فىزىكا ساھەسىگە دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلاب ئېلىپ كەلگەن. ئەنگلىيىلىك فىزىكا ئالىمى ستېفىن خاۋكىڭ بولسا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان «قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى» ئارقىلىق «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دە يېشىلمىگەن نۇرغۇن تېپىشماقلارغا جاۋاب بەرگەن. ئەگەر نىسپىيلىك نەزەرىيىسى، قاراڭغۇ ئۆڭكۈر نەزەرىيىسى قاتارلىق نەزەرىيىلەردەك دۇنيا ئىلىم- پەن ساھەسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن نەزەرىيىلەرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى بىلەن ھېسابلاشماي بالدۇر ئۆتۈلسە، خاتا مېتودتا ئۆتۈلسە ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئايلىنالمىسا ، ئەلۋەتتە پاخال «ئىدىيە»لەرگە ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتى كۈچىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە نەزەرىيە ھەققىدىكى خاتا تونۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان، ئۇسۇل، پوزىتسىيە، ئوقۇ- ئوقۇتۇش مېتودى توغرا بولماسلىق تۈپەيلى پەيدا بولۇۋاتقان «ئىدىيەنى ۋاشاڭ قىلىۋېتىش» ھادىسىسىدۇر. بۇ ھادىسىنىڭ ئەۋلادلارغا كەلتۈرىدىغان زىيىنى زور بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرىنى قۇرۇق ھالەتتە قالدۇرىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇدلۇقىنىڭ مەنىۋى يىلتىزىغا پالتا چاپقانلىق.

(2)چۈشىنىكسىز، ئابىستراكىت گەپ تىزمىسى نەزەرىيە ئەمەس [پاكىت تەھلىلى] :

ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ھەققىدىكى ئىنكاسى ئەكىس ئېتىدۇ.«بەرقى»، «ئەنقا» تورىدا 2009- يىلى 3-، 4- ئايلاردا «ھېچنىمىزىم خىتابنامىسى» 1980- يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلانغان ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ئەندىزىسى، بەدىئىي ماھارەت، شېئىر تىلى قاتارلىق بىر مۇنچە نۇقتىلاردا يېڭىلىق يارىتىش مەقسىتىدە ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان، مۇرات ئېزىز قاتارلىق ياش ھەۋەسكارلار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئابىستراكىتلىقى كۈچلۈك بايان بولۇپ، بۇ خىتابنامىدىن ئۇنى ھىمايە قىلغۇچى ياشلارنىڭ يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھى ئايان بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، «ھېچنىمىزىم خىتابنامىسى» چۈشىنىكسىز، ئابستراكىت گەپ تىزمىسى بىلەن تولغان. ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، بۇ خىتابنامىغا ئۆرنەك بولغان نەزەرىيىۋى ئاساس مەنتىقىلىق يوسۇندا  كۆرسىتىپ بېرىلمىگەن. «خىتابنامە» دىكى ھۆكۈملەر كەسكىن تەرزدە ئېيتلغانيۇ، ئوبىيېكتىپ پاكىتلار بىلەن دەلىللەنمىگەن. ئەڭ قىزىقارلىق بولغىنى، «خىتابنامە»نى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار سوئال سورىغۇچلارنىڭ «ئابستراكىت گەپلەرنى كونكرېتلاشتۇرۇش، چۈشىنىكسىز نۇقتىلارنى يېشىپ بېرىش» ھەققىدىكى سوئاللىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. تورداشلار ئىچىدە بۇ «خىتابنامە» نى شىددەتلىك تەنقىد قىلغۇچىلارمۇ، ھىمايە قىلغۇچىلارمۇ چىققان.

ئاۋۋال شۇنى تەكىلەش كېرەككى، نېمىلا دېيىلىشىدىن قەتئىينەزەر، يۇقىرىدا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ياشلارنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇر قىلىش، پىكىرلىرى پىشقان بولسۇن- بولمىسۇن، يېڭىلىققا ئىنتىلىش روھىنى رىغبەتلەندۈرۈش، مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەك. بۇ- نەزەرىيىۋى ئويلىنىشتا ئاختام ھالەتتە قېلىۋاتقان مەنىۋى دۇنيارىمىزغا جەڭ ئېلان قىلىش يولىدىكى دادىل قەدەمدۇر. لېكىن، نەزەرىيە دەپ قويسىلا بولىدىغان ئابىستراكىت گەپ تىزمىسى ئەمەس. نەزەرىيە- مەنتىقىلىق يوسۇندا چىقىرىلىدىغان ئىلمىي بىلىش شەكلى، ئۇنىڭدا دەلىللەر پۇختا بولۇشى، ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئېنىق شەرھلىنىشى ھەم بىر- بىرى بىلەن زىچ باغلىنىشى، ئاندىن بىر قاتار نۇقتىئىينەزەرلەر ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلالىشى كېرەك. «ھېچنېمىزىم خىتابنامىسى» دا ساقلانغان يېتەرسىزلىك شۇكى، نۇقتىئىينەزەرلەر ئابستراكىت گەپ تىزمىسىغا ئايلىنىپ قالغان؛ بىر بۆلەك بىلەن يەنە بىر بۆلەك ئوتتۇرىسىدىكى مەنتىقىلىق مۇناسىۋەت ئېچىپ بېرىلمىگەن. «خىتابنامە»نى ئوتتۇرىغا قويغۇچىلار ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسىنى شەرھلىيەلمىگەن، دېگەن گېپىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەن. بىر نەزەرىيە سېستىمىسىنىڭ ھامان بۇرۇنقىلاردىن ئۆرنەك ئالغان ئىدىيىۋى ئاساسى بولىدۇ. بىر نەزەرىيىچى بۇرۇنقىلارنىڭ نەزەرىيىسىنى ئاغدۇرماقچى بولىدىكەن، چوقۇم پۇختا دەلىل، مەنتىقىلىق تەھلىل، ئېنىق، چۈشىنىشلىك بايان، ئاممىباب تىل ۋە ئىلمىي يەكۈن ئاساسىدا ئۆزى چۈشەندۈرمەكچى بولغان ئۇقۇملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئېنىق يېشىپ بېرىشى ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىشى لازىم. ئابستراكىت، چۈشىنىكسىز گەپ دۆۋىسى ھەرگىزمۇ نەزەرىيە بولالمايدۇ؛ يامىداپ، كۆكلەپ بىلىۋالغان بىلىم بىلەن نەزەرىيىۋى ئاساس تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ. بىر خىل نەزەرىيىۋى ئاساس تۇرغۇزۇش ئۈچۈن نەزەرىيىۋى بىلىم جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەت تەربىيىلىنىشى كېرەك.

(3)قۇرۇق گەپ نەزەرىيە ئەمەس [پاكىت تەھلىلى] :

2009- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان بىر دوستۇمنىڭ مەسلىھەت چېيىغا قاتناشتىم. ئۆزىنى ناھايىتى قىزىقچى چاغلايدىغان، ھېچكىمگە گەپ بەرمەيدىغان بىر يىگىت سورۇندا باشتىن ئاخىر باشقىلارنى چۈشۈرۈپ چىقتى. ئارىلىقتا بىر قولىغا چوكا، يەنە بىر قولىغا تاماكا ئېلىۋالغان ساقى تويى بولغان يىگىتنىڭ تەرىپىنى بىر ھازا قىلدى ۋە ناھايىتى ئۇزۇن گەپلەر بىلەن ئۇنىڭغا تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ رۇمكىنى ئايلاندۇرماقچى بولۇۋىدى (ھاراقسىز سورۇن بولمايدىغان، كىچىك ئايرىمخانىنى ئىسقا تولدۇرۇپ بىر قولىدا ھارام دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان تاماكا، يەنە بىر قولىدا چوكا تۇتۇپ تاماق يەيدىغان بۇنداق ناچار ئادەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاچاندىن بېرى ئومۇملاشقانلىقىنى بىلمەيمەن ھەم جەمئىيەتلەشكەن بۇ ئىجتىمائىي بىنورماللىق ئۈچۈن ئېچىنىمەن)، ھېلىقى سۆزمەن يىگىت ساقىنىڭ گېپىنى بۆلۈۋەتتى:

- بولدى، تولا نەزەرىيە ساتماي گەپنىڭ توچكىسىنى دېگىنە!

بىزدە قۇرۇق گەپنى جىق قىلغۇچىنى نەزەرىيىچى، ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا دېيىلگەن قۇرۇق گەپنى نەزەرىيە دەپ ئاتاش يۈزلىنىشىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇـ ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بىلەن تىلدىكى ئۆزگىرىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۆرىدەپ يورۇتىدىغان تېما. ئېھتىمال، نەزەرىيە سۆزىدىكى كۆچمە مەنە ئۇيغۇرلاردا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىن باشلانغان بولۇشى؛ ئىسلاھاتتىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەردە، ھەتتا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە دوگما مېتود، قېلىپبازلىق بىلەن ئۆتۈلگەن مەزمۇنلار نەزەرىيە سۆزىگە سەلبىي مەنە يۈكلىگەن بولۇشى؛ مەجلىسۋازلىق، بيۇروكراتلىق تەسىرىدىن ھۆ بولغان خىزمەتچىلەر كۈندىلىك ئىستېمال داۋامىدا نەزەرىيە سۆزىدىكى بۇ يېڭى سەلبىي مەنىنى كېڭەيتكەن بولۇشى مۇمكىن(بۇ بىر خىل قىياس بولۇپ، ئىجتىمائىي تىلشۇناسلارنىڭ داۋاملىق دەلىللىشىنى كۈتىدۇ). مەن نەزەرىيە توغرىسىدا ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى پەيدا بولغان بۇ تۈسنى خەنزۇلار، ئىنگلىزلارمۇ شۇنداق ئىپادىلەمدىغاندۇ، دېگەن ئوي بىلەن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە نەزەرىيە، نەزەرىيىچى سۆزلىرىگە «قۇرۇق گەپ سېتىش»، «قۇرۇق گەپ قىلغۇچى» دېگەندەك سەلبىي مەنىلەر يۈكلەنمىگەن . بۇ ھال مەندە : «نېممە ئۈچۈن نەزەرىيە سۆزىنى سەلبىي مەنىدە چۈشىنىش نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمىگەن كىشىلىرىمىز ئارىسىدا ئومۇملىشىدۇ؟» دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.

(4)شۇئارسىمان تېكىستلەر نەزەرىيە ئەمەس[پاكىت تەھلىلى]:

مەمۇرىي ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىرەيلەندىن نەزەرىيە توغرىسىدا سورىدىم:

- نەزەرىيەنى قانداق چۈشىنىسىز؟

- بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟- ئۇ مەن ئىلگىرى زىيارەت قىلغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا ئاشۇ بىر گەپنى تەكرارلىدى ۋە بىر ھازادىن كېيىن جاۋاب بەردى:

- سىياسىي ئۆگىنىشتە ئۆگىنىدىغان نەرسە شۇغۇ نەزەرىيە دېگەن. بىزغۇ ئايدا بىر ئىككى قېتىم ئۆگىنىمىز. ئەمما، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەر يىلبويى نەزەرىيە ئۆگىنىش ھاشىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئۇ كۈتمىگەن يېرىمدىن چىقىپ سىياسىي ئۆگىنىشتە ئوقۇيدىغان، ئۆگىنىدىغان مەزمۇنلارنى نەزەرىيەگە باغلاپ چۈشەندۈردى. قانداقسىگە بۇنداق رېئاللىق پەيدا بولىدۇ؟ فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى مېچىل فۇكاۋنىڭ  گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئېيتىم، گەپ، بىلىم بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولىدۇ. بىز دەۋاتقان گەپ ئۆزىمىز ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ ئىنكاسىدۇر.»[16] يۇقىرىقى دۆلەت مەمۇرىنىڭ گېپى ئەمەلىيەتتە شۇئار مەدەنىيىتى يىلتىز تارتقان بىر ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ئىنكاسى. شۇئارسىمان مەزمۇنلار، سىياسىيلىقى كۈچلۈك تېكىستلەر جىق تەكىتلىنىدىغان ئىجتىمائىي ئاتموسفېرادا كىشىلەرنىڭ ئېڭى، تەپەككۇرى(ئۆزلىرى قاقشاپ تۇرسىمۇ) يۇقىرىقىدەك پىكىر يولىغا كۆنۈپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن نەزەرىيە ئۆلچىمىگە چۈشمەيدىغان بايانلار خاتا ھالدا «نەزەرىيە» دەپ چۈشىنىلىدۇ ۋە بۇ ھال نەزەرىيە ھەققىدىكى خاتا تەسىراتقا سەۋەبچى بولىدۇ. ئەسلىدە شۇئار بىلەن نەزەرىيەنىڭ پەرقلىق ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ يۈرۈش ئارتۇقچە ئىش. ئەمما، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە چۈشىنىكسىز، زېرىكىشلىك تۇيۇلىدىغان ھەر قانداق مەزمۇننى نەزەرىيە قاتارىغا چىقىرىۋېتىشى بۇ نۇقتىنى تەكىتلەش زۆرۈرىيىتىنى تۇرغۇزدى.

(5)ئەمەلىي دەلىللەشتىن ئۆتمىگەن، سۇبىيېكتىپ ھېسسىيات بويىچە دېيىلگەن بايان نەزەرىيە ئەمەس[پاكىت تەھلىلى]:

بۇ، 2008- يىلى يانۋاردا مەن يولۇققان بىر ئىش. بۇ مېنىڭ ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قىشلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىگە قايتقان ۋاقتىم ئىدى. بىر كۈنى بىر كىشى مېنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇ فىزىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يازغان بولۇپ، ئۇنى «دۇنيا فىزىكا ساھەسىنى زىلزىلىگە سالالايدۇ» دەپ قارايدىكەن.

- بۇ ماقالەم ئىنگلىزچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ قالسا، كۈچلۈك زىلزىلە قوزغايدۇ. مەن بۇ ماقالەمدە ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دىكى خاتا قاراشلارنى ئاغدۇرۇۋەتتىم؛ تولۇقلاشقا تېگىشلىك يەرلەرنى تولۇقلىدىم. بۇ ماقالەمنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز. ماقالەمدە نەزەرىيىۋى بايقاش جىق.

مەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ھەيران بولۇپ ئېلىپ كەلگەن ماقالىسىنى بىر قۇر ۋاراقلىدىم. ئۇ كىشى ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتى بويىچە بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغانىدى، نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى يوق ئىدى. قىزىق يېرى، ماقالە ئاپتورى دېگەن يېرىگە ئايالىنىڭ ئىسمىنى قېتىپ قويغانىدى. ماقالىنى ۋاراقلاپ چىققاندىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ يازغانلىرىغا مەست بولۇپ كەتكىنىنى، قاراشلىرىدا نەزەرىيىۋى تەپەككۇردىن ئەسەرمۇ يوق ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.

ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىمنى، ماقالىنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقتىم يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇ كىشىنى يولغا سالدىم. ئۇ كىشى كېتىش ئالدىدا ئېلخەت ئادرېسىمنى سورىدى، ئەدەپ يۈزىسىدىن ئېيتىپ بەردىم. ئويلىمىغان يەردىن ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئېلخەت ئادرېسىمغا ئۇ كىشىدىن بىر پارچە خەت كەلدى. ئېچىپ قارىسام، ھېلىقى ماقالىسىنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئەۋەتىپتۇ. ماقالىنى تەرجىمە شىركەتلىرىگە قىلدۇرغان بولسا كېرەك، جۈملىلەر ئىنگلىزچىگە سۆزمۇ سۆز ئۆرۈپ قويۇلغانىدى.

«بىزنىڭ ئوي- پىكىرىمىزگە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دەۋرنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولىدۇ.» مېچىل فۇكاۋنىڭ بۇ گېپى بويىچە ئېيتىلغاندا، ھېلىقى كىشىنىڭ نەزەرىيىۋى بايان ۋە ئۆزىنىڭ ئەمگىكى ھەققىدىكى خاتا تونۇشىدا ئۆز قارىشىنى ھەممىنىڭكىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان ئىجتىمائىي ئاتموسفېرانىڭ ئىزناسى بار. بۇنداق ئىجتىمائىي ئاتموسفېرا بىر جەمئىيەتتە ماغزاپ بىلىم، ماغزاپ تەتقىقات بازار تاپقۇدەك ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەندە، سۇبيېكتىپ ھېسسىيات بويىچە باشقىلارغا ئۆز قاراشلىرىنى تېڭىش خاھىشى ئىتائەتمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلىنغاندا ئومۇملىشىدۇ. دۇنيا ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئەڭ  يېڭى يۈزلىنىشنى ۋە نەزەرىيىۋى ئەمگەكنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىلگىرىكى نەزەرىيىلەرنى ئاغدۇرىمەن دېيىش بىر خىل خام خىيال. لېكىن، نېمە ئۈچۈن خام خىيال تۈسىنى ئالغان بۇنداق كۆرەڭلىك، نەزەرىيىۋى تەربىيىلىنىشى يېتەرسىز تۇرۇپ قارىسىغا جۆيلۈيدىغان بۇنداق بىلەرمەنلىك بىزدە ھەيران قالارلىق ھادىسە سۈپىتىدە تونۇلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە كۆپىنچە ھاللاردا سۇبيېكتىپ ھېسسىيات بىلەن قارىسىغا ھۆكۈم، يۈزەكى خۇلاسە چىقىرىش خاھىشى يامراپ كېتىدۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتتە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمىگەنلىكتىن، نەزەرىيىۋى تەربىيىلىنىشنىڭ يېتەرسىز بولۇشىدىن كېلىپ چىققان نەتىجە.

(6)دىنىي چۈشەنچىلەر نەزەرىيە ئەمەس [پاكىت تەھلىلى]:

2008-  يىلى ئىزدىنىش تورىدا بىر مۇنچە تورداش «ئۇيغۇرلار پەلسەپىگە مۇھتاج» دېگەن تېمىدا بەس- مۇنازىرە قىلدى. مۇنازىرىنىڭ دەسلىپىدە پەلسەپە ئۆگىنىشنىڭ ئوبىيېكتىپ دۇنيانى تونۇش، ئۆزگەرتىشتە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە ياخشى مۇھاكىمىلەر بولۇندى. مۇنازىرە يېرىملاشقاندا پەلسەپىنى «غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسى» دەپ چۈشىنىدىغان بىر يىگىت پەلسەپىۋى پىكىر ۋە پەلسەپىنىڭ رولىنى تەكىتلىگۈچىلەرگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئاساسلانغان نۇقتىسى «ئۇيغۇرلارغا ئىسلام دىنىدىكى بىلىملەر يېتىپ ئاشىدۇ؛ بىزگە پەلسەپىنىڭ، نەزەرىيىنىڭ كېرىكى يوق» دېگەندىن ئىبارەت بولدى. ئۇ شۇ قارىشىدىن يناماي پەلسەپە ۋە پىكىرنىڭ رولىنى تەكىتلىگۈچىلەرگە «كاپىر، غەربنىڭ غالچىسى» دېگەندەك قالپاقلارنى كىيدۈرۈشكە ئورۇندى. ئاخىرى مۇنازىرە كەيپىياتى قاتماللىشىپ، پەلسەپە ئۆگىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگۈچىلەر بۇ مۇھاكىمىنىڭ ساغلام داۋاملىشىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ مۇنازىرىدىن چېكىندى. بۇ قېتىملىق مۇنازىرىمۇ ئۇيغۇر تورلىرىدا بولۇۋاتقان ئىلگىرىكى مۇنازىرىدەكلا دىنىي بىلىملەر بىلەن نەزەرىيىۋى بىلىمنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئاساسسىز ھالدا نەزەرىيىۋى پىكىرنى غەربنىڭ زەھەرلىك نەرسىسى دەپ خاتا چۈشىنىۋېلىش خاھىشى ئەكىس ئەتتى.

شۇنىسى روشەنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر ئەمەس. رېئال تۇرمۇشتا مەلۇم بىر دىنغا ئېتقاد قىلىش شۇ ئېتقادنىڭ تەسىرىدە ئوبيېكتىپ دۇنيانى كۆزىتىش ناھايىتى نورمال ئىش. ئەمما، بۇ ھال نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يېتىلدۈرۈش ۋە نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى چەتكە قاقمايدۇ. رېئال تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشىمىز، مەلۇم بىر پاكىت، تۈزۈلمە، ئىجتىمائىي مۇھىت ياكى سىياسەتنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى، يىلتىزىنى تونۇشىمىز ئۈچۈن ئەمەلىيەتتىن خۇلاسىلەنگەن ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. نەزەرىيەلەرنى دىنىي چۈشەنچىلەرگە قارشى قىلىپ قويۇش ياكى باراۋەر ئورۇنغا قويۇش توغرا ئەمەس.

نەزەرىيەنىڭ رولى: نېمە ئۈچۈن نەزەرىيە ئۆگىنىشىمىز كېرەك؟



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-24 12:03):
توغرىسى «دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ يىلىتزى چوڭقۇر». ئەمەس سۆزى ئوشۇق بوپتۇ. ئۆزرە.

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 11:38:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىنىي چۈشەنچىلەر نېمىشقا نەزەرىيە ئەمەس؟

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 11:39:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ يىلتىزى نېمىشقا چوڭقۇر ئەمەس؟

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 11:48:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىنىدشلرىم تۋېلغا، سەمەرقەنت، كۆيگەن دېڭىز، تەكلىپ-پىكىر، ئىلھام بەرگىنڭلارغا رەھمەت. تۋېلغا قېرىندىشىم ماڭا بەكمۇ مۇھىم بىر سوئالنى قويۇپتۇ. مەن ئۇنى تېمىنىڭ داۋامىنى يوللاپ بولۇپ كۆرۈپتىمەن. ئارلىقتا تېمىنىڭ داۋامىنى ئەۋەتىپ بولۇپ جاۋاب بېرىمەن. سەل ساقلاپ تۇرغان بولسا. سەت بولدى. ۋاقتىم سەل بېسىق بولۇۋاتىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 11:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2012-1-24 11:39
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا دىنىي ئەقىدىلەرنىڭ يىلتىزى نې ...

ئەسلى «..چوڭقۇر» دەپ يېزىلغانىدى. ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ «چوڭقۇر ئەمەس» بولۇپ قاپتۇ. ئالدىنقى ئىنكاستا تولۇقلىمىدا ئەسكەرتىش بەرگەن. تەكرارلىنىپ كەتكەچكە ئۆچۈرۈلۈپتۇ.
دىنىي ئەقىدە بىلەن نەزەرىيە ئىككىسى كەڭ مەنىدىن بىردەك قىلسىمۇ تار مەنىدىن ئېيېقاندا پەرقلىنىدۇ. ئسىلامىي ئەقىدەمىز ئۇ بىر ئدىئولوگىيە. ئۇ نەزەرىيە ئەمەس. نەزەرىيە بولسا پەندە ئىسپاتلىنىشتىن ئۆتۈپ ئاندىن پەيدا بولىدۇ.  بۇنىڭ ئۈچۈن «نەزەرىيەنىڭ تەبىرى» دېگەن بۆلەككە قاراپ ئۆتۈڭ. دىنىي ئەقىدىلەرگە بولغان مۇھەببىتىم مېنىڭمۇ ئوخشاشلا چوڭقۇر، ئەمما نەزەرىيەنى دىنىي ئەقىدە دېگەندە نەزەرىيە ئۇقۇمى بىلەن ئىدئولگىيە ئۇقۇمى ئارىلىشىپ كېتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە نەزەرىيە سۆزى پەن نۇقتىسىدىن ئېيتلۋاتىدۇ،  ئۇنى دىني ئەقىدەلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 14:36:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيعۇر زادىنىڭ  يازمىلىرى  بايرام  كۇنلىرىمىزنى زور  مەنىگە  ئىگە قىلدى . چۇنكى بايرامدا ئۇقۇش ئۇچۇن كىتابىحانىلارنى ئارىلاپ ،«كەچمىش » رومانىدىن باشقا بىرە يىڭى كىتاب تاپالمىعان ئىدىم . مانا ھازىر بۇ مەسىلىمۇ  ھەل بولدى . راست گەپنى ئىيتسام ،ئۇيعۇر زادىنىڭ «توردىكى فاشىزىم»  بىلەن قىلىۋاتقان ئىستۇتەكسىز جەڭلىرى ئاچچىعىمنى كەلتۇرگەن  ئىدى . «سەۋرى قىلساڭ عۇرىدىن ھالۋا پۇتەر»دەپ مانا شۇنداق تاتلق «ھالۋىلىرى» مىزمۇ ئارقا-ئارقىدىن پىشىۋاتىدۇ . بۇيەردە مۇنداق بىر ۋەقەنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىعا  سۇنعۇم كىلىۋاتىدۇ: يەنى ئوتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ،ئامرىكىدىكى بىر حىمىيە-سانائىتى شىركىتى گىرمانىيەدىن دۇنياعا داڭلق بىر حىميە ئالىمىنى تەكلىپ قىلىپ يۇقۇرى ھەق بىلەن ئىشلەتمەكچى بۇلۇپ 3يىللق توحتاملاشقان ، ئەمما شىركەت تەرەپ 3ئاي بولعاندا توحتامنى بىكار قىلىپ بۇ حىمىيە ئالىمىنى قايتۇرۋەتكەن . سەۋەبى: بۇ ھەممە ئىشقا ئاچچىقلىنىپلا  يۇرىدىعان ،مۇجەزى ئوسال ، سەپرا ئادەم ئىكەن ، شۇڭا شىركەت 3يىللق توحتامنى 3ئايدىلا بىكار قىلعان . دىمەك ئادەم ھەرقانچە ئىقتىدارلق بولعان بىلەن مىجەز-حۇلقى ياحشى بولمىسا  مەڭگۇ مۇۋاپپەقىيەت قازىنالمايدۇ . ئوحشاش بولمىعان پىكىرلەرگە دادىل يۇزلىنەلمىگەن ( مەيلى قەستەن ئىيتىلعان بولسىمۇ) ئادەمنى نۇرمال ئادەم دىگىلى بولمايدۇ . ھەرقانداق ئادەمنى باشقا بىرسى ئەمەس ئوزىدىكى ئىككى نەرسە  توگەشتۇردۇ :«بىرى ئوتكەن ئىشلاردىن پۇشايمان قىلىش يەنە بىرسى كەلگۇسىدىن عەم قىلىش » ( ئامرىكىلق فىسحلۇگ دابىلىۇ فىئىر) .  ئاتاقلق ئۇيعۇر شائىرى ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ مۇنداق بىر گىپى ئىسىمدىن چىقمايدۇ : « ئادەم30ياشتىن ئاشقاندا تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتىدىن جاپاسى كوپ بۇلىدۇ» . بىز ھەردائىم ئەتراپىمىزدىكى دۇنيانىڭ باشقىلار تەرپىدىن حانىۋەيران قىلىنىۋاتقانلىقىنى ، نامىمىزنىڭ باشقىلار تەرپىدىن بۇلعىنىۋاتقانلىقىنى كورۇپ تۇرشىمىز مۇمكىن ،مۇنداق ۋاقىتتا كايىپ ،ئوزىمىزنى ئوزىمىز كاچاتلاپ  چالۋاقاپ كەتمەي تىپتىنىش ئولتۇرۇپ ئوگىنىش قىلىشىمىز كىرەك (دابىلۇ فىئىر) . مەن سىلىگە يازعۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ مۇنداق بىر سوزىنى سوۋعا قىلاي .« بىز قەلەمكەشلەرگە ،ئاعىزادا چىشى قالمىعان بوۋاي-مومايلىرىمىزنىڭ ئۇگۇت -نەسىھەتلىرىنى ئاڭلاشتىن باشقا ،چىشى چىقمىعان نەۋرە -چەۋرىلىمىزنىڭ تاپا -تەنىلىگە چىدىمىساق بولمايدىعان بۇلۇپ قالدى» . مەنمۇ ئالى مەكتەبتە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ باققان . ئالى مائارىپنى ئوبدان چۇشىنىمەن . شۇڭا سىلىنىڭ  يازمىلىرىنى ،ئاچچىق كوزياش بىلىەن  سۇعۇرۇپ قىلىۋاتقان نىدالىرىنى ھىس قىلىپ ئولتۇرۇپ تىمەن . ئىدارىمىزدا 61 ئادەم بۇلۇپ 18مىللى بار ،ئۇنىڭ ئىچىدە ئاز-تولا كىتاب ،گىزىت ژورنال كورىدىعان تورعا چىقىپ بىلىم ئىزدەيدىعانلار 3نەپەر ، قالعانلار  تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى بىلەن . قانداق قىلىمىز؟ .بۇنىڭعا يەنىلا چىڭعىز ئايتماتوفنىڭ « ئادەمگە يارىشا تەقدىر ،تەقدىرگە يارىشا ئادەم» دىگەن سوزى جاۋاپ بۇلىدۇ . سىلى مەندىن كوپ كىچىك بولسىلىمۇ ،مەن ھازىر سىلىدىن ئوگىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن . دىمەك تىرىشقانلار دۇنيا سەۋىيىسىگە ياندىشىپ كىتىۋاتىدۇ . تىرىشمىعانلار  قىلىۋاتىدۇ . نوپۇس كوپىيىپ ياشاش بوشلىقىمىز تارايماقتا ، ياشاش رىقابىتى كەسكىن ھەم رەھىمسىز . كىرزىس تەسىرىدە دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كىتىۋاتىدۇ .  ئەرتە نىمە ئىش بۇلىدىعانلىقىنى بىر ئاللادىن باشقا ھىچكىم ئۇقمايدۇ .  ئەمما دۇنيادا زور ئوزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز كورۇپ تۇرۇپتىمىز .  بۇرۇنقىدەك قولاقنى يۇپۇرۇپ ، دۇنيادىن مۇستەسنا ھالدا ناتۇرال ياشاش ئەمدى كەلمەسكە كەتتى . ھەممە ئادەم ئوزى ئۇچۇن چوت سوقىۋاتسا ،ئۇنىڭدىن -بۇنىڭدىن ئۇمۇت كۇتۇش مۇمكىنمۇ؟  . ئەمما شۇنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى ، دۇنيانىڭ يىقىنقى زامان تارىحىدا يۇزبەرگەن زور ئوزگىرىشلەر دۇنيانىڭ ئەندىزىسىنى ياراتقان . ھازىر بۇلىۋاتقان ئوزگىرىشلەر يەنە قانداق ئەندىزىلەرنى يارتىدۇ ؟ بۇنى  حۇدا بۇيرىسا  نىسىپ بولعانلار ئوز كوزىمىز بىلەن كورىمىز . بىزدە :«ئەرتە قىيامەت بولسا بۇگۇن چوڭ بولعاندا ئوي سىلىش ئۇچۇن كوچەت سال» دەيدىعان گەپ بار . مەيلى رىئاللق قانداق ئوزگەرمىسۇن ،بىلىمگە بولعان ئىھتىياج مەڭگۇ ئوزگەرمەيدۇ .  دۇنيادا 3حىل ئادەم حار-زەبۇنلۇقتا ئوتىدۇ .يەنى : ئاتا-ئانىسىنى ،بىلىمنى ،مال دۇنيانى حار قىلعانلار . شۇڭا بىلىم ئۇچۇن جاپا-مۇشەققەت چىكىۋاتقان ياشلىرىمىز ھامان ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كورىدۇ . بىزدە حەلقىمىزنىڭ ئوتىدا كويۇپ ،سويىدە ئىقىۋاتقان ،چەتئەللەردە مۇساپىر چىلقنىڭ ئازاۋىعا چىداپ بىلىپ تەھسىل قىلىۋاتقان ياشلىرىمىز بارماققا توشمىسىمۇ ،ئۇلارنىڭ يۇكسەك ئىزدىنىشچان روھى گۇزەل كىلىچەكىمىزدىن بىشارەت بىرىپ تۇرۇپتۇ . حۇدامۇ «مەن ياحشى ئادەملەر بىلەن بىللە» دىگەن  . شۇڭا ،بىلىم ئىزدپ مۇساپىر بولۇش ئەرزىدىعان ئىش . بىزنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا  ياشاۋاتقان قىرىنداشلىرىمىز بىلەن  ھەر ۋاقىت بۇنبەردە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرالىشىمىز  بىزنىڭ ئەڭ چۇڭ بەحىتىمىز  . حۇدا شۇ چەتئەللەردە  ياشاۋاتقان تەلەيلىك قىرىنداشلىرىمىزدا زور ئۇتۇقلار ئاتا قىلعاي .  

UID
10177
يازما
55
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1615
تىزىملاتقان
2011-3-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-25
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 16:02:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەزەرىيىۋى تەپەككۈر توغرىسىدىكى بۇ يازمىڭىزنىڭ داۋامىنى كۈتىمەن. ياشاۋاتقان مۇھىتىمىزنى نەزەرىيىۋى تەپەككۈر ئۇسۇلى بويىچە پۈتۈنلۈك ۋە قىسمەنلىك جەھەتتىن، رېئال ۋە تارىخىي جەھەتتىن ئومۇمىيۈزلۈك چۈشەنمەي تۇرۇپ  ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىق مەنزىلىمىزدە بۆسۈش بولۇشى مۈمكىن ئەمەس.  

UID
27050
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 21:00:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئېسل مۇنازىرە سورۇنىغا داخىل بولالىغانلىقىمدىن  تولىمۇ سۆيۈندۈم ،،رەھمەت ئويغۇرزادە ئەپەندىم ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،تېمىڭىز كىشنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدىكەن ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ئسېل تېملىرڭىزنى داۋاملىق كۆرۈشكە تەققاززامىز !

UID
21427
يازما
30
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
30
تىزىملاتقان
2011-12-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 21:05:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق نەزەرىيلەرنى ئۇنتۇپ، كاللىنى يۇيۇش يولى -«ئىنكارچىلىق نەزەرىيىسى»نىڭ مەيدانغا كېلىشىنى سېستىمىلىق ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
  
  «يېڭى ئىنكارچىلىق نەزەرىيىسى»نىڭ چاقىرىقنامىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرزادە ھەر خىل يوسۇندا تەييارلىق لېكسىيەلىرىنى سۆزلەۋاتىدۇ.

   ھۆرمەتلىك ئۇيغۇرزادە، مەن سىزنىڭ بۇ قېتىم چىققان ئىككى توپلامىڭىزنى تېخى بۈگۈن ئالدىم. سالامەت بولۇڭ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش