jahangir123 يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 16:48 
سىز بولۇڭ ياكى دىيارىمىزدىكى نامدار پەيلاسوپلار ب ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جاھانگىر ئەپەندى !
بۇ مۇنبەردە باشقىلار بىلەن تولا تالىشىپ كەتتىم ، بۇ ھال مېنىمۇ ئازراق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ، ئاز - تولا بىزارمۇ قىلىدۇ . سىز بۇ ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا شۇنداق بىر گەپنى قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن سىزگە مەنمۇ شۇ گېپىڭىزدىن ئىنكاس باشلاي دەپ ئويلىدىم .
‹‹ چۈنكى، ئىنسان ئۆزى بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ، ئۆزىنىڭ قۇربىتى يەتمىگەن ئىشنى قىلىمەن دەپ، ئاۋارە بولمىغىنى ئەۋزەلدۇر ››
مەنچە بۇ گەپنى بەك توغرا دەپسىز ، ئەپسۇس بۇ گېپىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قايتۇرۇپ بېرىشنى مەسئۇلىيەتتەك زۆرۈر ئىش دەپ قارايمەن .
مۇشۇ گېپىڭىزدىن ئىلھام ئېلىپ سىزگە شۇنداقلا دەي :
ئىنسان ئۆزى بىلمىگەننى بىلىمەن دەپ ئاۋارە بولماسلىقى كېرەك ئىكەن ، ئۇنداقتا سىز ئۇيغۇرزادە توغرىسىدا ھېچنىمە بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ ھەققىدە بىر نېمە دىمەسلىكىڭىز مەنچە ياخشى ئەمەللەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ . بولمىسا ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان بولىسىز ، تۆھمەت قىلىش ئىسلامدا قانچىلىك گۇناھ ؟ تۆھمەت قىلغۇچى شۇ تۆھمەتتىكى گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالىدۇ . بۇ مېنىڭ گېپىم ئەمەس ، رەسۇلۇللاھ ئەكرەمنىڭ گېپى . سىز ئۇيغۇرزادىنىڭ تېمىسىدىن ئازراقمۇ نەقىل ئالماي تۇرۇپ ئۇنى ئاتېئىزىمچىغا چىقىرىۋەتسىڭىز بىز بۇنى تۆھمەت دەپ چۈشىنىمىز . بۇنىڭ تۆھمەت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىسڭىز تۆھمەت قىلغۇچى سالاھىيىتىدە سىز ئاتېئىزىمچى بولۇپ قالىسىز . مەن تېخى يېقىندىلا ئۆچۈرۈلگەن بىر تېمىدا ( يەنى سۈمەييە يوللىغان ‹‹ ‹ ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە › ناملىق كىتاپتىن ئېسىل سۆزلەر ›› دىگەن تېما ) سىزگە ئوخشاش تەنقىدچىلەر ئىسلامدىكى جانىجان پەرزلەردىن قايسىلىرىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ، بۇ تېما دىنىي تېما بولمىغاندىكىن بۇ ھەقتە گەپ قىلمايمەن . بولمىسا ئارىلىقتىن چۈشەكىگەندەك ئىنكاس يازغانلارنىڭ كاساپىتىدىن تېما تاقىلىپ بىر ئوبدان گەپلەر بىكارلا زايە بولۇپ كېتىدىكەن .
سىز ئۇيغۇرزادىنى ئاتېئىزىمچىغا چىقىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ‹‹ ئايدىكى ئىت ›› دىگەن تېمىغا يازغان ئىنكاسلىرىنى بىر ئوقۇپ بېقىپ ئاندىن بۇ يەرگە كېلىگە تولا ئېلەشتۈرمەي ...
ئىنكاسلىرىڭىزغا بىرمۇ - بىر ئىنكاس يېزىشقا ھازىر ۋاقتىم يوق . ئەگەر شۇنداق زۆرۈرىيەت تۇغۇلۇپ قالسا بۇنىمۇ قىلمايمەن دىيەلمەيمەن ، ئىنشااللە ! چۈنكى سىز ئۇيغۇرزادىنى ئاساسسزلا ھاقارەت قىلىپسىز ، ئۇنى دىنسىزغا چىقارماقچى ، ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى گۇمراھلىقتا ئەيىپلىمەكچى بولۇپسىز ، ئەمما سىزچە تەنقىدىڭىز قاملاشقانمىدۇ ؟
ئۇيغۇرزادىنى ئاساسسىز تەنقىد قىلغۇچىلار ئالىملار ئەمەس ، بەلكى ئالىملاردىن ئادا - جۇدالاردۇر . بۇ گېپىمنىڭ راستلىقىنى ئالدىرىماي چۈشىنىپ قالىسىلەر ئەزىز قېرىنداشلار !
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-2-17 18:35):
تەنقىدچىلەر ئەمەس تەنقىدچىلەرنىڭ ... ئىگىلىك كېلىش قوشۇمچىسى چۈشۈپ قاپتۇ .