ئىگىسى: uyghurzade

نەزەرىيە ۋە نەزەرىيىۋىي تەپەككۇر بىزگە قانداق ياردەم بېرىدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
13180
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
346
تىزىملاتقان
2011-7-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-30
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 11:16:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن tewelgha تورداشنىڭ ئۆزگىچە پىكىرنى قوللايمەن ،مىنىڭچە خەلىقىمىزدە تەبىئي پەن بولۇپمۇ ماتىماتىكا تەپەككۇرنىڭ ئاجىز بولىشى نەزىريىۋى تەپەككۇرمىزنىڭ ئاجىزبولوشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەپ بولۇشى مۇمكىن.

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 11:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە، بىر چىرايلىق ئېسىل ماقالىغە بۇنداق سەۋيەسىز مىسالنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ھەرقانداق مەسىلىنى مەلۇم بىر مۇتەپپەككۈرنىڭ سۆزى بىلەن چۈشەندۈرۈش توغرا چىقىۋەرمەيدۇ.
.......................................................................................................................................
     جۇلا  ئەپەندى مانا بۇ پىكىر لىرى  بۇلىدۇ ،  مەن ياشتا  سىلىدىن چوڭ ئەقىلدە سىلىدىن كىچىك بولساممۇ ،ئوزىمىز ئوستىدە ھەرحىل نوقتىدىن چىقىپ ئىزدىنىۋاتقان  ياشلىرىمىزدىن بەكمۇ سۇيىنىمەن . جىدەللىشىپ  ھىشنىمى  ھەل قىلعىلى بولمايدۇ . باشقىلارنىڭ  پىكىرىگە  قوشۇلمىساق ،سەۋەبىنى چىرايلق ئوتتۇرعا قويساق بۇلىدۇ . ھەم بۇھەقتىكى كوزقاراشلىرىمىزنى  ئوتتۇرعا تاشلىساق  نۇرعۇن ئىزدەنگۇچى ياشلىرىمىزنى  كىرەكلىك بىلىملەرگە  ئىگە قىلالايمىز .  ھەتتا مەنمۇ   يۇقۇردىكى يازمىلىرىدىن حىلى كوپ مەنپەئەت  ئالدىم . ئەلۋەتتە ئىلىپ ساھەسىدە تالاش تارتىشنىڭ  بولعىنى ياحشى . ئەمما ئۇسۇل ئىلمى بولماي حۇددى بەزى دۋلەتلەردىكى پارلامىت ئەزالىرىدەك  حەلق ئالەم ئالدىدا ياقا سىقىشىپ يۇرسەك ،ئىلمى ئادەم ئەمەس بەلكى بىر لۇكچەك سىياسىئۇن بۇلۇپ قالىمىز  . بىزدە ئۇرۇشمىعىچە تىپىشماس دەيدىعان گەپبار . مەن ئەمدى سىلى بىلەن قۇرساق كوپىكىمنى چىقىرىش ئۇچۇن ئەمەس ،بىر ياحشى پىكىرداش تىپىۋىلىش يۇزىسىدىن  كوروشۇشنى ئارزۇ  قىلىپ قالدىم . مەن بىر قىتىم رايۇنىمىزدا حىلى نامى بار ئوبزورچى يىقىنىم  ،مۇحتەر بۇعرانى  «بىرنىمە بۇعرا» دىگەندە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ بىر مۇنچە كايىعان ئىدىم . دىمەك مەن «سەرحىل » قىز يىگىتلىرىمىزگە زەھەر حەندىىلك  قىلىدىعان ھەرقانداق ئادەمنى ياقتۇرمايمەن . يالقۇن  روزى بىلەنمۇ ئوبدان تونىشىمەن ،ئەمما بۇ پايلاسوپىمىزنىڭ ( مەن شۇنداق ئاتايمەن )  ئوزىنىڭ بىلىمىنى « بىر پارچە كىسەكنىڭ سىرى» دىگەن دەك ياحشى ماقالىلەرنى يىزىشقا ئىشلەتمەي ، عەيرەتچان ئوسماننى تەڭقىت قىلعاندەك ئەحمىقانە ئىشلىرىنى پەقەت ياقتۇرمايمەن . دۇنيادا ئۇيعۇر نوپۇزى 22مىلىيون دەپ قارىلىدۇ . مۇشۇ نوپۇسنىڭ ئىچىدە دوكتورلۇق ئىنۋانى ئالعانلار 252نەپەر . بۇ سان ھەقىقەتەن ئاز ، ھەرھالدا شۇلارنىڭ بولعىنىعىمۇ شۇكىرى . شۇڭا بىز بىر-بىرسىمىزنى چوكۇرۇش ئەمەس قوللىشىمىز كىرەك ،تىل يارىسى تاياق يارىسىدىنمۇ يامان ، ئۇ ھەتتا بىر ئادەمنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋىتىشى مۇمكىن . مۇنداق مىساللار تارىحىمىزدا ئازمۇ ؟  مىنىڭچە  پەرھات تۇرسۇننىڭ تەنقىتكە ئۇچۇرشىنىمۇ  چۇشۇنىشكە بۇلىدۇ . چۇنكى بىز مۇشۇنداق ھاقارەت ،ئىعىر كەمسىتىش ، تۇرلۇك ئۇسۇللار بىلەن تەھدىت سىلىش ئاستىدا پىشىپ يىتىلىۋاتىمىز . مىنىڭچە پەرھات تۇرسۇن حىزمىتىنى داۋاملاشتۇرشى كىرەك . قاچان پىشىپ يىتىلسە شۇچاعدا جەمئىيەت ئۇنى ئىتىراپ قىلىدۇ . « ئەحمەق ئوگىتىشكە ئامراق .ئەقىللىق ئوگىنىشكە ئامراق »دەپتىكەن  كونىلار ، مەن ھازىر سىلىىگە ئەقىل ئوگىتىۋاتمايمەن .پەقەت  سىلى بىلەن  پىكىر لىشىۋاتىمەن . سىلىنىڭ مىنى قۇبۇل قىلىشلىرىنى ئومۇت قىلىمەن . بىز مۇشۇنداق ئوز-ئارا پىكىرلىشەلەيدىعان ، ئوز-ئارا  قوللىشالايدىعان ، بىر-بىرسىمىزگە كەڭ قورساق بۇلۇپ ،ئو-ئارا ئوگىنەلەيدىعان بولساق ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئوزگىرىش بۇلىدۇ .رەھمەت

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:04:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۋېلغا بىلەن ياراملىق قېرىنداشلىرىمنڭ ماتېماتىكانىڭ تەپەككۇرنىڭ بىلىشتىكى بىر  يولى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلغانلىقىدىن سۆيۈندۈم. دېسىمۇ ئىجتىمائىي پەندە، بولۇپمۇ جەمئىيەتشۇناسلىقتا مىقدارلىق تەتقىقات دەيدىغان بىر تۈر بار. ئۇنىڭدا سىتاتسكىلىق مېتودلارنىڭ ياردىمىدە مۇناسىۋەتلىك سان-سېفرلار تەھلىل قىلىنغاندىن كېيىن مەلۇم بىر ھادىسە ياكى ئشىنىڭ قانۇنيىتى ، ماھىيىتى ھەققىدە لوگكىلىق يەكۈن چىقىرشقا تىرىشلىدۇ. بۇ مىقدارلىق تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق خۇرۇچى سان-سېفىر. شۇڭا بۇ قاراشنىڭ مەلۇم دەرجىدە ئاساسى بار. يەنى بىر كىچىك سەۋەب.

ئەمما، مىقدارلىق تەتقىقات ھەممە ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا خاراكتېر تەتقىقاتى دەپ بىر تۈر بولۇپ ئۇنىڭدا سان-سېفرلار ئشلتلمەيدۇ.تارخىي پاكتىلارنى قىدرىش، ياندىن كۆزتىش، ئېيتىمنى تەھلىل قىلىش، زىيارەت قىلىش قاتارلىق سان-سفېر بىلەن ئالاقىسى بولمىغان مېتولارنىڭ ياردىمدە خام ماتېرىيال، ئۇچۇر يغىلىدۇ ۋە ئاندىن بۇرۇنقى كىلاسسك نەزەرىيلەر تەدبقىلىنىپ ياكى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈپ ئەينى بىر ھادىسە ھەققىدە شەرھ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئادەتتە ئىجتىمائىي پەندە بۇ خىل خاراكتېر تەتقىقات مېتودىنى ئشىلىتدىغانلار كۆپرەك.

بىزدە 10 ئەسردىن بېرى نەزەريىۋي تەپەككۇرنىڭ كەمچىل بولۇشى كەك ماكرولۇق ئامىللار بىلەن(كەم دېگەندە تۆت مۇھىم ماكرولۇق ئامىل، بۇ يەردە ھەممىنى دەپ بولغىلى بولمايدۇ)مۇناسىۋەتلىك . ئاشۇ ئامىللارنىڭ بىرى پۈتۈن مۇسۇلمانلار  دۇنياسىنىڭ يېقىنقى  10 ئەسردىن بۇيان  پىكىردە چېكىنىپ،  دۇنيانى مىستىتىك كۆزدە، ھېسسىي يوسۇندا كۆزتىش يۈزلىشىنىڭ ئەۋج ئالغىنىدۇر. يەنى 11-ئەسردە غەززالىنىڭ ئسىلام دۇنياسىدا فارابى، ئىبن سىناقاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقدا بارلىققا كەلگەن پەلسەپە ئەندزىسىگە ھۇجۇم قىلىشى مۇسۇلمانلارنىڭ پىكىردە ، نەزەريىۋي تەپەككۇردە چېكىشندىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولۇپ قالدى. كېيىن سوفزىمنىڭ تارقىلىشى بىلەن ئشىلار يىلدىن  يىلغا بەتتەرلەشتى. مۇسۇلمان  ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىمۇ ئاشۇ تەسىردىن خالى قالمىدى. خوجىلارنىڭ تەسىرى بىلەن دىيارىمىزنىڭ قانداق پاجىئەلەرگە يولۇققانلىقى دېمسەممۇ تورداشلارمۇ
10 ئەسرلىك مەدەنيىلىشىىش تارىخمىز ئېغىر پىكىر كىرزىسىگە ھامىلدار تارىختۇر.

ھازىرغىچە ئادىمىيات، ئىجتىمائىيەت پەنلىرى ساھەسىدە  ئاجايىپ بۈيۈك ئەسەرلەر بارلىققا كەلدى. ئويلانمايلا سانىساق، ئەپلاتوننىڭ «غايىۋي دۆلەت» تىن تارتىپ مارتىن خايدگېرنىڭ «مەۋجۇدىيەت ۋە دەۋر«، دېررىدانىڭ «گرامماتولوگىيە»سىگىچە، ئبىن خالدۇننىڭ «مۇقەددىمە» سدىن تارتىپ مۇھەممەت ئىقبالنىڭ »ئسلام مەپكۇرسىنى قايتا قۇرۇش» ، مالىك نەبىنىڭ «ئسىلام مەدەنيىتى ھەققىدە ئويلىنىش»، مۇھەممەد ئارخۇننىڭ (بۈگۈنكى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر مۇسۇلمان پەيلاسوپى) «ئسىلام دۇنياسىدا ئويلىنىلمىغان مەسىلىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرىگىچە 10مىڭدەك مۇھىم ئەسەر  بارلىققا كەلگەندۇ.(تۆۋەن ھېسابتا). بىزدە ئەنە شۇنداق مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بەك كۆپ مۆلچەرلىگەندە 10 پارچىغا يېقىن ئەسەر تونۇشتۇرۇلدى. بۇ بىر پاجىئە.

بىزدە ئىجتىمائىي پەن ساھەسدىكى مۇھىم ئەسەرلەر قۇرۇق گەپ دەپ چۈشنىلىدۇ. بۇ كالۋالىقنىڭ دەرىنى تېخى ئەۋالدىلىرىمىز ئالدىرماي تارتىدۇ. بىر تىكەنلىك يولدىن  يەنە بىرتىكەنلىك يولغا سەپەر دېگەن شۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-27 12:05):
ماتېماتىكىلىق تەپەككۇر دەپ تۈزىتىپ ئوقۇلسا؛

كۆيۈمچان ئەزا

قىيىنچىلىق، مېن

UID
7347
يازما
292
تېما
23
نادىر
0
جۇغلانما
8303
تىزىملاتقان
2010-11-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:36:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلا، مەن سىزدىن بىر نەرسىنى سوراپ باقسام...
سوپىزىم ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇنلىغان دىشۋارچىلىقلارنى، خۇراپاتلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى... شۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا بەزى زىيالىيلىرىمىز بۇ ئېقىمنىڭ مەنىۋىي ھېمايىچىلىرى بولغان مەنسۇر ھەللاجىي بىلەن  مەشرەبلىنى ئۇلۇغلايدۇ؟ مەشرەبمۇ دەسلەپتە ئاپاق خوجىغا قول بېرىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئاپتىكەنغۇ؟ بۇنىڭغا  قانداق قارايسىز...؟ بۇددا دىنىنىڭ نىرۋاناسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد ھەققىدە، يەنى مەنسۇر ھەللاجىلىنىڭ سوپىستىك ئەقىدىسى توغرىسىدا نېمىلەرنى دەيسىز... ؟
يەنە بىر سوئال: ئۇيغۇرلاردەك ساپ ئەدەبىياتى بولمىغان بىر مىللەتكە، ئەدەبىيات نەزىرىيىلىرىنى توغرا چۈشىنىش تولىمۇ زۆرۈر! بىراق ئەدەبىياتنى ئۆز ئورنىدىن كۆپتۈرۈپ سۈپەتلەش، ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ ھايات-ماماتى، تەقدىرىگە باغلىۋېلىش، ئەدەبىياتنى-ئىلاھلاشتۇرۇش ، مۇقەددەسلەشتۈرۈش توغرىمۇ؟

باھا سۆز

aaa007  مەنسۇر ئەللاجىنى مەدھىيىلىگەنلەرگە بەك ھەيران قالىمەن، كىچىك بولساممۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 03:21:03

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
47 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 12:53:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەنمۇ ئەسلى ئاكسىيە گە ئائىت بىرە پارچە يازما چاپلاي دىگەن ئىدىم  ئەمما بۇ تور بىكەتتە بۇ ساچەگە قىزىقىدىعانلار  بولمىعاچقا  بۇ حىيالىمدىن  يالتىيىپ قالدىم . ھازىرچە يەنىلا ياش ئالىملىرىمىزدىن ئوگەنگىنىم  تۇزۇككەن . ھازىر دۇنيادا 300دەك دۋلەت ۋە رايۇن ،2011يىلكى 7-ئاينىڭ 9-كۇنى مۇستەقىل بولعان جەنۇبى سۇدان جۇمھۇريىتى بىلەن ب د ت نىڭ قانۇنۇلق دۋلەت دەپ تىزىمعا ئالعان دۋلىتى 194بولدى . بۇنىڭ ئىچىدە ئاران 88دۋلەتتە  پاي بازىرى ئىچىلعان .  1650-يىللاردا گوللاندىيىنىڭ شەرقى ھىندىشتان شىركى تۇنجى پايچىكىنى تارقاتقاندىن باشلاپ ھازىرعىچە دۇنيادا پاي چىكى دىگەن بۇ مەبەلع سىلىش مەھسۇلاتى پەيدا بولعىلى 350يىلدىن ئاشتى .دۋلىتىمىزدە 1986-يىلى شاڭحەيدە تۇنجى 6حىل پاي چىكى تارقىتىلعان دىن ھازىرعىچەئەمدى 25يىل بولدى . ئەمما 1992-يىلدىن كىيىنكى  تەرەققىيات بەك تىز بۇلۇپ  بۇگۇنگىچە پاي چىكى بىرژىسى 2كىگە ،ئاكسىيە شىركىتى 136گە ،پىيىنى بازارعا سالعان شىركەتلەر 76ساھە بۇيىچە 2500دىن ،مەبلەع سالعۇچىلار 164مىلىيوندىن ئاشتى .ھازىر دۋلەت ئىچىدە 3ئائىلىدىن بىر ئادەم ،10ئادەمدىن بىر ئادەم ،رايۇنىمىزدا بولسا 7ئائىلىدىن 1ئادەم ،20ئادەمدىن بىر ئادەم پاي چىكى ئوينايدۇ . ئەمما ئويعۇرلار ئىچىدە  بۇسان 100ئائىلىدىن بىر ئادەمگىمۇ بارمايدۇ .ئەمما گوتەي جۇنئەن ئاكسىيە مەبلەع سىلىش شىركىتىدىكى ئادىلجاندەك نەچچە يۇزمىلىيون مەبلىعى بار شىركەتلەرنى چورىۋاتقان سەرحىللىرىمىزمۇ يوق ئەمەس .   ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيعۇرچە ئاسىيە تور بەتلىرى ئىچىلىپ ، كۇلەملەشكەن ئاكسىيە مەبلەع سىلىش قۇشۇنى  بارلققا كەلدى .   گەرچە بۇلار يۇقۇردىكى تىمىعا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ئەمما « حوراز ئوزى بىلگەننى  چىلايدۇ» دەپ مەنمۇ تورداشلارعا  ئوز كەسپىمدىن  ئانچە -مۇنچە ئۇچۇربەرگۇم  كەلدى . چۇنكى ،ئاكسىيە كەسپى نوۋەتتە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىعا تۇرتكە بۇلىۋاتقان تۇۋرۇك كەسىپكە  ئايلىنىپ تىحىمۇ كوپ كىشىلەرنى ئوزىگە جەلىپ قىلماقتا . مەسىلەن : ئوبامانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىسى ، دۇنيادىكى 10چوڭ باينىڭ بىرى  بافىت ئەپەندىمۇ   11يىشىدا100دوللار بىلەن  بازارعا كىرىپ ھازىر 50مىلىيارت دوللارلىق مۇلۇكنىڭ ئىگىسى بولعان « پاي چىكى ئىلاھى »دۇر. دىمەك ھازىر دۇنيانىڭ ئىقتىسادى تەرتىۋىنى پايچىكلار بەلگۇلەۋاتىدۇ دىسەك يالعان بولمايدۇ . شۇڭا بۇھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن تورداشلارنى حەۋەردار قىلىش ئارتۇقچە ئىش بولمىسا كىرەك . رەھمەت .

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 15:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلا، مەن سىزدىن بىر نەرسىنى سوراپ باقسام...
سوپىزىم ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇنلىغان دىشۋارچىلىقلارنى، خۇراپاتلىقلارنى قالدۇرۇپ كەتتى... شۇنى بىلىپ تۇرۇپ نېمىشقا بەزى زىيالىيلىرىمىز بۇ ئېقىمنىڭ مەنىۋىي ھېمايىچىلىرى بولغان مەنسۇر ھەللاجىي بىلەن  مەشرەبلىنى ئۇلۇغلايدۇ؟ مەشرەبمۇ دەسلەپتە ئاپاق خوجىغا قول بېرىپ، ئۇنىڭدىن تەلىم ئاپتىكەنغۇ؟ بۇنىڭغا  قانداق قارايسىز...؟ بۇددا دىنىنىڭ نىرۋاناسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەھدەتۇل ۋۇجۇد ھەققىدە، يەنى مەنسۇر ھەللاجىلىنىڭ سوپىستىك ئەقىدىسى توغرىسىدا نېمىلەرنى دەيسىز... ؟
يەنە بىر سوئال: ئۇيغۇرلاردەك ساپ ئەدەبىياتى بولمىغان بىر مىللەتكە، ئەدەبىيات نەزىرىيىلىرىنى توغرا چۈشىنىش تولىمۇ زۆرۈر! بىراق ئەدەبىياتنى ئۆز ئورنىدىن كۆپتۈرۈپ سۈپەتلەش، ئۇنى ئىنسانىيەتنىڭ ھايات-ماماتى، تەقدىرىگە باغلىۋېلىش، ئەدەبىياتنى-ئىلاھلاشتۇرۇش ، مۇقەددەسلەشتۈرۈش توغرىمۇ؟
________________________
ئەفىيفىي، مەن ھازىر يۇرتتا بولمىغاچقا قولۇمدا ھېچقانداق ماتىرىيال يوق، بولمىسا سىز سورىغان بىرىنچى سۇئالغا تەسەۋۋۇپ ۋە تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى توغرىسىدا ئىزچىل، سىستېمىلىق ئىزدەنگەن ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ، شۇ قاتاردا پەرھات تۇرسۇننىڭ مەنسۇر ھەللاجى ۋە مەشرەپ توغرىسىدا يازغان ،بۇلاق ژورنىلىنىڭ 2010- يىللىق ئالدىنقى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئېسىل ماقالىسىنى ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلاتتىم. ئۇنىڭدا پەرھات تۇرسۇننىڭ بىر ئېسىل قارىشى بار. ھازىرغىچە بولغان تارىخىي جەرياندا ئەدەبىياتتا دېيىلمىگەن گەپ ئاساسىي جەھەتتىن قالمىدى.  تارىختا ھېچكىم ئوتتۇرىغا قويمىغان يېڭىلىقنى ئىجات قىلىش ئىنتايىن تەسلىشىپ كەتتى. ھازىر مەيدانغا كېلىۋاتقان يېڭىلىقلار ئەمىلىيەتتە يېڭىلىق ئەمەس، پەقەت تارىخ تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن كونا ئېقىملارنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرىشىدۇر، دېگەنرەك مەزمۇندىكى سۆزلەر بار ئىدى. مېنىڭچىمۇ ئەھۋال شۇنداراق. بۇ تەسەۋۋۇپ ۋە تەسەۋۋۇپ ئەدەبىياتى توغرىسىدا راستىنى دېگەندە مەن سىزدىن ئۆگەنسەم ياكى ئۆزئارا سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرسام بولىدۇ. نىمىشقا دېسىڭىز مەن كىلاسسىك ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىمنى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىنلا يوقۇتۇپ بولغان. نەۋائىينىڭ پەرھات-شىرىن داستانى، مەشرەپنىڭ بىر نەچچە غەزىلىنى ئوقۇپ چۈشىنەلىگەن ۋە ھوزۇرلانغاندىن باشقا بۇ غەزەل، مۇخەممەس شەكىلدىكى شېئىرلار بىلەن تولغان كىلاسسىك ئەدەبىياتنى تىلىنى چۈشەنمىگىنىم ئۈچۈن تاشلاپلاۋەتكەنىدىم. شۇڭا مەن ئۇلاردىن چەكسىز ھوزۇر ۋە ھېكمەت ئالالايدىغانلارنى بىر كەسپنى قىلغانلار سۈپىتىدە ھۆرمەتلەپ قويىمەن. لېكىن ئۆزەم تۈزۈكرەك بىر ھوزۇرلىنىشتىن مەھرۇممەن.
بۇ ئەدەبىيات ۋە ئىنسانشۇناسلىق دېگەن ئاجايىپ مۇرەككەپ بىر نەرسە. ئىدىيىنى مەڭگۈ بىرلىككە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ھەرخىل بەھىرلىنىش تىپىدىكىلەرنى ھۆرمەتلەش لازىم.
مەسىلەن ئالايلۇق، بەزىلەر ئاسماندىكى ئايغا ۋە ئەتراپىدىكى گۈل- چېچەكلەرگە قاراپ ئاجايىپ مەست بولۇپ بىردەمدىلا ئېسىل بىر مەنزىرە شېئىرىنى يېزىۋېتىدۇ. لېكىن مەندەك ئادەمنى بوغدا كۆلىگە بىر ھەپتە ئاپىرىپ قويسىمۇ شۇ گۈزەل مەنزىرىدىن بىر جۈملە ئىلھامغا كېلەلمەيمەن.
ئەمدى 2- سۇئالىڭىزغا كەلسەك، گەپنى « ئۇيغۇرلاردەك ساپ ئەدەبىياتى بولمىغان بىر مىللەتكە»دەپ بۇنداق دېيىشنى مەن توغرا تاپمىدىم. مېنىڭچە ئىلاھىي ئىشىقنى ئىلھام مەنبەسى قىلغان تەسەۋۋۇپنىڭ يۇقۇرى سەۋىيە قاتلىمىدىكى بەزىبىر كىلاسسىكلارنى ساپ ئەدەبىيات دېگىلى بولىدىغاندۇ، دەپ ئويلايمەن. تەتقىقاتچىلارمۇ شۇنداق دەيدىكەن. لېكىن مېنىڭ ئاز-تولا بىلىدىغىنىم يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزدا مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» رومانى، مۇھەممەت باغراشنىڭ «ئاپئاق چېچەكلىگەن شاپتۇل گۈلى» ھېكايىسى، ئاكا-ئۇكا ئەركىن ۋە ئەسئەت ئەمەتلەر، پەرھات تۇرسۇن ھېكايىلىرى ئەسەرنىڭ پۈتۈن گەۋدىسى بويىچە ساپ ئەدەبىيات خۇسۇسىيىتى شەكىللىنىشكە ئاز قالغان ئەسەرلەر دەپ قارايمەن. ئۇندىن باشقا نۇرغۇن مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ساپ ئەدەبىيات سەۋىيىسىنى ھازىرلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما تىل ئىشلىتىشتىكى گۈزەللىك ۋە سىدام قوپاللىق جەھەتتىن ئەدەبىياتنىڭ سېھرىي قۇدرىتىنى نامايەن قىلىپ كەلدى. مەسىلەن، زوردۇن سابىر، ئەختەم ئۆمەر قاتارلىقلار...
ماڭا نىسبەتەن كىتاپنى يېنىچە يېتىپ بىر ئوقۇشنى باشلىسام تا ئاخىرغىچە ئاش-نان يىيىشنى ئۇنتۇلدۇرغان، ۋۇجۇدۇمدا بىر خىل لەززەت ئېقىنى پەيدا قىلالىغاننىڭ ھەرقاندىقىمۇ  ئېسىل ئەدەبىي ئەسەردۇر. ساپ ئەدەبىيات ناھىيىتى  شەخسىيەتچى  كېلىدۇ. كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسەتكە، كوللېكتىپنىڭ تەييار ئېيتىم-تېرمىنلىرىغا بويسۇنمايدۇ ۋە ئۇنى يېتەكلىمەيدۇ. ئۇ ئىلاجى بار مۇشۇنداق نەرسىلەردىن ئۆزىنى قۇرۇقداپ پۈتۈنلەي يېڭى بولغان يېڭى تىل مۇناسىۋەتلىرى ۋە يېڭى ئىدىيىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا ساپ ئەدەبىياتقا ئوقۇرمەننىڭ ھە دېگەندىلا دەرھال كىرىشىپ كەتمىكى، كۆنمىكى بەكمۇ تەس. ئۇ «قورسىقىمدىكىنى ئۆزەڭ تاپ» دېمەكچى بولغاچقا ئوقۇپ چۈشەنمەك بەكمۇ تەس. ئۇنى قايتا-قايتا ئوقۇيسىز، قايتا-قايتا تەھلىل قىلىسىز، شۇنداق قىلىپ ئاخىرى ئۇنىڭ قورسىقىدىكىنى تاپقۇچە نۇرغۇن سۈزۈلدۈرۈش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈسىز ۋە بۇ جەرياندا ئاممىباپ ئەدەبىياتتىن ئالالمايدىغان غايەت زور لەززەتنى ئۇنىڭدىن ئالىسىز. مانا بۇ ئەدەبىياتچىلارنىڭ ساپ ئەدەبىيات سەۋىيىسىگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئىنتىلىدىغىنىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك.
لېكىن ئەدەبىياتنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەنلىكىنى، سەۋىيىسىنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەشتە ساپ ئەدەبىيات ، ئاممىباپ ئەدەبىيات دەپ ئىككىگە ئايرىپ ئىككى خىل مۇئامىلە قىلىشقا مەن كونكىرىتنى ئەھۋالغا قاراپ مۇئامىلە قىلىمەن.
دۇنيا نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ھەر يىلى تارقىتىلىپ تۇرىدۇ. بەزىدە بۇ مۇكاپات ساپ ئەدەبىياتقا بېرىلسە بەزىدە سىياسىي تېمىدىكى ئەسەرلەرگە بېرىلىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،  ئەدەبىياتنىڭ قانداقلىقىنى يەنىلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، گۈزەللىك بىلەن سەتلىك دېگەندەك جەۋھەر قىممەتلەر بەلگىلەيدۇ.

ئەمدى ئەدەبىياتنى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغىلەشتۈرۈش، ئۇنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈش ھەتتا ئىلاھىي ۋەھىي بىلەن تەڭ قويۇشتەك مۇشۇنداق ھادىسىلەر بىزدە ھەقىقەتەن بار. مېنىڭ بۇنداقلارغا قايتۇرىدىغان ئىنكاسىم مەسخىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇشۇنداق ماز پاراڭنى قىلىدىغانلار ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىسىدىكى بىر تۈركۈم نادان ، ئاتالمىش ئەدەبىياتچىلار بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ ئەرزىمەس تۆۋەن سەۋىيىسىنى پەردازلاش ئۈچۈن ياكى نېمە دېگىنىنىمۇ ئۆزىمۇ بىلمىگەن ھالدا باشقىلارغا ئەگىشىپ مۇشۇنداق بىلجىرلايدۇ. بۇنداقلارغا ھە دەپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 17:05:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ داۋامى(ئاخىرقى بۆلىكى)
ئىجتىمائىي پەن ئادەتلەنگەن تونۇش   ۋە نەزەرىيۋىى تەپەككۇر

كۆزىتىش، تەتقىق قىلىش ئوبيكتى قىلغان جەمئىيەت بولغان ئىجتىمائىي پەنلەر نەزەرىيە، مېتودولوگىيە ۋە تۈزۈلمە ئاساسى قاتارلىق نۇقتىلاردىن تەبئىي پەنلەردىن پەرقلىنىدۇ. ئىجتىمائىي پەننىڭ  تەتقىقات دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى بولۇپ، مەلۇم ساھەدىكى مەلۇم ھادىسە ھەققىدە كۆپ خىل نۇقتىدىن چىققان كۆپ قىرلىق تەتقىقاتنىڭ بولۇشى تەبئىي ئەھۋال.  ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتى ماكرو جەھەتتىن ئىجتىمائىي قاتلام قاتارلىقلاردىن تارتىپ مىكرو جەھەتتىن پاراڭ شەكلى قاتارلىق نۇقتىلارغىچە كۆڭۈل بۆلىدۇ. بەزى ئىجتىمائىي پەنلەر مەلۇم  سىياسىي، ئىقتسادىي گەۋدىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن شەكىللەنگەن بولىدۇ(مەسىلەن، ئىقتىسادشۇناسلىق، سىياسىيشۇناسلىق)، يەنە بەزى پەنلەر  بولسا  تەتقىقات مېتوددا باشقا پەنلەردىن كەسكىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ(مەسىلەن، جەمئىيەتشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەر).19- ئەسىردىن باشلاپ دۇنيا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تېخىمۇ ئىنچىكە پەنلەر  بارلىققا كېلىشكە باشلىدى ۋە بارغانچە كېسىشمە پەنلەر تەتقىقاتى مودا بولۇشقا باشلىدى. ۋەھالەنكى، نۇرغۇن ئىجتىمائىي پەنچىلەرنىڭ كەسپىي ساھەسى، نەزەرىيە جەھەتتىن تەربىيىلىنىشى ھەرخىل بولۇش سەۋەبلىك، بۇ ساھەدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەققىدىكى ئۆلچەممۇ ھەر خىل بولۇپ كەلدى.

ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ چەك – چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش بەك تەس.بۇنىڭدىكى بىر سەۋەب شۇكى، بىر تەرەپتىن نۇرغۇن ئىجتىمائىي پەنلەر بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ، كىرىشىپ كېتىدۇ. بەزى  دۆلەتلەردە  ئادەمىيەت پەنلىرىمۇ ئىجتىمائىيەت پەنلىرى دائىرىسىگە قېتىۋېتىلىدۇ ( مەسىلە، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە). يەنە كېلىپ دۇنيا مىقياسىدا تەرەققىياتنىڭ تېزلىشىشى بىلەن تەبئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن ئارىسىدا بىر- بىرىگە كىرىشىپ كېتىدىغان ، بىر – بىرىدىن مېتود ۋە يېڭى پىكىر ئىزدەيدىغان يۈزلىنىش ئومۇملىشىشقا باشلىدى.

ئىجتىمائىي پەن كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ ۋە نۇرغۇن ئادەتلەنگەن تونۇشقا ، ئاۋام ھەقىقەت دەپ تونۇۋالغان نۇقتىلارغا سوئال  قويىدۇ؛ جەڭ ئېلان قىلىدۇ. ئەمما ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ يۈزەكى خۇلاسىلىرىگە ، ھۆكۈملىرىگە رەھىمسىز بولماسلىقى سەۋەبلىك ھەمىشە خاتا تونۇشلار، ناتوغرا تەتقىقات نەتىجىلىرى يىلتىز تارتىدىغان، ئۇزۇن مۇددەت ھۆكۈم سۈرىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. گەرچە ئىجتىمائىي پەنلەردە بۇ خىلدىكى قىسمەن خاتالىقلار يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما كىشىلەرنىڭ خاتا تونۇشلىرىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئادەملەر ھەققىدىكى ئاساسسىز قىياسلارنى ئاغدۇرۇش، رېئاللىقنى مۇمكىنقەدەر ئوبىيېكتىپ يوسۇندا شەرھلەش  جەھەتتە بۇ پەنلەرنىڭ رولى ئىنتايىن زور.

ئىجتىمائىي پەندە قارىسىغا ھۆكۈم چىقارماسلىق تەشەببۇس قىلىنىدۇ. كىشىلەر ئادەتلەنگەن تونۇشى بىلەن باشقىلاردىكى ئۆزى ياقمىغان تەرەپلەرنى خاتا تەرىپلەيدۇ، ئۆزىنىڭكىگە ئوخشايدىغان تەرەپلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. مەسىلەن ، بىر توپ ئادەمنى ھورۇنغا چىقېرىۋېتىش ئادەتلەنگەن تونۇشنىڭ نەتىجىسى؛ يەنە بىر توپ كىشىلەرگە قارا – قويۇق باھا بېرىش ئادەتلەنگەن تونۇش ۋە قاتمال تەسىراتنىڭ نەتىجىسى. ئادەتلەنگەن تونۇش ۋە قاتمال تەسىرات ئادەمنى ئوبيېكتىپ دۇنيانى رېئال يوسۇندا كۆزىتىدىغان كۆزىدىن ئايرىپ بىخۇدلاشتۇرىدۇ. شۇڭا ئىجتىمائىي پەنچىلەر ئاۋامنىڭ پىكىرىگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە قاتمال تەسىراتىغا جەڭ ئېلان قىلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. باشقىلار ھەققىدە خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىراشمۇ ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشكە خالىماسلىقمۇ ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەتقىقات نىشانى ئىچىدە.

بۇ دېگەنلىك كىشىلەر ئوبىيېكتىپ شەيئىلەر ھەققىدە خۇلاسە چىقارمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس. خۇلاسە ئىلمىي پاكىت ۋە تەكشۈرۈش ئاساسىدا بولۇشى كېرەك. باشقىلار ھەققىدىكى باھايىمىز ئادەتلەنگەن تونۇش، قاتمال تەسىراتلار ئاساسىدا ئەمەس، ئەمەلىي تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك. مىللەتچىلەر، ھاكاۋۇر ئېرىقچىلار ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئادەتلەنگەن تونۇشىنىڭ ۋە قاتمالى تەسىراتىنىڭ قۇللىرىدۇر. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى بىر ئىلىم تەتقىقاتچىسى قارا – قويۇق ھۆكۈم، بىر تەرەپلىمە خۇلاسە چىقىرىشقا ئالدىرىماسلىقى كېرەك.

ئىجتىمائىي پەندە ، مۇتلەپ تونۇشلار ۋە چەك – چېگرىسى ئېنىق ئايرىلغان كاتېگورىيىلەر بولمايدۇ. بىز ئۇقۇملار، ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، ئوبىيېكتىپ رېئاللىق ھەققىدە خۇلاسە چىقارغىنىمىزدا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك. بىر قېتىملىق تەتقىقات خۇلاسىسىدىن چىققان بايان مۇمكىنچىلىك شەكلىدە ئېيتىلىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ مۇتلەقلەشتۈرۈلمەسلىكى كېرەك. مەسىلەن، خروئىن چېكىش ھادىسىسىنى مىسالغا ئالايلى. بۇ ھەقتە ئادەتلەنگەن تونۇش ۋە ھېسسىي چۈشەنچە بويىچە «ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا خىروئىن چېكىش ئەۋج ئالدى» دەپ ئېيتىش مۇمكىن. ئەمما بۇ مۇمكىنلەشتۈرىۋەتكەنلىك؛ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا بىر تەرەپلىمە خۇلاسىگە ئېلىپ بارىدىغان بۇنداق ھۆكۈم قارشى ئېلىنمايدۇ. بىز رەسمىي تەتقىقاتقا كىرشكەندە بۇ ھەقتە ئەمەلىي پاكىتلارغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئارىسىدا قانچە پىرسەنت كىشىنىڭ خىروئىن چېكىدىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىنغان سان، دەلىل ، ئىسپاتلار ئارقىلىق ئۋنىق ئېيتىشىمىز كېرەك.

ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىدا سۇنى كۆرمەي ئۆتۈك سېلىشقا ، تامچىدىن دېڭىزنى كۆرۈشكە ئالدىرايدىغان يەڭگىلتەكلىكتىن ساقلىنىش لازىم. بىز «ئۇيغۇر ياشلىرى بۇزۇلۇپ كەتتى»،«ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى كىرزىسكە يۈزلەندى»،«ئۇيغۇر مەۋجۇدىيىتى خرىس ئىچىدە»دېگەندەك ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاشتىن بۇرۇن ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىمىز، ئوبىيېكتىپ پاكىتلارنى توپلىشىمىز لازىم. بەزى ھۆكۈملەر ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا ئېھتىماللىق قالدۇرۇلىشى لازىم. نىكاھتىن ئاجرىشىش مەسىلىسى ھەققىدە ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولساق، ئۇنى«مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلاردا نىكاھتىن ئاجرىشىش ھادىسىسى ئەۋج ئالدى» دەپ ئېيتقاندىن كۆرە «نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى ھازىرىقىدەك تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بارىدىغان بولسا ، توي قىلغان مانچە پىرسەنت ئادەمنىڭ مانچە پىرسەنتى نىكاھتىن ئاجرىشىش مۇمكىن» دېگەندەك ئېيتىشىمىز ۋە بۇنىڭغا دەلىل كۆرسىتىشىمىز زۆرۈر. بۇنىڭدا ھۆكۈمنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئېيتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنىڭ جېنى بولسا، نەزىرىيە _ نەزەرىيىۋى تەپەككۇرنىڭ كاتالىزاتورى. نەزەرىيە ئۆگەنمەي تۇرۇپ نەزەرىيۋى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى ۋە چوڭقۇر پىكىر قىلىشقا كۆنگىلى بولمايدۇ؛ نەزەرىيۋى ئاسا تۇرغۇزماي تۇرۇپ ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتىنى چىن مەنىسى بىلەن قىلغىلى بولمايدۇ. شۇ ساھەدىكى ئېتراپ قىلىنغان نەزەرىيىەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ قىلىنغان تەتقىقات ھەقىقىي تەتقىقات ئەمەس؛ نەزەرىيۋى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمىگەن پىكىر ھەقىقىي پىكىر ئەمەس. بىر مىللەتنىڭ زىيالىلىرى نەزەرىيۋى تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ساھەسىدىكى نەزەرىيىلەرنى بېرىلىپ ئۆگىنىشى كېرەك.



داۋامى بار

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 17:09:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ستاتا مەنبەلىرى:

1.     ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن، « مىللى مائارىپ ۋە نەزەرىيىۋىتەپەككۇر» ،«شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» نىڭ 1993- يىللىق 29- ئىيۇلدىكى سانى

2.     بېتراند روسسېل، «بېتراند رۇسسېلنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى»، 1961-يىل، لوندون: جورج ئاللېن-ئانۋېن نەشرىياتى

3.     لى جيېلى، " غەرب ئادەميات-ئىجتىمائىيەت پەنلىرىدىكى يېڭى يۈزلىنىش :جەمئيەتشۇناسلىق:"

李捷理,社会学(西方人文社科前沿述评), 中国人民大学出版社, 2007。

4.     -، 6-، 7-، 8 كېننېس ئاللان، «جەمئىيەت ۋە جەمئىيتەشۇناسلىق نەزەريىسى"،

Kenneth Allan. 2010. The Social Lens: An Invitation to Social and Sociological Theory. Pine Forge Press.

. 5. روبېرت مېرتون. 1957- يىل. «جەمئىيەت نەزەرىيىسى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلما»

Robert Merton. 1957. Social Theory and Social structure. New York: Free Press."،

9., 10 جوناتان تۇرنېر، «جەمئيەتشۇناسلىق نەزەريىسىنىڭ قۇرۇلمىسى"

Jonathan Turner. 2003. The Structure of Sociological Theories (7th edition), Pearson Education

11. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى( قىسقارتلىما نۇسخسى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1999 -يىل نەشرى، 1104- بەت.

12. «ئۆزبېكستان مىللىي ئىنسكلوپېديىسى»، 2003- يىل نەشرى، 6- توم، 242- بەت.

13.«ھازىرقى زامان خەنزۇ تىلى لۇغىتى»، شاڭۋۇ نەشرىياتى، 2000-يىل نەشرى، 774- بەت.

14 . «قىسقىچە ئىجتىمائىي پەن لۇغىتى» ، 1982-يىل نەشرى

简明社会科学词典. 1982.《简明社会科学词典》编辑委员会编.
出版社:上海辞书出版社

15. لاڭمەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئېنگلىزچە- خەنزۇچە سېلشىتۇرما ئىزاھلىق لۇغىتى» ، 2005-يىل نەشرى

朗文当代高级英语辞典(英英·英汉双解)(新版), 北京

16. مېچېل فۇكو، «ھوقۇق- بىلىم مۇناسىۋىتى»، 2010- يىل
Miachel Foucault. 2010. Power-Knowledge Relations. Pine Forge Press

17 . رۇس ۋاللېس، ئاللسون ۋۇلف. «ھازىرقى زامان جەمئيەتشۇناسلىق نەزەريىسى»
Ruth Wallace, Allison Wolf. 2009. Contemporary Sociological Theory. Prentice Hall

18. ئېمىل دۇركايىم،«ئۆلۈۋېلىش»، 1997- يىل
Emile Durkheim. 1997. Suicide. Free Press
.
19-، 22-. دېلەمەتېر ۋە مايېرس، «جەمئىيەت پىسخولوگيىسى»
  Delamater and Myers.2007. Social Psychology. Pearson Education
20. ئانتونى گىددېنس، «جەمئىيەتشۇناسلىق»
.Anthony Giddens. 2004. Sociology(4th edition), Cambridge: Polity Press
21. ماكىس ۋېبېر، «جەمئيەتشۇناسلىق ماقالىلىردىن»
Max Weber. 1958: From Max Weber: Essays in Sociology. London: Routledge

تۈگىدى، «مۇنبەر» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىلىلىق 2-سانىدىن

UID
27545
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-27 22:11:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم:مۇئەللىم
           ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ سورىغان سوئاللىرىمغا جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت جاۋابى ئىنتايىن چۈشۈنۈشلۈك بولۇپتۇ،ئۇلۇغ ئاللاھ قىرىنداشلىرىمىزغا بىرلىك ئاتا قىلغاي (ئامىن).

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
623
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
13441
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-20
توردا
118 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 01:17:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆت تادۇ ئەپەندى، يەنە ئەزۋەيلەپ ،سەل كۈچەپ قالدىڭىز.سىزگە سۈكۈت قىلغان، ئەمدى ئازراق گەپ قىلاي.مېنىڭ بۇ تېمام تۆت تادۇ قارىشى ھەققىدىكى تېما ئەمەس. گەپنى باشقا ياققا بۇراپ ئۆزىڭىز بىلگەنچە بىر نېمىلەرنى دەپسىز. مۇناسىۋەتىسز قۇرۇق گەپلەر بەك جىق، يەنە تېخى سوغۇق گەپلەرمۇ بار. بۇنداق قىلشىڭىز توغرا ئەمەس.

سىزگە بىر مەسلىھەت، بولسا تۆت تادۇ  قارشىنىڭ تەڭداشسسزىلىقى دەمسىز، تۆت تادۇ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزىدۇ دەمسىز، ئەيتاۋۇر بىر ماۋزۇ قويۇپ بىرەر كىتاب يېزىڭ ياكى شۇنداق گەپلەرنى شۇنىڭغا ماس تېمىلارنى ئېچىپ دەڭ.
ئسېىڭىزدە بولسا كېرەك،   سىز سەل كۈچەپ قىلغان ئالدىنقى تېمىدا  ئەلپەنچلىلەردە بىر پىسكىلىق كېسەل بولدىغانلىىقىنى، قۈملىدىن بۇنداق ئادەملەرنىڭ شۇ ساھەدە ھېچنمە كۆرمەي تۇرۇپ، ماتېرىيال كۆرمەي تۇرۇپ، مۇنىتىزم تەربيلەنمەي تۇرۇپ بىر نېمىلەرگە جەڭ ئېلان قىلغۇسى كېلىپ كېتىدىغانلىقىنى، بىر نېمىلەرنى مۇتلەق توغرا دەپ قارىۋالىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغان. ئەگەر سىز خەنزۇچە بىلسىڭىز فاڭجۇزىنىڭ ئەلپەنچلىكنىڭ نېمشىقا روھىي كېسەل ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قاراشلىرىغا قاراپ ئۆتۈڭ. سىزدىكى ھەممىنى تۆت تادۇغا باغلايدىغان بۇ يۈزلىنشىنى روھىي كېسەلنىڭ ئالامىتى دەپ بىلىمەن.دىققەت قىلىڭ، كېسەل ئېغىرلاپ كەتمىسۇن.

يەنە بىرسى، سىزنىڭ كۆرگەنلا تېمىغا ئىنكاس يېزىش ۋەزىپڭىز يوق؛ سىزگە بىر يەردىن ۋەزىپە چۈشمىگەندىن كېيىن. بەك ئاغزىڭىز قچىشىپ كەتسە شۇنداقراق بىر تېمىنى ئېچىپ گەپ سېتىڭ. بۇ تېمىغا ھېلىمۇ قۇرۇق گەپنى ئاز قىلمدىڭىز. توخىتىتىتڭ.
تۆت تادۇ ھەممىنى ھەل قىلىدىغان ھەممبباب قاراش بولسا، شۇ قاراشنىڭ ئىگىسى بولغان بۇ قەۋم نېمشىقا بۇ قەددەر ئېغىر قىسمەتلەرگە قالدى؟

مۇنبەردە ئەقلىم يەتمەيدىغان ئشىلار جىقلاپ كېتۋاتىدۇ. بوپتۇ، گېپىنى دەۋالسۇن، بۇمۇ بىر ئۇيغۇركەن دەپ دەپ ھۆرمەت بىلەن سۈكۈت قىلىمەن. بەزىلەر سۈكۈتۈمنى، ھۆرمتىمنى خاتا چۈشىنىىدۇ. مەندىن ئىززەت تەلەپ قىلغانلار ئاۋۋۋل ئۆزىنى ھۆرمەتلىسە، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئەمگىكىىنى ھۆرمەتلىسە دەيمەن.

تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنكاس يېزىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنە بىر ئەسلىتەي، مېنىڭ بۇ تېمام«نەزەرىيە ۋە نەزەرىيۋىي تەپەككۇر» دېگەن تېمىدۇر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش