پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 9

مۇئەللىم بىز (ساتىرا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
27
قىزغىنلىق
123 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
79 سەر
شۆھرەت
93 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:47:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇئەللىم  بىز


(ساتىرا)


ئاپتۇرى: نۇرمۇھەممەت قارا ساي


130000bf65fg26p46m4z1f.gif


ئەل ئىچىدە يالغان گەپ ،ساتمايدىغان مۇئەللىم بىز ،  
ھە دىسىلا قۇرۇق پو ،ئاتمايدىغان مۇئەللىم بىز .  
ئەۋلات ئۇچۇن ئىزدىنىپ ،ياتمايدىغان مۇئەللىم بىز ،  
زەر ھالالغا ھارامنى ،چاتمايدىغان مۇئەللىم بىز ،  
ھەر سەھەردە مەكتەپكە ،قاتنايدىغان مۇئەللىم بىز .


  

مەرىپەتكە بۇپ شەيدا ،جاھالەتتە يوق پايدا ،  
بۇ''قوش تىللىق ''مائارىپ ،ئەۋىج ئالدى جاي -جايدا.  
تۇنىمىساق نە قىسمەت ئالتۇن ياتسىمۇ سايدا،  
خاراپ بولسا مائارىپ ،ئەۋلات قايدا بىز قايدا ،  
ئۆگەنگەنچە بىلىمنى ،ھارمايدىغان مۇئەللىم بىز .



تەكشۇرۇشلەر كەپ تۇرار ،سەپ بۇلۇشۇپ رەتمۇ -رەت ،  
تەييارلىقلار ئۈستىگە، بېسىپ تۇرار كۈندە خەت ،  
ھەقىقەتنى سۆزلىسەك .كۆرىنىمىز كۈزگە سەت .  
بۇدۇنيادا يامانكەن ،دەرت ئۇستىگە ياغسا دەرت ،  
گۇناھلارنى باشقىغا ،ئارتمايدىغان مۇئەللىم بىز .


  

بىلىنىدۇ ئارمانىم، قېپ قالغاندەك يىراقتا ،  
مۇھەببىتىم ،سىردىشىم ،ساقلىغاندەك قىرغاقتا ،  
ئوتقا چۆشكەن قىل كەبى ،يۆرەكلىرىم پىراقتا،  
نىمىشقىكىن قەلبىمنى، بىر ۋەھىمە تىلماقتا ،  
مۇھەببەتتە ،خىزمەتتە ،چانمايدىغان مۇئەللىم بىز .



شۇئارىمىز بۇپ قالدى، بىر گە چىقماس گىپىمىز ،  
بور -تۇزاندە ھامىنى، بىر كۈن ئۇلۇپ كىتىمىز،  
چارچىساقمۇ ھارساقمۇ، مۇئەللىم بىزنىڭ ئېتىمىز ،  
بەزى يالغۇز ئولتۇرۇپ ،ئاچچىق ھەسرەت چىكىمىز ،  
مەنزىلىدىن ئارقىغا ،يانمايدىغان مۇئەللىم بىز .



كىملەر قويغان بىلمەيمىز، بىزگە مۇئەللىم بۇلۇشنى ،  
ھېيت - بايرامدا تەتىلدە ،جىبەرلىكتە قۇنۇشنى ،  
كۈندە ئىشلەپ بىلمەيمىز ،پۇت-قولنىمۇ سۇنۇشنى .  
ئىسپىراپكا ئېپ بىرەي، تېپىپ بىرەر تۇنۇشنى ،  
دەپ سۆرەن سەپ ،مەكتەپكە پاتمايدىغان مۇئەللىم بىز .



تەييارلىقنى تەق قىلساق، قاراپ تۇرار تاپشۇرۇق ،  
تاشلىنىدۇ ئوقۇتۇش ،كۈندە يېڭى بىر بۇيرۇق .  
تازىلىق قىل دەپ شۇئان ،يىڭىلىنار يول -يۇرۇق ،  
شۇسەۋەپتىن ھەممىمىز ،چاپان شالدەك بەك ئۇرۇق ،  
ساپان تارتقان كالىدەك ،ھارمايدىغان مۇئەللىم بىز


888.gif

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-2 14:00  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
مەرىپەت + 5 + 5 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5  باھا خاتىرىسى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4382 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 22:06:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىردىن بىرنى يوللاپسىز بۇرادەر،
......
كىملەر قويغان بىلمەيمىز، بىزگە مۇئەللىم بۇلۇشنى ،  
ھېيت - بايرامدا تەتىلدە ،جىبەرلىكتە قۇنۇشنى ،  
.......

شېئىردا رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل مەكتەپلەردە ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىق ۋە بۇيرۇقۋازلىق ئاساسىدىكى خىزمەت مۇھىتىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسى، ئەڭ مۇھىمى دەرت-ھەسرىتى ناھايىتى ئەتراپلىق ئەكس ئېتىپتۇ، ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت. لېكىن بىز مۇشۇ كەسىپنى تاللىغانكەنمىز، چېكىنىشكە ئورۇن يوق. چۈنكى بىز شۇغۇللىنىۋاتقان مائارىپ مىللىتىمىزنىڭ مائارىپى!
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي، رەخمەت سىزگە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 22:06  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2696 سەر
تىللا
1161 دانە
تۆھپە
1295 سەر
شۆھرەت
1408 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 23:15:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسى ئەينەن ئەكىس ئەتتۈرلۈپتۇ، يارايسىز مۇشۇنداق ياخشى تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 00:08:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارادەر مەنبەسىنى ئىنىق ئەسكەرتىپ تىما يوللاڭ.  مۇھەممەت قارساي ئەمەس. نۇر مۇھەممەت قارساي ھە . بۇ مىنىڭ ئاغىينەمنىڭ شىئېرى.
. ئۆزگەرتىپ قويدام بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 00:10  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
123 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
79 سەر
شۆھرەت
93 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 01:12:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 00:08
بارادەر مەنبەسىنى ئىنىق ئەسكەرتىپ تىما يوللاڭ.  مۇھەمم ...

خاپا بولماڭلا  بۇرادەر، دىققەت قىلاي  ماخما،

باھا سۆز

Barna شۇنى دەيمەن، سىز بۇ شېئىرنى قەيەردىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلدىڭىز.بۇنى 2012-يىل 4-ئايدىلا زەپەر ئەپەندى روھلانغا مەن تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:34:17

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 14:43:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر مۇھەممەت قارا ساينىڭ بۇ شىئېرى ياىشى يېزىلغان شىئېر .  سىزنىڭ بۇنداق نادىر تىمىنى تاللاپ دوستلارغا سۇنغۇنىڭىز تېخىمۇ ياخشى .بۇشىئېرنى ئوقۇتقۇچىلار سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. بايقاش تورىغا  بىر گۈل قوشۇپسىز...لىكىن مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتڭش كەرەك.  يوللانمىللىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
284 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
190 سەر
شۆھرەت
203 سەر

مائارىپچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:34:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھالال يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 01:12
خاپا بولماڭلا  بۇرادەر، دىققەت قىلاي  ماخما،

شۇنى دەيمەن، سىز بۇ شېئىرنى قەيەردىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلدىڭىز.
بۇنى 2012-يىل 4-ئايدىلا زەپەر ئەپەندى روھلانغا مەنبە ئۆز قەلىمىم دەپ يوللىغان ئىدى، مەن شۇ چاغدىلا ئوقۇغان ئىدىم بۇ شېئىرنى.
ئەمدىلىكتە بۇ يەرگە مەنبەسىنى ئەسكەرتمەي يوللاپسىز، بايقاشنىڭ يۈزىنى تۆكەي دەمسىلە باللا. ئۈستىدىكى شۇنچە كۆپ ئادەم مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ دەپ ئەسكەرتىپ تۇرسىمۇ ئىرەن قىلىپمۇ قويماپسىز دوستۇم.
مانا بۇ روھلاندىكى ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-14864-1-1.html
بۈگۈن بايقاشقا تىزىملاتتىم، بايقاشتا نۇرغۇ ...

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
123 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
79 سەر
شۆھرەت
93 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 04:56:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Barna يوللىغان ۋاقتى  2012-8-2 04:34
شۇنى دەيمەن، سىز بۇ شېئىرنى قەيەردىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ كە ...

مەن راستىنلا دىققەت قىلماپتىمەن،بىراق مەن باشقا تور بېتىدىن كۆچۈرۈپ  ئالغان.

باھا سۆز

Barna قايسى توردىن كۆچۈرگەنلىكىڭىز مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مەنبەنى ئەسكەرتىپ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قلىشتۇر. تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:16:43

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
284 سەر
تىللا
5 دانە
تۆھپە
190 سەر
شۆھرەت
203 سەر

مائارىپچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 12:16:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھالال يوللىغان ۋاقتى  2012-8-2 04:56
مەن راستىنلا دىققەت قىلماپتىمەن،بىراق مەن باشقا تور  ...

قايسى توردىن كۆچۈرگەنلىكىڭىز مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى مەنبەنى ئەسكەرتىپ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قلىشتۇر.
بۈگۈن بايقاشقا تىزىملاتتىم، بايقاشتا نۇرغۇ ...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-2 13:22:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم بىز مۇشۇنداق تەكرار تېما يوللايدىغان،
شىئېر دىسە كۆچۈرۈپلا مۇنبەرلەرگە چاپلايدىغان...
ھالال بۇرادەر تېما يولاڭ،ئەمما مەنبەنى ئەسكەرتىڭ ! ھېچقىسى يوق بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ !
مۇنبەرگە كىرگەندىكىن قۇرۇق كەلمەي دەپ بەزىدە ئالدىراپكىتىپ تېما يوللاش بىلەنلابۇپ كىتىپ مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىشلار بۇپقالىدۇ...
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 07:41, Processed in 0.146859 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش