 |
نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ؟
ئاپتور ئېلاۋىسى: رومان، ھېكايە، شېئىر قاتارلىق، فېليەتون ئەدەبيات ژانېرلىرى ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلى. مەن ئەسلى ئەدەبيات ئاشىقى بولغاچقا، ياخشى ئەدەبي ئەسەرلەرنى ھېھلىھەم ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ھەم بىر جەمىيەتتتە ياخشى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ، ئەدەبىي تەسەۋۋۇرنىڭ ئوينايدىغان رولىنى ھەرگىزمۇ چەتكە قاقمايمەن. ئەمما، ئەدەبىيات ھەممە ئەمەس؛ئوبرازلىق تەپەككۇر ياكى ئەدەبىي تەسەۋۋۇر يەتمەيدۇ. رېئالىقنىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب تېپىش، ئۆزىمىز يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەرگە ئەقلىي يوسۇندا مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن بىز ئوبرازلىق تەپەككۇرغا ئەمەس، نەزەريىۋىي تەپەككۇرغا موھـتاج بولىمىز. ئېنگلسىنىڭ «بىر جەمئىيەت كىشىلىرى ھەر ۋاقىت دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرىمەن دەيدىكەن، ھەر ۋاقىت نەزەريىۋىي تەپەككۇردىن ئايرىلماسلىقى كېرەك» دېيىشى ئاساسسىز ئەمەس. بىزدە نۇرغۇن يىللاردىن بېرى نەزەرىيە ۋە نەزەريىۋي تەپەككۇر نامۇۋاپىق مائارىپ ئەندىزىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى خاتا چۈشنىلگەن؛ ۋاشاڭ قىلۋېلتىگەن. ئەمدى بۇ ھەقتىكى خاتا چۈشەنچىلەرگە قايتا قاراپ چىقىدىغان؛ ئەدەبىي ئەسەردىن باشقىنى ئوقۇمايدىغان، پىكىردە ھېسسىي تەپەككۇرنىڭ نېرىسىغا بارالمايدىغان يۈزلىنشكە خاتىمە بېرىدىغان ۋە بۇ يولدا تەڭ ئىزدىنىغان ۋاقتىمىز كەلدى.
20-ئەسردىكى ئەڭ مۇھىم پەيلاسوپلاردىن بىرى مارتىن خايدېگىر شۇنداق دېگەنىدى: «پىكىر قىلىش شۇنچە زۆرۈر بولۇۋاتقان بىر دەۋردە بىزنى تەپەككۇر قىلشىقا ئۈندەيدىغان شۇنداق بىر ئىش بار: ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ تەپەككۇر قىلماسلىقىمىز» . بۇ گەپ بىزنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىقىمىزغىمۇ ۋە ھەم 10ئەسرلىك ئىدىيە تارىىخمىزغىمۇ تازا چۈشىدۇ. يەنى، ئۇيغۇرلاردا 10 ئەسردىن بېرى ، توغرىراقى فارابى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپتىن كېيىن ئسىمى-جىسمىغا لايىق بىرمۇ سېستمىلىق پەيلاسوپ چىقمىدى(تازا قاتتىق يېرىدىن سۈرۈشتۈرۈرۈپ كەلگەندە يۈسۈپ خاس ھاجىپ دېداكچى مۇتەپپەككۇر بولۇپ چىقىدۇ، بۈگۈنكى پەلسەپە ساھەسدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئسىمى تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئەمما، بىزنىڭ نەزەرىمىزدە ئۇ يەنىلا پەيلاسوپ. لېكىن، فارابىنىڭ پەلسەپە ساھەسىدە ئورنى بار. مەن كېيىن بىزدە سەل قارالغان فارابىنىڭ يۈكسەك ئورنى ھەققىدە «فارابى ۋە كانت» دېگەن تېمىدا توختىلىمەن ). بۇ ھادىسەنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار، ئاشۇ سەۋەبلەر ئىچىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب نەزەۋيىۋي تەپەككۇر ئەندىزسىنىڭ بىزدە ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىدا ۋە بىزنىڭ ئۇنىڭغا كۆنمىگەنلىكىمىزدە. ئەمدى بۇنىڭغا تېخىمۇ قاملاشمىغان بىر ئىش قوشۇلۇپ، ۋاھابيە مەزھىپىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بىر تۈركۈم تەقۋا قېرىنداشلىرىمىز پەنني بىلىملەرنى پۈتۈنلەي بىدئەتكە، ھارامغا چىقىرىدىغان؛ ئۇيغۇر ئدىيە تارىخىنى كۈچەپ گۈزەللەشتۈرۈپ،بېزەپ كۆرستىدىغانلار بولسا «ئۇيغۇرغا غاس ئەقىل، يەرلىك ئەقىل» دېگەن گەپ بىلەن ئۆزىنىڭ يېڭى كىتاپ ئوقۇماىسلىقىغا باھانە ئىزدەيدىغان يۈزلىنىش پەيدا بولدى. بۇ ئشىلار مېنى بىر نەرسە دېيشكە ئۈندەيدۇ.
بەرھەق، بىزدىن ناۋايى، مەشرەپ قاتارلىق بۈيۈك شائىرلار؛ئابدۇقادىر داموللا، ئابدۇۈكۈر مەمتىمىن قاتارلىق مۇھىم زىيالىلار چىقتى. ئەمما، پەلسەپىنىڭ ئاساسلىق خېمىېر تۇرۇچى بولغان نەزەريىۋي تەپەككۇرغا كۆنمگىنىمىز ئۈچۈن، بىزدىن ئسىم-جىسمىغا لايىق پەيلاسوپ ئاز چىقتى ياكى چىقمىدى؛نۇرغۇن ئشىلاردا ھېسسىي تەپەككۇر ھامان ئۆز كۈچىنى كۆرستىپ كەلگىنى ئۈچۈن بىز يولۇقىدىغان پالاكەتلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۇيغۇرلاردا 1986-يىلى ئە.ئوسمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن باشچلىقىدا يېڭى شېئىريەت ھەرىكىتى باشلىنىپ بىر دەۋر يارىتلغان،بۇ ساھەدىكى زىياالىلارنىڭ شېئىر ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر ھەققدىكى چۈشەنچىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلنىغان بولسىمۇ، مېنىڭ نەزەرىمدە ھازىرغىچە بولغان 26يىل ئسىراپ يەنىلا بولۇپ كەتتى (چوڭقۇر نەزەريىۋي ئەسەرلەر تونۇشتۇرۇلمىدى ياكى ئوقۇلمىدى). ئادەملىرىمىز نەزەريىۋلىكى يۇقىرى، چوڭقۇر يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇمايلا بۇ ساھەدە نام چىقرىشقا ئالدىرىدى. مانا ئەمدى قارايدىغان بولسا، يازما ساھەيمىزدە كىم نېمە دېسە بولۋېرىدىغان، قىيا-چىيا، ئوڭ-تەتۈر گەپ ئەدەبياتىمىزنى بېسىپ كەتكەن بىر قاملاشمىغان يۈزلىنىش پەيدا بولدى. يەنە كېلىپ نەزەرىيە سۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا، خىزمەت ھالقىلىرىدا سېستىلىشى، ۋاشاڭ قىلىنىشى بىزدە ھەقىقىي نەزەريىۋي ئەسەر بىلەن تونۇشماي تۇرۇپ ئۇنى تىللايدىغان، سېسىتدىغان بىر ناچار يۈزلىنشنى پەيدا قىلدى. بۇ ئشىلارغا ئەمدى گەپ قىلماي بولمايدۇ.
تۆت يىل بۇرۇن، يەنى 2008-يىلى بۇ يەرگە كېلىپ ئوقۇپ بىر يىلدىن كېيىن يازغان بۇ ئاددىي يازمام ئەنە شۇ ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا يېزىلغان. بۇ يازما--نەزەۋريىۋي تەپەككۇر ۋە نەزەريىىنى خاتا چۈشەنگەن ئىلگىرىكى مېنىڭ بىر يىللىق ئۆگىنىش داۋامىدا ھېس قىلغان تەسىراتلىرىمنىڭ يغىندىسىدۇر. تۆت يىل بۇرۇن يېزىلغان بولغاچقا، بۇ تېمىدىكى بەزى قاراشلىرىم ھازىر سەل پەرقىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، مەن ئەينەنلىكنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇنى شۇ پېتى يوللىدىم. ئۇنى ئۆلچەملىك ئىلمىي ماقالە دېيەلمەيمەن. ھازىرچە ھېسماقالە دەپ تۇراي. كېيىن بۇ ھەقتە قىلىدىغان ئىزدىنشىلىرىمىزنىڭ چوڭقۇرلىشىىشغا ئەگشىپ، ئاللاھ بۇيرىسا بۇ تېمىدا تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ سېستىملىق ئەسەرلەرنى يېزىش نېسىپ بولار. بۇ يازمىدا «نەزەريۋىي تەپەككۇر ۋە نەزەريىنىڭ رولى، تەبىرى، قانداق قىلىپ نەزەريىنى خاتا چۈشەنگىنىمىز، نەزەريىۋي تەپەككۇرنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكى» قاتارلىق بىر قاتار نۇقتىلار مۇھاكىمە قىلىنغان . بۇ تېمىدا چەت ئەلچە ئسىملارنىڭ، ئېنگلىزچە ئۇچۇرلارنىڭ ئاندا-ساندا ئۇچراپ قېلىشىدا سەۋەب بار. يەنى بۇ تېمىدا مەن تۇنجى بولۇپ قەلەم تەۋرىتۋاتمايدىغانلىقىم ئۈچۈن مۇنسىۋەتلىك قاراشلار نەزەرىيە ئەسلەش شەكلىدە ئەسلەپ چىقىلغان؛ ئاندىن پاكىت ۋە مەنبە كۆرستىلگەن. ماڭا خەت يازىدىغان بىر تۈركۈم ئىزدەنگۈچى بالىلارنىڭ تەلپى كۆزدە تۇتۇلۇپ ھەم قىزققچىلارنىڭ پايدىلىىنىش ئۈچۈن بەزى ئۇچۇرلار ئىككى ياكى ئۈچ تىلدا بېرىلگەن. قىزىققۇچىلارنى بەزى ئاچقۇچلۇق ئاتالغۇلارنى گۇگۇلدىن ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ كۆرۈشكە دەۋەت قىلىمەن.
ئوقۇرمەنلەرنى ھاردۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تېما بۆلەكلەرگە بۆلىنىپ يوللىنىدۇ.چوڭقۇر كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىدىغان ئەقىللىق تورداشلىرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ نەزەرىيە ۋە نەزەريىۋي تەپەككۇر ھەققىدە يېتىلدۈرگەن بۇرۇنقى قاراشلىرىغا بىر قاراپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بىزنىڭ بارلىق پەزىلەتلىرىمىز ياكى ئىللەتلىرىمىز، قۇدرەت تېپىشىمىز ياكى زەئىپلىشىشىمىز نەزەرىيىۋى دەرىجىمىز بىلەن تۇتاشقان.[1]
-ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن [1]
نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتسە كېتىدۇكى، تەپەككۇر قىلىشنى ھەرگىز خالىمايدۇ.
- بېرتراند روسسېل(ئەنگلىيە)[2]
1 . تېمىغا كىرىش: نەزەرىيە نېمە قىلالايدۇ؟
2003- يىلىدىن بېرى ھەر يىلى يېڭى يىل باشلىنىشتىن بۇرۇن دۇنيانىڭ يۈزلىنىشى، تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدا ئېيتقان ھەربىر ئېغىز سۆزى تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ، دېپلوماتلارنىڭ، سىياسىئونلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئامېرىكىلىق بىر مۇتەپەككۇر بار. ئۇ مۇتەپەككۇر دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئاشۇ پەرەزلىرىنى، نوپۇزلۇق پىكىرلىرىنى ھەرگىزمۇ سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىغا تايىنىپ دەپ قويمايدۇ، بەلكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتى ۋە ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان بىر خىل نوپۇزلۇق نەزەرىيىۋى سېستىمىسى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ بۇ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ئىزدەنگەن. كەلگۈسى ھەققىدىكى ئىلمىي قىياسلىرى سەگەك سىياسىئونلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بۇ مۇتەپپەككۇر- ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ۋاللېر ستەين (waller stain,1930-)[3]. ئۇنىڭ قىياسلىرىغا ئاساس بولۇۋاتقان، دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە يۈكسەك نوپۇزغا ئىگە نەزەرىيە سېستىمىسى بولسا «دۇنيا سېستىمىسى نەزەرىيىسى» دۇر(world system theory).
1989- يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى. شۇ چاغدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولغان بۇ كۈچلۈك سوتسىيالىزم لاگېرىنىڭ تۇيۇقسىز غۇلىشى نۇرغۇن ئادەمنى ھەيران قالدۇردى. ئەمما بۇ خىل نەتىجىنى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىر تۈركۈم نوپۇزلۇق ئالىملار نەچچە يىل بۇرۇنلا قىياس قىلىپ بولغانىدى. ئاشۇ ئالىملارنىڭ ئىچىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ھەققىدىكى قىياسى ئەڭ توغرا چىققىنى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنىڭ قۇرۇق نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئامېرىكىلىق مۇتەپپەككۇر راندال كوللىنىس(-Randal Collins,1942) [4]بولدى. ئۇنىڭ ئاساسلىنىۋاتقان نەزەرىيە سېستىمىسى بولسا «توقۇنۇش نەزەرىيىسى»( Conflict theory) ئىدى.
بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر يازغۇچىسى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قىرلىق ئىستاكان» ناملىق ھېكايىسى سىنبار ( VCDپىلاستىنكىسى) قىلىپ ئىشلەنگەندىن كېيىن، جەنۇبىي- شىمالىي شىنجاڭدىكى ئاز بىر قىسىم ساددا كىشىلىرىمىز ئاشۇ فىلىمدىكى پېرسوناژلارنىڭ ھاراق ئىچىش ئۇسۇلىنى دوراپ، ئىستاكانلاردا، ھەتتا چىنىلەردە ئىچىپ بىر مۇنچە ھەرەج تارتتى؛ ھەتتا بەزى كىشىلەر ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇنداق بولۇشىنى ھېكايە ئاپتورىمۇ، ھېكايىنى فىلىم قىلىپ ئىشلىگۈچىلەرمۇ كۈتمىگەنىدى. ئادىل يىلدىرىم يازغان «يايپاڭ چىنە» ناملىق ھېكايە مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ كىنايىسىنى ئەكىس مەنىدە چۈشىنىۋالغان ئاشۇ ساددا كىشىلەرنىڭ بىمەنە رېئاللىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى ئىدى. بىر سەگەك پىكىر ئىگىسى بۇ ھەقتە ئويلانغىنىدا تەبئىي ھالدا: «مەمتىمىن ھوشۇر<قىرلىق ئىستاكان> ھېكايىسىدە كىشىلەرگە ھەرگىزمۇ ھاراقنى قىرلىق ئىستاكاندا ئىچىڭلار دەپ ئىشارە قىلمىغان. بەزى كىشىلەرگە نېمىشقا ئاپتورنىڭ كىنايىسى ئەكىس ئۈنۈم بېرىدۇ؟» دەپ سوئال قويىدۇ. بۇ خىل ھادىسىنىڭ كۈتمىگەن ئاقىۋەتنىڭ ئىجتىمائىي يىلتىزى، پەيدا بولۇش شەكلى ھەققىدە يېرىم ئەسىر بۇرۇنلا بىر ئامېرىكىلىق مۇتەپپەككۇر چوڭقۇر ئويلانغان ۋە «كۈتمىگەن ئاقىۋەت نەزەرىيىسى» (Unaticipated consequences) نى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئۇ مۇتەپەككۇرنىڭ ئىسمى روبېرت مېرتون( Robert K-Merton,1910-2003)[5] ئىدى.
مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئادەتلەنمىگەن، قۇربىتى يەتمەيدىغان كىشىلەر ۋە ئاددىي تەپەككۇر شەكلىگە كۆنگەن ئادەتتىكى ئادەملەر نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ قىممىتىنى چۈشەنمەيدۇ ھەم چۈشىنىشنىمۇ خالىمايدۇ؛ ھەتتا مەنسىتمەسلىك، پەرۋاسىز قاراش ياكى تىللاش يولى بىلەن ئۆزىنىڭ بىلىش، تونۇش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى يېپىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىكى دوگمىلىق، دەرس ئۆتكەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى چالا بىلىم، خاتا مېتود، نۇرغۇن كىشىلەرنى بالىلىق، ياشلىق، ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىلا نەزەرىيە دېگەنگە ئۆچ قىلىۋەتكەن ۋە باشقا بەزى ئىجتىمائىي سەۋەبلەر بىلەن قېتىلىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزەرىيە ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ھال ئۇيغۇر تىلىدا نەزەرىيە ئۇقۇمى مېغىزىنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەبچى بولدى، «نەزەرىيە ساتمىغىنا»، «نەزەرىيىچى» دېگەندەك ئاتالغۇلار تىل ئىستېمالىدا ئومۇملاشتى. «ماركسىزم نەزەرىيىسى»، «مىللەتلەر نەزەرىيىسى» قاتارلىق بىر تۈركۈم نەزەرىيەلەرنىڭ خاتا ھەزم قىلىنىشى، خاتا چۈشۈنىلىشى ۋە پاخال قىلىۋېتىلىشى نۇرغۇن كىشى ئارىسىدا نەزەرىيىۋى گەپكە سوغۇق قارايدىغان بىر خىل پوزىتسىيە يېتۈلدۈردى. بىزدە نەزەرىيە ھەققىدە مانا مۇشۇنداق چۈشەنمەسلىك، چۆكۈرۈش خاھىشى بازار تاپقاندا، تەرەققىي تاپقان ئەللەردە ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى زامانىۋىلىق، تەرەققىيات، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىدىكى ھەر خىل زىددىيەتلەر تەسىرىدە روياپقا چىققان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن نەزەرىيە سېستىمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش، ئىلگىرىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدىيە سېستىمىلىرىدىن يوچۇق تېپىش يولىدا پايپېتەك بولۇۋاتاتتى. ئۇنداقتا نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ خۇرۇچى بولغان نەزەرىيە سىستېمىسى قۇرۇق نەرسىمۇ؟
توغرا، مەلۇم بىر خىل نەزەرىيە سىستېمىسىنى بىلسىڭىز، سىز ئۇنى بازاردا دەرھال پۇلغا تېگىشەلمەيسىز. ئەمما، بىزنى ئوراپ تۇرغان دۇنيانى، بىزگە تېپىشماقتەك تۇيۇلۇۋاتقان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ۋە مەۋجۇدلۇقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى يۈزلىنىشنى چۈشىنىشىمىزدە نەزەرىيەنىڭ رولى زور. ئالايلۇق، بىرىنچى مىسالدا تىلغا ئېلىنغان ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس ۋاللىر ستەيىن ئاساسىنى ياراتقان«دۇنيا سىستېمىسى نەزەرىيىسى» دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ نېمە ئۈچۈن 16- ئەسىردىن بېرى كاپىتالىستىك ئىگىلىكىنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا تەسىرىگە ئۇچراپ كېتىۋاتقانلىقى ۋە بۇ جەرياندا چەت، قالاق رايونلارنىڭ نېمە ئۈچۈن كەينىدە قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىدىيە سىستىمىسىدۇر»[6]. بۇ ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ يادروسىدا چۈشىنىش زۆرۈر بولغان ئىككى مۇھىم ئۇقۇم بار. بىرى، نامرات، چەت رايونلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېكىسپلاتاتسىيە قىلىش يولى بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىۋاتقان «يادرولۇق كاپىتالىستىك دۆلەتلەر»(Core-capitalist nations ,中信资本国家)؛ يەنى بىرى، دۇنيا سىستېمىسىدا دۇنيا كاپىتالىزمىنىڭ، يادرولۇق كاپىتالىستىك دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن، مونوپوللۇقىدىن قۇتۇلالمايۋاتقان «گىرۋەكتىكى دۆلەتلەر»(Peripheral nations, 边缘国家). ھازىرقى ئامېرىكا دەل ئالدىنقى خىلدىكى دۆلەت تىپىغا، ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىدە تۇرۇۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئىراق كېيىنكى خىلدىكى دۆلەت تىپىغا مەنسۇپ. ھازىر ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن زاۋۇتلىرى جۇڭگو، ھىندونوزىيە قاتارلىق ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە ئەرزان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئوۋلاش بەدىلىگە ئۆزىنى سەمرىتىش ئۈچۈن قىلغان ئورۇنۇشتۇر. بۇ نۇقتىنى ۋاللېر ستەيىننىڭ «دۇنيا سېستىمىسى نەزەرىيىسى» ياخشى چۈشەندۈرەلەيدۇ.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن بۇرۇنلا ئۆزىدىكى زاۋاللىققا ھامىلدار ئىچكى توقۇنۇشلارنى، ئجتىمائىي جاراھەتلەرنى ئاشكارىلاشقا ئۈلگۈرگەن. دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى «توقۇنۇش نەزەرىيىچىلىرى» بولسا بۇ خىل يۈزلىنىشكە ماس قەدەمدە دىققەت قىلىشقا باشلىغانىدى. ئاخىرقى نەتىجە ئامېرىكىلىق مۇتەپەككۇرلاردىن بايا تىلغا ئېلىنغان راندال كوللېنس ۋە لېۋىس كوزىر(Lewis coser,1913-2003) [7]، ئەنگلىيىلىك مۇتەپەككۇر، جەمئىيەتشۇناس رالف دارېندورف(Ralph DahrendorF,1929-) ۋەكىللىكىدىكى توقۇنۇش نەزەرىيىسى ئاساسىدا قىياس قىلىنغان ۋە بۇ خىل نەزەرىيىنىڭ قۇرۇق نەرسە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. توقۇنۇش نەزەرىيىسى دۇنيانى كۈرەش سەھنىسى، ھوقۇق ئۈچۈن تۇتىشىدىغان ئېلىشىش مەيدانى دەپ قارايدىغان ئىدىيە سېستىمىسىدۇر[8]. توقۇنۇش نەزەرىيىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىجتىمائىي تەرتىپ مەلۇم توپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن قالغانلارنىڭكىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئورنىتىلىدۇ؛ جەمئىيەت ھەمىشە توقۇنۇش، زىددىيەت ھالىتىدە تۇرىدۇ؛ ئىجتىمائىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسىي شەرتى ھوقۇق ۋە مەرتىۋىنى باشقىلاردىن تالىشىشتۇر؛ جەمئىيەتتىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي توپ ئوتتۇرىسىدىكى باراۋارسىزلىك ھەم بېقىندىلىق- بېقىندۇرۇش مۇناسىۋىتى ھامان زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي توقۇنۇش ھامان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇنلىرىمىز زىددىيەت، توقۇنۇشتىن قاچىمىز. ئەمما توقۇنۇش نەزەرىيىسىنىڭ غوللۇق ۋەكىلى لېۋىس كوزىر: «توقۇنۇش پۈتۈنلەي بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس، ئۇ بىر كوللېكتىپقا، ئىجتىمائىي توپقا پايدىلىق بولۇشىمۇ مۇمكىن»[9] دەپ قارايدۇ. رالف دارىندورف بولسا: «ھوقوقنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ يادروسى ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتۇر»[10] دەپ كۆرسىتىدۇ. رالف كوللىنىس دەل مۇشۇ توقۇنۇش نەزەرىيىسى ئاساسىدا سىستېمىلىق، ئەمەلىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى نەچچە يىل بۇرۇنلا قىياس قىلغان. قىياسنىڭ توغرا چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ ۋە ئۇ ئاساسلانغان توقۇنۇش نەزەرىيىسىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرى كۈچەيگەن.
مەلۇم بىر خىل نەزەرىيىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، نەزەرىيىۋى كىتابنى ئوقۇپ ھەزم قىلىش ئېسىل ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇغاندەك راھەتبەخىش، ھوزۇرلۇق ئىش ئەمەس. نەزەرىيىۋى كىتابنى ئوقۇش بىزدە بىر قەدەر يۇقىرى بولغان پىكىر قىلىش، تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. نەزەرىيىۋى ئەمگەكنىڭ ئابستراكىتلىق ئالاھىدىلىكىمۇ ئۇنىڭ سىرلىقلىق، قىيىنلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى ئەمگەك بىزگە ئېسىل ئەدەبىي ئەسەر، چىرايلىق ھۆسىنخەت، يۇقىرى ماھارەت بىلەن سىزىلغان رەسىملەردەك شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىستېتىك زوق بېرەلمىگىنى بىلەن، بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ۋە يولۇقۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەقـــقـىـدىكى تــونــۇشــىـمىـــزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، تەپەككۇرىمىزنى ئاچىدۇ، زېھنىمىزنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ. نەزەرىيىنى رېئال تۇرمۇشتىن ئايرىپ تەسەۋۇۇر قىلىش، ئۆزىمىز «ھۆ بولۇپ كـەتكەن» ئاتالـمىش «نەزەرىيەلەر» ھەققىدىكى قاتمال تەسىراتىمىزغا تايىنىپلا جىمى نەزەرىيىنى قۇرۇق نەرسىگە چىقىرىۋېتىش بىر خىل خاتالىق، بىر تەرەپلىمىلىك. يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ خىـل پوزىتسىيە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمىگەنلىكنىڭ، ھازىرغىچـە ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمىزگە مەپتۇن بولۇپ كەتكەنلىكىمىزنىڭ، ئاندىن پىكىر قىلىشقا ھورۇنلۇق قىلىدىغانلىقىمىزنىڭ نەتىجىسى. نەزەرىيىۋى تەربىيىلىنىشىمىزنىڭ قانچىلىكلىكى دۇنياغا قانچىلىك دەرىجىدە ئوبىيېكتىپ باھا بېرىشىمىزنى بەلگىلەيدۇ. نەزەرىيەنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش ئۆزىمىزنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى تونۇشىمىزنى ئاشۇرىدۇ، كۈندىلىك ھاياتنىڭ كىشىلەرگە ئادەتتىكىدەك بىلىنىدىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە چوڭقۇرلاپ چۈشىنىشىنى تەلەپ قىلىدىغان، سىرلىق قاتلاملىرىنى كۆزىتەلەيدىغان ئۆتكۈر كۆز ئاتا قىلالايدۇ. بۇ ئاخىرىدا بېرىپ بىزدە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. نەزەرىيىۋى تەپەككۇر قىلىشقا كۆنگەن، ئۆگەنگەن نەزەرىيىلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلىغان ئادەم ئەركىن، بەختلىك ياشاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالالايدۇ ھەم ئوبىيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنىڭ تېپىشماقلىرىنى يىلتىزىدىن چۈشىنەلەيدۇ.
2. نەزەرىيەنىڭ تەبىرى
يۇقىرىدا بىر نەزەرىيىنىڭ ئوبىيېكتىپ مەۋجۇدىيەتنى تونۇش، نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يېتىلدۈرۈش جەھەتتىكى رولىنى بىر نەچچە مىسال ئارقىلىق قىسقىچە شەرھلەپ ئۆتتۇق. لېكىن، نەزەرىيە بىز يۇقىرىدا چۈشەندۈرگەندەك ئاددىي نەرسە ئەمەس. بىز بۇ ماقالىمىزدە نەزەرىيەنىڭ تەبىرى ئۈستىدە توختىلىمىز. نەزەرىيەنىڭ تەبىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئېنىق، سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە، ئۆزبېكچە، خەنزۇچە، ئېنگلىزچە مەنبەلەردە بۇ ئۇقۇمغا بېرىلگەن تەبىرلەرنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى:
ئۇيغـۇر تىلىدىكى «نەزەرىيە» سۆزى ئەرەب تىلىدىن كىرگەن ئىسىم بولۇپ، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە بۇ ئۇقۇمغا مۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ: «نەزەرىيە- (1) ئەمەلىيەتتىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت بىلىملىرى ھەققىدىكى سېستىمىلىق يەكۈن؛(2) ئىلىم- پەن، سەنئەت ۋە باشقا ساھەلەرنىڭ ئابستراكىت پىكىر قىلىش يولى بىلەن ئىشلەپ چىقىلغان ئاساسلىرى. مەسىلەن، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى؛ (3) پاكىت، ھادىسە ۋە شۇ قاتارلىقلارنى چۈشىنىش، چۈشەندۈرۈشنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىنى ئاساسلاپ بەرگۈچى ئىلمىي قانۇن- قائىدىلەر يىغىندىسى؛ (4) بىرەر پەن ساھەسىنى ياكى ئۇنىڭ بىرەر قىسىمىنى تەشكىل قىلغۇچى قائىدىلەر ياكى بىرەر ساھەدە بىلىم ، ماھارەت ئاشۇرۇش، ھۈنەر ئۆگىنىش، تەجرىبە ھاسىل قىلىش يولىدىكى بىلىم ، قائىدىلەر يىغىندىسى. مەسىلەن، فىزىكا نەزەرىيىسى؛ (5) بىرەر مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قاراش، نۇقتىئىنەزەر ياكى ئۇلارنىڭ سىستېمىسى.»[11]
«ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنىسكلوپېدىيىسى» دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلىدۇ: «نەزەرىيە- بىلىمنىڭ بىرەر ساھەسىگە ئائىت ئاساسىي ئىدىيە سىستېمىسى، ھادىسىلەرنىڭ قانۇنىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى مۇھىم باغلىنىشلار ھەققىدە سىستېمىلىق تەسەۋۋۇر بېرىدىغان بىلىم شەكلى. نەزەرىيە مەۋجۇدىيەتنىڭ مۇئەييەن ساھەسىگە ئائىت بولغان تەجرىبىلەردىن ئومۇملاشتۇرۇلغان مەلۇماتلار ئاساسىدا كېلىپ چىقىدۇ. ئىلمىي بىلىشتە نەزەرىيەنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى تەجرىبىلەر بەرگەن دەلىللەرنى ئىزاھلاش، نەرسە ۋە ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىگە چوڭقۇرلاپ كىرىش، يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن قىياس قىلىشتىن ئىبارەت. ھەرقانداق نەزەرىيە ئىلمىي تونۇشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدىكى بىلىش شەكلى بولسىمۇ، ئۇنى تۈگەللەنگەن، ئۆزگەرمەس بىلىم دەپ قارىماسلىق كېرەك. نەزەرىيە ھەر ۋاقىت ئەمەلىيەت بىلەن ماھىيەتلىك ئالاقىدە بولىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ھەرىكەت، تەرەققىياتنىڭ ۋاسىتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئىلمىي بىلىش جەريانىدا ئىلمىي نەزەرىيەلەر بىلەن قوراللىنىش كىشىلەرگە ئىلمىي قىياس قىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ. بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى قانۇنىيەتلەرنىڭ شەكىللىنىشگە ئاساس سالىدۇ.»[12]
«ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «ئەمەلىيەتتىن خۇلاسىلەپ چىقىلغان، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى سىستېمىلىق يەكۈن.»[13]
خەنزۇچە «ئىجتىمائىي پەنلەر لۇغىتى» دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «نەزەرىيە سىستېمىلىق ئەقلىي تونۇش، مۇئەييەن بىلىم ساھەسىدىكى ئۇقۇم، پىرىنسىپلار سېستېمىسى بولۇپ، تەكرار داۋاملىشىدىغان ئىجتىمائىي ھادىسىلەردىن، ئەمەلىيەتتىن يەكۈنلەنگەن ئاساستا بارلىققا كېلىدۇ ۋە يەنە ئەمەلىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىلمىي نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ مېڭىسىنى ئوخشاش ئىدىيە بىلەن قوراللاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيانى ئوبيېكتىپ يوسۇندا تونۇشىغا، ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.»[14]
ئىنگلىزچە «لاڭمەن لۇغىتى» دە نەزەرىيەگە مۇنداق تەبىر بېرىلگەن: «نەزەرىيە: (1) مەلۇم بىر پاكىت، ھادىسە ھەققىدىكى مەنتىقىلىق، ئىلمىي يوسۇندا چىقىرىلغان، لېكىن توغرىلىقى ئىسپاتلاشتىن ئۆتمىگەن ئىزاھات؛ (2) ئەمەلىي ماھارەت ۋە مېتودقا نىسبەتەن ئېيتىلىدىغان، مەلۇم بىر پەننىڭ ياكى سەنئەتنىڭ ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىنى، بىلىملەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئىلمىي تونۇش، مەلۇم بىر سۇبيېكىتنى تەھلىل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان قائىدە- قانۇنىيەتلەر يىغىندىسى.»[15]
نەزەرىيە ئۇقۇمىغا ئوخشىمىغان تىلدا پەرقلىق ئۆلچەم، پەرقلىق ئۇسۇل بىلەن بېرىلىۋاتقان يۇقىرىقى تەبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئاممىباب يوسۇندا تەھلىل قىلساق، بۇ ئاتالغۇ ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىگە كېلەلەيمىز:
بىرىنچى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئىجتىمائىي پەنلەر قىسقىچە لۇغىتى» دىكى ئىزاھاتتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان؛ ئىككىنچى، نەزەرىيە- ئىلمىي قائىدە- قانۇنىيەتلەر يىغىندىسى. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ۋە «لاڭمەن ئىنگىلىز تىلى لۇغىتى» دە بېرىلگەن تەبىرلەردە نەزەرگە ئېلىنغان؛ ئۈچىنچى، نەزەرىيە ئىلمىي، مەنتىقىلىق تونۇش شەكلى. بۇ خىل ئالاھىدىلىك يۇقىرىدىكى ھەممە ئىزاھاتلاردا ئاساسەن دېگۈدەك ئەكىس ئېتىدۇ؛ تۆتىنچى، نەزەرىيە كىشىلەرنى يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى قىياس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنسكلوپېدىيىسى»دىكى تەبىردە ناھايىتى تولۇق شەرھلەنگەن؛ بەشىنچى، نەزەرىيە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس نەرسە ئەمەس، بۇ خىل ئالاھىدىلىك «ئۆزبېكىستان مىللىي ئىنسكلوپېدىيىسى»، «لاڭمەن ئىنگلىز تىلى لۇغىتى»دە نەزەرگە ئېلىنغان؛ ئالتىنچى، نەزەرىيە كىشىلەرنىڭ دۇنيانى ئوبيېكتىپ يوسۇندا تونۇشىغا ۋە ئۆزگەرتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ ھال خەنزۇچە «ئىجتىمائىي پەنلەر قىسقىچە لۇغىتى»دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. يەتتىنچى، ھەممە پەننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدە- قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ. ئاشۇ خىلدىكى قائىدە- قانۇنىيەتلەر يىغىندىسى ئاخىرى شۇ پەننىڭ ياكى شۇ ساھەنىڭ نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. نەزەرىيەنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە شەرھلەنگەن. سەككىزىنچى، نەزەرىيە سۆزى ئۇقۇم ھەجىمى ناھايىتى كېڭىيىپ كەتكەن سۆز بولۇپ، ئوخشىمىغان كونتېكىستتا، ئوخشىمىغان تىلدا، ئوخشىمىغان پەن ساھەسىدە ئوخشىمىغان مەنىلەرنى بېرىدۇ. بىز بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ۋە «لاڭمەن ئىنگلىز تىلى لۇغىتى» دە بېرىلگەن تەبىرلەردىن ھېس قىلالايمىز.
ئوخشىمىغان مەنبەلەردىكى تەبىرلەرنى نېمىشقا سېلىشتۇرىمىز؟ سەۋەب شۇكى، بىر خىل تىل بىر خىل تەپەككۇر شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئوخشىمىغان تىلدا مەلۇم بىر ھادىسە ياكى ئېنىقلىما ھەققىدە ئوخشىمىغان تونۇش بولۇشى مۇمكىن. مەلۇم بىر خىل پىكىرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەسلىك، يۈزەكى خۇلاسە چىقىرىشتىن ۋە پىكىر ئاغمىچىلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان تىللاردىكى نەزەرىيە ئۇقۇمىغا بېرىلگەن مەنبەلەردىن تەبىر ئىزدىدۇق. يۇقىرىقى تەبىرلەرنى سېلىشتۇرساق، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» دە نەزەرىيە ئۇقۇمىغا بېرىلگەن بىرىنچى تەبىرنىڭ «ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» بېرىلگەن تەبىردىن ئېلىنغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. بۇ ھال كاللىمىزدا «نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىرەر ئۇقۇمغا تەبىر بېرىشتىمۇ تەپەككۇر قىلمايدۇ؟» دېگەن سوئالنى تۇغدۇرىدۇ. گەرچە مەلۇم ئۇقۇمغا تەبىر بېرىشتە باشقا تىللاردىكى مەنبەلەرگە مۇراجىئەت قىلىش ئىلمىي ئەمگەكتە نورمال ئىش ھېسابلانسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە «ھازىرىقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى» دىكى تەبىرنىڭ ئۆز ئەينى پېتى بېرىلىشى بىزدىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا ئادەتلەنمەسلىك، پىكىر بېقىندىلىقىدىن قۇتۇلالماسلىق خاھىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. كەلگۈسىدە نەزەرىيىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئابستراكىت ئۇقۇم ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلمىي بىلىش شەكلىگە ۋە ئەقلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان خاس ئېنىقلىمىلىرىمىز بولۇشى كېرەك.
3 . نەزەرىيىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش
نەزەرىيە نېمە ئەمەس؟
ئالدىنقى بۆلەكتە نەزەرىيىنىڭ تەبىرىنى تونۇشتۇردۇق. ئەمما، بىر ئۇقۇمنىڭ تەبىرىنى بىلىۋېلىش ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. نەزەرىيىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال كاللىمىزدىكى نەزەرىيىگە ئائىت خاتا چۈشەنچىلەرنى تونۇۋېلىشىمىزغا، توغرىراقى نېمىنىڭ نەزەرىيە ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇ بۆلەكتە 2009- يىلى 5- ئاينىڭ ئاخىرىدىن 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچىدە نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنى چۆرىدەپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرۈشىمىز ئاساسىدا توپلانغان ئۇچۇرلارنى؛ زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ھەققىدە ئېيتقان قاراشلىرىنى تەھلىل قىلىپ، مۇمكىنقەدەر ئاممىباب تىل بىلەن نېمىنىڭ نەزەرىيە ئەمەسلىكى ھەققىدىكى نۇقتىئىينەزەرلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
(1) پاخال قىلىۋېتىلگەن ئىدىيىلەر نەزەرىيە ئەمەس [پاكىت تەھلىلى]:
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان بۇ يىگىت ئىلگىرى مېنىڭ «سەرخۇش ئىنگلىزتىلى» سىنىپىمدا ئوقۇغان بولۇپ، ئۆزى قىزىقچى، يۇمۇرلۇق بالا ئىدى. ئۇ مېنىڭ نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىمنى ئۇقۇپ كۈلۈپ كەتتى:
- تازىمۇ بىر زېرىكىشلىك تېمىغا تۇتۇش قىپسىزغۇ، مۇئەللىم؟ يازاي دېسىڭىز باشقا تېمىلار تېپىلار ئىدى.
- نېمىشقا زېرىكىشلىك تېما دەيسىز بۇنى؟
- دەپ كەلسەك گەپ جىق مۇئەللىم،-دېدى ئوقۇغۇچۇم ئوچۇق- يورۇق ھالدا،- بۇ يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمنىڭ بەشىنچى يىلى. بۇ نەزەرىيە دېگەن شۇنداق باش ئاغرىتىدىغان نەرسە ئىكەنكى، يادلىسا- يادلىسا كاللىدا تۇرمايدىكەن، يا ئەمەلىيەتتە بىر پۇڭلۇق پايدىسى يوق. بەش يىلدىن بېرى قۇرۇق نەزەرىيىنى تولا ئوقۇپ ھۆ بولۇپ كەتتۇق. مۇئەللىملەرمۇ يادلىۋالغانلىرىنى دەپ بېرىدۇ ياكى كىتابتىكى، كونسىپىكتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ بېرىدۇ. ئۇنداق گەپلەرنىڭ بىرسىنى چۈشەنسەم نېمە دەي.
ئوقۇغۇچۇمنىڭ قاراشلىرىغا باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئۈچ ئوقۇغۇچىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، بۇ ئۈچەيلەن كېلىشىۋالغاندەكلا نەزەرىيە دېسە بېشى ئاغرىيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى. مەن ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن نەزەرىيىگە ئۆچ بولۇپ كەتكىنىنى سورىغىنىمدا جاۋاب ھەر خىل چىقتى:
- مۇئەللىملەر ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمىگەن نەرسىلەرنى كىتابتىن ئوقۇپ بېرىدۇ، ئاندىن ئىمتىھان ۋاقتىدا بېسىم قىلىدۇ. يادلىماق بەك تەس،- دېدى بىرىنچى ئوقۇغۇچى.
- نېمە پايدىسى بار نەزەرىيە دېگەننىڭ؟ ماڭا قۇرۇق گەپتەكلا تۇيۇلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىدا، ئالىي مەكتەپتە بۇنداق گەپلەرگە تويۇپ كەتكەن،- دېدى ئىككىنچى ئوقۇغۇچى.
- ھېلى ئۇ نەزەرىيە، ھېلى بۇ نەزەرىيە دەپ جىق ئۆتتى. بىرسى كاللامدا تۇرسا نېمە دەي؟- دېدى ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى.
«ھازىرىغىچە قانداق نەزەرىيىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ئاڭلىغانلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپرەك قۇلاققا كىرىپ تۇرىدىغان ماركسىزم نەزەرىيىسى، مىللەتلەر نەزەرىيىسى، سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى قاتارلىقلار بولۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئوقۇغۇچى فىزىكا كەسىپىدە ئوقۇغان بولۇپ، ئېينىشتىيىننىڭ «نىسپىيلىك نەزەرىيىسى»نىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان ئىكەن.
مەن ئاشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، ئالىي مەكتەپتە ئابستراكىت مەزمۇنلارنى ئۆگىنىش كەچمىشىمنى ئەسلەپ ئۆتتۈم. ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، 1987- يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا « سوتسىيالىزم- كاپىتالىزمنىڭ گۆركارى»، «سىنىپىي جەمئىيەت»، «بۇرژۇئازىيە» ھەققىدكى گەپلەرنى جىق يادلىغانىدۇق؛ كونسىپىكلارغىمۇ كۆچۈرۈپ چىققانىدۇق. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇ گەپلەر ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا، يەنى 1991- يىلى سىياسىي ئىقتىساد نەزەرىيىسى ئۆتۈلدى. مەن بۇ دەرسنىڭ ئىمتىھانىغا باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاشلا ئۆلۈك يادلاش ئۇسۇلى بىلەن تاقابىل تۇردۇم. كېيىن، باشقا مەزمۇنلارنىڭ تەسىرى بىلەن كاللام يۇيۇلۇپ، ئۆتۈلگەن ئاشۇ مەزمۇنلار ھەققىدىكى تەسىراتلار ئېڭىمدا خىرەلەشتى. 1993- يىلى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا مىللەتلەر نەزەرىيىسى ئۆتۈلدى. بۇ دەرس ئۆتۈلگەندە ساۋاقداشلىرىم مۇئەللىمنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايتتى. بەزىلەر رومان ئوقۇيتتى ياكى باشقا پەنلەرنىڭ چالا قالغان تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەيتتى. يەنە بەزىلەر بولسا ئارقىغا ئۆتۈۋېلىپ ئۇخلايتتى ياكى سالام خەت يازاتتى (ئۇ چاغلاردا تېلېفون ئومۇملاشمىغان، ئېلخەت، مۇڭداشقۇ دېگەندەك نەرسىلەر تېخى بارلىققا كەلمىگەن بولغاچقا، خەت يېزىش مودىدىن قالمىغانىدى). ئوقۇتۇشتىكى دوگما مېتود، قېلىپبازلىق ۋە ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، پاخال قىلىۋېتىلگەن ياكى خاتا ئۆتۈلگەن ئىدىيىلەر مېنىمۇ نەزەرىيىگە ئۆچ قىلىۋەتكەن ئىدى. شۇڭا، بايىقى نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىنكاسى ماڭا ناھايىتى تەبئىي بىلىندى.
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-23 15:51
|
 |