پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 3640 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • زەپەر 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈنۋىرسال ئەمىلىيەت دەرىس تەييارلىقىنىڭ تۇلۇقلىنىشىغا كۈچ چىقارساڭلار

  • ئۆزىل 4 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟خىلى كۇنلەر بوپ قاپتۇ مۇنبەرگە كىرمىگىلى ھەمىڭلار ياخشى...

  • پۇرخۇن تۈنۈگۈن 23:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇغلۇڭغا كىيىم ئزدىگۈچە ،ئۇستاز ئىزدە .

  • ilghar تۈنۈگۈن 21:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    خۇتۇنۇڭ يىيىشلىك بولسا ئۇردى خۇدا،مېلىڭ يىيىشلىك بولسا بەردى خۇدا

  • كالۋا تۈنۈگۈن 20:37 [ئىنكاس(0)] [...]

    نان يىسە قۇساق تۇيدۇ.....

  • ilghar تۈنۈگۈن 19:58 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىرنەچچە كۈن يوقاپ كەتسەم مۇنبەرئەجەپ قىزىپ كېتىپتۇ

  • زەپەر تۈنۈگۈن 10:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    باشلانغۇچ قوش تىل 5- يىللىق 2- ماۋسۇملۇق . خەنزۇ تىلى ۋە ئانا تىل - ئەدەبىيات دەرىس تەييارلىقى بولسا  يوللاپ .....

  • زەپەر 3 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۇلۇقسىز ئوتتۇرا 2- ماۋسۇملۇق ئۈنۋىرسال ئەمىلىيەت دەرىس تەييارلىقى بولسا يوللاپ قويساڭلار . مۇكاپات بار

  • مەرگەن1 تۈنۈگۈن 23:28 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن ئەڭ ياخشىسىنى تاللىيالمايمەن ، ئەڭ ياخشىسى مىنى تاللىسۇن

  • 清澈(维) تۈنۈگۈن 21:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوغلۇڭ بۇشاڭ بولسا ،كېلىنىڭ بىشەم بولۇر

  • ilghar تۈنۈگۈن 20:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسلا ! كىمدە 6-يىللىق شىنجاڭ دەرس تەييارلىقى بار؟ بولسايوللاپ قويغان بولساڭلا بەكلا مىننەتدار بولغان ب.....

  • 买提库尔班 تۈنۈگۈن 20:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۈگۈن ئارقىلىق ئەتىنى يارات!

  • MUSLIMA تۈنۈگۈن 16:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    سوئال قويۇلمىسا،جاۋابمۇ بېرىلمەيدۇ.ياخشى سوئالنىڭ قىممىتى ياخشى جاۋابنىڭ قىممىتىدىن يۇقىرى بولىدۇ.

  • 阿布都艾尼江  تۈنۈگۈن 03:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ياخىشمۇسسللەر 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۆچەت تىكىش بايرىمڭلارغا مۇبارەك بولسۇن؟

كۆرۈش: 164|ئىنكاس: 7

ئامېرىكىلىقلار نەزىرىدىكى ...(ئوقۇپ قويۇڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

8

دوست

401

جۇغلانما

ئەتتىرگۈل ئەزا

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
104 سەر
تىللا
22 دانە
تۆھپە
67 سەر
شۆھرەت
74 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 00:33:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھالال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 00:37  

ئامېرىكا ئالىمى، پىسخولوگ جىك ھونتېر
                                     مۇقەددىمە
مەن ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتالغان ئەلدە خېلى ئۇزۇن تەلىم ئالدىم.لېكىن مەندە قالغان تەسرات شۇ بولدۇكى، ئۇ يەردە ھەقىقى مەنادىكى مائارىپ تېخى شەكىللەنمەپتۇ . ۋەتەنگە ۋاقتىدا قايتىپ كەلمىگەن بولسام ،مەنمۇتەربىيىسىز قالاركەنمەن . زاۋۇتتىن چىققان خىشتەك ، بىر خىللا ئىدىيىلىك، بىر قېلىپتىكى ئادەملەرنى تەربىيلەپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان ئۇ سېستىما ھەققىدە بەك كۆپ توختالغۇم يوق. ئۇلار تېخى ئۆزلىرىچە مائارىپتا ئىسلاھ ئىلىپ بېرىۋاتىمىز،دەپ قارايدىكەن . ئۇلار ئىسلاھات دەپ چۈشەنگەن ئىشنىڭ ماھىيىتىنى قىسقىلا قىلىپ ئۈچ نوقتىغا يىغىش مۇمكىن .
               1- باپ . «ئۇيغۇر مائارىپىدىكىئىسلاھات» قا ئىزاھات  
      ئۇلار بىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىۋاتقىلى يىگىرمە نەچچە يىل بولدى دەپ ماختىنىدىكەن ، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىدا ئەزەلدىن ئىسلاھات بولۇپ باقماپتۇ . بىر زاماندا روسلارنىڭ ئەندىزىسى بىلەن شەكىللەنگەن مائارىپىدىن پەخىرلەنگەن ئىكەن . مانا ئەمدى خەنزۇ مائارىپىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ماختىنىپ يۈرۈپتۇ . بۇ خىل كۆچۈرۈلمە ئەندىزىسىمۇ يىل ساناپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن. بۇ يىل نىشانلىق ئوقۇتۇش دېگەن شوئارنى كۆتۈرۈپ چىقسا ، كېلەر يىلى ساپا مائارىپى دىگەن گەپنى ئوتتۇرىغا قويىدىكەن ، ھازىر «ئىمتىھان مائارىپى» دېگەن ئۇقۇمنى پەيدا قىلسا ،ئەتە تۇرۇپلا ئامرىكىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70- يىلىلىرىدىكى پېداگوكى بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيسىنى بازاراغا سالىدىكەن . مەھمۇت قەشقىرى، نىزامىدىن، ئەلشىر ناۋايى. . . قاتارلىق يىتۈك ئۆلىما ئۇستازلىرى ياراتقان تەربىيلەش تەجربىلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆرمەي، چەتئەلنىڭ سۇخۇلمىنىسكى، كۇڭزى كەبى پېداگوكلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ماس كەلمىگەن تەشەببۇسلىرىغا ئېسىلىۋالىدىكەن. ئىسلاھات دەپ كۈچىگەنسىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى كۆپىيىپ كېتىدىكەن، ئۇ دەرسلىكلەر ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان بولۇپ، ئۇنى ئوقۇپ چىققانلار رېئاللىققا، تۇرمۇشقا زادىلاماسلىشالمايدىكەن . ئەقەللىيسى، فىزىكا ئوقۇغانلار ھەمىشە كۆرۈپ تۇرغان شال بىلەن بۇغداي مايسىسىنى پەرىقلەندۈرەلمەيدىكەن. باشلىق كۆپەيتىش--ئۇلار دىگەنئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ئىكەن. «ئادەم كۆپ بولسا ئىش كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپ ئۇلارنىڭ دەستۇرى سانىلىدىكەن. ئادىمى يۈزگىمۇ يەتمەيدىغان مەكتەپنىڭ 8-10 نەپەر مۇدىرى بولىدىكەن. بۆلۈم، گۇرپپا مەسئۇللىرى، سىياسى خىزمەتچىلەر . . . دېگەنلىرىنى قوشقاندا مەكتەپ خادىمىنىڭ 40 - 50 پىرسەنتىنى باشلىقلار تەشكىل قىلىدىكەن .    باشلىقلار كۆپىيىپ تۇرغىنى بىلەن «ئىخچاملاش» نى ئېغىزدىن چۈشەرمەسلىك ئۇلارغا ئورتاق ئۇدۇم ئىكەن . ئىخچاملىدۇق دەپ بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتسىز بىر تالاي مەكتەپلەرنى زورمۇ-زور بىرلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ . بۇنىڭ بىلەن ئاپپارات كېلەڭسىزلىشىپ ئادەم تېخىمۇكۆپىيىپ كىتىپتۇ . «شىتات قىسقارىتمىز» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن چىقىپتۇ . ئۇلار شىتات قىسقارتىشنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جاي-جايلاردا«شىتات قىسقارتىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرپپىسى»دەيدىغان مەخسۇس شىتاتلىق ئورگاننى كۆپەيتىپتۇ.ئۇلارنىڭ «ئىسلاھات» دەپ چۈشىنىدىغان يەنە بىر ئىشى - ئۆز تىلىدا ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئىكەن. قىسقىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ خاس مائارىپ ئەندىزىسى يوق ئىكەن. ھازىرقى شارائىتتا ئۇلارنىڭ مائارىپىدا ئىسلاھاتنىڭ بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئەگەر يېڭىلىق بار دېيىلسە ئۇ خورىتىش ۋە قورقىتىش ئىكەن !  
                                 - 2باپ. خورىتىش  
      ئىنسانىيەتنى ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشىدىكى تۈپ مەقسەت _ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش   . بۇ ئاز ئىشلەپ ، كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش دىگەنلىك . لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى بۇنىڭ ئەكسىگە قاراپ تەرەققى قىلىۋاتىپتۇ . ئۇلار «ئىسلاھات» دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «كۆپ ئىشلىتىش، كۆپ باشقۇرۇش، كۆپ چارچىتىش» دەپ چۈشىنىدىكەن. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنى قانداق قىلغاندا ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلغىلى بولىدۇ. دېگەن مەسىلە ھەققىدە ئىزدىنىش ئەڭ چوڭ ئىسلاھات سانىلىدىكەن. شۇڭا ھەر قانداق مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ھامان مۇشۇ توغۇرلۇق باش قاتۇرىدىكەن . كىم ئوقۇتقۇچىلارغا ئىش تېپىپ بېرەلىسە، يېڭىدىن يېڭى ئۈنۈمسىز ۋەزىپىلەرنى ئارتالىسا، شۇ ئىقتىدارلىق مۇدىر ھېسابلىدنىدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇش كويىدا پالاقلايدىكەن. بىر مۇدىر دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىنى قايسى ئۇسۇلدا ھاردۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ ، ئون ، ئونبەش خىل قوللانما تۈزسە، يەنە بىر مۇدىر ئۇنىڭدىن قالماسلىق ئۈچۈن ، كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ، سىنىپ تەربىيچىلىرىنى جازالاش ھەققىدە 20-25 تۈرلۈك مەخسۇس قوللانما تۈزۈپ چىقىدىكەن. ئۈچۈنچى بىرسى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىمەنلىكلەرنى ئويلاپ تاپىدىكەن. . .  ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدىۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن . ئاڭلىسام ، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە ، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن. مەكتەپ باشلىقلىرىنىڭ دەرسلەرنى باھالاش ئۇسۇلىمۇ غەلىتە ئىكەن. ئۇلار ئالدىن بېكىتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان باھالاش ئۆلچىمىنى مەخسۇس دەپتەر قىلىپ باستۇرۇپ، ھەممە ئوقۇتقۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىدىكەن . بارلىق ئوقۇتقۇچى مۇشۇ دەپتەر بويىچە دەرس ئۆتۈشى كېرەك ئىكەن، يەنە كىلىپ ئوقۇتۇشنىڭ ھەر بىر باسقۇچىغا مۇقىم ۋاقىت بېكىتىلگەن بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلى ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقىت چىكىنى بۇزۇشقا ھەرگىز بولمايدىكەن، دەرس ئۆزلەشسۇن، ئۆزلەشمىسۇن مۇشۇ ۋاقىت بويىچە قىلىپقا چۈشۈرۈپ دەرس ئۆتۈپ بەرگەن ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىدىكەن. سەل چوڭقۇرلاپ كەتكىنى بېكىتىلگەن ئۆلچىمىگە چۈشمەي قالىدىكەن -- دە، لاياقەتسىز باھالىنىدىكەن. شۇڭا ھەممە ئوقۇتقۇچى بىر ئادەمدەك دەرس ئۆتىدىكەن. ھىچقايسىسى قائىدىدىن چىقىپ كەتمەيدىكەن . تېخىمۇ قىزىق بولغىنى ئوقۇتۇشتىن ئىبارەت سوبىكتىپ جەريان قېلىپلاشقان ، مىخانىك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قاپتۇ . يىل بويى ئارام ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى يەنە بىر ئىسلاھات ئىكەن. مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلارنى قىشۇ ياز تەتىلگە قويۇپ بەرمەي، تۈرلۈك ئۆگىنىشلەرگە سالىدىكەن. شەنبە-يەكشەنبىلەرمۇ ئىشلەۋىرىدىكەن. قانۇنىيەتكە خىلاپ بۇ ئادەت ئوقۇتقۇچى--- ئوقۇغۇچىلارنى ئاسانلا كاردىن چىقىرىدىكەن. شۇنداق بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى گومۇش، يىراقنى كۆرەلمەس . . . قاتارلىق كېسەللەر بىلەن، ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆپكە، يۈرەك، بۆرەك ... دېگەندەك رەئىس ئەزالار كېسىلى بىلەن ئاغرىيدىكەن. مەن بۇ ئەلدىكى ئىلى، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئەللەرنى ئارىلاپ يۈرگەنلىرىمدە تالاي ئوقۇتقۇچىلارنى شۇ خىلدىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن، مەكتەپ مۇدىرلىرى دەل موشۇ ئىشتىن پەخىرلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىكى كۆپ قاقشاتسا، قانچە كۆپ ئۈنۈمسىز ئىشلارغا مەلىكە قىلالىسا بۇ ئىسلاھات ھېسابلىنىدىكەن. دوكتور، يازغۇچى، تەتقىقاتچى ... دىگەندەك كەم تېپىلىدىغان ئىقتىساس ئىگىلىرى بولغان ھالەتتىمۇ تۈرۈلۈك شەكلىۋازلىقلىرىغا كۆنۈشى كېرەك ئىكەن. بۇ شەكىلۋازلىققا چىداپ ئىشلىگەنلىرى بولسا بەش-ئالتە يىلغا بارمايلا بەلگىلەنگەن قېلىپ بويىچە ئۆلچەملىك دەرس ئۆتۈشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ئادەتتىكى «مۇئەللىم» گە ئايلىنىدىكەن. بۇ نىمە دېگەن ئېغىر پاجىئە-ھە!؟  شۇڭا دەيمەن، ئۇلاردا ھەقىقى مائارىپ يوق. ئىسلاھات يوق. قەستەن خورىتىشلا بار ئىكەن!
                      3-باپ   قورقۇتۇش   
        ئەقىللىق باشلىققا نىسبەتەن دۇنيادا ئۇنىڭ باشقىلارنى قورقۇتۇپ ئىشلتىشىدىنمۇ ئېغىر پاجىئە بولمىسا كېرەك. لېكىن، ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرى«قورقىتىش» نى ئىسلاھاتنىڭ يەنە بىر تۈرى ئۆز نوپۇزىنىڭ ئاشقانلىقى دەپ بىلىدىكەن. قورقۇش - ھەقىقى مەنادىكى ھۆرمەت ئەمەس، ئوقۇتقۇچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئامالسىزلىقىدىن بويسۇنىشىدۇر. ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغىنى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ مۇدىرلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قارايدىكەن. ئۇلار ئوقۇتقۇچىلارنى قانچىلىك قورقىتىۋالسا، ئۇلارغا قانچە زور تەھدىد سالالىسا شۇنچە سۆيۈنۈپ كېتىدىكەن. «ئىش ئورنىڭدىن قالىسەن» بۇ ئۇيغۇر مۇدىرلىرىنىڭ دائىملىق دەيدىغان گېپى ئىكەن. «ئىسلاھات» دېگەن سۆز ئۇلارغا ناھايىتى ياخشى باھانە تېپىپ بېرىپتۇ. «ئىسلاھات» نى «ئىش ئورنى بىكارلاش» دەپ چۈشەنگەن مۇدىرلار ھە دىگەندىلا مۇشۇ سۆزنى چىڭقىلىپ دەپ، ئەسلىدىنلا تېنى ئاجىز مۇئەللىملەرنى قورقۇتۇپ يۈرەك ئالدى قىلىۋىتىپتۇ. دەرستىن توختىتىش ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرۈش —تەھدىد سىلىشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەن. ئايرىم مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن كۆرۈشسەم ، بۇ تېخى ئەڭ ئۈنۈم بەرگەن ئىسلاھات ئىكەن .   كىم ئالدىن بېكىتىلگەن قېلىپ بويىچە دەرس ئۆتمىسە ، دەرس ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنمايدىكەن. دەرسكە كىرگۈزۈلمىگەن ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە «لاياقەتسىز» قىلىنىپ ناھىيە مەكتىپىدىن يېزا مەكتىپىگە ، يېزا مەكتىپىدىن كەنىت مەكتىپىگە چۈشۈرۈلىدىكەن . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئۇخلىماي، ئارام ئالماي يۈرۈپ ساراڭ بولۇپ كەتىسمۇ، ناھىيىدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەشكە رازىكەنكى، ساق كاللىسى بىلەن تۆۋەندىكى مەكتەپلەرگە چۈشۈشنى خالىمايدىكەن. چۈنكى مەكتەپ قانچە كىچىكلىگەنسىرى، ئۇنىڭ «ئىسلاھات» تەدبىرلىرى شۇنچە كۆپىيىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى نېرۋا ئاجىزلىقىدىنمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، سەھرادا يۈرەك كېسىلى بولغاندىن ناھىيە -شەھەرلەردە ساراڭ بولغىنى ياخشىراق ئىكەن. سەۋەب: ئۇلار ساراڭ بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ،پەرزەنتلىرى سەھرا مەكتەپلىرىدىكى تېخىمۇ قاتتىق «ئىسلاھات» شامىلىدىن ساقلىنىپ قالالايدىكەن. قاراڭ بۇ نېمە دېگەن ئاجىز قوغدىنىش، نىمە دېگەن بىچارىلەرچە تەدبىر-ھە! بۇلارنى كۆرگەن كىشىنى ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ، مۇشۇنى ئىسلاھات دېگىلى بولامدۇ؟مۇشىنىمۇ مائارىپ دېگىلى بولامدۇ؟ئۇلارنىڭ كۆچۈرۈلمە ئەندىزنىمۇ ئەسلى مەنىسىدە قوللىنالمىغان ئاتالمىش مائارىپى توغرىسىدا بۇنىڭدىن كۆپ توختالغۇم يوق. «ئىسلاھات» دەپ ئاتىلىۋىلىشقان بىر قاتار شەكىلۋازلىق ھەرىكەتلىرىدە بىچارە ئوقۇتقۇچىلارنى قورقۇتۇش ۋە خورىتىشتىن باشقا ھېچقانداق يېڭىلىقىمۇ يوق. شۇڭا بۇنىڭدىن ئارتۇقچە توختالمايمەن.
  ( ئەپەندىم تورىدا  كۆرۈپ،  بايقاشتىكى تورداشلارنىڭ  كۆرۈپ  بېقىشى ئۈچۈن  .......)
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

5

تېما

0

دوست

193

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
55 سەر
تىللا
18 دانە
تۆھپە
33 سەر
شۆھرەت
20 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 01:34:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بىر ئوقۇتقۇچى بولغان ئىكەنمىز يۇقارقى سۆزلەرنى ئوبدان ئويلىنىپ كۆرىشىمىز كېرەك. مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى، مەن ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارغا ئەتراپلىق بىلىم بېرىشكە تىرىشتىم. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ تىرىشىمەن. چۈنكى ئاشۇ سەبى بالىلار بىزنىڭ! بىزنىڭ كارىمىز بولمىسا ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدۇ. ئەمما قولىدا ئازراق ھوقۇق بولغان شۇ كىشىلەر دىققەت قىلىڭلار! بۇ ھوقۇق سىلەرگە ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس. شۇ ھوقۇقۇمىزنى ۋىجدانىمىزغا يۈز كېلەلىگۈدەك ئىشلىتەيلى! ھەممىمىز ئۆز مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىلەش ئۈچۈن تىرىشايلى! ھەرگىزمۇ باشلىق بولۇش ئۈچۈن ئەمەس.

16

تېما

1

دوست

2901

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
185 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
2302 سەر
شۆھرەت
141 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 11:17:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن توغرا مۇلاھىزە قىلىنىپتۇ...ھەر يىلى ھەر مەۋسۇمدا تەييارلايدىغىنىمىز يەنە شۇدەرس ،ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش يوق....باشقا ئۆزگىچىلىكمۇ يوق ....تالاي تەييارلىق دەستىدىن ئۇقۇتۇش مەزمۇنلىرىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمايۋاتقان......ھەي...

483

تېما

22

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
5682 سەر
تىللا
1776 دانە
تۆھپە
6491 سەر
شۆھرەت
4296 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 15:01:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۈزىمىز ئۇقۇتقۇچى بولغان ئىكەنمىز . ئاشۇ سەبىي ياش نوتىلارنى ئەتىراپلىق تەربىلەش . بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەتدەس بۇرچىمىز دەپ قارايمەن . بىز تەربىيلىسەك ئۈزىمىزنىڭ مىللىتىنى تەربىيلەيمىز. شۇڭا بىز پۇل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلماستىن . بەلكى مىللەت ئۈچۈن ىىزمەت قىلىشىمىز ئىنتايىن زۈرۈل . مەن بۇرۇندىن تارتىپ شۇ ئۈمۈددە خىزمەت قىلىۋاتىمەن .
ئۇقۇتقۇچىلارغا مۇناسىۋەتلىك تىمىلارنى كوپ يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

6

تېما

4

دوست

1183

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
220 سەر
تىللا
10 دانە
تۆھپە
315 سەر
شۆھرەت
256 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 16:52:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلار كېچە-كۈندۈز ئارام ئالماي، تۈرلۈك ئەھمىيەتسىز جەدىۋەل، قوللانمىلارنى تولدۇرۇپ ھالىدىن كېتىدىكەن. ئۇلارغا ئارام خۇدا دەرس تەييارلىغۇدەكمۇ ۋاقىت بېرىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دەرسلىك ئۆزگەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ يىلقى تۈزگەن كونسپىكنى كېلەر يىلى ئىشلىتىشكە بولمايدىكەن.ئۇلارنىڭ «گۇرپپا باشلىقى» دەپ ئاتىلىدىغان دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك باشلىقى كانسىپىكنى قايتا قايتا كۆچۈرتۈپ ئۇنىڭ ئاخىرىغا سەت خەتلەر بىلەن ئىسمىنى يېزىۋالمىسا ئۇنىمايدىكەن . ئاڭلىسام ، ئۇلارنىڭ ئىشى مۇشۇ ئىشتىن ئۆسىدىكەن . شۇڭا ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۈنى دەرسلىكتىن كونسىپىككە ، پايدىلىنىش ماتىرىيالدىن دەپتەرگە، دەپتەردىن دەپتەرگە، دەپتەردىن يېڭى دەپتەرگە كۆچۈرۈش بىلەن ئۆتىدىكەن..........
بۇگەپلەر ............تـۈرلۈك تەكشۈرۈشلەر چوقۇم ۋە چوقۇم ئەشۇدەپتەرلەرنى ئەڭ بۇرۇن كۆرىدىغان تۇرسا،مەكتەپ مۇدىرلىرىمىز توغرا چۈشىنىپ ،توغرا يىتەكچىلىك قىلغۇسى بولسىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر .........
ئادەم ياشلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تۇغرا نىيەت ۋە ياخشى ئەخل ...

20

تېما

9

دوست

3379

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
421 سەر
تىللا
91 دانە
تۆھپە
1696 سەر
شۆھرەت
457 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-21 19:12:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىشلاۋاتقان مەكتەپنى كورگەندەكلا گەپ قىلىپتىغۇ ،بۇ ھەقىقەت،ئەملىيەت ئوقۇتقۇچىنى بوش قويماسلىق،تەتۇر قىيناش.

15

تېما

6

دوست

618

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
125 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
157 سەر
شۆھرەت
131 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 17:43:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۈزىمىز ئۇقۇتقۇچى بولغان ئىكەنمىز . ئاشۇ سەبىي ياش نوتىلارنى ئەتىراپلىق تەربىلەش . بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەتدەس بۇرچىمىز دەپ قارايمەن

102

تېما

37

دوست

8222

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1688 سەر
تىللا
377 دانە
تۆھپە
1677 سەر
شۆھرەت
1735 سەر

مائارىپچىكومپىيۇتىر ماھىرىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 02:56:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ تۈگىمەس كونسىپىكلەرنى قايتا-قايتا كۆچۈرۈپ يېزىۋەرگەندىن شۇ ۋاقىتنى سەرىپ قىلىپ،دەرسلىك ئۈستىدە ئىزدەنسەك،«ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلسام ياخشىراق ئۆزلەشتۈرىمەن؟» دېگەن مەىسىلە ئۈستىدە ئويلانساق بەك ياخشى بولاتتى.
قاچانمۇ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،خەلق ئۈچۈن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلارمىز؟
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备13000497号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2013-3-13 05:22, Processed in 0.465197 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش