- تىزىملاتقان
- 2012-7-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 475
- نادىر
- 0
- تېما
- 10
- يازما
- 49
 
- يوقلىما
- 27
قىزغىنلىق- 123 سەر
تىللا- 8 دانە
تۆھپە- 79 سەر
شۆھرەت- 93 سەر
 
| چوڭ مېڭىنىڭ 20 خىل مەخپىيىتى
1. چوڭ مېڭە ھەرخىل رەڭلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. رەڭلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردىمى بار. 2. چوڭ مېڭە زېھنىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا پەقەت 25 مىنۇتلا يىغالايدۇ. شۇڭا 20 - 30 مىنۇت ئۆگىنىش قىلغاندىن كېيىن 10مىنۇت دەم ئېلىش كېرەك. 3. چوڭ مېڭە دەم ئېلىشقا مۇھتاج. ئەگەر چارچاپ كەتكەندەك ھېس قىلسىڭىز ،20 مىنۇت ئۇخلىۋالسىڭىز بولىدۇ. 4. چوڭ مېڭە ئېنېرگىيەگە مۇھتاج. شۇڭا چوقۇم ئېنېرگىيە تولۇقلىشىڭىز لازىم. ئەمما ئەخلەت يېمەكلىك ۋە بەدەنگە زىيانلىق بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇنۇتماڭ. 5. چوڭ مېڭە سۇغا مۇھتاج. شۇڭا كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ تولۇقلاپ، بەدەننىڭ نەملىكىنى ساقلاش كېرەك، ئەمما سوغۇق سۇ ئىچىشكە بولمايدۇ. 6. چوڭ مېڭە مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. 7. چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكەت رېتىمىنىڭ دەۋرىيلىكى بار، شۇڭا سەھەردە چوڭ مېڭە ئوچۇق ۋاقىتتا ئۆگىنىش قىلسىڭىز، كۆپ ۋاقىتنى تېجەپ قالالايسىز ھەم ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز. 8. چوڭ مېڭە بىلەن بەدەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز بەك ھورۇن بولسىڭىز، چوڭ مېڭە سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنى مۇھىم ئەمەس، دەپ قاراپ ئاكتىپ رول ئوينىمايدۇ. 9. مەززىلىك پۇراق مېڭىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. 10. چوڭ مېڭە ئوكسېگىنغا مۇھتاج. شۇڭا پات - پات سىرتلارنى ئايلىنىپ تۇرۇش، ھەرىكەت قىلىپ بېرىش لازىم. 11. چوڭ مېڭە كەڭ - كۇشادە يەرلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا ئىمكانقەدەر كەڭ يەرلەردە ئۆگىنىش قىلىش كېرەك. 12. چوڭ مېڭە رېتىملىق تۇرمۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. 13. بېسىم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سىز بېسىمغا ئۇچرىغان ۋاقىتتا بەدەن ئورگانلىرىدا ھارغىنلىق پەيدا بولۇپ، چوڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا ئەڭ ياخشىسى كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك. 14. چوڭ مېڭە سىزنىڭ قايسى ئىشنى قىلىش - قىلماسلىقىڭىزنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇ سىزنىڭ ئېيتىپ قويۇشىڭىزغا مۇھتاج. 15. چوڭ مېڭىنىڭ مۇسكۇللىرى چېنىقىشقا مۇھتاج. شۇڭا مېڭىنى ھەمىشە ئىشلىتىپ تۇرۇش كېرەك. 16. چوڭ مېڭە قايتا - قايتا تەكرارلاپ بېرىشكە مۇھتاج. شۇڭا ئۆگەنگەن بىلىملەرنى قايتا - قايتا تەكرار قىلىپ بېرىش كېرەك. 17. چوڭ مېڭىنىڭ چۈشىنىش سۈرئىتى سىزنىڭ ئوقۇش سۈرئىتىڭىزدىن تېز، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى قەلەم ياكى بارماق بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئوقۇماسلىق، كۆز يۈگۈرتۈپ ئوقۇش كېرەك. 18. چوڭ مېڭە ھەرىكەتكە مۇھتاج. شۇڭا ئۆرە تۇرۇپ ئىش بېجىرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. 19. چوڭ مېڭە تۈرگە ئايرىش ۋە باغلاشقا ماھىر. شۇڭا سىز مەلۇم نەرسىنى ئۆگىنىۋاتقاندا، بۇ ماڭا نېمىلەرنى ئەسلىتىدۇ، دېگەنلەرنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ تۇرۇڭ، بۇ ئەستە ساقلاش قابىلىيىتىڭىزنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. 20. چوڭ مېڭە خۇشاللىقنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا كەيپىيات قانچە ياخشى بولسا بىلىم ئىگىلەش سۈرئىتىمۇ شۇنچە تېز بولىدۇ. ئاۋام تۇرمۇشى گېزىتىدىن ئېلىندى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھالال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-7-31 17:57
|
|