ئىگىسى: uyghurzade

نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 21:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمەرقەنت، مەن ئالدىنقى تېمىدا ھەرقانچە تىللىنىپ كەتكەن بولساممۇ ئۆز مەۋقەسىدە چىڭ تۇرغان بالىلارغا ھۆرمىتىمنى ساقلاپ قالدىم. سىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. چۈنكى ھەممىمىزنىڭ چىقىش قىلىدىغىنى بىر.ئۆز لېكىن تەپەككۈر ئۇسسۇلىمىزدا ئوخشىماسلىق بار.  مەن سىزنى ناھىيىتى سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل بالىكەن دەپ قارىدىم. مەن ئالدىنقى تېمىدا ماڭا كەسكىن قارشى تۇرغان، ئۆز مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ھۆرمەتلەيمەن. ئۇلارنىڭ مېنىڭ ئىدىيەمنى چۈشەنمىگەن شارائىتتا مېنى تىللىشى تامامەن توغرا. ئۇلار قانداقلا بولمىسۇن، ساددىراق بولسىمۇ ئۆز مەيدانىنى قاتتىق قوغدىدى. مېنىڭ بۇنداق بالىلاردىن سۆيۈنمەسلىككە ھېچقانداق چارەم يوق.
ئۇ تېمىدىكى ئىشلار ئەمدى تۈگىگەن بولسا كېرەك، كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا دەپ قايتا تىلغا ئالغۇم يوق ھەم ئۇرۇشقۇم يوق.
بولسا سۆزلىرىڭىزگە بىرمۇ-بىر جاۋاپ بەرسەم بولاتتى. لېكىن سۆز تاللاپ بولالماي ئوقۇشماسلىق چىقىپ بۇ تېمىمۇ بۇلغىنىپ كەتمىسۇن، دەپ ئويلىدىم. مەن ئاتايىن كىرگەنگە چۇشلۇق ئۇيغۇرزادىگە بىر توغرا تەكلىپ بەردىم دەپ ئويلايمەن.

باھا سۆز

karabeg  مانا ماۋۇ پىكرىڭىز يارايدۇ!  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 21:43:41

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 21:45:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى «ئىلمىي باياناتچى»، «ئىلمىي كاتىپ» دېيىشىمدە سىز ئۇيغۇرزادە ۋە مۇنازىرىدە ئۇ تەرەپ بولغانلارنى كۆپلۈك قوشۇمچىسى ئىچىگە ئالىدىكەنسىز. شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر نەرسىدىن چۆچۈگەن مىمىكىسىغىچە ۋەكىللىك قىلىپ سۆزلەيسىزكەن. «ئىلمىي باياناتچى»،«ئىلمىي كاتىپ» خېلى چىرايلىق ئاتالغۇ ئىكەن. بىر چاغدا مەن بۇنداق كەسپنىڭ بارلىقىنى بىلمەي قاسىم سىدىقنىڭ شاگىرتلىرىنى كۆچۈرمىچىلىكتە ئەيىپلىگەن ئىدىم. لېكىن «ئىلمىي باياناتچى» دېگەن نام ئەسەر كۆچۈرمىكەشلىكىنى يوققا چىقارغان بولدى. كېيىن مەن بۇنداق كىشىلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان بولدۇم. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتاقلىق كىشىلەرگە قىلىپ بېرىدىغان مۇلازىمىتى ئاز ئەمەس، نۇرغۇن بەدەل تۆلەيدۇ. ئۇچۇر ۋە ئارخىپلارنى ۋەكالىتەن بېجىرىپ بېرىدۇ.

UID
19916
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2011-12-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 23:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلا ، سەمەرقەنت سىلەرنىڭ سەمىمى  پىكىرلەشكەنلىگىڭلارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يايراپ كەتتى . بىز ھەقىقەتەن ھازىر ئىتىپاقلىشىشقا ، بىر - بىرىمىزنى قوللاشقا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ  بەك مۇھتاجمىز . مىللى كىملىگىمىز خىرىسقا ئۇچراۋاتقان ، ئۆزىمىزنى تۇنۇشقا ئەڭ مۇھتاچ بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇرزادىدەك مىللەتكە يۈرىگى بىلەن كۆيىدىغان بىرسىنىڭ چىقىپ بىزنى مىللەتنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇتلۇقى ،كىملىگى ئۈستىدە ئۆيلۇنۇشقا يىتەكلىشى ئاللاھنىڭ بىزگە قىلغان رەھمىتى بولۇشى مۈمكىن . مىللەتكە باش بۇلۇش سالاھىتىنى ھازىرلىغانلارغا ئەگەر ئىھتىياجى چۈشسە شۇتا بولۇپ بەرەيلى،تولەيدىغان بەدەل بولسا تۆلەيلى ، ئىمان - ئىتىقاتلىق ، توغرا پىكىرلىك زىيالىلىرىمىزنىڭ ئەتراپىغا مۇستەھكەم ئۇيۇشايلى، بىز ئۈچۈن كېرەكلىك كىشىلەرنى ھاياتلىقىدا تەرەپ - تەرەپتىن تالاپ ئىقتىدارىنى  نابۇت قىلىپ، ئۆلگەندە «ۋاي... »دەپ ھەسرەت چىكىدىغان ماڭقۇرتلۇقتىن ئەمدى ساقلىنايلى !!!
            بىز بىر-بىرىمىزنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، مىللەتنىڭ خۇشاللىغى ھەممىمىزنىڭ خۇشاللىغى ، مۇسۇبىتى ھەممىمىزنىڭ مۇسۇبىتى !

UID
27545
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 23:09:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم زۇلپىقار ئەپەندىم مۇئەللىم دەرىس ئۆتۈپ بولغاندا ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشەنمىگەن جايلىرىنى سوراپ چۈشىنىۋىلىشى ئىدىيەدىن ئۆتمىگەن جايلىرى بولسا  ئىدىيەلىرىدىن ئۆتكۈزىۋىلىشى ئوقۇغۇچىنىڭ بۇرچى،ئەلۋەتتە سىزنى مۇئەللىم دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنى سورىماقچى ( ئەمدى  بۇنىڭغا تېخىمۇ قاملاشمىغان بىر ئىش قوشۇلۇپ، ۋاھابيە مەزھىپىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان بىر تۈركۈم تەقۋا  قېرىنداشلىرىمىز پەنني بىلىملەرنى پۈتۈنلەي بىدئەتكە، ھارامغا چىقىرىدىغان) دىگەن قۇرلادىكى دىمەكچى بولغان ۋاھابىيە مەزھىبى قانداق مەزھەب؟بىر تۈركۈم تەقۋا قىرىنداشلار كىملەر؟پەننىي بىلىملەرنى بىدئەتكە ھارامغا  چىقىرىش نىمىگە قارىتىلىدۇ؟بۇ  پەننىي بىلىملەر قايسى ساھەدىكى پەننىي بىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟دىگەن سوئاللار مەندە پەيدا بولدى
ۋاھابى دىگەن قانداق مەزھەب؟بۇتوغۇرلۇق توردىن مۇنداق ماتىريالنى كۆردۇم: (سۈننى مەزھەب تەركىۋىدە يېڭىدىن پەيدا بولغان ۋەھابى مەزھىبى ئەمەلىيەتتە مەزھەبكە ئايرىشقا قارشى تۇرۇپ، قەبرە ئۇلۇغلاشنى چەكلەپ، قۇرئاننى ئۆز مەنىسى بىلەن چۇشىنىش، ھەدىسكە قاتتىق ئەمەل قىلىش، دەسلەپكى تۆت خەلىپە دەۋرىدىكى ئىسلام ئەقىدىسىگە قايتىشنى تەشەببۇس قىلىش يۈزىسىدىن 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ھەنبەلى مەزھىبىدىكى مەدىنىلىك ئىمام ئابدۇلۋەھھاب تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ بۇ ئىدىيە مۇسۇلمانلارنى ئويغىنىشقا ، بىدئەت ئەقىدىلەرنى تازىلاپ قەددىنى كۆتىرىشكە چاقىرىپ، پۈتۈنلەي تۆت خەلىپە دەۋرىدىكى ئىسلام ئەقىدىسىنى تەشەببۇس قىلغاچقا تېزلا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىغا تارقالدى ۋە سەئۇدى، بەھرەين، قاتار ئەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ بۇ دۆلەتتە ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگەللىدى . ۋاھابىنىڭ تەۋھىدكە قايتىش ئەقىدىسىنىڭ دۇنيادا ئۇمۇملىشىشى بىلەن سۈننى مەزھەپتىكى تۆت مەزھەب ئارىسىدا مەزھەبلەر پەرقى بارغانسېرى يوقىلىشقا يۈزلەنمەكتە . )
    ئاندىن مۇسۇلمانلار تورىدىن سىزمۇ ۋاھابىيمۇ دىگەن سوئالغا بىرىلگەن بىر جاۋاپنى ئوقۇپ قالدىم ئادرىسى:
    http://www.musulmanlar.com/?p=1465
سۆز بىشىدا ئىيتىپ ئۆتكىنىمدەك سىزنى مۇئەللىم دەپ قارايمەن،نەچچە يىللار ئىلگىرى سىزنىڭ ئىنگىلىز تىلى كۇرسىڭىزدا سىزدىن دەرىس ئالغىنىم سىزنىڭ نۇتۇقلىرىڭىزنى ئاڭلىغىنىم ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىلا تۇرىدۇ،يىقىندا  ئىككىلا كىتابىڭىزنى ناھايىتى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇدۇم، ھەم ئاز بولمىغان بىلىم- چۈشەنچىلەرگە ئىرىشتىم،بىلوگىڭىزدىكى ماقالىلەرنىمۇ ئوقۇۋاتىمەن ئۆزۈمنى ئەمگىكىڭىزدىن نەپ ئالغان ئادەملەرنىڭ بىرسى دەپ  قارايمەن ھەم سىزدىن مىننەتدارمەن سىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن،سىزنىڭ مەندەك بىر .ئاددىي ئوقۇغۇچىڭىزغا يۇقۇرقى سوئاللارنى چۈشەندۈرۈپ قويىشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمەن.


UID
27545
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 00:33:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم :دىن بىلەن نەزەريىنى ئايرىشتا نەزەرىيە ئىنسانلار يەرشارىدا ياشاش جەريانىدا بىشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى خۇلاسىلاش ۋە پىلانلاش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن ئۇقۇملار شۇڭا ئۇنى مۇقەددەس دىنىمىزغا سىلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ دەپ قارىساق بولامدۇ؟

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 01:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم چىنگىز، ياخشى سوئال قويۇپسىز. ئەمما، مەن ئىككى كۈندىن بېرى سەل ئالدىراش بولۇپ قالغاچقا بۇ تېمىغا ئەمدى كىرەلىدىم.
مۇسۇلمانلار 7-ئەسىردىن تارتىپ تاكى 12-،13-ئەسرگىچە دۇنيانى سورىغان، دۇنيا مەدەنيتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. گرېك پەلسەپىسىنى مۇسۇلمانلار قۇتقۇزغان؛ ئارستوتېل، ئەپلاتون قاتارلىق گرېك پەيلاسوپلىرىنى شەرھىلەش ۋە ئۇلارنىڭ بىلىش نەتىجىلىرىنى بېيتىش، تەرەققىي قىلدرۇرۇش جەھەتتەئەل كىندى، فارابى، ئىبىن سىنا، ئىبىن رۇشېد قاتارلىق كاتتا مۇسۇلمان پەيلاسوپلىرى ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. نېمشقا شۇنداق بولغان؟ ئۇلۇغ پەيغەمبىرىمىز ئسىلام تۇغىنى ئوتتۇرا شەرققە  تىكىلىگەندىن كېيىن ئسىلام دىنى دۇنيادا تېز كېڭەيدى. ئۇنىڭ كېيىنكى ئۈممەتلىرى، ۋەرسلىرى بۇ بۈيۈك دىننىڭ سەلتەنىنتى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق ئىزدەندى. ئەڭ مۇھىمى  بەك قاتتىق پىكىر قىلدى.ئاشۇ پىكىر قىلشىلار نەتجىسىدە بىر قاتار شانلىق نەتىجىلە بارلىققا كەلدى. مۇسۇلمانلار پەلسەپە ساھەسىدىلا ئەمەس، ماتېماتىكا، مىدىسىنتا، فزىكا قاتارلىق باشقا نۇرغۇن ساھەلەردىمۇ دۇنيادا يېتەكچى ئورۇندا تۇردى.

        كېيىن مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا (ئىسلامدا دېمىدىم) ئېغىر مەسىلە كۆرۈلدى. بۇ مەسىلىلەر ئچىدىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلە شۇ بولدىكى، پىكىر قىلشىنى، ئىزدىنشنى توخىتىپ «قۇرئان كەرىم» دە «ھەدىس» تە دېيىلمىگەن ھەر قانداق ئىديەنى، بىلىمنى چەتكە قاقىدىغان بىنورماللىق پەيدا بولدى. ۋاھابىيە مەزھپىى 18-ئەسردە سەئۇدىي ئەرەبىستاندا «ئسلامنىڭ ئەسلىگە قايتىش» چاقىرىقى ئاستىدا ئىبىن ئابدۇللا ئەل ۋاھابنىڭ باشچىلىقىدا بارلىققا كەلدى. ئەمما، چاقىرىقى توغرا بولسىمۇ كېيىن بۇلار خىلمۇ خىل ئشىلاردا ئاشقۇنلۇققا يول قويۇپ نۇرغۇن خاتا يۈزلشىنلەرگە سەۋەپ بولدى.
       قىزىقى يېرى، مۇشۇ مەزھەپنى قۇرغۇچى ئىبىن ئەل ۋاھابنىڭ دادىسى ۋە قېرىندىشى بۇ مەزھەپنىڭ رادىكال چاقرىقلىرىنى قوبۇل قىلالمىدى، جۈملىدىن بۇ مەزھەپكە كىرمىدى.  بۇمەزھەپتىكلەر كېيىن چېكىدىن ئېشىپ  مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ نەۋرىسىنىڭ، ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى چېقشىقىقچە باردى (پەيغەمبرىمىزنىڭ ئانىسىنى ئسىلام ئۈممىتى ئەمەس دەپ)؛  بېرىپ باشقا مەزھەپتىكى ئۆز ئۈممەتلىرىنى قىردى(19-ئەسردىكى ئسشلار).

ئەمدى سىز  بىز ئۇيغۇرلارغا بېرىلۋاتقان تۆۋەندىكى پەتۋالارغا قاراڭ:
ئۈزۈك سالسا بىدئەت.
خاتىرە رەسىمگە چۈشسە بىدئەت.
بۇرۇتنى قىرسا بىدئەت.
كاپىرلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە بىدئەت.

سىز دەپ بېقىڭ، ئۇكام، مۇشۇ خىل پەلپەتىش گەپلەر ئەمدىلا ئسىلامنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلۋاتقان، ئۆزىنىڭ ياتلاشقىنىنى تۇيۇپ ئۆز دىنىنى قايتىدىن ئۆگىنشىكە باشلىغان بالىلارنى تەمتىرتىپ، قايمتۇقتۇرۇپ قويماقتا. بىر تۈركۈم دەۋەتچى بالىلار  كشىلەرنى بۇ دىننى «تەس دىنكەن» دېگەن تۇيغۇغا كەلتەرمەكتە. سەئۇدىي ئەرەبستانى ۋاھابىيەت مەزھپىنىڭ قاراشلىرىنى دۇنياغا تارقتىش ئۈچۈن يىلىغا نەچچە مىليارد دوللا پۇل خەجلەيدۇ. بزىنىڭ شۇنداق بىر تۈركۈم ئەقلى ئويغاق، پاكىز بالىلرىمىز چەت ئەللەردە ناھايىتى تىرشىپ قاتتىق ئوقۇدى، ئەمما، ئۇلار تېخىمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۇنتۇپ قېلىپ، دىيارىمىزنىڭ شارائىتىنى ئويلاشماي، مىللەتنىڭ قانداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئويلاشمايلا ئەنە شۇنداق ۋاھابىيە مەزھپىنىڭ ئاشقۇن قاراشلىرىنى بازارغا سالىدىغان، ئسىلامنى تەسلەشتۈرىدىغان قاراشلارنى بازارغا سالدى. ئەڭ مۇھىمى، ئسىلامغا ھېچقاچان زىت ئەمەس پەننىي بىلىملەرگە دىماغ قاقتى؛ ئۇنى زەھەرلىك دەپ قارىۋالدى.مەن مۇشۇ يۈزلىشنىڭ ئاقىۋتىدىن بەك ئەنسىرەيمەن.

شۇ بالىلار شۇنداق بىر ئشىتىن خەۋەردارمىدۇر؟ ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا ئسپانىيىدە دۆلەت قازسىى بولغان ئىبن رۇشېدتىنمۇ بەك بىلىملىكمىدۇ؟ جەمئيەتسۇناسلىقنىڭ ئۇلىنى ئەڭ بۇرۇن سالغان مۇسۇلمان ئالىمى ئىبىن خالدۇندىنمۇ بەك بىلىملىك ۋە تەقۋامىدۇر؟ ئۇلار تۈركىيىلىك داڭلىق ئسىلام ئالىمى ھلمى زىيا ئۈلكەننىڭ يەنە جەمئيتشۇناس ئىكەنلىكىدىن خەۋەردارمىدۇر؟
ئۇلار يەنە قاھىرە ئۇنۋېرستىتېتى ، ئسىتانبۇل ئۇنىۋېستېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرستېتلاردا جەمئيەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئېچىلغانلىقىغا بەك ئۇزاق بولغىنىدىن  خەۋەردارمىدۇر؟
مەن ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنىنى ساپلاشتۇرۇش چاقرىقىغا قارشى ئەمەس؛ئەمما ئۇلارنىڭ ھە دېسە»ئۈزۈك سالسا بىدئەت، رەسىمگە چۈشسە بىدئەت»(مەسىلەن، مەن ئوغلۇم بىلەن رەسمىگە چۈشسەم نېمشىقا گۇناھ؟ ئۆتكەندە «رەسىمگە چۈشسە بىدئەت »دېگەن گەپ قەتئىي ئىديمەدىن ئۆتمىدى؛ مەسچتتە جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئەزھەرنى پۈتتتۈرگەن دوكتور ئىمامىمىز ئسمايىلدىن سورىدۇم:«مەن بالام بىلەن مەسچىت ھويلسىدا رەسمىگە چۈشمەكچى، بولامدۇ؟« ئۇ دېدىكى : «بولۋېرىدۇ، ېنمشىقا بولمايدۇ؟»)

  مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بۇلغىنىش ئېغىر، مەسىلە ئېغىر، نادانلىق ئېغىر. ئەلۋەتتە، ئاشۇ مەسىلىلەرنىڭ ئاسارىتى ئۇيغۇرلارنىمۇ چۈشەپ كەلمەكتە. يوق ئشىلارغا ئېسلۋېلىپ، شاخچە مەسلىلەرنى ئەزۋەيلەپ، پەننى زەھەرلككە چىقرىپ قىلىدىغان بۇنداق يۈزلىنىش بىزگە يەنە بىر قېتىملىق پاجئەلىك ئاقۋەتنى كەلتۈرىدۇ. مەن ياتلاشقان، ئەسلىنى ئۇنتۇغان قېرىندشلرىمنى تەنقىدلەيمەن؛ ئەمما، بۇ مېنىڭ ھەددىن ئاشقان ئاشقۇن دىني قاراشلارغا سۈكۈت قىلدىغنىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
نېمە ئۈچۈن ۋاھابىيە مەزھپىنىڭ ئىجادچىسىنىڭ دادىسى ۋە قېرىدنشى بۇ مەزھەپكە كىرمىدى؟قالدى گەپلەر ئۈچۈن ئىمان بىلەن ئەقىلنىڭ مۇناسىۋتىنى ھەققدىكى قاراشلىرىمغا قاراپ ئۆتۈڭ. يەنە جىننىڭ مۇشۇ مۇنبەردىكى «ئىسلام ۋەئەقىل» دېگەن تېمىسغا قاراپ ئۆتۈڭ.

ئسلام دىنىنى تەسلەشتۈرمەيلى، بۇ دىننىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلغۇچىلارنى ئامال قىلىپ يېنىمىزغا تارتايلىكى، «ئۈزۈك سالسا بىدئەت، رەسمىگە چۈشسە بىدئەت»(ئەلۋەتتە ياخشى مەقسەتتە چۈشكەن رەسمنى دەيمەن)، «پەن زەھەرلىك» دېگەن گەپلەرنى ۋە پەتۋالارنى چىقارمايلى.

چىنگىز مېنىڭ دېگىنىم شۇ مەقسەتتە يېزىلغان. ئاللاھ ھەممىمىزنى سۈزۈك ئەقىلگە ئىگە قىلغان.



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-27 01:38):
دۇنيانى سورىشى دېگەن ئابزاستا ئوسمان ئىمپريسىنىڭ سەلتەنىتى يېزىلماپتۇ

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-27 01:40):
سۈزۈك ئەقىلگە ئىگە قىلغاي.

باھا سۆز

aaa007  يەسەۋىنىڭ ئىدىيىسى مۇشۇنداق، بۇنى مۇئەللىم دەپ بەرگەن.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:11:29
aaa007  تەسەۋۋۇپنىڭ جەھرىيە دېگەن تارمىقىدا ئىلىمنى چەكلەيدۇ،  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:10:00
aaa007  پەننى چەكلەش تەسەۋۋۇپنىڭ 11-ئەسىردىن كېيىنكى ئەقىدىلىرىدە كۆرۈلگەن .  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:07:57
aaa007  پەننى زەھەرلىك دېگۈچىلەر ۋاھابىيلار ئەمەس،  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:02:46
aaa007  سىزنىڭ ۋاھابىيلار ھەققىدىكى بۇ قاراشلىرىڭىز سەل يۈزە بوپ قالدىمۇ نېمە؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:00:33

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 02:14:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى
4                                            4 . نەزەرىيە ۋە تەتقىقات
نەزەرىيە ئىلمىي تەتقىقات داۋامىدا بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنىڭ، پىكىر يولىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ ۋە تەتقىقات نەتىجىسى ۋە ئۆزى ئاساسلانغان قىياس ئاساسىدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ھەققىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتتا «جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش نەزەرىيىسى»(Social Learning Theory,社会学习论)ــ ھەرىكەت نەزەرىيىسى ئاساسىدا راۋاجلانغان، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ دوراش، تارتۇقلاش، جازالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇسۇللارنىڭ تەسىرىدە باشقىلارنىڭ ھەرىكەت مودېللىرىنى ئۆگىنىۋېلىش جەريانىنى تەكىتلەيدىغان نەزەرىيەدۇر[22]. ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ: بۇ خىل نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم قىتىغورلۇقنى كۆرۈۋەرسە ئۆزىمۇ قىتىغورلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. سەۋەبى، ئۇ ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئاشۇنداق قىتىغورلۇقنى سىغدۇرۇپ كېتىدىغان روھىي ھالەت ياكى بەلگىلەر يىلتىز تارتقان بولىدۇ.

ئەگەر تەتقىقات نەتىجىسىدە «قىتىغۇرلۇق ــ شۇ خىلدىكى ھەرىكەت مودېلىنىڭ تەسىرىدە ئەۋج ئالىدۇ» دېگەن قىياس ئىسپاتلانسا، ئۇنداقتا جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش نەزەرىيىسىگە يەنە بىر پاكىتلىق يەكۈننىڭ مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىنىڭ نەرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلانغان يېڭى بىلىم شۇ نەزەرىيىنىڭ شەكلىنى ۋە ئىنسان ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەرىپىنى يېڭىلايدۇ ياكى ئۆزگەرتىدۇ. بەزىدە تەتقىقات نەتىجىسىدە مەلۇم بىر خىل نەزەرىيە ھەققىدە يېڭى سوئال تۇغۇلۇشمۇ ۋە ئاخىرى بېرىپ شۇ خىل نەزەرىيىنىڭ بېيىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

نەزەرىيۋى پىكىرنىڭ ئىككى تۈرلۈك لوگىكىلىق ئۇسۇلى

نەزەرىيىۋى تەپەككۇر يۈرگۈزۈش داۋامىدا مەلۇم مەسىلە ھەققىدە ئىلمىي، پاكىتلىق خۇلاسە چىقىرىشنىڭ ئىككى تۈرلۈك ئۇسۇلى بار. بۇنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان بېرىش تەسىراتىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپ باقايلى. بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئۆگىنىش ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ ئىمتىھاندا رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالمايدۇ. سىزنى شۇنداق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى دەپ قارىساق، سىز ئاۋۋال بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئويلىنىپ، ئۆزىڭىز بەرگەن بارلىق ئىمتىھانلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىڭىز ۋە ھەربىر ئىمتىھاندا ئىپادىڭىزنىڭ قانداق بولغانلىقى توغرۇلۇق ئويلاندىڭىز. ئاندىن ياخشى بەرگەن، ناچار بەرگەن ئىمتىھانلىرىڭىزنى ئەسلەپ چىقتىڭىز. ئىپادىڭىز مۇھاكىمە سوئاللىرىدا ياخشى بولدىمۇ كۆپ تاللاش سوئاللىرىدىمۇ؟ تەبئىي پەندىكى ئىمتىھانلاردىمۇ ياكى ئىجتىمائىي پەن ئىمتىھانلىرىدىمۇ؟ ئۆزىڭىز يالغۇز ئۆگىنىش قىلىپ ياكى باشقىلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگەن چاغلىرىڭىزنىڭ قايسىسىدا نەتىجىڭىز ياخشى بولدى؟ سىز بۇ توغرىسىدا ئۇزۇن مۇددەت ئويلانغاندىن كېيىن باشقىلار بىلەن بىللە ئۆگەنگەن چاغلىرىڭىزدا ئىمتىھان نەتىجىڭىزنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىڭىز. بۇنداق پىكىر قىلىش جەريانى يىغما مەنتىق(induction,归纳法) دېيىلىدۇ. يەنى بۇ- نەزەرىيە تۇرغۇزۇش داۋامىدا مەلۇم مىساللار توپىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئومۇملۇققا ئىگە يەكۈننى چىقىرىدىغان لوگىكىلىق ئۇسۇلدۇر. تەجرىبە قىلىش- دەل يىغما مەنتىق ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئايرىم تۈرلەرنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئومۇملۇققا ئىگە يەكۈن خۇلاسىلىنىدۇ.

ئىمتىھان ھەققىدىكى تەسىراتىڭىزدىن خۇلاسە چىقىرىشنىڭ يەنە باشقا بىر تۈرلۈك ئۇسۇلىمۇ بار. مەسىلەن، سىز ئىمتىھاننى ياخشى بېرىش ئۈچۈن دەرسخانىدا قالدۇرغان كونسىپىكلارغا قانچىلىك كۈچ سەرپ قىلىش، قانچىلىك مەزمۇنلارنى تەكرار قىلىش ھەققىدە باش قاتۇردىڭىز. بىردەم يازغان خاتىرىلىرىڭىزنى رەتلەپ چىقماقچى بولدىڭىز، يەنە بىردەم باشقىلار بىلەن بىرلىكتە تەكرار قىلماقچى بولدىڭىز. ھەر بىر ئۇسۇلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە يېتەرسىزلىكى خىيال ئىكرانىڭىزدىن ئۆتتى. تۇرۇپلا باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆگەنگەندە ئۆگىنىپ بولغان مەزمۇنلارغا جىق كۈچ كېتىدىغانلىقىنى ئويلىدىڭىز، يەنە تۇرۇپ مەزمۇنلارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ بەرگەندە ئەستە مەھكەم ساقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىڭىز. ئۇيان ئويلاپ- بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى باشقىلار بىلەن بىللە ئۆگەنسىڭىز ياخشى بولىدىغانلىقىنى لوگىكىلىق يوسۇندا تونۇپ يەتتىڭىز. ئاخىرى ئېھتىيات ئۈچۈن بىر قىسىم ئىمتىھانلىرىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىز يالغۇز ئۆگىنىش قىلدىڭىز، يەنە بىر قىسىم ئىمتىھانلىرىڭىزغا باشقىلار بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق تاقابىل تۇردىڭىز. ئومۇمىيلىقتىن ئايرىم تۈرگە ئۆتىدىغان بۇنداق پىكىر قىلىش جەريانى چاچما مەنتىق(演泽法,deduction) دېيىلىدۇ. بۇ خىلدىكى لوگىكىلىق پىكىر قىلىش جەريانىدا ئومۇمىي پىرىنسىپلار ھەققىدىكى قىياسلاردىن ئايرىم تۈرلەر ھەققىدىكى ئىزاھات تېپىپ چىقىلىدۇ. ئىلمىي ئىزدىنىش داۋامىدا چاچما مەنتىق ۋە پەۋقۇلئاددە قانۇنىيەت تېپىپ چىقىلىدۇ. ئومۇمەن، چاچما مەنتىقىلىق پىكىر قىلىش «نېمىشقا . . .» دېگەن سوئالدىن باشلىنىپ، «...مۇ-ئەمەسمۇ؟»غا تۇتىشىدۇ. يىغما مەنتىقىلىق پىكىر قىلىش دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، «...مۇ، ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالدىن باشلىنىپ، «نېمىشقا؟» دا ئاخىرىلىشىدۇ. چاچما مەنتىقە پىكىر قىلغۇچى ئومۇمىي قائىدە- قانۇنىيەتلەرنى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا ياكى ئايرىم تۈرلەرگە تەدبىقلايدۇ؛ يىغما مەنتىقە بولسا پىكىر قىلغۇچى توپلانغان خام ماتېرىياللارنى، مىساللارنى تەھلىل ئارقىلىق ئومۇمىيلىققا ئىگە خۇلاسە چىقىرىلىدۇ.

بىر مىسال ئالايلى:  .Aھەممە ئادەم ئۆلىدۇ؛ B. نەسىردىن ئەپەندى بىر ئادەم؛ C. شۇڭا نەسىردىن ئەپەندىمۇ ئۆلگەن. بۇ ھۆكۈمنى دەلىللىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىز نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە پاكىت كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل مەنتىق يىغما مەنتىقتۇر.  چاچما مەنتىقە بولسا نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ مىسالىنى توپلاپ، ئاندىن«ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ»دېگەن ھۆكۈمگە ئېرىشىسىز. قىسقىسى، چاچما مەنتىق جەريانىدا ، تەتقىقات نەزەرىيەنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلسا، يىغما مەنتىق جەريانىدا ئەمەلىي پاكىت مىساللارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق نەزەرىيە تۇرغۇزۇلىدۇ.

داۋامى بار



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-27 02:21):
1-ئابزاستا بىر جۈملە چۈشۈپ قاپتۇ، بىر -ئىككى سۆز خاتا كېتىپتۇ. ئەپۇ قىلىڭلار.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-27 02:24):
ئەستا، 2-ئابزاستىمۇ ئىككى ئىككى يەردە گەپ چۈشۈپ قاپتۇ. تەھرلىلىگىلى بولمىد

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 02:59:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
39-قەۋەتتىكى بۆلەكنىڭ 1-،2-ئابزاسىدا چۈشۈپ قالغان جۈملىلەر، كېتىپ قالغان سۆزلەر بار ئىكەن. نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى ئاڭقىرغىلى بولماس بولۇپ قاپتۇ. تەھرىرلەش مۇمكىن بولمىدى. تورداشلاردىن ئەپۇ سورايمەن. بىرىنچى،ئىككىنچى ئابزاسنى تۆۋەندىكىچە توغرىلاپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

4 . نەزەرىيە ۋە تەتقىقات
نەزەرىيە ئىلمىي تەتقىقات داۋامىدا بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنىڭ، پىكىر يولىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ؛ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ چىقشى،  ئىسپاتلاشتىن ئۆتكەن يېڭى قىياسلارنىڭ بېيتىشى بىلەن يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئالايلۇق، بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشى ھەققىدىكى مەخسۇس تەتقىقاتتا «جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش نەزەرىيىسى»(Social Learning Theory,社会学习论)كۆپ تەبىقلىنىدۇ. جەمئىيەت پىسخولوگيىسدىكى بۇ نەزەرىيە ــ سىمۋوللۇق ھەرىكەت نەزەرىيىسى ئاساسىدا راۋاجلانغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ جەمئىيەت قوينىدا ياشاش داۋامىدا دوراش، تارتۇقلاش، جازالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي  جەريانلاردىن غىدىقلىنىپ باشقىلارنىڭ ھەرىكەت مودېللىرىنى ئۆگىنىۋېلىشنىڭ ماھيىتىنى ۋە قانۇنيىتىنى يېشىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان نەزەرىيەدۇر[22].  بۇ خىل نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، ئادەم قىتىغورلۇقنى كۆرۈۋەرسە ئۆزىمۇ قىتىغورلۇقنى ئۆگىنىۋالىدۇ. چۈنكى، ئۇ ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئاشۇنداق قىتىغورلۇقنى سىغدۇرۇپ كېتىدىغان روھىي ھالەت ياكى بەلگىلەر يىلتىز تارتقان بولىدۇ.

ئەگەر مۇناسىۋەتلىك يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە «قىتىغۇرلۇق ــ شۇ خىلدىكى ھەرىكەت مودېلىنىڭ تەسىرىدە ئەۋج ئالىدۇ» دېگەن قىياس ئىسپاتلانسا، ئۇنداقتا جەمئىيەتتىن ئۆگىنىش نەزەرىيىسىگە يەنە بىر پاكىتلىق يەكۈن قېتىلغان بولىدۇ. يېڭىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولغانلار مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىنىڭ ئۆز تەتقىقاتىنىڭ نەرىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى تېپىشقا تىرىشىدۇ. يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلانغان يېڭى بىلىم شۇ نەزەرىيىنىڭ شەكلىنى ۋە مەزمۇنىنى يېڭىلايدۇ، بېيتىدۇ، تولۇقلايدۇ ياكى ئۆزگەرتىدۇ. بەزىدە يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئەسلى نەزەرىيە ھەققىدە يېڭى بىر سوئال تۇغۇلۇشمۇ ۋە ئاخىرى بېرىپ شۇ  نەزەرىيىنىڭ بېيىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

داۋامى بار


UID
9438
يازما
282
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4992
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 03:09:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر مىسال ئالايلى:  .Aھەممە ئادەم ئۆلىدۇ؛ B. نەسىردىن ئەپەندى بىر ئادەم؛ C. شۇڭا نەسىردىن ئەپەندىمۇ ئۆلگەن. بۇ ھۆكۈمنى دەلىللىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن سىز نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە پاكىت كۆرسىتىشىڭىز كېرەك. بۇ خىل مەنتىق يىغما مەنتىقتۇر.  چاچما مەنتىقە بولسا نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ مىسالىنى توپلاپ، ئاندىن«ھەممە ئادەم ئۆلىدۇ»دېگەن ھۆكۈمگە ئېرىشىسىز. قىسقىسى، چاچما مەنتىق جەريانىدا ، تەتقىقات نەزەرىيەنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلسا، يىغما مەنتىق جەريانىدا ئەمەلىي پاكىت مىساللارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق نەزەرىيە تۇرغۇزۇلىدۇ.
* * * * * * * * * * * * * * * * * * *  *
يۇقىرىدا ئالغان مىسالىڭىز ئالمىشىپ كەتتىمۇ قانداق؟
سىز دەۋاتقان يىغما مەنتىقنى لوگىكا دەرسىدە يىغما خۇلاسە، چاچما مەنتىقنى يەشمە خۇلاسە دەپ ئۆگەنگەندەك قىلغان،.

يىغما خۇلاسە ئادەتتە ئايرىملىققا ئىگە بولغان ھۆكۈمدىن  ئومۇمىلىققا ئىگە بولغان ھۆكۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانى بولسا، يەشمە خۇلاسە ئومۇمىلۇققا ئىگە بولغان ھۆكۈمدىن ئايرىملىققا ئىگە بولغان ھۆكمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش جەريانىدۇر.
ئەگەر دىگىنىم توغرا بولسا بىرىنچى مىسالىڭىز يەشمە خۇلاسە، ئىككىنچى مىسالىڭىز يىغما خۇلاسە بولىدۇ.

باھا سۆز

aaa007  شۇنداقتەك تۇرىدۇ. ئالمىشىپ قاپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:13:52

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 03:47:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەسىلەن، بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇچرىتىپ ياكى ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، قىتىغۇرلۇق قىلىش، ئىجتىمائىي بىنورماللىقنىڭ يامرىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى ئادەتلەنگەن تونۇشىمىز بىلەن ئەمەس، مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەرنىڭ ياردىمىدە چۈشىنىپ باقايلى. ئاۋۋال بىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئۈچ خىل شەكلىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مۇنداق بىر قانچە مىسالغان نەزەرىمىزنى ئاغدۇرايلى: جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى شائىرى چۈ يۈەن چىيۇ بەگلىكى دەۋرىدە ۋەتىنىنى ياتلار بېسىۋالسا ۋەتەنداشلىرىنىڭ پەرۋا قىلمىغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ. 1968- يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپون يازغۇچىسى كاۋاباتا ياسۇنارى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياپونىيە ۋەزىيىتىنىڭ ئوڭشالماسلىقىدىن ھەسرەتلىنىپ، ئۆزىنى ۋەتىنى ئۈچۈن ھېچئىش قىلىپ بېرەلمىگەندەك ھېس قىلىپ، 1971- يىلى گاز تۇرۇببىسىنى بۇرنىغا تىقىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ. تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى شۆھرەت قازانغان «بۆرىلەر ئۇۋىسى ئىراق» دا ئايال قەھرىمان ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ كاتتىبېشىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن بەدىنىگە بومبا تېڭىپ بارىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن يەنە بىر يىگىتنىڭ ئۆزىنى پارتلىتىشى بىلەن لەيلى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. 2009- يىلى 4- ئايدا «بەرقى» تورىدا ئاشكارىلانغان بىر خەۋەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر قىزنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈۋالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. بۇ كىشىلەر نېمىشقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ؟ كاۋاباتا ياسۇنارى، چۈ يۈەن، فىلىمدىكى ھېلىقى يىگىت، بىنادىن سەكرىگەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆلۈش ئۇسۇلىدىكى پەرق ۋە ئوخشىماسلىق مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىلەردە قانداق شەرھلىنىدۇ؟

كىشىلەر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلار توغرۇلۇق«ساراڭكەن، نېرۋىسىدا چاتاق باركەن» دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، بۇنداق قاراش تۈرلۈك ئۆلۈۋېلىش ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ۋە پەرقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىلىمىگە ئاساس سالغان ئۈچ مۇتەپەككۇرنىڭ بىرى بولغان ئېمىل دۇركىم(Emile Durkheim,1858-1914) ئۆلۈۋېلىش ھادىسىسى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدەنگەن ۋە ئۆزىنىڭ نەزەرىيىۋى سېستىمىسىنى تۇرغۇزغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە: «ئۆلۈۋېلىشنىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار: قېيداپ ئۆلۈۋېلىش، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش، ئۆزى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش قاتارلىقلار.»[18] قېيداپ ئۆلۈۋېلىش(anomie suicide,失范式自杀) جەمئىيەتتىكى ھادىسىلەردىن ئىچى پۇشۇپ، ئىجتىمائىي مىزانلارنىڭ جەمئىيەت مىقىياسىدا دەپسەندە بولۇۋاتقانلىقىغا نارازى بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھادىسىسىدۇر. كاۋاباتا ياسۇنارى ۋە چۈ يۈەننىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ. ئېمىل دۇركىمنىڭ نەزەرىيىسى بويىچە قارىغاندا، كىشىلەر ئوخشاشلا ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپ ۋە كوللېكتىپنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈنمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى مۇمكىن. بۇ ھادىسە باشقىلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش(利他性自杀,altruistic suicide)دەپ ئاتىلىدۇ. «بۆرىلەر ئۇۋىسى ئىراق» فىلىمىدىكى ھېلىقى يىگىتنىڭ ئۆلۈۋېلىشى دەل مۇشۇ خىل تۈرگە كىرىدۇ. بۇ خىل ئۆلۈۋېلىش ھادىسىسىگە كۆپىنچە ئۆز قەۋمىنىڭ غورۇرىنى قوغداش ئورۇنۇشى سەۋەب بولىدۇ. ھېلىقى ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى«ئۆزى ئۈچۈن ئۆلۈۋېلىش»(个人主义自杀egoistic suiside,)ھادىسىسىدۇر. يەنى بىر ئادەم ئۆز ئىستىقبالىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندە ياكى جەمئىيەت ئۇنى سىغدۇرمىغاندا، ئۆزىنىڭ نىشانىغا مۇئەييەن ئىجتىمائىي قۇرۇلما ئىچىدە يېتىشكە ئامالسىز قالغاندا ئۆلۈۋېلىشى مۇمكىن.

بىر ئادەمنىڭ قىتىغۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگىنىمىزدە بىز ئادەتلەنگەن تونۇشىمىز بويىچە «تەربىيلىنىشى ناچار، ھەسەتخور ئىكەن» دەپلا تۈگىتىمىز. ئەمما، جەمئىيەت نەزەرىيىچىلىرى بۇ ھادىسىنى ئۇنداق ئاددىي چۈشەنمەيدۇ. يەنى، جەمئىيەت پسىخولوگىيىسىدىكى «ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىتىغۇرلۇق نەزەرىيىسى» بويىچە چۈشەندۈرگەندە، «بىر ئادەم ئوقۇشسىزلىققا ئۇچراپ مەقسىدىگە يېتەلمىگەندە قىتىغورلىشىپ كېتىدۇ ۋە ئەتراپىدىكى ئاجىزلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ تاللايدۇ.»[19]  
ئىدارىدە بىر قېتىملىق ئۆسۈش پۇرسىتىدىن قالغان بىر ئەرنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئاچچىقىنى ئايالى ۋە بالىلىرىدىن چىقىرىشى، بەزى تور قۇرتلىرىنىڭ توردا مەخسۇس زەھەرلىك، قىتىغۇر ئىنكاس يېزىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. تۇرمۇشىدا غالىپ ياشاۋاتقان بىر كىشىنىڭ  باشقىلارغا  ھۇجۇم قىلىپ سېسىتىشقا قانداق بېتى كۆتۈرسۇن؟
---------------------
بۇ مەسىلىدە مەن ئاپتور بىلەن ناھىيىتى سىيلىق يوسۇندا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالايمەن:
ئاپتور ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا بىر نەچچە مىسال ئاپتۇ ۋە ئۇنىڭ نەزىرىيىلىك ئاساسى توغرىسىدا ئېمىل دۇركېمنىڭ ئۆلىۋېلىشنىڭ 3تۈرلۈك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى نەزىرىيىلىك چۈشەندۈرۈشىنى مىسالغا ئاپتۇ. مەن بۇنى خاتا دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن ئۆلىۋېلىش ھادىسىسىلىرىگە نىسبەتەن ئېمىل دۇركېمنىڭ ئۇنى 3تۈرگە ئايرىغان نەزىرىيىلىك چۈشەندۈرىشىنى مەن مۇكەممەل ئەمەس دەپ قارايمەن. چۈنكى ئېمىل دۇركېم ئۆلۈۋېلىش ھادىسىسىنى ناھىيىتى تىپىك بولغان جەمىيەت ھادىسىسىلىرىدىن يەكۈنلەپ، بىر نۇقتىغا سەل قارىغان.  
دۇنيا تارىخىدا ناھىيىتى كەڭرى تارقالغان شۇنداق بىر ئېدىئالىسىت پىكىر ئېقىمى بار. ئۇ بەزى دىن ۋە تەپەككۈر ئۇسسۇلىغا چېتىلىدىغان «دۇنيا -يوقلۇق»، «بىلگىلى بولماسلىق» دۇنيا قارىشىدۇر.
مەسىلەن، بۇددا دىنىنىڭ كەشپىياتچىسى  ساكيومۇنى 49 يىل تەلىمات تارقىتىپ ئالەمدىن ئۆتىدىغان چېغىدا مەن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدىم، دېگەنىكەن. ھەتتا،« مېنىڭ بۇ دېگەنلىرىم بۇدداغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر» دېگەنىكەن. يەنە «گەپ قىلغۇچى گەپ قىلمىغانغا باراۋەر» دېگەنىكەن. بۇددا ھەقىقىتى ئەسلىدە ھەرقانداق نوم تېكىستىدە ئەمەس، بەلكى ساكيامۇنىنىڭ دەي دېسە قانداق دېيىشنى بىلمەيدىغان، لېكىن دېمىسە بولمايدىغان زىددىيەتلىك پوزېتسىيىسىدە ئىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇددا دىنى«دۇنيا- يوقلۇق» چۈشەنچىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان دىن. بۇددا نوملىرىنىڭ ئىچىدە «ۋاجرا سۇتراسى»بىر قەدەر مەشھۇردۇر. ئۇنىڭدا ساكيامۇنىنىڭ شاگىرتلىرىغا «بىلگىلى بولمايدۇ»« سەن كۆرگەن بۇ نەرسە شۇ نەرسە ئەمەس»،«بۇ دۇنيا پەقەت سېنىڭ سەزگۈڭدۇر» دېگەندەك گەپلەر قۇمدەك ئۇچرايدۇ. ساكيامۇنىنىڭ پوزېتسىيىدىن مەلۇمكى ئۇ بۇددا دىنىنى بىر ئىلاھىي ھەقىقەت سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر خىل تەپەككۈر ئۇسسۇلى سۈپىتىدە، ئۆزىنىمۇ بىر پەيغەمبەر سۈپىتىدە ئەمەس بىر مۇتەپپەككۈر سۈپىتىدە كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرغان. لېكىن ئىنسانلارنىڭ قوبۇل قىلىشى پۈتۈنلەي باشقا ئىش. بۇددىسىتلار ئۇنى دىن سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. «دۇنيا-يوقلۇق»، «بىلگىلى بولمايدۇ»،«ماددا- سېنىڭ سەزگۈڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېگەن بۇ خىل گەپلەر بۇددىسىتلارنى ئازاپقا قانائەتچان، ماددىي دۇنيانى چوڭ بىلمەيدىغان تەركى دۇنياچىلارغا ئايلاندۇردى. بۇددىستلارنىڭ گۆش يېمەسلىك، ھاراق-شاراپ ئىچمەسلىك، يات جىنىسلارغا يېقىن يولىماسلىقتەك بۇ خىل پەرھىزلىرى دەل ئەشۇ خىل دۇنيا قاراشنىڭ مەھسۇلىمىكىن دەيمەن. ھەر خىل دۇنيا قاراشلار بەزىدە بەزىبىر ئاشقۇنلۇق بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. 90- يىللارنىڭ باشلىرىدا، لى خۇڭجىژ باشچىلىقىدىكى «فالۇن بىدئەتچىلىرى»نىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا ۋە نۇرغۇن جايلاردا ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى سادىر بولدى. بۇ خىل «ئۆلىۋېلىش ھادىسى» بىر خىل ئىدېيالىست ئاشقۇنلۇقنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ئېمېل. دۇركېمنىڭ نەزىرىيىسىگە ھەرگىز چۈشمەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا «دۇنيا-يوقلۇق»،« بۇ دۇنيا-ۋاقىتلىق قۇنالغۇ»، «ماددا پەقەت سەزگۈدىن ئىبارەت» دېگەن  بۇ خىل كۆز قاراش بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىمىزغا چوڭقۇر ئارىلىشىپ كەتكەن سوپىستىك پىكىر ئېقىمىنىڭمۇ ئاساسلىق تەپەككۈر ئۇسۇلىدۇر. ئەمما ئىسلام دىنى ئۆلىۋېلىشنى ناھىيىتى رۆشەن دەرىجىدە ھار ئالىدىغان دىن بولغاچقا بۇ خىل تەپەككۈر ئۇسۇلىنىڭ ئاشقۇنلىقى ئۆلىۋېلىش بىلەن ئەمەس تەركىي دۇنيالىق، زاھىتلىق، ئاشىقلىق ۋە ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامرات قالدۇرۇشتەك شەكىللەر بىلەن ئىپادىلەندى. ئادەتتە بىزنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىمىز نەۋائىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كىلاسسىك شائىرلارنى تەسەۋۋۇپچىلىققا باغلايدۇ. بۇنىڭدىن بىز بىزنىڭ دىنىي ئېتىقادتا  سوپىزىمنىڭ تەسىرىگە نەقەدەر چوڭقۇر ئۇچرىغىنىمىزنى، ھەتتا يېقىنقى مەزگىلگىچە سوپىزىمنىڭ ئىدىيىۋى ھۆكۈمرانلىقىدا ياشىغانلىقىمىزنى بىلىۋالالايمىز.
ئۇندىن باشقا بۇ خىل «بىلگىلى بولماسلىق» دۇنيا قارىشى دۇنيا تارىخىدىكى بەزى مۇھىم پەيلاسوپلارنىڭمۇ ماھىيەتلىك تەرغىباتىدۇر. بۇ خىل دۇنيا قاراش ماددىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بولسا ماددىنى چوڭ بىلمەسلىك، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش بىلەن ئۆز ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەتتا ئاشقۇنلۇق بىلەن ئىپادىلەنگەندە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشىمۇ مۈمكىن. بۇ خىل ئىدىيە بۇددا دىنىغا تۇتۇشىدىغان ساماروي روھى بىلەن ئىپادىلىگەندە يېرىم رېئال ۋە يېرىم ئېدىئال تۈس ئالغان «مەغلۇبىيەتتىن ئۆلۈمنى ئەلا بىلىش»كە، ۋە ھازىرقى  تېرورىزمغا تۇتىشىدىغان ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىۋېلىشتەك ئادەمنى ئويغا سالىدىغان دىنىي مەنىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ناۋادا ئاپتور ئۆزىنى ئۆلتۈرېۋىلىش ھادىسىسىنىڭ نەزەرىيىلىك ئاساسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا بىرەر مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە سوغۇققانلىق بىلەن ھۆرمەت قىلغاي! بۇ تېما ئىگىسى چۈشەنگەندەك ئۇنداق ئاددىي مىخانىكىلىق مەسىلە ئەمەس. ئۇنى بىلىم بىلەن زىننەتلەنگەن ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ پارتلىشى دەپ چۈشۈنىشىمىز مۈمكىن. ناۋادا، ئەدەبىي ئەسەردىن ئېتىقاد خاتالىقى تېپىشقا توغرا كەلسە «ئۆلىۋېلىش سەنئىتى» رومانى مۇسۇلمان دۇنياسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل دۇنيادىكى سانساناقسىز ئەدەبىي ئەسەرنىڭ پەقەت بىرسى. ھەم بىر ئادەمنىڭ ئېتىقادىنىڭ قانداقلىقىنى پەقەت بىر ئۇلۇق ئاللاھلا بىلىدۇ. بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ رولىنى ئېلىپ يەنە بىر بەندىنى ئازغۇن دەپ ھۆكۈم قىلىشقا يولى يوق. بىز بىر يازغۇچىنىڭ پايدىلىق ياكى پايدىسىز ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئۇنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا قاراپ باھا بەرسەك بولىدۇ. «ئۆلىۋېلىش سەنئىتى» رومانىدا ئوقۇپ باققانلارغا مەلۇمكى، قويۇق پەلسەپىۋىلىك بايانلاردىن باشقا يەنە ناھىيىتى كۈچلۈك تەنقىدىي رېئالىزىملىق بايانلارمۇ بار. ئەسەر باش قەھرىمانى تاھىر سۈنئىي رىئاللىقنىڭ بېسىمىدىن چۈشكۈنلىشىپ ئۆلىۋېلىشنى خىيال قىلىدۇ. بۇنى بىز ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى دەۋالساق ھەرقانداق بىر نورمال ئەدەبىيات چۈشەنچىسى قوبۇل قىلالمايدىغان خاتالىققا يول قويغان بولىمىز.  

ئاندىن   ئىدارىدە بىر قېتىملىق ئۆسۈش پۇرسىتىدىن قالغان بىر ئەرنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئاچچىقىنى ئايالى ۋە بالىلىرىدىن چىقىرىشى، بەزى تور قۇرتلىرىنىڭ توردا مەخسۇس زەھەرلىك، قىتىغۇر ئىنكاس يېزىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. تۇرمۇشىدا غالىپ ياشاۋاتقان بىر كىشىنىڭ  باشقىلارغا  ھۇجۇم قىلىپ سېسىتىشقا قانداق بېتى كۆتۈرسۇن؟
مېنىڭچە، بىر چىرايلىق ئېسىل ماقالىغە بۇنداق سەۋيەسىز مىسالنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەرقانداق مەسىلىنى مەلۇم بىر مۇتەپپەككۈرنىڭ سۆزى بىلەن چۈشەندۈرۈش توغرا چىقىۋەرمەيدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش